مومامنىڭ شىپالىق رېتسىپلىرى (1)[شىپالىق رېتسىپلار]



ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﻣﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ(1)
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﺎﻏﻠﺮﯨﻢ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻮﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﯦﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﯲﺗﻜﻪﭼﻜﯩﻤﯩﻜﻰ، ﻣﻮﻣﺎﻣﻨﯩﯔ ﯪﺟﺎﻳﯩﭗ ﻫﯩﻜﻤﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﻱ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ، ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺭﻩﻫﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﯪﻛﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﯬﺩﻩﺑﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺭﻩﻫﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﯘ ﻣﻮﻣﺎﻣﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻫﺎﺳﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﯬﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯩﺮﻩﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﯲﻛﯜﻧﺪﯛﻡ. ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪﯨﻢ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻮﻣﯩﻠﻠﺮﯨﻤﯩﺰ ﯬﺳﻠﯩﺪﻩ ﺧﻮﺭﺍﭘﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﺪﯗﻕ.

مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى(1)

كامال ھېسامىدىنۇف (قازاقىستان)

ئاپتۇرنىڭ 1993- يىلى نەشرى قىلىنغان «شىپالىق يۈز ئون گىياھ» ناملىق كىتابتىن تەييارلىغۇچى ئابلىز ئۇرخۇن

خېنە

يېزىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھويلىسىدا، بەزىلەرنىڭ بېغىدا ئۆستۈرۈلىدىغان خېنە توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر يوقنىڭ ئورنىدا. ئۇ خەلق تېبابىتىدىمۇ ئانچە جىق قوللىنىلمايدۇ. بار-يوق خىسلىتى ئۇنى ئوسمىغا ئارىلاشتۇرۇپ، قايناتما تەييارلاپ، باشنى يۇيسا كېپەكنى يوقىتىدۇ. چاچنىڭ چۈشۈشىنى توختىتىدۇ، ئاقارغان چاچ قارىيىدۇ. ئۇلارنى داۋالىمىسىمۇ ئادەم ياشاۋېرىدۇ. مېنى قولۇمغا قەلەم ئالغۇزغىنى خېنىنىڭ تاپاننىڭ قىزىشىنى يوقىتىپ، بارماقلار بېشىدىكى ئەتتىكەننى توختىتىشى بولدى.
تا ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىغا قەدەر يېزا قىزلىرى قوللىرىغا خېنە قوياتتى. ئۇنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: خېنىغا زەمچە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، تۆمۈر ھاۋانچىدا يۇمشاق سوقۇپ، ئاخشىمى خېنە بىلەن زەمچە ئارلاشمىسى ئالىقانغا سېلىنىدۇ ۋە بارماقلار يۇمۇلۇپ تىرناق ئۈستىگىمۇ قويۇلۇپ، قېرىقىز يوپۇرمىقى بىلەن ئورىلىپ ئۈستى ياغلىق بىلەن باغلىنىدۇ. بۇ باغلاق ئەتىگەنلىكى يېشىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل ياز بويى بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىناتتى. خېنە بويىقى ئالقان ۋە بارماقلاردا يۇيسىمۇ چىقماي ئۇزاق ساقلىناتتى.
مومام مەريەمخاننڭ دېيىشچە خېنە قويغان قىزنىڭ بارماقلىرى ئەتتىكەن بولمايدۇ، قولى ئاغرىمايدۇ. بۇ تەرىپلەر مۇشۇ قۇرلار مۇئەللىپنىمۇ بىر نەچچە قېتىم خېنە قويۇشقا مەجبۇر قىلغان .بىراق خېنە تەركىبىدە قانداق ماددىلارنىڭ بارلىقىنى مومام نەدىن بىلەتتى دەيسىز. ئۇنىڭدىن بۈگۈنمۇ مېنىڭ خەۋىرىم يوق. ئەمما قولى ئەتتىكەن قىزلار كۆپ. چۈنكى ھازىرقى زامان قىزلىرى خېنە قويمايدۇ. مېنىڭچە بولغاندا ئۇيغۇر قىزلىرى شۇ كونا ئادەتنى جانلاندۇرۇپ خېنە قويسا ئۆز قولىنى ئۆزى ئاسرىغان بولاتتى.
مۇشۇ كۈنلەردە ياپياش قىزلارنىڭ قولۇم ئاغرىيدۇ دېگىننى ئاڭلىغىنىمدا قۇۋۇرغىلىرىم ئېگىلىپ كېتىدۇ. ج.ئىسىملىك خادىم نۆۋەتتىكى ئوتپوسكىدىن ئىشقا قايتتى. مېنى يېشى يېتىپ قالغان ئايالنىڭ قولىغا خېنە قويىۋالغىنى ئەجەبلەندۇردى.
- ياشلىقىڭىزنى ئەسلەپسىزدە، دەم ئېلىشتا يۈرۈپ ،- دەپ چېقىشتىم.
- ئۇ دېگىنىڭىز توغرا،- دېدى مىيىقىدا كۈلۈپ ،- بىراق ،ئاساسى نەرسە قوللىرىمنىڭ ئەتتىكەن بولىشى ئەمەس، كىيىنكى ۋاقىتلاردا تاپىنىم قىزىپ ئارامىمنى يوقىتىپ قويدۇم. مومام رەھمىتى « يادىڭدا بولسۇن ، مۇبادا تاپىنىڭ قىزىپ بىئارام قىلسا، دەررۇ قولۇڭغا خېنە قوي»،دەيتتى. مومامنىڭ شۇ تەلىمىنى ئەسلىۋىدىم، سەت كۆرۈنۈۋاتامدۇ؟
- ياق، ئاتا-بوۋىلار ئەخمەق ئادەملەر ئەمەسقۇ. مېنىڭ تەخمىنىمچە، ئۇلار ئۇنى ھايات تارازىسىدا ئۆلچەپ سىناقتىن ئۆتكۈزگەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلار بىزگە يېتىپ كەلگەن.
ئاڭلىغان قۇلاقتا نېمە ئەيىب بولسۇن! ج.نىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغانغا قەدەر «تاپىنىم قىزىيدۇ،- ئۇنىڭغا نېمە دورا؟»دېگەنلەرنى كۆپ ئاڭلىغان . بەختكە قارشى ،كىيىنكى ۋاقىتلاردا ھەممىسى دورا تېپىۋالدىمۇ ،بىرەرسىنىمۇ ئۇچراتمىدىم.
ھە راسلا، بىر يىلى ئانام رەھمىتى بىزنىڭ ئۆيدە بەش-ئون كۈن بولۇپ، ئاندىن تاشتىقارىغا كېتىۋىدى.(ئۇ يەردە مېنىڭ قېرىندىشىم تۇرىدۇ). شۇ يەردە ئاپامنىڭ تاپىنى قىزىپ خېلى ئاۋارە قىلغان ئوخشايدۇ. كىيىن سىڭلىمدىن «قوينىڭ يېغى بارمۇ؟»دەپ سوراپتۇ. ئانام سىڭلىم ئالدىغا كەلتۈرگەن ياغدىن قەلەي قوشۇققا ئېلىپ ، دوخوپكىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنى تاپىنىغا مايلاپتۇ .ئۇنى ئۇدا ئۈچ كۈن كېچىسى مايلىغان .
- بىرىنچى كېچىنىڭ ئۆزىلا ئارام ئېلىپ، شۇنچىلىك قاتتىق ئۇخلاپ كېتىپتىمەنكى، ئويغانسام ئۇششاق بالىلار مەكتەپكە كېتىپتۇ،-دەيدۇ ئانام،- ھازىر تاپىنىم جىم، بالام بۇنى قۇلىقىڭدا تۇت. كېرەك تاشنىڭ ئېغىرى يوق.
مەنغۇ ھازىرچە ئۇ ئاغرىققا دۇچار بولغىنىم يوق.ئەمما ئۇ ئادەم تاللىمايدۇ. بۈگۈنكى تاپچىلىق زاماندا قوينىڭ قۇيرىقىنى تېپىش ھەممىگە نېسىپ بولىۋەرمەس. خېنىنى تېرىپ قويسا قانداق ياخشى.

بالىياتقۇنىڭ تۆۋەن چۈشۈشى

بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ، ئېھتىياتچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئۇسۇل.لېكىن ئادەم قىلغاننى ئادەم نېمىشقا قىلالمايدۇ؟ دېگەن نەزەردىن قاراپ ئۇنى ھېكايە قىلماقچىمەن. چۈنكى تۇرمۇشتا بالىياتقۇسى ئورنىدىن قوزغىلىپ دەرت تارتىۋاتقان ئاياللىرىمىز ئاز ئەمەس.بۇ شۇلارغا قىلغان بىر ساۋابلىق ئىش بولسۇن،دېدىم. ئورنىدىن تامامەن چۈشۈپ، تېشىغا چىقىپ قالغان بالىياتقۇنى پەقەت كەسپى دوختۇرلار ئاغرىقخانىلاردا داۋالايدۇ.بۇ ئۇسۇلنى ماڭا ئا ئىسىملىك كىشى ئۆز ئاغزىدا ئېيتىپ بەردى.
- ئايالىمنىڭ ئىككى بىقىنى قىسىپ، قورسىقى تۆۋەن تارتىپ ئاغرىپ بولمىغاندىن كىيىن،- دەيدۇ ئا،- دوختۇرغا بارغانىدى.ئۇلار ئۆيدىكىلەرگە«بالىياتقۇڭ تۆۋەن چۈشۈپ كېتىپتۇ»،دەپ دىئاگنوز قۇيۇپ، جىققىدە دورىلارنى بېرىپتۇ.ئۇلارنى خېلى ئۇزاق ئىچتى. ئەمما،ئايالىم ئۇنىڭ بىلەن ياخشى بولۇپ كەتمىدى.كۈندىن-كۈنگە جۈدەپ قۇرۇشقا باشلىدى.شۇندا ئۆز ئانامنىڭ شۇنداق ئاغرىق بىلەن ئالدىغا كەلگەن (ئۇ ۋاقىتلاردا مەن تېخى كىچىك بالا ئىدىم) ئاياللارنى قانداق داۋالىغانلىقى يادىمغا چۈشتى. بۇنى مەن ئۆيدىكىلەرگە ئېيتىپ بېرىپ، ئولتۇرۇپ مەسلىھەتلەشتۇق.
شۇنىڭ بىلەن كەچقۇرۇنلۇقى ئايالىمنى يەردىكى گىلەم ئۈستىگە ياتقۇزدۇم ۋە ئىككى پۇتىنى تىزىنىڭ ئاستىدىن كۆتۈرۈپ سىپايىلىق بىلەن كەينىگە قارىتىپ، ئاستا سىلكىدىم. ئانام شۇنداق قىلاتتى ۋە تاپىنى بىلەن دوۋسۇنغا تېپىپ قوياتتى.مەن ئۇنداق قىلمىدىم. ھېلىقى سىز بەرگەن قېلىن يوپۇرماقلىق تىكەن گۇلنىڭ(ئالوي) شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىچكۈزدۈم. سىلكىشنى ئۇدا ئۈچ كۈن قىلدىم. بىراق شىرنىنى ئۇزاق ئىچتى. مۇشۇ كۈنلەردە ، خۇداغا شۈكۈر،ئايالىم ئۆزىنى ياخشى ھېس قىلىپ يۈرىدۇ.ئاغرىقنى ئاغزىغا ئالمايدۇ. يېزىلارنى ئارىلاپ كاماندۇرۇپكىدا يۇرگىنىمدە بىر ئۆيگە يىغىلىپ ، تۆت-بەش كۆڭلى يېقىن ئاغىنە ئولتۇراتتۇق. شۇندا«ئۆيگە كىشى كېلىپ قالدى» دەپ ئاغىنىلەرنىڭ بىرىنى چاقىرىپ چىقىپ كەتتى. بۇنىڭغا ھېچكىم ئەجەبلىنىپ كەتمىدى.ئۇنىڭ كەتكىننى مەن كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم. ئەتىسى ئىككىمىز يەنە دىدار كۆرۈشتۇق.
- ئاخشام ئۆيۈڭلەرگە كىم كەپتىكەن؟ – دەپ سورىدىم.
- سىزدىن نېمىسىنى يوشۇراي، ئورنىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئاشقازاننى كۆتۈرۈش ھۈنىرىم بار ئىدى، -دېدى ئاغىنىمىز، – ئاخشام قوشنا يېزىدىن بىر ئايال ئوغلىنى ئېلىپ كەلگەنىكەن. شۇنىڭغا سەۋەب قىلدىم.
- ناھايىتى ياخشى ھۈنىرىڭلار بار ئىكەن، ئاداش، ئۇنى سۆزلەپ بېرەلەمسىز، يا مەخپىيەتمۇ؟
- ئۇنىڭ نېمىسى بار؟ بەرىبىر سىز مېنىڭ ھۈنىرىمنى تارتىپ ئالالمايسىز،- دېدى دوستىمىز ۋە ئورنىدىن قوزغالغان بالىياتقۇنى قانداق كۆتۈرىدىغانلىغىنى ئەينەن سۆزلەپ بەردى،- ئالدى بىلەن بىمارنىڭ قورسىقىنى كەينىگە ، يەنى تۆشى تەرەپكە ناھايىتى سىپايىلىق بىلەن سىيرىپ سىلايمەن. ئاندىن پۇتىنى كۆتۈرگۈزۈپ قويۇپ ، يەنە سىپايىلىق بىلەن ئىككى- ئۈچ سىلكىپ يەرگە ئاستا چۈشۈرىمەن ۋە يۇمشاق يەرگە ئوڭدىسىغا ياتقۇزىمەن. بەش- ئون مىنۇت دەم ئېلىپ يېتىشى شەرت. بىر قېتىمدىلا ئىش پۈتمەيدۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ ئاشقازىنى بىرىنچى قېتىمدىلا ئۆز ئورنىغا چۈشىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئۈچ قېتىم ئۇدا كېلىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئادەملەرنىڭ ئورگانىزىمى ئوخشاش ئەمەسقۇ. بىراق شۇنىڭدىن كىيىن بىمار كەم دېگەندە 15 كۈن ئۆزىنى قەتئىي ساقلىشى لازىم.
يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن داۋالاش ئۇسۇللىرى خەلق ئارىسىدا ئاندا- ساندا ساقلىنىپ قاپتۇ. ئۇنى بىلگەن بىلىدۇ، بىلمىگەنلەر جىم. ئازاب چېكىۋاتقانلار قانچىلىك؟ ئۇنداق بولسا بۇ ئاددىي، لېكىن نەتىجىسى يۇقىرى ئۇسۇلنى نېمىشقا تەرغىپ قىلمايمىز؟

سۈيدۈك تۇتۇلۇش

بىرەر ھەپتە كاماندۇرۇپكىدا بولۇپ كەلسەم، ئۆيدىكىلەر :
- چىۋىن قالتىس دورا ئىكەن،-دەپ،ماڭا يا ئاتام،يا ئانام ئاڭلاپ كۆرمىگەن يېڭىلىقنى تەخسىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ.
- ئۆيدە ئولتۇرۇپ تاپقىنىڭ شۇمۇ؟ بەلكى تاشمۇ دورىدۇ!- دەپ تەنە قىلدىم،- مۇشۇ ئايال كىشى دېگەننىڭ تاپمايدىغىنى يوقتە!
- سىز تېرىكمەڭ،- دەيتتى ئۆيدىكىلەر سوغۇققانلىق بىلەن،- ئۈچىنچى قەۋەتتىكى ھېلىقى موماي يەنە بىر كىتاب تېپىپ كەپتۇ، بىر ھەپتىگە سوراپ كەلگەن ئوخشايدۇ،«كامال خەيرلىك ئىشنى قولىغا ئالغان ئىكەن ئاخىرىغا چىقسۇن»دەيدۇ. ئاخشام كىرىپ چىقىپ كەتتى.
- ئە چۈشكىنە، نېمە كىتاب ئىكەن ئۇ، مەن كۆرەي،- دەپ بايىقىدىن سەل بوشىشىپ سۆزلىدىم.كىتابقا ئىشەنمەيدىغان ئۆيدىكىلەر مېنى ساقلاتمايلا كىتابنى كۆتۈرۈپ كىردى.
- سىزغۇ كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ، قولىڭىز بىلەن تۇتمىغىچە ئىشەنمەيدىغان ئادەم،- دەپ كىتابنى قولۇمغا بەردى.
م. ئا كوزلوپنىڭ «جىۋىئې ئورگانىزىمى- سىپۇتنىكى چېلاۋېكا»
دېگەن كىتابى بولۇپ ، كىتابتا تەكىتلىنىشىچە، چىۋىن سۈيدۈك
ماڭدۇرىدىغان دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىكەن. ئاتاقلىق رۇس ۋراچ، پروفېسسور س. بوتكىنىڭ تەكلىپى بىلەن 1876-يىلى ئالىمنىڭ شاگىرتى ت. ئى . بوگامولوف چىۋىننىڭ ئادەم ئورگانىزمىغا قىلىدىغان تەسىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن سۈيدۈك ماڭدۇرىدىغان دورا ئىشلىگەن. شۇنداق قىلىپ، چىۋىن دورا سۈپىتىدە ئىلمىي تىبابەتچىلىككە كىرگەن. لېكىن بۇ «- مەينەت» دورا دەپ ئۆتمەي ئەمەلدىن قالغان. بىراق بەزى دوختۇرلار بۇ دورىنى بۈگۈنمۇ جىددىي ئەھۋالدا باشقىلارغا سەزدۈرمەي قوللىنىپ يۈرگەن ئوخشايدۇ.
دۇنياغا مەشھۇر س. پ. بوتكىن چىۋىننىڭ شىپالىق خۇسۇسىيىتىگە ئىقرار بولىۋاتقىنىدا، تۇرۇپلا خىيالىمغا چىۋىننى يىغىپ قۇرۇتۇپ قويۇش كەلدى. دورىخانىغا باردىم- دە چىۋىن ئۆلتۈرىدىغان پالاق سېتىۋالدىم. ئاشخانىدا ئولتۇرىمەندە، چىققان چىۋىننى پالاق بىلەن ئاستا شاققىدە ئۇرۇپ، ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان سەرەڭگە قېپىغا سالىمەن. شۇنداق قىلىپ، بەش سەرەڭگە قېپى چىۋىنگە توشتى. كېرەك تاشنىڭ نېمە ئېغىرلىقى بار؟ كىيىن مەن تاشكەنتكە ئىشقا يۆتكەلدىم. بىراق تۇرار جايىم ئالمۇتا. چاقىرغاندا تاشكەنتكە بېرىپ قايتىمەن. بىر كۈنى كەلسەم:
- بىرى كۈندە دېگۈدەك تېلېفون بېرىپ بېشىمنى قاتۇرۇۋەتتى،- دەيدۇ ئۆيدىكىلەر،- كېرەك ئىدى دەيدۇ.
- كېرەك بولسام، ئىزدەپ يەنە تېلېفون قىلار،- دەپ ئولتۇرۇشۇمغا تېلېفون جىرىڭلاپ كەتتى.تۇرۇپكىنى ئالسام،غ.ئىسىملىك تۇنۇشۇم ئىكەن.
- ئاكا،سېنى تۇتۇش تەس بولۇپ كەتتى،- دېدى ئۇ سالام سائەتتىن كېيىن.
- گەپ بارمىدى؟
- ئايالىمنىڭ ھەدىسى ئاغرىق ئىدى. ھازىر سۈيدۈكى تۇتۇلۇپ قېلىپ ناھايىتى قىينىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا بىر مەسلىھەت بەرسىكەن دەپ.
- قېرىندىشىم، ئىشەنچىڭگە رەھمەت، بىراق ھەدەڭ بىر، ئايالىڭ بىر دورىخانىنى باشقۇرىۋاتىدۇ،ھەممىسى ئالىي مەلۇماتلىق دوختۇرلار. سىلەرگە قانداق مەسلىھەت بېرىشىم مۇمكىن؟
- دورىخانىنى باشقۇرغىنى بىلەن قولىدىن ھېچ نەرسە كەلمەيۋاتمامدۇ؟
- ئۇكا مۇنداق قىلايلى.سەن ئايالىڭ ياكى ھەدەڭ بىلەن مەسلىھەتلەش. مەن كوزلوف دېگەننىڭ كىتابىدىن ئالدى سۈيدۈكى تۇتۇلغانغا قۇرۇتۇلغان چىۋىننى ئىچىش توغرىسىدىكى مەسلىھەتنى ئوقۇغان. ئەگەر ھەممىسى رازى بولسا ، قايتىدىن تېلېفون قىل، مەن ئۆيدە بولىمەن، شۇنى بېرەي.
ئارىدىن ئون مىنۇت ئۆتمەيلا غ.يەنە تېلېفون قىلدى. مەن ئوقۇغان كىتابنى ئۇنىڭ ئايالىمۇ ئوقۇغان ئىكەن. لېكىن چىۋىننىڭ دەل شۇ ئاغرىققا دورىلىغىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. «شۇ دورىسىدىن بەرسۇن، بىز ھەققىنى تۆلەيلى» دېگۈدەك،ماڭا پۇل ئەمەس، ئادەم ھاياتىنىڭ لازىملىقىنى ئېيتتىم.
ئارىدىن ئىككى- ئۈچ ئاي ئۆتۈپ غ.نىڭ تەكلىپى بىلەن يەنە بىر ئايال دورا سوراپ كەپتۇ. سىڭلىسى ئاغرىۋاتقان ئىكەن. قارىماققا بۇ بىر كۈلكىلىك ئىش. ئامما قېرىندىشىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلارغا ئاپىرىن ئېيتتىم.
چىۋىننى ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قۇرۇتۇلغان چىۋىننى تۆمۈر ھاۋانچىدا سوقۇپ تالقانلاش لازىم. ئاندىن ئۇنىڭدىن كىچىككىنە بىر چىمدىم ئېلىپ يا قايناقسۇدا ياكى سىنچايغا قوشۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىچىش كېرەك. ئارقىدىن بىر سائەت ئۆتۈپ، سۈيدۈك مېڭىشقا باشلايدۇ.
بىزنىڭ مىكرو رايوندا تۇرسۇن ئىسىملىك قوشنا بار ئىدى.بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدۇق.ئايالى بۆرەك ئاغرىقىدا ئۆلۈپ كېتىپتۇ.
- ئايالىمنىڭ سۈيدۈكى ماڭماي، كۈپتەك ئىششىپ كەتتى،- دېدى ئۇ پاراڭدىن پاراڭ چىقىپ،- دوختۇرخانىدىن ئۆيگە قايتۇرۇۋەتتى. نېمە قىلارىمنى بىلمەي بېشىم قېتىپ ئولتۇراتتىم. قوشنا بوۋاي ئەھۋال سوراپ كىرىپتۇ. ئۇنىڭدىن يوشۇرماي ئېيتتۇق.
- ئەگەر بۆرەك ساق بولسا،- دېدى ئۇ،- ئىششىقنىڭ كارى چاغلىق. زەي يەرگە كىرسەڭ ئېشەك قۇرتى بار. شۇنىڭدىن يەتتە تال تېرىپ، سەل سۇۋۇتۇلغان قايناق سۇدا ئەزسەڭ، سۇ خۇددى سۈت قوشقاندەك بولىدۇ. ئۇنى داكىدا سۈزۈپ بىمارغا كەينى-كەينىدىن ئىچكۈز. ئۈچ-تۆت سائەتتىن كىيىن، سۈيدۈككە ئىگە بولالماي قالىسىلەر. مۇبادا بۆرەك تازا بولسا، ئايالىڭ ئەتىلا يەر دەسسەپ تۇرۇپ كېتىدۇ.
بوۋاينىڭ ئېيتقىنىدەك قىلدۇق. بۇ دورا سۈيدۈكىنى شۇنچىلىك قوغلىدىكى، سۇنىڭ تۈگىمەي چىقىۋاتقىنىغا ھەيران قالدۇق. بىراق، بەختكە قارشى رەمىتىنىڭ ھەر ئىككى بۆرىكى كاردىن چىققانىكەن.
يۇقىرىدا سۇلۇق ئىششىقتا (ۋوديانكا) رۇسلارنىڭ چىۋىننى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېشەك قۇرتىنى (ئۇيغۇر ناھىيىسىدە بۇ زەي قۇرتى ھۈدېسىلىم دېيىلىدۇ) دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېكايە قىلىندى. راست، ھەر ئىككىسى ئادەمنىڭ كۆڭلى تارتمايدىغان نەرسىلەر. ئىلاج قانچە، ياماننىڭ دورىسى يامان دەيدىكەن.

بەل ئۈزۈش

مۇشۇ كۈنلەردە نەگىلا بارماڭ، ئىككىنىڭ بىرىدىن «بېلىم ئاغرىيدۇ» دېگەن شىكايەتلەرنى ئاڭلايسىز. بېلىگە تۆگە يۇڭىدىن ياكى ئىتنىڭ تېرىسىدىن ئىشلىگەن بەلدەمچە باغلاپ يۈرگەنلەر كۆپ، بىز بالا چاغلاردا ھېلىمۇ يادىمدا، پەقەت چوڭ ياشتىكىلەرنىڭ بەزىلىرىلا بەل ئاغرىقى توغرىسىدا گەپ قىلاتتى. ھازىر بۇ ئاغرىق ھەتتا ياپياش بالىلاردىمۇ ئۇچرىشىپ يۈرىدۇ.
راست، بەل ئاغرىقىنىڭ نۇرغۇن تۈرلىرى ۋە سەۋەبلىرى بار. ئۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. مەسىلەن، بەزىلەرنىڭ ئاغرىقى بۆرەكتىن، بەزىلەرنىڭ ئۇمۇرتقىغا تۇز يىغىلغاندىن، بەزىلەرنىڭ سوغۇق تەگكەندىن، يەنە بىرلىرىنىڭ جۇغىغا قارىماي ئېغىر يۈك كۆتۈرگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەرقايسىسىغا ئۆز لايىقىدا ياندىشىپ داۋالاش ئىشىنى يۈرگۈزۈش لازىم.
ئۆتمۈشتە تۇخۇم سېرىقىغا تەرتەز يارمىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇدا ئۈچ كۈن چاپلايتتى. يەنە بىر ئۇسۇلى، ئۇنى ھازىرقى ياشلار بىلمەيدۇ. چوڭلاردىن يادىدىن كۆتۈرۈلگەن. بىز بالا ۋاقتىمىزدا بېلى چىم بولۇپ قالغان ئادەم قاتتىقراق يەرگە دۈم ياتقۇزۇلاتتى. (بۇ مېنىڭچە بولغاندا ھازىرقى ماسساجنىڭ بىر تۈرى) ۋە بارماقلار بىلەن بەلنىڭ تېرىسى تارتىپ سوزۇلاتتى. ئاخىرىدا بىمارنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئىككى جەينىكىنى قوشۇپ قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ ئۈچ – تۆت سىلكەتتى. شۇندا بەل غاس – غاس قىلىپ قالاتتى. كېيىن بىمار دەم ئالاتتى. ئاغرىق بىردەمدىن كېيىن بېسىلىپ، بىمار ئۆزىنى يېنىك ھېس قىلاتتى. بېلىنى داۋاملىق ئۈچ كۈن بىر مەزگىلدە ئۈزگەن ياخشى.
كېيىنكى يىللىرى ئىش يۈزىدە بولغان يەرلىرىمىزدە خەلق تېبابىبىتىدە بار بۇ ئاددىي ئۇسۇلنى يا ئەسلەۋاتقان ياكى قوللانغان ئادەمنى كۆرمىدىم ۋە ئاڭلىمىدىم. ئۇنىڭسىز ئاغرىقنىڭ ۋاقتى يېتىپ، بىمار ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
بەزىلەر «بەل چىم بولۇپ قالغاندا ئېغىر بىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ بېشىدىن ئارتىلدۇرۇپ تاشلىسا چاپسان ساقىيىدۇ» دەپ رېتسىپ بېرىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ نەقەدەر ياخشى نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مېنىڭچە بولغاندا، بۇ ئۇسۇلنى قوللانغان چاغدا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىش لازىم. چۈنكى ئېغىر نەرسىنى تۇيۇقسىز كۆتۈرۈپ، باشتىن ئارتىلدۇرۇپ تاشلىغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن بەل ئومۇرتقىسىنى قايرىۋېلىش ياكى ئومۇرتقىنىڭ دەز كېتىشى ئېھتىمال، شۇنداق قىلىپ ئاغرىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنىڭدىن كۆرە دوختۇرغا مۇراجىئەت قىلىڭ. مېنىڭچە بولغاندا، ئىككىنچى ئۇسۇلغا نىسبەتەن بىرىنچى ئۇسۇل خەتەرسىز.

باشنىڭ تەڭ بولۇشى

كۈندە يېتىپ يۈرگەن ئورنىڭىز، كۈندە قويۇپ يۈرگەن ياستۇقىڭىز بولغىنىغا قارىماي، بەزىدە ئەتىگەنلىكى ئورنىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى ئېغىر ھېس قىلىپ قالىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېشىڭىز زىڭىلداپ ئاغرىيدۇ. سەل ھەرىكەت قىلسىڭىز، بېشىڭىزنىڭ ئىچىدە بىر يەر سانجىغاندەك قىلىدۇ ۋە ھەتتا كۆڭلىڭىزنىڭ ئېلىشىشىمۇ (بۇ تولىراق بالىلاردا كۆرۈلىدۇ) مۇمكىن. «يا ھاراق ئىچكىنىم يوق، بۇ نېمىشقا شۇنداق؟» دەپ ئەجەبلىنىسىز.
مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، بۇ ئاغرىق ئادەمنىڭ جىسمانىي چارچىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھارغان ئادەم ئىشتىن كېلىپ ئاخشىمى ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ. ھەتتا بېشىنىڭ ياستۇقتىن چۈشۈپ كەتكىنىنى ياكى ياستۇقتىن ساڭگىلاپ قالغانلىقىنىمۇ ئۇخمايدۇ. يۇمشاق ياستۇققا يېتىپ نورمال ئۇخلاپ يۈرگەن ئادەم يۇقىرىدىكى ئەھۋالغا قالغاندا بېشى قايسى ياققا چۈشۈپ كەتكەن بولسا، شۇ تەرەپكە ساقىيىدۇ. ئاغرىقمۇ شۇ تەرەپتە سېزىلىدۇ ياكى نورمال يېتىپ ئۆگەنگەن ئادەم يېتىپ – قوپۇشتا سەل ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، باش ئاغرىقىنى چوقۇم ھېس قىلىدۇ. بۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىڭىزمۇ سىناپ كۆرۈشىڭىز مۇمكىن. بولمىسا، يىپ بىلەن باغلاپ قويغانغا باش ئاسانلا ساقىيىپ كەتمەيدۇ.
بۇ ئاغرىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ماڭا مومام مەريەمخانمۇ ئادەمنىڭ قاتتىق ھېرىپ كەتكەنلىكىدىن دەپ چۈشەندۈرەتتى ۋە باش تەڭلەش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويغانىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن قائىدە بويىچە ئادەمنىڭ بېشىغا بىمالال يەتكىدەك چوكا توملۇقىدا يىپ ئېلىنىپ ئوتتۇرىسىدىن چىگىلىدۇ. بىر قولىڭىزدا شۇ تۈگۈچنى، يەنە بىر قولىڭىزدا يىپنىڭ ئىككى ئۇچىنى چىڭ تۇتۇپ، بىمارنىڭ بېشىنى تۆت تەرەپكە ئۆلچەڭ. مۇبادا باش تەڭ بولۇپ قالغان بولسا، يىپنى چىقارغاندا باشنىڭ ساقىغان تەرىپى بىلىنىدۇ. يەنە شۇ تەرەپتىكى يىپ ساڭگىلاپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بىمارنىڭ بېشىنى ئىككى ئالقىنىڭىز بىلەن تۇتۇپ ئۇياق، بۇ ياققا ئېغىتىڭ. ئاندىن بىر قولىڭىزنى مۇشت قىلىپ تۈگۈپ ئىككىنچى قولىڭىز بىلەن مۇشتنى ئاستا بىرنەچچە قېتىم ئۇرسىڭىز، تەڭ بولۇپ قالغان تەرەپ زىڭىلداپ ئاغرىيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بىمارنىڭ بېشىنى يەنە ئىككى ئالقىنىڭىز ئارىسىغا ئېلىپ ئۇياقتىن بۇياققا سىلكىڭ ۋە پېشانىسىدىن چىمداپ ئۈزۈڭ. ئىككى قۇلاقتىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ تارتىڭ. ئاخىرىدا بېشىنى تەڭلىگەن يىپ بىلەن تارتىپ چىڭ قىلىپ باغلاڭ. شۇنىڭدىن كېيىن تۈز يەرگە بەش مىنۇت ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇڭ. بەش مىنۇتتىن ئوشۇق بولسا، باشنىڭ قايتىدىن ئاغرىپ كېتىشى ئېھتىمال. كېيىن بىمار ئۆز ئورنىغا چىقىپ ئارام ئالسا بولىدۇ. ئىمكانىيەت بولسا بىرەر سائەت كۆزىنى ئىلىۋالسا تېخىمۇ ياخشى.
بەزىلەرنىڭ «بۇنى يازمىسا نېمە بولاتتى. چۈنكى ئۇ ھەممە بىلىدىغان ئىشقۇ» دېيىشى مۇمكىن. بىراق ئارىمىزدا بۇ ئۇسۇلنى تۇخۇم چېكىش بىلەن چاتاشتۇرىدىغان يولداشلارمۇ بار ئىكەن تېخى. ھاياتتا تېخى شۇ ئاددىي ئۇسۇلنى بىلمەي خىمىيىۋى دورىلارنى ئىشلىتىشكە ئالدىرايدىغان يولداشلارمۇ كۆپ ئىكەن. خىمىيىۋى دورىلارنىڭ بىر يەرگە داۋا بولغىنى بىلەن ئىككىنچى يەرگە ئەكسىچە تەسىر قىلىدىغانلىقى ھازىر كۆپچىلىككە مەلۇم. شۇڭا دورا بىلەن ئورگانىزمنى زەھەرلىمەي باش ئاغرىغاندا مۇشۇ ئاددىي ئۇسۇلنى قوللىنىش لازىم.
ﺗﻪﺗﯩﻠﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﯰﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺎﭖ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﯩﺪﻯ،ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﯸﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ،ﭘﺎﺧﺘﺎ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺴﯩﺶ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﯪﻣﺎﻟﻼ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻛﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ، ﯬﻣﺪﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﻗﯩﻼﺭﻣﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺗﯩﺖ-ﺗﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ ﯪﭘﺎﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ-ﺩﻩ “ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﻮﯕﻐﯘﺯ ﺗﺎﭘﺎﻳﻠﻰ “ﺩﯦﺪﻯ،ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻣﮕﯩﭽﻪ ﯰﻧﯩﻤﯘ ﺗﺎﭘﺘﯘﻕ،ﯪﭘﺎﻡ ﯰﻧﻰ ﭼﻮﻏﻨﯩﯔ ﯴﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯻﺴﻨﻰ ﯰﻛﺎﻣﻐﺎ “ﯻﭽﯩﯖﮕﻪ ﺳﯜﻣﯜﺭ” ﺩﯦﺪﻯ…ﯪﺟﺎﻳﯩﭗ ﯻﺶ ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﭗ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ.



[Birzat بۇنى 2010-07-13 02:17 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: مومامنىڭ شىپالىق رېتسىپلىرى (1)

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmukaram[2011-02-22 02:23 PM | del]
ئايالم بر قانچە قىتىم قوساق كوتۇروپ ئازراق ئاچچىقلانسىلا بويىدىن ئاجىراپ كىتىۋاتىۋاتىدۇ  بۇنىڭ سەۋەبى نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق بىز قانداق قىلشىمىزنى قانداق داۋالىنىشىمىزنىمۇ بىلىمىدۇق بىزگە مەسلەت بەرسەڭلار سىلەردىن كوپ مىننەتتار بولغان بولاتتۇق.
回复قايتۇرماattar[2010-07-31 03:04 PM | del]
چىش ئاغرىغاندا بىرتال كاۋاۋىچىننى چىشلەپ سىناپ بىقىڭ
回复قايتۇرماoghuz[2010-07-13 01:44 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم  يازما مومامنىڭ شىپالىق رېتسىپلىرى (1) دىگەن يازمىدا سۇيدۇك ماڭغۇزىدىغان دورىنى (چىۋىن) دەپ ئاپتۇ مەن ئۇنى(مومامنىڭ شىپالىق دورىللىرى)دىگەن كىتاپتا سۈۋەرۈك(ھەسەن- شىرىك)دەپ كۆرگەن خاتا يىزىلىپ قالدىمۇ قانداق؟
回复قايتۇرماparhana[2010-07-12 03:28 PM | del]
ناھايىتى ياخشى رىتسىپلاركەن。  سۇ چىچەككە دائىر ماتىرىيال بولسا يوللاپ بەرسىڭىز
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.