ھەيزىدارلىقتىكى جىنسىي ھەۋەسنىڭ كۈچىيىشى ھەم بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك سۇ


ھەيزىدارلىقتىكى جىنسىي ھەۋەسنىڭ كۈچىيىشى ھەم بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك سۇئاللار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سەفىيە دوختۇر. ياخشى تۇرۇپسىزمۇ ؟ بىر زات ئەپەندىمدىن نەچچە رەت سوراي دەپ خىجالەتتە يۈرگەن ئىدىم. تور دۇنياسىدا سىزدەك بىر مۇڭداش ئايال دوختۇرنىڭ بولغىنىدىن تولىمۇ خۇرسەندمەن. سىزدىن بىرنەچچە خىل سۇئال سوراي دېگەن ئېدىم ، بىلمىدىم ۋاقتىڭىز يىتەرمۇ؟!! 1. ئادەتتىكى ۋاقىتتا جىنسىي ھېسياتىمنى ناھايىتى تۆۋەن دەپ قارايمەن، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئاساسەن دېگۈدەك لەززەت يوق، پەقەتلا يولدۇشۇمنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن يالغاندىن ھوزۇرلانغان قىياپەتكە كىرىۋالىمەن. لىكىن ھەيز كۆرگەن ۋاقىتلىرىمدا ئەھۋال تامامەن باشقىچە بولىدۇ: يولدۇشۇمنىڭ شۇنچىكى بىر يېقىملىق قاراشلىرى، ياكى سۆيۈپ قويۇشىغا نىسبەتەن مەندە جىنسىي ھېسيات كۈچۈيىدۇ. ھەتتا جىنىسي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگۈم كىلىپ كېتىدۇ. ئايال كىشى ھەيزىدار ۋاقىتتا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش كىرەك دېگەن سۆزنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزۈمنى ئاران بىسىپ تۇرۇۋالىمەن. سورايدىغىنىم - نېمە سەۋەبتىن ھەيزدار ۋاقتىمدا ھېسياتىم، جىنسىي تەلىۋىم شۇنچە كۈچىيىپ كېتىدۇ؟!!! 2. ھەيزدار ۋاقىتتا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ قانداق زىيانلىق تەسىرى بار؟ بۇنىڭ زېيىنى ئايالغىلا بولامدۇ ياكى ئەركىشىگىمۇ زېيىنى بولامدۇ؟ ئادەت توختىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھەيز قېنىنى پاكىز تازىلىۋېتىپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسىمۇ زېيانلىق بولامدۇ؟ 3. ھەر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن يۇيۇنۇش دىنىي مەجبۇرىيەت ئىكەن. ئۇندىن باشقا كىشىلەرنىڭ جۇنۇپ ھالەتتە يۇيۇنماي يۈرسە ھەر خىل پالاكەتلەرگە دۇچار بولىدۇ دېگەن قاراشلىرى جۇنۇپلىقتىن پاكلىنىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدىكەن. لىكىن مېنىڭ بىر قانچە دوستلىرىم بار، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار ھەر جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىلگىرى يۇيۇنىدىكەن. ئۇنىڭدىن كىيىن يۇيۇنمايدىكەن. ئۇلارنىڭ سەۋەبى: جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن يۇيۇنسا جىنسىي تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولارمىش. سورايدىغىنىم جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن يۇيۇنماي يۈرسە سالامەتلىككە زېيىنى بارمۇ؟ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن يۇيۇنسا راستىنلا جىنسىي تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولارمۇ؟ يۇيۇنماي جۇنۇپ ھالەتتە يۈرسە پالاكەتكە دۇچار بولىدۇ دەپ قاراشنىڭ بىرەر ئىلمى ئاساسى بارمىدۇ؟ كەچۈرسىز، كۆپ سۇئاللارنى سوراپ كەتتىم، بۇ ھەم كۆپچىلىك تورداشلار ئۈچۈنمۇ زۆرۈر بىلىملەر دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن سىزدىن سوراشقا مەجبۇر بولدۇم، تەپسىلىي جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز.... جاۋاب: يۇقىرىدىكى تورداشنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ يېزىش ياكى يازماسلىق ھەققىدە خېلى ئۇزۇن ئويلىنىپ قالدىم، چۈنكى يازاي دىسەم بىئەپ تۇيۇلدى، بەزى گەپلەرنى ئوچۇق دىيىشكە توغرا كىلىدىكەن، ئۆزەممۇ بىر ئايال كىشى بولغىنىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ گەپلەر ھەممە تورداشقا كۆرۈنىدىغان بولغاچقا يېزىشتىن سەل خىجىللىق ھېس قىلىپ قالدىم، ئەمما يازماي دىسەم بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ھەقىقەتەن بۇ مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى، كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىنىڭ بەكمۇ چولتا ئىكەنلىكىنى ، چوقۇم توغرا يىتەكلەش زۆرۈر بولغانلىقتىن ، ئاخىرى خىجىل بولۇش تۇيغۇمنى قايرىپ قويۇپ ، كەسپىي سالاھىيتىم بىلەن ئاخىرى جاۋاپ يازاي دەپ تۇرۇپتىمەن. 1- سۇئالغا جاۋاپ: ھەيزدار ئايالنىڭ جىنسى تەلىپىنىڭ كۈچىيىپ كىتىش سەۋەبلىرى: ھەيزدار ۋاقىتتا داس بوشلۇقىغا قان تولۇپ تۇرغانلىقتىن ئادەتتىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان غىدىقلىنىشى، شۇ سەۋەبلىك شەھۋەت (جىنسىي ھېسيات ) كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن، يەنە بىر جەھەتتىن ھەيزدار ئايالدا ئادەتتىكى ۋاقىتقا قارىغاندا قوساقتا قالارمۇ ؟دەيدىغان ئەندىشە بولمايدۇ بۇمۇ بىر سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن ھەيز كۆرگەن ۋاقىتتا بەدەندىكى ئاياللىق ئانىلىق ھورمۇن ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشىدۇ، ئاياللىق ھورمۇن تۆۋەنلىگەندە بەدەندىكى ئەرلىك ھورمۇن( ئاياللارنىڭ بەدىنىدىمۇ ئاز مىقداردا ئەرلىك ھورمۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئاياللىق ھورمۇن ئۇنىنڭ مىقدارىنىڭ يۇقىرىلاپ كىتىشىنى چەكلەپ تۇرىدۇ) كۈچىيىدۇ -دە ، ماس ھالدا جىنسى تەلەپمۇ يۇقىرىلاپ كىتىشى مۇمكىن. بۇلار مەن ماتىرىيال ئىزدەپ تاپقان سەۋەبلەر. بەلكىم بۇنىڭدىن باشقىمۇ سەۋەبلىرى بولۇش مۇمكىن، شۇڭا سىزدىكى بۇ ئەھۋالنى نورمالسىزلىق دىيىشكە بولمىسا كىرەك. ئەمدى ھەيزدار ۋاقىتتا جىنسى ئالاقە قىلىشنىڭ زىيانلىرىغا كەلسەك: 1- ھەيزدار ئايالنىڭ جىنسى ئالاقىدە بولۇشى قۇرئاندا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ھارام ئىشلار جۈملىسىدىن، بىز ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلار توپىغا تەۋە قەۋم بولغانلىقتىن ، ئاتا بوۋىلىرىمز بۇرۇندىن تارتىپ قۇرئان ھۆكمى بىلەن ، نېمە زېيىنى بارلىقىنى سۈرۈشتە قىلماستىن ، بىزنى ، پۈتۈن كائىناتنى نۇقسانسىز رەۋىشتە ياراتقان ئاللاھ ئۆزى ياراتقان ئىنسانغا نېمە پايدىلىق نېمە زېيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچى، ئاللاھ چەكلىگەندىن شەكسىز يېنىش، بۇيرىغاننى شەكسىز قىلىش ئەقىدىسى بىلەن ، ھەيزدار ئايال بىلەن جىنسى ئالاقە قىلىشنى چەكلىگەن ، يامان كۆرگەن. بىزمۇ ئەلۋەتتە شۇنى تەشەببۇس قىلغۇچى، چۈنكى ياراتقۇچى بىزدىن ئوبدان بىلىدۇ ئەلۋەتتە ! ئەمدى كىشىلەر ئېنىقلاپ چىققان زىيانلىرىغا كەلسەك : ھەيزدار ۋاقىتتا داس بوشلۇقىغا قان تولغان ھالەتتە تۇرىدۇ، ھەيزدار ئايالدا بەل ، تۆۋەنكى قوساق يېقىمسىزلىنىدىغان، ھەتتا ئاغرىيدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتىكى يېقىنچىلىق قىلىشلار ئايالنىڭ شۇ خىل ئاغرىقىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ. ھەيز قېنى بولسا تۆكۈلگەن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ۋە قان ئارىلاشقان ئارىلاشما ماددا بولۇپ، بالىياتقۇدىن تۆۋەنگە قاراپ ئاقىدۇ . ھەيزدار ۋاقىتتا جىنسى ئالاقە قىلغاندا بالىياتقۇ قىسقىراپ قورۇلغان ۋاقىتتا ھەيز قېنى تەتۈر ئېقىپ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرى ئورۇنلىشىپ قېلىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئىھتىمالى يۇقىرىلايدۇ( 子宫内膜异位征). بۇ بىر خىل داۋالاش قىيىن ئېغىر كىسەللىك ھىساپلىنىدۇ. ھەيزدار ۋاقىت ئايال كىشىنىڭ ئىممۇنىت كۈچى تۆۋەنلىگەن، بەدەن ئاجىزلىغان ۋاقىت بولۇپ بۇ ۋاقىتتىكى جىنسى ئالاقە ئومۇمى بەدەننىڭ خىلمۇ خىل كىسەللەربىلەن ئاغرىش ئىھتىمالىنى يۇقىرىلىتېۋېتىدۇ. ھەيزكۆرگەن ۋاقىتتا بالىياتقۇ ئاغزى ئوچۇق ھالەتتە بولغان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەيز قېنى ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، جىنسى يولنىڭ ئادەتتىكى كىسلاتالىق مۇھىتىنى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا جىنسى ئالاقە قىلغاندا ، ئىسپىرما سۇيۇقلىقىمۇ ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، جىنسى يول مۇھىتىنىڭ ئىشقارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋىتىپ ، جىنسى يولنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرتۇش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈرلۇك جىنسى يول ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى يۇقۇملىنىش، داس بوشلۇقى ياللۇغى دىگەندەك كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ، سەۋەبى بىرسى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى يۇقۇملىنىپ توسۇلۇپ قالغان بولسا ، يەنە بىرسى جىنسى يولدا تۇرۇپ قالغان ئىسپىرما سۇيۇقلۇقى بىلەن ھەيز قېنى بىرلىشىپ بەدەندە غەيرى ئىممۇنىت ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، بەدەندە ئىسپىرمىغا قارشى تۇرىدىغان ئانتىتلا(抗精子抗体) شەكىللىنىپ قالىدۇ -دە، ئىسپىرما ئۆلۈپ قېلىپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بىر خىل داۋالاپ ساقايتىش تەس بولغان تۇغماسلىق كىسەللىكى. ئەر كىشىگە بولغان زىينى: ھەيز قېنىدا كۆپ خىل مىكروپلار بولغانلىقتىن ھەيز ۋاقتىدىكى يېقىنچىلىق ئەركىشىنىڭ جىنسى ئەزالىرى سۈيدۈك يوللىرىدىكى تۈرلۈك يۇقۇملىنىشلارغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت ھەيز قېنى يەنە ئەر كىشى ئۆز بەدىنىدە ئىسپىرمىغا قارشى ماددا ھاسىل (抗精子抗体)قىلىپ قويۇپ، ئىسپىرما سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشى، بالىلىق بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقارقىدەك ئىنتايىن كۆپ زىيانلىق تەرەپلىرى بولغانلىقتىن ، دىنىي نۇقتىدىن ئالمىغاندىمۇ، تىببىي جەھەتتە ھەر قانداق دوختۇر ھەيزدار ۋاقىتتا جىنسى ئالاقىدە بولۇشنى چەكلەيدۇ. شۇڭا سىزنىڭ بۇنى ھەم دىني نۇقتىدىن ھەم تىببىي نۇقتىدىن توغرا قاراپ ھەيزدار ۋاقىتتىكى جىنسى ئالاقىدىن ئۆزىڭىزنى تارتىشىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمىز. 3- سۇئالىڭىزغا جاۋاپ: جىنسى ئالاقىدىن كىيىن يۇيۇنۇش بولسا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئىسلام ئۈممىتىگە چىقارغان بۇيرۇق، ئاتا بوۋىلىرىمىز بۇ بۇيرۇققىمۇ خۇددى يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزغا ئوخشاش ئاللاھ ھەممىدىن بەك بىلگۈچى ، بىز ئۈچۈن نىمىنىڭ پايدىلىق، نىمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىزدىن ئوبدان بىلىدۇ ، دىگەن ئەقىدە ، ئىتىقادى بىلەن شۇ ھۆكۈمگە ئەسىرلەردىن بېرى ئەمەل قىلىپ كەلدى. ئەلۋەتتە ھەممىمىز مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ، بۇ خىلدىكى شەرئىي ھۆكۈملەرگە بويسۇنۇشنى، بىلمىگەنلەرگە بىلدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىمىز. ئەمدى سىز تىلغا ئالغان جىنىسى ئالاقىدىن بۇرۇن يۇيۇنۇش بولسا بۇ بىر ياخشى ئىش ، بەلكىم سىز دىگەندەك جىنسى تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما جىنسى ئالاقىدىن كىيىن يۇيۇنماسلىق مەيلى دىنىي نۇقتىدىن بولسۇن، مەيلى تازىلىق جەھەتتىن بولسۇن ئۆچ كۆرۈلىدىغان، ناچار قىلىقتۇر. دەل شۇنداق بولغانلىقتىن ئاتا بوۋىلىرىمىز جۇنۇپ ھالەتتە يۈرسە گۇناھ بولۇر، جۇنۇپ ھالەتتە كۈنگە قارىسا كۈن چىقىراپ كېتەر! جۇنۇپ كىشى باشقا كىشىلەرنىڭ يۈزىگە قارىسا ، سىرتلاردا يۈرسە كىشىنى پالاكەت باسۇر دىگەندەك قاراشلارنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ھەم تا ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن. يۇقارقى قاراشلارنىڭ يەنى پالاكەت بېسىشنىڭ ئىلمى ئاساسى بولسا: جىنسى ئالاقە قىلغاندا جىنسى ئەزادا خىلمۇ خىل ئاجرالما ماددىلار بولۇشى، بەدەننىڭ تەرلەپ كىتىشى ۋە يۇيۇنۇشقا مۇھتاج بولۇشى ، يۇيۇلمىغاندا خىلمۇ خىل كىسەللىك مىكروپلىرىنىڭ يۇقۇپ قېلىپ كىسەللىك پالاكىتىگە ئۇچراپ قىلىش ئىھتىمالى يۇقىرى بولغانلىق ئۈچۈن ، ئەڭ مۇھىمى بىزنى ياراتقان ئاللاھ بىزنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى، جۇنۇپ ھالەتتە يۈرۈشتىن چەكلىگەنلىكى بولسا كىرەك. خەير ، تورداش دوسلىرىمىزنىڭ ئۆرپ ئادىتىمىز، دىنىي ئىتىقادىمىزغا مۇۋاپىق بولغان ،سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن ياخشى بولغان جىنسى ئالاقىدە بولۇشىنى، خىلمۇ خىل چەكلەنگەن ، ناچار قىلمىشلاردىن ساقىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز! تامام! ________ سەفىيە





[Birzat بۇنى 2010-07-18 05:53 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ھەيزدار، جۇنۇپ، جىنسىي

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمادىلئارا[2012-07-13 07:09 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن توي قىلغان ، ئىككى بالىلىق ئايال . نىمىشقىدۇر يولدۇشۇمنىڭ جىنسى تەلىپى يوق دىيەرلىك. مەن بىلەنمۇ كارى يوق . بۇنداق بولغاندا تۇمۇشىمىزدىمۇ داۋاملىق ئۇرۇش جىدەل تۈگىمەيدىكەن . ئايالغا بولغان مېھىرمۇ يوق بولىدىكەن ، قانداق قىلسام بولار  
回复قايتۇرماabdekader[2011-07-17 04:29 AM | del]
ئاسرھاش
回复قايتۇرماmarko[2011-02-03 02:55 PM | del]
مەن بىر بالىلىق بولغان بىر ئايال.يولدۇشۇم بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ياخشى ،شۇغىنىسى مەن ھەر قىتىملىق جىنسى ئالاقىدە يولدۇشۇمنى رازى قىلالمايمەن .جىنسى ھىۋىسىم بەك تۆۋەن .قانداق قىلسام يولدۇشۇمنى رازى قىلالايمەن.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.