ھامىلىدارلاردا نېمە ئۈچۈن سېزىكلىك ئالامىتى بولىدۇ؟ [قىز-چوكانلار]


سېزىكلىك، ئادەتتە، تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئامىلدىن بولىدۇ:
1. ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ تەسىرگە ئۇچراش سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، تىۋىتلىك پەردە جىنسىي بەزلەرنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمونى تېز ئۆرلەيدۇ، بۇنداق ھورمونلارنىڭ قاندىكى قويۇقلۇق دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىنكاسىمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدۇ.
2. ئوزۇقلۇق ئامىلى. ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ماددا ئالمىشىش كۈچەيگەنلىكتىن ئوزۇقلۇققا كۆپرەك موھتاج بولىدۇ. شۇڭا ئوڭايلا ۋىتامىن يېتىشمەسلىك، شۇنداقلا ئېغىر كېسەل ئالامىتىمۇ كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق چاغدا ئەھۋال ئېغىر بولسا، بىر قىسىم ۋىتامىنلارنى تولۇقلاپ، كېسەل ئالامىتىنى يېنىكلىتىش كېرەك.
3. كەيپىيات، بېسىمنىڭ تەسىرى. ئادەتتە تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر، ئائىلە مۇناسىۋىتى جىددىي بولسا، سېزىكلىك ئالامىتىمۇ ئېغىر بولىدۇ.
4. ھامىلىدار ئاياللار بەك تويۇپ غىزالانسا ياكى ئاچ قالسا، كۆڭلى ئېلىشىپ ھۆ بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
5. مەركىزىي قىسىم نېرۋىلىرىنىڭ ياندۇرۇشنى كونترول قىلىش مېخانىزملىرىنىڭ ئۆزگىرىشى. ئاياللاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مەلۇم نەرسىنىڭ پۇرىقىغا، مەسىلەن: بۇس، ئاچچىق يېمەكلىك قاتارلىقلارغا بولغان سەزگۈرلۈك ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا سېزىكلىك ئالامىتىنى قانداق كونترول قىلغىلى بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، سېزىكلىك ئالامىتى ئۆزلۈكىدىن ئاستا – ئاستا ئاجىزلاپ يوقاپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئالاھىدە داۋالاش كەتمەيدۇ، پەقەت يېمەك – ئىچمەك ئادىتىنى مۇۋاپىق تەڭشىسىلا بولىدۇ.
1. ئادەتتە ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تاماقنى زىيادە كۆپ يېۋىلىپ، سىڭدۈرەلمەي قېلىشتىن، ئۇزاق مۇددەت ئاچ قورساق يۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
2. ئەتىگەندە ئىمكانقەدەر ياغسىز تاماق يېيىش كېرەك. ئادەتتە ئاچچىق، ئالاھىدە پۇراقلىق نەرسىلەردىن، ياغلىق يېمەكلىكلەردىن ئامال بار ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك.
3. غىزالانغاندا كۆپ سۇ ئىچمەسلىك كېرەك. ھامىلىدار ئاياللار ئۇسسۇزلۇقنى، ئەڭ ياخشىسى، ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا ئىچىش، چۈنكى غىزالانغاندا سۇ مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ ئاشقازان، ئۈچەينى ئاغرىتىپ، ياندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار يەنە ۋاراڭ – چۇرۇڭ ۋە ھاۋاسى ناچار يەرلەردە ئىمكانقەدەر غىزالانماسلىقى كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھامىلىدارلارنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولماي، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر قىلمايدۇ ۋە خەتەرلىك ئەھۋالنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. بىراق ياندۇرۇشنى توختىتىش دورىسىنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر ياندۇرۇش بەك ئېغىر بولۇپ كېتىپ، كوللاپىس كۆرۈلسە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياندۇرۇشنى توختىتىش دورىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى. ئاپتۇرى:ماھىرە سېلىم
تور بېتىمىز ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىقتىكى سىزىكلىك دەۋرىدە كۆڭۈل ئىلىشىشنى پەسەيتىش ھەم ئىشتەينى ئىچىش ئۈچۈن بىھىنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بىرىشىنى ۋە ياكى ئۇيغۇر تېبابەت ئورۇنلىرى مەخسۇس تەييارلىغان بىھى شەربىتى، ئانار شەربىتى، پىننە گۈلقەنتى قاتارلىقلاردىن ئىستىمال قىلىپ بىرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.



يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماگۈل[2010-08-26 07:35 PM | del]
مەن مۇنداق بىر مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم. ھىچ سۇئال يازىدىغان جاينى تاپالمىدىم. مۇشۇ ئىنكاس شەكىلدە سورىسام جاۋاپ بىرەرسىلەرمۇ؟
مەن بۇ يىل 30 ياشقا كىردىم. بىر قىزىم بار 6 ياشتا. ئاللاھ خالىسا يەنە بىرپەرزەنىتلىك بولاي دىگەن لىكىن قارايمەن، قارايمەن بۇ بىر يىلدىن بىرى ھامىلدار بولمايۋاتىمەن. يولدۇشۇم ئوقۇشتا ئىدى قىشلىق تەتىلدە بىر ئاي، ماۋۇ يازلىق تەتىلدە بىر ئاي تۇرۇپ تىخى ئۆتكەن ھەپتە كەتتى. بۇلتۇر 6- ئايدا ئۈزۈكنى ئالدۇرغاندىن كىيىن بۇلتۇر يازلىق تەتىلدە كۈنلۈك دورا ئىشلەتكەن ئىدىم. ياكى شۇنىڭ تەسىردىنمۇ ھىچ بىلمدىم. پەرزەنىتلىك بولۇش خىيالى مىڭەمنى قوچۇپ ئارام بەرمىگەنسىرى ئاللاھ نىسىپ قىلمىغان ئوخشايدۇ. دوختۇرغا كۆرۈنسەم چاتاق يوقكەن دەيدۇ. مەن قانداق قىلسام بولار. ئوبدان يول كۆرسىتىشىڭلارنى ئۆمىت قىلىمەن. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
پەرزەنىت ئاللىسىدا كاللام قاپاق بولۇپ كەتتى.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.