ھامىلدار ئاياللار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر قانچە نۇقتىلار


1. روھى جەھەتتە چوقۇم نورمال بولۇشى كېرەك.

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كېيىن روھىي جەھەتتە تۇراقلىق ھالەتنى ساقلىمىغاندا ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللار سىزىك دەۋرىدە بىزارلىق تۇيغۇسىغا، ياكى ئاچچىقلاش ۋە ياكى كەمسىتىلىش روھىي تەسىرلەرگە يولۇقۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئائىلىدىكى باشقا ئەزالار چوقۇم ھامىلدار ئايالنىڭ سىزىك جەريانىدىكى بىنورمال كەيپىياتىغا يېقىندىن ماسلىشىشى ۋە روھى جەھەتتە نورماللاشتۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك. ئەكسىچە ھامىلدار ئايالنىڭ سىزىكى بىلەن قارشىلىشىشقا ياكى ئۇنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ. ھەمدە جېدەل- ماجرالاردىن ساقلىنىشى، ئۇنداق يەرلەردە تۇرماسلىقى كېرەك.

2. سىرتقى زەربىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

سىرتقى زەربە ھامىلىگە نىسبەتەن زور خەتەر بولۇپ، دىققەت قىلمىغاندا ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. كىيىنىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

ھامىلە چوڭىيىشقا باشلىغان مەزگىللەردە تار كىيىملەرنى كىيمەسلىك، ھەمدە كۆكسىگىمۇ كەڭ كىيىملەرنى ئىشلىتىش كېرەك. قورساقنى تېڭىۋېلىش ھامىلىگە ناھايىتى زىيانلىق بولۇپ ئېغىر بولغاندا ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش ياكى ئېغىر كېسەللەر بىلەن كېسەللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. يىمەك- ئىچمەككە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئوزۇقلۇق سۈپىتى ۋە تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. لەڭپۇڭدەك بەك سوغۇق تىپتىكى يىمەكلىكلەرگە سىزىك بولغاندا سىزىك بولغۇچى ۋە يولدىشىمۇ تەڭ ماسلىشىپ بىر قېتىم لەڭپۇڭ يېسە ئىككى قېتىم ئىسسىقلىق تەرەپتارىدىكى تاماق يىيىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا سىزىكلىكنى يېڭىپ تىزرەك سىزىكلىكتىن چىققىلى بولىدۇ. ئەكسىچە سوغۇق نەرسىلەرگە سىزىك بولغاندا ئۇنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىۋەرگەندە ئايال كىشىنىڭ مىجەزى بەكلا سوغۇققا ئۆزگىرىپ ھامىلىنىڭ نورمال تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، ھامىلىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتەك خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ بەك ئاجىز بولۇش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.

5. نورمالسىز جىنسى ئالاقىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ۋە تۇغۇتقا يېقىنلاشقان مەزگىللەردە جىنسى ئالاقىدىن توختاش كېرەك.

6. رېنتىگىن ۋە ب تىپلىق ئاپپاراتقا چۈشۈشتىن مۇمكىنقەدەر ساقلىنىش كېرەك.

7. قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىك، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى ئىشلەتكەندىمۇ دوختۇر مەسلىھەتىنى ئېلىش كېرەك.

8. سۈرگۈ دورىلىرىنى ( سۈيدۈك ، ھەيز ماڭدۇرغۇچى دورىلارنى ) ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

9. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىش كېرەك.

ئادەتتە ئاياللار مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن مۇۋاپىق شۇغۇللىنىپ بەرگەندە بەدەندىكى ئارتۇق ماددىلار تارقاپ ماددا ئالمىشىش پائالىيىتى ، قان ئايلىنىش ياخشىلىنىدۇ ۋە ھامىلىنىڭ تەرەققىياتىغا، ئورنىغا ناھايىتى پايدىلىق. ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە تۇغۇتمۇ ئاسانلىشىدۇ.
مەنبە: بوستان





يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماyulhun206[2011-01-06 11:34 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم ياكى سەفىيە خانىم:
مەن توي قىلىپ ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كىيىن تۇنجى پەرزەنتىمنى ئالدۇرۋەتتم ،بۇ سەۋەب بىلەن 2-قىتىملىق پەرزەنتلىك بولىشىمغا تەسىر يىتەمدۇ؟
回复قايتۇرماarman1222[2011-01-06 06:50 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەفىيە خانىم، مەن ھامىلدار بولغىلى 2 ئاي بولدى، 8 كۈن بولدى ئاز مىقداردا خۇن كىلىۋاتىدۇ، دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرۈتسەم بالىنىڭ ھەركىتى نورمالكەن لىكىن خۇن كەلگەن بولسا چۈشۈپ كىتىش ئىھتىمالى بار دوختۇرخانىدا يېتىپ ھامىلىنى ئاسراڭ دەيدۇ. لىكىن مىنىڭ دوختۇرخانىنىڭ دورىلىرىنى ئىشلەتكۈم يوق ئىدى. شۇڭا سىز بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز بۇنىڭغا قانداق ئامال بار، نىمە سەۋەبتىن ھامىلدار مەزگىلىدە خۇن كىلىدۇ؟
رەھمەت.
回复قايتۇرمابۇغرائوغلى[2010-10-22 11:35 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ۋە سەفىيە خانىم!
   ئىككى كۇن بۇرۇن ئايالىم توغرىسىدا مەسلھەت سورىغان ئىدىم، قىممەتلىك ۋەختىڭىزنى چىقىرىپ جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز. چۇنكى ئايالىمنىڭ كۈنى قىزىل چاي ئىچىش بىلەن ئۆتىۋاتىدۇ . مەن بەك ئەنسىرەۋاتىمەن.رەھمەت!
回复قايتۇرمابۇغرائوغلى[2010-10-21 11:19 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بىرزات ئەپەندىم :
  مىنىڭ ئايالىم ھامىلدار بولغىنىغا 4ئاي بولدى.ئىشتاھايىمۇ شۇنداق ياخشى،قەيىت قىلىشىمۇ كۆپ، ئەمما ئۇنىڭ كۈنىگە بىر قۇتا قىزىل چاي(خۇڭسا) ئىچمىسە تۇرالمايدىغىنى مىنى ئازراق ئەنسىرتىپ قويدى. بۇنىڭ ھامىلىنىڭ سالامەەتلىكىگە تەسىرى بۇلامۇ؟ ئۇنىڭ ئورنىغا قانداق چايلارنى مەسىلەن ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىشلەنگەن دىگەندەك چايلارنى ئىستىمال قىلسا بۇلار ؟ قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى ئېلىپ قۇيدىغان بولدۇم. ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن، سودىڭىزغا بەركەت بەرسۇن!
回复قايتۇرماay...[2010-08-13 05:55 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم ياكى سەفىيە خانىم:
مەن بوشانغىلى يەتتە ئاي بولدى، لېكىن مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئادەت كۆرمىدىم. بۇ نورمالسىزلىقمۇ؟ ئادەت كۆرسەم ئۈزۈك سالدۇرۇۋالاي دەپ ئويلىغان، ئادەت كۆرمىگۈچە بويۇمدا قالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ يەنە نېمىشقىدۇر ئەنسىرەپ ئىچىم تىتىلداپ كېتىۋاتىدۇ...ئادەت ماڭدۇرغۇچى دورىلارنى يېيىشىم زۆرۈرمىدۇ؟ رەھمەت.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.