 |
سۇنۇق قىلىچ
ئابدۇرېھىم ئابدۇللا
ئاستىمدا شاقىراپ دەريا ئاقىدۇ ,
ئېشىپ بارماقتىمەن بىر تىك داۋاندىن .
ئالدىمدا بىر سۇنۇق قېلىچ ياتىدۇ ,
بىلمەيمەن يادىكار قايسى زاماندىن .
قېلىچنىڭ يېرىمى تۇپراق ئاستىدا ,
يېرىمى ئالماستەك تۇرىدۇ چاقناپ .
بو قەدىم جەڭلەرنىڭ يالدامىسىنى ,
ھاياجان ئىلكىدە ئالدىم ئاۋايلاپ .
تىترىدى قوللىرىم تونىدى يۈرەك ,
ھىلال ئاي ئەگمىسىدەك ئەگرى قېلىچنى .
زاتىمنىڭ يىگىتلىرى كەلدى گۈپىلدەپ,
بىلمىدىم قايھالدا نەپەس ئېلىشنى .
قېلىچنىڭ بىسىدە قوياش جىلۋىسى ,
بالقىيدۇ ئىپتىخار بالقىيدۇ زەر نۇر.
جاراڭلاپ سونغاچقا جەڭدە ئارمانسىز ,
سۈزۈك سۇنىغىدا كۈلىدۇ غۇرۇر .
تاۋلانغان بو قېلچ ئىگىلمەس بولۇپ ,
جەسۇرلار ۋەتىنىنىڭ ئوچاقلىرىدا .
قەسەم سۈيى ئىچكەن چىقىپ ئوچاقتىن ,
ئاھۇ كۆز مەدەتكار بولاقلىرىدا .
كەلتۈرگەن قېلىچنى بۇ تىك داۋانغا ,
ۋەتەننىڭ سۆيگۈسى جەڭلەرگە چىللاپ .
سۇنغان چېغىدىمۇ رىشتى ئۈزۈلمەي ,
تەبەررۇك تۇپراقنى ئاپتۇ قۇچاقلاپ .
ئويلىدۇم شۇنداقمۇ قېلىچلار بار ئىكەن ,
بىر قېتىم قېنىدىن چىقالمايدىغان .
باسسا ياۋ ۋەتەنگە پاسكىنا ئاياغ,
قىساس قەھرى بىلەن چاقنىمايدىغان .
خىيالچان تىكىلدىم سۇنۇق قېلىچقا ,
ئەينەكتەك تىگىدىن كۆروندى جەڭگاھ .
بو قېلىچ شىر سۈپەت بىر ئەر قولىدا ,
دۈشمەنگە ۋەيلۇندىن بەرمەكتە ئاگاھ .
چىقىدۇ شىۋىرغان ئوق ئۈزسە ساداق ,
ئۇمۇد نىڭ زەربىدە قالقان قالتىرار.
تەككەندە گەزلەرشكەن ھەربىر قېلىچقا ,
بۇ قېلىچ بىسىدىن چاقناپ يالتىرار.
ئاھ... قانداق سۇندى ئۇ قېلىچ ؟,
جەڭگاھنى لەرزىگە سالدى شۇ سادا .
تاغلاردىن تاغلارغا ئۇرۇلدى ئەكسى ,
ھەر تاغدا بىر قېلىچ سۇنغاندەك گۇيا .
قۇياشمۇ قارايدۇ سۇنغاندا قېلىچ ,
زەپەرنىڭ يۈزىىگە تارتىلدى نىقاب .
باتۇر ئات ئۈستىدىن غۇلىدى باشسىز ,
كىشنىدى دۇلدۇلى زارلىق چىقىراپ.
قېنى ئۇ باھادىر, قارىدىم كۆككە،
قېنى ئۇ قىلىچقا مۇناسىپ ئەرلەر.
قۇياشتىن, نۇرلاردىن ئىزلىدىم ئۇنى .
ئۇنىڭدەك ئوغلانىنى يۇتمايدۇ يەرلەر.
پەندىيات! قىياغا ئايلىنىپتۇ ئۇ ,
قىلىچنىڭ دەستىسى قاپتۇ ئىلكىد.
تەنتەنە قىلىدۇ ئەرلىك جەسۇر,
مەرمەردەك يالتىراپ تۇرغان قىپىدە.
شەھىدنىڭ بوينىدىن تامچىغان قانلار،
دەرياغا ياقۇتتەك چۈشەر تامچىلاپ.
ئوخچىدى يۈزۈمگە دەريانىڭ سۈيى,
بىلدىمكى ئۇ مېنى ئالدى قۇچاقلاپ
|
 |