يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ماھىتابان

ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى 100پارچە نادىر شېئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:20:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈنكى مەن-ئادەم
تاھىر تالىپ

بىمار بوپ ئانا يەرگە يىقىلغاندا،
پۇرىدى دەل ئاستىمدىن ئانا سۈتى،
«خىزىر» بوپ تۇپراقتىكى كىندىك قېنىم،
تۇرغۇزدى مېنى يۆلەپ ساغلام پېتى.
شۇڭا يۇرت پايخان بولسا ماڭا ماتەم،
چۈنكى مەن - ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم.

تەلۋىلەر چەيلەپ ئۆتسە گۈل - چىمەننى،
ئۆرۈلەر بېشىغا سەۋر قاچام
قەھرىمدىن ئوق ئۈزىمەن قۇزغۇنلارغا،
چىمەنگە قانات يېيىپ مەن ھەر قاچان.
چۈنكى مەن - ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم،
گۈزەللىك پايخان بولسا ماڭا ماتەم.

دىلبىرىم قوي كۆزىدىن سۇ ئىچىمەن، !
دىلىدىن دىلىمغا نۇر - يورۇق ئېلىپ.
جاھالەت ھامىيلىرى چاڭ توزۇتسا،
سانجىيمەن قوۋۇرغامنى پىچاق قىلىپ.
چۈنكى مەن - ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم،
مۇھەببەت پايخان بولسا ماڭا ماتەم.

رەقىبنىڭ مۇشتى ماڭا ھېچ گەپ ئەمەس،
ھەتتاكى قىلىچقا تىك بارالايمەن.
چېقىلسا قىلچە ئىززەت - ھۆرمىتىمگە،
ھەتتا ئەۋلىياغا يانالايمەن.
چۈنكى مەن - ھېسسياتلىق ھايات ئادەم،
غورۇرۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم.

بىھۇدە بوزەك قىلسا كىچىكنى چوڭ،
ۋە ياكى مۇتتىھەملەر پالۋان بولسا ؛
كۆز يۇمۇپ يۈرەلمەيمەن،ئازغان ئۈچۈن
ناتىۋان لەيلىقازاق قۇربان بولسا،
چۈنكى مەن - ھېسساياتلىق ھايات ئادەم.
ھوقوقۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم.

ئېتىقاد، ئەقىدەم بار ئۆزۈمگە خاس،
خەلقىمنىڭ رايىنى كۈچ - قانات قىلغان.
ئەقەللىي، كۆزۈمدىن ئوت - ئۇچقۇن يانار،
تەتۈرلۈك ئىرادەمگە بولسا سۇلتان.
چۈنكى مەن - ھېسسياتلىق ھايات ئادەم،
ئەقىدىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم.

كوممۇنىست - ئىنسانىيەت چاكىرىمەن،
لېكىن، ھىچ بىرەر زاتنىڭ قۇلى ئەمەس.
ئۆز كاللام ھامان مەھكەم ئۆز بوينۇمدا،
جەڭچىمەن، بىرەر كىمنىڭ قولى ئەمەس.
چۈنكى مەن - ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم،
خىسلىتىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم.

غەزەلخان خەلقىم ئۈچۈن يازدىم قوشاق،
ئىلھامنى ئاتا قىلغاچ خەلقىم - ئانام.
غەزەلسىز ياشىمايدۇ بۇلبۇل دېگەن،
يۇرتۇمدا ھەربىر غەزەل بىر ئىمتىھان.
غەزىلىم پايخان بولسا ماڭا ماتەم،
چۈنكى مەن - ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:21:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوشۇرۇن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش
قەيسەر تۇرسۇن

مەن ئۇزاق قوغلىدىم قەيسەر تۇرسۇننى
قايتۇرۇپ كېلەي دەپ قەبرىگە تىرىك.
يوشۇرۇن نازارەت قىلماقتا ئۇنى،
تىپتىنىچ يوللاردا قاتمۇ قات ئىشىك.

ئوتتۇز يىل مەن قوغداپ كەلگەنتىم ئۇنى،
شاھىنى قوغدىغان لەشكەردەك گويا.
مەن ئۇنىڭ قېنىنى تۇراتتىم ئىچىپ،
ئۇ مېنىڭ قېنىمدىن ياسايتتى دورا.

ھېچكىمگە بەرمەيتتىم دورىنى، بىراق
ئىچەتتۇق ئىككىمىز تۈندە بىمالال.
ئۇ مېنىڭ ئالدىمدىن قېچىشتىن بۇرۇن،
مەن ئۇنىڭ تېنىدىن قاچقانتىم ئاۋال.

بار ئۇنىڭ ھەممىدىن روشەن بەلگىسى،
سۆيگۈ دەپ يىغلايدۇ مەخپىي شۇ قەدەر.
دېڭىزدىن دەھشەتلىك بىر تامچە يېشى
ئاھ، ئۇنى ھەممىدىن ئاجىز كۆرسىتەر.

تەشنالىق ئىلكىدە كۈتمەكتە ئۇنى،
ئىشىكسىز ئۆيلەردە ھەيۋەتلىك قۇلۇپ.
ئۇچرىتىپ قالساڭلار ئېيتىڭلار ئاڭا،
يا مېنى ئۇنىڭغا بېرىڭلار تۇتۇپ.


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:21:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توزان قەسىدىسى
ئوسمانجان ساۋۇت

( بىر مۇھاجىرنىڭ چەئەلگە بارغان ئىلىم - پەن
خادىملىرىغا ئېيتقانلىرى)

قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى،
توزىمىسۇن يۇرتتىن كەلگەن توزانلار.
ئۇنى سۈرەي كۆزلىرىمگە ،سۈرەي مەن ،
مەن تېنىگەن ،يول ئاداشقان قوزاڭلار....

قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى،
قونسۇن ئۇلار ئۈستۈمگە ،ياق قەلبىمگە.
ئانا يەرنىڭ زەرىسىدۇر ئۇ توزان،
نۇت بولغۇچى،مەن ئايرىلغان بەختىمگە.

قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى،
پۇراپ ئالاي باغلىرىمنىڭ ھىدىنى.
ئىپار چىچەك،ئىپار غۇنچە،ئىپار گۈل،
يۇيسۇن دىلدىن ھىجرانلارنى دىغىنى.

قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى،
ئۇ زەررىلەر تەۋەرۈكتۇر،مۇقەددەس.
مەن كۆرىمەن تەڭرىتاغنى ئۇنىڭدىن،
كۈمۈش چاچلىق مەغرۇر،ئۇلۇغ، زەپەردەس.

قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى،
مەن ئۇنىڭدىن شاھ مۇقاملار ئاڭلايمەن.
شاۋقۇن سالار دەريالىرىم زەر قىرغاق،
خىيالىمدا دەريالارغا قارايمەن.

قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى،
ئۇ ۋەتەننىڭ تۇپرىغىدۇر تۇتىيا.
ئىز تاشلىدى پىشاينەمگە جۇدالىق،
يارا سالدى يۈرىكىمگە ھەر گىيا.

ئىنسان پەقەت ئۈچ نانغىلا توياركەن،
توياركەنۇ نان غېمىنى قوياركەن.
غاپىللىقدىن ئۆچسە ئەقىل شاملىرى،
ئۆز كۆزىنى ئۆزى چوقۇم ئوياركەن.

« بۇل - بۇل دەركەن تىكەنلەرنى ۋەتىنىم،
ئالتۇن قەپەس ھەيۋىتىنى ئاچسىمۇ».
شۇ بىر قۇشچە بولالمىدىم ۋاي ئىسسىت،
ئازغۇ مېنى تاغلار كېلىپ باسسىمۇ.

قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى،
قىيالمايمەن ئۇنى ھەرگىز قېقىشقا.
بىر زەررىگە تەسەددۇقتۇر مىڭ ھايات،
ئۇ زەررىلەر سەرخىل شولا چېچىشتا....

قاقماي تۇرغىن قېرىندىشىم ئۈستۈڭنى،
ئۈستۈڭدىكى چاڭ- توزانغا تەشنامەن.
چۆلدە قالغان يۈگۈرگەندەك ئالۋۇنغا،
بىر ھالەتكە مەھكۇم بولدۇم،ئەسرامەن.


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 11:51:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەيكەل  

ئابدۇكىرىم خوج

بىر ھەيكەل تۇرۇپتۇ باغدا تىك تەنھا،
ئۈستىدە يېپىنچا قولىدا ياراق.
مەن ئۇنى توناتتىم تونىمدى ئۇ،
چۈنكى ئۇ ئېگىزدە مەن پەستە بىراق.

ئىككىمىز ئۇچراشقان پادا باققاندا،
دەل مۇشۇ مەيداندا كېرىپ كەڭ قۇچاق.
بۈگۈن ئۇ ئۆتۈپتۇ تۆرگە بىر ئۆزى،
مەن پەستە قاپتىمەن چاققاندا ياڭاق.

ئايرىلماس قوشماق بىز دېگىنى قېنى،
ئەجىبا ئۇنۇتقاق بوپ قالدى قانداق.
مىڭ ئەپسۇس ئىچىدە تۇرىمەن بۇندا،
كۆزۈمدىن ئوت يېنىپ دىلىمدا پىراق.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 11:55:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇبائىيلار

سەيپىدىن ئەزىزى

ئالدىراپ بەرمە كۆڭۈل،
جانابىي دىلدار بولمىسا.
سۇنمىغىن دەستە گۈلۈڭنى،
مىھرىبان يار بولمىسا.

چىن مۇھەببەت بولمىسا سۆيگۈڭ ماڭا ھاجەت ئەمەس،
راس ساداقەت بولمىسا، مېھرىڭ ماڭا ھاجەت ئەمەس.
ئاق كۆڭۈل ئەلا ماڭا، گەر دوقا ماڭلاي بولسىمۇ،
قەلبى گۈزەل بولمىسا ھۆسنى ماڭا ھاجەت ئەمەس.

ئەي ۋاپاسىز بوشقا كەتتى ئەقىدەم مىنىڭ،
پۇچۇلاندىم كۆڭلۈڭ خۇشال بولدىمۇ سىنىڭ.
خورلىدىڭمۇ پاك مېھرىمنى نامەردلىك بىلەن،
ئىسىت دىدىم ساڭا ئىيىتقان قەسىدەم مىنىڭ.



تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 11:59:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارلانغان كىيىك

ئابلىكىم ھەسەن

كۆيدى جىسمىم كۈل بولۇپ،
پەقەت يۈرەك سەرسانە قالدى.
گۈلشىنىم بولدى خازان،
كىتەي يېراقلارغا ئەمدى.

كىلىدۇ يالغۇز كىيىك،
قانغا مىلەندى گۈل-گىياھ.
ئوۋچىنىڭ قانلىق ئوقى،
قىلغاچ نىگارىدىن جۇدا.

مەنزىلىڭ نەدۇر مىنىڭ،
ھىجران چۆلىدە قايمۇقۇپ.
بولسا چۈش كۆرگەنلىرىم،
كەتسەم بىر ئويغۇنۇپ.



تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:06:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆيىۋاتقان بۇغداي

پەرھات تۇرسۇن

مەن ئاشۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ھەممىڭلار قاغىغان،
قاراڭغۇ كائېناتتا نېشانسىز، قارارسىز سەرگەردان.
سۆيگىن مېنى قىساسكارنىڭ قولىدىن بېرىپ قويغان،
ئەڭ ئاخىرقى قىساس پۇرسىتىدەك.

مەن ئاشۇ كىشىمەن دەرەختىكى سايەم ئويۇپ ئېلىنغان،
ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆلدى دەپ قارالغان.
سۆيگىن مېنى قىزىپ كەتكەن مېڭىسىدە تەلۋە قاتىلنىڭ،
پەيدا بولغان قالايمىقان خام خىيالىدەك.

مەن ئاشۇ بۇغدايمەن جەننەتمۇ ئوت بىلەن داغلاپ كۆيدۈرگەن،
تومۇزدىكى قۇياش نۇرىمۇ مۇزلىتىپ تىترەتكەن.
سۆيگىن مېنى خارلىنىش كىسىلىگە گىرىپتار بولغاندەك،
غەيرى ئەقلى كىشىلەرنىڭ قورشاۋىدا ئەقىلگە مەپتۇن بولغاندەك.

مەن ئاشۇ بۆرىمەن سوغۇق يالتىرار ئۇستىخانلىرىم داخان ئايال قولىدا،
تارقىلىمەن ئەپسۇندەك تۇپراق، ھاۋا، يالقۇن ۋە سۇغا.
سۆيگىن مېنى كۈن بىلەن ئاي بىر سىزىقتا توغرا كىلىپ ھەمەل بۇرجىدا،
ئۇچراشسىمۇ ئالتىنجى دەرىجىدە يۈز بەرمىگەن مۆجىزىلەردەك.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 13:15:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا
داستان
ئابدۇلباسىت ئابدۇراخمان

ئانا جەنۇپتىكى يېراق يىزىغا،
بويۇن قىسىپ بارغاندا خېتىڭ.
پىشىۋاتقان يوبداننى قويۇپ،
ئالغانسەن ھە !
توپا چىراي پوچتالىيوندىن
ئانا
ھېلىھەم ئىسىمدە
مىنى يۈدۈپ جىگدىلىكلەردە
ئوتۇن تىرەتتىڭ
يۈرەككە ئوخشاش قىزىل چوغ ئىچىدە
ماڭا كۆمەچ كۆمۈپ بىرەتتىڭ
قەدىرلىك ئانا،
سىغىنسام سىنى.
خەت يازىمەن يىرتىق قەلبىمگە
ياشىنىپ قالدىڭ،
ئۆيدە دەم ئالغىن.
كۆپ ئويلىما شائىر ئوغلۇڭنى.
گەرچە شېئىرغا نان كەلمىسىمۇ،
تەقدىرىمگە كۆپ دۇئا قىلغىن.
ئانا
يىرتىق چاپان كىرلاش رومىلىڭ
يىرىق تاپان قوتۇر قوللىرىڭ
دىمىدىغۇ ئاغرىق دۇنياغا
قاپاقتىكى ئاشقان سۇلىرىڭ
ئاھ بىچارىمەن
قىيامەتتەك سەھرادا قالدىڭ
ئىچىمدە بىر دەردلىك ئاچچىق بار
تەلمۈرگەندە بىچارە خىتىم
بىلەلمەيسەن بۇقۇلدىشىنى
تۇتۇپ تۇرۇپ كۆزۈڭگە سۈرتۈپ
ئەسلىگەنسەن ساددا تارىخنى
سىيىت نوچىنى
ھەمدە ئۇنىڭ ھالاكىتىنى
ئاھ نادانلىق ! ئاھ ساۋاتسىزلىق!
تۈن قوينىغا يېزىقلىق خېتىم
شۇ تاپتا،
ئوما ئورۇپ چارچاپ كەتكەنسەن
ئىسسىقتا ھەم چاڭقاپ كەتكەنسەن
شۇ بېرەتتىم
يېنىڭدا بولسام
ئوما ئورۇپ بىرەتتىم يەنە
قەلەم تۇتقان قوللىرىم بىلەن

ئانا
توقۇمى ھەم لىڭگىلچىقى بار
ئېشىكىمىز ھازىرمۇ بارمۇ؟
توقۇنىقى ئارغامچىسى بار،
يارىيار ھارۋا ھازىرمۇ بارمۇ؟
چا قۇيرۇقلۇق ئورۇق ئۆكۈزنىڭ
ئۆلىشىگە سەۋەپچى بولغان
قاراڭغۇ ھەم زەي جۇۋازخانا
ھېلىھەم بارمۇ؟
بوۋام ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن تەڭ
توختاپ قالغان غىچىرلىشىمۇ
ئاھ قەدىرلىك جانىجان ئانا
ئۇغۇ
مەسچىت ئەمەس چىركاۋمۇ ئەمەس
خانقا ئەمەس يا تۈنەكخانا
ۋە ياكى بىر تەجىربىخانا
بۇ يۇرتتىغو يوق مۇزىيخانا
ئۇ پەقەتلا بىر جۇۋازخانا
قاراڭغۇلۇق بەخشەندە ئاڭا
ياغ پۇرايدۇ ئەرۋاھلار ئۇندىن
ئۆمۈچۈكلەر سايلام ئۆتكۈزەر
ئۇنىڭ كىچىك تۈڭلۈكچىسىدىن
كۆرىنىدۇ تارىم غۇۋا
ئۇھ دەۋالغىن بىچارە ئانا
ھېرىپ كەتتىڭ ئېغىر ئەمگەكتىن

ئانا
تېلىفۇن قىلسام يېراق شەھەردىن
ئۇلانمايدۇ بىزنىڭ سەھراغا
ئۇماچ چالغۇچ تۇتقان قولۇڭدا
تىڭشىغۇچنى تۇتالمايسەن
ئەتجەخ خەتتىن باشقىسى بىكار
لىپاپىدەك يىپىق سەھراغا
نۇر دەۋرىدە جانىجان ئانا
جىنچىراق بار مورا بىشىدا
يىراق كۆلدىن سەھرا قىزلىرى
سۇ توشۇيدۇ يۈدۈپ قاپاقتا
ئانا سەنمۇ ياشلىق چىغىڭنى
ئۆتكۈزەتتىڭ
مۇشۇ سىياقتا
پۈتكۈل دۇنيا باردۇر قاپاقتا
ياكى دۇنيا ئاشۇ بىرقاپاق
پۇراق چاچار بىزنىڭ سىسىق كۆل
پاقىلارنىڭ كەڭرى دۇنياسى

ياماق بولماس كونا رومىلىڭ
كالىچىڭدەك يىرتىق قەلبىمگە
جۇل كۆڭلىكىڭ كەبى نامراتلىق
دەرد قوشىدۇ ھەسرەتلىرىمگە

ئانا
سەن بىلىسەن
بىزنىڭ سەھراغا
زاغرا ناندەك مىسكىن قۇياشنىڭ
چىچىلىدۇ سىرىقتال نۇرى
كىسەلمەندەك دۈمچەك دالىغا
دالىدىكى ئىشتانسىز بالا
يۈدىۋىلىپ يوغان زاغرىنى
پادا ھەيدەر يېراق جاڭگالغا
ئاشۇ جاڭگالدا
ئاق جۇۋىلىق خىزىرمۇ بارمىش
غايىپ بولغان شەھەرمۇ بارمىش
بەكمۇ يىرتقۇچ ئىيىقمۇ بارمىش
دۆۋە-دۆۋە قۇملۇقلار ئارا
بۇرۇنلاردا
بەكمۇ قانلىق جەڭلەر بولغانمىش
مومام شۇنداق
ەپ بەرگەن ماڭا

بەكمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ ساڭا
كۆزلىرىمدىن يىغا تارايدۇ

ئىۋرىق بىلەن تاھارەت ئالساڭ،
پاكلىنىدۇ بىزنىڭ قەلبىمىز
پاكلىنىدۇ پۈتكۈل سەھرا
پاكلىنىدۇ پۈتكۈل يەرشارى
خۇددى مەككىدەك
يەتتە قىتىم يۈدۈپ بارارمەن
سىنى ئاشۇ يېراق مەككىگە
تارتقان ئاشۇ جاپالىرىڭغا
مەككە
دەرەخسىز ماكان
لەيلەپ يۈرەر نىفىت ئۈستىدە
بىزنىڭ سەھرا ئوخشىماس ئاڭا
بەكمۇ ئىللىق بۇ تەكلىماكان

ئانا
بىزنىڭ سەھرادا
تىنىچ ئوكياندەك يوغان دىڭىز يوق
نىل دەرياسى كىلەلمەس ئىقىپ
پەقەت بىرلا كىچىك ئۆستەڭ بار،
مەختۇمسۇلا چىچىنى تارىغان
جاڭگالمۇ بار بەكمۇ بىپايان
چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋ ئوۋلايدىغان
يەتتە باشلىق يالماۋۇزمۇ بار
مەختۇمسۇلانى بۇلاپ ئىلىپ قاچقان
تاپىنىدىن قان شورايدىغان
جاڭگالدىكى قۇمۇشلۇقلاردا
نۇزۇگۇمنىڭ ئاياغ ئىزى بار

ئانا
غۇربەتچىلىك بۇندا ھۆكۈمران
قوناق يېرىپ ياغۇنچىقىڭدا
كۆك چامغۇرنى قولاقلاپ سىلىپ
ئىتىپ بىرەتتىڭ ياما ئاش بىزگە
قۇيۇپ بىرەتتىڭ ئۆپكە ھىسىپمۇ
يەيتتۇق بىز كىكىرىپ تۇرۇپ
ھىيىت بولغاندەك خۇشاللىق بىلەن

ئانا
چەكتىڭ رىيازەت
بۈۋى مەريەمدەك
بولالمىدى بۇ شائىر ئوغلۇڭ
ئەيسادەك
كىسىرتمۇ يوق قۇملۇقتا
مەن مىخلانغۇدەك
كۆپ يىللار مابەينىدە
قىلىپ كەلدىم شائىر تىلاۋەت
بۇقۇسىنىڭ دوقمال تىغىدەك
ئەيسا قاچتى سۈزۈك ئاسمانغا
مەن قاچايمۇ تەكلىماكانغا
شۇندا يەنە
قوغلاپ بارسا رودىپاي شىئىرلار
تۇتۇپ قويار مىنى نامراتلىق
مەن ياتارمەن چاكىلدىتىپ ئاغزىمنى
يونۇسنى يوتقان يوغان بىلىقتەك
دەشت چۆلدە سەكراتتا ياتسام
يۈدۈپ كىلىپ بىر كوزا سۇنى
تىمىتامسەن چاك-چاك ئاغزىمغا
ئاشۇ پۇچۇق نوگىيىڭ بىلەن
قان ياش يىغلايسەن
ياقاڭنى يىرتىپ
ئەگەر مەن ئۆلۈپ ئارماندا كەتسەم
ئىڭىكىمنى قاتارسەن بەلكىم
ئۆڭۈپ كەتكەن ئاق رومىلىمدا
يۇمدۇراسەن كۆزۈمنى بەلكىم
ئاشۇ يىرىك ئىشچان قولۇڭدا
پەرياد ئۇرۇپ سەنلا يىغلايسەن
يىغلىمايدۇ بىۋاپا دۇنيا
مەن باققان چۈنكى سەن مېنى
بۇلماق ئېتىپ تىرىق ئۇنىدا
ئۆزۈڭ يىگەن قورۇپ كىپەكنى
ماڭا چاي بېرىپ زاغرا نىنىدا
قالاي قۇمۇش پاخال پىپەكنى
يىغلىما ئانا
ھاياتمەن تىخى
ئەيسامۇ ھايات بارمىش ئاسماندا
مەنمۇ ھايات تەكلىماكاندا

ئانا
ئەللەي ناخشاڭدا
تەسۋىرلىنىدۇ
خارابى يىپەك يولىنىڭ
مىڭ ئۆينىڭ
قوچونىڭ
قارا خانىيلانىڭ
يىپەك يولى
بەكمۇ ئۇزۇن يول
خۇددى بىزنىڭ تارىخىمىزدەك
جىرىڭلىغان مۇشۇ يولدا
بۇغرالارنىڭ قوڭغۇراقلىرى
تارقاتقانتى يېراق-يېراققا
مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرلىرىنى
ئەمدىلىكتە
ئاھ جېنىم ئانا
مۇشۇ يولدىن ھەيدەپ كىلىسەن
كالا قېتىلغان يارىيار ھارۋاڭنى
كۆك يانتاق بىسىڭ
ئانا
ئىيتىپ بىرىڭ
باغدات ھەققىدە
مىڭ بىر كىچە چۆچەكلىرىدىن
تىڭشار ئىدى گۆدەك شائىرنىڭ
ئاق سۈتۈڭنىڭ لەززىتى كەبى
باغدات
چۆچەكتىكى گۈزەل بىر شەھەر
داۋامى بار غەمكىن چۆچەكنىڭ
تۈگىتەلمەي كەتكەن شەھرىزات
ئەمدىلىكتە
باغداتتىكى چۆچەكچى موماي
چۆچەك ئېيتار يىڭىدىن يىڭى
يېزىپ قويدى بىر نەچچە توپلام
ئۇرۇش بىلەن پارس قولتۇقى
قاغجىرايدۇ سۇسىز كەربالا
زەر قاقشايدۇ بالىسىز ئانا
يۈگۈرەيدۇ ئۇياق-بۇياققا
يېتىم قالغان نەچچە مىڭ بالا
باغداتتىكى كاتتا باشلارنىڭ
چۆچەك بىلەن خوشى يوق بەلكىم
قان ياش يىغلاپ چۆچەكچى موماي
ئىزدەپ يۈرەر ھەسەن-ھۈسەندەك
غايىپ بولغان بالىلىرىنى
چۆچەكتىكى گۈزەل باغداتنى
ئىس-تۈتەكتە قالغان زىمىندىن
ئىھ قايدىسەن ئىنسانپەرۋەرلىك
بولۇپ كەتتىغۇ دۇنيا بىۋاپا
باغدات
بۇرۇخ ئىسى قاپلىغان زىمىن
سۆزلەپ بەرگىن تىنىچلىك ھەققىدە
قايتالمايسەن ئەمدى چۆچەككە

ئانا
بەكمۇ چىگىش
بۇ قەلبىم مىنىڭ
كىرىزىستەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ
پەلەستىنلىك بىر بەڭۋاش يىگىت
ئانىسىنى يالغۇز قالدۇرۇپ
ئۇرۇشقا بىرىپ
ئۆلۈپ كىتىپتۇ
نېمىدىگەن تاش يۈرەك ئۇ ھە
يىغلىغاندۇ غېرىپ ئانىسى
ئۆلۈپ كەتسە يۈرەك پارىسى
مىڭلاپ ئانا قان ياش يىغلىشار
ئۆلۈپ كەتكەن بالىلىرىغا
ئۇرۇش دىگەن شۇنداق دەھشەتلىك

ئانا
ئانا ئۈچۈن ۋەتەن بىر بالا
بالا ئۈچۈن ۋەتەن بىر ئانا
شۇڭا دەيمىز تىنىچلىك ياخشى
ھەركىشىنىڭ ۋەتىنى بولسا
ئۇنى شۇنداق قۇچاقلاپ سۆيسە
ئەنە شۇدۇر تىنىچلىق دىگەن
ئەنە شۇدۇر قۇربان بېرىش ھەم
ئەنە شۇدۇر ۋىجدان دىگەن
شۇدۇر يەنە ۋەتەن ئوغلانى
ۋەتەن
ئانا سىنىڭ ياخشى غەمخانىڭ
ۋەتەن بىلەن تەندە دەرمانىڭ
مەن سىنىڭكى ئوماق ۋەتىنىڭ
مەن ئوخشايمەن
چۆچىكىڭگە ئويغۇرنىڭ
سەن ئىزدەيسەن چۆچەكلىرىڭدىن
ماڭا ئوخشاش ئوماق ۋەتەننى
ۋەتەن
كىرپىكىڭگە تۈنەيدۇ
قۇش چۆجىسىدەك

8
ئانا
ناماز شامنى ئوقۇپ بولۇپلا
چىڭ تاقىغىن ئىشىكلىرىڭنى
يوغان دەم بىلەن
ھۇشيار بولغىن قوتانلىرىڭغا
ئېشەك ھارۋا توقۇملىرىڭغا
پالتا كەكە ئوتۇنلىرىڭغا
ئۆچكە ئوغلاق پاخلانلىرىڭغا
بىزنىڭ يۇرتتا يوقتۇر ئوغىرلىق
بىراق يامان ئاشۇ يوقسۇزلۇق
ئەگەر بىرەر دىلو يۈز بەرسە
ساقچى كىلەر بەكمۇ كىچىكىپ
توۋا دەيلى !
ئاھ يوقسۇزلۇق كۆمەچ نان كەبى
يۈرىكىمنى پۇچىلاپ قويدى
ئاغرىپ قىلىش بەكمۇ خەتەرلىك
يېقىن جايدا شىپاخانا يوق
پەقەت بىرلا كونا داخان بار
داس قاچىسى بەكمۇ كۆپ
داۋالايدۇ دىئاگنوزسىز
رىتسىپى يوق دورىلار بىلەن

ئانا
تەكلىماكان
بەكمۇ يېراق شەھەرلىكلەردىن
ئەگىپ يۈرەر قاتمال نامراتلىق
شادلىقى يوق توپىلىق بازاردىن
تېلىۋوزوردىن كۆرۈنمەس ئەسلا
لەڭپۇڭچىنىڭ ئەبجەق ھارۋىسى
توقسان ياشلىق دوڭغاق موماينىڭ
جىگدە شېخىدا ئەتكەن ھاسىسى
يۈزلىرىگە ئىس ئورناپ كەتكەن
كاۋاپچىنىڭ جارقىراشلىرى
غېرىبانە پۇلسىز بازاردا
دۆۋىلىنىپ سىتىلار ئادەم
خۇپىيانە سىتىلار ئىمان
خېرىدارسىز ساۋاتسىز باققال
باج ھەققىگە پۇل تاپالمىسا
قىلىنىدۇ مىلى مۇسادىر
خىلۋەتتىكى ياماقچى بوۋاي
چەم سالىدۇ كونا ئۆتۈككە
يارىمايدۇ فوتۇ سۈرەتكە
بۇياقلارغا كەلمەيدۇ ھىچبىر
بۇپكىسىدا راست-يالغىنى بار
بەك سىپايە ئىشىقۋاز مۇخبىر


ئانا
بىزنىڭ يۇرتتا تەكلىماكاندا
ھالسىرايدۇ قوشتىكى كالا
قىرقىرايدۇ بۆشۈكتە بالا
قېچىشىدۇ تەرەپ-تەرەپكە
غالجىر ئىتتىن ھۈركىگەن پادا
قورۇنىدۇ شۇنچە ئۇياتچان
قىز بالىدەك يۈرەكسىز دالا
بۇ دالىدا ئادەم بەك تولا
غىچىرلايدۇ توپىلىق يولدا
مايسىرىغان ياغاچ ھارىۋا
ئىشتان بىغى ساڭگىلاپ قالغان
تىزى يىرتىق يىلىڭ ئاياغ بالا
يۈدىۋىلىپ كونا بوغچىنى
ئوقۇماقتا مۇشۇ سەھرادا
مومىسىنىڭ چۆچەكلىرىنى
ئۇ تىڭشايدۇ كۈلۈپ ئالدىدا
تىڭشاپ-تىڭشاپ ئۇخلاپ قالغاندا
كۆرەر تېخى شىرىن چۈشلەرنى
چىقىۋىلىپ ئۇچار گىلەمگە
كۆرۈپ كىلەر گۈزەل شەھەرنى
تىپىۋالار گاھىدا تىخى
خاسىيەتلىك ئۇر توقماقنىمۇ
ئۇچراپ قىلىپ چىن تۆمۈر باتۇر
بىرەر ئاڭا مىسران قىلىچنى

ئانا
سىيىت نوچى ھەققىدە
بەكمۇ تولا سۆزلەپ بىرىسەن
ئەپسۇس بىلمەيسەن
سىپارتاك ھەققىدە
سىپارتاك
گلادىياتور
ئاجايىپ شەخس
قۇللۇق كىشەنلەرنى
چىقىپ تاشلىغان
ئېزىلگەنلەرنى
ھۆرلۈككە باشلىغان
قۇلدارلارنىڭ قانلىق قامچىسى
قۇللارنىڭ قىزىل قانلىرى
ئەڭ ۋەھشى گلادىئاتورلار سەھنىسى
سىپارتاكنى تاۋلىغان
قان،قامچا،ياش ھۆرلۈك ناخشىسى
ئازاپ ئۆلۈم ياندىشىپ كىلەر
ئەرك ئۈچۈن بەدەلدۇر شۇلار
ئاھ! جېنىم ئانا
بويۇن قىسىپ قۇللۇق بىلدۈرسە
ئۆتمۈشتە كىممۇ ئەزمىگەن دەيسە
روھىي قۇللۇق ئەڭ بىچارىلىك
نادانلىقتۇر ئۇنىڭ زەنجىرى
سىپارتاك
ئاجايىپ شەخس
ئوخشىمايدۇ
سىيىت نوچىغا

ئانا
تەكلىماكان
جاينامىزىڭدەك ئۇلۇغ بىر زىمىن
سۈكۈناتتا دۇرۇت ئوقويدۇ
ئۇنىڭدىكى بارچە مەخلۇقات
قۇم باغرىدا سىنىڭ بىر كەپەڭ
كەپەڭدە بار قازان-قۇمۇچۇڭ
ساپال قاچاڭ ياغاچ قوشۇقۇڭ
ئىسلىق مورا، قىيسىق ئوچۇقۇڭ
مورا بېشىدا ساپال چىرىقىڭ
ساڭا ھەمرا بىر ياغۇنچىقىڭ
سۇپۇراڭدا تاختا-نوغۇچۇڭ
سۆيۈملىكىڭ يۇۋاش مۈشۈكۈڭ
بىزنى باققان كونا بۆشۈكۈڭ
ئۆڭۈپ كەتكەن يوغان ئۆتۈكۈڭ
قوزۇقتىكى كۆرپە تۇمىقىڭ
ئوچاقتىكى قارا چۆگۈنۈڭ
تەكچەڭدىكى بىرلا چەينىكىڭ
ئاھ
غىرىپ ئانا!
شۇدۇر سىنىڭ تۇرمۇش بويۇمۇڭ
دوك بولۇپ كەتكەن ئۇزۇن ئۆمرۈڭدە
شۇدۇر سىنىڭ تاپقان-تەرگىنىڭ
ئۇيقىدىكى كروران خانىش
كۆرگەنمىدۇ سىنى چۈشىدە

ئانا
توكيو بەكمۇ يېراقتا تەكلىماكاندىن
ئۇ يالاڭباش شەھەر
ئوخشىمايدۇ چىمەن دوپپىدەك
ساددا قەشقەرگە
تۆت مىڭ يىللىق كروران خانىش
توكيودىكى ئىسىل مۇزىيدا
تونۇشۇپ قاپتۇ ياپۇنلار بىلەن
نىيەدىكى خارابە شەھەر
قۇم ئاستىدا قاپتىكەن ئەجەپ
تارىخ
شۇنداق رەھىمسىز
ئۇنىڭ يوغان كالامپاي چاقى
يانچىۋەتتى يىپەك يولىنى
بوستانلىقنى گۈزەل شەھەرنى
تىنىچ چۆلنى تەكلىماكاننى

ئانا
ئانىلار ئۇلۇغ بۈۋى مەريەمدەك
ئانىلار بار ساچىر خانىمدەك
ئۇلۇغ ئۈلگە كيۇرى خانىم
ئانىسى بار نيوتوننىڭمۇ
ھەممە ئىنسان بالىدۇر بالا
بالىسىدۇر ھاۋا ئانىنىڭ
ھاۋا ئانا ئەمگەك قوينىدا
تۇغۇپ قويدى بارچە ئىنساننى
مانا مەن دەپ جاپا-مۇشەققەت
تاشلىنىدۇ ئانا ئالدىغا
ئانا
ساچىر خانىمنىڭ
بەكمۇ ئىسىل داچىسى بارمىش
سىنىڭمۇ بار داچىدەك كەپەڭ
بارمىش يەنە شاھزادە ئوغلى
سىنىڭمۇ بار بىر شائىر ئوغلۇڭ
ساچىر خانىممۇ ئۆزىگە خانىش
سەن خانىشى تەكلىماكاننىڭ
سىنىڭ ئاناڭ كروران خانىش
چۈنكى سەن
گۈللەندۈردۈڭ مۇشۇ دىيارنى
تېرىشتىڭ-تىرماشتىڭ بىر ئۆمۈر
قاغجىراپ كەتكەن مۇشۇ زىمىندا
يالىڭاچ قىزىق قۇملاردا
چىپىپ يۈرۈپ يانتاقلىقلاردا
سىنىڭ تەرىڭدە
سۇ ئىچكەن زىمىن
مەن
سىنىڭ ئەركە ئوماق شاھزادەڭ
ئانا
چۈشكۈنلۈكتە ناخشا توۋلىدىم
جەنۇپتىكى كونا رەستىدە
بولماس ئىكەن روھ ئويغانمىسا
بارغۇ تىخى دوقمال بوقۇسا
تەرەققىيات
ئويغىنىش
چېقىپ تاشلار!
ئاخىر نادانلىق زەنجىرىنى
سىلكىنگەندە مۇقەددەس زىمىن
تەبىر بىرەر نامراتلار
كەتكىنىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ
ئانا شۇندا مىنى ئىزدەيسەن
پىشانەمگە سۆيۈپ قويۇشقا
مەن كېلىمەن ئالدىڭغا
يىپىنچاقلاپ شېئىرلىرىمنى
سەن كۆرىسەن ھەسرەتلىرىمنى
قۇچىقىڭدا يىغلاپ كىتىمەن
مەن ئاڭلايمەن
يۈرىكىڭنى بۇقۇلدىشىنى
يۈرىكىڭ
ھۆتمە تۆشۈك
جۇل بولۇپ كەتكەن تارىخ بىتىدەك
ئەللەي ناخشاڭ
سىھىرلىك بىر كۈي
قاپلاپ كەتكەن تەكلىماكاننى
تولا تىڭشاپ ئاشۇ ناخشىنى
بوۋاق بولۇپ كەتتۇق ھەممىمىز
قەدىرلىك ئانا
مەن سىنىڭكى ئوماق بوۋىقىڭ

ئانا
چەكسىز بۇ ئالەم
گۈزەل كىلەچەك
ئارمانلىرىم كۆپ
يەتسەم دەيدىغان
بار ھەم مەندە شۇنداق جاسارەت
ئافىرقىدا نىگىر ئانىمۇ
سۆيۈنىدۇ قابىل بالىدىن
بەكمۇ قەيسەر يەھۇدى ئانا
بېلىم بىرەر ئوغلانلىرىغا
ئەدەپلىكتۇر ئەرەپ ئانىلار
ئەخلاق بىرەر بالىلىرىغا
بەك مېھرىبان ياپۇن ئانىلار
ۋەتەنپەرۋەر دىمەك بالىلار
ئانا مەنمۇ تىلەيمەن سەندىن
باتۇرلۇقنى، جەڭگىۋارلىقنى
دۇئا قىلغىن بەكمۇ كۆپ ماڭا
ماڭا بەرگىن ئۈمىدۋارلىقنى
ئىمانىمنى روھىمنى پاكلاپ
جاكا قىلاي ئادەملىكىمنى
ئاھ جىنىم ئانا
ئامان بول ئانا
مەن سىنىڭكى ئۈمىدۋار ئوغلۇڭ






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەمبەرنىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 18:18  


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
132

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:22:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايقىز خانىمغا مىڭلارچە تەشەككۇر!!!!!تېخى ئوقۇپ بولالمىدىم، ھەقىقەتەن كاتتا ئىش بوپتۇ...مۇنبەر بايلىقى!!!!

Rank: 1

توردا
4 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
نادىر
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 23:00:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەمبەرنىسا يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى 13:15
ئانا
داستان
ئابدۇلباسىت ئابدۇراخمان


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ شېئىرلارنى سىزلا توپلاۋاتىسىز جۇمۇ  ئەمدى 65 بوپتۇ قالغانلىرنى قاچانمۇ يېغىپ بۇلارمىز ھەممىسى تولۇق يېغىلىپ بولسا بىر توپلام قىلىپ ئىشلەپ قويماقچىدىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولۇچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى 23:01  


ئىنسان يېنىدا بارىنىڭ قەدرىگە يەتمەس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 04:54 , Processed in 0.100126 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش