يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1921 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ماھىتابان

ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى 100پارچە نادىر شېئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1703
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 12:59:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇبۇلقاسىمنىڭ يەرلىرى

ئاسىمجان ئۇبۇلقاسىم

- بالام ،
مۇشۇ يەردە ئىشلەيلى ، -دىدى
ئىشتىنى تىزىدىن ئاشمايدىغان دىھقان .

ئىشتىنى تىزىغىچە تۈرۈلگەن
دېھقان
ئىجارە ئېلىپ ئىشلىدى
ئۇبۇلقاسىمنىڭ ئېتىزلىقىدا .

ئۈمىدلىرى
بۇغداي دانلىرىدەك چىچەكلىدى .

ئۇبۇلقاسىمنىڭ ئېتىزلىقلىرى
ئەلۋەك سۇغا چىلىشىپ
يېقىملىق چۈشەيدۇ ،
قۇشقاچلارنىڭ ئۈنى
كۈڭۈللەرنى مەس قىلىدۇ .

مەن ئېتىزلىقتا ئولتۇرۇپ
‹‹ قۇللار ›› رۇمانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئۇقۇۋاتىمەن ...
مىنىڭ بۇرچۇم
سەھرالارنى كۈيلەش ئەمەس .
شەھەرمۇ ئالامەت چىرايلىق ،
ئەڭ لىرىك شېئىرلىرىم بىلەن
ئاۋات شەھەرلەرنى كۈيلەيمەن .

دادام ماڭا
شېئىر يېزىشنى ئۈگەتمىگەن .
بىراق ، ئۇنىڭ تۆت مو يىرىدىن
دائىم ئىلھام ئالالايمەن .

بىزگە
ئەركەكلەرچە مىجەزنى بەرگەن
ئېتىزلىقلار ،
خۇتۇن › بالىچاقاڭ ،
ياكى كىشىلەر كۈتۈرەلمىسە
ئېغىرىڭنى كۆتۈرگەن ئېتىزلىقلار ...

توپىلىق ،
نەم ،
مۇڭلۇق تۇپراق -
بېسىلىپ قالغان ھەۋەسلەردۇر .

- ، بالام ،
مۇشۇ يەردە ئىشلەيلى !
سۆزلەۋاتقان ئېتىزلىقلاردۇر :
- يەر ئىنسانغا زۇلۇم قىلمايدۇ ،
يەر تىللىمايدۇ ، ئۇرمايدۇ ،
يەكلەشسەكمۇ يەر يەكلىمەيدۇ .

- يەر ئەبلەخ ئەمەس !
يەر يىڭىلمەس ،
يەر سۈيۈملۈك ،
يەر قان تۆكمەس ،
يەر كۈڭۈللۈك ،
- ئەڭ چىرايلىق
ئىنسان يۇلىمىغان يەرلەر ...

قۇزا چۈشلەر ئېتىزلىقىدا
دادام ئىشلەيدۇ ، كوتۇلدايدۇ ،
يارىماس ئۇغۇللىرىنى ئويلاپ
ھۇرۇنلۇق بىلەن غۇدۇرايدۇ.

كۆكتىن تۆكۈلەر ئابىھايات ،
دىھقانلار يامغۇر چۈشەيدۇ ،
كۆكلەيدۇ ئابىناۋات ،
چامغۇر يىغىۋالىدۇ .

ئىككى يىلدىن بۇيان
بىرمۇ كىتاپ ئۇقۇيالمىدىم .

ۋېلىسپىتلىك كىتىۋاتسام ،
بىر مۇماينىڭ چىرايى
كىچىكىمدىن ئوينىغان بىر تال ئۇشۇقنى ئەسلەتتى .
چوڭقۇر بىر سۈكۈت
قەلبىمىزگە ئېقىپ كىرىپ
ئاسفالىت يوللارغا تۇتىشىدۇ .

ھايۋاناتلار باغچىسىدا
ئاتلارنى چۈشەپ قويمايدۇ ،
بىراق بىزنىڭ ئېتىزلىقتا
ئاتلارنىڭ پۇتلىرى باغلاقلىق ...

چاڭقاپ كەتكەن ئېتىزلىقلار
باغرىنى قۇياشقا يېقىپ ياتماقتا ...

دادا ،
بىز ئېتىزلىق دەپ قان بىرىمىز،
سەن ئابىناۋات بىرىسەن ،
بىز ئېتىزلىق دەپ جان بىرىمىز ،
سەن ھايات بىرىسەن .

ئىسسىق تۈشەكلەردە ئۇخلىغۇسى كىلىدۇ
ئۇبۇلقاسىمنىڭ ئېتىزلىقلىرى .
قىزىل ، ياپيېشىل ياسانغۇسى كىلىدۇ
ئۇبۇلقاسىمنىڭ ئېتىزلىقلىرى .

قازاندا قايناۋاتقان پاقلان گۈشى ...

- ماڭا تۆشىنى سېلىپ بىرىڭلار !
- كاللىسىنى ئەكىلىڭلار ،
يىلىكىنى ئۇيۇپ يەيمەن ،
ئۇستىخىنىنى قاينىتىڭلار ،
سۆڭىكىنى ئىزىپ يەيمەن .

چاينى قېنىق دەملەڭلار ،
- غۇنىجىن ئۇرۇقلاپ قالمىسۇن ،
رامىزاندا سۇيۇپ يەيمەن .

- بالىلارنى نامازغا ئۈگەت ،
بىرى ئۇقۇغىنى يىتەر .
قالغىنىنى ئۇقۇتمايمەن .

ئۇبۇلقاسىم
ئېتىزلىقلىرىنى سۈيىدۇ ،
پارتىيىنى سۈيىدۇ .

بىز ئېتىزلىققا
مۇھەببەت تېرىيمىز ،
ياخشىلىق تېرىيمىز ،
مول ھۇسۇل بەرسە تالاشمايمىز ،
قىزلارنىڭ رۇخسارىغا بىرىۋېتىمىز ،
يىگىتلەرگە بىرىۋېتىمىز .

ھە ...
ئۇبۇلقاسىمنىڭ يەرلىرى يوق .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسمەتۇللاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 13:00  


Rank: 1

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
165
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:22:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللىغان ۋاقتى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:57
Going out of house

I go get a postcard
Write and send it to myself:
-congratulations,
Congratulations to your loneliness!

بەك پەيىزىكەن بۇ مىسرالار،،

يىقىلىپ چۈشتۈم،،بىچارە پۇتۇم

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1703
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 18:41:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇلايمان گۇۋاھ!

تاھىر تالىپ

مېھمان كەلدى دىدى بالىلار،
خوش كېلىپسىز دىدىم مەنمۇ ھەم.
دەستخاننى كەڭ سالدىم ئاڭا،
ئەھۋال سوراپ يەنە، دەممۇ - دەم.

چۈشۈرمىدىم تۆرىدىن ھىچقاچان.
ھەم يىگۇزدۇم تويۇپ يانغۇچە،
باغ-ۋاراندا ئويناتتىم، كۈتتۈم،
ئۇ يايرىدى كۆڭلى قانغۇچە.

قورساق سېلپ سەمىرىپمۇ كەتتى،
پولو-گۆش يەپ بىزنىڭ لىگەندىن.
لېكىن مېھمان تەۋرىمەس يەنە،
ئېغىز ئاچماس قايتىش دىگەندىن.

ئويلاپ قالدىم قانداق مېھمان بۇ،
كۆرمىگەنمەن كەتمەس مېھماننى.
بۇ مېھماننىڭ خۇلق مىجەزى،
ھەيران قىلدى تامامى جاننى.

كېيىن ئۇقسام ئاكام ئىكەن ئۇ،
دادام تاپقان ھەجگە چىققاندا.
قۇچاقلاشتۇق قايتىدىن ئۇزاق،
ئېچىلمىغان سىرنى ئۇققاندا.

ئۆگەي ئانام-يوللاپتۇ ئۇنى،
ئاتاڭ قايتقان يولدا چاپقىن دەپ.
ئابى زەمزەم ئېلىپ كوزىغا،
ئىنىلەرنىڭ ئۆيىن تاپقىن دەپ.

ئۇمۇ تۆردىن چۇشمىدى كىيىن،
مەن يەتكۈزدۈم تۇغقانچىلىقنى،
تاپا قىلسا، غىڭ-پىڭ قىلمىدىم،
سىر تۇتمۇدۇم بىر تال تېرىقنى.

مانا ھازىر مەن ئاڭا مېھمان،
قورۇنىمەن ئۆز ئۆيۈمدىمۇ؛
ئۇنىڭ ئەجرى كۆپتەك بىلىنەر،
ھەتتا ئىچكەن چاي-سۈيىمدىمۇ.

گاھى فارىس، گاھى ئەرەبىي،
سۆزلەيدۇ ئۇ كۇندە ماڭا ھەم.
ئەقىل ئۇندىن، پۇت-قول مېنىڭدىن،
خوش-خوش دەيمەن ئاڭا دەممۇ-دەم.

مەن مۇشۇنداق ئەۋلاد ئىكەنمەن،
كۆڭلۈممۇئاق، باغرىممۇ يۇمشاق؛
ئىشەنمىسەڭ سۇلايمان گۇۋاھ ،
قۇشلارغىمۇ بولىمەن قونداق!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1703
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 20:10:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادىر يېتىم قالغان بەش بالىسىنى ئىزدەپ
  
ئەخمەتجان ئوسمان


  سادىر دەپ ئېتىم قالدى،
داڭزىدا خېتىم قالدى.
خېتىمنى ئوقۇپ باقساڭ،
بەش بالام يېتىم قالدى.

1

چېقىلدى زېمىن
ئالقىنىدا تەڭرىنىڭ.
شۇ مۇقەددەس توزان ئىچىدىن
قوپتى سادىر.

2

- سەجدە قىل…!

يۈكۈندى سادىر،
ماڭلىيىنى ياقتى توزانغا.
كۆتۈرگەندە بېشىنى
غايىب بولدى تەڭرى شۇ ھامان،
چاقتى چاقماق،
گۈلدۈرلىدى ئەرشىئالا.
پەرىزاتلار
ئۇچۇپ ئۆتتى ئالدىدىن.
ئايىقىغا تۆكۈلدى نۇرلار،
كۆزلىرىنى يۇمدى بىر ھازا.

3

- ئاچقىن كۆزۈڭنى…
سالام بەردى ئاڭا جەبرائىل،
ئېگىلدى سادىر
قوللىرىنى قويۇپ كۆكسىگە.
يايدى جەبرائىل ھەسەن - ھۈسەننى،
يۈرۈپ كەتتى سادىر ئۈستىدە
بىلدۈرۈپ ئاڭا
مىننەتدارلىق.

4

ھەسەن - ھۈسەندىن
چۈشتى مىڭ ئۆيگە.
كارۋان
غايىب بولغان ئاللىبۇرۇنلا.
مىڭ ئۆي ـ-
ـچۈشۈپ قالغان مىڭ قوڭغۇراق،
تۇرار ئىدى جاراڭلاپ.

5

ئۈگدىدى
قويۇپ بېشىنى گۇگۇمغا.
ئۇچۇپ كەتتى كېپىنەك
كىرپىكىگە قونۇپ بىر ھازا.
تېمىپ كەتتى ئۇنىڭ رەڭلىرى
قارىچۇقىغا سادىرنىڭ.
رەڭلەر:
باھار،
ياز،
كۈز،
قىش،
بەشىنچىسى ـ-
ـپەسىللەرنىڭ پىنھانلىرىدا
يىتكەن پەسىل.

6

- بالىلىرىم!
چاچراپ تۇردى سادىر ئورنىدىن.
تۆكۈلدى ئالقىنىغا
شاخلىرىدىن كېچىنىڭ
بەش يۇلتۇز.

7

موللىتوختىيۈزىدە
ئۇچراشتى ئاڭا
قەبرە تۈسلۈك بىر بوۋاي.
- سادىرمۇ سەن؟
كەل ئوغلۇم
بالىلىرىڭنى كۆرسىتەي ساڭا.
بوۋاي
يېتىلەپ چىقتى ئۆيىدىن
بەش ۋاخ نامازنى.

8

ئۈستىدە
سادىر يۈزىنىڭ
چېقىلدى بوغدا.
توۋلار ئىدى ئۇ:
- بالىلىرىم…!!!

9

- دادا… !
يۈگۈرۈپ كەلدى ئالدىغا
كاۋاپدان.
كۆيدى زىختا پىژىلداپ
سادىر يۈرىكى.
قوشاق:
سادىر دەپ چۆچەك قالدى،
بىر ئوغلۇم گۆدەك قالدى.
ئوغلۇمدىن سوراپ باقساڭ
بىر زىخلا يۈرەك قالدى.

10

- دادا…!
ئۇچۇپ كەلدى ئالدىغا
شەپەرەڭ.
ئاستا- ئاستا ئۆچتى نۇرلىرى
سادىر كۆزىنىڭ.
قوشاق:
سادىر دەپ چىراغ قالدى،
بىر ئوغلۇم بوۋاق قالدى.
كۆزىگە قاراپ باقساڭ
بىر جۈپلا كاۋاك قالدى.

11

- دادا…!
يۈگۈرۈپ كەلدى ئالدىغا
جۇدۇن.
تامچە- تامچە مۇزلىدى
سادىر قانلىرى.

قوشاق:
سادىر دەپ باھار قالدى،
ئوغلۇمغا تۇمار قالدى.
ئوغلۇمنى كۆرۈپ باقساڭ،
بىر قاقشال چىنار قالدى.

12

دادا…!
يۈگۈرۈپ كەلدى ئالدىغا
قەبرە
قەبرە تاشتا يېزىقلار:
"مىراس…مىراس…مىراس".
قوشاق:
سادىر دەپ نىدا قالدى،
بىر ئوغلۇم جۇدا قالدى.
ئوغلۇمدىن سوراپ باقساڭ،
بىر ئەكس سادا قالدى.

13

- دادا…!
لەرزان باردىم ئالدىغا،
غۇۋا لەپىلدەپ.
چۈشۈپ كەتتى قەبرە
چوڭقۇر ئىچىمگە.
قوشاق:
سادىر دەپ ئېتىم قالدى،
بىر بالام يېتىم قالدى.
بالامدىن سوراپ باقساڭ،
تېنىدە تېنىم قالدى،
جېنىدا جېنىم قالدى.

14

چېقىلدى قەبرە
سۈكۈتۈمنىڭ تېرەن تەكتىدە.
تۈتەكلەر ئىچىدىن
قوپتى سادىر.

15

- سەجدە قىل…!

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
390
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 09:33:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەككىز سۈرىتىم

تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس

(ساتىرىك داستان)


ياشاش ئۈچۈن كۆنگەن شۇ ئىللىتىمنى،

بىر كۆرسىتەي يېرىپ يۈرەك قېتىمنى.

سورىماڭلار نامىم مىنىڭ ئىتىمنى

تەقدىم قىلدىم بۇ سەككىز سۈرىتىمنى،

مەن ئاشۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.

1

ئېسى- يادىم ھوقۇقۇمنى ساقلاشتا،

چىڭ تۇرىمەن شۇڭا چوڭنى يوقلاشتا.

كۈنۈم ئۆتەر تەزىم بىلەن ماختاشتا،

ئۇ ئاقمىسا داستىخاندا باپلاشتا،

ئىش توغرىلاپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ھوقۇق ئۈچۈن مەن ھەممىنى گوللايمەن،

يۇقىرىغا ساننى يالغان يوللايمەن.

تەكشۈرسە گەر سومكىسىنى توملايمەن،

شۇنداق قىلىپ ئۆز- ئۆزۈمنى قوللايمەن،

مەن «قوللاپلا» كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



«پىچاق» بەرسە قورقماي دادىل كەسمەيمەن،

مۇزاكىرە قىپ بولالماي ئەسنەيمەن.

شۇنداق قىلىپ قورساقنى ھېچ ئەسمەيمەن،

ئىرادەم چىڭ بەلنى ھەرگىز يەشمەيمەن،

شۇ «ئۇسۇلغا» كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



پاكلىق دېسە سۆزلەپ- سۆزلەپ ھارمايمەن،

كەلسە- كەلمەس سوغا سالام ئالمايمەن.

نەپ چىقمىغان يەرگە ئەمما بارمايمەن،

يەڭ ئىچىدە بەرسە ھەرگىز يانمايمەن،

«سودىلىشىپ» كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



بەزى ياتتىم بالنىستلاردا تەن ئۈچۈن،

خەق بىلمىسۇن ئىككى بولاق قەنت ئۈچۈن.

دېسەممۇ گەر ئاغزىمدا «ۋەتەن ئۈچۈن»،

ھوقۇق ئەلا مىللەتتىنمۇ مەن ئۈچۈن،

«ھوقۇققىلا» كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



نېمە؟ ساڭا مىڭلاپ لەنەت دەيلىغۇ؟

مەن بىر مەجنۇن ھوقۇق خۇددى لەيلىغۇ!

مەن ئۆسسەملا خەق نېمە بولسا مەيلىغۇ،

مانا بۇ سۆز مەندەكلەرنىڭ پەيلىغۇ،

«پەيلىم» شۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ھېچ غېمىم يوق جاھاننى سۇ باسسىمۇ،

ئاپەتلەردىن ئەلنىڭ بېشى قاتسىمۇ.

كۆن ئالالماي يۇرتنى تاشلاپ قاچسىمۇ،

ماڭا ئۇلار قانچە گۇناھ ئارتسىمۇ،

«ھېچ غېمىم» يوق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



چۇجاڭ، ھاكىم، ۋالىيلىقتا تۇرغۇچە،

ئۆسسەم دەيمەن تاكى داھىي بولغۇچە،

ئۆتەرمەنمۇ شۇ ئارماندا ئۆلگۈچە،

«ئاھ چۈشۈمگە بىر كىرسىچۇ بۇ كېچە»

تەمە قىلىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



2

چوڭ مەسچىتنىڭ بىقىنىدا ئۈيۈم بار،

كىشى كۆرسە ئەيمەنگۈدەك سەللەم بار.

شۇڭا دائىم قولتۇقۇمدا زەللەم بار،

چاپقۇزۇشقا ئاتلارنى ھەم چەنلەم بار،

«زەللىلەرگە» كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



قويىۋېلىپ كۆركەم ساقال- بۇرۇتنى،

كەم قىلماستىن تىلدا دائىم دۇرۇتنى.

مەن توپلىدىم كۆپ ئىخلاسمەن مۇرىتنى،

خەق بىلمىسۇن دىلىمدىكى قۇرۇتنى،

شۇ «قۇرۇت» قا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



سورۇن بولسا چىقسام دەيمەن تۆرىگە،

گۆش كەلمەيدۇ قۇرۇق ئايەت، سۈرىگە.

راست گەپ قىلسام نەپسىم ئوخشار بۆرىگە،

نىچۈن باغاق بەردىكىن پەس چۆرىگە،

قىزغىنىپلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



«خۇدا» مېنىڭ مۇھاپىزەت قالقىنىم،

بىلىنمەيدۇ شۇڭا جەبرى سالغىنىم.

ماڭا لازىم شۇ باھانىدا ئالغىنىم،

ئېچىلمايدۇ سىرتقا ھېچبىر ئالقىنىم،

ئېلىشقىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



«يامان»، «گۇناھ» دەپ چىتلايمەن يوللارنى،

رام قىلىمەن شۇ ئۇسۇلدا گوللارنى.

چۆشۆرمەستىن دۇئادىن ھېچ قوللارنى،

يىغىۋالدىم «ھەجگە» دەپ كۆپ دوللارنى،

شۇ دوللارغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



داۋالايمەن دەپ كېسەلنى، ئاپەتنى،

ساتتىم پۇلغا ئەرەبچە كۆپ ئايەتنى.

خەقلەر مېڭىپ ئۇ دۇنيانى «راھەتنى»،

سۆيدۈم ئۆزۈم پانىي نەق ھالاۋەتنى،

ھالاۋەتكە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



مەسچىتلەردە ساۋابلىقنى سۆزلەيمەن،

لېكىن ئۆزۈم «نەپ» بولسا دەپ كۆزلەيمەن.

بېرەر ئۆزى، «ھېچ كىشىنى ئەزمەيمەن»،

شۇڭا مۇشۇ يولدىن پەقەت بەزمەيمەن،

شۇ يولۇمغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.


3

چىن ئەركەكتەك مەي ئىچىمەن تاۋاقتا،

ئۆيدە ئەمەس كوچىلاردا، قاۋاقتا.

بەزى قونۇپ قالىمەن شۇ «راۋاق» تا،

كېتىپ بولاي ئەمدى ئۆيگە نەۋاقتا،

«راۋاق» لارغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



خەق نېمە دېسە دەۋەرمەمدۇ كارىم يوق،

مەيدىن ئۆزگە ئامرىقىم يوق، يارىم يوق.

ئىچمىسەم ھېچ تۇرالمايمەن، چارەم يوق،

ئىچىۋېلىپ چالدىم گىتار، تارىم يوق،

مەن كارىم يوق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



كۈندە بېرىپ سەجدە قىلىپ تاۋاققا،

تېگىشىمەن ئىقبالىمنى ھاراققا.

ئۇرۇشىمەن ئۆيدە تارتسا سوراققا،

قورقمايمەن ئېلىنساممۇ قاماققا،

شۇنداق قورقماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



دەيدۇ تېخى «ئېسىت سېنىڭ مەستلىكىڭ»،

ھاراقتىندۇر بىلسەڭ سېنىڭ پەسلىكىڭ،

ئوڭشىلارمۇ شۇ ئادەم ئەمەسلىكىڭ،

قاچان تۆگەر بالا-قازا، نەسلىكىڭ،

مەستلىكىمگە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



مەن دەيمەنكى بەختىم مېنىڭ شارابتا،

نېمە لەززەت مەيسىز مىڭ جىڭ كاۋاپتا،

قەدەھ ياساپ چېلىپ تەمبۆر، راۋاپتا،

مەي ئىچىمەن بارسام ھەجگە، تاۋاپتا،

ئىچىشكىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



بىر ئىجادىم ئويۇم بارتى، قېنى دەي،

تومۇرۇمدا قېنىم ئەمەس ئاقسا مەي.

ئەنە شۇ چاغ، قىلماس ئىدىم زادى قەي،

يېمەس ئىدىم زاكوسكىغا گۆشۇ-سەي،

مەن ئىجادكار كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



مەي دېگەنلىك مېنىڭ قېنىم، يىلىكىم،

مەي ئىچمىسەم مېنىڭ نېمە كېرىكىم.

ھېساب ئەمەس چىلاشمىسا يۈرىكىم،

شۇڭا مەستتۇر ھەتتا ئارزۇ-تىلىكىم،

مەست تىلەككە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



مەي تۈپەيلى بولسام مەيلى ئۆيسىز، تۇل،

مەيلى بولسۇن كىيىم-كېچىكىم جۇل-جۇل،

قەرز ئېلىپ ئىچىمەن بولمىسا پۇل،

مەن ياشايمەن بولۇپ شۇنداق مەيگە قۇل،

قۇللۇقۇمغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.


4

جاھان ئاشۇ دەيمەن قۇدۇق ئاغزىنى،

چىڭ تاقايمەن شۇڭا ئىشىك داۋزىنى،

ئايرىمايمەن لەززەت بىلەن لاۋزىنى،

ياقتۇرمايمەن چىگىش بىلەن ھاۋزىنى،

قۇدۇققىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



بەزىلەر تاڭ غايە-پايە دەيدىكەن،

ئۆزلىرىچە ئەل غېمىنى يەيدىكەن،

(ئىككى پۇتى بىر ئۆتۆكتە، خەيدىكەن)،

توۋا دەيمەن دۆت ئىكەن، بىلمەيدىكەن،

مەن ئەقىللىق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



پۇرسەت تاپسام تىرىكلەرنى قەستلەيمەن،

يىقىتسام گەر پاتىڭىغا دەسسەيمەن.

ئۆلگەنلەرنى رەھمەتلىك دەپ ئەسلەيمەن،

بەلدىن ئاقنى ئۇزۇنغىچە يەشمەيمەن،

قەستلەپ، ئەسلەپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ئىشىم بەك كۆپ زادى بىكار ياتمايمەن،

يېغىر تاپسام كوچىلايمەن، تاتىلايمەن،

ئەل دېگەننىڭ گەجگىسىدىن ئاتلايمەن،

باشلىق كۆرسەم بەلنى پۈكلەپ قاتلايمەن،

قاتلىنىشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



بەك ئاقلارغا قار-قۇرا چاپلايمەن،

«قارا» لارنى پات-پات ئوتقا قاقلايمەن،

«يېشىل»، «سېرىق» لارنىمۇ ھەم باپلايمەن،

شۇنداق قىلىپ بىر ئۆزۈملا چاقنايمەن،

ئۆزۈم چاقناپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ياراتمايمەن كىچىك ئىشقا زوقۇم يوق،

ئەنقا ئاتاي دېسەم، ئەمما ئوقۇم يوق.

مىنەي دېسەم ئېشىكىمدە توقۇم يوق،

ئىسمىم جاھان بازارىدا چوقۇم يوق،

مەن بازارسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ئاقمۇ كىردى تولا ئويلاپ بېشىمگە،

شۇنچىلىك تار قىل پاتمايدۇ ئىچىمگە،

ئامەت كەلسە ئەگەر يېقىن كىشىمگە،

غۇچۇرلاشتىن ئاغرىق كىرەر چىشىمگە،

چىش ئاغرىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



كۆرمەيمەن ھېچقانداق ئىشنى ئۆزۈمدىن،

يامانلايمەن قانۇنىيەت، تۈزۈمدىن،

كىم ئۇ چاتاق تاپقان مېنىڭ سۆزۈمدىن،

سەت كۆرۈنمەي تېز يوقالسۇن كۆزۈمدىن،

يامانلاپلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



چۈشتە دېسە كەچتە ئاران بارىمەن،

باھانە توقۇپ گۇناھىمدىن تانىمەن،

شۇ بىر ئەمەس تەكرارلايمەن يانىمەن،

شۇڭا جاھان ئالدىدا كۆپ چانىمەن،

چېنىۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ياتقا شاتۇر، ئۆزىمىزگە ئاقسايمەن،

ئۆزگە باتۇر، ياتقا سالسا ئاقمايمەن،

پەلسەپەم شۇ جان بېقىشنى ياقلايمەن،

ئاشۇ يولدا تىنىم تاپماي قاتنايمەن،

قاتناۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.


بىكار بولسام ھاڭۋاقتىمەن كوچىدا،

بولاي مەيلى قەشقەر، تۇرپان، غۇلجىدا،

بۇ پەقەتلا بولۇر مەندەك نوچىدا،

نېمىش قىلسۇن ئىشقا بەند پوچىدا،

نوچىلىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ياراتمايمەن ئىلىلىقنى لاپچى دەپ،

خوتەنلىكنى دىۋانە، راۋابچى دەپ،

قەشقەرلىقنى ئالدامچى، ساپ-ساپچى دەپ،

كورلىلىقنى ئاغزى نەس، كاپ-كاپچى دەپ،

يۇرت ياراتماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



دەيمەن يەنە ئاقسۇلۇقنى كاۋىچى،

دولانلىقنى پوجاڭ تۇماق يامىچى،

ئالتاي، قۇمۇل، قىزىلسۇنى چارۋىچى،

ئۈرۈمچىلىك جىڭ قىزىل كۆز پىۋىچى،

تىللاۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



مەن تىللىماس بىرمۇ يۇرت يوق ئۆلكەمدە،

دېمەك شۇنداق ئېغىر يۆك بار يەلكەمدە،

ئۇنى ئادا قىپ بولارمەن نەكەمدە،

قورۇق تولا شۇڭا مېنىڭ چېكەمدە،

ئېغىر يۆككە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ئەجدادىمنى كۈندە مىڭ رەت داڭلايمەن،

ئەمما ئۆزۆم بىر غېرىچچە ماڭمايمەن،

ماختاش بولسا ھوزۇرلىنىپ ئاڭلايمەن،

ئاڭلاپ-ئاڭلاپ سۆيۈنىمەن، قانمايمەن،

ماختاشقىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ماختاپ تۇرسا قىن-قىنىمغا پاتمايمەن،

ئۇچىمەنكى كۆكتە... يەردە ياتمايمەن،

(قانىتىم يوق) ئەمما موللاق ئاتمايمەن،

ھاي! دېگەننى يېنىمغا يولاتمايمەن،

مەن ئۇچۇشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



تەنقىد دېسە شۇ ھامانلا باتنايمەن،

ھېچ قاچاندا ئەينەككىمۇ باقمايمەن،

جەھلىم بىلەن ئۆز-ئۆزۈمنى ئاقلايمەن،

بۇ ئادەتتى تا مەڭگۈگە ساقلايمەن،

شۇ ئادەتكە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.


5

داشۆگىمۇ ئۆتتۈم بولدى پۈتتى ئىش،

خىزمەت تەييار ئۆتسە ئەمدى تۆتلا قىش.

لازىم ئىكەن نېمىگە ئۇ ئۆگىنىش،

(بىلىم ئەمەس دىپلومغىلا قارارمىش)،

جان قىينىماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



قىزىقمايمەن دەرس دېگەن نېمىگە،

ئاھ! ئاشىقمەن ئولتۇرۇشقا، پىۋىگە،

تەگكۆزمىسەم ئىچمەيمەن قىز لېۋىگە،

ئىچىۋالسام ئايلىنىمەن دېۋىگە،

دېۋىلىككە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ئاتا-ئانا يۇرتتىن ئىزا تارتمايمەن،

ھەممە گۇناھ ئۆزۆڭدە دەپ ئارتىمەن،

ئاھ! نيۇ-يورك، پارىژلارنى يارىتىمەن،

سۆزلىسەم كۆپ ئادەملەرنى قارىتىمەن،

ئىلغارلىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ئۆيدىن كەلگەن پۇل پۇلغا ئۇلاشمايدۇ،

پۇل بولمىسا سورۇن قايناپ تاشمايدۇ،

يېڭى چىققان مودا مەندىن ئاشمايدۇ،

ئۆز كىيىمىم ماڭا ھېچ ياراشمايدۇ،

مودا قوغلاپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



داشۆسىڭلار ھەر چاغ ئۇلۇغ ئاتالغان،

مەدەنىيەت داشۆسىڭدىن تارالغان،

بىلىڭلاركى دۇنيا ماڭا يارالغان،

(«تۆت توم« دىمۇ دەل ئاشۇنداق قارالغان)،

شۇ قاراشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ئىسىت دەيمەن بەزى ئەخمەق بالىلارغا،

ئىشىنىدۇ ئەجدادىغا، ئاللاغا،

داغ چۈشۈرمەي غورۇرلۇق ساپ قانلارغا،

ئۇل قۇرارمىش كەلگۈسى ئىقباللارغا،

مەن ئەكسىچە كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



قىينايدىكەن ئۇلار شۇنچە جېنىنى،

ئۇنتۇپ قالار ھەتتا ئاش ۋە نېنىنى،

ئويلار ئىمىش ئەل-يۇرتىنى، ۋەتىنىنى،

تۆكەر ئىمىش شۇ يولدا ھەم قېنىنى،

مەن قان تۆكمەي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



بۇ دۇنيادا ۋەتەن دېگەن تولا گەپ،

مىللەتمۇ ھەم يۈرۈشمەمدۇ تۈركۈملەپ،

ۋەتىنىم شۇ چىقسا ماڭا نەدە نەپ،

(بۇ سۆزۈمنى خەق بىلمىسۇن بولدى خەپ)،

نەپ كۆزلەپلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.




6

پۇل تاپىمەن شەمۇ شەرنى ئارىلاپ،

يول-ياتاقتا قۇرۇق ناننى غاجىلاپ،

تىنىم تاپماي زاۋۇت، دۇكان ئارىلاپ،

بەزى چاغدا ھەمراھىمنى قارىلاپ،

دىل يارىلاپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



جىڭ گېپىم شۇ پۇلدىن ئۆزگە دوستۇم يوق،

سىنت چاغلىق زىيان بىلەن خوشۇم يوق.

پۇلۇم مىڭ جىڭ، ئۇچامدا بىر كاستۇم يوق،

شۇڭىمىكىن ئابروي-يۆزۈم، پۇشۇم يوق،

ئابرويسىزراق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



يۇرتداش، تۇغقان نېمە، پايدا ئالدىدا،

توغرىلايمەن ئىشنى تېزدىن دالدىدا،

مىڭ بىر ھىيلە-چارە باردۇر كاللىدا،

ئۇنىڭ بىرى بارمىكىن تاڭ داھىيدا،

شۇنداق دانا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



توۋا دەيمەن بەزى ئەخمەق بايلارغا،

قىپتۇ ياردەم يۇرتى نامرات جايلاغا،

مەكتەپ ساپتۇ مەرىپەت دەپ سايلارغا،

نېمە ياردەم ئۇ كۆكتۆش، گادايلارغا،

مەن ياردەمسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



پۇل تېپىشتا تارتقان تالاي جەبرەمگە،

قالدۇرغۇم يوق بىر سىنتمۇ نەۋرەمگە،

ئۆلسەم ئەگەر پۇلنى تېڭىپ مەيدەمگە،

ئەكېتىمەن جەزمەن ياتقان قەبرەمگە،

پۇلغا شۇنداق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



نېمىشقا؟ دەپ سورىسا گەر كىمدە-كىم،

كېسىلگەندۇر پۇلدا مېنىڭ كىندىكىم،

دەپ بەرگىنىم چوڭ ئۇچۇر ھەم ئەمگىكىم،

بەرمىسە ھەق يوق مېنىڭ دەپ بەرمىكىم،

شۇ مىراسقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.


7

ھەر يىل تۆلەپ ئوتتۇز بەش خىل سېلىقنى،

لەڭگە بەردىم بۇغداي، قوناق، تېرىقنى،

دېمەي قوياي تاپاندىكى يېرىقنى،

شۇ ھالەتتە قىلدىم دېھقانچىلىقنى،

سېلىقلارغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



تۇغۇلغاندەك مەڭگۈ كەتمەن چاپارغا،

تولا باردىم قارا قىشتا ھاشارغا،

تولۇپ كەتتى ئالىقىنىمغا قاپارغا،

ئادەم دېگەن ئۆلمەيدىكەن جاپاغا،

جاپاغىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



بىر نېنىم بار ئىككى گۆدەك تويۇشقا،

بىر قويۇم بار قۇربانلىققا سويۇشقا،

نەدە چولا بەدىنىمنى يۇيۇشقا،

مەن رازىمەن ئاشۇ مۇقىم تۇرمۇشقا،

شۇ تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



باش كۆتۆرمەي ھۆددە يەرنى تېرىيمەن،

ئېتىزلىقتىن چىقماي شۇنداق قېرىيمەن،

بۇ دەۋردىن نەچچە ئەسىر نېرىمەن،

ياۋاش، نادان، بىچارىلەر پىرىمەن،

شۇ «پىر» لىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ھەپتىدە تۆت جەرىمانە تۆلەيمەن،

شۇ پۇل بىلەن سېكرىتارنى يۆلەيمەن،

بالام يالىڭاچ... بۆشۈككىلا بۆلەيمەن،

ئىش ئالدىراش، نەدە يۈدۈپ يۈرىمەن،

بۆشۈككىلا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ياراتمايمەن ئۆز ئېتىمنى، ئىسمىمنى،

تونۇمايمەن ھەتتا ئۆلۈم خېتىمنى،

«ئۇرغۇي» دەيمەن سورىسا مىللىتىمنى،

چۈشەنمەيمەن دەۋردىكى رېتىمنى،

مەن رېتىمسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



سۆنئىي ئوغۇت مول ھوسۇل دەپ سانايمەن،

شۇ ھوسۇلدىن ئەمدى قانداق تانايمەن،

سۇ تالاشسام قوشنىلارنى چانايمەن،

دېمەيمەن ھېچ بۇ پەيلىمدىن يانايمەن،

مول ھوسۇلغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ئىش دېگەننىڭ مەن ئۈچۈن ھېچ سانى يوق،

مىدىرلايمەن پۇت-قولۇمنىڭ جانى يوق،

بەزى-بەزى بالىلىرىمنىڭ نانى يوق،

سېكرىتاردىن باشقا قەدىردانىم يوق،

قەدىردانغا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



يىل ئاخىرى پۇل ئالساممۇ تۇلۇمدا،

«قەرزىڭ تۆلە» دەيدۇ ئوڭۇ-سولۇمدا،

سىنت قالماي ئاخىرىدا قولۇمدا،

دېيەلمەيمەن شۇڭا ھەرگىز پۇلۇم بار،

پۇلغا ئامراق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ئېتىزلىقنىڭ نېرىسىنى كۆرمەيمەن،

بەختىم ئۆچۆن قىلچە خىيال سۆرمەيمەن،

تىل-دەشنامغا دەۋا قىلىپ يۈرمەيمەن،

رەنجىمەيمەن، ھەتتا قاپاق تۈرمەيمەن،

كۆتۈرۈشلۈك كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ۋاز كەچكەنمەن ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن،

پەرقىم يوقتۇر ھېچ ماشىنا ئادەمدىن،

ھەممە ئىشنى كۆرىمەن پىشانەمدىن،

بولدى شۇنداق ئۆتۈپ كېتەي ئالەمدىن،

مەن نالىسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



بۇ دۇنيادا بەلكىم مەندەك بىر كىم يوق،

تا ئۆلگۈچە ئىشلىمەك شۇ گېپىم يوق،

قاتتىق ئىشتىن باشقىغا كېرىكىم يوق،

تەنۇ-جىسمىم بارۇ لېكىن يۈرىكىم يوق،

مەن يۈرەكسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.


8

تارتالمايدۇ ئات ھارۋىسى ھالىمنى،

كۆردىڭىزمۇ يارىشىملىق خالىمنى،

قويۇۋالغانمەن ساپ كۈمۈشتىن نالىمنى،

ياراتمايمەن شۇڭا ھەتتا ئالىمنى،

ھال تارتىشقا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



كىيىم دېسە «مىڭ تەسەددۇق» جان دەيمەن،

بۇ مەن ئۈچۈن كاتتا شەرەپ-شان دەيمەن،

كىيىم ھەتتا يۈرىكىمگە قان دەيمەن،

توشمايدىغۇ كەيگىنىمگە سان دەيمەن،

مەن سانىماي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



پارقىرايدۇ ئۈستىبېشىم زىننەتتىن،

خەق ئەيمىنەر تۇرقۇمدىكى ھەيۋەتتىن،

ھېچ بىلمەيمەن بىر يوشۇرۇن غەيرەتتىن،

ئاغزىم بىكار بولماس سۆزدىن غەيۋەتتىن،

غەيۋەتخۇمار كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



بىلىم دېگەن نېمىكىن تاڭ ئۇقمايمەن،

كىتاب-پىتاپ دېگەننىمۇ ئۇقمايمەن،

ۋاقىت تاپسام لەززەتلىنىپ ئۇخلايمەن،

مەندىن ئېسىللارنى كۆرسەم پۇتلايمەن،

پۇتلاۋېرىپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



نېمە پايدا كەپتۇ قۇرۇق بىلىمدىن،

ھېچنېمەم يوق مېنىڭ ئارتۇق گېلىمدىن،

شۇڭا كۆركەم تۇرىمەن ئۆز خىلىمدىن،

ياقتۇرىمەن ئۆز ئىشىمنى دىلىمدىن،

كۆركەم يۈرۈپ كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



گۆش قاينايدۇ كەلسە ئەگەر ئاتا-ئانام،

دەيدۇ ئۇلار بەكمۇ باقتىڭ جان بالام،

ئاغرار بېشىم كېلىپ قالسا قېينانام،

«ۋاي بېشىم» دەپ ياتىمەن شۇ ئىش تامام،

باش ئاغرىققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



بەك ئاسرايمەن، گۈلدەك، ئالتۇن بويۇمنى،

ئۇپراتمايمەن ھەتتا بىر تال مويۇمنى،

ئويلىمايمەن بالىلىرىمنى، ئۆيۈمنى،

قىلسام دەيمەن قايتا ئىسىت! تويۇمنى،

تويغا ئامراق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ياشىرىمەن يىگىرمە ياش، توي دېسە،

چۆشتى گىلەم، نەق پۇل يەنە قوي دېسە،

خەجلىنىپتۇ تويدا ئون مىڭ كوي دېسە،

قانچە ئابروي خەقلەر ئاڭلاپ ھوي دېسە،

مەن ئابرويلۇق كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ياشاپ نېمە بار ئابروي-ئاتاق دېمىسەم،

بەرسە خۇدا خانىشلىقنى تىلىسەم،

ھېچكىشىنىڭ گېپىگىمۇ كىرمىسەم،

كۆڭلۈم نېمە تارتسا كىيسەم ھەم يېسەم،

گەپكە كىرمەي كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



ئائىلىنى دەركەن مىكرو جەمئىيەت،

گۈللىنەرمىش بولسا بىر دىل، بىر نىيەت،

ماڭا لازىم ئەمەس سوكال تەربىيەت،

ئۆز يولۇم بار ماڭىدىغان تا ئەبەد،

تەربىيىسىز كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.


خاتىمە

يۈگەنلىنىپ مىنىلىدۇ كۆنسە ئات،

بۇ ئاز كېلىپ دەيدۇ تېخى ھارۋا تارت،

كۆنۈش شۇنداق چوڭقۇرلىشار قاتمۇ قات،

ئاقماس ھەرگىز كۆنۈپ بولۇپ دېسە دات،

ئەمما مەن بەك كۆنۈپ قالغان ئوخشايمەن.



كۆنۈش شەيتان، كۆنۈش بەكمۇ خەتەرلىك،

پاكىت سانسىز شۇنچە قايىل ئېتەرلىك،

بولار ئەمدى شۇ كۆنگىنىم يېتەرلىك،

ئەڭ ئاخىر بىر ۋارقىراي جىگەرلىك،

كۆنمەسلىككە كۆنسەم ئاندىن ياشايمەن.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
390
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 09:34:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركەكلەر قېنى سىلەر؟
(داستان)

-ئادىل تۇنىياز

1. ئەرنىڭ غېرىبلىقى

…داۋاملاشماقتا
تېرىلەرنىڭ سىرتىدا،
ئادەمنىڭ نۇر ھالقىسىدا،
ئالەمنىڭ باش نۇقتىسىدا،
ئەرلەر يۈزلەنگەن ئاپتاپپەرەستەك
ئاياللارنىڭ سەلتەنىتى ئاستىدا،
داۋاملاشماقتا…
جىنسىي ئاجىزلىقنى
داۋالاش توغۇرلۇق ئېلان،
ئوغرىلىقچە ئوقۇۋاتقان
ئەركەكلەر ئارا.
نومۇسقا چىدىمىغان ئەركەك ئىتلار
ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا
توپلانغان مەيداندىكى شەھەرلەردىكى
…داۋاملاشماقتا…
ياشىمىسا بولمايدىغاندەك
كېتىۋاتقان كىشىلەر ئارا.

ئەي ئەركەكلەر كۆرمىدىڭلارمۇ؟
ئەرلەر ھېچكىم ئەمەستەك
ئەر يوقتەك تۆت ئەتراپىدا
بىخەۋەر يۈرەر ئاياللار،
چۈش كۆرىدۇ ئاياللار ھەتتا،
ئوڭدىسىغا يېتىپ كارىۋاتتا.
ئەركەكلەر پار بولدۇڭلارمۇ
ئايالنىڭ ئاۋازىغۇ بۇ؟
ۋارقىراشماقتا
تەپتارتماستىن يېنىمىزدىلا
يەتتە ياشتىن ئاشقان ئاياللار،
ئەڭ-ئەڭ نېپىز ئىچ كىيىم بىلەن
ئاپتاپ سۇنۇپ ياتقان ئاياللار.
خۇددى بىز بىلمەيدىغاندەك
قات-قات كىيىم ئىچىدە
قىپيالىڭاچ تۇرغان ئاياللار.
ئەرلەرگە كۆز-كۆز قىلماقتا
شارقىرىغان قوشنا مۇنچىدا.
ئۇلار بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزدە.
ئۇلار بىزنىڭ گۈللۈكىمىزدە.
ئۇلار بىزنىڭ ئىشخانىمىزدا.
كېچە سائەت نۆلدىمۇ
خوتەن ۋاقتى بىردىمۇ
ئىختىيارىي مەۋجۇتتۇر ئايال.
ئايال مەۋجۇت تەكلىماكاندا.
ئايال مەۋجۇت ھەممە كارىۋاتتا.
جىمجىتلىق ئايال.
سايىمىز ئايال.
غارىبلىق ئايال.
قاتناش قائىدىسى ئايال.
ياتقان نۇر
ماڭغان نۇر
تۆشۈك نۇر ئايال
كىچىك ئۆي كىچىك ئايال.
چوڭ ئۆي چوڭ ئايال.
ئەپسانىلەرنى توقۇپ
دەرەخ يارىتىپ
دەرەخ كاۋىكىدىن
قىز يارىتىپ
ئېرىشمەكچى بولغىنىمىزمۇ
ئايالدۇر ئايال.
يەسەۋى ئۆز شېئىرلىرىغا
چوڭقۇر كۆمۈپ قويقان يار
ئايالدۇر ئايال.
ئۇنتۇلدۇرۇپ
20-ئەسىرنى
ئامىرىكىنى، توكيونى
روھىمىزغا پەرۋا قىلدۇرغان
ئايالدۇر ئايال.
ئايال! ئايال! ئايال!
جېنىم، جېنىم ئايالار
قارغىش تەگكۈر ئايال…
ئەركەكلەر ئالغان!
ئەركەكلەر ھۇررا!
ئاپئار ھور ئارىسىدا
بىلجىرلىغان ئاياللار.
يېقىن يالىڭاچلىق،
ئۇياتچان ئەر،
سۇ تامچىسى
ساقىپ تۇرغان
پاچاقلار…
نەم چاچلار،
مەزىلىك تەر پۇرىقى،
ئېگىز-ئېگىز ئەمچەكلەر،
مۇجۇپ-مۇجۇپ
ئېزىۋەتسەڭ،
قوش تۇخۇمىنى،
ئېزىۋەتسەڭ،
سۇيۇق ئاپتور كىتابتىن يازغان
ئەڭ چىرايلىق قىز پېرسوناژنى
ئەرگە تېگەي دېگەندە.
ئۆلتۈرىۋەتسەڭ سەن، تونۇش ئايال
بەش ياشلىق ئەر سۇنغان كەمپۈتنى
ساللاقلەرچە ئېلىپ يېگەندە،
ئۆلتۈرىۋەتسەك ھەممە كوچىدا
ساڭا بويسۇنمىغان بەدبەختنى،
ئۆلتۈرىۋەتسەڭ لىق بىر پويىزدا
ئاياللاردىن باشقا ھەر خەقنى،
ئۆلتۈرىۋەتسەڭ
ئۆلتۈرىۋەتسەك ھاياجان بىلەن…

ئايال-
ئەركەكلەرنىڭ ئۆلۈم مەيدانى

ئايال-
ئەرنىڭ يېنىدا ياتقان
سۈت ئچىىشكە ئامراق
ئوماق بىر مۈشۈك

ئايال-
بىنالارنى قاپلىغان
دېرىزىسىز غېرىبلىق

ئايال-
ئالەم بىنا بولغان شۇ كۈنى
تۇنجى ئەرنىڭ بالىياتقۇسى

ئايال-
يىلان بېشى چاقنىغان ئەلدىن
جاقان ئولجا ئالغان جانلىق مال

ئايال-
بوسۇنغۇچى خەلقلەر
تەڭرىقۇتقا سوۋغا قىلغان مەلىكە.

ئايال-
كۈچتۈڭگۈر ئەر قەبىلىنى
بارا-بارا قۇل قىلغان
رەسمىي ئايال.

ئايال-
چۈشكۈنلەشكەن ئەر

ئايال-
ئويغانغان ئەرنىڭ
تومۇرىدا ھۆركىرىگەن شىر .

ئايال-
سەن بىلمەيسەن، بىلمەيسە
سەن بىلمەيسەن ئەر دىگەن نىمە.

ئەر-
مەڭگۈ بىر ئايالنىڭ كىچىك بالىسى.

ئەر-
يالغۇز قالغاندا
نىيىتىنى بۇزۇلۇپ قاراپ قالغۇچى
چاك كەتكەن تامغا.

ئەر-
مىنىۋېلىپ ئۈستىگە ئاتنىڭ
ئوتلۇق، پىنھان شاھەرلەرگە
بېسىپ كىرگۈچى.

ئەر-
گويا تەننى بېسۋالغاندەك
زېمىنلارنى بېسپ ئالغۇچى .

ئەر-
قان تۆكۈشتىن ھاياجانلىنىپ
ئۆلۈملەردىن لەززەت ئالغۇچى .

ئەر-
نەيزسىنى ئوينىتىپ
ئاياللار دۆلىتىگە
يېتىپ بارغۇچى.

ئەر _
ئايال خاقانى
ئايال خەلقنى
ئايال يېزىقنى كۆرۈپ
بوشاپ قالغۇچى.

ئەر _
ئاياللارنىڭ دىنىدا
بالياتقۇ ياساپ چىققۇچى
مىڭ ئۆي ئۇستىسى.
ئەر _
دنغا كىرىش مۇراسىمىدا
توپ_توپ خەتنە قىلىنغان خەلق،
ئات ئۈستىدە روھى سۇنغان سەرگەردە
جەڭگىۋارلىقى يوقالغان لەشكەر
مەن ئەمدى ئەر ئەمەس دەپ، ئويلڭغان ئەر.

چۈشكۈنلەشكەن ئەر
تەسەللىگە موھتاج بولغاندا
سىيلاپ تۇرسا بېشىنى ئايال
يوقاپ كېتەر ئەمدى ئېھتمال.

ئەر خورلىسا بىر ئايال مۇبادا
بىردىنلا غەزپى قاينىغان بۇقا.

ئەر_ئايال تولۇق بىلپ يەتمىگەن
مەڭگۈ ئۆچۈپ قالمايدىغان ئوت
ئوت كەتتى ئوت !
ئوت كەتكەن چاغدا  
ھەي ئاياللار، ئامال يوق ئەسلا.
ئامال يوق ئەمدى
ئەرلەر شەھىرىدىكى ئايال پادىشاھ،
ئۆلۈمگە تولغان قىزغىن تەپەككۈر،
ئالەمگە تۇتاشقان جىنسىي بار كوچا.

كوچا قانۇنى
ئەتىگەنلىك گېزىت
ئەينەك غېرىپلىق
مەنسەپكە تەيىنلەش
غۇۋا قىرغىنچىلىق
تام سائەتىنىڭ سائەت توققۇزدىن
ساختىپەزلەرچە بەش ئۆتۈشى
مەنىسى مەخپىي جۈمىلىلەر
سولانغان توپ_توپ ھەرىپلەر
قانغا بويالغان ئامبۇردەك يېزىق
قىيىن قىستاققا ئېلىنغان تاۋۇش
باسمىخانا
سۇيۇق ئەتىرگۈل
تول ئورۇندۇق
نگوياكى نامەلۇم ئوكۇل ئۇرۇلۇپ
ساراڭغا ئايلانغان مەنىلەر تۇلۇق.
باسما زاۋۇتى
ھەرىپلەر توپ_توپ
مەجبۇرلانغان كىشلەر
قۇياشنىڭ ئىسمى ئاستىدا  
گويا ئاپئاق مامكاپلاردەك
قۇرۇتۇلغان كىشلەر
تۇرپان مۇزېيىدىكى يالغانچى جەسەت

ئۆلۈكلەرنىڭ ئوردىسىدىكى
ناتۇنۇش ئادەمدۇر پەقەت.
تام سائەتنى سائەت توققۇزدىن
ۋارقىرىغاندەك ئاتمىش ئۆتۈشى.
چۈش كۆرگۈدەك لايىھىلەنمىگەن
بويتاق ئەرنىڭ ياتىقى.
چۈش
چۈش كۆرۈشكە ئامراق ئەر ئۈچۈن
دائىم ئوچۇق پاھىشخانىدۇر.
چاقنار چۈشنىڭ دېرىزىسىدىن
ھاسىرىغان بىر ئايال بىلەن
ئۆلگەن بۇقا تېرىسى.
ھوجرامدىكى قاراڭغۇلۇقتا
سىمسىز غېرىبلىق
پۇشۇلدىماقتا،
مېنىىڭ ھوجرام مېنىڭ ئەمەس.
مېنىڭ ھوجرام سېنىڭ ئەمەس.
مېنىڭ ھوجرام كېچە ئەمەس.
سىلەپە ئەمەس،
بالىياتقۇ ئەمەس،
شارقىراتما ئامەس،
تۈرمە ئەمەس مەنلا سولانغان.
مەنىسىزلىك.
كۈلدان.
ئۆلۈم قىزغىنلىقى قاپلىغان
ئەركەك شەھەر.
غېرىبلىق.
توپ-توپ قۇشلارنىڭ،
مەخپىي سىزىقلىرى ئىچىدە،
يىغلاپ سالغان بوۋاقلارنىڭ
پېچەتلەنگەن ئاغزى ئىچىدە،
يىغلاپ سالغان بوۋاقلارنىڭ
پېچەتلەنگەن ئاغزى ئىچىدە،
كۆچمەنلەرنىڭ پەلەمپەيلىرىدىن
خۇشال چۈشۈشلىرى ئىچىدە
ئەينەك ئۆيلەردىكى پايانسىز
سۇنۇش تەنھالىقى ئىچىدە،
《دىققەت
بۇ ئۆي ئەمەس!》
دېگەن خەت
تاملىرىغا چاپلاپ قويۇلغان
قورقۇنچلۇق ئۆيلەر ئىچىدە،
چاشقاندىن قورقۇش كېسىلى بىلەن
ئاھالىلىرى ئۆلۈۋاتقان
شەھەر ئىچىدە،
ئازابلانماسلىق
ئۆرپ-ئادەتكە ئايلاندۇرۇلغان
ئۇلۇغ قەبىلىنىڭ ئىچىدە،
داۋاملاشماقتا…

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
390
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 09:41:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلكىتاپ نۇسخىسى بۇ توربەتتە بار ئىكەن.
ھەممىمىز بىرلىكتە بەھىرلىنەيلى دەپ يوللاپ قويدۇم.

ئۇيغۇر شىئىرىيىتىدىكى 100 مەشھۇر شېئىر

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
390
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 10:10:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنلىرىم ياپراق

تۇرغۇن ئالماس

تەنلىرىم ياپراق، تىتىرەپ توختىدى،
يۈرىكىم دەردلىك-ئەركىن سوقمىدى.
چۈنكى ئەي يايرىم، سېنىڭ ھالىڭنى،
كۈردۈم پىغاندا غۇنچە چاغىڭنى.

بويلىرىڭ نازۇك كىلىشكەن زىلۋا،
ھەركەتلىرىڭ شوخ، قىلىدۇ جىلۋا.
چاچلىرىڭ ئۇزۇن، ھەردەم يەلپۈنەر،
قارا قاشىلىرىڭ ھەريان تەلپۈنەر.

كۆزلىرىڭ خۇمار-جەۋھىرى ياناق،
ئايمۇ خىجىلدۇرجامالىڭ بەك ئاق.
لېكىن بىلىمسىز نادانلىققا قۇل،
بۇلبۇل قۇنمىغان پۇراقسىز بىر گۈل.

خۇش بۇي پۇرىقى قېنى گۈلۈڭنىڭ،
بارمۇ قىممىتى ئۆتكەن كۈنۈڭنىڭ.
ئويلا ئەي سىڭىل، نادانلىق يامان،
گەر ئوقۇمىساڭ يىغلاتۇر زامان.

تىڭشا كوچىنى، دوستلىرىڭ ئۆتەر،
دىللىرى يۇرۇق مەكتەپكە يىتەر.
ئۆگىنىپ ئۇلار ھايات يولىنى،
ئۆستۈرمەكچىغۇ ئارزۇ گۈلىنى.

ئېلىپ سەن دەرھال ئۇلاردىن ئۈلگە،
تەخىرسىز يول ئال! ئانا مەكتەپكە.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
390
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:00:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېسىلگەن توغراق  

قۇربان بارات

ئەكەلدىم بازاردىن بىر ھارۋا ئوتۇن،
قار-مۇزلار ئىلكىدە قالغاندا جاھان.
سوغۇقتا بېرىدۇ قۇياش تەپتىنى،
مەش ئوتى ئالتۇنرەك چىچەكلەيدىغان.

ئوتۇننى رەتلىدىم ۋە بايقىدىمكى،
ھەممىسى قۇرۇق شاخ ئەمەسكەن بىراق.
شاخلارنىڭ ئىچىدە بار ئىدى بىر تۈپ،
ياش ۋە ھۆل، يېڭىلا كىسىلگەن توغراق.

ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا ياتاتتى جانسىز،
ئۆلۈم ئازابىدىن ئاچچىق تولغۇنۇپ.
ئانارنىڭ سۈيىدەك قانلىق كۆز يېشى،
كېسىلگەن جايىدا قاپتۇ مۇز بولۇپ.

مەن غالىپ ۋاقىتقا باغلىدىم ئىشەنچ،
ۋاقىت ھەل قىلىدۇ كۆپ مۈشكۈلاتنى.
ئۇ ياشنى قېرىتىپ، ھۆلنى قۇرۇتۇپ،
كۆيگۈدەك قىلىدۇ سانسىز ھاياتنى.

ھۆل توغراق ھويلامدا ياتتى قىش بويى،
قەھرىتان سوغۇقلار مۇزلاتتى ئۇنى.
قىش ئۆتتى ۋە ئۇنى قويدى زەربىدە،
باھارنىڭ بورانلىق جۇدۇن-چاپقۇنى.

ياز كىلىپ باشلاندى ئىسسىق كۈنلەرمۇ،
بۇ توغراق ئاپتاپتا ياتتى ھالسىراپ.
ئويلىدىم ھۆللىكى يوقالدى بەلكى،
ئاپتاپ ۋە شامالدا قۇرۇپ قاغجىراپ.

لىكىن كىم ئويلاپتۇ مەن ھەيران قالدىم،
توغراقنىڭ ئاداققى مەغرۇر ئىشىدىن.
تومۇزدا نوتىلار چىقتى بىخ سۈرۈپ،
ئۇنىڭ غول ۋە كېسىك بىغىشلىرىدىن.

دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇ يېڭى بىخلار،
كېسىلگەن توغراقتىن تاپقان ئىدى جان.
نۇرلىنىپ تۇراتتى ئۇلار ياپيىشىل،
باھاردا ئويغانغان مايسىدەك يۇمران.

ۋە ھەممە ھاياتلىق بوغۇنلىرىدەك،
كۆزگە تاشلىناتتى بۇدرۇق ۋە ئوماق.
سەبىي بىر نەزىردە بىقىپ جاھانغا،
كۈلەتتى بۆشۈكتە كۈلگەندەك بوۋاق.

تۇغۇلغان بۇ بىخلار ئاپتاپ قوينىدا،
تەلپۈنۈپ تۇراتتى ئەركە ھەم ئويناق.
قەيسەر بىر ھاياتنىڭ ئۆلمەس كۈچىنى،
نامايەن قىلاتتى كىسىلگەن توغراق.

بىلدىمكى جاڭگالنىڭ بۇ نەۋقىرانى،
تىخى تىز پۈكمىگەن ئۆلۈم ئالدىدا.
ئۆلمىگەن ئۆتسىمۇ شۇنچە ۋاقىتلار،
ئانا يىلتىزىدىن بولسىمۇ جۇدا.

ئويغاتتى پىكرىمنى قايناق كۈچ بىلەن،
كىسىلگەن توغراقتا ياشنىغان نىھال.
توغراقنىڭ تەقدىرى توغىرلىق مەندە،
قوزغالدى ئىلھاملىق ئەركىن بىر خىيال.

ئويلىدىم مىتالنىڭ قاتتىقى پولات،
تاۋلىنىپ چىقىدۇ يالقۇنلۇق ئوتتا.
قارغاينىڭ قامىتى ۋە يېشىللىقى،
دۇنياغا كىلىدۇ قاتتىق سوغۇقتا.

شۇ كەبى توغراقنىڭ تەبىئىتىنى،
تاۋلىغان جاڭگالنىڭ جەۋرۇ-جاپاسى.
بوستانلار ماكانى ئەمەس ئۇنىڭكى،
ۋەتىنى بىپايان قۇملار دۇنياسى.

ئۇ ئانا تۇپراقتىن تىپىپ ھاياتلىق،
كەڭ چۆللەر باغرىدا ئۆسەر تۇغۇلۇپ.
بىر زامان دەريالار ئاققان ئىزلاردا،
ياشايدۇ باراقسان بىر ئورمان بولۇپ.

ياز پەسلى ئالىدۇ ئۇنى قوينىغا،
قۇياشنىڭ يالقۇنى چۆل بورانلىرى.
قىش كۈنى سوقىدۇ ئۇرۇپ ئاياۋسىز،
تىنىمسىز جەزىرە شىۋىرغانلىرى.

دەريالار قىلمايدۇ ئاڭا غەمخورلۇق،
ۋە ھىچكىم چۆل ئارا سۇغارماس ئۇنى.
ئىسىگە يەتكەندە يوقلايدۇ پەقەت،
ياز كۈنلىرىنىڭ قىسقا تاشقىنى.

لىكىن ئۇ بەك ئۇزاق ئەسىرلەر بويى،
ئۆسمەكتە چۆللەردە يامراپ ھەر ياققا.
ئۆزلۈكسىز كۆپەيتىپ يىشىل نەسلىنى،


دەھشەتلىك زەربىلەر ياۋايى ئىقلىم.
يوق قىلىپ كىتەلمەس دۇنيادىن ئۇنى.
شۇ ھامان ئۆسىدۇ بىسىپ كەلسىمۇ،
ئېقىندەك ئۆركەشلەر قۇملار دولقۇنى.

كىسىلگەن تاشلاندۇق بىر ھالەتتىمۇ،
ئۇ مانا مۇشۇنداق گۈللەيدۇ يەنە.
يىشىل بىخ سۈرىدۇ خۇددى تىرىكتەك،
ھاياتى كۈچىنى قىلىپ تەنتەنە.

ئۇنىڭ بۇ ئاجايىپ گۈللەشلىرىدە،
يارىدار جەڭچىنىڭ كۈلۈشلىرى بار.
ئۆلىمى ئالدىدىن ئاخىرقى قىتىم،
قىلىچقا تايىنىپ يۈرۈشلىرى بار.

ئۇ گويا ھاۋادا ئوق يىگەن لاچىن،
بۇلۇتلار باغرىدا ياڭرىتار سادا.
ئۇ گويا زۇلمەتتە ئۆچكەن بىر يۇلتۇز،
نۇرلانغان ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا.

مەن ئاڭا تىكىلدىم مۇھەببەت بىلەن،
تۇغۇلدى قەلبىمدە مەغرۇر بىر قوشاق.
ئۆلمەس بىر خەلقنىڭ تىمسالى بولۇپ،
كۆرۈندى كۆزۈمگە كېسىلگەن توغراق.


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1703
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:04:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركەكلەر قېنى سىلەر؟

(داستان)

-ئادىل تۇنىياز

1. ئەرنىڭ غېرىبلىقى

…داۋاملاشماقتا
تېرىلەرنىڭ سىرتىدا،
ئادەمنىڭ نۇر ھالقىسىدا،
ئالەمنىڭ باش نۇقتىسىدا،
ئەرلەر يۈزلەنگەن ئاپتاپپەرەستەك
ئاياللارنىڭ سەلتەنىتى ئاستىدا،
داۋاملاشماقتا…
جىنسىي ئاجىزلىقنى
داۋالاش توغۇرلۇق ئېلان،
ئوغرىلىقچە ئوقۇۋاتقان
ئەركەكلەر ئارا.
نومۇسقا چىدىمىغان ئەركەك ئىتلار
ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا
توپلانغان مەيداندىكى شەھەرلەردىكى
…داۋاملاشماقتا…
ياشىمىسا بولمايدىغاندەك
كېتىۋاتقان كىشىلەر ئارا.

ئەي ئەركەكلەر كۆرمىدىڭلارمۇ؟
ئەرلەر ھېچكىم ئەمەستەك
ئەر يوقتەك تۆت ئەتراپىدا
بىخەۋەر يۈرەر ئاياللار،
چۈش كۆرىدۇ ئاياللار ھەتتا،
ئوڭدىسىغا يېتىپ كارىۋاتتا.
ئەركەكلەر پار بولدۇڭلارمۇ
ئايالنىڭ ئاۋازىغۇ بۇ؟
ۋارقىراشماقتا
تەپتارتماستىن يېنىمىزدىلا
يەتتە ياشتىن ئاشقان ئاياللار،
ئەڭ-ئەڭ نېپىز ئىچ كىيىم بىلەن
ئاپتاپ سۇنۇپ ياتقان ئاياللار.
خۇددى بىز بىلمەيدىغاندەك
قات-قات كىيىم ئىچىدە
قىپيالىڭاچ تۇرغان ئاياللار.
ئەرلەرگە كۆز-كۆز قىلماقتا
شارقىرىغان قوشنا مۇنچىدا.
ئۇلار بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزدە.
ئۇلار بىزنىڭ گۈللۈكىمىزدە.
ئۇلار بىزنىڭ ئىشخانىمىزدا.
كېچە سائەت نۆلدىمۇ
خوتەن ۋاقتى بىردىمۇ
ئىختىيارىي مەۋجۇتتۇر ئايال.
ئايال مەۋجۇت تەكلىماكاندا.
ئايال مەۋجۇت ھەممە كارىۋاتتا.
جىمجىتلىق ئايال.
سايىمىز ئايال.
غارىبلىق ئايال.
قاتناش قائىدىسى ئايال.
ياتقان نۇر
ماڭغان نۇر
تۆشۈك نۇر ئايال
كىچىك ئۆي كىچىك ئايال.
چوڭ ئۆي چوڭ ئايال.
ئەپسانىلەرنى توقۇپ
دەرەخ يارىتىپ
دەرەخ كاۋىكىدىن
قىز يارىتىپ
ئېرىشمەكچى بولغىنىمىزمۇ
ئايالدۇر ئايال.
يەسەۋى ئۆز شېئىرلىرىغا
چوڭقۇر كۆمۈپ قويقان يار
ئايالدۇر ئايال.
ئۇنتۇلدۇرۇپ
20-ئەسىرنى
ئامىرىكىنى، توكيونى
روھىمىزغا پەرۋا قىلدۇرغان
ئايالدۇر ئايال.
ئايال! ئايال! ئايال!
جېنىم، جېنىم ئايالار
قارغىش تەگكۈر ئايال…
ئەركەكلەر ئالغان!
ئەركەكلەر ھۇررا!
ئاپئار ھور ئارىسىدا
بىلجىرلىغان ئاياللار.
يېقىن يالىڭاچلىق،
ئۇياتچان ئەر،
سۇ تامچىسى
ساقىپ تۇرغان
پاچاقلار…
نەم چاچلار،
مەزىلىك تەر پۇرىقى،
ئېگىز-ئېگىز ئەمچەكلەر،
مۇجۇپ-مۇجۇپ
ئېزىۋەتسەڭ،
قوش تۇخۇمىنى،
ئېزىۋەتسەڭ،
سۇيۇق ئاپتور كىتابتىن يازغان
ئەڭ چىرايلىق قىز پېرسوناژنى
ئەرگە تېگەي دېگەندە.
ئۆلتۈرىۋەتسەڭ سەن، تونۇش ئايال
بەش ياشلىق ئەر سۇنغان كەمپۈتنى
ساللاقلەرچە ئېلىپ يېگەندە،
ئۆلتۈرىۋەتسەك ھەممە كوچىدا
ساڭا بويسۇنمىغان بەدبەختنى،
ئۆلتۈرىۋەتسەڭ لىق بىر پويىزدا
ئاياللاردىن باشقا ھەر خەقنى،
ئۆلتۈرىۋەتسەڭ
ئۆلتۈرىۋەتسەك ھاياجان بىلەن…

ئايال-
ئەركەكلەرنىڭ ئۆلۈم مەيدانى

ئايال-
ئەرنىڭ يېنىدا ياتقان
سۈت ئچىىشكە ئامراق
ئوماق بىر مۈشۈك

ئايال-
بىنالارنى قاپلىغان
دېرىزىسىز غېرىبلىق

ئايال-
ئالەم بىنا بولغان شۇ كۈنى
تۇنجى ئەرنىڭ بالىياتقۇسى

ئايال-
يىلان بېشى چاقنىغان ئەلدىن
جاقان ئولجا ئالغان جانلىق مال

ئايال-
بوسۇنغۇچى خەلقلەر
تەڭرىقۇتقا سوۋغا قىلغان مەلىكە.

ئايال-
كۈچتۈڭگۈر ئەر قەبىلىنى
بارا-بارا قۇل قىلغان
رەسمىي ئايال.

ئايال-
چۈشكۈنلەشكەن ئەر

ئايال-
ئويغانغان ئەرنىڭ
تومۇرىدا ھۆركىرىگەن شىر .

ئايال-
سەن بىلمەيسەن، بىلمەيسە
سەن بىلمەيسەن ئەر دىگەن نىمە.

ئەر-
مەڭگۈ بىر ئايالنىڭ كىچىك بالىسى.

ئەر-
يالغۇز قالغاندا
نىيىتىنى بۇزۇلۇپ قاراپ قالغۇچى
چاك كەتكەن تامغا.

ئەر-
مىنىۋېلىپ ئۈستىگە ئاتنىڭ
ئوتلۇق، پىنھان شاھەرلەرگە
بېسىپ كىرگۈچى.

ئەر-
گويا تەننى بېسۋالغاندەك
زېمىنلارنى بېسپ ئالغۇچى .

ئەر-
قان تۆكۈشتىن ھاياجانلىنىپ
ئۆلۈملەردىن لەززەت ئالغۇچى .

ئەر-
نەيزسىنى ئوينىتىپ
ئاياللار دۆلىتىگە
يېتىپ بارغۇچى.

ئەر _
ئايال خاقانى
ئايال خەلقنى
ئايال يېزىقنى كۆرۈپ
بوشاپ قالغۇچى.

ئەر _
ئاياللارنىڭ دىنىدا
بالياتقۇ ياساپ چىققۇچى
مىڭ ئۆي ئۇستىسى.
ئەر _
دنغا كىرىش مۇراسىمىدا
توپ_توپ خەتنە قىلىنغان خەلق،
ئات ئۈستىدە روھى سۇنغان سەرگەردە
جەڭگىۋارلىقى يوقالغان لەشكەر
مەن ئەمدى ئەر ئەمەس دەپ، ئويلڭغان ئەر.

چۈشكۈنلەشكەن ئەر
تەسەللىگە موھتاج بولغاندا
سىيلاپ تۇرسا بېشىنى ئايال
يوقاپ كېتەر ئەمدى ئېھتمال.

ئەر خورلىسا بىر ئايال مۇبادا
بىردىنلا غەزپى قاينىغان بۇقا.

ئەر_ئايال تولۇق بىلپ يەتمىگەن
مەڭگۈ ئۆچۈپ قالمايدىغان ئوت
ئوت كەتتى ئوت !
ئوت كەتكەن چاغدا  
ھەي ئاياللار، ئامال يوق ئەسلا.
ئامال يوق ئەمدى
ئەرلەر شەھىرىدىكى ئايال پادىشاھ،
ئۆلۈمگە تولغان قىزغىن تەپەككۈر،
ئالەمگە تۇتاشقان جىنسىي بار كوچا.

كوچا قانۇنى
ئەتىگەنلىك گېزىت
ئەينەك غېرىپلىق
مەنسەپكە تەيىنلەش
غۇۋا قىرغىنچىلىق
تام سائەتىنىڭ سائەت توققۇزدىن
ساختىپەزلەرچە بەش ئۆتۈشى
مەنىسى مەخپىي جۈمىلىلەر
سولانغان توپ_توپ ھەرىپلەر
قانغا بويالغان ئامبۇردەك يېزىق
قىيىن قىستاققا ئېلىنغان تاۋۇش
باسمىخانا
سۇيۇق ئەتىرگۈل
تول ئورۇندۇق
نگوياكى نامەلۇم ئوكۇل ئۇرۇلۇپ
ساراڭغا ئايلانغان مەنىلەر تۇلۇق.
باسما زاۋۇتى
ھەرىپلەر توپ_توپ
مەجبۇرلانغان كىشلەر
قۇياشنىڭ ئىسمى ئاستىدا  
گويا ئاپئاق مامكاپلاردەك
قۇرۇتۇلغان كىشلەر
تۇرپان مۇزېيىدىكى يالغانچى جەسەت

ئۆلۈكلەرنىڭ ئوردىسىدىكى
ناتۇنۇش ئادەمدۇر پەقەت.
تام سائەتنى سائەت توققۇزدىن
ۋارقىرىغاندەك ئاتمىش ئۆتۈشى.
چۈش كۆرگۈدەك لايىھىلەنمىگەن
بويتاق ئەرنىڭ ياتىقى.
چۈش
چۈش كۆرۈشكە ئامراق ئەر ئۈچۈن
دائىم ئوچۇق پاھىشخانىدۇر.
چاقنار چۈشنىڭ دېرىزىسىدىن
ھاسىرىغان بىر ئايال بىلەن
ئۆلگەن بۇقا تېرىسى.
ھوجرامدىكى قاراڭغۇلۇقتا
سىمسىز غېرىبلىق
پۇشۇلدىماقتا،
مېنىىڭ ھوجرام مېنىڭ ئەمەس.
مېنىڭ ھوجرام سېنىڭ ئەمەس.
مېنىڭ ھوجرام كېچە ئەمەس.
سىلەپە ئەمەس،
بالىياتقۇ ئەمەس،
شارقىراتما ئامەس،
تۈرمە ئەمەس مەنلا سولانغان.
مەنىسىزلىك.
كۈلدان.
ئۆلۈم قىزغىنلىقى قاپلىغان
ئەركەك شەھەر.
غېرىبلىق.
توپ-توپ قۇشلارنىڭ،
مەخپىي سىزىقلىرى ئىچىدە،
يىغلاپ سالغان بوۋاقلارنىڭ
پېچەتلەنگەن ئاغزى ئىچىدە،
يىغلاپ سالغان بوۋاقلارنىڭ
پېچەتلەنگەن ئاغزى ئىچىدە،
كۆچمەنلەرنىڭ پەلەمپەيلىرىدىن
خۇشال چۈشۈشلىرى ئىچىدە
ئەينەك ئۆيلەردىكى پايانسىز
سۇنۇش تەنھالىقى ئىچىدە،
《دىققەت
بۇ ئۆي ئەمەس!》
دېگەن خەت
تاملىرىغا چاپلاپ قويۇلغان
قورقۇنچلۇق ئۆيلەر ئىچىدە،
چاشقاندىن قورقۇش كېسىلى بىلەن
ئاھالىلىرى ئۆلۈۋاتقان
شەھەر ئىچىدە،
ئازابلانماسلىق
ئۆرپ-ئادەتكە ئايلاندۇرۇلغان
ئۇلۇغ قەبىلىنىڭ ئىچىدە،
داۋاملاشماقتا…


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسمەتۇللاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:04  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:22 , Processed in 0.046767 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش