يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ماھىتابان

ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى 100پارچە نادىر شېئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 09:10:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش

( ئىليار بەختىيار )

يىغىپ يۈرگەن دۇنياسىنى تويغا دەپ،
تۆكۈۋىتىدۇ مىھمان كەلدى ئۆيگە دەپ.
دىسەڭ ئەگەر چۈشەنمەستىن: بۇ قانداق؟
بىلىپ قويغىن، ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق.

ئۇيغۇرلارنىڭ قولى ئالتۇن، كۆڭلى گۈل،
باغ-باراقسان ئۇلار تۇرغان دەشتى - چۆل.
دوستقا دېگەن مىھرى ئوچۇق، كۆڭلى ئاق،
بىلىپ قويغىن، ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق.

ئەتە-ئاخشام ئىشىكىنى ئىلمايدۇ،
قۇلۇپ سالماس، قىزغىنىشنى بىلمەيدۇ.
چۈشەنمەستىن دىسەڭ ئەگەر: بۇ قانداق؟
بىلىپ قويغىن، ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق.

كۆچەت تىكىپ، سايە بولسۇن دەيدۇ ئۇ،
ئۇ سايىدا ئۆزى ئولتۇرسا مەيلىغۇ.
دوست - بۇرادەر كۆڭلى تويسا شۇ باغقا،
مەن قاتارغا قوشۇلدۇم دەر شۇ ۋاقتا.

قايغۇ چۈشسە تەڭ بۆلۈشۈپ ئالىدۇ،
بىرسى كۈلسە، ئۇنىڭ كۆڭلى قانىدۇ.
قېرىنداشتىن ئارتۇق كۆرۈپ خوشنىنى،
ئاتىسىدەك تىڭشايدۇ يار - دوستىنى.

جاپارىڭمۇ؟ ئۇ جاپادىن قورقمايدۇ،
ئاغرىپ قالساڭ ئەڭ ئاۋال شۇ يوقلايدۇ.
دەردىڭ بولسا ئالىدۇ تەڭ بۆلۈشۈپ،
شاتلىق كۈنى ئولتۇرىدۇ كۈلۈشۈپ.

ناخشا - سازسىز، مەشرەپسىز ئۇ يۈرمەيدۇ،
سەن كۈلمىسەڭ، ئۇ ئېچىلىپ كۈلمەيدۇ.
سەن ئېگىلسەڭ، ئۇ سۇنىدۇ سەن ئۈچۈن،
ھە، سەن سۇنساڭ ئۇ ئۆلىدۇ سەن ئۈچۈن.

ئۇيغۇر دېگەن ياخشىلىققا يارالغان،
بىلىم - ئىلمى جاھانغىمۇ تارالغان،
ئوق ئورنىدا ھەمىشەم گۈل ئۈنسۇن دەپ.
ئەمگەك قىلار ئىنسان ئامان بولسۇن! دەپ.


Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 09:14:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەكلىماكان


( دىلمۇرات تەلئەت )
ئازابلىق ۋە لىكىن ياش تۆكمەس زېمىن،
ئۆچمىگەن ھاياتلىق سەندە ئەزەلدىن.
ياڭرايدۇ كولدۇرما كۆپۈك چۆللەردە
غۇۋا بىر ئەسلىمە بېرىپ قەدىمدىن.

شاماللار ئەۋجىدە بالقىيدۇ ئۆلۈم،
توغراقلار بەستىدە ئۈمىد ۋە كۆرۈم.
كۆزلىرى چەكچەيگەن لەكمىڭ ئۆلۈكلەر،
قارىسام ئۇلارغا غەش بولۇر كۆڭلۈم.

مۇڭلىنىپ ئاقىدۇ قەدىمىي تارىم،
تەشۋىشلىك لوپنۇرغا توۋلار بېتىنىم:
قورقما ناتونۇش، قوپال تۇرقۇمدىن،
كۈچلۈك ئەل يۈرىكى مېنىڭ يۈرىكىم.

بۇ يەردىن كەچمىشتۇر بىپاك ئۆسەكلەر،
ھەم جەسۇر قەسەملەر، تالماس تىلەكلەر.
تۆگىلەر ئۈن - تىنسىز، كۆزىگە زورلار،
نادان سودىگەرلەر پايدىنى كۆزلەر.

قىزىل چاچ ئالۋاستى تۇرار غەربتە،
قامچىسى تارسىلداپ تېگەر شەرققە.
بەتلەنگەن ساناقسىز رەھىمسىز ياراغ
ئەركەكلىك ئۇرغىغان جەسۇر يۈرەككە.

قاراقچى كېمىدىن چىقىپ شەرقتە،
قىر - چاپقا باردى شەرقىي دىيار غەربىگە.
قانلىق تون كىيگەنچە پاتتى كەچكى كۈن،
تەڭرىتاغ قارانچۇق بۇ قانسىز تەنگە.

سوقماقتا ئىزغىرىن يالىڭاچ جىسمىڭ،
ۋە لېكىن ئەزەلدىن يوقتۇر كىيىمىڭ.
تۈن كېچە ئۆزىچە خۇش بولۇپ كۈلەر،
سۆيۈپ شۇ گىرىمسىز، توزانلىق مەڭزىڭ.

غىلىلدار قۇم كىرگەن كۆزۈڭ ئايدىڭدا،
ياش تۆكەر تىنىمسىز قەلىمىم بۇندا.
يۇلتۇزلار ئىشەنچىڭ كۆرۈپ كەلگەندەك
بولىدۇ مەن يازغان تەكلىماكانغا


Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 08:54:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن ئاق بايراق ئەمەس


     ( ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر )


كۈمۈش كەبى يالتىراق،
مەرۋايىتتەك پارقىراق.
بىر چوقا بار ئاسمانغا مەغرۇر بېشى تاقاشقان،
ئۇنىڭ ئېتى خانتەڭرى، تىيانشانغا جايلاشقان.

مەشرىقتىن چىقسا ئاپتاپ،
ھەممىدىن ئاۋۋال باشلاپ،
شۇ چوققىنى سۆيىدۇ مەڭزىگە يېقىپ مەڭزىن،
ئۆتۈپ ئۇنىڭ قېشىدىن، غەربكە ماڭار ئاندىن.

كېچە بولسا تولۇن ئاي،
ئۆتمەيدۇ ئۇندىن قونماي.
يەتتە يۇلتۇز ھەم ھۇكەر، زۇھەل بىلەن مۇشتىرى
ئۇنى يوقلاپ ئۆتىدۇ تەزىم قىلىپ ھەر بىرى.

ئېرىمەيدۇ، قىش - يېزى،
ئاق شايىدەك قار - مۇزى.
كۆكرىكىگە تاقاقلىق تەبىئەتنى ئەكسى -
تاشنى يېرىپ چىققان ئۇ مۆجىزە قار لەيلىسى.

شۇڭلاشقىمۇ بۇ چوقا
بەزى بولۇپ ھۆرلىقا.
كۆرىنىدۇ كۆزلەرگە ئاق ئېچىلغان گۈل كەبى،
ياكى باھار كۈنلىرى ئاققۇ قونغان كۆل كەبى.
2
بۇ بىلمەي بىر جاناب،
خانتەڭرىگە بىر قاراپ،
دەپ تاشلىدى: «بۇ چوقا يىراقتىن قارىماققا -
ئوخشايدىكەن ئەل بولغان قۇشۇن تۇتقان بايراققا».
3
خانتەڭرى بۇنى ئاڭلاپ،
كۈلۈۋەتتى قاقاقلاپ.
دېدى: نەدە چوڭ بولغان بېشى قاپاق جانابسىز،
قۇلاق سېلىڭ، قالمىغاي بۇ گېپىڭىز جاۋابسىز.
دەرۋەقە، ئاق مەن ئۆزۈم،
ساقال- چېچىم ھەم يۈزۈم.
لېكىن ھەرگىز ئەمەسمەن سىز ئېيتقاندەك ئاق بايراق،
تەبىئىتىم - مىجەزىم ئاق بايراقتىن بەك يىراق.
ئادەم ئاتا ھەم ھاۋا
جەننەتتىن چىققان چاغدا،
تۇنجى تۇغۇلغان ئوغلى مەن ئىدىم بۇ زېمىندە،
بوز ئېچىپ، ئۇرۇق چاچقان يېشىل ۋادى تېرىمدە.
نوھنىڭ كېمىسى توپاندا،
يول تاپالماي ئازغاندا،
ئاغزىمغا زەيتۇن چىشلەپ بارغان كەپتەر مەن ئىدىم،
ھاياتلىقنىڭ نىشانى - ئاشۇ جەۋەر مەن ئىدىم.
قوش مۇڭگۈزلۈك ئىسكەندەر
باشلاپ كەلگەندە خەتەر،
ئۇنىڭ ئۆتەر يولىنى توسۇپ قويغان مەن ئىدىم،
شەرقلىقنىڭ كۈچىنى تۇنۇتۇپ قويغان مەن ئىدىم.
يىپەك يۈكلىگەن كارۋان
قوڭغۇراق جاراڭلاتقان
ئاشۇ قەدىم يوللاردا ھەم قورۇقچى - پاسىبان،
ئاش - تۇز بېرىپ كارۋانغا ھەم بولغانتىم ساھىبخان.
ئەي جانابى مۆھتەرەم،
بېلىپ قويۇڭ شۇنى ھەم.
تارىخ دېگەن كىتابنىڭ خېتى مەندە پۈتۈلگەن،
نى - نى چېگىش تۈگۈنلەر مېنىڭ بىلەن يېشىلگەن.
قەغەز، كومپاس، مەتبەئە،
دورا دېگەن مۆجىزە
مەندىن ئۆتۈپ جاھانغا تارالغان ھەم كېڭەيگەن،
مەدەنىيەت بۆشۈكىن ئۆز قولۇمدا تەۋرەتكەن.
4
دېمەك، تا ئەلمىساقتىن -
بېرى بارمەن ئۇزاقتىن،
شۇڭا بېشىم ئاقارغان، ھەتتا كەيگەن تونۇم ئاق،
لېكىن ئۆزۈم ئەمەسمەن سىز ئېيتقاندەك ئاق بايراق.
بۇ ھۆر زېمىن ۋەتىنىم،
ئاڭا باغلىق جان - تېىنىم.
چاچ - ساقالنىڭ ئاقلىقى - تارىخ قەسىرىنىڭ ئۇلى،
كۆككە تاقاشقان بېشىم شۇ ۋەتەننىڭ سىمۋولى.
قارا بۇلۇت توسسىمۇ،
چاقماق كېلىپ سوقسىمۇ.
ئېگىلمەستىن بۇ بېشىم مەغرۇر تۇردى ھەممە ۋاق،
قانداق قىلىپ مەن ئەمدى بولۇپ قالاي ئاق بايراق،
قەلبىم قىزىق چوغ تۇرۇپ،
قىزىل تۇغنى كۆتۈرۈپ.
كېتىۋاتسام مەردانە ناخشام غالىپ، ياڭغىراق،
قايسى يۈزىڭىز بىلەن مېنى دەيسىز ئاق بايراق


Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 08:58:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانا
بۇغدا ئابدۇللا

توقسانغا ئۇلاشتى،
كۆزى خىرەلەشتى.
تۇنىمايدۇ گاھىدا سېنى،
سېنى چاقىرماقچى بۇلۇپ،
چاقىرىدۇ باشقا بىرىنى،
باشقا بىرىنى چاقىرغاندەك.
توقسان ياز،
توقسان كۈز،
توقسان قىش،
توقسان ئەتىياز،
ئۆتۈپ كەتتى
ماڭلىيىغا ئىز سېلىپ،
ئۆتۈپ كەتتى سۇدەك
ئەمدى،
تېتىكلىگى يوق
بۇرۇنقىدەك.
كۆرپىدە ياتار،
ئىشىككە قارار.
سەن كەلمىسەڭ بىر كۈن
كۆڭلى يېرىم بولار،
كۆزگە ياش ئالار،
كىچىك بالىدەك.
ھەي !
جاھاننى ياشاپ تۈگۈتۈپ قويدى،
ئەمدى مېھماندەك !
كۆڭۈل نازۇك نەرسە،
كۆتۈرەلمەس گەپنى
سۇ - مىسقال تۆمۈرنى كۆتۈرەلمىگەندەك.
شۇڭا
تاشلىما ئۇنى،
ئۇنىتما ئۇنى.
يوقلا !
تاتلىق بىلەن !
ئاچچىق - چۈچۈك بىلەن !
ھالداش،
مۇڭداش،
ئوغلى بولمىسا ئوغلى بول !
قىزى بولمىسا قىزى بول !
يۇيۇپ قوي،
چاچلىرىنى تاراپ قوي.
دۈمبىسىنى سىلاپ قوي،
پۇتىنى تۇتۇپ قوي،
شۇنداق قىلساڭمۇ
بىر كېچە بەرگەن سۈتى ھەققىنى
تۆلىيەلمەيسەن،
بۇلۇپ پايپېتەك !
ئۇ بولمىسا
سەن قېنى ؟!
مەن قېنى ؟!
توققۇز ئاي
توققۇز كۈن
توققۇز سائەت
توققۇز دەقىقە
كۆتۈرگەن بىزنى قورسىقىدا.
ئاش ئېتىپ،
نان يېقىپ
كىر يۇيۇپ. ....
يول يۈرۈپ،
جاھان لەرزىگە كەلگەن تولغىقىدا. ....
چاقماق چاققاندەك بوران گۈركىرگەندەك !
بىز
ئۇنىڭ بەختى،
ئارزۇسى ئىدۇق.
بۈگۈنى،
ئەتىسى ئىدۇق.
بىز !
ئۇنىڭ قايتا تۇغۇلىشى ئىدۇق.
ئوغۇل بولۇپ،
قىز بولۇپ،
بىز !
ئۇنىڭغا ئوخشىدۇق ؛
كۆزىمىز ئوخشار،
قېشىمىز ئوخشار،
بۇرنىمىز ئوخشار،
ئاغزىمىز ئوخشار،
گۈل - گۈلىگە ئوخشىغاندەك.
كۆز نۇرىمىز،
قارا چېچىمىز،
قېنىمىز
ئۇنىڭ ئىدى، ئۇنىڭ. ...
خۇددى سۇنىڭ بېشى بولغىنىدەك.
ئىنسان
ھەم ئەقىللىق بولار،
ھەم نادان.
كۆيەر بالىسىغا كۆيمەس ئانىسىغا،
ئانا كۆيەر بالىسىغىلا :
سېنى ئاسماندا ئۇچسا دەيدۇ،
دېڭىزغا شۇڭغۇسا دەيدۇ.
تۆھپەڭنى كۆرۈ شنى تىلەيدۇ
شەيخ جەينامازدا تىكىلىگەندەك.
تاپسا
بىر تال كەمپۈت،
بىر تال ئالما،
گېلىدىن ئۆتمەس،
يالغۇز يىگىسى كەلمەس
سېنى يەۋەلسۇن دەيدۇ،
سېنى ئورۇقلاپ قالمىسۇن دەيدۇ،
كەپتەر باچكىسىنى ئاسرىغاندەك.
توقسانغا ئۇلاشتى،
قۇلىقى ئېغىرلاشتى،
چىشى چۈشكەن،
بېلى ئېگىلگەن،
بېشى ئاغرىيدۇ
پۈتى سىرقىرايدۇ. ...
لېكىن،
تۇرغۇسى كېلەر،
يۈرگۈسى كېلەر،
ھاسىسىنى تاشلىغۇسى كېلەر،
يۈگۈرگۈسى كېلەر ياش - قىرانلاردەك.
يەر ئايلىنار،
ۋاقىت ئۇچار.
بۈگۈننىڭ بوسۇغىسىدا
ئەتە ساقلاپ تۇرار.
شۇنداق
قېرىيدۇ بارچە :
ئادەممۇ،
دەرەخمۇ
قۇشلارمۇ....



[ ayqiz بۇ يازمىنى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 18:46  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 5Rank: 5

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 08:59:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم !
ئايقىزنىڭ بۇ سەھىپىدىكى مۇشۇ تىمىسىدا تۇرغۇن ئەسەرلەر يوللىنىپ بولغانتىغۇ ؟ يەنە نۇرغۇن تېمىلار يوق ، بۇ نىمە سەۋەپلىك مەرۋەرى ؟؟؟
دىدار غەنىمەت ئايقىز جانىم ، بىر كۆرۈشمەك بەكلا تەسكە توختىدىغۇ بىزگە ؟؟؟ :'( :'(

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 10:08:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماھىتابان :

بۇ بەك ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ......مۈمكىن بولسا مەرۋەرى خانىم ئېيتقىنىدەك بۇ <100گۆھەر> نى بۇ يەرگە يىغىۋالساق بولغۇدەك .


تۈگىمەس ناخشا



ھەر ئاخشىمى ناخشا ئېيتىمەن،
شۇ كوچىدىن ئەگىپ كېتەلمەي.
بىر پەللىنى كۆزلەپ ماڭىمەن،
ئاۋارىمەن تېخى يېتەلمەي.

بۈگۈن ئاخشام ئۆتكەندىم يەنە،
ناخشام بىلەن دېرىزە چىكىپ.
قەيەردىندۇر ئىشىك غىچىرلاپ،
كايىپ كەتتى بىر بوۋاي چىقىپ.

"ھەر كۈن ئاخشام ناخشا ئېيتىسەن،
ساراڭمۇ سەن، ئوڭشالمايدىغان؟!
يا ئادەمگە ئۇيقۇ بەرمەيسەن،
قانداق ناخشا بۇ، تۈگىمەيدىغان؟"

"كايىما بوۋاي، سەنمۇ بىر چاغدا
ياش ئىدىڭغۇ ئۇخلىمايدىغان.
سەنمۇ ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن
شۇنداق ناخشا بۇ، تۈگىمەيدىغان."

ئاپتورى تېيىپچان ئىليوف.




Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 18:38:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   چىللاڭ خورىزىم، چىللاڭ



( ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر )

نىم دىگەن ئۇزۇن كېچە،  ئەجەپمۇ تاڭ ئاتماي قالدى،
چىللاڭ خورىزىم،  چىللاڭ، تاڭغا قاراپ كۆزىم تالدى.

چىللاڭ خورىزىم،  چىللاڭ،  ئۇخلاق جاھانىم ئويغانسۇن،
مېنى تاشلاپ ئۇخلىغان گۈلى رەيھانىم ئويغانسۇن.

چىللاڭ خورىزىم،  چىللاڭ،  يارنى چىللاپ ئويغىتىڭ،
يۈزىگە قانات يېيىپ،  ئاستا سىپاپ ئويغى تىڭ.

ئاچسا يارىم كىرپىكىنى يەنە ئۇيقۇ باسمىسۇن،
ئۇيقۇ بىرلە مەن غېرىپنى مەڭگۈ تاشلاپ ئەتمىسۇن.

چىللاڭ خورىزىم،  چىللاڭ،  تاڭ ئاتىدۇ دەپ چىللاڭ،
تاڭ ئالدىدا يارىڭىز سىزنى كۈتىدۇ دەپ چىللاڭ.

چىللاڭ خورىزىم،  چىللاڭ، چىللاڭ ئۇ گۈلۈستانغا،
يارىم ئويغانسا خەۋەر بېرىڭ مەن باغرى قانغا.

.

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 18:42:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيخورلار مارشى
تۇرسۇنبەگ ئىبىراھىم تايماس


قورال قىلىپ چوكىنى،  بومبا قىلىپ شېشىنى،  رومكا بىلەن ئاتىمىز،
ئاكوپ قىلىپ ئېرىقنى،  تولدۇرالماي يېرىقنى،  يول بويىدا ياتىمىز.  

نەدە قانداق ئوق تەگدى،  كىملەرگە گۆش لوق تەگدى ؟ ئويلاپ غەمگە پاتىمىز،
تاشلاپ ئاخىر غەملەرنى،  ئىزدەپ شۇ دەم « كەم » لەرنى،  قاۋاققىلا چاپىمىز.  

قۇلاق سالماي ئەرزگە،  پەرۋا قىلماي قەرزگە،  ناشتىغىلا قاقىمىز،  
بىر ئىستاكان مەي بىلەن ( بەزى قۇرۇق قەي بىلەن )«چىشى » نىمۇ چاقىمىز.  

قايتا جەڭگە كىرەلمەي،  تۈز يوللاردا يۈرەلمەي،  يەنە«ئاكوپ»تاپىمىز،
ئاكوپتا بىر ياتقانچە ( بىر ئىستاكان ئاتقانچە ) پولات بولۇپ قاتىمىز.  

( باشقىلاردەك بېلى بوش،  بوينى يۇمشاق چالا گۆش ) ئەمەس ئۇنداق لاتا بىز !
پىرىمىز بار ھەييامدەك،  كۆڭلى باھار ئەييامدەك،  شۇنداق ئۇلۇغ زاتىمىز.  
  
زاتىمىزدىن تانماستىن،  مەيگە مەڭگۈ قانماستىن ھەتتا جاننى ساتىمىز،
كىم ئالايسا بىزلەرگە،  جاكادۇر بۇ سىزلەرگە،  تاناۋىنى تارتىمىز !
بىلسىڭىز دەل شۇڭلاشقا ( سىزدەكلەرنى ئوڭلاشقا ) مانا ئىچىۋاتىمىز. ....

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 09:16:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا


( ئادىل تۇنىياز )

قۇياش ماڭا كۆتۈرەرمۇ تىغ،
سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا.
سەن ھەققىدە بېرەرمۇ سۆزلەپ،
پورەكلىگەن گۈللەر باھاردا.

سۇ ئۇسقىلى چىقساڭ تالاغا،
يۇتۇۋالماق بولرمۇ بېلىق.
كۆرۈپ قالسا سېنى ئاھۇلار،
جان بېرەرمۇ تارتمايلا تېنىق.

زىناقلىرىڭ ئېچىلسا گۈل-گۈل،
كۆمۈلەرمۇ گۈللەرگە ئالەم؟
چاچلىرىڭنى يايساڭ دېڭىزدەك
تاڭ ئاتارمۇ بۇندا ئەي لالەم.

چۈشلىرىمگە سىغماي كۆزلىرىڭ،
چۆكتۈرەرمۇ تاشقىنلاپ مېنى.
كۆرۈپ قالسا يەپ كېتەرمۇ ئاي،
كۆزلىرىڭنىڭ چوقۇپ ئېقىنى.

كۈيلەشمەكتە تېنىق يۇلتۇزلار،
ئاي بىلەن كۈن سۆيۈشكەن چېغى.
بارمىقىڭنى ئويناپ ئولتۇرۇپ،
مۇڭداشمىدىم قانغۇدەك تېخى.




قاقشال كاككۇك گۈلى تۈۋىدە
ھەر باھاردا ساقلىدىم سېنى.
يۈرىكىڭگە ياتسام باش قويۇپ،
چۈشلىرىڭدىن ھەيدەمسەن مېنى...؟

قۇياش ماڭا كۆتۈرەرمۇ تىغ،
سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا.
سورىساممەن ئىسمىڭنى چوقۇم ،
ئاسمان-زېمىن بېرىدۇ سادا.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 09:23:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايقىز ھەدە جاپا چەكتىڭىز، ئالدىنقى قېتىممۇ شۇنداق ئەستايدىللىق بىلەن يوللاپ بولغاندا تور تاقىلىپ قالغان، بۇ قېتىم ئۇنداق بولمىغاي ئىلاھىم!

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى 22:54 , Processed in 0.143739 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش