يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ماھىتابان

ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى 100پارچە نادىر شېئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
44 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
60
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 18:48:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                    بىلىم ئىشقىدا
                                  ئاپتورى (نىمشىھىت)
جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق،
بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار - يوق.
قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش،
ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ،  سېنى تاشلايدۇ. ھېچ ئار يوق.
كىرىڭ  كەينىگە نەپسىڭنىڭ  بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ،
بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر، ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق.
قۇلاق سالساڭ مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادى - ئاھىغا،
يۇتۇپ زەرداپ،  پىراقتىن داد دىمەكتىن باشقىچە زار يوق.
تەپەككۇر ئەيلىسەڭ ئىشقىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھەردەم،
قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى ھەم ئالەم كەبى تار يوق.
يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزلەپ جاھالەتكە ئەسىر بولغان،
خالايىق ئالدىدا يۈرسەم، مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق.
پاراغەت ئىزلىسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما.
سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق.
ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا،
قەيەرگە بارسا باش قاتماس، بىلىمدەك ئاڭا غەمخار يوق.
بىلىمسىز ساق تېنىڭ مەجرۇھ، ھەمىشە نالە - پەرياتتا،
جاھان ئىچرە بىلىمسىزنىڭ دىلىدەك ئەسكى بىمار يوق.
بىلىمگە ئاشىنا بولساڭ ئوقۇش ئىشقىدا  بۇلبۇل بول،
ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ياخشى گۈلزار يوق.
جاھاننىڭ  قايسى يوچۇق،  پۇچمىقىغا باش تىقىپ ياتساڭ،
بىلىم تارتىپ چىقار مەيدانغا، ھېچ بىر كىمگە ئەخبار يوق.
بىلىم روھىي ئوزۇق ئىنسان ھاياتىغا ئەگەر بىلسەڭ،
بىلىمنىڭ قەدرىنى بىلگۈچى ئۆلمەس، بۇڭا ئىنكار يوق.
چاپان ھۆرمەتلىرى ھېچ چاغ چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس،
كېتەر پۇلدىن يىغىلغان ھۆرمىتىڭ پۇل بىرلە،  ئەسرار يوق.
چاپان بىرلەن ئۆزۈڭنى پارقىراتساڭ بىر بوياقچىسەن،
بىلىم ئەسىرى بۈگۈن. سىرلىق چاپانلارغا خېرىدار يوق.
بۇلاردىن قولغا كەلگەن ئابرۇي جىننىڭ چۈشى ئوخشاش،
خىيالىي بۇ تىلەكتە سەن كەبىي باخشىغا جىندار يوق.
ئۈمىد قىلما پەلەك ھەرگىز سېنىڭ بەختىڭگە چۆرگۈلمەس،
بۈگۈن باي، ئەتە سەندەك ھېچ گاداي يوق، بەلكى قەرزدار يوق.
بىلىمدىن چەتتە كۆرگەن دۆلىتىڭ جاننىڭ جاپاسىدۇر،
جېنىغا جەۋرى قىلماققا بىلىمسىزدەك سىتەمكار يوق.
بىلىمدىن ھەممە ئىش روياپقا چىققان  بىر ئەسىردۇر بۇ،
بىلىش لازىمكى بۇ كۈندە  بىلىمسىزلەرگە  خۇشتار يوق.
بىلىمدىن باتىنىڭ نۇرلانمىسا، كۆڭلۈڭ قاراڭغۇ تۈن،
قۇياش نۇرىغا مۇنكىر شەپەرەڭلەرگە مەدەتكار يوق،
زېمىننى توپ قىلىپ ئويناشنى سەن چاقچاق، گۇمان قىلما.
ھەقىقەتتۇر بۈگۈن ھەر ئىش، كەمەكتەك جادۇ - ھەييار يوق.
ئەجەبلەنمە  بىلىم نۇرىدا نۇرلانسا كىشى كۆڭلى،
ئۇنىڭغا كۆكتە، سۇدا، تاغ، دېڭىزدا يۈرسە دىشۋار يوق.
بىلىملىك تاغنى باغ ئەيلەشتە ھېچ قانچە جاپا كۆرمەس،
بىلىمسىز قان يۇتار، نادان كىشىلەردەك جاپاكار يوق.
ئۆزۈڭنى نېمشېھىت ئۇشبۇ پىكىرگە ئەيلىگىن قۇربان،
بىلىمدىن رىشتە ئۈزگەنلەر كەبىي قاتتىق گۇناھكار يوق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hux_dil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:22  


Rank: 1

توردا
44 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
60
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:55:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                              ئىز
                    ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر
ياش ئىدىق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.

ئاز ئىدىق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.

قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشت-چۆللەردە قەۋرىسىز.

قەۋرىسىز قالدى دېمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل چېچەككە پۇركىنەر تاڭلا باھاردا قەۋرىمىز.

قالدى ئەل، قالدى مەنزىل، قالدى يىراقتا ھەممىسى،
چىقسا بوران كۆچسە قۇملار ھەچ كۆمۈلمەس ئىزىمىز.

توختىماس كارۋان يولىدىن، گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ھىچ بولمىسا بۇ ئىزىنى بىركۇن نەۋرىمىز يا چەۋرىمىز

Rank: 1

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:33:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ‹‹يىللارغا جاۋاپ›› دىگەن شئىېرى مەشھۇر100شىئېر قاتارىغا كىرمىدىمۇ؟مەن تاپالمىدىم-يا؟:o:o:o بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۇمبۇلە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:34  


بەكلا چارچىغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن !

Rank: 1

توردا
44 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
60
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 21:38:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
93-يىللارغا جاۋاب-----------------لۇتپۇللا مۇتەللىپ
بولسا بولغۇدەك!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:29:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللىغان ۋاقتى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 21:57
Going out of house

بۇ شېئىرىڭىزنى قايتا- قايتا ئوقۇۋەتتىم، ماڭا باشقىدىنلا ياراپ كەتتا بۇ شېئىر:P

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 21:13:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئېرلارنىڭ بىر قىسمىنى ئىلگىرى ئوقۇغانتىم ، بۇ قىتىم ئوقۇپ سىرتقا كەتكەن دوستلىرىم بىلەن كۆرۈشكەندەك بولدۇم .رەخمەت!  تورداشلار، بۇ   شىئېرلارنىڭ قالغانلىرىنىمۇ ئىزدەپ تاپايلى! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۇمبۇلە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 21:13  


بەكلا چارچىغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن !

Rank: 1

توردا
52 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
96
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:57:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېرىزەڭنى چېقىپ كىرىمەن

ئەسقەر داۋۇت


مەيلى لۈكچەك شائىر دە مېنى،
مەيلى يىرتقۇچ ياۋايى ئادەم.
دېرىزەڭنى چېقىپ كىرىمەن،
مەيلى قاتىل دىگىن پەرشتەم.

ھاجەت ئەمەس ئەمدى تەلمۈرۈش،
ۋە نادامەت يېشنى تۆكۈش.
ئىمكان يوقتۇر كۈتۈشكە قايتا،
ھاجەت ئەمەس قىلىش ئىلتىجا.

مەيلى لۈكچەك شائىر دە مېنى،
مەن ئاشۇنداق ۋەھشىي بەندىمەن.
سۆيگۈڭ مېنى قىلدى بىتاقەت،
دېرىزەڭنى چېقىپ كىرىمەن.

Rank: 1

توردا
52 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
96
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:58:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار ، ھەقىقى ئايال


ئايسىمە ئىدرىس

ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
ھەقىقى ئايال .

ئۇزۇن ئۆرۈم چاچلىرىم بىلەن،
چىمەن دوپپا كىيسەم چىرايلىق.
ئاماننىساخان نازۇكۇم،
رابىيەلەر كىيگەن كىيىمنى،
كىيىپ باقسام ئۇيغۇرغا لايىق .
جىلۋىلەنسە ئوسما قېشىمدا،
يىلىم ئوماق كۈلسە چېچىمدا،
چاچتەڭگىلەر جىرىڭلاتسام،
نازاكەتلىك سۆزلەر ئاچسام،
قوشاقلار تۆكۈلسە لىۋىمدىن،
داستانلار پۈتۈلسە تىلىمدىن.
تەھسىل قىلسام قانغىچە ئىلىم،
موزىكىغا لىق تولسا دىلىم .
تارىخ بىلەن چىڭ چىرمىشىپ،
تاپمىسام مەڭگۈ تىنىم .

ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
ھەقىقى ئايال .

تاختا - نوغۇچ كۈلسە مەن بىلەن،
قازان - قومۇچ كۈلسە مەن بىلەن،
تەملىك بولۇپ ئوخشىسا تاماق،
مەيلى ئىدىم ئوتۇن تەرسەممۇ .
ئوماققىنا باللىرىمنى ئەگەشتۈرۈپ،
مەيلى ئىدى چامغۇر يۇلساممۇ .
تۇزۇم كەملىسە،
قۇشنىلاردىن سورىسام ئازراق .
ھەققىگە
سۇنۇپ بەرسەم بىر قاچا تاماق -
ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئاش .
«ئايالىم ئەجەپ كۆيۈمچان »دەپ
ئېرىم قەلبىمنى كۆيدۈرسە،
ھاياجاندىن چىقسا ئوخچۇپ،
مەمنۇنلۇقتا كۆزلىرىمدىن ياش .
«ئانا،
ئاش
ئانا،
ئاش....»
«تۇزى سەل كەم،
تېتىپتۇ ئوتياش »
ئېھ، سۆيۈملۈك، سۆيۈملۈك-
سۆزلەر،
ئاياللىقىمنى تونۇتقان سۆزلەر،
مۇھەببەتكە باشلىغان سۆزلەر،
يۇرەكلەرنى ياشناتقان سۆزلەر ...

ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
ھەقىقى ئايال .

ئوغۇز سۈتى بىلەن ئوغلۇمنى،
كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدۇرۇش راھەت .
تامشىپ - تامشىپ ئەمسە سۈتۈمنى،
ساپساق ئىككى يىل،
ئۇ مەن ئۈچۈن بەخىت ھەم ئامەت .
ئانا سۈتى ئۇلۇغ - مۇقەددەس،
ئۇ بالىنى قىلار زەبەردەس .
ئانا ئۈچۈن بالا ئىمىتىش
ئۇ بىر پەرىز،
ئۇ بىر پەرىز،
بەس !
پەرىزلەرنىڭ ۋەزنى بەك ئېغىر،
ئۇ پەرزەنتنىڭ ھەققى،
داۋاسى .
پەرزەنىت بىلەن ئاتىلار« ئانا »
«ئانا ئۇلۇغ ئىنسان رەناسى »
ئاق سۈت ھالال،
ھالال سۈتۈمدە،
ئەقىل بەرسەم،
كۆچ قۇۋۋەت بەرسەم،
ئەدەپ - ئەخلاق ئۇرۇقلىرىنى
ئاق سۈت بىلەن قەلبىگە تەرسەم،
قىزىم بولسا شەرم - ھايالىق،
ئوغلۇم بولسا باتۇر مەنالىق،
«ئانا » دىگە ن سۆزگە مۇناسىپ
بولالىسام چىقاتتى ھاردىق .

ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
ھەقىقى ئايال .


چولپان بىلەن بەسلىشىپ،
سەھەر تۇرسام، بەك سەھەر،
ھويلا - ئارام ئۆيلەرنى،
تازىلىسام تېز - چەۋەر،
تەييارلىسام قىززىق چاي،
ئىچسەك بىللە ئولتۇرۇپ .
قوپالمىسا باللىرىم،
ئويغاتسام مەن كۈلدۈرۈپ،
گەر چىقمىسا دادىسى،
ئويغۇنالماي ئۇيقىدىن،
ئاستا كىرسەم يېنىغا،
پىچىرلىسام بەك شىرىن،
«تاڭ ئاتمىسا يېنىمدا
ئۇخلىساڭ ئەي ئامرىغىم،
سەھەر تۇرۇپ بۈگۈنمۇ،
ئىشلەپسەندە بىتىنىم .
جاپا تارتتىڭ بىز ئۈچۈن،
رەنجىمىگىن قىلچىمۇ،
مانا ھازىر چىقىمەن،
سوۋىغىچە چېيىممۇ »
جاپا نىمە بىلىنمەس،
يۈرەك تولۇپ سۆيگۈگە
ئىشقا ماڭسا ھەممىسى،
ئۇزاتسام مەن ئىشىكتە .

ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
ھەقىقى ئايال .

ئاي كۈلگەندە ئاسماندا،
چۆچەكلىرىم باشلانسا .
يۇلتۇزلارنىڭ قېشىغا،
پەرزەنتلىرىم ئاتلانسا .
ئۇچۇپ كەلسە پەرىشتە،
بەخىت گۈلى تەرگىلى .
«ئالتۇن كەش» نى قىزىمىز،
ئېلىپ قاچسا كەيگىلى .
يەنە «ئا،
ب،
س » نىمۇ
ئۇگەتسەمكەن ھەر كۈنى،
ھېساپ،
تارىخ،
تەبىئەت،
بىلسە مەندىن كۈن - تۈنى .
بولۇپ ئۆيدە مۇئەللىم ،
بىلمىگەننى بىلدۈرسەم،
بىلىم،
ئەقىل گۈلىنى،
يۈرىكىگە ئۈندۈرسەم .
تولسا ئىللىق ئۆيىمىز،
خوشال - قايناق كۈلكىگە .
دادىسىمۇ بەخىتنى
قاتار چاينىڭ مېھرىدىن
كېچەلىسەك ئىككىمىز .
ئىشىك ئوچۇق،
خاتىرجەم،
كىرسە ئۆيگە بالىمىز .

ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
ھەقىقى ئايال .

ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار،
مۇھەببەتكە مەڭىز ياققۇم بار،
يۈرىكىمنى بېرىپ ئۇزۈمگە ،
سۆيگۈدىن كۆپ مېغىز چاققۇم بار .
«ئانا » بولسام ئانىغا لايىق،
«ئايال » بولسام نازۇك - زىبالىق،
خىزمىتىمدە قازىنىپ ئۇتۇق ،
شان - شەرەپكە ئېرىشسەم لايىق .
قوغلاشمىسام خىيالىي ئامەت،
رېياللىقتا يۈرسەم داۋامەت،
مەنا ئىزدەپ ھايات يولىدىن،
جاپالارغا يوللىسام تاقەت .
ۋاقىت مىنى قوغلىسا تىنماي،
ئۆتسەم يىللار باغرىغا قانماي،
لوتپۇللادەك ئەتىكى كۈنگە

ئىرادىنى ئاتىسام تالاي .
تىرىشچانلىق قېيىقلىرىغا،
پەرزەنتىمنى بىللە چىقارسام .
پەزىلىتىم - ۋىژدانىم بىلەن،
ئاھ، ئۇلارنىڭ
يۈرىكىدە قايتا ياشارسام .

35-

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:56:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالغا تېشى
          داستان
    (بۇغدا ئابدۇللا)




               (1)
يۇلغۇننىڭ ناخشىسى ئاز ئەمەس،
كۆنۈك سادالار ئىچرە لەيلىمەس،
ئەركىلىتەر ئۆزىنى تۇقاي، ساھىلدا،
بىزارلىقتىن يىراق، غېرىچ چەتنىمەس.
رەڭلەر يوقاتسا بارغانچە بەلگىسىنى،
توزاندا بۇرۇقتۇم بولسا بۇ ئالەم،
ھەيھات، نېمە كۈچكىن ئۇنى ساقلىغان،
دەقىقىلەر ئۆلەر، ئۇ تىرىك ھەر دەم.
دىنوزاۋۇرلار قالدى قاياقتا،
غار ئاراتۇخۇملىرى پولتىيىپ قاتقان.
بىنەپشە رەڭلەر ئەسرار ئەلۋەتتە،
دېرەك ئالدىدا ئەمەس ئاغمىخان.
نىل ۋە دوناينىڭ كۆك شاۋقۇنىغا،
تەڭشىلىپ تۇرىدۇ تۇنجى مەرغۇلى.
ياۋايى ۋادىدا تۇغۇلغان رىسقى،
بوراندەك ئېچىلىپ بارىدۇ يولى.
مىلادى دەم تۇرۇشتىن بۇرۇن،
ئوتنى تېڭىپ كەلگەن باغرىغا.
ئۇ گىياھلارنىڭ پرومىتىسى،
چوللەر كىرىپ كەلگەن ئىختىيارىغا.
بوشلۇق ئىچىدە قايتماس ۋاقىت،
دەشت ھاياتى باش ۋە ئاخىرسىز.
تىرىكلىك ئۇرغۇيدۇ قىنىدا،
يارمايدۇ تاش ئۇرۇقمۇ روھسىز.
تەقدىرنىڭ سالغا تىشىغا،
ئوخشاپ قالىدۇ چۆل بىلەن ئىنسان.
ئۇنىڭدا بار يارىلىش، ئۇدۇم،
كەلدى ياشاپ مۆجىزىسىمان.
ئىنتىلىش كۈچى-تۇتىمىدىمۇ؟
سۆيۇنۇش كۈچى -يىلتىزىدىمۇ؟
ھاياتىي كۈچى-شور تۇپراقتىمۇ؟
بايلىق كۈچى ئوغلان-قىزدىمۇ؟
بەدەل، قىيماسلىق، ئۇنتۇلۇش،
ھالسىراش، سىغىنىش، كۈچەش.
ئەسلەش، سوزۇلۇش، ئۆرلەش .
كۆيۇش، تىڭىرقاش، تىرەجەش.

                (2)
مۇقەددەس دەرەخكە چىگىلگەن لاتا،
ئارزۇ-ئۇمىدنىڭ ياپراقچىسىدەك.
قوچقار مۈڭگۈزى شامالدا ئۆڭگەن،
ئەپسۇنسىز دۇنيانىڭ جاكارچىسىدەك.
قايتار ئادەملەر تۇغ-شادىغا،
روھ يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ قۇملۇقتا.
سەبىيلىكتىن باشلىنار نەپەس،
گۇلخان ئايلانغاندەك ئالتۇنغا ئوتتا.
كىچە، قۇملۇقنىڭ قاراڭغۇسىدا،
كېلىدۇ ياۋايى جەڭلەردىن سادا.
بۇ ئەقىلدىن غەيرى كۆرۈنۈش،
كۆرسەتمە خۇدا!
ساينىڭ تىشىدەك تۇرغان باش سۆڭەك،
مىڭ گەز كۆمۈلسىمۇ گۆھەر بولالماس.
بوراندا ئېچىلىپ كۆكلەيدۇ توپتەك،
(بەلكى شۇ بەلكى ئەمەس ئاداۋەت قىساس!)
بىر-بىرىگە سوقۇلار دەھشەت،
ھۇۋلاشنىڭ ئىچىدە چاچرار ئۇستىخان.
بۇ يۇلتۇز ئەمەس ئاققان،
بۇ ئەمەس يەكمۇ-يەك مەيدان.
بۇ تارىخنىڭ كۆلەڭگىسىمۇ؟
بۇ ئىنكارنىڭ خۇلاسىسىمۇ؟
بۇ تۆرىلىشنىڭ جازاسىمۇ؟
بۇ غالىبىيەتنىڭ تەنتەنىسىمۇ؟
بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ مېۋىسىمۇ؟
ھەممە كۆمۈلىدىكەن تەبىئەتكە،
ھەممە سىڭىدىكەن تەبىئەتكە.
ياتلىشىپ، داۋاملىشىپ،
ئۇلىشىدىكەن ئەبەدىيەتكە.
بوران توختار، جىمىيدۇ ھەممە،
ئاقار قوملۇق لايلانماي پاكىز.
يۇلغۇنلارنىڭ چۈشلىرىمۇ ئوڭ،
بۇلغىنىشنى بىلمەيدۇ ھەرگىز.
تەبىئىيلىك ماسلىققا چوپقەت،
بەلگىسىز يانتاققا ياققاندەك شىكەر.
كەم-كۆتىسى يوق يا ئارتۇقى،
جۇلالانغان ياقۇتتەك بۇ يەر.
مۈڭگۈزلەرنى مەشئەل قىلغان يۇرت،
رىۋايەتلىرى بىر ئالتۇن ئاچقۇچ.
ساقلانغان چىشلارنىڭ ئاراشلىرىدا،
يىڭىلانغاندەك خىمىرتۇرۇچ.
تىڭشا زىمىننى قۇلاق يىقىپ،
بايقىلىدۇ داپ ئارا رىتىم.
ھالسىز ئەمەس، تۇلپار يورغىسى،
كەمتۈك ئەمەس، بىجىرىم.
ياۋايى تاش ئۆڭكۈرلەر ئۆچكەن،
كۆرىنەر مىڭ ئۆيلەرنىڭ بويىقى ئارا.
كۆچەر ئاندىن كېيىكلەرنىڭ كۆزىگە،
نوھقا تۇتۇشىدۇ بارا-بارا.
ئۆتىدۇ ئۇ
مىڭ پاتمان كەتمەننىڭ كۆزىدىن،
ساپانلارنىڭ قۇلىقىدىن،
يالاڭ ئاياغلارنىڭ تىنىقىدىن.
ئۇلىشىپ تۇرىدۇ بىر ئۇچى،
بۇرۇجدىكى سەييارىنىڭ ئايلىنىشىغا.
قوغلىشىدۇ ئاۋازنى-ئاۋاز،
بىلىق ئاققاندەك سۇنىڭ بىشىغا.
پارقىراق كۇمۇتا، پەرۋانە ھەتتا.
شۇ سىزىقتىن ئەمەس تاشقىرى،
تومۇزغىنىڭ نەپىسى تىرىلەر،
شۇ ھىكمەتنى بىلگەندىن بېرى.
چوڭقۇر بىر سۈكۈت،
ئۇنىڭ ئىچىدە بىر سۈزۈك تامچە،
ئۆسۈپ-ئۆسكەندەك سەدەپتە.
بىباھا بولىدۇ بارغانچە.

             (3)
ئېقىن بويلىرىدا ئاۋۇدى كۈن -تۈن،
يېپىنىپ يۈرگىنى قوي تىرىسى،
ياۋايى توڭگۇزنى مىنەر كالىدەك،
ھايقىيىپ توۋلىغىنى مۇقام-ناخشىسى.
مۇقەددەسلىك تۇغۇلىدۇ نىمىدىن؟
يا قان-تەردىن،
يا خىسلەتنىڭ خاتىمىسىدىن،
يا ھاتەملەرنىڭ كۆكسىدىن.
سۇ-يورۇپ تۇرغان قاشتىشى،
دەشت-ئۇسساپ تۇرغان بىر قاپاق.
بوران ئۆرۈپ-چۆرىگۈچى،
ۋاقىت-پاختىسى ئۇچار بىر قامقاق.
قەدىم ئىزدا ئاقىدۇ تۇپراق،
قەدىم خۇشبۇيلۇق كەتمەيدۇ ئېرىپ.
يۈكسەكلىك بار خىياباندىمۇ،
كۆك قىياق ياشايدۇ مەغرۇرلىنىپ.
ئاققان، قوشۇلغان، يۇغۇرۇلغان،
تىكلەنگەن، ياشىغان، گۈمۈرۈلگەن.
تۇغۇلغان، سورىگەن، سۆرەلگەن،
تىرماشقان، قىر ئاشقان، نان يېگەن.
قارا قۇرۇمدىن-ئىدىقۇتقىچە،
خان سارايلىرى، ئىبادەتخانە
ئالتۇن مەبۇد ۋە ئالتۇن چىراغ،
بىلگەن راست دەر، بىلمىگەن ئەپسانە.
ئورخۇن ئاققان يىراق-يىراقتا،
تارىم دەريا ئاققان بۇ ياقتا،
تەڭرىتاغ بۈيۈك ئۇمۇرتقا،
بۆشۈك بىلەن ھەپىلەشكەن ئانا،
ئانا تىلنىڭ شەربەتلىرىدىن،
تامشىپ-تامشىپ ئالغاندا لەززەت،
دېڭىز بولۇتىدەك تۇرغان مىڭە
ئېچېلىپ ۋىلىقلاپ كۈلەتتى پەرزەنت.
ئاق ئارغىماق ئۈستىدە مەھمۇد،
ئارىلاپ يۈرگىنى يۇرت-قەۋىم.
پەي قەلەمدە قوناتتى سۆزلۈك،
چۈشەنچىلەر ئەمەس ھېچ مەۋھۇم.
قۇت»نى قوشار «بىلىك»كە يۈسۈپ،
كېلەچەك يىللارغا كىرىپ ئالدىدىن.
ئايىغىدا ئوتقاش پايانداز،
چاچقۇلار ئايلىنار ئۈستى-بىشىدىن.
بىرى مۇنەججىم-يۇلتۇز سانار،
بىرى كىمىياگەر،
بىرى مۇھەندىس،
بىرى مومياگەر.
قەدىم دىگەن سىرلىق بىر ئۇقۇم،
تەلەپ قىلماس ھېچ بىر ئىزاھات.
بەلكى قالغان يىلىكلەر ئارا،
كۈچى بىلەن ئىرغىيدۇ ھايات.
ياۋايىلىق قەدىمىيلىكمۇ؟
زامان بىسىپ كىلىدۇ ئىنسان.
ئۇ ئۆزىنى بىلەر ھەم بىلمەس،
خۇددى مۇجىمەل بىر تەبىرسىمان.
قالىدىكەن ئەپسۇس يەپ ئاخىر،
بۇ تۇغۇلۇش-ئۆلۈش ئارىسى.
قىزىرىپ ئۆچكەندەك تۆمۈر ئاتەش،
ھالىدىن كېتەر كۆزىنىڭ قارىسى.
يا جاۋاھىردىمۇ قىممەت؟
يا كىبىردىمۇ قىممەت؟
يا يالغاندىمۇ قىممەت؟
يا سىردىمۇ قىممەت؟
يۇمرانلىق تۇرىدۇ كۆكۈرۈپ،
خاتىرجەملىك كۆتۈرىدۇ باش.
ئوچۇقلۇق-يىللارغا بەرىكەت،
ئىزگۈ نىيەت-يول، قاياش.
تىلسىم ئۈستىدە ئۇچار لەيلەكلەر،
نىمىگىدۇ يېقىنلاشقاندەك،
كەكلىك ئىدىرغا سىڭەر بولغاندەك،
نىمىدىندۇر ئۇزاقلاشقاندەك.
خىزىر يۈرەرمىش چەت-ياقىدا،
كۆمەرمىش ئېچىلىپ قالسا زىمىن.
تۈلكە تۆشىكى بوپ كەتمىسۇن دەپ،
سەھەر-تاڭلاردا قىلارمىش ئامىن.
بۇ يەردە مەنزىلدىن-مەنزىلگە،
كۆچكەن يىلانلار ئىلگىرىلەپ.
گۈلدۈرلىگەن ئاۋازلار،
غەلىتە نەرسىنىڭ ساداسى.
لەرزىدە زىمىن-زامانە،
ماكان-ماكانە،
قورققان ئادەملەر دەرەختە،
تاڭ قېتىپ تۇرۇشقان سەھەرلەپ.
ئۇزاپ كەتكەن شۇ يوسۇن بىلەن،
سىرلىق غەلىتە ھەممە-ھەممىسى.
بۇ بىر قۇيۇنسىز قۇيۇن،
ۋاقىت-سائىتىنى بولمايدۇ بىلىپ.
تەبىئەت بىر مەۋھۇم تاردەك،
تۇرىدۇ ئەيتاۋۇر
تەڭشەكسىزلىك ئىچىدە تەڭشىلىپ.

                (4)
تۇن بويى توختىماي يىغىپ تۇردى قۇم،
(توشقان يىلى دەر بۇنى رىۋايەت)
كېتىك شەھىرى، سىپىل، قەلئەلەر،
رەستىلەر، خەزىنە، باغ-ۋاران پەقەت،
قالدى ۋەيرانلىق، قاراڭغۇلۇقتا،
مەسچىتلەر، مۇنارلار، گۈمبەزلەر،
ئۆيلەردە ئۆلۈكلەر قاتقان غارايىپ،
(شامالدا ئېچىلار بەزەن-بەزىلەر)
قۇشنىڭ بىشىغا كەلگەندەك ئەجەل،
چۆككەن بىر ھايات قالدى ئارقىدا.
ئامان قالغانلار كۆچتى جان ئىلىپ،
تاغلار كەل-كەل دەپ تۇردى شامالدا.
نىرىسىدا گۈرۈلدەيدۇ قۇم،
خىيال يەتمەس بىر تىلسىمات.
قاچان چۈشلەر قالدى قەيەردە،
ئىزدەپ قويىشار پات-پات.
ئىگىزلىكتە مىنگىشىپ تۇرغان،
زەدەۋال تاغ، تاش قوۋۇق تېغى.
نامسىز ئوتلار كەچكۈزگە ھۆسىن،
تۇلپارلارنىڭ قىزار تۇيىقى.
سۇ ئىلاھى قۇدرەت-كۈچىنى،
كۆرسىتىدۇ فىروزەسىمان.
لاچىن كۆڭلى ئۆسەر قىيادا،
قانىتىنى بۆلەيدۇ ئاسمان.


             (5)
تەكلىماكان-ئەمەس ياۋايى ئۇقۇم،
ئۆزىگە سىڭگەن نام سۇ تامچىسىدەك.
ئۆزىگە ياراشقان ئالتۇن تاجىدەك،
ۋەيا زەر باسقان دوپپىدەك.
قۇم -چېپىپ يۈرگەن ياۋايى تۆگە،
تۆگە-يەنە بىر سالغا تېشى،
بۇ يەر ئۈچۈن چۈشۈشى،
بۇ يەر ئۈچۈن كۆيۈپ-پىشىشى.
ئۇتتۇرۇش ئەمەس زۇۋانسىزلىقى،
چۆلدە يۈرگىنى ئەمەس غاپىللىقى.
ئىزىنى كۆمۈمەن دەيدۇ شاماللار،
باتۇرلىقى-جاھىللىقى،
ئۇ تىرىلىدۇ دەشتتىن،
ئات تىرىلگەندەك شامالدىن،
كالا تىرىلگەندەك سۇدىن،
قوي تىرىلگەندەك شوردىن.
كۆز نۇرى توشقان يۇڭىدەك،
ئاتەش قۇم بىلەن بولغان بىر گەۋدە،
ئۇ باغرىنىڭ ھىكايىسىدەك،
تارالغۇسى بۈگۈن ۋە ئەتە،
بىز ئىنسان بىز كىبىر ئىچىدە،
روھى بىلەن كەلدۇق ئېتىشىپ.
كىم ئەيىبلىك سۆزلىسۇن زامان،
ئۇ ئەرىشتە بولماس تەڭلىشىپ،
ئۇ بۇگۇنگە ئايلانغان قەدىم،
يىراق دىڭىزغىچە بارغان، راست.
يىرىم ئۇخلاق ياۋرۇپاغا
يىپەك يېپىندۇرغان، راست.
گومىرنىڭ كۈيلىرى ئەمەس ناتونۇش،
ئەپلاتۇننى ئىلىپ كەلگەن ئۇ.
سورۇنلارغا ياقا تۇتتۇرۇپ،
سۇنماس كۆۋرۈك سېلىپ كەلگەن ئۇ.
ئاڭا ئارتقان ئۈمىد يۈكىنى،
يەنە ئەجداد قىلىپ ئىلتىجا.
دىڭىز ئاتلاپ دىڭىزغا چۆككەن،
بىلىقلارغا يەتكەن ئىدى ئاھ،
قالدى سۆڭەك، غېرىب قەبرىلەر،
بۇ ئالەمنىڭ نىرىقى چىتىدە.
بارسا كەلمەس يوللار، گۇناھى
ئانىنى قاتتىق ئەمگەنلىكىدە.
ئايىغىدا چۆرگىلەر ئالەم،
رەنجىش-رەنجىتىش ئىچىدە دۇنيا.
زامانلار تەككەن چىشىغا بەلكى،
«ئال شەھىرىڭنى!» دىگەندەك،
قىسمەتلىرى شىرىكسىز تاكى،
دۇنيا پاتقان ئىغىر گۇناھقا،
شۇ ۋەجىدىن توۋە-ئىستىغپار
بولۇپ يەنە يۇيۇلۇپ تۇرار،
ئۇ ساقىتتۇر تەكرار ۋە تەكرار.
ئەي بابا تۆگە،
ساڭا تونۇش ھەممە-ھەممىسى.
دەيدىغۇ سېنى چۆل كېمىسى،
سەپىرىڭنىڭ بارمۇ پەللىسى؟
سەن كۆمۈلگەن كىچىك ھەيكەلچاق،
قۇم تېگىدە پەريادلىرىڭ بار،
جۈپ ئۆركىشىڭ نۇمۇس كۈچۈڭمۇ؟
تاپىنىڭدا ئاق نىيەتلىرىڭ بار.
تىكىلىسەن يىراق ۋە ئۈنسىز،
غايىپ ئاۋازلار ھەمراھىڭمىدۇر؟
قەدىمكى قاياس شەھىرى،
كىم بىلىدۇ بارگاھىڭمىدۇر.
قۇلىقىڭدا دەريا شاۋقۇنى،
ئارقا دەريا پاتقان ئۇيقۇغا.
يەنە تۇرۇپ سىلجىغىڭ كەلمەس،
يارداڭلىققا، توقايغا،
ھاياتبەخش شامالنى چىللاپ
ھەم مەست بولۇپ ئۇنىڭدىن كۈندە،
ياشاۋەرگىن ئاققان يولۇڭدا
سېنىڭمۇ بىر خۇدايىڭ بار-دە!

           (6)
چۆل ياتىدۇ ھەسەتسىز،
مىڭ تاۋلىنىپ تاۋۇستەك.
مەستخۇشلىقى سۇئالسىز، جاۋابسىز،
كۆرۈنەر ئەسىر لەھەڭ قۇيرۇقىدەك.
بۇ تارىم
ئىنسان تىرىسىنى تۈسلەتكەن،
بۇ يەر قۇرۇق قەلەمچىنى تا
سانجىپ قويسا كۆكلەتكەن!
ئابىھايات تامغان توغراقلارغا
مىڭ يىل ياشايدۇ تىك تۇرۇپ،
مىڭ يىل ياشايدۇ يانچە يىتىپ،
مىڭ يىڭ ياشايدۇ قىغى، تۆرىلىپ...
توغراق، توغراق يىشىل روھمىكىن،
لەيلەشلىرى كۆركەم ھەم نازۇك،
ئۇ تۆلىدى قانچىلىك بەدەل،
يىشەلمەيدۇ خىيال ھېچ تۈزۈك.
قانچە بىرى يەر بىغىرلىغان،
تەسەۋۋۇر قىلغاندەك تۇغۇلىشىنى؛
ئانا دەرەخنىڭ تولغىقى ئاچچىق،
كۆرۈپ ئالقىنىدا جاننىڭ ئوينىشىنى،
ھەر ھاسىراشنىڭ تىكەنلىرىدە،
بۇژ-بۇژ تەرلەر بولىدۇ ئېرەن.
چەكچەيگەن كۆزىنىڭ چاناقلىرىدا
توختاپ-توختاپ قالىدۇ سۈرەن...
تەقدىر كىمىسىدە گىياھ ھەم ئىنسان،
تاللىنىش ئىچىدە تۇرىدۇ ھامان.
قىسمەت ۋەھىمىسى: زامان ئادىمى،
ئەقىل بالاغىتى بىر تەلۋەسىمان.
يوپۇرماقلارغا نە كىرەك كانار،
تۇرسۇن ئىگىزلىك، كەڭلىكتە.
ساددا بىر ھايات تەكەممۇل،
جېنى تىرىلمەيدۇ تۈڭلۈكتە.
سىخىينىڭ قولىدىن چىققىنى،
ماي يىغىپ قويىدۇ بۆرەككە،
ئۇنىڭغا ئاش تارتساڭ لىگەن ئال،
بىراق ھىچ زورلىما كومزەككە.
بۇ يەردە تۈرۈلۈپ قالمىسۇن،
گۇزەللىك ئىلاھىنىڭ قاپاق-قاشلىرى.
قوينىدىن تۆكۇلۇپ تۇرار دۇردانە،
ئەمەس خۇنۈكلۈكنىڭ داشقاللىرى،
ئافىنا قىزىنى ياراتقان گرىك،
گۈليانىدە جانان ياراتتى ئۇيغۇر.
قۇم ئارا يەلكەن چىقارسا كىمە،
بايرۇن تاڭ قېتىپ قالاتتى بىر قۇر،
قىز-تارىمدىكى ئاققۇسىمان،
جەننەت-تەڭرى ئۆزىگە قالدۇرغان.
پەرىشتىلەر-يۇلغۇندىن كۆكلەر،
قاناتلىنىپ كېتىشكەن ھەريان...
بابالار بىلىپتىكەن بىر نىمە ،
قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە پانالىنىپ.
ئەمدىكى كۆز بىلەن قارىساق،
يۈرمەپتىكەن خاتا قىلىپ.
روھىي رەھمەت قىلمايدۇ تاما،
كەتتى تامام تۇپراققا ئايلىنىپ.
زەررىسى باش ئۈستۈڭدە تاج،
كەبىتۇللاھ بىل، سەجدىگاھ قىلىپ.
ئىزدىشەر، ئىزدىگەن ئۆزىنىڭ ئىزى،
قوچقارغىمۇ شەرەپ مۈڭگۈزى.
مۇنارنىڭ تۈۋى يوق ئاسماندا،
ئۇچى-ئۇچ، تۈۋىدە يىلتىزى.
بويۇن ئاسقۇمۇ كۆرۈنگىنىلا،
مەنزىلمۇ يەتسەم دەپ تەلپۈنگىنىلا.
چۆل مىجەزى جىمجىت دەريادەك،
بىلىسەن شىر بولۇپ تۆرەلگەندىلا
مىۋىسى ئالتۇن، ياپرىقى كۈمۈش،
جىگدە دەرىخى گۈپۈلدىسە،
«يەتتە قىزلىرىم» تۇرىدۇ ھايات،
ياندۇرغان مەشئىلىنى تەۋرەتمىسە.
قۇرمىش ئاتا، تۆلەمىش ئاتا،
پالۋان ئاتا-بىر ئاق كىمە مالخاي.
ئۇرۇلدى بىر قايسى قىياغا،
مۈمكىنمۇ جىيەكتە ئىستەك بولۇنماي؟!
چۆچۈيدۇ تەسۋىر ئىبارىسىدىن،
ئۇنداق قىلسا گۇناھ بولىدۇ.
ئوغلانلارغا بۆرە ھوشۇقى تۇمار،
داۋان داۋىسا ھەمراھ بولىدۇ.

               (7)
ئايدىڭدا بارخان-بارخان قۇم،
كۆرۈنىدۇ بەك غۇۋا، سوغۇق.
غارلاردا پەقەت مۇز بىلەن شامال،
ئاھاڭلار تىنىق، ئىلاھى، تولۇق:
ئالتۇن قوڭغۇراقنى ئەسلىتىپ،
چىرىسلىغان ئارچىنى ئەسلىتىپ،
مەرۋايىت نۇرىنى ئەسلىتىپ،
ھاۋارەڭ-بوياقنى ئەسلىتىپ،
تارسىزلىقى مۆجىزىدەك،
قارارسىزلىقى مۆجىزىدەك،
تۇرىدۇ ئۇ سۇغا ئايلىنىپ،
تۇرىدۇ ئۇ يىلتىزغا ئايلىنىپ،
ئۇ نىيەت
ئۇ توزىماس رىۋايەت.

41-

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى 20:40:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇ تالىشىش

ئاسىمجان ئۇبۇلقاسىم

شۇنچە مەرغۇل ، شۇنچە لەۋەنسەن ،
شۇنچە شىرىن ، نازۇك بەدەنسەن .
ئويناقشىشىڭ دۇلدۇلدۇر گۇيا ،
كۈيلەشلىرىڭ بۇلبۇلدۇر گۇيا .

خىيالىمدا بىر ئۆستەڭ لىق سۇ
ئېقىپ كىرەر ئېتىزلىقىمغا...

تالاشقاندەك ئىككى قەبىلە
ئون تۆت ياشلىق رەسىدە قىزنى ،
بىر توپ تەلۋە ، زوراۋانلاردىن
تالىشىمەن بىر ئېچىق سۇنى .

ئۇلار سۇنى سۆيگىنى بىلەن ،
كۆرەلمەيدۇ سۇدىن چىلىقنى .
بىر - بىرىگە كۈتۈرۈپ كەتمەن
كۆرسىتىدۇ قەھرىمانلىقنى ...

ئېرىق بويلاپ بارىمەن تەنھا ،
يۈرىكىمدە ئاقىدۇ دەريا .
ئاشىق بولدۇم بىر ئېچىق سۇغا ...

قىچقىرىدۇ توپ توپ ئاياللار ،
تەۋازۇلۇق سۆزلەر ئېقىنلار ،
ئاياللارغا ئامراق تەلۋىلەر ،
ياش يىگىتتىن سۇنى تالىشار .

شۇنچە ۋەھشى ، شۇنچە تەننازسەن ،
شۇنچە بۈيۈك ۋە شۇنچە ئازسەن .
سەن زىمىننىڭ ئەمەس مىنىڭكى ،
دەريا ئەمەس ، بىر تامچەدۇرسەن
ئوردىسىدا سۇ شاھنىڭكى .

ئىككى ئېرىق - ئىككى قەبىلە ،
بىر - بىرىنى قىلىدۇ قەتلە .
ئېرىقتىكى قىزنى دىمىسە
ئەپ ئۈتەتتى مەڭگۈ مەڭگۈگە .

ئېرىق بويلاپ بارىمەن تەنھا ،
ئاشىق بولدۇم بىر يۇتۇم سۇغا .

سۇ مۇلايىم رايىش شۇ قەدەر ،
راھەتلىنەر ، شادلىنار تەنلەر .
بىر - بىرىگە قۇشۇلۇش ئۈچۈن
جان بىرىدۇ ئەركەك بەدەنلەر .

سۇ كىرگەندە ئېتىزلىقىمغا ،
شادلىق ئۆرلەپ ئاقتى قېنىمغا .
سۇ ئاقماقتا ،
ئاقماقتا ناخشا ،
سۇ ئاقماقتا ،
ئاقماقتا ئاقچا ،
باشلىرىمدا سايرايدۇ قۇشلار ،
ئېچىقلاردا تاتلىق كۈلكىلەر ،
جىرىڭلايدۇ ئالتۇن تەڭگىلەر .

سۇ چاچىدۇ ،
چېچىشىدۇ گۈل ،
مەن ئالماقچى بولغان گۈزەللەر .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسمەتۇللاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى 13:00  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:55 , Processed in 0.045839 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش