يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ماھىتابان

ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى 100پارچە نادىر شېئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:11:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شالدىراق گۈل  
بۇغدا ئابدۇللا  

1
ئىلاھىي ھازىردۇر بىر زېمىن،
خىيابانلاردا شالدىراق.
كېچىپ - كېچىپ بارىدۇ غۇسسە،
تەقدىراتلار ئۈزۈلمەس
ۋە نەدىدۇر كېلىدۇ سادا،
مىسالى ئۇ گۈل قۇڭغۇراق.
يول ئۈستىدە بىر تۈپ قاراقات
سەن ئۆزۈڭنى بەرىبىر ئۇنۇت
خىيال پېتى قالىدۇ جاڭگال،
چەكچەيگەنگە ناخشاڭنى ئۇرغۇت.
ھەر قەدەھنىڭ ئىچىدە شەيتان،
ئېتىدىكەن مەستلىكلەر داۋام.
ئاھ، باشلانغان بىر قاراڭغۇلۇق،
كۆرۈپ بولماس ئالدىڭنى تامام.
ئۇلغايدىمۇ يازغىي دەريالار،
سېغىنىشىڭ ئۇھ بىلەن كېتەر.
كۆك تېرەكنىڭ شالدىرلاشلىرى،
بوشلۇقلارنى تەستە ئەسلىتەر.
جانانلارنىڭ جىلۋىسى نەدە،
يەنە گۇگۇمدىمۇ  مېۋە دەرىخى.
كىملەر تەمتىرەر چۆل يامغۇرىدا،
قانچە قىممەت ۋاقىتنىڭ نەرقى.
نەدە - نەدە قالدى توقايلار ،
تاۋۇسلارنىڭ قانتسىمان.
بېغىشلايدۇ تەگسىز بىر خىيال،
نەدىن چىقار شۇڭغۇغان.
سېنى تارتىپ بارىدۇ نېمە،
ئىچ - باغرىڭنى يۇيىدۇ نېمە،
روھىڭ ماچتا، كەڭ - كۇشادە ئاچ،
كەچمىش كېچەر، ئادەم بىر كېمە.
كېتىۋەرگىن بىلگەن ئېقىندا،
قايناملارغا قىلىپ تەۋەككۇل.
ئۆمۈرلەرنىڭ چېكىتى نەدە
تويۇپ تويماي قالىدۇ كۆڭۈل.
يۈز دىگىنىڭ شۇنداق بىر نەرسە،
كەڭ بىر كۆڭۈل ھەممىنى كەچۈر.
خىرەلىنىپ بارىدۇ ئۇقۇم،
قىزىق ئەمەس ئۇجۇر - بۇجۇر.
تۇرقۇڭ بىلەن قىممەت پەرقلىق،
تۆگە قۇشتەك بولمىساڭمۇ ھەم.
ساددىلىقنىڭ ئېغىر بىر خۇرجۇن،
كەتسە كېتەر يادىڭدىن بۇ دەم.
ياخشىلىق دەپ ئۆتتۈڭ ۋە كەلدىڭ،
نەدە - نەدە ئۆچتى پەركاينىڭ.
مۇھەببىتىڭ پەر كايىڭ.
مۇھەببىتىڭ پەگادا بىر ئىت
سەككىز جەننەت بەلكى شۇ جاينىڭ.
مەشرەپ جەندىسى ياخشىراق،
مەيلى كەتكىن ئاشىققا ئايلىنىپ،
يىغلاپ - يىغلاپ گۈلخان ئالدىدا،
بىھوش بولغىن سۇنايلىنىپ.
ئىبادەتكە ئارىلاشتۇر غەزەل،
تىرىكلەرنى سىلكىشلە بىر ئان.
روھ چاڭلىرى ئەرش ئەزىمدە،
لەيلىگىلى بولدى نە زامان.
يار غۇنچاققا قونغان بىر قاغا،
ئۇ نىمىنى قىلۇر تەسەۋۋۇر.
ئۇ ئاقمايدۇ ئاققان ۋاقىتتا
لىكىلدىسا قۇيرۇقى ھوزۇر.
چىرىسلايدۇ يالقۇندا يانتاق
قايتىپ كېتەر قەدىمگە ئىسى.
خاتىمىگە ئوخشىماس بۇ ھال،
مۇقەددىمىنى ئەسلىتەر تۈسى.
شالدىراق گۈل باغلار ئەركىسى،
ۋىجدان رەڭگى ھەر بىر  بەرگىڭدە.
زۇۋانمۇ يوق يا سەندە چۇقان،
تۈسكە كىردى ئوت تىلكىڭدە.
پۈتۈلمىشتۇر يۇلتۇزۇڭ ئېگىز،
ياۋايىلىق بېشىڭ ئۈزرە تاج.
كۆك ئىچىدە سۈرىسەن دەۋر،
قاراتمىسۇن يەرگە، كىم مۇھتاج !
2
ئۇزاق سەپەرلەرنىڭ يالدامسىدەك،
قانىتىدا ئاقارمىش پولات.
ئۆتەرمىش ئۇ تاغلارنى تېشىپ،
نامۇسىغا يۇقتۇرماستىن دات.
توپۇلغان
ئۇ قەدىمكى رىۋايەت - بىر قۇش،
پەرلىرىدىن قالدىمۇ بىر تال،
تۇرقى قىزىل قاشقىلىق تۇرنا
سىياقىغا ئوخشار ئېھتىمال.
نەسىل تاشلاپ كېتەر قۇش زاتى،
قىيا، ئېدىر، ئېقىن بويىغا.
كۈشەندىلەر، تەقدىر چاقمىقى،
كىمنى قويغان، مۇراد - ئويىغا .
روھىيەتنىڭ كائىناتى بار،
دەۋر قىلغاندەك قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز،
ئۇزاق ئەسىرلەردە كۆرۈنەر بىر رەت،
لىپ - لىپ قىلىپ ئۆتىدۇ يالغۇز.
ئۇخلىمايدۇ قۇشلار ئۇ ئاخشام،
چۇرۇقلىشىپ ئۇۋا - ئۇۋىدا.
بىر ئۇزۇنغا ئاققان نۇر ئارا
چۈجىلەر تۇمشۇقى تىلەك جامىدا.
3         
ئەۋلاد نېمە دەركىن ئاخىرى،
ھەمدە يۇتار قانداق بىر ئاچچىق.
تەبىئەتنىڭ بېشىنى دەسسەپ،
يۈرۈشلەرنى كىم دەر غالبلىق.
كۆرۈنمەيدۇ روھنىڭ سايىسى،
شەھەرلەرنىڭ دوقمۇشى خىلۋەت.
قۇرۇق قاقشال جەرەن بېشىنى
تاۋار قىلدى ئىنسان ئاقىۋەت.
تامغا ئاسار گۆھەر تاپقاندەك،
ئۆي - ئۆيلەردە بۇ ئەمدى رەسىم.
مانا سەئەت ! نە كېرەك ئىزاھ
تاز گۈل تاپسا بۇ شۇنداق ئىزىم.
شۇنداق ئاقار سازايى ھەيكەل،
كۆڭۈل ئېچىلماس بولمىسا بوزەك،
مەدەنىيەت شۇنداق ئۇقۇمدەك
تىرەجەمدۇ تەلۋىلىكتە بەك !
ئايا غاپىل، تۇنجى رەت غارىدىن
چىقىپ ئاندىن تارتتىڭغۇ ياپراق،
سەن تۇتىمغا كۆچكەندە تېخى
ئۇنىڭغا تېۋىنغان قىسمەت ئاشۇنداق.
قوشكېزەكمۇ ئادەم ۋە ئالجىش
ۋەھشىيانە چۇقان - سۈرىنى.
بىر كېمىدە تۇرار يانمۇ - يان
نەرە تارتسا تەقدىر بورىنى
قۇتقۇزۇپ قالىدۇ كىم - كىمنى؟!
ئۆزىنى قىستاپ بارىدۇ ئادەم،
رەڭگى - رويى بارغانچە سوغۇق.
سوئاللار تۇغۇلار: مۇشۇ ئەسىرگە
ئېھتىمال توغرا يا خاتا كەلدۇق.
كېلەر ئەسىرنىڭ ئادىمىي
رىتىملىق بىر ھايات سىلەر خىرامان.
توپا - تۇمان، ھاقارەت، بېسىم
يىنىپ قارىساڭلار بىر چۆچەكسىمان.
ئەسىرلەرنى ياراتتى خەلق
يالىڭاياغ، چوغ دەسسەپ،
بىز ھېچنېمىگە ئەمەس ئول تېشى،
نېمە بار ئەسلىگىدەك ئاخىر ۋە دەسلەپ،
بۇ ئەمەستۇر ئاچچىق ۋە كايىش
زامان، ماكان بەرىبىر بوشلۇق،
بىر سىقىم توپا ئالغىن ھەم پۇرا،
ھىد، ئىنسان بارمۇ ساڭا تونۇشلۇق!
كىم، كىمنى رازى قىلدى تەر تۆكۈپ،
كىم كىمنى كۈلدۈردى سەمىمىي بولۇپ،
كىم، كىمنى تەسىرلەندۈردى،
بېشىغا قار سۈركەپ،
كىم، كىمنى ئېرىتەلىدى ئېرىپ تۇرۇپ؟!
ئادەم زاتى كەلدى پاك بولماي،
پەيغەمبەر ئىزدىگەن ئىلاج،
ئىئوران دەرياسىغا چۈمۈلدۈرگەن
يەھياغا قەۋملەر ئىدى بەك موھتاج
ھەزرىتى ئىسا بىلەتتى ئالدىن
تانغان ئەمەسمۇ سىمون ئۈچ قېتىم.
خوراز قىچقارغىچە بولغان شۇ ۋاقىت،
تەكرار، ئۆزى قالغانمۇ يېتىم.
4        
كېچە قاينىمىدا ئازابلىق بىر تۈس،
ئۇيقۇ چىللايدۇ ئادەمنى
ھارغىن دەقىقىلەرنىڭ يۈكى بەك ئېغىر
شۇنداق تەستە ئالار قەدەمنى
قۇرۇلۇش ئىچىدە يىمىرىلىش،
چايقاش ئىچىدە تەلمۈرۈش.
«مىڭ بىر كېچە» دىكى ئىس، تۈتەك، دېۋە،
پەسىللەر يۆتكىلىپ ئاقىدۇ نەمخۇش.
ئاتا ئۇيقۇدا تەشۋىش
ئەنسىز بىر چۈش:
يىلانلار سۇدا ئېقىپ كېلەرمىش،
زەھىرى ئۇچۇپ، بۇلۇت بولۇپ،
تىنچ كەپتەرلەرنى يۆگەپ كېتەرمىش.
5
بۇ كېچە
رەھمەت كېچىسى
ياراتماقتا ئىگەم بىر جان
بارى- يوقى ئىككى تامچە قان،
ئىككى چېقىندىن بىر رېتىم سادا.
بەلكى بۇ يەر توغراق باياۋان.
ياراتماقتا يەكتا گۈزەلنى،
جىسمىغا رەڭ بېرىش ئەمەستۇر ئاسان
قىزىل، سېرىق چېچەك،
يېشىل رەيھان، شالدىراق،
ۋە بىر رەڭگە ئالدى سىيادان،
ئەنبەر سۈيى بەردى كاكۇلغا،
بوي- بەستىنى ئەيلىدى ئاتۇچ،
ئەقلىنى كۆلدىن ئېلىپ بىگۇمان.
پۈتتى ئاخىر توققۇزى تەل قىز
بىر ئەپسانە ئۇ، بىر ھۆرى غىلمان،
نامۇسىنى ياراتتى پۈتۈن.
بەلكى ئۇنىڭ ئەستىرىدۇر قان،
يەكتا جاھىل ھەم يەكتا تەلۋا،
ئېگىل دېسە ئېگىلمەيدىغان.
ئۆڭمەيدىغان، كۆيمەيدىغان
داتلاشمايدىغان، تەۋرىمەيدىغان.
6
ئادەم ئاتا يۈرگەن جايلار بۇ،
پۇچۇق گۈمبەزلەر قالمىش بىر قىسسە.
رىۋايەتلەر ئۇچار تىنىمىسىز.
نەپسى غالىپ شەيتان، ۋەسۋەسە.
ھۆجەيرىلەر ئۆلۈپ تىرىلەر،
شىۋىرغانلار ئۇشقۇرىتار ئەنسىز.
شاختا ئېلىپ قويما ئىشەنچىنى،
يۈرمە ھەرگىز يەمسىز ھەم غەمسىز،
سەدىقەڭنى ئايما يولدا،
كۆرمەي قالما خىزىرنى يەنە،
سەندەل بويى ئويۇڭنى ئالسۇن
تەۋەرۈكتۇر ئۇدۇم، ئەنئەنە،
ياخشى، ياخشى  چۈشلەرگە ئاقيول.
چۆچىكىنى باشلايدۇ ئوغلان:
كۈندۈزمۇ يە كەچمۇ بىلمەيمەن،
ئاي، كۈن، يۇلتۇز
بىر بۇرۇجدا بىر ۋاقىتتا تۇرغان،
ئوڭ مۈرەمدە بارمىش بىر بۈركۈت.
يۇلتۇزغا قارىتىپ ئاتتىم مەن ئوقيا،
كەلمىش يادىمغا بىر پىكىر ھامان،
ئوقيا يۇلتۇزغا تەگكەن دەقىقە
يەرگە چۈشۈپ ئىمىش يوقىغان،
دەل ئاشۇنداق قىلنىڭ ئۈستىدە
ئوڭ مۈرەمدىكى بۈركۈت
يۇلتۇزنى ئېلىپ كەپتۇ، چاڭگاللىغان...
ئاھ،قەدىمقى ياغاچ تاۋاقلار،
ساڭا قايتىدۇ ئادەم ئاستىلاپ،
ياۋايىلىقتىكى ھەر لەززەتكە،
ياۋايى ھاياتلا بېرىدۇ جاۋاب.
سۈرەلمە ۋاقىتلار نەدىكى،
ئۇ يەردە يوق بازار ۋە يالغان،
راستكوي كۆزلەر،
سەمىمىيەت- مۇھەببەت- قالقان.
بىراۋ بىرتال چوغ تاپسا
ئوت سۇنىدۇ بارچە ئولىشىپ.
بىر تال بۇغداي يېتىدۇ مىڭغا،
تاتلىق يېيشىدۇ بۆلۈشۈپ.
بارغىمۇ تەڭ،
يوققىمۇ تەڭ،
يولدىمۇ تەڭ،
سولدىمۇ تەڭ،
ئېقىپ- ئېقىپ كەتكەن ئۇ زامان،
كۆمۈلۈپ تۇرغىنى تارىخ،
ئېچىلىپ تۇرغىنى ھازىر.
بىر قەدىمكى چىغلىقتا
ئىزدىنىش ئىچىدە ياۋا توشقان.
نېمىگە قارايدىكىن
يەيدىغىنى ئوتنىڭ ئۇچى،
كولىغىنى يىلتىز- ئۇستىخان.
*******
تىپتىنىچ كېچىدە،
تىپتىنىچ شالدىراق


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:12:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداقلا تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز پات يېقىندا تۇلۇقلىنىپ بولغۇسى . بىزمۇ قاراپ تۇرمايمىز .

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:12:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنھا قېيىق
مۇختار مەخسۇت

ساھىلدا تۇرىدۇ تەنھا بىر قېيىق.
داتلاشقان قۇزۇققا باغلاقلىق مەھكەم.
ئۇ بۇندا تاشلىنىپ ياتقىلى نىكەم،
ئاستىدا لاتقىلار بوغىدۇ دىمىق.

يىراقتا، زەڭگەررەڭ دېڭىز يۈزىدە
يەلكەنلىك كېمىلەر سويلايدۇ ئەركىن.
يىگانە شۇ قېيىق تەلمۈرەر غەمكىن،
ئۆكۈنۈش ياشلىرى ئەگىپ كۆزىدە.

دولقۇنلار كېلىدۇ ئېيتىپ ئارىيە،
يىتەكلەپ بارغىلى ئۇنى دېڭىزغا.
نە ئامال بىچارە بۇ « تۇتقۇن قىز » غا؟
غىچىرلاپ بىر ئاچچىق قىلىدۇ نالە.

كېمىلەر ئۇپۇققا كەتتى يىراقلاپ،
ئۇ تۇرار شاۋقۇنسىز ساھىلنى ساقلاپ.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:12:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆرە* ئەرۋاﻫى ناخشىسى
بەگمەت يۈسۈپ

سىلەر مېنى ئۆلتۈردۈڭلار قان قىلىپ،
ئەرۋاھىمنى يادلايسىلەر نېمىشقا؟
نىقاپلاانغان نەسىھەتكە ئالدىنىپ،
كۆڭلۈڭلارنى بەزلەيسىلەر نېمىشقا؟

سىلەر مېنى ئۆلتۈردۈڭلار قان قىلىپ،
ئەقىدىگە قىلىپ يەنە خىيانەت.
ئوشۇقۇمنى ئېسىپ قويۇپ بۆشۈككە،
بۇۋاقلارغا سۆزلەيسىلەر رىۋايەت.

ئىدىم ئەسلى روھىڭلارغا ھېكمەتداش،
<<رىۋايىتىم>>بۇنىڭ قۇتلۇق مىسالى.
كىم بىلىدۇ ئۇنتۇلامدۇ بۇمۇ ھەم،
بۇۋاقلارنىڭ ئېزىققاندا خىيالى .

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:13:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەشىكسىز ئادەم
پولات ھېۋىزۇللا


يۈرىكىم
كۆكرىكىمنىڭ زۇلمىتىگە مۆكۈنگەن
ئازابلارنى ئۇنتۇپ كېتەي
شىرىن شىرىن سەزگۈلەرگە تاينىپ .
كەل قىز ، قۇچاقلاي
چۆكۈپ كېتەي تېنىڭگە
تەۋە ئەمەس ھېچنىمەڭ ماڭا
بىز گە ئاشۇ چۆكۈشتىن باشقا .
دۇنيا دۇنيا سېنىڭمۇ
تەۋە ئەمەس  ماڭا ھېچنىمەڭ
ئۆزۈمدىن باشقا .
ياشىساممۇ گەرچە رەشىكسىز
ئازابلىرىم كۆپتۇر نىمىشقا ؟
ئەي نىگارلىرىم
تەۋە ئەمەس ماڭا ھېچنىمەڭ
مەن سېلەرگە يەتكۈچە ئەركىنلىك بېرەي.
دۇنيا دۇنيا
تەۋە ئەمەس  ماڭا ھېچنىمەڭ
قەلبىمدىن باشقا .

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:13:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىلان مېھرى
ئەخمەتجان ئوسمان

(نەسرىي شېئىر)

بۈگۈن يەكشەنبە.
پۈتۈن كىتابلىرىم كۈيۈپ كۈلگە ئايلاندى، ئەسلى بۇ ئىش مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن يۈز بېرىشى كېرەك ئىدى، ئېرسىي كېسەللىكلىرىم شۇنىڭدىن بولغان. ئېسىم مېنى ئۆزىگە مەجبۇرىي تاڭغان كۈنى ئاۋاق كۆلەڭگەمنىڭ تاكى ئەڭ يىراق يۇلتۇزنىڭ قاراڭغۇ بۇرجىگىدە سەكرەپ يۈرگەن چېكەتكىگىچە سۇزۇلغانلىقىنى بايقىغانمەن. پۇشايمان قىلىشنى ماڭا دادام ئۆگەتكەن، چۈشۈمدە ئۇنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۆزۈمنى ئانامنىڭ تۆشىكىدە كۆرۈپ، ئىككى كۆزۈمنى ئۇيۇۋالدىم. ئانامنىڭ يىغلىغىنى ئېسىمدە يوق، گۇناھ قوڭغۇرىقىنىڭ قۇلىقىم تۈۋىدە چېقىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئىككىنچى رەت ئېسىمگە كەلسەم ــــ
تۇتۇق روجەكتىن سىرغىغان گەۋدە
سانچىلار ئاڭا يالقۇننىڭ تىلى.
كۈيەر نىقابىم ئۈستىدە مازار،
ئۈنلەپ ئاغزىمدا ئىلاھىي زىلى
قەدەملەر ئۆلگەن پىنھان رەستىنى بويلاپ.
شەھەرگە كىرىپ كەلدىم. تېنىمدىكى جاراھەتتىن ئۈركۈپ تېرىلگەن ئاشىقتەك بېھىشكە قاراپ ئۆرلىگەن ئىمارەتلەر، مەيدانلاردا توزان باسقان مىس ھەيكەللەر، مەرىپەت باغلىرىدىن ئۇچۇپ چىققان مېتال قۇشلار، بىر-بىرىنى قولتۇقلىشىۋالغان سايىلەر، رەستىلەردە، فابرىكىلاردا. شېئىرىيەت كېچىلىرىدە، ياشلار باغچىسىدا، شاھ ئوردىسىدا قەبرىسىز قالغان مۇردىلار مېنى قايتا ئېسىمگە كەلتۈردى. توساتتىن كەينىمدە ئىككى نەرسىنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلاپ قالدىم:
مۇردا: (ئەخمىقانە كۈلۈپ قويۇپ) ئالدىمىزدىكى بۇ مەخلۇق ساراڭمۇ نېمە؟ ۋوگزالدا تۇرغىنى بىلەن نېمە خىيالدا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغۇ؟!
ئىككىنچى مۇردا: تېز كېتەيلى (سەبدىشىنىڭ قولىدىن تارتىپ)، پويىز ۋوگزالغا كىردى، بۇ پويىزدىكى بىز كۈتۈۋالماقچى بولغان مېھمان بىزنى ئۆيىدە ئوزاق ساقلاپ كەتمىسۇن يەنە!
ئىككىسى ۋوگزالدىن پەرۋانە ئاتەشكە ئېتىلغاندەك چىقىپ كەتتى. بېشىمنى كۆتۈرسەم تۈۋرۈككە ئەيسادەك ئېسىپ قويۇلغان چوڭ سائەت كۆزۈمگە چېلىقتى. مەنىگە ئوخشاش كېلەڭسىز سىتىرېلكىسىغا مەن ئانچە پەرق ئېتەلمەيدىغان م ئە د ئە ن ئى ي ئە ت دېگەن ھەرپلەر چاپلىشىپ قالغان. مېنىڭ غەزىپىمنى كەلتۈرگەن بۇ سائەت ـــ
ئېسىمگە سالدى شەيتاننىڭ لاۋالىق چېھرىنى قايتا،
قۇياشنى تۈن بىلەن يۇيغان يىلاننىڭ مېھرىنى قايتا.
مەن سائەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىشىمنى نەدىن بىلەي، توختىماي يۈگرەيمەن، ئىستىرېلكا كەينىمدىن قوغلايدۇ.... ئادەم ئاتامنى نېمىشقىمۇ ياراتقان بولغىيدىڭ، ئەي تەڭرىم؟ توختىماي يۈگرەيمەن، ئىستىرېلكا كەينىمدىن قوغلايدۇ، ھابىلنىڭ ئۆچى بوغدىمۇ سېنى، ئەي قابىل؟ قوينى بۇغۇزلىغۇچە ئىسمائىلنى بۇغۇزلىساڭچۇ، ئەي ئىبراھىم؟ ئەيسانى كىرسىتتىن كىم چۈشۈردى يەھۇدانىڭ خائىنلىقى بىكار كەتتىمۇ؟ توختىماي يۈگرەيمەن، بۆرە قانداق قىلىپ ئىتقا ئايلىنىپ قالدى؟ ئىستىرېلكا كەينىمدىن يۈگرەيدۇ... مەست كېمە قانداق قىلىپ دېڭىز قەبرىستانىغا كىرىپ قالدى؟ ماياكلار يانمايدىغۇ؟ يۈگرەيمەن ئەسىرلەر سازلىقىدا پاقىلارنىڭ تۈگىمەس ناخشىسى مايمۇنلارنى ئۇسسۇلغا سالىدۇ، مېنى نەچچە مىڭ يىل ئۆمۈرگە مەھكۇم قىلغان تەقدىرنىڭ ئانىسىنى خەپ، ئىستىرېلكا قوغلايدۇ، زەردۇشت شۇنداق دېگەن بولسا، مېنىڭ نېمە كارىم؟ فىرېئود بىلەن ئىشچىلار سىنىپى ياشىسۇن! ئىسترېلكا، چىدىيالمىدىم، يۈگرەيمەن، كەينىمدىن، توختىماي...
تاماكىنى تېخى چېكىپ بۇلالمىدىم، نىمانچە ئالدىرايمەن؟ ئۇ مېنى چۇقۇم كۈتىدۇ، ياق، ئىسترېلكا ئەمەس، مېنىڭ سۆيگىنىم كۈتمىسە مەيلى، شېئىر يازىمەن، شېئىر دېگەن نېمە؟ بۈگۈن نورۇز بايرىمى، ياق، راسا مۇخۇركا چېكىۋالىدىغان كۈن، ئۇنى كۈتمەيمەن، ئۇنتۇپ كەتتىم، ھەممىنى ئۇنتۇش كېرەك، ھاياتلىق ئىشىكىدىن ماماتلىقنىڭ بىپايان دالاسىغا چىقىپ كەتسەم تېخى ياخشى بولاتتى، نەچچە قېتىم چىقىپ كەتسەم يەنە كىرىپ قالدىم. كىمدۇر دۇنيانى كەيمە تاز دەيدۇ، تەنھا قېيىققا چىقىۋالغان دوستۇم كۆيگەن دېڭىزنى سەيلى قىلماقتا. تاماكىنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قالسا غەزىپىمنى باسالمايمەن، كوچىدىكى ئىشىكتىن كىرسەم قىسقۇچپاقا بىلەن ئايپالتا سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرىدۇ، ئېسىمنى بېسىقتۇرمىسامموجۇركىدىن ھۇزۇر ئالالمايدىغان ئوخشايمەن.
ئۆزۈمگە ئوخشىمىغان ئۆلۈم شەنىگە ناخشا توۋلاپ،
مەن ماڭغان چىغىر يولنىڭ ئاخىرىدا جىمجىت بۇلاققا -
پەيلىرىنى تۆكمەكتە كېچە...
ئەي كېچە، سەن چۇقانىمغا ئۆرلىگەن دەريا!
ھەر قېتىم يايغىنىمدا يۇلتۇز تەشكەن يەلكىنىمنى
قۇياش جەرىنى يىتكەن دېڭىز ئىقلىملىرىدا،
سۆڭەكلىرىمدە تۈنىگەن قۇشتەك
پەرىشان ۋۇجۇدۇمنى ئەكىتەر دولقۇن...
يەنىچۇ...؟ ياق، مېنىڭ تۇيغۇلىرىم بۇ ئەمەس، سۆزلەر ماڭا ئاسىيلىق قىلىۋاتىدۇ، شېئىر تۇيغۇنىڭ نىقابلانغان خائىنى، بۇ نىقابنى يىرتىپ تاشلاش كېرەك، شۇ چاغدىلا شېئىر يوقۇلىدۇ، تۇيغۇ نىقابسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان نەرسە ئەمەس، شېئىر بولمىسا تۇيغۇ، تۇيغۇ بولمىسا شېئىر بولمايدۇ، تۇيغۇ تىلنىڭ جېنى، تۇيغۇسىز شېئىر ئۆلۈك تىلدىن ئىبارەت، تىل تۇيغۇنىڭ تار تېنى، شېئىر تۇيغۇنىڭ ئەركىن پەرۋازىغا ئاسىيلىق قىلىدۇ، تۇيغۇ سۆزلەردىن يارالغان، مەن نېمىلەرنى جۆيلەۋاتىمەن؟! تۇيغۇ نېمە، تىل نېمە، شېئىر نېمە؟ بۇلار بىلەن نېمە كارىم. ئەڭ ياخشىسى ھاراق ئىچەي، تاماكا ئادەمنى قۇرۇق خىياللارغا بەند قىلىپ قويىدىكەن، تېخى ھېلىلا كىتابلىرىم كۆيۈپ تۈگىگەنغۇ؟! مېنىڭ تىل بىلەن نېمە ئالاقەم؟ جاھاننىڭ باش-ئايىغى بولمىغىنىدەك تىلنىڭمۇ باش-ئايىقى يوق. ئۇ ئالۋۇن، سېنى ئېلىپ كەتسە قايتىپ كېلەلمەيسەن، ئۇ پەقەت دۇنياغا قاتتىق تەلەپ قويىدىغانلار ئۈچۈن يارالغان، بۇ رومكا قالتىس جۇمۇ، ئاڭا قۇيۇلغان ھاراق ـــــ
تاڭ نۇرىدا يۇيار ئۆزىنى
گۈل بەرگىدە شەبنەمدەك گۇيا.
ئۇ بالىلار كۆزىدىكى نۇر،
قەبرىلەردىن دەس تۇرغان دۇنيا!
ھاراق شاماللىرى ئۇچۇرغان ئادەم قىيامەتتىن ھالقىپ كېتەرمىش؛ ئەتە قىيامەت قايىم بولىدۇ، ئۇيقۇنىڭ ئىللىق قوينىدىن سىيرىلىپ چىقىپ خۇدانىڭ پەرھىزلىرىدىن بىرى بولغان ناشتىغا ئۈلگۈرەلمەي خىزمەتكە يۈگرەيدىغان گەپ. تۇرمۇش ـــ ئەي  سەن ھايات ئوغرىسى!

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:14:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق
ھاجى مىرزاھىد كېرىمى

ئاسمان كۆزلىرىدىن تامچىلايدۇ ياش ،
شۇنچە جىمجىت ئەتراپ گويا غەپلەتتە .
ياپراقسىز دەل – دەرەخ يولۇمدا سىرداش ،
ئېيتىڭچۇ تەبىئەت نېمە ھەسرەتتە ؟

ئىشتىلمەس ئېرىقتىن _ چىمەن قىرغاقلىق ،
شىر - شىر ئاقار سۇنىڭ ئۈنى شۇ تاپتا .
نازۇك مەجنۇنتاللار بەرقۇت ياپراقلىق ،
مەڭزىمنى سۆيمەيدۇ ئېگىلىپ ئاستا .

قايغۇ دېڭىزىغا ئەتراپ بولغان غەرق ،
قېنى ئۇ باغلارنىڭ گۈزەل جامالى ؟
شۇ دەم ھېچنەرسىنى قىلالمايسەن پەرق ،
دالا تىرىك جاندىن ئەجەبا خالى ؟

راست ، كىمنىڭ چىققۇسى كېلەر سەيلىگە ،
ئىللىق ئۆيلىرىدە ئولتۇرماي شۇ ھال ؟
يىغلاڭغۇ ۋە رەزگى ھاۋا پەيلىگە
ماس كەلمەستە بىر تۈستە بارىمەن خۇشال .

بۇ غەمكىن كۆرۈنۈش ، بۇ كۆڭۈلسىزلىك ،
بىراق شاد دىلىمنى قىلالماس خىرە .
كۈيلىرىم قۇشلىرى ئۇچۇشىدۇ تىك ،
تەمكىنمەن ، مەن يۈكسەك سۆيگۈگە ئىگە .

سەۋەبى : مېنى دەل مەشۇقۇم جانان ،
شۇ تونۇش بۇلاقنىڭ يېنىدا كۈتەر .
مۇھەببەت بەختىدىن ياشنىغۇسى جان ،
بۇ گۈل يۈرىكىمگە ئىشقىنى پۈركەر .

چېلىقتى كۆزۈمگە شۇ چاغ بىر ساندۇق ،
ئىپلاس چوڭقۇرلۇقتا مۇڭلىنىپ تۇرغان .
<< ئىچىدە بىر نېمە يا باردۇر يا يوق ؟ >>
دېدىمۇ ، ئاچتىممەن ، ئۆرتەندىم شۇ ئان .

قوللىرىم ، تىترىدى ، قاچتى خىيالىم ،
ئاناردەك مەڭزىمگە چۈشتى ياش ئەگىپ .
سارغايدى ساماندەك قالمىدى ھالىم ،
بىر پەس جىم قاپتىمەن شامالدا سەگىپ .

نېمىنى كۆردۈممەن ، ئەپسانىدىكى
ئەجدىھا چىقتىمۇ يېيىش ئۈچۈن يا ؟
ئۈچ باشلىق يىلانمۇ زەھەر نەشتىرى ،
ياق ! سىرلىق نەرسە ئۇ ، كۆرۈڭلار مانا :

ياتاتتى ئاي ئوخشاش بىگۇناھ بوۋاق ،
گېلىدا بارماقنىڭ دەھشەتلىك ئىزى .
ئوغۇل ئىدى گۈزەل شۇنچىلىك ئوماق ،
قوي كۆزى يۇمۇلۇپ پۈكۈلگەن تىزى . . .

غەزەپتە تۈگۈلگەن مۇشتۇملىرى چىڭ ،
ئاھ ! گەپ قىلماقچىدەك سەل ئوچۇق ئاغزى .
( بوۋاقلىقىم كەلدى يادىمغا گويا . . . )
بۇلۇتتەك ئاقىرىپ تۇرىدۇ باغرى . . .

ئەي سەن سەبىي بالا ! ئۆلگەن بىھۇدە ،
ئېيت ، قايسى نامەرد ئۇ قاتىلىڭ قانخور ؟
تېرىقچىلىك جېنىڭ خەتەرلىكمۇ يا ؟
كىم ئۇ تاپماق بولغان قېنىڭدىن ھۇزۇر ؟

نامەلۇم ئۇ ۋەھشى نېمە تاپقاندۇ ،
شۇم قولى تىترىمەي ئازاپلاپ بوغۇپ ؟
مەجبۇر قىلغانمىدۇ ۋە ياكى بىراۋ ؟
كىم بىلسۇن قالدىمۇ ئەيىبدار بولۇپ ،
تېخى كۆز ئاچماستىن تۇغۇلۇپلا ئۇ ؟

يىگىتمۇ يا قىزمۇ قىلغان جىنايەت ؟
مۇھەببەتكە ئەجەب ئېغىر خىيانەت ؟
پاجىئە ئۈستىدە بولسام ئەگەردە ،
ئۇكىجان بوۋاقنى ساقلاپ قالاتتىم !
دوستلار ! جان بەرسەممۇ مەيلى شۇ يەردە ،
ئىنسان مۇھەببىتىدىن بەخت تاپاتتىم .

* * *
يار يېنىغا كېتىپ بارىمەن دادىل ،
شۇ كۈنى قىلىشقان ۋەدىمىز ئۈچۈن .
<< شارىدا سۆيگۈنىڭ بولمىغىن غاپىل >>
دېگەندەك ھەر ياندىن كېلەتتى بىر ئۈن .

ئەنە ئاي . . . يۆلەنگەن تېرەك غولىغا ،
قاراپلا يۈرىكىم جىغ قىلىپ قالدى .
سۇ قۇيۇپ بېرەلمەس ئايمۇ قولىغا ،
كۆڭلۈمگە ئىشقىدىن شۇ يار ئوت سالدى .

<< كەلمىگەنمىكىنە ؟ >> دېسەم ئىنتىزار
كۈتۈپتۇ تاقەتلىك مېنىڭ سۆيگۈنۈم .
يا سوغۇق يا يامغۇر قىلالماپتۇ كار ،
شۇنچىمۇ ۋاپالىق ئىكەن كۆيگۈنۈم .

تىلسىز مەن . . . ئالدىدا سىرىمنى كۆزۈم
جۈپ يۇلتۇز كۆزىگە ئېتىپ تۇرىدۇ .
ھەئە ! يېنىغىمۇ باردىم چىن سۆزۈم
مېنىڭ پاكلىقىمنى دىلبەر تۇيىدۇ .

جۇش ئۇرۇپ فونتاندەك تاشتى شوخ بۇلاق ،
كۈمۈشتەك سۈيىگە شولىمىز چۈشكەن .
قۇياش چىقتى كۆكتە . . . بۇلۇتلار يىراق
قاچتى . . . مەن قارىسام تەبىئەت كۈلگەن .

ئاھ ! شۇ ئاچچىق ئىزدىن بەرمىدىم دېرەك ،
ئورنى يوق ئېيتىشقا ھېچقاچان ، چۈنكى
قوش يۈرىكىمىزگە سادىقلىق ئەمەك ،
ئۆچمەيدۇ بۇ ۋەقە دىلدا شۇ كۈنكى .

بىزنىڭمۇ بالىمىز بولار . . . بۇ چوقۇم !
تەقدىرى باشقىچە : گۈل قىسىپ ياشار .
كۆزۈمگە ئەركىلەپ كۆرۈندى ئوغلۇم ،
ئادەملەر ! بىر ئۆمۈر بويى بەختىيار .


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:14:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈمگە سەپەر
جېلىل خېلىل

كۆپ دەستۇر ئوقۇدۇم ئۆزۈم ﻫەققىدە ،
ئوقۇغانسېرى
گاﻫ چوڭقۇرلاپ كىردىم ئۆزۈمگە ،
گاﻫ يىراقلاپ كەتتىم ئۆزۈمدىن .
ئوقۇغانسېرى
يۈرەك ئېچىشىپ بولدى سەدپارە ،
ئازاب ، شادلىق سېلىشتى گىرە .
ئوقۇغانسېرى
ئايان بولدى ﻫەر ئاجايىبات ،
ئېچىلمىدى ﻫەم نۇرغۇن تىلسىمات .
گاﻫ جاﻫان مەندىن باشلانغان بىلسەڭ ،
گاﻫ جاﻫان مەندە يېپىلغان بىلسەڭ .
گاﻫ مەن جاﻫانغا تارقاتقان ﻫېكمەت ،
گاﻫ مەن جاﻫاندىن كۆرمىگەن ﻫىممەت .
گاﻫ مەن ئۆملۈككە بولغان پاسىبان ،
گاﻫ مەن تەپرىققە يول ئاچقان ﻫامان .
گاﻫ مەن باتۇرلۇقنى يېتەكلەپ ماڭغان ،
گاﻫ مېنى باتۇرلۇق يىراق تاشلىغان .
كۆر مانا ئۆزۈمنى يايدىم ئالدىڭغا ،
كىملىكىم ئاياندۇر ﻫەر مىسرا - قۇردا :

مەن
كۆندۈرگەن ئىنساننى بۇغداي يېيىشكە
تۇنجى بولۇپ .
سانسىز << ئۆگەي >> يەل - يېمىش ، زىرائەت << ئۆز >>گە ئايلاندى
كىروران گۈزىلىنىڭ قولىدا بەختى يورۇپ .
ئالپ ئەرتۇڭادەك ، سىپارتاكتەك
باﻫادىرلار چىقتى شۇندىن كېيىن كۈچكە تولۇپ .
لېكىن ، ﻫازىر مەن
ئامېرىكىدىن كەلتۈرىمەن تۇخۇمدەك ئۈزۈمنى ،
ياۋروپادىن كەلتۈرىمەن تاۋۇزدەك شوخلىنى ،
يەنە بىر يەردىن كەلتۈرىمەن قارا ، قىزىل ، يېشىل گۈرۈچنى
ﻫەممە ، ﻫەممىنى .
جاﻫاننىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىپ يۈرۈپ ،
يېيىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالىمەن يېڭى ئىختىرالارنى
ئېچىپ ئاغزىمنى .

مەن
تۇنجى بولۇپ
ئاتنى كۆندۈرۈپ بەرگەن ئىنسانىيەتكە .
شۇندىن كېيىن
ئاتىللا ، ئىسكەندەر ، چىڭگىزخان
ئات بىلەن دۇنيانى ئالدى ئىلكىگە .
تۇنجى بولۇپ
ئۇچار گىلەم ، ياغاچ ئات ﻫەققىدىكى خىيالنى مەن سۈرگەن ،
جاﻫان ئەينىكى ﻫەققىدىكى خىيالنى مەن سۈرگەن ،
گۈزەل تەسەۋۋۇرلىرىم
سالغان جاﻫاننى لەرزىگە .

ئەمدىلىكتە
خەق ئايغا چىقسا چىقالمايمەن ،
خەق دېڭىزنىڭ تەكتىگە شۇڭغۇسا شۇڭغۇيالمايمەن ،
ئاتنىڭ ئورنىدا
خەق ياساپ بەرگەن ماشىنام بار .
تېلېفون ئۇرىمەن
يانفون ئۇرىمەن
تېلېۋىزور كۆرىمەن
كومپيۇتېر بىلەن ﻫەپىلىشىمەن . . .
مەن زامانىۋى دۇنيانىڭ تىپىك بەﻫىرلەنگۈچىسى
ئېيتىڭچۇ ، قايسىسىدا مېنىڭ ﻫەسسەم بار ؟

كۆرۈڭ مانا
ئۆزۈممۇ بىر ماشىنا ،
زامان ياسايدۇ مېنى بۇزۇپ ۋە چۇۋۇپ
ماكان ياسايدۇ مېنى ئىتتىرىپ تۈرتۈپ .
ئۆزۈممۇ ياسىلارمەن
ئالغا كەتكەن جاﻫاننىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىپ يۈرۈپ ،
ئاجايىپ ئىشلارغا ئاجايىپ بېقىپ ،
گاﻫ قانغىچە ئۇخلاپ
گاﻫ كەيپ سۈرۈپ . . .

مەن
يىپەك يولىنى ئاچقان تۇنجى رەت ،
جاﻫان كېزىشنى ئۆگەتكەن ئىنسانىيەتكە .
جاڭ چيەن ، شۈەنزاڭ ، مارك پولونى
ئامان - ئېسەن يەتكۈزگەن مەنزىلگە .
مەغرىب - مەشرىقنى قول ئېلىشتۇرۇپ
يارقىن سەﻫەرنى سىزغان تەقدىرگە .
ئەمما ، نەچچە ئەسىرلەر بېرى
سولانغان ئادەممەن تولۇپ پەخىرگە ،
دۈم كۆمتۈرۈلگەن قازاندەك ئەزىز يۇرتۇمغا .
ئۇ يانمۇ تاغ ، بۇ يانمۇ تاغ
ئۇ يانمۇ چۆل ، بۇ يانمۇ چۆل
گويا ئۆزۈم يول ئېچىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ،
يول ئاچقان بىلەن روﻫ ئېچىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك .
ياشاپ كەلدىم
ئۆزۈمنى تەڭ قىلماي ﻫېچكىمگە ،
ئاقىۋەت تەڭ بولالماي ﻫېچنېمىگە .
مانا ئەمدى
قايتىدىن يىپەك يولى ئېچىۋاتىمەن
ئاستا - ئاستا كېلىپ ئەسلىمگە .

مەن
ياراتتىم تاشكېمىر سەنئىتىنى
تۇنجى بولۇپ زېمىن ئۈستىدە .
تەڭرى قۇت ياغدۇردى ،
جاﻫان ﻫەيرەتتە قالدى ،
چاقماق چېقىلغان تەسەۋۋۇر كۈچۈمگە .
ئاﻫ ، دەشت ئاتا ، بېزەكلىك ، قىزىل ، كۆسەن مىڭئۆيلىرى ،
ئاﻫ ، پەرﻫاتنىڭ تاشقا گۈل چەككەن قوللىرى ،
ئۇلۇغ مەدەنىيەتنى تەقدىم ئەتتىڭ ئىنسانىيەتكە ،
يۈكسەك سەنئەت پەللىسىنى قالدۇردۇڭ ئەۋلادلىرىڭغا .
ئەمما - زە
ياسانچۇق كۈندە كىيىم يەڭگۈشلىگەندەك ،
يەڭگۈشلەپ نەچچە قېتىم دىن - ئېتىقادىمنى ،
ئۆچۈرۈپ ماڭدىم ئۆزۈم سالغان ئىزلارنى .
بۇزۇپ ، ئۆچۈرۈپ تۈگىتەلمىگەندە ،
ئۆزۈم يەنە يول باشلاپ قۇترىغان ئەجنەبىيلەرگە
ئۇلارنىڭ قولى بىلەن
بىرمۇبىر چەيلىدىم سەنئەت تاجىنى .

كېزىپ كۆلمۇ - چۆل
كېزىپ باغمۇ - تاغ
ﻫەممىنى قوش قوللاپ بەردىم ئاشۇ ياتلارغا .
مەن ئاشۇ سەنئەتنى ياراتقان چاغ ،
ئىشتان كىيىشنى بىلمەيدىغان
چارۋىدىن پەرقى بولمىغان
ئاشۇ ياتلارغا .
بەردىم ﻫەممىنى :
يىلتىزىمنى ، روﻫىمنى ، ئۇيغۇرلىقىمنى . . .

مەن
قىسمىتىم ، كەچمىشلىرىمدىن _
ياراتتىم بىباﻫا ، شاﻫ مۇقاملارنى ؛
زېمىندىكى ئەڭ مۇكەممەل كۈي قامۇسىنى ،
تەڭرىلا يارىتىشقا مۇۋەپپەق بولالايدىغان
تۇيغۇ تىلىنى .
بارچە پەرىشتىلەر جەملەندى ئاڭا ،
ئاپەت - ئامەتلىرىم جەملەندى ئاڭا ،
پانىي - باقىيلىقىم جەملەندى ئاڭا .
لېكىن - زە
ئەرەبچە ئات قويۇپ چىقتىم ئۇلارغا ،
تېخىمۇ سىرلىق ، يۈكسەك بولسۇن دەپ ،
شەيتاننىڭ قەستىدىن يىراق تۇرسۇن دەپ .
لېكىن - زە ، يەنە لېكىن - زە
ئاپئاقخوجىغا ئەگىشىپ چەيلىدىم ئۇنى ،
<< مەدەنىيەت ئىنقىلابى >>دا ئالجىپ قەستلىدىم ئۇنى ،
جىن - شەيتان دەپ ئات قويدۇم ﻫەممىگە بىر - بىر ،
ئاشۇ چاغ
ئۆزۈم تۇرساممۇ ئەينى جىن - شەيتاننىڭ رولىنى ئېلىپ . . .
مانا ئەمدى
<< تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن >> دېگەندەك
قۇتقازماقتىمەن ئۇنى ئەقلىمنى تېپىپ .

مەن
<< ئوغۇزخان >> ئېپوسىنى ياراتتىم ،
خەق مەندىن قەﻫرىمانلىقنى ئۆگەنسۇن ، دېدىم ،
ئۇيغۇر _ ئۇيۇشقاق بولسۇن ئۇرۇقۇم ، دېدىم .

مەن
<< مەﻫمۇد قەشقەرى >>نى ياراتتىم ،
تىلىمنىڭ قۇدرىتىنى جاﻫان بىلسۇن ، دېدىم ،
شانۇ - شەۋكىتىم ئەبەدىي ئۇنتۇلمىسۇن ، دېدىم .

مەن
<< يۈسۈپ خاس ﻫاجىپ >>نى ياراتتىم ،
بىلىك بىلەن قۇتاتسۇن ئەۋلادىم ، دېدىم ،
ئەقىل ، ﻫېسسىيات ، قانۇن ، باﻫادىرلىق
بىلىك بىلەن بىر تۇغقان ، دېدىم .
بارچە تەركىب - ئامىللار ، بارچە ئەتمىشلەر ،
تەڭپۇڭ بولسۇن ئۈچ پۇتلۇق داڭقاندەك ، دېدىم .

مەن
نەۋائىينى ياراتتىم _
شەرقنىڭ شېئىرىيەت جەننىتىنى ياراتتىم .
ﻫومېر ، دانتى ، شېكىسپىرلار ئۇنىڭغا يول بەرسۇن ، دېدىم ،
پۇشكىن ، گېئوتى ، تاگورلار ئۇنىڭغا قول بەرسۇن ، دېدىم .
ئەۋلادلىرىمنى
نەۋائىيدەك تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغدىسۇن ، دېدىم .
لېكىن - زە ، لېكىن
ئۆزۈم ئاسىيسى بولدۇم ئۆزۈمنىڭ .
غەپلەت ، غاپىللىق ، ئادىشىش ، ئۇنتۇلۇش
سىزدى سەپىرىنى يولۇمنىڭ .
ئەي مەﻫمۇد ، يۈسۈپ قەدىردان
شاﻫانە ئەسىرىڭلارنىڭ قوليازمىسى بۇ يەردە ئەمەس
تېپىلدى يات ئەللەردە .
يات ئالىملار تونۇتتى ماڭا سىلەرنى ،
ياتلار ئارقىلىق تېپىۋالدىم يىتتۈرگىنىمنى ،
ئۆزۈمنى ، روﻫىمنى ، ئۇيغۇرلىقىمنى . . .

غەپلەت ، غاپىللىق ، ئادىشىش ، ئۇنتۇلۇش ،
ئۇزاق ، بەك ئۇزاق . . .
ئۇيغۇر _ ئۇيۇشقاق بولماي ، ئۇرۇشقاق بولۇپ ،
ئۆتكەن كۈنلىرىم ئۇزاق ، بەك ئۇزاق . . .

دانىشمەن ، ئاقىلنى ئۇچراتسام ئەگەر ،
يا يۇرتتىن قوغلاپ چىقاردىم
يا تۆﻫمەت چاپلىدىم ، چەقتىم ، خورلىدىم ،
يا ئوڭنى تەتۈر قىلىپ ، ئاقنى قارىلىدىم .
بىلگىن جاﻫان :
مەشرەپنى ئاختا قىلغان مەن ئۆزۈم ،
ئابدۇقادىر داموللامنى قەتلە قىلغان مەن ئۆزۈم ،
تەۋپىق ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، ل . مۇتەللىپنى چېقىپ بارغان مەن ئۆزۈم .
سەللا شەپە چىقىپ بولغۇچە
پۇرسەت كەلدى دەپ بىلىپ ،
كىملەرنىدۇر ماڭقۇرت بولۇشقا قىستىغان مەن ئۆزۈم .
شۇنداق :
غاپىللىق ، ئادىشىش ، بېكىنمىچىلىك
ئۇزاق ، بەك ئۇزاق . . .
نەچچە ئەسىر تارىخ توختاپ قالدى بۇ يەردە ،
نەچچە ئەسىر ياشىدى ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوخشاش تەپەككۈردە ،
تۇرمۇش داۋاملاشتى ئوخشاش رىتىمدا .
ﻫايات ئوخشاپ قالدى
گويا تام تۈۋىدە ياتقان ﻫورۇن بەڭگىگە .
ئۆزۈم
ئاسىيانىڭ كىندىكىدە ياشاپ تۇرۇپ ،
بارچە مەدەنىيەتنى روﻫىمغا جۇغلاپ تۇرۇپ ،
ﻫېكمەتنى سۈمۈرۈپ ئايلاندىممۇ ﻫېكمەتسىزگە ؟
<< قىممىتىم چەكسىز ! >> دەپ ئايلاندىممۇ قىممەتسىزگە ؟

جاﻫان دانىشمەنلىرى توۋلايدۇ : مەن سەندە ، دەپ ،
شامان ، مانى ، زەردۇشت ، بۇددا ، ئىسلام توۋلايدۇ : مەن سەندە ، دەپ .
ۋۇجۇدۇمدا رەڭگارەڭلىك كەتكەن چېچەكلەپ ،
ياشاپتىمەن ﻫەممە نەرسىگە روﻫىمنى مىلەپ .

بولدى بەس
ئۆتكەن كۈنلەر ، ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات .
باقتىم ئۇپۇققا :
سەﻫەر قۇياشى نۇر چېچىپ پارلاق
بارچە ئىقلىم تولدى گۈللەشكە ،
ئۆرلەش ، تەۋرەش ﻫەم يۈكسىلىشكە .
بۈگۈن
يەر شارى ئايلاندى كىچىك كەنتكە ،
ۋۇجۇدۇمدىكى مەدەنىيەت تىندۇرمىسىنى
يىپەك يولى بويلاپ چاچتىم زېمىنگە .
ﻫەر بىر ئۇچۇر ، ﻫەر بىر سەزگۈ ، ﻫەر بىر ﻫېس قىلىش
ئايلىنىپ يېڭىدىن ئاپىرىدەگاﻫقا
زامانغا خاس ئەقىل روﻫنى پىششىقلاپ ئىشلەپ
سانسىزلىغان يېڭى جېلىل خېلىلنى تۇغار ئالەمگە . . . !

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:14:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىيىت نوچىنىڭ ئۆلۈم خېتى
ئابدۇرىشىت سۇلايمان



سالام دوتەي!

بىر ئادەم ئالدىڭغا بارىدۇ ئۇدۇل ،
ئۇنىڭغا ئەركىنلىك بېرەلەمسەن يوق .
ئۇ جەسۇر،جېنىڭنى قىلىدۇ پايخان ،
ھۇشيار بول،ئۇنىڭغا ئېلىپ قويغىن ئوق .

ئاندىن سەن‹‹ئوغلان››دە ئاستا پەپىلەپ ،
بىلسەڭكى،باپلايدۇ يولۋاسنى تۈلكە .
جىسمىنى زەنجىرگە چەمبەرچاس باغلاپ ،
سولاپ قوي!زىندانغا…قاراڭغۇ ئۆيگە .

روھ خەتەر! تۈنلەردىن ياسسايدۇ ئۇچقۇن ،
ئۇ ئەبلەخ جېنىدىن تويغان بىرنېمە .
دوتەيمۇ؟مىڭ بېشى…سەرخىل چېرىكىڭ
بۇرادەر،ئۇنىڭچۇن ئەمەس ھېچنىمە .

ئۇنى ئات دەشھەتلىك يېرىگە چەنلەپ ،
بەڭۋاشچۈن يۈرىكى ئەڭ ئېسىل نەرسە .
دىققەت قىل،يۈرىكى پارتلايدۇ ئۇنىڭ ،
ياسسىغىن پولاتتىن مۇستەھكەم قەبىرە .

بۇ ئىشنى بېجىرسەڭ بېرىمەن يامبۇ ،
تۈلكىدەك قۇۋ بولۇپ ئاتقىن يۈرەككە .
يۇرتۇڭدا بولسا گەر بەڭۋاش پەھلىۋان ،
مەكتۇپلۇق يوللىۋەت بىزنىڭ تەرەپكە .

بىز شۇنداق كېلىشىپ بېجىرەيلى ئىش،
كىم قىلسا بەڭۋاشلىق سولايلى گۆرگە.
خوش دوتەي ئامانلىق ساڭا يار بولسۇن،
سېيىت جېنى ئامانەت قالدى سىلەرگە.


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:15:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىشتىن زېرىكىش
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران

زۇلمەتلىك ئۆتمۈشتەك سوغۇق بۇ كېچە،
كۈلكىلەر ئۈششىگەن قەلبىم بويىدا.
ئۆتۈپ كەتتى قۇياش تۈنۈگۈن،
دېرىزەمدىن بېقىپلا قىيا.

دەرەخلەر يالىڭاچ قالدى دالادا
جۇتلار ئۆلۈمىدە باغجانلاپ چۈشى.
ئەسلەتتى قەدىردان روھىمنى ماڭا
بوراننىڭ تۇيىقى ئارا ئۈزۈلگەن ـــ
غازاڭنىڭ پاتقاقتا لەيلەپ يۈرۈشى.

دولقۇن نەرىسىنى سېغىنار شېئىرىم،
كىرپىكلەر بەرگىگە ئېسىلىپ ئۇدا.
مۇز پەسلى خاتىمە تاپار ئېھتىمال
كۈننى يەر شارىغا يېقىنلاشتۇرۇپ
ھەممىنى كۆيدۈرگەن چېغىدا خۇدا.

دەردلەرگە ئۇلايدۇ كۆڭۈل پۇتىنى
ئۆتمۈشنى يېتىلەپ كېلىش ئۇشبۇدەم.
مۈشكۈلدۇر قىسمەتتە ساقلىنىش قىشتىن،
ئادەم ئۆز-ئۆزىگە شوتا، ئورا ھەم.

زېرىكتىم سەندىن، ئەي، قىش پەسلى ئەجەب،
كۆزۈمدىن ئۇچتىغۇ يازدىكى چىمەن.
ئىشىكنى ئاچساملا مۇشۇ كۈنلەردە
دوقۇرۇشۇپ قالىمەن، ئەپسۇس،
بوسۇغىدا يەنە سەن بىلەن.


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 00:21 , Processed in 0.044812 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش