يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1921 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ماھىتابان

ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى 100پارچە نادىر شېئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 09:23:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى


( ئابدۇرېھىم ئابدۇللا )

ھەممە شائىر «ئانام»لا دېدى،
ئاتىلىرى يوقمىكىن ئەستە.
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،
يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە.

ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،
نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا.
خەنجەر بولۇپ قادىلار ئىدى،
بولسا مەلئۇن ھەر جايدا پەيدا.

دائىم ئۆتۈك بىلەن سۇ كېچىپ،
كۆردى نى-نى دەردۇ بالالار.
ھەتتا يۈگەن بىلەن سۇ ئىچىپ،
كەزمىدىمۇ تاغۇ-دالالار.

نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چولپان،
قىلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى.
ۋەتەن ئىشقى ئوقلارغا قالقان،
ئايىغىدا قاننىڭ دولقۇنى.

تالاپەت يەپ چۆللەردە قالسا،
ئاسمان يىغلاپ تۆكمىدىمۇ ياش.
يۇلغۇنزارلار قوينىغا ئالسا،
شىر-يولۋاسلار تاۋۇتقا قولداش.

بىز ئاتالدۇق تانسىدا يىگىت،
ئاھ، ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت.

   يىڭنىلەرگە رەھمەت ئوقۇلدى،
جەڭگاھ بىلەن ئۇنتۇلدى ئوقيا.
كۆسەيلەرگە داستان پۈتۈلدى،
قىلىچ بىلەن يارالدى دۇنيا.

توقاچ بەرسە ئانام تونۇردىن،
ئەرك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە.
كۆڭلەك بەرسە ئانام ماتادىن،
بايراق بەردى ئاتام زەپەردە.

مەن يىقىلسام ئانام يىغلىدى،
ئاتام سىلكىپ مىندۈردى ئاتقا.
جاپالاردا راسا تاۋلىدى،
خار قىلماي دەپ ياۋلارغا-ياتقا.

سايىلەردە ئانام ئەللىيى،
مەن قۇچاقتا، كۆزۈم ئۇيقۇدا.
خامانلاردا ئاتام لاي-لېيى،      
شەھەر ئالغان شاھتەك تۇيغۇدا.

چىللاپ كەتتى ئاتامنى ۋىجدان،
ئانام قالدى ئۆينىڭ غېمىدە.
ئەلنىڭ غېمى ئاتامدا ۋولقان،
يېشى دەريا، ئۆزى كېمىدە.

مىڭ يىگىتنىڭ ھىممەت لەرزى بار،
قولىدىكى ھەر بىر قاداقتا.
ھەر كۈلكەمنىڭ پۈتمەس قەرزى بار
ئۇ ئىشلەتكەن خەنجەر، ساداقتا.

مەن ئاتالدىم بەزمىدە يىگىت،
ئاھ، جان ئاتام جەڭلەردە شېھىت.



[ ayqiz بۇ يازمىنى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 09:29  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 15:30:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئايسىز ئايدىڭ

( باتۇر روزى )


ئايسىز ئايدىڭسەن
دۇنيانى
كۆرسەتكەن كۆزۈمگە ئوغۇز رەڭگىدە .
دولقۇنلىرىڭ قۇيۇلماقتا باغرىمغا،
چۈشۈرگەمدىن تاشتى شاماللار
كېپەنلەردىن تاشلىدىم قاسراق،
قاڭقىپ چىقىپ يالتىرىغان ئاسماندىن
شۇڭغۇپ كىردىم بوغۇزىغا بوراننىڭ،
قوغلاندىم
ئامانەتكە بەرگەن ئۆيۈڭدىن،
يېيىلدىم
نۇر بەرقىگە ھامىلىدار غايىبانە چېھرىڭنىڭ -
شولىسىغا باغلىنالماي تىتىلىپ تۇرغان
يورغا يوللارغا ...
بارماقلىرىمدىن قاچتى تېيىلىپ
شىلىمشىق قۇببەڭ،
شەيتان خەمەكلىگەن چۆنەكلەر ئارا
ئۇرۇقلارنىڭ بۆكتۈرمىسىدىن
بىخلىماقتا پېلەكلىرى ناخشاڭنىڭ؛
غوزەكلەرنىڭ ئارامگاھىدا
نۇر پىلىسى ئىشلىمەكتىسەن،
يىپەكتەك ئەۋرىشىم قەددىڭنى سوزغانچە
سۈكۈناتنىڭ بۇرجەكلىرىگە.
سەن كىمنىڭ كۆكتىكى قەبرىنامىسى؟
ئايسىز ئايدىڭسەن،
كۆكسۈڭدىن باشلانغان رەڭلەر بەزمىسى.
نەپەسلەرنىڭ كاۋاكلىرىدىكى پايانسىز يايلاقلاردا
پىنھان قىيغىتىپ تۇرغان دېڭىزلار پادىسى،
دەملەر تۆشۈكىدىن نەي ئاۋازىدەك
جاھاندا پاتمىغان ئىشرەت نەغمىسى.
خۇش پۇراق شەھۋەت قىيانلىرىنى
نازاكەت سەھنىسىدە لەرزان ئۇسۇلغا سالغان
ئەي، ئوغۇز رەڭ ئەپسۇن!
جان دەرىخىنىڭ ئوق يىلتىزىدا ئېقىپ يۈرگەن چوغلار ئېقىنى
ئەي، ئۆلۈمنىڭ خىلۋەت ئوردىسىدىن يامرىغان شاراب توپانى؛
ساقىيلارنىڭ بۇزرۇكۋار تاجىغا قادالغان ئەڭگۈشتەردىن
مەن كۆرمىگەن
تۆرەلمىگاھىمدىكى غەيرىي دۇنياغا غىل - پال كۆرۈنگەن
ئەي، كۆز تەگكەن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز،
قېقىلغان يوقلۇقنىڭ بوغۇزلىرىدىن
پارتلاپ چىققان ئىستەك بومبىسى!
كۆزلىرىمگە كۆرۈنگەن
ئوغۇز رەڭ ئايدىڭ،
سەن -
تىلىسىملارنىڭ رەڭۋاز ئەينىكى !

باغرىمدىكى دۇتارنىڭ تارى
ئويناتماقتا بارماقلىرىمنى،
دولقۇنلۇق كۈيلەر قايمىسىدا قايماقتا شۇدەم
تاۋۇشلارنىڭ ئىشىكسىز ئۆيىدىكى بەزمىسىدە جىنلارنىڭ
دەرمەكلەردىن مەست بولغان جەسەتلىرىم،
لاتقىلاردا بىخسىمان نەپەس
ھاۋا چىملىقىدا قاتقان كۆپۈكلەرنى توزۇتماقتا ھەم؛
نۇرلارنىڭ توز قانىتىدەك يېيىلغان كۈلكىسىنى كۆردۈم
تىتىلغان ئۇپۇقنىڭ رەڭدارلىقىدا سەجدىگە چۆككەن
قۇلۇپلانغان شاماللارنىڭ ئاھىغا يۆگىشىۋالغان كېچىلەرنىڭ
گۈركىرىگەن ئوت ئەينىكىدە.
كۆزۈم بۇلاڭچىسى - ئاسماننىڭ تېپىكلىرىدە لەرزىگە كەلگەنچە،
چۆكتى ئاسمان
ئاتەش قاينىمىغا تونۇرۇمنىڭ؛
دۇنيا
تولغاندى قىلدەك
كۆيدۈرگىلەر داپخانامدا ياسىغان مەشرەپتە.
كۆردۇم
ئەسلىمىلەرنىڭ
قەبرىلەردىن پاناھ تىلەپ قاچقانلىقىنى؛
يالقۇنلۇق تاجىمنى تاشلىدىم بىر پەس،
قوۋۇرغىلار قورشاۋىدا يالىڭاچلاندىم
تۈتۈنلەردە لەيلەپ يۈرگەن ئۇچقۇنغا ئوخشاش؛
بارلىقىمنى سېلىپ تاشلىدىم،
قايتىپ كەلدىم ئوغۇز رەڭگىگە
ئايدىڭغا قوشۇلدۇم بىر تامچە سۈتتەك ...

ئايسىز ئايدىڭسەن،
غايىپ بولغان تاغلار ئورنىدا
قىياسىمدا لەيلەپ يۈرگەن ئەي سۈزۈك مانان،
بەھەيۋەت ئۆركىشى ھۈجەيرىلەرنىڭ
قانداقمۇ پاتقاندۇ ئاراشلىرىڭغا ؟
بولمىغىنىمدا
سېنى تۈزگەن بىر تال يىپ ئەگەر،
يورغىلاپ تۇرغۇچى بارماقلىرىمدا
سىغدۇرۇۋالامتىم ئۇپۇقلىرىڭنى
شەرەتلىرىم قىرغاقلىرىغا؟
غايىپ بولغان تاغلار ئورنىدا
دۇتارنىڭ قارنىدەك پومپىيىپ تۇرساڭ،
تىۋىش بولۇپ ئۈنەرمەن بىر كۈن
تارلىرىڭدا مۆكۈشمەك ئويناپ
پىلدىرلاپ ئۇچقانچە ھەتتاكى -
كۈيلىرىڭنىڭ كەڭلىكتىكى قورشاۋلىرىدىن
بۆسۈپ چىققىنىچە چەتنەپ كەتكەن ئايدىڭدا.
تىترەڭگۈ كىرپىكتە توختىغان ياشتەك
ئەلەڭگىپ تۇرغىنىم ئېسىمدە پەقەت،
كۈن نۇرىدەك سوزۇلسىمۇ كۆزلىرىم
بېغىرلاپ قايتالماس ئەلەڭگۈچىڭنى؛
ئۇنىڭ تېرەن تۈگۈنچەكلىرىگە
دېڭىزلارنى بويلاتماقتىسەن،
ئۇنىڭ يۈكسەك بالداقلىرىغا
جاپاكەش قۇياشنى سەكرەتمەكتىسەن،
كىشنىمەكتە ئالەملەر
ئاياغلاشماس مۇساپەڭ ئارا ...

ئايسىز ئايدىڭسەن،
بىر چېتى قارايقان پايانسىزخىيال
تىمىسقىلاپ كەلمەكتە بۇرجەكلىرىڭدىن،
ئوغۇز رەڭلىك بۇژغۇندەك؛
دەم يوقاپ كەتمەكتە ئەمچەكسىمان ئايدىڭدا،
دەم ئۈنمەكتە چاقماقلارنىڭ يالتىرىشىدا؛
قەدەھلەرنىڭ قىسلاچلىرىدا
ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلىغان شاراب
چاقماقلارنىڭ يېرىقلىرىدىن
تاش يامغۇرى بولۇپ تۆكۈلەر،
ئالۋۇنلارنىڭ ئۆركەشلىرىدە
دولقۇندىن - دولقۇنغا سەكرەيدۇ شۇ دەم،
قاناتلىرى ئۈستىدىن
ئىرغىتىپ تاشلايدۇ تۆرەلمە پېتى
بىسى قايرىلغان قىلىچقا ئوخشاش
ئالۋۇنلار ئۆركىشى ئۈستىگە مېنى.
ئايدىڭنىڭ پايانسىز ئىقلىملىرىدا
ھىجران ئوردىسىدا سەرسان بىر شاھمەن،
شولىلار شاۋقۇنى سىڭگەن ناخشامنىڭ
ئاۋازىغا ئالدانغان ئۆزۇم؛
خانىشنىڭ نازاكەت بەزمىسى ئارا
ناخشىلار ئوقۇيدۇ ئېزىققان كۆزۈم:
ئوغۇز رەڭ ئەي دەرەخ،
ياپرىقىڭ يېشىل،
ئوغۇز رەڭ جۈپ يىلتىز ئاچىماقسىمان؛
ئاغزىڭدا ئىككىگە بۆلۈنگەن قۇياش،
يىغىلغان ئايدىڭسەن قۇيۇنغا ئوخشاش،
ئاتەشلىك ئورداڭدا قىزارغان چوغلار
ئوغۇز رەڭ نۇرلارنىڭ پاتقاقلىرىغا
چىلىنىپ ئۆگەنگەن چىملىقلار ئارا
جانلار يولۋىسىنى چىللايدۇ شۇئان!
ئەي، يالقۇن قاينىمى،
ئەي، گۈلگۈن باشاق،
ئەي، بىر يول يىڭنىگە مۇجەسسەم ئايدىڭ،
جاراھەت ئاغزىدىن تاشقان ئەي، چېچەك،
يىغىلار شەھىرىنى ئوۋلىغان كۈلكە،
كۈلكىلەر ھۆسنىگە قان تەپكەن ئارمان!
ئارمان تۈنلىرىنى ئالدىغان سەھەر،
سۈبھىدىن مەي تىلەپ ئالجىغان شامال؛
قەبرەمنى كۆردۇم مەن:
دېۋەيلەپ كېلەر
شاماللار ئايدىڭنى بېغىرلاپ شۇ دەم
يىقىلغان ئۆگزەمدىن يايغانچە قانات
جەسىتىم ئۈستىدە سىلكىگەندە پەر ...
ئوغۇز رەڭ نۇرلارنىڭ پاتقىقى ئارا
ئايدىڭغا يامرايمەن،
ئانا ئايدىڭغا؛
ئايدىڭدىن - ئايدىڭغا سوزۈلغان دەملەر
شاراب كەل كۈتىمەن تەشنا باغرىڭغا.


Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 15:39:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس

( ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر )


ئۆمۈر مەنزىلىدە ئىستەپ غۇبارسىز چىن ھەقىقەتنى،
قەلەندەردەك كېزىپ يۈردۈم چېكىپ مىڭبىر مۇشەققەتنى.
ۋە لېكىن يوق ئىكەن تۈز يول تېپىشتا ئۇشبۇ مەقسەتنى،
تېڭىرقاپ ئۆتتى كۆپ ئۆمرۈم چۈشەنمەي سىرى ھېكمەتنى،
ئىشىت دىلبەر، بايان ئەيلەي ساڭا بۇ ھەقتە سۆھبەتنى.

تۇغۇلغاچ ئىككى مۆمىندىن، ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل،
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل.
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىن غاپىل،
ئاقۇر كۆزياشلىرىم گويا بولۇپ ئېرتىش ۋە ياكى نىل،
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مېنىڭدەك كۆپ نادامەتنى !


يا ھەققە ئەتمىدىم قۇللۇق، يا ئەلگە قىلمىدىم خىزمەت،
بېغىمغا كۈز يېتىپ كەلدى، قولۇمدىن كەتتى كۆپ پۇرسەت.
ھەمىشە ئۆرتىبان دىلنى يېلىنجاپ بىر ئەلەم-ھەسرەت،
ئازابلاپ كېچەيۇ- كۈندۈز قىلۇر جانىمنى بىتاقەت،
راۋادۇر قانچىلىك قىلسام ئۆزۈمگە دوق - مالامەتنى.

ئانا يۇرتۇم بېرىپ ئاق سۈت، بېقىپ ئۆستۈردى مىڭ ئاسراپ،
ئاۋايلاپ مايسىدەك ھەر تاڭ چېچىپ باشىمغا زەر ئاپتاپ.
بېرىپ تىل ھەم ئەقىل - ئىدراك، قاتارغا قوشتى يول باشلاپ،
قاناتى ئاستىغا ئالدى ئېغىر كۈنلەردە مىڭ- مىڭلاپ،
نېچۈكمۇ ياندۇرارمەن بۇ ئانالىق مېھىر- شەپقەتنى !

باھارنى كۈيلىشەر قۇشلار چېغىدا ھەر سەھەر دەمدە،
نېمىشقا بولمىسۇن بىر ھېس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە ؟
ۋەھالەنكى، ئادا بولماي ھېسابسىز قەرز بۇ زىممەمدە،
ھامان قاينامدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمان ئابى دىدەمدە،
ئۆمۈرنى زايە قىلما سەن ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.

خىيالىم دېڭىزى تىنماي تېشىپ مىڭ چايقىلىپ قايناق،
كېچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق.
چىقاردىم بىر يەكۈن ئاخىر ئۆمۈر مەنزىلىدىن شۇنداق،
ئۆمۈردۇر بىر كۈرەش، ھەرگىز ئەمەس ئۇ بىزگە ئاۋۇنچاق،
يولاتما ئەي كۆڭۈل ئەمدى ئۆزۈڭگە زەررە غەپلەتنى.

پىكىر دەرياسىغا قانچە تىرەن چۆمگەنسېرى ھەر تۈن،
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى، تارقىدى ئەپسۇن.
ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق، دىلىمدۇر ناتىۋان، مەھزۇن،
ۋە لېكىن جان كىتابىغا قوشۇلدى يۈز تۈمەن مەزمۇن،
شۈكۈركىم، قوغلىدى مەڭگۈ يورۇق تاڭ قارا زۇلمەتنى.

تەپەككۇر كۆزىلە باقساڭ ئەگەر ئالەمگە بىر كەررە،
ئەمەستۇر خالىي ھېكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە.
چۈمۈلە چېغىدا تىنماي تاپۇر ئۆز ئەجرىدىن مەررە،
كىشكىم بىلسە بۇ بەلكى خەزىنە سىرىدىن زەررە،
پىكىر قىل ھەم چۈشەن، ئۆگەن بۇ جانلىق سىرى ھېكمەتنى.

بىلىپ يەتكەنسېرى ئىنسان ھاياتنىڭ سىرىنى كۆپرەك،
كۆڭۈل روشەنلىشىپ ئاندىن چۈشەنگەي ئۆزىنى خوپراق.
مىسال قارغۇ نېچۈك بىلسۇن قۇياش قانداقۇ ئاي قانداق،
بىلۇر، ئەمما گۆدەك ھەتتا نېچۈكتۇر گۈل، نېچۈك ياپراق،
دېمەككى، مەرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلۇ - پاراسەتنى.

ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم، بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن،
تۇغۇلماق، سوڭرە ئۆلمەكلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن.
لېكىن نەدە، قاچان، قانداق ئۆلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن،
يېشىلمەس بىر تۈگۈن بولدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى - دەۋراندىن،
غەنىيمەت بىل ئادەمزاتقا بىرەر تۆھپە ۋە خىزمەتنى.

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رۇمى ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كېلىپ - كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھېساب كارۋان.
ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

تۇغۇلغان ھەر بوۋاق يىغلاپ چۈشەرمىش يەرگە ئادەتتە،
ئەجەل كەلسە يەنە يىغلاپ كېتەرمىش كىشى ھەسرەتتە.
ۋە لېكىن يىغلىماي كەتكەن كىشىلەر ھەم بار ئەلۋەتتە،
كى شەرمەندە قىلىپ ھەر دەم ئۆلۈمنى جەڭگىۋار سەپتە،
نە يەڭلىغ بەخت ئىدى بىزگە،ئەگەر تاپساق شۇ پۇرسەتنى.

يېتىپ كۈز، سوغ شامال تەگكەچ، غازاڭ بولغان كەبى ياپراق،
ئۆمۈر مەنزىلىدە ئاخىر بولۇرمىز بىر دۆۋە تۇپراق.
بۇ تۇپراقتا ئۈنەر بەزەن تىكەن ياكى خۇنۈك قامغاق،
ئېچىلغاي بەزىدە گۈللەر، چېچىپ خۇش ئەترىنى ھەر ياق،
دېمەك، ھەر كىم بېرۇر شەخسەن ئۆمۈرگە ئۆزى قىممەتنى.

كىشى قىسمەتنى بىلمەيدۇ سوراپ ھەتتا سۇھەيلىدىن،
تاپۇر ئىززەت ۋە يا كۈلپەت كۆڭۈلنىڭ زەۋقى مەيلىدىن.
نېمە تەرسە شۇنى ئالماق بولۇر ئۆز خۇيى- پەيلىدىن.
نە بولدى ھالى فىرئۇننىڭ تەكەببۇرلۇق تۈپەيلىدىن،
ئۇرۇقنى تاللىماي چاچساڭ، تىكەن باسقاي زىرائەتنى.

ئۆمۈر گويا ئېرۇر بىر شام، تۈگەر ئەلۋەتتە كۆيگەنچە،
ئاشار قەدرى لېكىن شۇنچە ئېرىپ جىسمى تۈگىگەنچە.
كۆرۈڭكى، ئاشىقى پەرۋان كۆيۈپ ئىشقىدا مىڭ - مىڭچە،
تەسەددۇق ئەيلىدى جاننى كېچە شام نۇرىغا شۇنچە،
ئۆمۈر مەنزىلىدە كاشكى، كىشى تاپسا شۇ قىسمەتنى.

بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر، ئەمما،
نامايەندۇركى، قۇياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا.
مۇخەممەس ئەلگە يەتكۈزسە ئۆمۈر چىنلىقىدىن مەنە،
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن، ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا،
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.


Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 16:16:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دېھقان بولماق تەس


رۇزى سايىت

شائىرمەن، قىلمىغاچ يالغانغا ھەۋەس،
سۆزلەيمەن ھەق گەپنى يالغاننى ئەمەس.
بىر ئوت بار يالقۇنى قەلبىمدە پەۋەس،
شۇ ئوتنىڭ ئۆرتىشى ئەتتى مېنى مەس،
مەسلىكتە دەپ ئالاي لېكىن مەن پەخەس،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئالەمنىڭ گۈللىشى ئۇنىڭ تەرىدىن،
چۆللەرنىڭ ئەبەدى ئۇنىڭ بەھرىدىن.
ئۇ باقار شەھەرنى كېچىپ مەرىدىن،
ئۇنىڭ يوق تاماسى «تاختىپەرى» دىن.
پەرقى يوق تۆھپىدە ھەسەل ھەرىدىن،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۇ مۆمىن، بەك ياۋاش، ساددا مۇلايىم،
بوشىماس ئالقىنى كەتمەندىن دائىم.
دەر؛ئىشلەي ساق بولسا يەتتە ئەزايم،
تەقدىردە ئېتىزدىن ئېلىنمىش رايىم.
رىزقىمنى، ئەجرىمنى بەرسۇن خۇدايىم،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

پاراغەت دىلبىرى ئاچقۇچە قۇچاق،
تۆت پەسىل توختىماي كۆرسىتەر ئوتۇن.
قىشتا سوغ، يازدا ئوپ، باھاردا قۇيۇن،
گاھ كەلكۈن، گاھ تومۇز، قىستۇرار بويۇن.
قىسمەت دەر «جاپاغا كېكىر-تويۇن!»
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

قاراشلىق كەل -بار يالغۇز بېشىغا،
يۈگرەيدۇ ئۆستەڭگە دامبا بېشىغا.
ئىشلەيدۇ شۇلارنىڭ توپا -ئىشىغا،
ۋاقىتنىڭ ئاشقىنى ئېتىز بېشىغا.
قورۇقلار ماس كەلمەس ئۇنىڭ يېشىغا،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۇ ئۆكۈز، توختىماي تارتىدۇ ساپان،
شاكراپ تەر دەستىدىن شورلايدۇ تاپان.
كۆيىدۇ چوققىسى، كۆيىدۇ تاپان،
چاك -چاك يېرىلىپ قانايدۇ ئالقان.
ئەمما ئۇ«ۋايجان!» لاپ كۆتۈرمەس چۇقان،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

تېرىمنىڭ كەينىدىن مايسا پەرۋېشى،
ھە دىمەي بولىدۇ يىغىم تەرۋىشى.
ئېتىزدىن بوشىسا ئۆينىڭ تەشۋېشى،
ئېشەكنىڭ ھاڭرىشى، قوينىڭ مەرىشى.
يىل بويى ئۆكسىمەس پىشىپ تەرلىشى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

كېلىدۇ بايراملا ئايەمگە تۇتاش،
دىھقاننىڭ بايرىمى «ئوتاش ھەم پۇتاش».
ئوي پىكىر ھېيىت ئەمەس-ھوسۇلنى بوداش،
ئايەم شۇ قازناققا كۆپۈرەك كىرسە ئاش.
مەشرىپى ماتىمى خاماندا، ئاداش،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۇ ئەمەس ئۇنۋاندار تەلەيلىك كىشى،
توشمايدۇ بىر ئۆمۈر پىنسىيە يېشى.
يوق «تۆمۈر تاۋىقى» ئۆرلەش ئىشى،
يوق مائاش، دەرىجە ئۆستۈرۈش ئىشى.
ھەر ئايدا ئوتتۇز كۈن ئىشلەر ياز قىشى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

يەكشەنبە، شەنبىلەر يوقلىماس ئۇنى،
شىيەنجاڭمۇ، شىياڭجاڭمۇ يوقلىماس ئۇنى.
كانىكول تەتىللەر ساقلىماس ئۇنى،
يوقلايدۇ، ساقلايدۇ ئەمگەك خاس ئۇنى.
شۇ «خاس » لىق باغاشلاپ راست سۆيەر ئۇنى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۇ تەرگەن پاختىدىن بىزنىڭ ئۈستى باش،
ئۇ چەشلەپ يىققان دان -بىزنىڭ يىگەن ئاش.
ھەم شۇنىڭ لىگەنگە چىققان گۆش -ئوتياش،
ئۇ باققان پىلىدىن بىزنىڭ يوتقان تاش.
ئۇ بولغاچ مەرد ھاتەم بىز مۇشۇنداق شاش،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

«مەن، سەن، ئۇ» -سەھرالىق يېزىدىن ئەسلى،
دىمەك بىز ئەسلىدىن دىھقاننىڭ نەسلى.
نەسلىدىن ياتلاشقان كۆرمەس بەخىت ۋەسلى،
قەدىرىنى بىلگەنگە ئۇ ئىللىق يەسلى.
«يەسلى» گە سوزمىسۇن قول ئاياز پەسلى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

بەزىلەر دىھقاننى ساغار كالىدەك،
ساغقانچە بىلىنەر سۈتى چالىدەك.
ئۆزىلا«ئاق » ئۇنىڭ كۆڭلى ئالىدەك،
مۇڭلانسا تۇيىلار تۆھمەت -يالىدەك.
رىزقىغا چاڭ سالار ئۆگەي بالىدەك،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ۋاھ خەقلەر كەتتىغۇ ئەجەپ سوللۇشۇپ،
ھيلىسى يىلسىرى باردى موللۇشۇپ.
سەھنىدە تۈزۈشۈپ «توختام» -قوللۇشۇپ،
«قاتلىشىپ ئاشتى » دەپ دوكلات يوللۇشۇپ.
مۇكاپات ئېلىشتى «تۆر» نى گوللۇشۇپ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئەللىك كۈن تۇرۇقلۇق خالىس ئەمگىكى،
يىل بويى ئىشلەيتى ھاشار بەگلىگى.
رەت قىلسا تۆلەم بار-قالتىس دەللىكى،
ئەرز قىلسا چار قونداقلار پەللىكى.
دىھقانغا مۇشۇنداق ياشاش تەڭلىكى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

«تەكىت» تە ئاجايىپ دىھقاننىڭ رولى،
دىيىلەر «ئاساسنىڭ ئاساسى -ئۇلى».
ئەمەلدە بېشى كەڭ، تار ئاياغ يولى،
شۇڭىمۇ تىرنىقى ئۆسمەيدۇ غولى.
ئون فۇڭنى خەجلەشكە تىتىرەيدۇ قولى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ساتقىلى ئەپ كىرسە ياڭاق يا گۈلە،
ئۇ كىلەر: يەر ھەققى تاپشۇرغىن، بولە؟...
ئۇ كىلەر :دەپ قېنى رەسمىيەت تۆلە!...
دەپ قالسا:سەل توختاڭ. ..دەر «يوقال ئۆلە!» ،
ئۇنىڭغا ھەممىسى توقۇيدۇ مۆلە،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۇ دىسە:قىغ- تېزەك ھىدى بەستىدە...
ماۋۇ دەر:يول قىستاڭ ئۇنىڭ دەستىدە...
يولنى ئۇ ياسسىغان تۇرسا ئەسلىدە،
ھارۋۇسى ماڭالماس كوچا رەستىدە.
ئاھ، گويا ھەممىسى ئۇنىڭ قەستىدە،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

خەزىنە تارقاتسا «يۆلەش پۇلى» نى،
بانكىر دەر:«ئۇ بىلمەس بېيىش يولىنى».
يۇيامدۇ بىزنى، بىز يۇيساق قولىنى؟
چىقىرىپ تۇرسا كېيىن دولا -غولىنى!
كۆزىمىز كۆرمىسۇن قەرزى تولىنى!
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

مۇشۇنداق ھالەتتە دىھقان بىچچارە،
كۆزى ياش، دىلى خۇن يۈرىكى پارە.
ئەپتى جۇل، گېلى ئاچ، مىسكىن، ئاۋارە،
ھالىغا ۋاي ئۇنىڭ قەيەردە چارە.
ھەتتاكى جانغىمۇ تۆلەر ئىجارە،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۈزۈلەي دىگەندە ماغدۇر- يىلىكى،
يۇقۇرغا ئاڭلىنار ئارمان -تىلىكى.
ھال سوراپ كېلىشەر خىزمەت ئۆمىكى،
«يېتەمدۇ يىلىغا -دەپ ئوزۇق يىمىكى؟».
بارى -بار، نە ھاجەت «ئۇ-بۇ » دېمىكى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

دىھقان دەر تەكشۈرۈپ كەلگەن ئۆمەككە،
«ئوخشايدۇ ھالىمىز ئەتسەز مۇنەككە».
بىز گويا قارچۇغا چۈشكەن خۇنەككە،
مۇھتاج بىز يۇرۇققا، بىر يار -يۆلەككە.
(دىمەك تەس بۇ گەپنى سىزدىن بۆلەككە)،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

جەدىۋەللەر« ئاشتى» غا يوللايدۇ ساننى،
ئالىدۇ سۈپۈرۈپ ئاخىرقى داننى.
ئالدايدۇ ئۆزىنى، كۆر بۇ زىياننى،
پوچىلىق -«نوچىلىق» قىينايدۇ جاننى.
جەرىمانە توختىماي كولايدۇ ياننى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

كۆرۈڭلار ھالىمىز شۇ قەدەر ناچار،
ئاش تۆككەن قازناقتىن چاشقانمۇ قاچار.
يەي دېسەك تۈگىدى، يىمىسەك ئاچار،
بىز نىچۈن بوپ قالدۇق شۇ ھالغا دۇچار؟!...
كەتسەڭلار «چاقتىڭ!» دەپ قەھرىنى چاچار،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئىشقىلىپ بىرسى بار پەيلى بەزگەكتىن،
ئىمتىياز تەختىدە تۇرۇپ ئەزگەكتىن.
چىقمىسا بۇ قەستنى بىلگەك، سەزگەكتىن،
بولىمىز سەرگەردان -«جاھان كەزگەك» تىن.
گاراڭ بىز توختىماس تېپىك تەستەكتىن،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

يۇرت-يۇرتتىن تەڭلەيدۇ كۆڭلەك، چاپان، كەش،
ھەشقاللا ئېيتىمىز بولسىمۇ نىم كەش.
بىز شۇنداق تىلەمچى -گاداي، كۆڭلى غەش،
قىززىق ئىش، يەر مۇنبەت ھەر خاماندا چەش.
بىلمىدۇق كىم جەمشىت، كىملەر لەيلىۋەش،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

«ئوغۇتمۇ پۇل!» دەيدۇ، يالتىراقمۇ ھەم،
«تۈگمەنمۇ پۇل! » دەيدۇ جېن چىراقمۇ ھەم.
«پۇل» دەيدۇ تاغارمۇ، توقۇناقمۇ ھەم،
«پۇل» دەيدۇ يولدىكى بوغۇناقمۇ ھەم.
پۇل قېنى؟پۇل نەدە؟ غەم ئۈستىگە غەم،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

بىزنىڭمۇ باي بولۇپ ئۆتكىمىز يوقمۇ؟
لەۋلىرى ماي بولۇپ ئۆتكىمىز يوقمۇ؟
نامراتلىق نومۇسقۇ، بىزگە ئوزۇقمۇ؟
قىسمەتنىڭ پۈتكىنى ئامانەت، دوقمۇ؟
يوق ھەتتا تەسەللى-«ۋاي نىمە قوق» مۇ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

دىمىسىمۇ مەركەزدىن «باي بولسۇن دىھقان!»
قۇلاقنى يۇپۇرغاچ يەرلىك بەگ، خاقان.
ھەددىدىن ئاشماقتا«ئۈچ قالايمىقان» ،
بەس !ئەمدى سالمىساق بولمايدۇ چوقان.
چاچما دەپ سېلىقتەش يۈز -كۆزگە قوقان،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

دىھقاننىڭ بەختىگە سانىما قارا!
دىھقاننىڭ قەلبىنى ئەيلىمە يارا!
دىھقاننىڭ يولىغا قازمىغىن ئورا!
كىم دېدى:دىھقانىڭ قېنىنى شورا؟
دىھقاننىڭ بېشىنى سىلا ھال سورا،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

دىھقانمۇ ياشىسۇن، كۈلسۇن يايرىسۇن،
دىھقانمۇ جاراڭلىق ئۈندە سايرىسۇن.
دىھقانمۇ كۆكلىسۇن، ئۆسسۇن -ئاينىسۇن،
قازىنى ماي كۆرسۇن، شورپا قاينىسۇن.
«ئۇھ...» دېسۇن، ھېيىت -بايرام، مەشرەپ ئوينىسۇن،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

سەن بىزدەك گەردىنى قاتقان نەدە بار؟
مىۋە يەپ، شاخقا تىغ چاپقان نەدە بار؟
تۇز بەرگەن تۇزلۇقنى چاققان نادە بار؟
ئەل يۇرتنى دىھقاندەك باققان نەدە بار؟
ئېيتمىساق بولمايدۇ ئۇنىڭ دەردى بار!
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

شائىرمەن دىھقاننىڭ باغرىدا ئۆسكەن،
شائىرمەن ئۇ بەرگەن زاغرىدا ئۆسكەن.
شائىرمەن ئۇنىڭ ئاش تاغىرىدا ئۆسكەن،
شائىرمەن توي كۆرگەن -ناغرىدا ئۆسكەن.
يالغاننى يازماقتىن راست سۆزلەش تەسكەن،
تەس دىسە جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس!!!


Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 08:58:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Jilwe بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 08:59 دە يوللىغان
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم !
ئايقىزنىڭ بۇ سەھىپىدىكى مۇشۇ تىمىسىدا تۇرغۇن ئەسەرلەر يوللىنىپ بولغانتىغۇ ؟ يەنە نۇرغۇ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، جىلۋە خانقىز، سىز سورىغان بۇ سوئالغا مەنلا جاۋاب بېرەي.
تور بىر مەزگىل توختاپ قالغان مەزگىللەردە يەتتە قىزلىرىمنىڭ مۇنبەر ساندانى زاپاس ساقلىۋېلىنغان ئىدى. يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىنى بۇ قېتىم قايتىدىن ئاچقان ۋاقىتتا كونا سانداننى يېڭى بوشلۇققا يۆتكىدۇق، يېڭى بوشلۇق سانداندىكى بۇرۇنقى تېمىلارنى نورمال تونۇمىغاچقا تېمىلارنى ئايرىم يۆتكەشكە توغرا كەلدى. شۇڭا ئاز بىر قىسىم تېمىلارنى يېڭى مۇنبەرگە يوللاپ قويغاچ تۇردۇق.
كونا يەتتە قىزلىرىمدىكى تېمىلار يوقاپ كەتمىدى ھەممىسى بار. ئەزالارنىڭ بارلىق تېمىلىرى ئالدىرىماي بىر-بىرلەپ قايتا يوللىنىدۇ.
شۇڭا ئەزالارنىڭ تېمىلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىگىدىن ئەنسىرىمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمىز.ھەممەئەزالارنىڭ كونا تېمىلىرىنى ۋاقتىدا مۇنبەرگە چىقىرىمىز.

Rank: 5Rank: 5

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:36:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك بەلەن ئىش بوپتۇ ، ئۇلارنىڭ قانچىلىك نەپكە ئىرىشكىنىنى دىمىسەكمۇ ، دوكچىيىپ ئولتۇرۇپ يازغان ئالتۇندەك ۋاقتىغا  ۋە ئەجىرىگە ھۆرمەت قىلايلى  . مەسئۇلىيەت ئېڭى  بولسۇن  .
جۇلالىققا چىن دىلىمدىن ھۆرمەت ۋە قايىللىقىمنى بىلدۈرمەن . سىزدەك پەرىشتىمىزنىڭ بولغانلىقىغا ئاپىرىن !!

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:26:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ

( ئوسمانجان ساۋۇت )

قەدەھكە قەدەھتەك سىغىدۇ شاراپ،
ئېرىقتا ئاقالماس دەريا كەبى سۇ.
قىل سىغماس ھەقىقەت بۇلۇپ ئەزەلدىن،
كىشلەر قەلبىگە ئورنىغان سۆز بۇ.

ۋە لىكىن ۋەتىنىم سەن باشقا دۇنيا،
مىھرىڭدىن تاشقىمۇ بەردىڭ سەن سەزگۈ،
مەن سىنىڭ پەرۋانەڭ،ئورناتتىڭ ئۆزۈڭ،
ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1430 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:29:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەدە قوللىرىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن!
مېنىڭ پىكىرىم بولسا ئالدىنقى قېتىمقىدەك ھەر- بىر شېئىرنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللىسىڭىز بولامدىكىن دەيمەن!

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
467

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:35:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا

( ئوسمانجان ساۋۇت )


بەختىيار ئوغلۇڭمەن پەقەت ساڭا خاس،
سەن مېنى بىر ئۇيۇل زەررەم دەپ سانا.
بەرگىڭمەن، قەترەڭمەن ۋەسلىڭگە تۇتاش،
كۆرسىتەي يۈرۈگۈم قولۇمدا، مانا.
سەن ئۈچۈن جۇش ئۇرغان قايناق ئەقىدەم،
زىھنىمنى ئۇچلايدۇ، بولىمەن دانا.
ياشايمەن سۆيگۈ ۋە پەخىر ئىلكىدە،
خىسلىتىم، سۆيگۈمگە سەن بولدۇڭ ئانا!
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

سايىدەك خىياللار قوزغىغان ھەۋەس،
بىر قىيا قاراتسا گەر مېنى ياتقا.
بىقارار جاپالار سەۋرىمنى يىڭىپ،
قىستىسا ئوكۇنۇش ، نالە - پەرياتقا ؛
گۇزەردە قارىسام تەئەجقۇپ ئىچرە،
زەر لىباس ئەجنەبى ياكى سەيياھقا.
قۇيۇلغاي كۆزلىرىم بولۇپ گۇناكار،
ئىنسانلىق سۈپىتىم چىقسۇن بەرباتقا!
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

چىگرىسىز ئۆيۈمنىڭ چېگرىسى پولات،
غەيرىي ئۆي ئۇرۇلسا بولۇر ئۇ تالقان.
ئېزىتقۇ جىلۋىلەر ئۈزگەن ئوقلارغا،
سەن بەرگەن مۇھەببەت بولىدۇ قالقان.
بەلگىسىز يۇتكۈچى ئۆمرۈمگە بەلگە،
سىنىڭدە ئاققان تەر،قاپار غان ئالىقان.
سەندىكى ھەر تاڭغا پۈتۈلگەن بەختىم،
ھاياتى نۇرلارنى ۋەسلىگە تاڭغان!
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

تاج - تىللا گۈل قىلىپ ئىگەلمەس مېنى،
ئۆمرۈمنىڭ ۋەزنى ھەم جىلاسى سەندە.
قۇللۇقنى سۆكسەممۇ قاغاپ، قارىلاپ،
قۇلۇڭمەن ئەبەدىي، بىرساڭا بەندە.
تەبەسسۇم تارىتاي يۈلتۇزلارغا مەن،
يالاڭ گۈل كەبىمەن قىلىمەن خەندە.
نەپىسىم ئايرىلماس ئىپار ھاۋاڭدىن،
دىمەككى تاغدەك زور قۇدرەت بار مەندە.
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

بەختىچۈن مىزان بار ھەركىمدە تەھقىق،
بۇچىگىش، مىڭ پۇتاق، تالاي خىل بىراق.
ئىشرەتتە ئۆلچەيدۇ بەزىلەر ئۇنى،
بەختتىن قىقىلىپ ئاسمانچە يىراق.
بەزىلەر دەيدۇكى، بەخت دېگەن شۇ،
ئاينىمۇ لەت قىلغان ئاي تەن، ئاي سىياق.
ئالەمنىڭ ھىكمىتى ئالەمنى ئېمىش،
ئۆزگىسى تاڭلايغا تاشلايدۇ قىياق.
مەن دەيمەن بەخت دەپ سىنىڭ ۋەسلىڭنى ،
ئىشقىمنى تاۋلايدۇ سەن سالغان پىراق.
بەختتۇر كىچىلەر باسقاندا سىنى،
جىسمىمنى پىلىك قىپ ياندۇرسام چىراغ.
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

مەڭگۈلۈك رىزقى بار سەندە ئەۋلادنىڭ،
ھاۋا، سۇ باغرىڭدا ياتقان، پاك پەۋەس.
مېشىمدە كۆمۈر ئەمەس يانار يۈرىكىم،
ھەتتاكى ئاۋايلاپ ئالىمەن نەپەس.
بىھۇدە تۆككەنلەر تامچە سۈيۈئۇڭنى،
بىلىمەن، ۋاپادار پەرزەنتىڭ ئەمەس.
كۆرەلمەس سەندىكى چىن گۈزەللىكنى،
نەپسىنىڭ كويىدا يۈرگەن مەست - ئەلەس.
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

ئېھتىياج تۇغۇلسا، ئامانلىغىڭچۈن
بەرمىنى قازاغا، بەرگىن خەيرىگە.
ئوغلۈڭمەن تۇغۇلغان بەختىڭچۈن جەڭگە،
خېرىدار ئەمەسمەن بەزمە، سەيلىگە.
ئاق يوللۇق قەسەمبۇ ئاق نىيەت تۇغقان،
ئوخشايدۇ قاردىكى ئاپپاق لەيلىگە.
ئازارلار يىسەممۇ پەي مىجەزلەردىن،
پۈكمەسمەن قەددىمنى باقماي مەيلىگە.
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

ئېرىمەس قەھرىمنى ئالار پەقەتلا
يات ئىقلىم ئىشقىدا ئۆرتەنگەن ساياق.
ئۆلگىنى ھەركىمنىڭ ياقا يەرلەرگە
سىنىڭدىن قول ئۈزۈپ تاشلىسا ئاياق.
كەلگىندى ئاتىلىپ كەلگىندىلىكتە،
تاپقان زەر، جەزمەنكى، باشقا دەرد - تاياق.
مىڭ ئەلا توزىدىن خەقنىڭ، سەندىكى
قۇشقاچلار شاخلارغا تاشلىغان ماياق.
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

شۇ مىنىڭ ئەقىدەم، ئۆتەر ئىلكىدە،
ئۆمرۈمنىڭ ھەر بەرگى - دەقىقەم ، سوتكام.
مىڭ جەننەت راھىتىدىن بېرىدۇ ماڭا،
لاي سۇۋاق ئۆيۈم ۋە قىيشايغان بوتكام.
بايلىقىم - دىلدىكى ساڭا مۇھەببەت،
ۋە سادىق ھەمرايىم قەلەم، چىش چوتكام.
خەقلەرنىڭ مىننەتلىك ئېشىدىن ئەلا،
ئۆزۈمنىڭ قازىنى بەرگەن ئاش، بوتقام.
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا .


Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 21:39:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  بەك  ياخشى ئىش بوپتۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:27 , Processed in 0.048317 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش