يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ماھىتابان

ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى 100پارچە نادىر شېئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:20:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تويلار سىرى

ئەخمەتجان ئوسمان

شۇ كۈنى ،

سۈرگۈنگاھ زىياپىتىدە ،

دېڭىزلارنىڭ تاۋۇسى بولغان ئىدى مەي ،

كەچكى شەپەقتە دائىم يېتىپ كېلدىغان قار

مەرمەر تاشتا نۇر سۇنغاننى كۆرەر يېقىملىق

قۇچار يىراق قاغىلارنى تويلار سىرىدا .


قار …

ئەي ،سەن سۈزۈك ئۆزگىرىشنىڭ ئەتىرى !

بۇ يەردىكى قايسى ئاتەش ئۇ ،

ئاڭا ساماۋى چۈشكۈنلۈكنىڭ جىنى چاپلاشقان ،


ئۆرلىمەكتە ئۇ

ناغرىلار ئۇسۇلىدا

ھەم كاھىنچە ئىشتىياقنىڭ  تېخىمۇ يۈكسەك

مۇساپىسدە ئۆرتەنگەن  ناخشىمىزغا .

ئاپەتلىرىمىز زامان دەرىخىدە ئاچچىق مېۋىلەر ،

شۇنداقلا بىز نېمىدىگەن گۈزەل –ھە ،

زېمىن ئۈستىدە مەڭگۈلۈكنى چۈشىمەكتىمىز ،

دولقۇن بىزنى سۇلالە بايراملىرىدىن

كېتەر ئوغرىلاپ ،

چاچار شامال ئېتىزلارغا يۇلتۇزلىرىنى .


ئەي ،سەن مەڭگۈلۈك ،

بۇ پۈتكۈل پارلىنىشقا بولغىن خاتىرجەم ،

پەيغەمبەرلەر ئازابىدىن بىر پاكلىق ئۆزۈڭ .

پەقەتلا بىز ، بىز ئۆلۈم سۇلالىسى

مۈمۈكىنسىز تۇز تېخىمۇ تەجەللى قىلغان

شۇ ساما يوللىرىدا يۈرىمىز سەرخوش ،

كۆتۈرىمىز ھەمدە زېمىننى

زىل ئاۋازى قىلىپ تۇنجى ئۆپۈكتەك.


ئەي ،تەڭرىلەر !

ئارىمىزدا

كىم بار بۆرە كۈيلىرىدىن ھوزۇر سۈرمىگەن ؟!

ھېچ ئامال يوق قولىمىزدا داۋاملىق ئەمما ،

سىر مېۋىسى ۋە تۇپراق ئارا

كۆتەرسەكمۇ ئاسما كۆۋرۈك قىلىپ ئۈمىدنى …

گۇناھ سېنىڭ گۇناھىڭ ئەمەس ،


ئەي، يامانلىق پەرىشتىسى،

تۇلپارلارنىڭ قاينىمدىن يۇلۇپ باياننى

سېھىرلىدىڭ بۇلبۇل قىلىپ ئاڭ باغلىرىدا .


ئەي، تۇز كۆزلۈك يۇلتۇزلار !

بىزگە دۇئا قىلىڭلار تاڭ ئاتقۇچە .


ئەي، قۇشلار ،

سۇسىمان بايىرمىدىكى قۇشلار !

ئۆچۈرۈڭلار سايىمىزدىن ھاماقەت  قاننى …

تەزىيە چېچەكلىرى ئېرۇر يوقلۇق ۋەھىملىرى .

شاھادەت قىل  ئۇلارغا ئەي ،روھ پاكلىقى …

يىقىلماقتا ئۇلار سىرتتا تۈندە جان ئۈزۈپ ،

ھەسرەت ۋاقتى يوق ئۇلارنىڭ كۆرۈشكە

سۇ پۇتلۇق ھەم ئىككى كۆزى ئويۇق زاماننىڭ

بىر كۈن ئالتۇن باغلىرىدىن ئۆتۈشىنى .


ھېس قىلغاندۇر ئۇلار پانىينى

ئەلمىساقنىڭ ساتارىدىن ئاققان كۈي كەبى ،

بىزگە ،بىزدەك تىرىكلەرگە مىراس قالدۇرۇپ

ئەتىردىنمۇ ، قاندىنمۇ پاك شۇ چۈشنى ،

ئاتا قىلغىن بىزگە سەن ،ئەي قار ،

ئەي، سەن تۇزلۇق ئالتۇن تەنلىك دېڭىز قۇشى !…


ئاتا قىلغىن ،بىزگە ئاتا قىل
ئۆلۈكلەر تىمتاسلىقىدەك
بۇ تىمتاس ئاتەشلەرنىڭ ئۈستىدە
ئۆرلەۋاتقان دولقۇن نېمىتى !


Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:39:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم بولماق تەس

مۇھەممەت كامال خۇشخۇي

بەزىلەر دىيىشتى << ھاراق ئىچمەك تەس>>،
بەزىلەر دىيىشتى << ئايال بولماق تەس >>.
روزى ئاكام دەپ ئۆتتى <<دېھقان بولماق تەس>>،
م،ھۇشۇر دىگەندەك << ئالىم بولماق تەس>>.
مەن دەيمەن ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئىقرارمەن، راسىتلا تەس دېھقانمۇ بولماق،
چىن ئانا-پەرۋىشكار باغۋنمۇ بولماق،
ئىلىمدە يول ئاچقان ئالىممۇ بولماق،
خەلىققە نۇر چاچقان رەھبەرمۇ بولماق،
ھەممىدىن ھەقىقىي ئادەم بولماق تەس.

ئادەمسەن جانلىقنىڭ شاھى ئولۇقى ،
ئەقىل ۋە بىلىمدە يىتۈك-تولۇقى،
سىنىڭدە جاھاننىڭمەنە يۇرۇقى،
كۆپ شۇڭا ئىش_ئىزىڭ سۇئال سۇرۇقى،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.

بولىسەن ھۆنەرۋەن يا دېھقان مۇقۇم،
يا ئالىم، يا رەھبەر، قۇماندان چۇقۇم،
ئادەملىك بولمىسا ئۇ ئارتقان <<تۇقۇم>>.
چۈشەنسەڭ ئادەملىك مىڭ پاتمان ئۇقۇم،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئادەملىك-ئۆز قەلبىڭ، ئۆز تىلىڭ بىلەن،
ئادەملىك-ئۆزقەۋمىڭ، ئۆز خىلىڭ بىلەن،
ئادەملىك-ئۆز يۇرتۇڭ، ئۆز ئېلىڭ بىلەن ،
ئادەملىك-ئەل سۆيۈش چىن دىلىڭ بىلەن،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئادەملىك-روھىڭنى پاكلاشتا دائىم،
ئادالەت يولىنى ياقلاشيا دائىم،
ئار-نۇمۇس، ۋىجداننى ساقلاشتا دائىم،
ئەل مىھرى، ئەجرىنى ئاقلاشتا دائىم،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئادەملىك-ئەڭ ئالىي نىسىۋەڭ-ھەققىڭ،
ئادەملىك-مۇقەددەس ھۆقۇقىڭ-ئەركىڭ،
ئەخلاقىڭ، پەزىلىڭدە زىننىتىڭ-نەرقىڭ،
ئەمگىكىڭ، ئەجرىڭدە قىممىتىڭ،نەرقىڭ،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

نىمە بوپ شان-شەرەپ كۆكىدە ئۇچساڭ،
رەھبەر بوپ ھەتتاكى جاھاننى قۇچساڭ،
يۇقايدۇ ئادەملىك يولىدىن ئازساڭ،
كار قىلماس بوينىڭغا مىڭ تۇمار ئاسساڭ،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئادەملىك يولىنىڭ مەنزىلى ئۇزاق،
ھاياتتا كۆپ ئاڭا ئۆتكەل ۋە تۇساق،
نەپسىڭ ھەر قەدەمدە قۇرۇدۇ تۇزاق،
ئۇنىڭغا دەسسىسەڭ چۈشكىنىڭ دۇزاق،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

تۇرمۇشتا كۆپ ئۆتكەل سىنايدۇ سىنى،
ئاجايىپ خەتەرلەر ساقلايدۇ سىنى،
بوش كەلسەڭ شۇ ئانلا باپلايدۇ سىنى،
چىڭ كەلسەڭ تېخىمۇ تاۋلايدۇ سىنى،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ياشلىقتا بىر سىماھ قۇزغار ئىشتىياق،
سۆيگۈدىن دىلىڭغا يېقىلار چىراق،
قەلبىڭنى گۈلخاندەك ياندۇرار پىراق،
ئىزتىراپ ئەقلىڭنى قاچۇرار يىراق،
مۇھەببەت-سۆيگۈسىز ئادەم بولماق تەس.

گاھ يىغلاپ، گاھىدا كۈلۈپ كېتىسەن،
ئويلايسەن بىر ئىشنى تۇنۇپ يېتىسەن،
شۇ ئىشقا بېشىڭچە چۈكۈپ كېتىسەن،
ھاياتقا قايتىدىن كۈنۈپ كېتىسەن،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ياتلىق بوپ، ئۆيلىنىپ، ئۆي تۇتماستىن ھەم،
قىلىنماس ھەل تۈپتىن ھاياتتىكى كەم،
بەخىتتىن لەۋلىرىڭ بولا-بولماي نەم،
باسىدۇ يەلكەڭنى يېڭى ئېغىر غەم،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئەڭ ئاۋال باسىدۇ ئۆي-ماكان غېمى،
ئۆي قىلساڭ چەكچەيىپ تۇرار تۆت تېمى،
نە قىلساڭ پۈتمەيدۇ چالىسى-كېمى،
باش قېتىپ، قاچىدۇ چىرايىڭ قېنى،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئۆيىڭگە قوشۇلسا بىر نۇمۇس-بىرجان،
پارلايدۇ كۆڭلۈڭدە يېڭى بىر ئارمان،
بىر يۈكسەك بۇرۋ چۈشۈرەر پەرمان،
چۈچۈيسەن، يەتكىدەك بولمىسا دەرمان،
ئارمانسىز، دەرمانسىز ئادەم بولماق تەس.

بالاڭنى قەدىرلەپ سۆيمىسەڭ بولماس،
ئاناڭغا-ئاتاڭغا كۆيمىسەڭ بولماس،
ھەم يەنە ئۆزىڭنى كۆرمىسەڭ بولماس،
ئەل بىلەن تەڭ سەنمۇ يۈرمىسەڭ بولماس،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

تۇرمۇشتا ئۆزىڭگە يول تاپمىقىڭ تەس،
يول تاپساڭ، تېخىمۇ پۇل اپمىقىڭ تەس،
پۇل تېپىش، خەجلەشتە بولمىساڭ پەخەس،
ئاردۇرار ئىنلىسلار باسار سىېنى نەس،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئازمىساڭ ئېزىشقا زۇرلايدۇ سېنى،
ھەر قىسمە نەيرەڭدە گوللايدۇ سېنى،
گەر ئازساڭ، ۋىقدانىڭ سوتلايدۇ سېنى،
ۋۇجۇدۇڭ ئۆرتەر ئۈتلەيدۇ سېنى،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

قىينايدۇ تۇلىمۇ تۆت بۇلۇڭ،كۇلۇڭ،
ئۆزگەتمەك بولىسەن نەچچە رەت بۇلۇڭ،
قارىساڭ ئىلىكىڭدە ئەمەستۇر رولۇڭ،
ئۆزگىرەر چۈشەنچەڭ، ئۇيۇڭ ھەم خۇيۇڭ،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

كۆرۈسەن ھاياتنىڭ قىسمىتى تالاي،
بولىسەن گاھى بەگ، گاھىدا مالاي،
گاھىدا ياشىساڭ بەختىكە قانماي،
گاھىدا ئۆلۈممۇ كەلمەيدۇ ئوڭاي،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

بولسىمۇ ھاياتنىڭ سىرلىرى تۇلا،
ھىكمىتن تاپسىەن چۇڭقۇرراق ئويلا،
ھىكمەت شۇ: ياشاشتا ۋىجداننى بويلا،
ھاياتنى قەدىرلە ،مەيلىگە قويما،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ھاياتقا ھىجايما قۇشۇماڭنى تۈر،
ھەممىنى قەلبىڭ ۋە ئەقلىڭدىلا كۆر،
ۋىجدانغا ئەگىشىپ ئەقلىڭ بىلەن يۈر،
ئادەمدەك ياشا، ھايات پەيزىنى سۈر،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئاتاققا، شۆھرەتكە بىرىلىپ كەتسەڭ،
ئىمتىياز، ئاماتكە كىرىلىپ كەتسەڭ،
تەمەننا،كىبىردىن كىرىلىپ كەتسەڭ،
قەلبىڭگە يات رەيدە سىرلىنىپ كەتسەڭ،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

نا ئىلاج ھۇشۇڭنى تاپقان چېغىڭدا،
قارىساڭ سىياھ يوق، چىققان تېغىڭدا،
غازاڭلار ئۇچۇدۇ كۆڭۈل بېغىڭدا،
گۆشىڭنى يەيسەن قۇرۇپ يېغىڭدا،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

غۇربەتكە،كۈلپەتكە قالساڭمۇ قات-قات،
ھەرگىزمۇ قەلبىڭدىن ئۆچمىسۇن ئويات،
ئۇ ئۆچسە، تامامەن بولسەن بەربات،
ياشايسەن ئازابتا، دەرتتە ئۆمۈر بات،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئېزىقساڭ ئۆزگىنىڭ ماختاشلىرىغا،
سەن ئۈچۈن قايغۇرۇپ قاخشاشلىرىغا،
ئەل ئاترقان گۇناھىڭ ئاقلاشلىرىغا،
يۇقالغان قەدىرىڭنى ساقلاشلىرىغا،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئىزىڭدىن ئۈنىدۇ تۈمەنمىڭ سۇئال،
تۈز قەددىڭ بۇلىدۇ گۇيا مەجنۇن تال،
پۇت-قۇلۇڭ، ماغدۇرسىز تىتىربان غال-غال،
ئىڭكىڭ ئۇشلاپ يۇلىسەن ساقال،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئادەم بول، ئادەمدەك بىلىپ ياشىغىن،
يۈرەكنى ئالقانغا ئېلىپ ياشىغىن ،
دىلىڭغا پۈككەننى قىلىپ ياشىغىن،
ئارزۇ ۋە ئارمانغا قېنىپ ياشىغىن،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ھاياتلىقتا ئاسانلىق، كەڭلىك زلىمە،
ھەرىكەتسىز خىيالان تەڭلىك ئىزتىمە،
قەلبىڭگە ھەرگىز ئەڭلىك ئىستىمە،
ئىستىسەڭ ئادەملىل ئىستە، تەس دىمە،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئويلىساڭ <<ھاياتتا تاپقىنىم نىمە؟،
ئالغىنىم نىمە ھەم ساتقىنىم نىمە؟،
يىغقىنىم نىمە ھەم قاتقىنىم نىمە>>؟،
باسمىسا قەلبىڭنى قايغۇ ، ۋەھىمە،
ئادەمسەن ، ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس .

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:40:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جـان ئـارا جـانـان يـاتۇر ئـايەت ئـوقـۇپ




غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت


(1)

كەزسەم خوتەننى، قەشقەردە ئاھىم،

ياش تۆكتى ئاقسۇ، مىڭ ئەردە ئاھىم.

ئىزدەپ تىنچلىق بارسام ئىلىغا،

قانىتى بوغۇق كەپتەردە ئاھىم.

ئاتۇشقا چىقسام تاشلار يېرىلدى،

جاندا بىلەنگەن شەمشەردە ئاھىم.

تۇرپاندا قەبرە، بولدۇم ھازىدار،

شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم.

كەزدىم ۋەتەننى ئون بەش چۆرگىلەپ،

ئون بەش تامچە قان مەھشەردە ئاھىم.


(2)

ئالمىخاننىڭ ئالمىسى بار، باغى يوق.

لەيلىخاننىڭ گۈلى بار، گۈلزارى يوق.

سايرىماڭلار غۇنچىخانغا تەلمۈرۈپ،

ئېچىلىشقا بەھرى ئاپتاپ يازى يوق.

تاڭغا يىغلاپ ئولتۇرىدۇ نۇرىخان،

تۈندە كەلمەڭلار ئۇنىڭ چىراغى يوق.

چىللىماڭلار ھۆرىخاننى بەزمىگە،

ئاڭا ئاشىق يىگىتى - سەردارى يوق.

تىڭشىماڭلار كۈيلىسە ئازادىخان،

جان غېمىدىن كۆڭلىنىڭ ئارامى يوق.


(3)

يارىم كېلىپتۇ كۆرۈپ كەتكىلى.

ساچىنى چۇۋۇپ، ئۆرۇپ كەتكىلى.

جېنىمنى ئويناپ بارماقلىرىدا،

بارماقلىرىمدا ئۆلۈپ كەتكىلى.

دوزاق ئوتىدىن ئالغاچ كېلىپتۇ،

ئۆچكەن قېنىمغا كۆمۈپ كەتكىلى.

لەۋلىرى سەرسان، كۆكسىدە ئىسيان،

يىغلاپ كېلىپتۇ، كۈلۈپ كەتكىلى.

سۇندۇر قەدەھنى، جىسمىم شاراپتۇر،

يارىم كېلىپتۇ چۈمۈپ كەتكىلى.


(4)

گۈل ئېچىلدى، تاڭدا ئۇخلار بۇلبۇلى.

تال يېشىندى، سۇدا ئوينار سۇمبۇلى.

چۆل مۇقام چالۇر بوران پەنجى ئىلە،

شەمۇ - شە ياڭرار مۇساپىر مەرغۇلى.

ئەر بالاغەت دەشتىدە پىيادىدۇر،

ئىنتىزار ، باغلاقتا كىشنەر دۇلدۇلى.

جان ئارا جانان ياتۇر ئايەت ئوقۇپ،

نۇر چاچار كۆزىدە ئىشرەت يۇلتۇزى.

ئەي خۇدا سەن كىمنى يار قىلدىڭ ماڭا،

جىسمى خار، قەلبى مۇھەببەتنىڭ قۇلى؟!

(5)

تەرسالىقىمدا ئىتائەت ئۆلمەس.

رەسۋالىقىمدا مۇھەببەت ئۆلمەس.

ئۆلۇم دەشتىگە سالمىسام ئاتنى،

ھايات باغچامدا ھالاكەت ئۆلمەس.

مىڭ بىر كېچىگە ياقمىسام چىراغ،

جىنلارنىڭ سۈرى - قاباھەت ئۆلمەس.

رەقىپ ياشلىرىدا يۇيۇنمىسام گەر

يۈرىكىمدىكى جاراھەت ئۆلمەس.

قۇتۇلمىغىچە جان ھىجرانىدىن،

روھىمدىكى جىنايەت ئۆلمەس.


(6)

ئۆزۈمگە بىر ئۆزۇم ھەقدا قەلەندەر مەن.

ساپايەم زارىدىن سەۋدا قەلەندەرمەن.

كېچىپ نىگاردىن كىم يەتتى ھىجرانغا،

ئۇنىڭ ھۆر قان ۋە ياشىدا قەلەندەرمەن.

ۋىسال ئارغامچىسىدا كىم باغلىنىپ يىغلار؟

بەخت ئىچرە جۇداسىدا قەلەندەرمەن.

بىراۋنىڭ تاجى كۈلپەتتۇر بۇ باشىمغا،

شەھانە قۇل ئاراسىدا قەلەندەرمەن.

بىھۇشلۇق چۆلىنى ئىستەيدۇ بۇ كۆڭلۈم،

يېشىلسەم گۈل بازارىدا قەلەندەرمەن.


(7)

كۆنسە كۆرۈمگە كۈلپەت نائىلاج.

كۆنسە ئۆلۈمگە قىسمەت نائىلاج.

ۋەھىمە بىرلەن مەھكەم تاقالغان

قەبرەئى دىلغا رىغبەت نائىلاج.

ھەقىقەت - قىلىچ، نۇرى - قىزىل قان،

بىلمىگەن ئەرگە ھېكمەت نائىلاج.

ئۇنتۇپ ياشىغان ئۆلەر سېغىنىپ،

سېغىنمىغۇچە ئىبرەت نائىلاج.

جان تەندە ئامان - قۇلۇڭدا جاھان،

بىلمىسەڭ مەڭگۈ پۇرسەت نائىلاج.


(8)

سېغىن باش ئۇرغىلى خۇدا ياخشى.

ئاڭا يەتكىلى ھەم گۇنا ياخشى.

ۋەتەنسىز قالمايدۇ ئىتمۇ ئاخىرى ھەرگىز،

تىللىما زىكرىگە ھەمدۇ - سانا ياخشى.

گادايلىق تونىنى سال ، دېدىڭ كىمگە؟

بىراۋنىڭ تاجىدىن ئەسكى كۇلا ياخشى.

قۇياشقا تەلمۈرۈپ ياتقان كېچەلەردىن،

سەپەردە بولغىنىڭ جاندىن جۇدا ياخشى.

غوجى جان ئايۋانىدىن چىق قىلىپ ئىسيان،

سايدىكى قارا تاشقىمۇ سادا ياخشى.


(9)

نەۋائىي ھەزرىتىم ياققان چىراغمەن.

شاھ مەشرەپ چۆلىدە يالاڭ ئاياغمەن.

جاھاننى تەلمۈرتۈپ مەيسىز، بادەسىز،

ھەييامنىڭ قولىدا سۇنغان ئاياقمەن.

كۆيىمەن دوزاخ مەندە بولغىچە ۋەيران،

زېمىننىڭ قەلبىدە يانغان پىراقمەن.

ئىسمىمدىن قان ئاقىدۇ، جىسمىمدىن جان،

تۇلپار ئىزىغا قايتقان تۇپراقمەن.

كەچۈر ئەي تەڭرىم ئازسا قەلىمىم،

قۇياشقا يېقىن تاڭدىن يىراقمەن.


(10)

بىر دېسەڭ مىڭ بولۇپ چېچىلغايمەن.

مىڭ دېسەڭ بىر بولۇپ يىغىلغايمەن.

سىر دېسەڭ كۆز يېشىمنى چۈشەنمەستىن،

قىپ - قىزىل قان بۇلۇپ ئېچىلغايمەن.

ئۆلدى دەپ سۈرەن سالساڭ ئالىمىڭگە،

قايتىدىن دارلىرىڭغا ئېسىلغايمەن .

تۈن دىسەڭ ھاياتىمنى، تۈن كۆكسىگە

نۇر دېگەن ئەشار بولۇپ يىزىلغايمەن.

مەن بار مەن سېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭدا،

تاكى سەن ئۆلمىگىچە ياشىغايمەن.


(11)

ئېگىلگەن باشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

ئېزىلگەن تاشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

ئەڭ چوڭ دۈشمىنىم بىچارىلىكتۇر،

تۆكۇلگەن ياشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

رەقىبىم بولسا ئامان قويمىسۇن،

ئۇ بەرگەن ئاشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

ئۆتتى پۇشايماندا ھەر بىر كېچەم،

ئارسىز قۇياشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

قەبىھ قەيسەرلىكىمدە مەۋجۇتمەن،

تىترەپ ياشاشقا ئۇرارمەن قېلىچ.


(12)

ئۇھسىنىپ دەم - دەم دەرىزەمنى قاقار بىر كىم.

پەرىشان كۆڭلۈمنى يەنە سۇندۇرۇپ چاقار بىر كىم.

مۇھەببەت تۇندىكى بىر تال يۇلتۇزدا ئويغاق،

خىيالىمنى ئېغىر ساپانغا قاتار بىر كىم.

جېنىم سەرسان ، ئۆلۈم دەرۋازىسىنى ئەتمەپتۇ،

يۈرىكىمدىكى پىراق داۋانىدىن ئاشار بىر كىم.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:43:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىللارغا جاۋاپ

لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق،
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر تال يۇپۇرماق.

يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە-بولىدۇ قاخشال.
يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىپ بېرىدۇ،
قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن، ئۆزىنىڭ يولى.
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.

يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
قاراب باق ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە… بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.

كۆرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۆرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخىت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.

مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا

قېرىماسمەن كۆرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈم پەستە قېلىش كۆرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەريان يادىمدا.

ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.
كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
كۈرەش بىلەن كىلىپ چىقىمىز كەڭ غالىب يولغا.

يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.

يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب.

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:45:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىمەنىستان

چىمەنگۈل ئاۋۇت



ئىشقىمنى تۆكىمەن قۇشلار ۋەسلىگە ،
ئوت بولۇپ يانساڭمۇ باغرىمدا تىمتاس .
كۆزۈمدە ھەسرەت بار پەقەت بىر ئوتلام ،
ئاھ ، بۇنى ھېچكىممۇ قىلمايدۇ قىياس .

يۇلۇنغان چېچىمدا تۈننىڭ نالىسى ،
كۆمىمەن تۇپراققا چېچەكلىرىمنى .
يالاڭئاياق پۇتۇمغا ئۈمىدىم تىكەن ،
يىرتىمەن قار رەڭلىك ئىستەكلىرىمنى .

قانىغان لېۋىمدە ئىسسىق بىر قىيان ،
تاشالماي مېھرىمگە سىڭىدۇ تەكرار .
تەبىئەت مۇڭىنى يالمايدۇ تاتلىق ،
ئىشىكىم تۈۋىدە قۇرىغان چىنار .



بۇ تونۇش كوچىدىن ئۆتىۋاتقىنىمدا چۈچۈك بىر ئاۋاز يۈرىكىمگە ئۇرۇلدى :
- چىمەن ، ساڭا نىمە بولدى ؟
- سېنىڭ دەردىڭنى ناخشا قىلىپ ئېيتىۋاتىمەن ناتىۋانىم .
- ئۆزىنىڭ دەردىنى ناخشا قىلىپ ئېيتالىغۇدەك جاندار بارمىدۇ بۇدۇنيادا ؟! -ئۇنىڭغا ئۈنسىز قاراپ قويدۇم .




يىپتەك چىگىش خىياللىرىمنى ،
دەپ بەرگۈم بار پەقەت ساڭىلا .
پۇچۇق ئالما يەپ ئولتۇرغان قىز .
چاچلىرىڭنىڭ ئۆرۈملىرىنى
چۇۋىۋەتسەڭ ئوخشايسەن ماڭا ،
قوپ كېتەيلى يىراقلارغا بىز !
بۇدرۇققىنە بارماقلىرىڭنى
مېڭىۋەرگىن يوللاردا شۈمۈپ ،
سۈرتىۋەتمە كۆز يېشىڭنىمۇ .
سېۋەتتىكى ئارمانلىرىڭنى
ئاۋايلىغىن قالمىسۇن چۈشۈپ ،
قېقىشتۇرما كۆينىكىڭنىمۇ .
ئاشۇ نەمخۇش كىرپىكلىرىڭنى
چەكسىز ئورمان تۇرغاندۇ كۈتۈپ ،
يوشۇرمىغىن شوخلۇقۇڭنىمۇ ...



- ھەرقانچە قىلىپمۇ سېنى ئەقىللىق ئادەملەر قاتارىغا قويالمىدىم . لېكىن سەن نۇرغۇنلىغان ئەقىللىقلەرگە باققاندا تېخىمۇ مەنىلىك ئادەم .
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بار ئاۋازىمنى قۇيۇۋېتىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم .



شور دەريا ئاقىدۇ ئالدىمدا مەغرۇر ،
ئۈمىدنى كەچكەندەك كېچىمەن ئۇنى .
سۈزىمەن باغرىدىن مەختۇمسىلانىڭ ،
تارىختەك ئۇزۇن ھەم قارا چېچىنى .

كاككۇكنىڭ پىغانى يامراپ يىراققا ،
ھىجراننىڭ قەدرىدىن ئېچىلدۇرار گۈل .
قان بولدى نېمىشقا ئانىنىڭ يېشى ،
گۈل بولۇپ ئېچىلماس نېمىشقا كۆڭۈل ؟

ئىپارخان پۇرىغان جىگدە چېچىكى ،
توزىدى قاياققا ، قاچان ، قەيەردە ؟
نۇزۇگۇم يولۇقمىدى قومۇشلۇق ئارا ،
نېمىشقا ئېپ قاچقۇدەك مەردانە ئەرگە ؟



گۆرۈستاندەك كىچىككىنە بۇ جايدا ، سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن مەۋجۇتلۇقۇمنى ھېس قىلىپ ئۆتىمەن . تاشقى كۈرۈنۈشۈمدىن شۇ قەدەر پەرۋاسىز ، سۆيۈملۈكمەن . لېكىن روھى دۇنيارىم قان – زەرداپقا ، ئاقكۆڭۈللۈككە تولغان ، ھازىر كىملەردىندۇر قىساس ئالغۇم كېلىدۇ .



قۇياشتەك نۇرلىنىپ بىلەيچى بوۋاي ،
يول ئالدى ئۇنتۇلغان تاشلىققا تەكرار .
چۈمۈلە يېنىدىنمۇ ئۆتتى ئاۋايلاپ ،
بەرگۈسى كەلمىگەندەك ئۇنىڭغا ئازار .

سۆزلەيدۇ ئۆزىگە : «يەتتە قىزىمنىڭ
ئۆمرىنى ، بەختىنى كەم قىلما خۇدا.
سېرىقتال ھاياتنىڭ گەردىشى بىلەن
مەڭگۈلۈك بۇرچۇمنى قىلاي مەن ئادا .
تاغلاردىن تاش يۇنۇپ شۇنچە ئۇزۇن يىل ،
ياشىدىم ، قېرىدىم شۇنچىلىك تېمەن .
بىر بۇردا رىسقىمنى تاپتىم جاپادا ،
يۆلىدى مومىيىم پاك روھى بىلەن .

ئوخشىمىغاچ ئەركەكلەر ياشلىق چېغىمغا ،
ھەتتا سۇ تالىشىشقىمۇ بارمايدۇ رايى .
خوتۇن تالىشىشنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ھەي ...
ئاتىغا بولارمىش بالا گۇناھى » .



تومۇرلىرىم چىڭقىلىپ ، پۇخادىن چىققۇدەك يىغلىۋالغۇم كەلدى . شۇنداق تەبىئىي ۋە تېز ئاينىۋاتقان تۇيغۇلىرىمغا بوغۇلۇپ ئىچىمدە نېمىلەرنىدۇر شىۋىرلىدىم :



تېرەكلەر ئۈن – تىنسىز سويۇلدى قات – قات ،
قۇمساڭغۇ ئېرىققا يىقىلدى بىرسى .
قۇچقاچنىڭ تەشۋىشى ئۆچتى جىممىدە ،
قوۋزاقلار ئارىسىدا يامغۇر يىلىمى .

پاتقاقنىڭ مېھرىنى سەزدى يۈرىكىم ،
ئايدىڭدەك ئاق رەڭگە چىلىشىپ قالدىم .
بەختىمنى ئالاي دەپ باغرىڭدىن جېنىم ،
مەن يەنە بىر ئوتلام ھەسرەتنى ئالدىم .

جاسارەت چەيلەندى ئالقانلىرىمدا ،
ھەسرەتنىڭ ئورنىغا ئۇرمىدىڭ قىلىچ .
ئەركەكلەر جەھلىدىن تاغنى پۈكمىسە ،
ياشىغۇم يوق مېنىڭ بىر ئۆمۈر تىنىچ .



ۋۇجۇدۇڭدىكى چوغنى تۇتقاندەك بولۇۋاتىمەن ئەزىزىم . كەل بىردەم مۇڭدىشايلى ...



ئوق يانى سۇندۇرۇپ ئوغۇللىرىغا ،
بەرگەن بىر ئاتا بار ئوغۇزدۇر ئېتى .
رىۋايەت قەلئەسىگە ئېپ چىقاي سېنى ،
ئاي بىلەن يۇلتۇزمۇ ئەرنىڭ قاناتى .

جاراھەت مەلھىمىگە يۈرىكىڭنى سىق ،
ئانارنىڭ سۈيىدەك ئىچەي قانغۇچە .
سالام ئېيت چىمەنىم ، ئۇچرىتىپ قالساڭ ،
مەن مىنگەن تۇلپارنى ئەگەر يانغۇچە .



كېتىۋاتىمىز ... كۈز ياپراقلىرىدەك تۈكۈلۈۋاتقان قىسمەتلەرگە دەسسەپ كېتىۋاتىمىز ... شۇ ئارىدا غايىپتىن يېنىك بىر سادا ئاڭلاندى :
- ئەييۇھەنناس ! چاقۇ پەلەكمۇ بۇنداق ئايلانماس ... ! سېيىت نوچىنى ئاتقان چېرىك بىلەن سادىر ئاتقان چېرىكلەر خۇدانىڭ دەرگاھىدا ئۇچراشتى . دوزاق قىزىلگۈلدەك كۆيۈشكە باشلىدى ، جەننەتۇل رىزۋان ئاتىلارنىڭ كۆز يېشىدەك ئېقىشقا باشلىدى .



ئېزىلدى يۈرىكىم باستى ۋەھىمە ،
باغرىمغا باش قويۇپ يىغلىۋال بوتام .
ئازاپقا ئايلاندى گۈلنىڭ پۇرىقى ،
بېغىمدىن يۇلىۋال ئۆزەڭ بىر تۇتام .



كىرىشكەن چىشلىرىم ، چۇۋۇلغان چاچلىرىمغا قاراپ ئالدىمدىكى ئەينەكنى زەرب بىلەن ئۇرۇپ چېقىۋەتتىم .



بۆدۈنە تۇخۇمىدەك ئىللىق ئەسلىمە ،
بورانلىق دەملەردىن يۇلقۇندى يۇمران .
جېنىمغا يىلاندەك چىرماشقىن مەيلى ،
ئېھ ، سېنىڭ غېرىپلىقىڭنى قىلغۇم بار گۇمران .

تىترەڭگۈ ئاۋازىڭ قاينار قېنىمدا ،
كۆزۈڭگە قاراشقا يەتمىدى قۇربىم .
«تۈمەن»نىڭ سۈيىنى پاكلىدى ئەزان ،
مەن ئۈچۈن كۈلۈپ باق ئەمدى يالغۇزۇم .



- مەن ئوپراتسىيىدىن يېڭىلا چىققان بىر ئايالنىڭ ئۆتىدىن ئالغان تاشنى كۆرۈۋالغان ، ئۇ شۇنداق سىلىق ھەم گۈزەل ئىدى . ئادەم تېنىدە مۇشۇنداق بىر تاشنىڭ قانداق پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمىگەندەك ساڭا بولغان ھېسىياتىمنىڭ قاچاندىن بېرى شەكىللەنگەنلىكىنى ھەرگىز ئېنىق دەپ بېرەلمەيمەن .
قاراڭغۇلۇق ئىچىدە كۈچلۈك بىر ھاياجاندىن جۇغۇلداپ كەتتىم .



ئىخلاسىم قۇرتتەك غاجايدۇ مېنى ،
تەرتىپتىن زېرىككىن ئادەملەر ئارا .
ئاق كەپتەر ، ئاق ئۈجمە ، ئاپئاق بىر كېچە ،
سەن تونۇش ھېسلىرىمغا بولماقتا گۇۋاھ .

رېئاللىق چېقىلدى چاقماق ۋەسلىدە ،
مەڭگۈلۈك ئىستەكتە غالجىردۇر زىمىن .
مەيلى سۆي ، ئۇنۇتقىن رازىمەن سەندىن ،
قۇيىۋەت بىمالال كەڭلىكلىرىڭگە ،
قىياندەك يامرايمەن شۇقەدەر ئەركىن ،
قەلب ئېتىزىمنى قىلمايمەن قىرغىن ...



ئىشىكتىن چىقتىم ، يەنە يامغۇر يېغىشقا باشلىدى ...


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:48:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرنىڭ ئىپپىتى
(غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت)


مەن شۇنداق ئويلايمەن، ئەرنىڭمۇ ئىپپىتى بولىدۇ، ئۇ -ۋەتەن. يەنە شۇنداق ئويلايمەن، ۋەتەنسىزلەرنى
ئاللاھ كەچۈرمەيدۇ.ئۇلار جەننەتتىن ئۈمىد كۈتمىسۇن. جىنايەت_روھتىكى يېڭىلمەس كۈچتۇر.ھەققانىيەتنى ئاشۇ كۈچ يارىتىدۇ. يەنە شۇنداق ئويلايمەن، ۋەتەنسىز ئەرلەر_ئىپپەتسىز ئەرلەردۇر،ئۇلارنى دۇنيا كەچۈرمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار باراۋەرلىكتىن ئۈمىد كۈتمىسۇن.
.............
يەنە شۇنداق ئويلايمەن، ساقال-بۇرۇت قويغانلار مەن ئەر دېمىسۇن، بۇغداي تېرىپ زاغرا نانغا تويغانلار مەن ئەر دېمىسۇن.ئاھ خەلقىم دەپ دەرد يۇتۇپ مەيخانىدا قونغانلار مەن ئەر دېمىسۇن، ئۇلارنىڭ جەينامازدا ئىمانىي نېسى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى نېسى.
سۆيگۈ ئۈچۈن جان بېرىمەن دەپ مەست بۆرىدەك ھۆكۈرەپ،ئەرلىك غورۇر ئۈچۈن دەپ مۇشتلاشقانلار مەن ئەر دېمىسۇن، ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە پىغانىي نېسى، مەشرەپ كەبى زارۇ-زارچۆللەردىكى ھىجرانى نېسى.
«ئېتىقاد» ۋە «توغرا يول»نى سۆزلەپ، قۇياشنى تاپ، شەرققە قاراپ ماڭ دەپ، ۋەزخانلىقتا شان-شەرەپ كۆزلەپ، ئىچ-ئىچىدىن قۇرۇپ ئۆتكەنلەر مەن ئەر دېمىسۇن، ئۇلارنىڭ سەپ ئالدىدا مەيدانى نېسى، تىغ ئالدىداتەن، جېنى نېسى.
ناخشا-ناۋالاردا ئازابنى ھەيدەپ،غىلجىڭ نازلاردا يىلىكىنى قۇرۇتۇپ، ئەركىنلىكتە پۇت-قولىنى چىرماپ، «قېلىچتىن قورقۇپ بېشىنى ئېگىپ' كاستوم ئىچىدە تىتىرەپ يۈرگەنلەر مەن ئەر دېمىسۇن، ئۇلارنىڭ تۇمۇرىدا دولقۇنلىغان قان نېسى، ھاياتىغا ئۆلۈم ھەم شان نېسى.
يەنە شۇنداق ئويلايمەن، چۆلدە كارۋان ناخشىسى ئەمدى قايتا ياڭرىماس، ئەمدى يول باشلاپ ساڭا چۆللەردە بۆرە ئۇچرىماس، قەدىمىي جەسەت، باش سۆڭەكلىرى شاھىد، لېكىن مىڭ توۋلىساڭمۇ بىر لەۋزە زۇۋان چىقماس، سەن ئۆزەڭگە قالدىڭ ئەر.
قاغا مىڭ يىل ياشىسىمۇ رەڭگى قار، بەختى قارا؛ قۇش ئالتۇن قەپەزدە تۇرۇپمۇ كۆككە ئىنتىلەر، سەن ئۆزەڭنىڭ قۇلى ھەم زىندانىسەن. سەن ئۆزەڭگە قالدىڭ ئەي، ئەر. ئايالىڭغا تۆلەپ تۈگەتكۈسىز قەرزدارسەن، بالىلىرىڭنىڭ پىشانىسىدىكى تۈگۈلگەن قىسمەت سايىسىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئەي، ئەر! مەن شۇنداق ئويلايمەن!

'«مەن ئېتتىقاد ھەققىدە سۆزلىدىم'»
ئەي ئوغلۇم، قارىغاينىڭ جەسۇرلىقى، قىشمۇ ياز يېشىل تۇرىشى نېمىدىندۇر؟توغراقنىڭ جەزىرە-باياۋانلاردا ياشناپ تۇرىشى نېمىدىندۇر؟
مەن بۈگۈن ئېتىقاد ھەققىدە سۆزلەيمەن. ئېتىقاد-جاننى ساقلاش دېمەكتۇر. ئېتىقاد_مەقسەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىشدېمەكتۇر. ئېتىقاد_روھنى تاكامۇللۇققا، تەننى پىداكارلىققا يەتكۈزىدىغان كۈچتۇر. ئۇ كۈچ جىنايى زەررىلەرگە تۇيۇنغان، بۇزۇش ۋە ھالقىش قۇدرىتىگە تولغان ئۆلۈمدىن غالىب،ھاياتتىن يۈكسەك بولغان زوراۋان ھەرىكەتنىڭ ئۇلۇغ تىنىقىدۇر. ئېتىقاد-ۋەتەننىڭ روھتىكى تۆرەلمىسى، زېمىندىكى يىلتىزى. ئۇ مەشرەپنى دارغا ئاستۇرغان، ئادىلنى دارغا چىقارغان، بىلىم ئال، ئۆگەن، ئالىم بول، لېكىن ئېتىقادىڭنى بىل، بولمىسا بىلىمىڭ_رەقىبىڭنىڭ سېنى يوقىتىشتىكى ئەڭ ئەپچىل قورالى، خالاس. ۋەتەننىڭ ئىسمىنى، ئېتىقادنىڭ يىلتىزىنى قاقىر ئېتىزلاردىن، قاتقان دالىلاردىن، سەھرالاردىكى دېھقانلارنىڭ كۈلپەتلىك ھاشار ناخشىلىرىدىن ئىزدە، .....................
دات باسقان پىچاقتا جېنىمنى قىيناپ تۇرۇپ ئېتىقاد ھەققىدە سۆزلەۋاتىمەن، قاشاڭ ئارغىمىقىمنى مىنىپ تىرىك جەسەتلەر ئۈستىدىن ئۆتۈۋاتىمەن، ئاندىن ئوغۇز، سۇتۇق، ئالىب ئەرتۇڭالارنىڭ قەلبىمدىكى مازارلىقىغا بېرىپ تىلاۋەت قىلماقچىمەن،ھەم بىر خەلق بولۇپ، ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ ئۆز ھاياتىمغا قايتماقچىمەن.چۈنكى جىنازامنى يالغۇز كۆتۈرەلمەيمەن.
ھەر كىم پادىشاھ بولۇش ئۈمىدىدە بولسۇن، بۇ جىنايەت ئەمەس، ھەر كىم ئۆز ۋەتىنىنى قۇرسۇن ۋە ئۇنى قىزغىن سۆيسۇن، بۇ جىنايەت ئەمەس، ھەر كىم ئۆز ئېتىقادى ئۈچۈن كۆرەش قىلسۇن. بۇ جىنايەت ئەمەس. جىنايەت_ئۈمىد قىلماسلىق، قىزغىن سۆيمەسلىك، كۆرەش قىلماسلىق.
ئوغلۇم، ئىتنىڭ سۆڭەك ئۈچۈن زەنجىرگە رازى بولۇشى نىمە ئۈچۈندۇر؟كالىنىڭ سامان ئۈچۈن ساپانغا رازى بولۇشى نىمە ئۈچۈندۇر؟!



ئەرنىڭ ئىپپىتى

(غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت)

كۈلسە لەۋلىرىدە گۈللەر ئېچىلار
يىغلىسا كۆزلىرىدىن ئۈنچە چېچىلار
ماڭسا ئايىغىدىن تىللا تۆكۈلەر
نەدىسەن مېنىڭ گۈزەل مەلىكەم؟
خوتەن دەشتىدە مەن پىيادە،
ھاسام ئۇپرىدى قۇياش كۆزىدە.
ئولتۇرۇپ ئەڭ ئېگىز بىنانىڭ پەلەمپىيىدە
تاكسىدىن چۈشىۋاتقان،ئىشتان كىيمىگەن
قىزلار ئىچىدە
سېنى بارمىكىن دەپ قاراپ قالىمەن.
قاتتىق ھاقارەتتىن يۈزلىرىم چىم-چىم
ئانا گۆشى ساتماقتا بىركىم.

سەنسەن
تېخى قاندىن قورقىدىغانلىقىڭنى بىلمەيتتىڭ.
دەرەخ شېخىدىكى ھىجرانە كاككۇك
مېنىڭ ساڭا چاڭقاشلىرىمنى چۈشىنەر بەلكىم.

سەن بىلمەيسەن،بۇ يەردە
توقماق ئەسەبىيلىشىپ ئۆز ئىگىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويدى.
ئېچىل داستىخان ئېچىلىۋېرىپ قۇرۇتىۋەتتى ئېتىزدىكى ئەڭ ئاخىرقى داننى.
ساڭقاڭ ئېشىكىم ئوغرلاندى،
تەڭگىلەرنىڭ شاراقلىشىدىن
كېلەر ئۇنىڭ تاياق ئازابىدا ھاڭرىغان ئۈنى.

چۈشۈپ ئاسماندىن ياغاچ ئاتقا مىنگەن شاھزادە
سېتىۋەتتى ئاچلىقتىن ئېتىنى ئوتۇن بازىرىدا.
پادىچى تازنىڭ مەلىكىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب ئىزدەپ
-تۇرغىنىنى كۆردۈم كىتابخانىدا.

ۋەتەن
ئەرنىڭ ئىپپىتى.
ۋەتەن
ئەرنىڭ ياتلاشقان ئېتىقادىدا
سۇسلاشقان ئىمانىدا
داتلاشقان پىچىقىدا
چاڭقاپ ياتقان بىر سىقىم تۇپراق
-قانغا،ۋىجدانغا.
قورقۇپ كەتتىم
ئۈمىدسىزلىكنىڭ يۈرىكىمنى لەختە-لەختە قىلىپ ئۇھسىنىشىدىن
ئايال كۆز يېشىنىڭ مۇشتۇملىرىنى تۈگۈشىدىن
ئىشتان بېغىغا قول ئۇزارتقاندا
پۈتمە قەرزلەرنىڭ ئەسەبلىرىمنى بوشىتىشىدىن.

پەرھاد ئون يىل تەشتى بېتون ئەمەس شېرىن تېغىنى،
غېرىب پالاندى چۆلگە ئەمەس سەنەمنىڭ مۈشكۈل مۇھەببىتىگە.
تاھىر ئاقتى دەريادا ئەمەس زۆھرەنىڭ كۆز ياشلىرىدا
چۈشەنمەيدۇ بۇنى مەڭگۈ ئاشىقتىن ئۆزگە.
نەدە قەدىمدىنمۇ يىراق بىر يەردە
دەرەخ كاۋىكىدا مېنى ساقلاپ تۇرامسەن؟
ئاسمان،دېڭىز،تاغ
تۇغۇلامدۇ ئۈچ ئوغلۇم قايتا؟...
ئۇلارنى سەن تۇغۇپ بېرەمسەن؟!...
مەن ئورۇق ،ئاچ
مەن ساڭا خۇمار
ئەرلەر ئىپپىتىنى يوقاتقىلى بولدى يۈز يىللار.
رادىئو جىنسىي كېسەل توغرۇلۇق بەرمەكتە ئېلان
ئەرلەرنى چۆچۈتكىنى ئېلان ئەمەس
قەرز سۈيلەۋاتقان تەلۋە ئاياللار.


ئاھ،مېنىڭ گۈزەل مەلىكەم
كۈلمەي،يىغلىماي ،ماڭماي مېنى ساقلاپ تۇرامسەن
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە.
بۇ ئەسەبىي بىر نالە
جىمجىت ئاخشام زۇلمىتىدە كىيىندىم
رەزىللىككە چوڭقۇر چۆكۈپ ئىزدەپ ئابى ھاياتنى.
ئاتا مەڭگۈ مۇڭلۇق يىغلار،ئاتا ئىزدەر ئىرادە،
بوۋاق چۈشلىرىدىن سانسىز يۇمران قاناتنى.
ئەرلەر ياسار جىنازا
بۆشۈك بىلەن تەڭ تەۋرىنىپ ئۇخلىماقتا ئاياللار.
ئاھۇ قانداق جان تاپشۇرغان سەييادقا
قېنى بۆۋە ئوشۇقى؟
قىمارۋازنىڭ تاۋكاسىدا سەكرەپ يۈرەر بىقارار.
سىم-سىم گۇگۇم تېرەك ئۇچىدىن سەكرەپ چۈشەر ئاق ئۆچكە
ئوتتىن قېچىپ ئادەملەرگە كىرەر جىنلار پاتپاراق.
يالغان سۆزنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاشقا چارە كۆپ،
ئەيلەر كۆزياش رېئاللىقنى يىرگىنىشلىك ۋە پاتقاق.

مايمۇن كىشى ئۇسسۇل ئوينار خۇشال-خۇرام قامچىغا،
تۆگە كېلەر مەردانە ھەم قوتۇر ئېشەكنىڭ كەينىدە.
كۆڭلەك سالار ئاي ئىچىدە ئەپسانە قىز نازلىنىپ
مىليون ئاشىق قۇرۇپ ئۆلەر نېسى لەززەت ئەۋجىدە
مۇھەببەتنىڭ رەسۋالىقى شۇنچە ئايان بولسىمۇ
قەسەملەردەك قاتتىق قاندىن قاچار خىيال يولۋاستەك.
كونا ئايال يامار جۇل-جۇل يىرتىلغان شۇ كۆڭلىنى
قاراقاغىنىڭ مەدھىيسىدە قاقاقلاپ ئېچىلىۋاتقان تاز گۈلىدەك.
كۈندىن-كۈنگە ئېگىزلىمەكتە بىنا كەبى جىنايەت،
تۈزلەنمەكتە جان دۆڭلىرى زەنجىر تاپان ئاستىدا.
بىركىشىدىن باشقا ھېچكىم يوق
بىركىشىگە تولۇپ كەتكەن چەكسىز دۇنيادا.

كېلەر كىمنىڭ ئاتقا مىنگۈسى
كېلەر كىمنىڭ نەزمە ئاڭلاپ سۇيۇقلانغۇسى.
ئۆلۈك ئادەم كۆتۈرمەيدۇ تىرىكلەرنىڭ جىنازىسىنى،
كېلەر كىمنىڭ جەينامازدا ۋارقىرىمىغۇسى.

بۇ ئەسەبىي بىر نالە
بۇ كۆڭۈلدىن چاي ئىچەلمەي چېقىلغان تاش پىيالە.
تاڭ ئاتىدۇ غەرب قىزارسا،
كۆز تىكەرمەن شەرقكە...


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:49:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن يوق يەردە

مۇھەممەتجان راشىدىن

ئېگىز تاغدىن باھار ئەجەب بالدۇر كېتەركەن،
باھار كەتسە كەچ كۈز ئەجەب بالدۇر كېلەركەن .
ئاتا كەتكەن ھويلىلارغا غېرىبلىق يېتىپ،
بالىلىرى يېتىم بولۇپ تېنەپ يۈرەركەن.

چىنار سۇنسا ياپراقلىرى شۇئان سولىغار ،
ئاتا ، سەن يوق ، ئۆيىمىزدە بوران ھۇۋلىغار.
يۈگۈرۈپ چىقسام باغدا سەن يوق ، ئېتىزدا سەن يوق ،
ئانام بىلەن ماڭا يىغا ئولىشار .

دېرىزەمدىن چۈشكەن ئاپتاپ ساڭا ئوخشايدۇ ،
ئاپتاپ كۆرمەي سولغان گۈللە ماڭا ئوخشايدۇ .
قانداق ئېيتاي ، سەن يوق يەردە بەختىمنى بار ، دەپ ،
بىلەلمىدىم ، كۆز ياشلىرىم قاچان توختايدۇ ؟


تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيدىن چىقىپ كېتىش
قوشتاغدىكى شەنبە بازار
ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش
تەكلىماكان
مەن ئاق بايراق ئەمەس
ئانا
تۈگىمەس ناخشا
چىللاڭ خورىزىم، چىللاڭ
مەيخورلار مارشى
سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا

ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى
ئايسىز ئايدىڭ
ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس
دېھقان بولماق تەس
ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ
يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا
بىلىم ئىشقىدا
  ئىز
دېرىزەڭنى چېقىپ كىرىمەن
ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار ، ھەقىقى ئايال

سالغا تېشى
سۇ تالىشىش
ئۇبۇلقاسىمنىڭ يەرلىرى
سادىر يېتىم قالغان بەش بالىسىنى ئىزدەپ
سەككىز سۈرىتىم
ئەركەكلەر قېنى سىلەر؟
تەنلىرىم ياپراق
كېسىلگەن توغراق  
تويلار سىرى
ئادەم بولماق تەس

جـان ئـارا جـانـان يـاتۇر ئـايەت ئـوقـۇپ
يىللارغا جاۋاپ
چىمەنىستان
ئەرنىڭ ئىپپىتى
سەن يوق يەردە

ئەمدى 35 نى تېپىپتىمىزغۇ تېخى .....
مەرۋەرى ھەدە، سىلەرمۇ تىپىشىپ بەرسەڭلارچۇ ؟



تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:10:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ﻫەمرايى غەزەللىرى» دىن پارچىلار  
ئابدۇشۇكۇر مۇﻫەممەتئىمىن  
...................   


« قىل ئىنايەت ۋەسلىدىن دىدار ماڭا ھاجەت خۇدا،
تىلغا زاھىر ھىجرىدىن نامىڭنى ئالدىم ئىپتىدا.
بىلمىدىم مەپھۇم ئۆزۈڭنى كۆرسىتىشكە بىرەھىم،
سالغىنىڭدۇر باشقا پىرقەت، تىلگە ئوتلۇق ئىلتىجا. »
...................
« بولسا گەر ئوغلانلىرى كەنئانىنىڭ ئۇندىن بۆلەك،
مەن ئايال مەزلۇمىغا قىلدىڭ ئۇنى يەك ئىختىرا»  
« بىر ئوغۇل كۆردۈم جاھاندا بولدى ئالەم تار ماڭا،
ۋەسلىنى كۆزدىن بېرىپ يەتمەي ئۇنىڭ ئوتقاشىغا. »
« شۈكرىلىللا، بىر چىنار كۆكسۈم يېرىپ چىققان گويا،
قانلىرىم جىسمىڭگە ئاقمىش، يىلتىزىڭ تومۇرۇم يانا. »
« يېزىپسىز خۇش كەرەشمە نەزمىلەر شەيدايى ئوغلانىم،
يۈرەكتىن جۇشقىدى ئىلھام سۆيۈپ جىسمىم ئارا قانىم. »
« شۈكۈرۈم ياخشى قال ئەلدە، سېنى قەلبىڭگە تاپشۇردۇم،
ۋەتەننىڭ خاكى ھەمرايى شىپالىق ئىبنى سىنادىن. »
« بېلىق دەريادا ئۇسسۇزدۇر، چىراغقا تەشنا پەرۋانە،
ئۆزۈم تىككەن شۇ رەيھانغا ئۆزۈمنى قىلدى دىۋانە. »
...................
« قارا كۆل ساھىلىن باستىم، تىيانشان ئۈستىدىن ئاشتىم،
بۇ ھىجرەت دەستىدە شاشتىم، پەلەك شەپقەتتە پەرۋاسىز.
خۇسۇمەت- رەشىك بالاسىدىن مېنىڭ ئاھىم ئىلىك ئالماس،
جاھان تارىخىدا قالمىش باھا شەۋكەتكە پەرۋاسىز. »
...................
« ئاتاڭ ئۆلدى سېنى ئويلاپ بۇ ھىجراننىڭ قازاسىدا،
يۈرەك باغرى تولۇپ قانغا قەۋەت ھەسرەت دالاسىدا.
بۈگۈن يوقلاپ ئاتاڭ قەبرىن پىراقتا مۇڭدىشىپ ئۆتتۈم،
ئۆمۈرلۈك سۈرىتىڭ ھاكىم تەقەززا كۆز قاراسىدا. »
« ئاتاڭ غەرق ئەتتى تاھىردەك پىغان دەرياسىغا ئاخىر،
ئاناڭ بىر مىسلى مەجنۇندۇر قىلارىن بىلمەيىن شاشتى. »
« ئاتاڭ ھەركۈن يازار نامە، كۆزدىن تامچىلار تاشلاپ،
ئاناڭ يىغلار كۆڭۈلدە بەختى سۇلتانىم ئامان بولغىن.»
...................
« قەپەزدە شىر كۆرۈپ ھايۋان بېغىدىن مۇڭدىشار بولسام،
كۆڭۈل پىرقەتلىرىدىن پەرق ئېتىپمەن ئۇشبۇ ھايۋاننى. »
« چۈشەن ھەمرايى، ئۆركەشلەر دېڭىز كۆرگەندە ئاي ھۆسنىن»
« ئۇچار مەكتۇپلىرىم كۆكتە، يېتەر ئۆتمەي تۇرۇپ ھەپتە،
يەنە ھەمرايى زەردابتا، كۆرەرمەن دەپ چىدام سالدىم. »
« تەبىئەت نەغمىسىن قىلغىل مېنىڭ ھەمدۇ سانايىمنى»
« سەپكۇ بامبۇك جىسمى داغ ھەتتاكى ئاي دىدارىدا»
« دۇردى نادىر خار بولۇپ، پەرۋاز قىلار سەنگى ساپا،
مىڭ ساداق بولمىش راۋان سەنئەت، ئىلىم چولپانىغا. »
« ئى ھەبىبىم پۈتمىگەي سۆيگۈ بىلەن ئالەمدە قۇت،
بولمىسا نەۋئى باھار ئىككى چېچەك بولمايدۇ باغ. »
...................
« خېتىم ئېلىپ ئوقۇپ رەنا، ئوغلانىمغا سالام ئەيتىڭ،
ئانالىق مېھرى تەختىدە سۇلتانىمغا سالام ئەيتىڭ. »
« بىلەرسەنمۇ ئانالىق ھىجرىنىڭ دەردىنى گۈل رەنا،
ئۆتۈپ تۇرغان چېغى شەيدايى ئىشق ئىمتىھانىڭدىن. »
« شۈكرىلىللا، باغىدا گەر ئاچسا رەنا غۇنچىلار،
تاۋلىنىپ چوغلۇق كەبى رەڭگى مۇنەۋۋەر بولغۇدەك.
تۆت ئوغۇلنىڭ سۈرىتىن كۆكسۈم تاقاپ شاشتى دىلىم،
ئۇ ماڭا لەيلۇ- ناھار خۇرشىدى ئەنۋەر بولغۇدەك.
تەلمۈرۈپ باققان كۆزۈمدىن زوقلىنىپ شادلىق يېشى،
تۇرقى مەغرۇر ئەكبىرىم ئالەمدە گۆھەر بولغۇدەك.
سەۋرى قىل ھەمرايى بولسا پەررۇخىڭ ساھىبقىران،
چىن پەزىلەت بابىدا ھەر بىرسى ئەسقەر بولغۇدەك.
...................
« تاۋابى ھىجرىدە بولماق رەسۇللۇق ئەرشىدىن ئەلا،
ۋىسال مىراجىنىڭ شاھى كىمىنى ئاشيان ئەتتى. »
« سېنىڭ قەددىڭنى كۆرمەكلىك رەسۇل مىراجىدىن ئەلا،
كۆرەلمەي كۆز يۇمارمەنمۇ، بۇ ئارمان بىر كىپەن گويا. »
« ئىچىپ پىرقەت شارابىنى پۇغاندىن چىقتى ھەمرايى،
گۇمانكىم ساقى ئالەممۇ ئەمەستۇر ئۇنچە دىلشادى. »
...................
« بۇ پەلەك ئاستىدا ئالەم شاد ھاۋالىق بولمىدى،
ياكى فارابى تەقەززا پادىشاھلىق بولمىدى.
مىڭ شىپا بابىدا قانۇنلار تۈزەپ ئۆتكەن ھەكىم،
ئول ئىبنى سىنا ئۈچۈن ئاخىر شىپالىق بولمىدى.
جامى مەي جامىدا مەي ئىچتى پەقەت داستانىدا،
خۇش ناۋا مەپتۇن ناۋائىغا ناۋالىق بولمىدى.
زوقلىنىپ تىترەر دىلىڭ ئىشتىسەڭ نەفىسى سازىنى،
كۆك سۆيۈنگەچ ئۆمرى ئالەمدە راۋالىق بولمىدى.
مۇڭ باسار ئاسماندىكى يۇلتۇزغا باقسام تۈن ئارا،
ۋەسىل ئارا ھەمرايىغا مەي ساقىيالىق بولمىدى. »
...................
« ئۇچۇدۇم بال ھەرەمنى باغ ھەرەمگە، بالىم ئىستەرمەن،
شىپايى تۇتىيا ئەيلەپ ۋىسال دەرمانىم ئىستەرمەن.
تېۋىپ ئېيىتقان ئۇ شۇل ئارتۇش ماكانى مەشھەدى ئوغلان،
ۋىسال ئاستانىسىگە يەتكىلى دەرمانىم ئىستەرمەن. »
« ئاتام ئارتۇشىدۇر، تۆركۆل مەھەللەم ئازنا مەسچىتدۇر،
ئۆزۈمنى قەۋمى يۇرتۇمغا ئاتام قۇربانىم ئىستەرمەن.
...................
« گۈل چېغىم گۈلشەن ئىچىدە كۆرگىنىم توز بولمىدى،
يامولۇن، ھۇقۇش كۆرەرگە مەندىمۇ كۆز بولمىدى.
بولمىدى باغۋەن پاناھ ئۇشبۇ نەفىس سەنئەد ئارا،
ئەھلى زاھىتلار قاۋاشتا ئىت بولۇپ، ئۆز بولمىدى.
چەشمىلەر زەۋقىدە ئاھۇ، قەستىدە سەيياد ھەلەك،
ئۇسسۇغاچ چورتان بېلىق دەريادا قۇندۇز بولمىدى.
زەپىران بولدى يۈزۈم، مەڭزىمگە چۈشتى ھال سېرىق،
ئۇلپىتىم سورىسام دېگەي ياشىڭدا ئوتتۇز بولمىدى.
بىلمىدىم تۇغدى ساما چولپان بىلەن تاڭدىن بۇرۇن،
كۈن چىقىپ ھەمرايىغا كۈتكەندە كۈندۈز بولمىدى.
...................
« سالامىمنى يېتۈرگىل نازۇ چەشمەم گۈل دىيارىمگە.»
« ئازابى ھىجرىدىن تۇپراق ئازابى بولسا ئاساندۇر.»
« جاھاندا ھېچنىمە يەتمەس مېنىڭ پەريادۇ زارىمگە.»
« بېلقىسىم سۆيدۈم سېنى ھەتتا سۇلايماندىن ئۆتەر.»
« نە قىسمەت شىرىنىم سۆيسە كۆڭۈل باغىدا خىسراۋنى.»
« نىگارىم ئىزلىمە ھەرگىز نىقاپ ياپقاندا تۇپراقتىن»
« لەيلىنى ئىزدەپ چىقار بولسام مەگەر مەجنۇن بولۇپ»
« تۈن ئاخشام كەلمىدى دىلبەر خىيالى كەلدى قاشىمگە»
« ئەي سابا، دەردىمنى ئېيىتقىن شىرىنىم قۇيسۇن شاراب»
« يېتىپ ئاۋارە بولماڭ شام تۇتانماس شامىدانىمدا»
...................
« ئى ھېكىم، رەنجىم شىپاسى ئۇندىن ئۆزگە كار ئەمەس»
« تۆكسە قان گەر گۈل تىكەن چىققايمۇ شەپقەتلىك ھېكىم؟!»
...................
« قايسى بىر پەرۋان چىراغ ئوتىدا پەرۋان بولمىدى،
ئۇشبۇ ئوت ئىچرە كۆيۈشتىن ئۆزگە جەۋلان بولمىدى.»
...................
قايسى بىر پەرۋان ئوت ئارا ئۆرتەنمىدى،
ياكى ئوت پەرۋانىغا گۈلشەنمىدى؟! »
........................

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:11:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئادەم ئوسمانجان ساۋۇتقا خىتى
ئوسمانجان ساۋۇت  


1
تىترىمە ياپراقتەك،
تىترىمە نۇردەك،
سۈپسۈزۈك تاشلارنى شېشە دېيەلمەي.
تۇرساڭ ياخشى ئىدى يوللاردا تۇردەك،
قالاتتىم ئۆزۈممۇ سەندىن كېچەلمەي.
بولاتتۇق ئىككىمىز شۇندا سۇقسۇردەك،
قالاتتى
ھېچكىممۇ
سىرنى يېشەلمەي!
2
شورىما،
شېئىرنىڭ ئانا قېنىنى،
سەن ئۇنى قورۇقلا،
سەن ئاڭا جان بەر.
پەرىشتە تېنىگە ئۆرۈپ تېنىنى،
روھلارنىڭ ۋەسلىگە قىل مەڭگۈ جەۋھەر.
گۈزەللىك تۆكەر ئۇ،
ئوينا مېڭىنى،
قاش- كۆزى، زىنىخى...
ھەممىسى گۆھەر.
3
ئۇششاقلىق ئىچىدە تىتمىلاپ يۈرمە،
قىرقا ۋە قىرلاردا ئۇچرىشايلى بىز.
قاپسىلاڭ، قاپچىغاي... تەرىڭنى تۈرمە،
تاشلارنىڭ ئۈستىدە كۈيلىرىڭدىن ئىز.
ئاق چاچقا قاپقارا رەڭلەرنى سۈرمە،
دىللارغا سۈزۈكلۈك مەڭگۈلۈك يىلتىز.
4
تاۋاپگاھ قېشىدىن كەتكەيسەن يىراق،
بېشىڭغا چىقمىغاي ياسالما گۈلتاج.
يوللاردا يۈرىكىڭ يۈرەككە چىراغ،
كېچىلەر تاڭلارغا قىلالماس ئىلاج.
سۆيگۈلا ئاشىققا سالىدۇ پىراق،
سۆيگۈلا سۆيگۈگە بولىدۇ خىراج.
5
بىنەپشە تاڭلارغا قوشۇق خۇيىمىز،
باھارغا مىڭ قېتىم باھار ۋە باھار.
جاندىكى جۇتلارنى جاندا يۇيىمىز،
ھەلقۇمدا تىنىقتىن شولىلار تامار.
ئۇپۇقنىڭ تۈۋىدە ھامان ئۆيىمىز،
تۆت تام ھەم،
تورۇس ھەم
ئانار ۋە ئانار.
6
تۇرنىلار ئۇچىدۇ ئىللىق ياقلارغا،
سۆيگۈسىن سويۇپ ئەپ ئەينەك كۆللەردىن.
ئايلىنار ئۆمۈرلەر
تەڭدۇر چاقلارغا،
گۈللەرنى ئاڭلايمىز دەشتۇ چۆللەردىن.
جۈپلۈكتىن تىلەيمىز چىندىن تاقلارغا،
باغرىمىز خۇن ئىرۇر‹‹ مەيلى ئۆل›› لەردىن.
7
سۆيگۈمىز سويۇلماس چاپلانغان يەردىن،
زېمىندىن ئايرىلىپ، چىقمايمىز كۆككە.
قارغالداق ئۈنىدۇ ئۈزۈلگەن تەردىن،
ئاسمانلار تولىدۇ بىز ئاتقان بۆككە.
ھارارەت ئالىدۇ ئالەملەر ئەردىن،
كۆنمەيمىز چۈلۈككە،
چۆككىنە،
چۆككە.
8
يىغلايمىز ئۇزاتساق بىر باغرىمىزنى،
كېمىرەر تاغلارنى ھەسرەتلىك ناۋا.
ئۆزىمىز چالىمىز ئۆز ناغرىمىزنى،
دوست سەزگۈ
ھەر زامان
بىزلەرگە ھاۋا.
دۇلدۇللار سېغىنار پەي ساغرىمىزنى،
بەرھەق بىز، ھەممىسى بەرھەقكە راۋا!
9
جىلۋىلەر قىلىدۇ تىنماي دىنارلار،
كەتمەكچى روھىڭنى تەنلەردىن شوراپ.
ئەقىدە دەرىخى ھامان چىنارلار،
تۇرىدۇ قەلبىڭنى بەرگىگە ئوراپ.
بوي غېرىچ،
غۇلاچتۇر
ئارۇ ئىبالار،
پەرىلەر يېپىلار سېنىڭدىن سوراپ.
10
پىرىڭنىڭ روھىدا بىخ يارار سەبدە،
تىك ئۇچما ھاڭلاردىن يول ئاچقىنىڭدا.
دەۋرەيدۇ كۆپ ۋولقان تېرىقتەك تەندە،
قوغلىماي،
ئالۋۇندىن سەن قاچقىنىڭدا.
تۈن ئەمەس
قۇياشقا
بولىسەن بەندە،
بىر زەررە زۇلمەتكە نۇر چاچقىنىڭدا.
11
نەپرەتتىن تۆرىلىپ ،
سۆيگۈدىن ئۆلدۇق،
بەختىڭنى تىلەيدۇ تەڭرىدىن ھەركىم.
ئامەتنى دوستلارغا تەڭمۇتەڭ بۆلدۇق،
بۇ - خىزىر بۆلۈمى ئالەمدە بەلكىم.
ئاجايىپ چىرايلىق چۈشلەرنى كۆردۇق،
قاراقتا يۇلتۇزلار بولغاندا كەلكۈن.
12
يالغانلار گۈل ئېلىپ يانار باغلاردىن،
ئىزھار قىپ بىر ساڭا مىليۇن مۇھەببەت.
چۇۋاتتەك شۆھرەتلەر ئۇچار تاغلاردىن،
يارالدۇق دېيىشىپ سەن ئۈچۈن پەقەت.
قىسسىلەر سۆزلەتمەك ئەپسۇن چاغلاردىن،
ئۆچمەيسەن دېيىشىپ ئەبەدىلئەبەد.
13
جىغاننىڭ گۈلىسەن،
يانتاقنىڭ گۈلى،
تىكەنلەر بەرگىڭنى تۇرغاندۇ قوغداپ.
ئادەملەر بەرىبىر دۇنيانىڭ ئۇلى،
سەنچۇ سەن يۈرەمسەن رەڭ بىلەن ئويناپ.
مەن دېگەن
تەڭرىنىڭ
ئوڭ ۋە سول قولى،
يول ئېچىپ كېلىمەن
يۈرەكلەر بويلاپ.
14
ئانا تىل
ۋەسلىدە
مىسلىسىز ئاپتاپ،
ھەرتال بىخ چۆمۈلگەن شولىلىرىغا.
ھەر زەررە تۇرىدۇ جىلۋىلىك چاقناپ،
ئىشتىياق تاشلايدۇ ئۇۋىلىرىغا.
مىليۇن ياش ئاتاڭنى دائىم تۇر ئاقلاپ،
سالام بەر
يىراقتا
بوۋىلىرىغا.
15
ھور بولۇپ ئۆرلەيسەن ساما قەرىگە،
نۇر بولۇپ ياغىسەن
تۇپراققا ھەردەم.
جەۋھەر بوپ ئۆتمەيسەن زوقلار بەھرىگە،
شاكاللار يول تېپىپ ماڭىدۇ بەردەم.
كەۋسەرلەر قويىسەن
كەۋسەر نەھرىگە،
شۇنداقتۇر
پانىيدا
ئەزەلدىن ئەردەم.
16
ھاياجان بەھرىگە چۆككەندە گاھى
خىتابلار ياڭراتساڭ زېمىن ۋە كۆككە.
سەۋدايى كۇرسىدا،
تەقدىر ئىلاھى -
دەل سېنى تاپشۇرار سورىغان كۆپكە.
ئەقلىڭدىن نۇر ئېلىپ ئىنسان دەرگاھى،
ھېيىقماي قوشىدۇ شەنىڭنى چۆپكە.
17
ئۆز ناخشاڭ ياڭرايدۇ ئۆز ئۈنۈڭ بىلەن،
شەپەڭدىن تونىيدۇ... تالاي ئوغۇل- قىز.
يۈرمەيسەن ھەرگىزمۇ ئۆز كۈنۈڭ بىلەن،
ئۆزگىچۈن يالاڭياغ دەسسەيسەن ئېڭىز.
ئالتۇنلار خامتالاش... قىلمايسەن ئىرەن،
ئومۇنۇش يوق يەردە شولىلار دېڭىز.
18
پوشكىندەك ئۆلىسەن ھەتتا كور ئوقتا،
ھەسرەتتىن تاغ- تاشلار چېكىدۇ پىغان.
بەندىلەر سالىدۇ قىساسقا نوختا،
قوللارنىڭ ئۇچىدا ئۆلىدۇ ئىمكان.
دىلبەرلەر قالىدۇ بوپ جىگەر سوختا،
مەنزىلى ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ پىنھان.
19
بولمايدۇ ھېچ كىشى دەردىڭگە دەرمان،
رەنجىسەڭ، چېچەكلەر بايخان، چاي بولۇر.
كېلىدۇ كۆپلەرگە شەيتاندىن پەرمان،
ئورا ۋە توزاققا يولۇڭ باي بولۇر.
چىدايسەن ھەممىگە كۈلگۈچە ئارمان،
سەن تۆككەن سۆيگۈلەر دەريا، ساي بولۇر.
20
شەمشاد ۋە ئارچىلار باردۇر قەددىڭدە،
تەشنا بىر دىماغنى تاشلايسەن يېرىپ.
چەك روشەن ھەمىشە سېنىڭ ھەددىڭدە.
مەڭگۈ ياش ھېسلىرىڭ كەتمەيدۇ قېرىپ.
ئەزەلدىن مىسكىنلىك يوقتۇر جەددىڭدە،
ئالىسەن جاناننى جېنىڭنى بېرىپ.
21
كەسلەيدۇ پالتىلار ئالتۇن شېخىڭنى،
ئەمەنگە ئايلىنار تېخى ئۇز ئىمەن.
ئېدىر دەپ ئۆتكۈزەر يۈكسەك تېغىڭنى،
تېپىشار ئەينەكتىن پۇتاق ۋە ئېۋەن.
بولۇقتا ھەيدەيدۇ ئانار بېغىڭنى،
دېسىمۇ ئاغزىدا ياشىسۇن لېۋەن!
22
كىم سېنى شائىر بول، قوشاق قوش دەپتۇ،
مالامەت چەك ئەمدى، تىتىل كەڭتاشا.
ئەلەملەر كەلگەندە مەيلى خوش دەپتۇر،
ئۆلۈمدىن ئۆزگىسى جەزمەن تاماشا،
ئىگىمىز بىر ساڭا، بىر كوينى ساپتۇ،
قوۋمىڭگە قورغانسەن، باغلارغا قاشا.
23
لالىلەر قان قۇسقاي دۇدۇقلاپ قالساڭ،
كەلگەندە ئىبلىسقا بىرئان يۈزمۇ يۈز.
قالماستىن قايرىلىپ، قاماللاپ ئالساڭ،
ئەمەستۇر ئالەمدە يوللىرىڭ تۈپتۈز.
باغرىڭدىن باغىرغا گۈلخانلار ياقساڭ،
ئۇستىرا بولىدۇ جەزمەنكى تالتۇز.
24
كۈلكىلىك لەۋلەردە غىچىرلار چىشلار،
ئۇر- يىقىت، قىر- چاپقا بولارسەن نىشان.
بۇ قىزىق دۇنيادا قىزىقتۇر ئىشلار
مېھرابتىن مەست چىقتى بامداتتا ئىشان.
ئاھ، سېنى تونۇماس ياز بىلەن قىشلار،
تۈتۈنگە يۈگرەيدۇ شەۋكەت، شەرەپ- شان.
25
قەرزىڭ بار تۈنلەرگە، قەرزىڭ بار تاڭغا،
ماڭىمۇ شۇنداقسەن دەيدۇ قېرىنداش.
تەگلىكسەن مەڭگۈگە ئاشۇنداق ئاڭغا،
كۈتمىگىن ھىچكىمدىن شەپقەت ۋە ئاياش.
ئوت قويغان يېرىڭ بار بىر چاغدا چاڭغا،
قېيداپ كەتكەندە يىراققا قاياش.
26
بەيگىگە چۈشكەن بىر دۇلدۇلسەن گويا،
بۇ باشتىن چىقىسەن سۆزسىز ئۇ باشقا.
ئارىدا قالمايسەن، قالما ئارىدا،
« كۆرەرمىز» دېگەننى يېزىپسەن تاشقا.
پارلايسەن، چاقنايسەن نۇرۇڭ بارىدا،
سائىللار باشقىدۇر، شائىرلار باشقا.
27
كۆرەڭلەر كۆپسىگەن چاغلارمۇ بولدى،
يۈگرۈشى نەگىچە بولدى شۇ چاغدا.
بىلىسەن، كۆڭلۈڭگە ئىشەنچلەر تولدى،
ئاپتاپتا سايىلەر قالىدۇ داغدا.
بىنەپشە يېنىدا كەكرىلەر سولدى،
شەربەتلەر چەشمىدۇر ھەمىشە باغدا.
28
زارلىما ھەر قاچان، يۈرۈپ كەت ئاستا،
دەۋرانىڭ قاچمىسۇن بارسا كەلمەسكە.
ھەسرەتلەر ئىلكىدە كۈلگىن، ئېيت ناخشا،
مەيلىڭنى بەرمىگىن مەيىل بەرمەسكە .
كۆپ ئاڭلاپ چۇقاننى بولدۇق سۇنتاختا،
چۇقانچى گۇمراندۇر ئاخىر ھەسھەستە.
29
مۈشكۈلدۇر زېمىندەك پىكىر ۋە ئوينى،
كۆتۈرۈپ يول يۈرۈش، زېمىندە ياشاش.
تۆگىلەر يانتاققا سۇنىدۇ بوينى،
سەن بەلكىم بىراۋنى قىلىسەن ھاپاش.
موھتاجلىق بارغۇزار بۆرىگە قوينى،
يوق دېگەن بىر سۆزدىن سىزىپ تۈگەر تاش!
30
ھەننىۋا ھەسرەتلەر ئۆتۈپ كېتىدۇ،
كۆزلەردە ئۆرۈلەر پاختا يىپەككە.
نەپرەتلەر سۆيگۈ بوپ ھامان يېتىدۇ،
قاخشال شاخ تولىدۇ ئاپئاق چېچەككە،
تەبىئەت ۋەسلىڭنى ئەللەي ئېتىدۇ،
ياڭرىتىپ كۈيۈڭنى ئوراپ ئېتەككە

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى 22:09 , Processed in 0.065809 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش