• ئوۋچى شېئىرلىرى توغرىسىدا - [شېئىرىيەت ئامبۇلاتورىيەسى]

    2010-08-21

     

    ئوۋچى شېئىرلىرى توغرىسىدا

     

    رىسالەت مەردان

     

    يېقىندا تۇنۇشۇپ قالغان بىر توردىشىم ماڭا << تورغا كىرسەم بىرىنچى بولۇپ ئادىل تۇنىيازنىڭ شىئېرلىرىنى بىرەرى چىقىرىپ قويغانمىدۇ دەپ قارايمەن ،ئاندىن ئوۋچى شىئېرلىرىنى ئىزلەپ تېىپىپ ئوقۇيمەن >> دىگەنتى. نىمىشقىلىقىنى سورىسام ئۇ بىر ئوقۇرمەنگە خاس تىلى بىلەن <<ئوۋچى ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن ئوخشىتىشلارنى ئىشلىتىدۇ ،ئىپادىلەش ئۇسۇلى تولىمۇ ئۆزگىچە >> دەپ جاۋاب بەردى

    دىمىسىمۇ ئوۋچى شىئېرلىرىدا ئۈمىدسىزلىك كۆپەيگەن بىلەن ئىپادىلەش ماھارتىدا زور يۈكسىلىش بولدى . شىئېر ئەدەبىيات ساھەسىگە قاراشلىق بىر ژانىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانىرلىرىغا قارىغاندا تىل سەنئىتىنى بەكرەك تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى تىل ئامىللىرى رەڭدارلىقنى ئۇيناقلىقنى شۇنداقلا تىرەنلىكنى بەكرەك تەلەپ قىلىدۇ .مەنا جەھەتتىكى تىرەنلىك شىئېرنىڭ جېنى بولسا شىئېر تىلى شىئېرنى قىممەتكە ئىگە قىلىپ تۇرغان مۇھىم قىسىمدۇر .گەرچە ئوۋچىنىڭ شىئېرى چۈشكۈنلۈككە،چىققىلى بولمايدىغاندەك بىر خىل ئۈمىدسىزلككە تولغان بولسىمۇ،ئۇنىڭ كىتابخانلىرىنىڭ كۆپ بولۇشىدىكى بىر سەۋەب گەرچە شىئېرلار چۈشكۈن بولسىمۇ ،بۇ چۈشكۈنلۈك كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ،ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى چۈشكۈن بىر تويغۇنى ئويغىتىدۇ.(دىققەت !!! بۇ بەك خەتەرلىك ،ماڭماڭ !!!)بۇ خىل تۇيغۇ ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىدە يۇشۇرۇن ھالەتتە ۋە قىسمەن ئاشكارا ھالەتتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ ،شائېر ئۆز قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى بۇ يۇشۇرۇن تۇيغۇنى قىزىپ چىقىرىپ، يۇرۇقلۇققا ئېپ چىققان ،بۇ تۇيغۇ ئۈمىدسىزلىك ،ئەسەبىيلىك ۋە ئۇيغۇر ئەرلىرىگە تالىق بولغان ناھايىتى بىمەنە ،يۇشۇرۇن ئىچكى زەئىپلىككە تولغان كۈرەڭلىكتىن ئىبارەت.

    مەن ئازابنى تاللىۋالدىم

    مەن سۈكۈتتە يىغلىۋالدىم

    ====================«رىئاللىقتا مۇزسەن بىر پارچە»

    شائىر بۇ شىئېرىنىڭ ئاخىرنى مۇشۇنداق تاماملايدۇ .ئۇ سۈيگۈ مەنزىلىدە ئاخىر سۈكۈت قىلىشنى تاللايدۇ ،بۇ تاللاش قارشى تەرەپنى تاللاش خاراكتىرىدىكى تاللاش ئۇ سۈكۈتتە تۇرۇپ باغرى پارە ھالدا يىغلايدۇ .لېكىن جۈرئەت بىلەن بىرىپ قارشى تەرەپنىڭ قولىدىن تارتىپ قايتۇرۇپ كېلەلمەيدۇ .مانا بۇ ئوۋچىنىڭ ھايات يولىدىكى پاسسىپ بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. بۇ شىئېرنى ئۇقۇپ ئولتۇرۇپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئەجدادلىرىنى سېغىنىپ يازغان يەنە بىر شىئېرىنى ئەسلىدىم .شائىر كۈزەتكۈچى ،كۈيلىگۈچى .ئەمما ئۇ كىشىلەر توپىدىن سىرتىدا تۇرغاندەك ھالەتتە ،ئۈمىدسىزلىك ،چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىك،پاسسىپلىق ئىچىدە قەپەزدىكى بۇلبۇلغا ئوخشاش ياقا يىرتىپ تۇرۇپ شىئېر يازىدۇ .

    مەيلى مەنا جەھەتتىن ئوۋچى قانچىلىك ئۈمىدسىزلەنمىسۇن ، شىئېرلىرىنىڭ قايسىلا مىسراسىدا بولسۇن ئۇ ھازىرقى زامان شىئېرلىرىغا نىسبەتەن بىر يىتۈك تىل ئۇستىسى .ئۇنىڭ شىئېرلىرىنى جەپىبكارلىققا ئىگە قىلىپ تۇرغان نەرسە دەل ئۇنىڭ ئۈمىدسىزلىگىنى ئىستىلىستىكا نۇقتىسدا ئەڭ يوقىرى پەللىدە تۇرۇپ ئىپادىلەپ بىرەلىگەنلىكىدە شىئېردىكى ئىستىلستىكا توغرىسىدا

     

    شائىرنىڭ يازغان شىئېرلىرىنى ئىستلىستىكلىق يۇقىرى ئۈنۈمدە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ .ئۇ ئۆزىنىڭ ھېسىياتىنى ئىپادىلەشكە تولۇق قادىر بولالىغان .

    دەرەخلەر ئازابلىنىدۇ

    ئاسمان مۇڭلۇق كۈلۈمسىرەيدۇ

    «رىئاللىقتا مۇزسەن بىر پارچە»

     

    ئۇ قايغۇلۇق ھالىتىنى تەبىئەت مەنزىرىلىرىگە بەرگەن شىئېرىيەتتە ئىستىلىستكا ھۇقۇقى شۇنداق كەڭكى ،ئۇنى ئۆزىگە ئۆگىتەلىگەنلەر بۇ ساھەدە خالىغان ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ . شىئېرنى فورمال (Formalرەسمىي دىگەن مەنىدە )لوگىكا بويىچە شىئېرنى جۈملىمۇ جۈملە تەھلىل قىلغانلارمۇ چىقتى .ئۇلار قانچە جاھىللىق بىلەن تالاشقان بىلەن شىئېرىيەتنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىچكى قانۇنىيەتلىرى بار ئەمەسمۇ !!

    بارچە ناخشىلار قانغا مىلەنگەن

    ھەممە قىزلاردا باردۇر بىر خەنجەر

    بارچە ناخشىدا ئۆلدۈم بىر قېتىم

    ھەممە قىزلاردا قەلبىم دەرد چېكەر

    ==============«قىز،ناخشا، تەقدىر>> شائىر رىئاللىقتىكى 3خىل شەيئىنى < بۇ يەردىكى شەيئىي سۆزىنى كەڭ مەنىدە چۈشەنگەيسىلەر > بىر بىرىگە مىسرالىرى ئارقىلىق چاتماقچى بولىدۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە قىزلار بىلەن ناخشىنىڭ ئوخشاشلىق نۇقتىسى بار .<<بارچە ناخشىلار قانغا مىلەنگەن >> بۇ مىسرالارنىڭ ئىچىگە كىرسەك ،ئۆزىمىزنىڭ كاللىسىدىكى سىرلىق بوشلۇققا قايتىمىز .ماھىيەتتە تەپەككۈردىكى ئوخشاشلىق بىزنىڭ شىئېر ئۇقۇش ھەركىتىمىزگە ئاساسەن ئوخشاش تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ .

    شائىرنىڭ نەزىرىدە ھەممە نەرسە شىئېرىي مەناغا ئىگە .بەزى مىسرالار شائىرنىڭ قايغۇسىنى يۈكلىيەلەيدۇ .

    تاملار ئىسقىرتىدۇ

    لۈكچەك ئەينەكلەرنىڭ كەينىدىن چىقىپ

    ......

    سالام تامدىكى ئاي

    قولۇڭ قۇلغا تىگىپ تۇرار

    شامال ئاھ ئۇرار

    ۋاقىتنى يۆتەل تۇتار

    كېسەل ۋاقىتنى

    مەن تاملارنىڭ ئىسكەنجىسىدە

    ئەينەكلەرنىڭ چوڭقۇرلىقىدا

    ==========«باشقا بىر كېچە »

    بۇ مىسرالاردىكى يۇقىرى ماھارەتكە گەپ كەتمەيدۇ .كىچىك چېغىمىزدا ئاڭلىغان چۈچەكلىرىمىزدىكى سىرلىق دۇنياغا قايتالايمىز <<ئىنسانىيەت ئۆز تەرەققىياتى جەريانىدا يەنە بىر دۇنياغا بولغان تۇنۇشىنى يوقىتىپ قۇيدى .ئۇ بىر خىل نەپىس ماتىرىياللار دۇنياسى --روھىي دۇنيادۇر ،ئەمما ئۇ بىزنىڭ روھىي دۇنيايىمىز --كائىناتنىڭ سىرتقى قېپى بىلەن ناھايىتى يېقىن باغلىنىشقا ئىگە>>(ف تىگنىوف )خۇددى چۆچەكلەردە ئاڭلىغىنىمىزدەك ئۇچالايدىغان گىلەم ،ياغاچ ئات، ئۇر توىماق قاتارلىق تەسەۋۋۇرغا يانداش ئەمما يېڭى بولغان تەسەۋۋۇرغا دادىللىق بىلەن كىرەلىگەن .

    سەنەم

    ۋۇجۇد چۆلىگە پالانغان سەنەم

    .....

    قوللىرىنى سوزۇپ يىراقتىن

    ئۆلىۋاتقان ۋاپاسىز سەنەم

    ....

    سەنەم

    مەن سايەڭدىن تۈكۈلگۈچى

    تۇزۇپ-تۇزۇپ چۈشكەن ئاق قاردەك

    =========«سەنەم»

    شائىرنىڭ خىيالىدا گەۋدىلەنگەن تەنھا ئەمما ۋاپاسىز بىر يارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلگەندە ،بىز ئاخىرقى مىسرادىكى

    دەسسىلىدۇ ئاۋازىم

    مۇزلاپ قالغان يىتىم باھاردەك

    بۇ مىسرالارغا كەلگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى ياتسىرىشىنى نامايەن قىلىدۇ. ئۇ سۆيىدۇ-يۇ، گۇمان قىلىدۇ ،گۇمان قىلغانسىرى ئۆزىنى تارتىدۇ، ئۆزىنى تارتقانسىرى يىراقلىشىدۇ.يىراقلاشقانسىرى ھەسرەت چىكىدۇ . بۇ شائىرنىڭ قان تىپى بىلەن تەڭ شەكىللەنگەن خوي ئەمەستۇر ھە ؟

    شائىر شىئېرىدا جانلاندۇرۇش بىلەن ئوخشىتىشنى كۆپ ئىشلىتىدۇ .جانلاندۇرۇش كۆپىنچە ئادەملەشتۇرۇش بولۇپ شائىرنىڭ ھېسياتىنى يارقىن ئىپادىلەشتە زور رول ئوينايدۇ. جانلاندۇرۇشنىڭ دادىللىق بىلەن قوللىنىشى ئۇنىڭ مەنا ئىپادىلەشتىكى بىزگە ئۈلگە بولالايدىغان تەرىپى .

    ۋاقىتنى يۆتەل تۇتىدۇ (جانلاندۇرۇش )

    كېسەل ۋاقىتنى (ئۇخشىتىش )

    بۇغۇ كىچىككىنە مىسال .ئوخشىتىشقا شائىر يېڭى يىڭى ئىشلەتكەن بولۇپ كۆپىنچە ئابىستىراكىت ئوخشىتىش شىئېرنىڭ تىلىنىڭ راۋانلىقىغا ،ئىپادىلەشنىو دەللىكىگە يول ئاچقان .كاللىمىز ئادەتلىنىپ كەتكەن ئەنئەنىۋىي ئوخشىتىشلار ناھايىتى ئاز ھەتتا يوق دىيىشكە بولىدۇ.

    ۋۇجۇد ئەمالىرىغا ئامال يۇق

    « شىئېرلىرىمغا بىر كاچات »

    يۇقىرقى مىسرادا شائىر ئوىشىتىشنى ئاىستىراكىتلاشتۇرغان .بۇنىڭ بەدئىي ئۇنۇمىمۇ يامان ئەمەس .بۇنداق مىسرالارنى جىق ئۇچرىتىش مۇمكىن .ئابىستىراكىتلاشتۇرۇلغان ئوخشىتىشلاردىن

    سىرىت يەنە كونكىرىتلاشتۇرۇلغان ئوخشىتىشلارمۇ ئاز ئەمەس .

    تاش قەلىبلەر سۇندى مۇزلىدى

    ============«سۆيگۈ تۈرمىسى »

    ئدىيەنىڭ قارا قوللىرى

     

    مەن ۋاقىت سەۋەبىدىن جىق مىسال ئالمىدىم .

    شائىرنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ماھارىتىگە گەپ كەتمەياۇ .ھەر بىر مىسرا شىئېردا ئىستىلىستكىلىق ۋاستە تاپقىلى بولىدۇ .يېڭى-يېڭى ،تەكرارلانمىغان ۋاستىلەرشائىرنىڭ شىئېرىنى يۇقىرى بەدئىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلىدۇ .

    --------------------------------------------------------------------------------

     

    3.ئوۋچى شىئېرلىرىدىكى بىر قانچە ئالاھىدە سۆزلەر ۋە ئۇندىن شائىرنىڭ شىئېرلىرىغا قەدەر

    شائىرنىڭ شىئېرلىرىدىكى مۇنۇ مىسرالارغا نەزەر سېلىپ باقىلى :

    تاش قەبرىلەر ئوينار تۈن ئارا

    «يالىڭاچلىق»

     

    تاش قەبرىلەر سۇندى مۇزلىدى

    «سۆيگۈ تۈرمىسى »

     

    تاش ئىشىكلەر ،تاش دېرىزىلەر

    ....

    سۆيگۈ تاشقا ئايلىنىپ كەتتى

    ....تاش دەۋىرنىڭ ئالقانلىرىغا

    «ئىيۇلنىڭ ئاخىرى »

     

    تاش ئەينەكلەر ئۇرسام چېقىلماس

     

    دىل ئۆيۈڭدە تاشلار بولمايتتى

     

    ئەپو قىل

    تاش ئەتىرگۈل بولۇپ سەن ئۈچۈن

    «تاش ئەتىرگۈل »

    تاشلار ئۈنلىمەس

    «قاراڭغۇدا شىئېر ئۇقۇش »

    تاش سۆزىنىڭ شىئېرلاردىكى قايتىلىنىش چاستۇتىسى ئەڭ كۆپ .لېكىن ئىپادىلەش شەكلى ۋە كەلگەن ئۇرنى ئوخشاش ئەمەس .بۇ سۆزنىڭ قايتىلىنىش چاستوتىسىنىڭ مۇنداق كۆپ بولىشى شائىرنىڭ ئىدىيىسىدىكى، تەسەۋۋۇرىدىكى مەلۇم بىر خىل پوزىتسىيە بىلەن ،مەلۇم بىر خىل پىكىر بىلەن زىچ مۇناۋىسىتى بولىشى مۇمكىن (بۇ پەقەت دەسلەپكى پەرەز يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ)بۇنداق سۆزلەردىن يەنە بىر قەدەر كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان سۆزلەردىن <<ئەينەك ،تام >> قاتارلىقلار بار بۇ سۆزلەرنىڭ كونتىكىستىكى كەلگەن ئورنىغا قارايدىغان بولساق مەيلى كونكىرىت بولسۇن ياكى ئابىستىراكىت مەنىدىن بولسۇن قاتتىق دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تىل پىسخۇلۇگىيىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا شائىرنىڭ بۇ سۆزلەرنى ئىشلىتىشى ئۇنىڭ ھېلىقى بىز باشتا دەپ ئۆتكەندەك چەتكە چىقىۋىلىش ،سۇكۇت قىلىش پوزىتسىيىەسى ، تۇيۇقسىز پارتىلاش

    بىلەن مۇناسىۋەتلىك. < بۇ تۇغرىسىدا ماتىرىيال كۈرۈشكە يەنىمۇ ئىزدىنىشكە ۋاقىتىم چىقىرالمىدىم ،كىيىن مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا ئايرىم توختىلىمەن .)

     

      4 .شىئېردىكى شىئېرىي بوشلۇق ھەققىدە

    شىئېرلاردىكى شىئېرىي بوشلۇقنىڭ بولۇشى تەبئىي. لېكىن بەزى شائىرلار <<ئالە مانا >> دەپلا شىئېردا ئۇششاق چۈششەك ھەممە نەرسىنى تۆكۈپ تاشلايدۇ . بىزنىڭ كۆپىنچىمىزنىڭ كاللىسى مۇشۇنداق شەكلى 4 چاسا يىپىدىن يىڭنىسىگىچە ئۇچۇق يېزىلغان شىئېرلارغا كۈنۈكۈپ كىتىشتى .لېكىن شئىېرلارنىڭھەممىسى مۇنداق يېزىلىۋەرسە بىزنىڭ شىئېرىيىتىمىزنەچچە مىڭ يىل كەينىگە چىكىنىپ كىتىدۇ .مەن بەزى تورداشلارغا تۇرپان تىكىسىتلىرىدىكى شىئېرلارنى ئوقۇپ كۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .بۇنداق ئاددىي ،ھەممە مەزمۇن ئىچىدە بار ئويلىنىشنى تەلەپ قىلمايدىغان ،تۈز سىزىقلىق تەپەككۈر لىنيىسى بىلەن يىزىلغان شىئېرلارنى چەتكە قاقمايمىز .ئەمما شىئېرىيەتنىڭ ھەممىسى بۇنداق شىئېرلار ئەمەس .ئۇنداق بولمىغاندا نەۋائىي

    ئارەزىن ياپقاچ ،كۈزۈمدىن ساچىلۇر ھەر لەھزە ياش

    بۇيلەكىم پەيدا بولۇر يۇلتۇز نىھان بولغاچ قۇياش

     

    دەپ يازمىغان بولاتتى .

    شىئېرىي بوشلۇق شائىرنىڭ ئۇقۇرمەنلىرىگە بەرگەن ئالاھىدە ئىمتىيازىدۇر. شائىرنىڭ بىر خىل ماھارىتىدىن ئىبارەت بولغان بو خىل بوشلۇق شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئادەتتىكى تەسەۋۋۇردىن ئۇلانما تەسەۋۋۇر ،سەكرەتمە تەسەۋۋۇرغا يۈتكىيەلەيدۇ .بۇ شائىرنىڭ شىئېر ئىپادىلەش ماھارىتىنىڭ يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۈرۈلگەنلىكىدىن بىشارەت بىرىدۇ .شائىر بوغدا ئابدۇللا ئۆزىنىڭ <<شىئېرىيەتتىكى بوشلۇق>>ناملىق كىتابىدا :<<شىئېرىيەتتىكى بۇشلۇق شىئېرىيەتتە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىل.ئۇ شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى شەيئىگە بولغان تەسىراتىنى ئىپادىلەشتە ئۆزىگە ىاس بولغان بىر خىل رېتىملىق ئۇرۇنلاشتۇرۇش.چۈنكى شىئېر ئىپادىلەش ۋە ئوبراز جەھەتتە تىنىچ ۋە ھەركەتسىز بولۇپ قالسا پۈتۈنلەي دىگۈدەك جەلىب قىلىش كۈچىنى يۇقىتىدۇ .>> دىگەن .

    شائىر يەنە شىئېرىيەتتىكى بوشلۇقنىڭ يۇشۇرۇن ئاڭ ۋە ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە روياپقا چىقىدىغانلىقىنى قەيىت قىلىپ ئۆتىدۇ .ئوۋچى شىئېرلىرىدىكى بوشلۇق شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە گۈزەل تىلى ئارقىلىق يارىتىلغان بوشلۇقتۇر. بۇ ەۈزەل بوشلۇقلار گەرچە مەنا قەھەتتىن چۈشكۈنلۈككە ،يەڭگىلى بولمايدىغان قاراڭغۇلۇققا ،چىققىلى بولمايدىغاندەك كۈرۈنىدىغان ئۈمىدسىزلىكتە يىزىلغاندەك كۈرۈنسىمۇ ،لېكىن شىئېرنىڭ چىن مەنىسى بىلەن ھىس قىلالايدىغان ، سۆزلەرنىڭ تىگىدىكى مەنانى قەلىبىدىكى يۇشۇرۇن كۆزى بىلەن كۈرەلەيدىغان شىئېرخۇمار كىتابخانلار رىئاللىقنىڭنىڭ ئاچچىق قەدەملىرىنىڭ ئوۋچى يۈرىكىدە قالدۇرغان تىراگىدىيىلىك قسىمىتىنى ھىس قىلالايدۇ . شىئېردىكى ئۈمىدسىزلىكىنىڭ بىر مەنبەسى شائىرنىڭ رىئاللىقى بولسا يەنە بىر قىسمى ئۇنىڭ سۈكۈت ئىچىدىكى ئۆز ئۆزىنى چەكلەش ،چەتكە چىقىش پوزىتسىيىدىن كەلگەن .

    بىز شىئېرلاردىن شائىرنىڭ رىئاللىقىدىن تارتىلغان بىر پارچە سۈرەتنىلا كۈرۈشكە مۇيەسسەر بولالايمىز .ئۇ ھەر كۈنى تورغا چىقىدۇ، رىئاللىقتا ياشايدۇ،مۇنبەردە سۆزلەيدۇ .ئەمما ئۇنىڭ قەلبىگە ئۈنسىز تەسىر كۈرسەتكەن قانداق ئىشلار بار ؟ قانداق ئىشلار بولۇپ ئكتكەن ئۇنى بىلىشكە قادىر ئەمەسمىز .پەقەت شائىر شىئېرىدا ئۈزۈپ-ئۈزۈپ يارىلانغان ،ئاقساق ،ئامالسىز بۆرىدەك نەرە تارتىپ خىتاپ قىلىپ تۇرىدۇ . شائىر ماھارەت دەرىجىسىگە كۈتۈرۈلگەن قەلىمى بىلەن بىزگە رىئاللىقىنى يازىدۇ .بۇ رىئاللىق بەكمۇ ئاچچىق .بەكمۇ.....بىز ئوھسىنىپ ئولتۇرۇپ ئاڭلايمىز .





بۇ جايغا تېما مەزمۇنى كېلىدۇ