-
ئاتىكەم - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]
2010-08-15
ئاتىكەم
مەن سېنى كېچىنىڭ باغرىدىن تاپتىم
زۇلمەتتە نۇر چېچىپ تۇرۇپسەن تىمتاس.
ئۆركەشلىك تېنىڭگە يۇلتۇزلار زىننەت
كىرپىكلەر ئاستىدا مىسكىن ئېھتىراس.
سۆيىسەن مۇزدەك سوغ لەۋلىرىڭ بىلەن
سۆيگەندەك بۇ رەڭۋاز دۇنيانى گويا.
«مۇھەببەت..مۇھەببەت...بۇ مېنىڭ ئىسمىم»
كۆكسۈمدە نەپرەتتىن سانچىلغان ئوقيا.
ئارىلاپ تېنىڭنىڭ ئورمانلىقىنى
ئاداشتىم...ئالدىمدا چاپىدۇ جەرەن.
دېڭىزدەك ئۆركەشلىك مەندىكى يۈرەك
سوقىدۇ سېنىڭمۇ قان ئىچىدە ھەم.
بىر كېچە...تېنىمنىڭ سىرتىدا سەرسان
چۈش كۆرۈپ چىقتىممەن شۇ قەدەر دەھشەت.
ئىككىمىز مىخلاقلىق ئىككى دەرەخكە
بىر جۇپ قۇش چوقۇيدۇ بىزنى بى شەپقەت.