-
بۇغدايلىق - [شېئىرىيەت ئۇپۇقى]
2010-08-15
بۇغدايلىق
(1)
ئېچىرقىغانلارغا،
دائىم چۈشىدە ئېھتىلام بولىدىغانلارغا،
دائىم ساپما كەشىنى يۈتتۈرۈپ قويىدىغانلارغا،
شېئىر يازدىغانلارغا،
شامالغا كۆكسىنى ئېچىپ تۇرۇپ پويىز يولىدا يۈگرەيدىغانلارغا
ئارخولوگلارغا
تىلشۇناسلارغا
ئەمالارغا،
پۇتىدا يول ماڭىدىغانلارغا
مەن بىر پارچە بۇغدايلىقنى سوۋغا قىلدىم
(2)
ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسلامنىڭ كېكىردىكىدىن
ھەزىرىتى ھەۋا ئانامنىڭ كۆكىركىدىن
قابىلنىڭ قولىدىكى ياشتىن
ھابىلىنىڭ كۆزىدىكى ياشتىن
مەن ئۇنى سۇغۇرۇپ ئېلىۋالدىم
(3)
جىنلارنىڭ تەكشى ساماسىنى ئەسلىتىدىغان بۇغداي دولقۇنلىرى
قاقاس تەنلەر شاۋقۇنىغا جۆر بولدى
تىلۋۇزۇرنى ئۆچۈرۋەتتۇق.
بىر قارىسا كائىناتنىڭ ئىشىكىنى
بىر قارىسا ئاسمانلارنىڭ تۆشۈكىنى
ئەسلىتىپ تۇرغان كۆزلىرىڭدە ئەكسلىنەر
بىر پارچە بۇغدايلىق.
تەن چاراس-چاراس
روھ قاراس-قاراس
(4)
بەدەن چەكسىز كېڭيىۋاتقاندەك
ئىچىدىن يول چىقىۋاتقاندەك
پاتمايۋاتقاندەك
ياتمايۋاتقاندەك
يىغلاۋاتقاندەك
غەرق مەسىت بولۇپ توۋلاۋاتقاندەك
سېنى كىملەرنىڭدۇ بۇغدايلىقىدىن تېپىۋالدىم
(5)
شۇقەدەر تاتلىق سېغىنمەن
ئۆلگۈدەك قىچىشىۋاتقان دۈمبەمنى
پىچاقنىڭ ئۇچى بىلەن تاتلىغاندەك.
ئىچىمدە بىر ناخشا
دۈمبەمگە كۆكسى بېسىلغان
(6)
ئاقرەڭلىك بىر سىمۇۋۇل
قارا رەڭ ئارسىدا تۇرۇپ
چاقىرىدۇ يىراقتىن.
كۈندۈزلىرىمنى ئۇنىڭ چېچى ئارسىغا يۇشۇرۇپ
كېچىللىرىمنى كۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ
ئالقىنىمغا لىق تولدورۇپ
ھوزۇرلىنمەن
(7)
سەن تۈپەيلى
قىلىچ ياسالدى
قانلار شار-شۇر.
مىلتىق ياسالدى
كۆكرەكلەردە قىزىل گۈل
ئاتوم بومبىسىغا ئوخشايدۇ كۈلكەڭ
(8)
ئاھ
مەن ئەشۇ ئىشىكتىن چىقىپ
14-يول ئاپتۇبۇسىدىن چۈشۈپ
تاكى 36-يول ئاپتۇبۇسىنى تاپقۇچە
بۇغدايلىقنىڭ ئىچىدىن ماڭدىم
ھېلىھەم بۇغداي قىلتىرىقلىرىغا ئىنتىلمەن
(9)
بىر پارچە بۇغدايلىق
يەلپۈنمەكتە ئاپتابتا
چىڭقى چۈشتە يۈز بېرەر شۇنداق ھادىسە؛
ئېچىرقىغان
چۈشىدە ئېھتىلام بولغان
ساپما كەشىنى يۈتتۈرۈپ قويغان
شېئىر يازغان
كۆكسىنى شامالغا ئېچىپ قويۇپ
پويىز يولىدا يۈگەرگەن...
بىر توپ جىنلار ئۇسۇلىغا مەپتۇن بولغۇچىلار
بۇ مىسرالارغا كۆمۈلەر
قەبرىسىگە كۆمۈلگەندەك...
2010.8.06