• چـــاغداش شــــائىرلارIV - [شېئىرىيەت ئامبۇلاتورىيەسى]

    2010-06-30

     

     

    چـــاغداش شــــائىرلارIV

     

    رىسالەت مەردان

     

      رىسالەتنى مەن «تەڭرىتاغ» ژورنىلىنىڭ قايسى بىر سانىدىكى «ئۆيدىن چىقىپ كېتىش» قاتارلىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرى ئارقىلىق بىلگەنتىم. كىيىن توردا تونۇشتۇق. پىكىرلەشتۇق، ئۈرۈمچىگە بىر نەچچە قېتىم بېرىش جەريانىدا كۆرۈشۈپ ئەسرارلاشقانمۇ بولدۇق. ئۇ ھەققىدە بەلگىلىك  قاراش شەكىللەنگىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بوپتۇ. ئويلىغىنىمنى تىزىس شەكىلدە خاتىرلەپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.

      مېنىڭچە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيتىدە، بولۇپمۇ ئاياللار ئەدەبىياتىدا  ئىزچىل شېئىرىيەت بىلەن ھەپىلىشىپ كېلىۋاتقان بىر نەچچە شائىرە بار. ئۇلار: چىمەنگۇل ئاۋۇت،  رىسالەت مەردان، گۇلزار ئابدۇقادىر، گۈلزار ئابلەت، پاتىگۇل قاسىم تۆرىبەگ ، ئايىمنىسا سۇلايمان.

      رىسالەت مەرداننى بىر خىل خورىماس شېئىرىيەت ئېنىرگىيىسىگە ئىگە پائالىيەتچان شائىرە دىيىشكە بولىدۇ. ئۇ يازىمەن دەپلا يازالايدۇ. ۋاقىت، شارائىت، پىكىر چەكلىمىسىدىن ھالقىپ چىقالايدۇ. شېئىرلىرىدا ئاساسلىقى ئۆتكۈنچى تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشنى باشتىن ئاخىر ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت  ئىزچىللىقى قىلغان. ئۇنىڭ شېئىرىلىردىن ئەنئەنۋىي شېئىرىيەتتىكى دىداكتىكا، بۇرۇچ، مەسئۇلىيەت، ۋىجدان، غۇرۇر ۋە تەبىئى ئىجتىمائى موھىت كۆلەڭگىلىرىنى تاپماق قىيىن. بۇ جەھەتتە مەن ئۇنى ھازىر شائىرلار، تەنقىتچىلەر ۋە ئەدەبىي تەتقىقاتچىلار ئارسىدا تالاش- تارتىش بولىۋاتقان «ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى، شېئىرنىڭ مەسئۇلىيتى، شېئىر تۇيغۇ سەنئىتىمۇ ؟» دېگەندەك مەسىللەرگە بىپەرۋا مۇئامىلە تۇتۇپ كېلىۋاتقان خاسلىقى رۇشان شائىرە دېگۈم كېلىدۇ.

    رىسالەت ئاسان ھاياجانلىنىدۇ. بۇ ھاياجاننىڭ چاستوتىسى قانچا قىسقا بولغانسىرى ئۇنىڭ شېئىرىلىرى شۇنچە چېچىلاڭغۇ، ۋاقىت ۋە ماكانغا باغلاشمىغان، بىر خىل يۈگەنسز  ھالەتتە مەيدانغا چىقىدۇ.

    بۇ ئالاھىدىلىك ئاساسلىقى 2009-2010-يىلدىن بۇرۇنقى شېئىرلىرىدا كۆپ كۆرۈلگەن.

    «ئوت زامانلىرىدىن ئۇچۇپ كەلگەن

    سۇ ماكانلىرىدىن تېشىپ چىققان

    ئىككى قەھەتچىلىك ئوتتۇرىسىدىكى

    بىر سازەندە كۆزلىرىگە

    مۇزىكا

    تۇيغۇنىڭ تارىخى

    تۇيغۇنىڭ پايانسىزلىقى

    كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلىقى

    بىر پىغان كۆپۈكىگە چۆككەن بەش ئادەم

    چاي، بىر پىيالە مەي

    غۇسسە تاغلىرى لىق تولغان.

     

    ئاڭلاۋاتىمەن ئۇنىڭ تارىدىن

    قوللىرىنى چوڭقۇر كۈتۈشنىڭ

    ئۇ دېرىزە ئالدىدا تۇرۇپ

    پەردىسىنى قايرىۋەتتى

    پەردىسىنى بىر گۈزەللىكنىڭ .

     

    مۇزىكىغا غەرق بولدۇم،

    مۇزىكىغا چوڭقۇر چىلاندىم

    چىم بۇلاقنىڭ ئىچىدىن كىرىپ

    چىمەن بويىدىن يۈگىرەپ چىقتىم

     

    غەرق بولدۇم تۇتاش تۇيغۇنىڭ

    بىر تارغا باغلانغان

    بىر رومكىغا لىق پاتقان

    بىر پىيالىدىن تاشقان

    چوڭقۇر- چوڭقۇر

    چوڭقۇردىنمۇ چوڭقۇر

    پىغانىنى، ھەسرەتلىرىنى

     

    مەن تىڭشاۋاتقان چاغدا

    ئۇ يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى

    تەمبۇر تارىسى چېلىنىپ مۇڭدا

    مېنى ھەر ياققا ئېلىپ كەتتى.»

    -«موزىكىغا غەرق بولغۇچى»

      نەقەدەر ئەركىن ئىپادىلەش ھە؟ سۆزلەر مەنا ئۈچۈن ئەمەس، تۇيغۇ ئۈچۈن شەكىلگە كىرىدۇ.  شەكىل ئۆز نۆۋىتىدە ئىچىدىن بۇزۇلۇپ،ئۆزىنى چۇۋۇۋاتقان ھاياجان بىلەن ئىستىلىستىكىنىڭ يىپلىرىدا رەڭ ئۆزگەرتىدۇ.  بىز ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى شېئىرلىرىدىن پەقەت كەيپىياتقىلا ئىرىشىمىز. شېئىردا كەيپىيات يارىتىش- شائىرنىڭ ماھارەت دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان موھىم بىر ئامىل.

    بايقىشىمچە ئۇنىڭ شېئىرىلىرىدا ھەر يىلى دېگۈدەك ئۆزگۈرۈش بولۇپ تۇرىدۇ. 2009-يىلدىن بۇرۇن ئۇنىڭ شېئرىلىرى ماڭ يېڭى ئەمما، چۇۋالچاقراق تۇيۇلاتتى. بۇ چۇۋالچاقلىقىنى مەن شېئىرىيەتتىكى بىر خىل يېڭى خاسلىق سۈپتىدىمۇ تونۇغان. بىراق تۇيۇقسىز باشلىنىپ تۇيۇقسىز ئاخىرلىشش، قىسقا، لېكىن ئەستە قېلىش قىيىن بولۇشمۇ ئۇنىڭ بىر تۈرلۈك ئالاھىدىكى ئىدى.

    ئۇنىڭ 2010-يىلدىن كىيىن (بەلكىم ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇنراق بولىشىمۇ مومكىن) بۇ خىل ھالەت ئۆزگۈرۈپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. ئۇنىڭ يېقىنقى شېئىرىلىرىدا قۇرۇلما خېلى مۇكەممەل، تۇيغۇ بىر قەدەر سوزۇلۇشچان، ئىچكى رېتىم ئۆزگۈرىشى بۇرۇنقىدەك تىز، جىددى ئەمەس، ئەستايدىللىق بىلەن ماھارەت خېلى بىرىككەن ھالەتتە كۆزۈمگە تاشلىنىۋاتىدۇ.

    « قۇمغا ئەگىشىپ كۆرمەكتىمەن چۈش

    نەچچە تاغدىن يىراق بىر يەردە

    تەكلىماكاننىڭ ئوتتۇرىسىدا

    كىروران شەھىرى

    قەدىمىقى ۋەسىقىلەر

    تارشا پۈتۈك

    توخرى يېزىقى

    خەرىتىلەر ئايلانماقتا

    مېنىڭ چۈشۈمدە »

    -«قۇملۇقنىڭ چۈشى» دىن

    قۇملۇقتىن ئۆتۈش

    سەن خۇشپۇراق گۈلنى ھىدلاپ باققانمۇ

    سەن ئاسماندىن ئاينى ئۈزۈپ باققانمۇ؟

    گۈزەل كۈز ئايلىرىنىڭ ئاپتاپلىق بىر  كۈنى

    يالتىراۋاتقان، كۈلىۋاتقان قۇملارغا سالام ئېيتىپ

    مۇزىكا ئاڭلىغاچ،

    بەخىت ئاتلىق سەزگۈدىن كېسىپ ئۆتكەنمۇ؟

    شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ دەپ كۆزلىرىڭ ياشتا

    ئازاب ئىچىرە

    كەلمەيۋاتقان

    يېقىنلاۋاتقان كۈز ئايلىرىدا

    بەخىت  يادنامىسىگە نامە پۈتكەنمۇ؟

    2

    قۇملۇقتتىن ئۆتىۋاتىمىز

    سانسىز توغراقلارغا سالام ئېيتىپ

    ئادەمگە ئوخشايدىغان توغراقلار

    سالام ئىچرە سۈكۈتتە

    ئۈنسىز كۈلۈپ قالغاندا

     

    يول ئاستىمىزدا بىز ئۇندىنمۇ پەستە

    توغراقلار قول پۇلاڭىتار يىراق-يىراقتا

    كۆز يەتكۈسىز توغراقلار

    قۇملۇق سۆيىۋاتقان زىمىن

    سۆيىلىۋاتقان قۇياشتەك

    تويى بولغان قىزنىڭ كۆزىدەك

    مۇزىكا ئاۋازىدەك

    تارالماقتا جىمجىت بەك جىمجىت.

    رىسالەت توي قىلىپ ئىللىق بىر ئائىلىگە ئىرىشكەندىن كىيىن ئۇنىڭ  شېئىرىيەتتىكى كۈزۈتۈش نوقتىسى، تىما دائىرىسى بىر قەدەر كېڭەيگەندەك تۇرىدۇ. مۇنداقلا قارىساق، بۇرۇنقىدەك شەخسى بۇرۇقتۇم ئازاپ تۇيغۇسىنى ئىستىلىستىكىنىڭ كۈچى بىلەن ئىپادىلەش مەركەزچىلىكىدىن ئىجتىمائى ھادىسىلەرگە، تارىخ، مەدەنىيەت، دىن،  ئۆرپ-ئادەت...قاتارلىقلارغا ئاغدۇرغانلىقىنى بايقايمىز. بۇنىڭدىن باشقا رىسالەتنىڭ بۇرۇنقى شېئىرلىرىدا ئاساسلىقى سوغۇق رەڭ ئاساس قىلىنغان بولسا، كىيىنكى ۋاقىتلاردا شېئىرىلىرىدا ئىسسىق رەڭنىڭ ئاساسى سالماقنى ئىگەللىگەنلىكىنمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

    «كۆز ئەينىكىنى تۈزەپ قويىۋاتقان كىشىنىڭ ئىسمى مەھمۇت

    ئۇ ئىشچان قوللىرىدا باغ ياراتتى

    ئەنجۈلەر مەي بولغان كۈنى

    بىز باغنى ئايلاندۇق  ھەۋەس قىلىپ،

    ئانارلارنىڭ يېرىقلىرىدىن

    ھىممەت دىگەن خەت كۆرۈنۈپ تۇرار

    ئۈزۈملەر ساڭگىلىشار ئويچان ھالدا

     

    ئەنجۈر يىدۇق

    مەن ئەنجۈرنى شاپىلاقلاۋىتىپ

    كىملەرنىڭ گۇناھىنى ئەسلەپ قالدىم

    ئانار شېخىغا ئېسىلغان قولۇم

    بىر تال ئانارنى قىزارتتى پۈتۈن»

    - «مەھمۇدنىڭ بېغى » دىن.

    رىسالەتنىڭ شېئىرىلىرىنىڭ بۇرۇنقى قىسقا، مىسرالىرىدىكى لىرۇس بوشلۇقىنىڭ نىسبىتەن كەڭ بولىشىنى ئۇنىڭ بىۋاستە ئۇستازى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيتىنىڭ پىشۋالىرىدىن بىرسى بولمىش ھۆرمەتلىك بۇغدا ئابدۇللا مۇئەللىمنىڭ تەسىرىدىن كۆرسەم، ھازىرقى بىر قەدەر ئەمىليەتچىل، تۇرمۇشقا يېقىن ۋە تەبىئى، جۇشقۇن شېئىرى كەيپىياتىنى ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك بويتاقچىلىق، ئوقۇش، يۇرتى، قېرىنداشلىرىدىن يىراق يۈرۈشتەك پارتىزانچە تۇرمۇشتىن ئائىلە ، ئەر ، مۇقۇم ئۇيغۇرچە تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق بېسىشتىن پەيدا بولغان شېئىرى قىزىللىق، تەرلەش دەپ چۈشنۈشكە مەجبۇرمەن. ئەلۋەتتە، بۇنداق بولماسلىقىمۇ مومكىندۇ.

    رىسالەت ئۆزى ئىنتىلگەن «پىشىپ يېتىلىش»نى تۇرمۇشتا نىشان قىلىش ۋە تەجىربە قىلىشتىن باشقا شېئىرىلىردىمۇ سىناق قىلىپ بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىرىشتى. ئەگەر مۇشۇ خىل ئىزدىنىش ۋە سىناق ئىزچىللىقىنى ساقلىيالىسا ئۇ بىر مەھەللىۋى شائىرلىقتىن رايۇن، ھەتتا دۇنياۋلىققىمۇ ھالقىيالىشى مومكىن. مەن ئۇنىڭدىن بۇخىل بىخنى كۆردۇم ۋە ھىس قىلدىم.

    2010.6.30

     

     


    历史上的今天:

    تىلفۇن 2009-06-30
    ياستۇق 2009-06-30




بۇ جايغا تېما مەزمۇنى كېلىدۇ