-
چـــــاغداش شــــــائىرلارⅡ - [شېئىرىيەت ئامبۇلاتورىيەسى]
2010-06-16
چـــــاغداش شــــــائىرلارⅡ
ئابدۇرېشىت ئېلى
ئابدۇرېشىت ئېلى بىلەن قىزىق ھېكايىلىرىمىز بار. بەلكىم باشقا يۇرتتىكى قەلەمداش يارۇ-بۇرادەرلىرىم ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچۇرشىدىغان، ئىچكى مەخپىيتىمىزنى ئەڭ كۆپ دىيشىدىغان، ياخشى-يامان ئىشلارنى ئەڭ كۆپ بىللە قىلغان ئاغىينەمنىڭ بىرسى ئابدۇرېشىت دىسەممۇ بولىدۇ. خاراكتىر جەھەتتىن ماڭا قالدۇرغان تەسىرى- رايىش، يېقىملىق، ساددا ۋە تۈز.
مەن بىلدىغان قىزىقىشى- كومپىيوتېر ۋە تىلفۇن.
ئۇنىڭ بىلەن تونۇششۇم توردا باشلانغان. كىيىن رېئاللىقتا دائىم بىللە پائالىيەت قىلدىغان يېقىن ئاغىينىلەردىن بولۇپ قالدۇق. ئىجادىيىتىمىزمۇ شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆز ئارا باغلاندى.
ئويلاپ باقسام، ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە داستاننى ئۆز ئارا مۇشائىرە شەكلىدە يېزىپ قالدۇرشۇپتۇق. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇ ھەر قايسى ژورناللاردا بۆلۈپ پارچىلاپ ئېلان قىلدۇرۇپ بولدى.( ئەلۋەتتە ئۆزى يازغان قىسمىنى) مەن تېخىچە ئۇ يازمىلارنى رەتلەش كويىدا.
ئابدۇرېشىت ئېلى مەتبۇئاتلارنى قاپلاپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. مۇناسىۋەت دائىرىسى نىسبىتەن كەڭ. ئۇ شەيئىلەرنى تىنىچ كۈزتىدىغان شائىر. بەزى مىسرالىرىدىكى قوپاللىقلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا شېئىرلىرى ماڭا ناھايىتى جىمجىت، چىرايلىق سىزىلىغان رەسىملەرنى ئەسلىتىدۇ. (خۇددى ئورمان مەنزىرىسى سىزدىغان داڭلىق رۇس رەسسامى شېشكۇفنىڭ ئەسەرلىرىدەك.) ئەركىن شېئىر يېزىشقا ئادەتلەنگەن. ئارۇز ۋەزىندىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ قويىدۇ. لىكىن ئەنئەنىۋى غەزەلچىلىكتىكى قېلىپلاشقان ئىماگ، ئىبارىلەر ئۇنىڭ بۇ ژانىردىكى ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويغان.
پىروزا ئەسەرلىرىنى كۆپ كۆرمۈدۈم. مەن بىلدىغان پىروزا ئەسەرلىرىدىن ئەڭ ياخشىسى «ۋوي-ھوي» ھېكايىسى بىلەن «تارىم» ژورنىلىدا ئېلان قىلدۇرغان بىر نەچچە پارچە ئەدەبىي خاتىرىسى. بۇ جەھەتتىن مەندىن ياخشىراق دىيىشكە بولىدۇ.
يازغان شېئىرلىرى جىق، كۆپ يازىدۇ. تىز يازىدۇ. قىسقا يازىدۇ. شېئىرلىرىدا جىنسى پۇراق كۆپ. ئاساسلىقى ئوخشۇتۇش بىلەن سىمۇۋۇلغا نىسبىتەن ئامراق. لېكىن سىمۇۋۇللىرى تۇراقلىق سىمۇۋۇللار بولۇپ، يەنىلا شېئرىيەتتە ئەنئەنۋى شېئىريەت يىلتىزىغا باغلانغان.
«ئۆلۈم بىر پارچە ئەينەككە ئوخشايدۇ،
قارىساڭ ئۆزۈڭنى كۆرەلمەيسەن.
ئۆلۈم ئېقىۋاتقان سۇ ئۆزىگە قاراپ
ھەي، ئۇ خاتىرەڭدىكى تۇپا باسقان ۋەتەن.
بىلىسەن، ئۆلۈپ كەتتى تاڭلار، يۇلتۇزلار،
ئۆلۈپ كەتتى يەنە ساھىپجامال تۈن.
ئۆلۈم مەندىن باشلانغان جىمجىت، پەرىشان
مەن ئۇنى ھېس قىلىپ ئولتۇردۇم بۈگۈن.
ھېس قىلدىم، بۇ قەدەر غېرىپلىق نېمە
ھېس قىلدىم، غېرىپلىق تەنھا يەكشەنبە.
بىر تال يوپۇرماق ياكى كۈن نۇرى
ئىككىمىز بار ئۆينى سالىدۇ ئەسكە.
ئۆي. دېرىزىسى ئېچىلغان
ئۆي ـــ مېنى سېنىڭ ئېسىڭگە سالغان.
ئۆي، مېنىڭ خىياللىرىم
ئۆي، نىھايەت ئوقۇلغان داستان.
ئۆلۈمنىڭ سىرتىدا ياغىدۇ يامغۇر،
ياغىدۇ ئۈستۈمگە سەندەك دولقۇنلاپ.
ئۆلۈمنىڭ سىرتى قارايغان، گۇيا ـــ
ئاھ، سەندىكى ھاياتقا ئوخشاپ»
-«ئۆلۈمنىڭ سىرتى» ناملىق شېئرىدىن
شېئىريەتتە سۆز ئوينۇتۇش-ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى. شېئىرلىرىدا مەزمۇندىن كۆپرەك كەيپىيات ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ تۇيغۇنى قوغلۇشۇپلا شېئىر يازدىغان خاراكتىرىدىن كەلگەن بولىشى مومكىن.
«سېنى ئايدىن ئايرىغىلى بولمايدۇ،
سېنى كۆرگەن ئاي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.
سېنى كۈزىتىپ ئولتۇرۇپ قېرىپ كېتىمەن،
كۆزلىرىمدە تۈنەپ قالىدۇ بىر تال ئاققۇ.
باھار ئاياغ ئاستىڭدا شىۋىرلار
ئۇزۇن-ئۇزۇن ئۆرۈم چاچلىرىدا تاڭلار ياتىدۇ.
چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى مەشئەلسەن
سېنى كۆتۈرۈپ ئۆزۈمگە كېتىۋاتىمەن...»
-«بىر قىز ھەققىدە»
评论
نە گۇناھىڭ بارتى ئانا تىل،
توربەتچىلەر- تورچى ئالدىدا.