• ئاۋاز - [ئەركىن يازمىلار]

    2009-01-04

    ئاۋاز


    كېسەلچان رېئاللىقنىڭ رەڭسىز ئاۋازى ھېلىھەم كۆيمەكتە.شېئرنىڭ زەئىپ ئاۋازى بۇ غېرىبانە كۈلبەمگىچە لەيلەپ كەلدى، لىكىن يېزىق مەغلۇبىيتىنىڭ ئاچچىق ئېھتىراسلىرىدا قاقاس ھاياجانلىرىمنى توزۇتقۇم يوق.
    تاش ئەتىرگۈللەر توزىغان سەھەردە مۇقەددەس ھۆرلۈكۈم يېرىلدى، بىھايا كۆزلەرنىڭ چىدىغۇسىز يالقۇنلىرىدا چاراسلاپ [size=4]چېقىلدىم.تاپانلاردىن توزىغان مۇھەببەت يادنامىلىرى ،ئاقارغان تەنھالىق ۋە جاراھەتلىك بېغىشلىمىلارنىڭ ھەممىسى ئاقىۋەت بىر تېمىم قانغا ئايلىنىپ ئېقىپ كەتتى!
    ئارامبەخىش قەھۋەخانلاردىكى ساقتا مۇھەببەت ئەپسانىلىرىدىنمۇ ۋاز كەچتىم.يىراق سەھرادا،ساددا چىغىر يوللاردا شامالغا ئەگىشىپ ئۇچۇپ كەتكەن تاتلىق ھەۋەسلەرنىڭ كۆكۈش داغلىرىنمۇ ئۇنۇتتۇم.پەقەت ئاندا-ساندا سارغايغان خاتىرەمنىڭ بەتلىرىدە مىجىلغان جىگىدە چېچەكلىرىنى كۆرگىنىمدە قولۇم، ئاۋازىم،نىگاھىم يەتمەيدىغان يىراق ئالەمدىكى تەقدىر پەرىشتىسىنىڭ يۇمشاق قاناتلىرىنى ئالقىنىمغا ئۇرىۋاتقانغىنى ،چېقىلغان ئىستەكلەرنىڭ قىرلىق گىرۋەكلىرىدە ئولتۇرۇپ ئۆزۈم ۋە خۇدا ھەققىدە ئېغىر خىيالغا پاتقانلىقىمنى ئەسكە ئالىمەن.
    جاراھەت ئېغىزى يەنە يېرىلدى.بىر تامچە قاندىن بىر پۈتۈن ھاياتلىق ئالىمىنى كۆرۈۋىلىش تامامەن مومكىن.يەنە ئىزاھاتلىق يېزىق مەغلۇبىيتىنىڭ سىرلىق ئوردىسىدا سەرسان بولۇپ يۈرىۋەرگۈم يوق.لىكىن مېنىڭ سەرسانلىقىم مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن باشلانغان.





    • 评论

    • ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام دولقۇن 731 ئەپەندى.
      بىلۇگىڭىزنىڭ تۇغ رەسىمى ئېنىق كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. شۇڭا خەتلىك ئۇلىنىش قىلىپ تۇردۇم.
    • سىزنىڭ بلوگىڭىز بۇنىڭغا ئۇلىنىش قىلىندى
      http://ulinixlar.blogspot.com
    • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! بلوگىمنى ئۇلىنىش قىلىپ قۇيامسىز؟!
      بلوگ نامى :دولقۇن731مەھەللىسى
      ئادىرسى :http://dolkun731.blogspot.com
      تۇغ ئادىرسى:http://uutw.blogbus.com/files/12273354190.gif

بۇ جايغا تېما مەزمۇنى كېلىدۇ