ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)
  • غەلىتە جىننىس رېكورتلىرى

    2009-06-07


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40633198.html

    غەلىتە جىننىس رېكورتلىرى

    بۇرنى بىلەن ئورۇندۇقنى كۆتۈرۈپ ئەڭ يىراققا ماڭغان ئادەم:2003-يىلى ئەنگلىيلىك ئالستىر لوس بۇرنى بىلەن ئورۇندۇقنى كۆتۈرۈپ بىر ئىنگلىز مىلى ئارىلىققا ماڭغان.

    ھاراق كۆپۈكىگە ئەڭ ئۇزۇن چىلىنىپ تۇرغان ئادەم:2002-يىلى ئەنگلىيىلىك كىرىستى مارتىن ھاراق كۆپۈكىگە يېرىم سائەت چىلىنىپ تۇرغان.

     ئەڭ ئېگىز ئايال: ئامېرىكىلىق ساندى ئەيلۇننىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى 2 مېتىر 30 سانتىمېتىر كېلىدىكەن.

    ئەڭ ئېغىر ئادەم: ئامېرىكىلىق بولۇرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 635.6 كىلوگرامدىن ئاشىدىكەن.

    قولى ئەڭ چوڭ ئادەم: سۇمالىلىق بىسادنىڭ قولىنىڭ بېغىشىدىن ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۇچىغىچە 26.9 سانتىمېتىر كېلىدىكەن.

       كۆكرەك ئايلانمىسى ئەڭ چوڭ ئادەم: ئامېرىكىلىق روبېرت خيۇسنىڭ كۆكرەك ئايلانمىسى 315 سانتىمېتىر كېلىدىكەن.

       يىلاننىڭ قۇيرۇقىنى ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت چىشلىگەن ئادەم: 2001-يىلى ئامېرىكىلىق جېك بىرلا ۋاقىتتا سەككىز يىلاننىڭ قۇيرۇقىنى 12.5 سېكۇنت چىشلەپ تۇرغان.

    توختىماي ئەڭ كۆپ يۇمۇر سۆزلىگەن ئادەم:1992-يىلى ئامېرىكىلىق مېك ئارقا-ئارقىدىن 12مىڭ 682 يۇمۇر سۆزلىگەن.

       كۆزىنى ئېتىۋېلىپ ئەڭ تېز سۈرئەتتە موتسكلىت ھەيدىگەن ئادەم: 2003-يىلى ئامېرىكىلىق مېك نيۇمەن كۆزىنى ئېتىۋېلىپ موتسكىلىت مېنىپ، موتسكلىتنىڭ  سۈرئىتىنى 164.87 كىلومېتىر/سائەتكە يەتكۈزگەن.

     بىر پۇتلاپ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغان ئادەم:1997-يىلى سىرىلانكىلىق ئارۇلانەن بىر پۇتلاپ 76سائەت 40مىنۇت تۇرغان.

       لىفتقا ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت سولىنىپ قالغان ئادەم: 1987-يىلى ئامېرىكىلىق باربارا ئىسىملىك 76 ياشلىق بىر موماي نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا لىفتقا سولىنىپ قىلىپ، شۇ يىلى 28 دېكابىردىن 1988-يىل 2-يانۋارغىچە چىقالمىغان.

      تىلى ئەڭ ئۇزۇن ئادەم: ئەنگلىيىلىك سىتىۋىن تايلورنىڭ تىلىنىڭ ئۇچىدىن باشلاپ ئۈستۈنكى تاڭلىيىغىچە 9.4 سانتىمېتىر كېلىدىكەن.

    غەلىتە يېمەكلىككە خۇمارى بار ئادەم:فرانسىيىلىك تىتو 1959-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە مېتال بىلەن ئەينەك يەپ كەلگەن.

                                 مەنبە: «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»


    收藏到:Del.icio.us




iframe name="hiddenIFrame" id="hiddenIFrame" width=0 height=0>