مەن ئانا
گۈزەلنۇر مۇتەللىپ
1
مەن ئانا ،پەرزەنت دەپ كۆيۈپ ئۆتىمەن،
ئېغىر بىر بۇرچىنى يۈدۈپ ئۆتىمەن.
ھەر قېتىم ۋىىقلاپ كۈلسەڭ جان قوزام،
«باغرىم»دەپ مەڭزىڭگەسۆيۈپ كېتىمەن.
2
مەن ئانا ،پەرزەنت دەپ ئۆلۈپ كېتىمەن،
تاغ كەبىي جاپانى يېڭىپ كېتىمەن.
ئامانلىق تېلەپلا پەرزەنتىم ئۈچۈن،
بىر ئۆمۇر گۈلخان بوپ كۆيۈپ ئۆتىمەن.
3
مەن ئانا،پەرزەنت دەپ ھېرىپ ئۆتىمەن،
تېنمسىز تىپىرلاپ،تاڭنى كۈتىمەن.
بەخىتلەر ئىچىدە كۈلسەڭ سەن ئەگەر،
سېنىڭدىن بۇرۇن مەن كۈلۈپ كېتىمەن.
4
مەن ئانا ،پەرزەنتىم سېنى كۈتىمەن،
سەپەرگە ئاتلانساڭ مۇڭغا چۆكىمەن،
دەرۋزام ئالدىدايولۇڭغا قاراپ،
تاڭلارنى تاڭلارغا ئۇلاپ ئۆتىمەن.
5
مەن ئانا، پەرزەنتىم بەختىم سەن ئۆزەڭ،
ئارمىنىم بىر ئۆمۇر كۈلۈپلا ئۆتسەڭ،
ئىلمدەك شۇ ئاتقا قامچىلار سېلىپ،
تاغۇ ۋە دەريانى بىمالال كەزسەڭ.
6
مەن ئانا،پەرزەنتىم ھاياتىم ئۆزەڭ،
مەھمۇت ۋە يۈسۈپنىڭ ئەۋلادىدۇر سەن،
تىرىشقىن ،تىرماشقىن ئۈگەنگىن ئوغلۇم،
سېىنىڭدىن بىر ئۆمۇرشۇنى تىلەيمەن.
7
مەن ئانا، بىر كۈنى مەنمۇ كېتىمەن،
قەۋرەمدە يېتىپمۇ سېنى كۆرىمەن.
پالاكەت يەتمىگەي پەرزەنتىمگە دەپ
ياراتقان ئاللادىن تېلەپ كېتىمەن.
8
مەن ئانا ،ھاياتتا شۇنداق ئۆتىمەن،
مېھرىمدىن گۈل تىزىپ ساڭا تۇتىمەن،
دۇنيادا ھەققىي ياشىغىن ئوغلۇم،
مەن پەقەت سېنىڭدىن شۇنى كۈتىمەن.
2013-يىلى7-ئاينىڭ12-كۈنى جەنۇبىي تاغ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا guzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-12 08:47