گۈزىلىمگە ئۈچ تال گۈل
ئابدۇلىتىپ ئىمىن
ئىشق رىۋايىتى
تەڭرىم چاقچاق قىلغاندا قىزغىن،
دېدىم :«سىناق قويدۇڭمۇ ماڭا».
شۇنچە گۈللەر نازغىشىپ مەستخۇش،
بىر سەن ئۈچۈن تاشلاندىم ئوتقا.
ئىشق ئوتۇڭ يېتىلەپ ئۈنسىز،
ئىزلىرىڭغا تۇتىدۇ جىيەك.
تاتلىق تاما كۆڭلۈمدە لىق-لىق،
ئارزۇسىزمەن ۋەسلىڭدىن بىلەك.
سېنى كۆرسەم ئاغرىيدۇ يۈرەك،
پۇت-قولۇمدا قالمايدۇ ماغدۇر.
تۇرۇپ قالار گېلىمدا سۆزلەر،
نېرۋىلىرىم سەزمەيدۇ ئۇچۇر.
بولمىغاندا دىدارغا ئىمكان،
خىيال قۇشۇم ئۈركىگەن قىيان.
يۈرىكىمدىن ياغسا ئاق يامغۇر،
تۇتالمايمەن يېشىمنى پىنھان.
كۆزلىرىمدىن ئاققاندا سۆيگۈ،
نىگاھىڭغا ئاتىمەن چەنلەپ .
«شامال ئەمەس يۈزۈمنى سۆيگەن،
يار لېۋى»دەپ كۆڭلۈمنى بەزلەپ .
ئۆكسۈشۈمگە سالىمەن قۇلاق،
سۈكۈتتىكى نازىڭمىكىن دەپ .
پىنھانلاردىن سايەڭنى ئىزلەپ ،
تاشلىنىمەن باغرىڭنى قەستلەپ .
سايرىشىدۇ بىر جۈپ قۇش ئۇندا،
ئاھ ... نازلىرى كۆتۈرۈپ غەۋغا.
بەخت ئىچىگە كېتىمەن سىڭىپ،
رىۋايەتلەر سۆزلەپ ئۇز يارغا.
2013. 7. 5-كۈنى جەنۇبى تاغ «لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى» تەربىلەش كۇرسى
گۈزىلىمگە
ئاي دىسەم يار ھۆسنىنى كونا شۇ گەپ،
كۈن دىسەم دەيسەن يەنە «بۇ قانداق گەپ؟».
گىرىمسىز گىردە سىياق گۈل يۈزلىرى،
تونۇردىن يېڭى سويغان (مېنىلا دەپ).
بۇرنىنى چىمدىپ قويغۇم كېلىدۇ بوش،
زىنىقى كۆرسىتىدۇ چېھرىنى خۇش.
لېۋىدىن رەڭ تالاشقان گىلاس ئەنسىز،
مارىغان سەدەپلىرى، نۇرلۇق بىر چۈش.
چىمدىلسا بارماق ئارا يۇمران قېشى،
كىرىدۇ چۈشۈمگىمۇ بۇ قاراقاش.
نە كېيىك، قوي كۆزلىرى كۆزگە ھەيران،
ئەرزىيدۇ قويسام تەلەپ تۆككەنچە ياش.
ھېسلىرىم تەلۋىلىشەر تىنىقىدا،
ئەركىلەر ئۆرۈم چېچى تېقىمىدا.
خۇيلىرى تولا ئوماق، نازى تاتلىق،
كۆيىمەن ئىسسىق مېھرى ئېقىنىدا.
ئەقلىنىڭ ئۇزۇنلىقى چاچتىن ئاشار،
ھەمراھى شەرمى-ھايا، كۆڭلى ئاق قار.
ئىشق ئوتۇم گۇۋاھ بولۇر تەرىپىگە،
بىتەھقىق ئاپتاپپەرەز كۈنگە باقار.
2013. 7. 4-كۈنى جەنۇبى تاغ «لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى» تەربىلەش كۇرسى
چۈشلىرىڭگە كىرگۈم يوق مېنىڭ
«كىم ئويلىسا شۇنى چۈشەيسەن؟»
راستمۇ تېگى، سىرى بۇ سۆزنىڭ؟
ئۆزۈڭنىلا كۆرگۈم بار دىلبەر،
چۈشلىرىڭگە كىرگۈم يوق مېنىڭ.
سەن قەلبىمگە دائىم ھۆكۈمران،
بەندىسىمەن شېرىن خىيالنىڭ.
خىيالىمنى ھېچكىم بۆلمىسۇن،
چۈشلىرىڭگە كىرگۈم يوق مېنىڭ.
ئوتلىرىڭدا قىلدەك تولغاندىم،
گاھ بۇلغاندىم تەندە شەيتاننىڭ.
پاكىز روھتا يېتەي ۋەسلىڭگە ،
چۈشلىرىڭگە كىرگۈم يوق مېنىڭ.
ھايات دىگەن ئۇلۇغ بىر ناخشا،
مەدھىيىسى بولاي مىسرانىڭ.
چۈش قوينىدا ياتار كۆپ چېكىت،
چۈشلىرىڭگە كىرگۈم يوق مېنىڭ.
ھەر بىر قەدەم ئىجادكار نوتا،
گۈللەر ئۈنسۇن ئىزلاردا بىزنىڭ.
شېرىن خىيال چۈشتە سۇلمىسۇن،
چۈشلىرىڭگە كىرگۈم يوق مېنىڭ.
كىم ئويلىسا شۇنى چۈشەيسەن؟
راست بولمىسۇن تېگى بۇ سۆزنىڭ.
قىزغىنىمەن سېنى ياتلاردىن،
چۈشلىرىڭگە كىرگۈم يوق مېنىڭ.
چۈشلىرىڭگە كىرگۈم يوق مېنىڭ،
گۈلى بولغىن سەنلا چۈشۈمنىڭ.
چۈشلىرىمنى ياساپ سەن ئۈچۈن،
ھوزۇرىنى سۈرەي بەختنىڭ.
2013. 7. 5-كۈنى جەنۇبى تاغ «لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى» تەربىلەش كۇرسى