ئۈچ شىئېر
يۈسۈپ ئەلى
يارسىز كېچىلەر
(گۈلەندەم ئاۋۇستەي خاتىرسىگە)
قەدىمىي زېمىندىن بىر تەر،
ئېچلغاندا ئۈچىنىچى دەپتەر.
فاكىھە ئۆلۈپ كەتتى،
مۇئەللىمگە ئەجەل يەتتى.
مۇساپىرلىق كوچىللىرىدا،
يۇم-يۇم يىغلاپ قالدى ئاۋۇستەي.
ئۆلۈم پاجىئەلىرى
بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى.
فەرىدكە قىزىل چىقتى،
كەتتى يەنە بىر جان -جىگىرى.
ئاياۋسىز تەقدىر تاتىلىماقتا،
لىپمۇلىق يارىغا تولغان يۈرەكنى.
قارلىغاچ باچكىللىرىدەك گۈزەل بالىلار،
ئۇپۇققا باغلاپ تۇرار تىلەكنى.
كۆتەك ھارۋىنىڭ غىچىرلىشىدا،
ئايان بولار مىڭ يىللىق ئازاب.
قانداق روھ ئۇ ، نەقەدەر چىدام،
كىچىككىنە يۈرەكنى تۇرغان باغاشلاپ.
تاڭ يورىدى
ئېچىلغاندا تۇرپاننىڭ كۆزى.
كۈندۈز يا كېچىدۇر كەچمىش پايانى
بىر يۈزى ئاق، قارا بىر يۈزى.
چۈشۈمدىكى يار
چۈشلىرىمگە كىرىپسىز كېچە،
مەن ئازدىم يا ئېزىپسىز كېچە.
يۇلتۇز ئۆچكەن قارا تۈنلەرگە،
تۇلۇنئاينى سىزىپسىز كېچە.
چۈشمۇ شۇنداق تاتلىق بولامدۇ؟
سېھرىي بىلەن جاننى ئالامدۇ.
ۋېسال ئارا كۈلدۈۈپ تۈندە،
تاڭدا يەنە ئوتقا سالامدۇ.
تەبىرى كۆپ سۆيگۈ دېگەننىڭ،
سۈيۈلسەڭ ھەم سۆيسەڭ كۇپايە.
ھېجراننىڭمۇ چېكى بار بەلكىم،
ئەي يۈرىكىم بولما مىڭ پارە.
يالقۇن ئۆچسە يېلىنجار چوغى،
بۇ كۆڭۈلگە يوقكەن ھېچ ئامال.
ئاياقلىرىم توختا بىر نەپەس،
چۈشلىرىمەي ،ئۇچقىن بىمالال.
ھۇما قۇشى
خەيىرلەشمەك نەقەدەر ئازاب،
سەرسان بولدۇم كۆز ياشلىرىڭدا .
پويىز ئەنسىز چالغاندا گۈدۈك،
بىلدىم ،يۈرەك قاپتۇ قېشىڭدا.
دېرىزىنىڭ سىرتىدا كېچە،
بويالماقتا ھېجران رەڭگىدە.
ئوماققىنە كۈلگۈنچەك قىزچاق،
چىداش تەسكەن سۆيگۈ دەردىگە
شۇنچە يىللار ئۆتۈپمۇ يەنە،
ئۆچمەپتۇ ھەي يۈرەكتە يالقۇن.
ئۇچۇپ كەتكىن ھەي ھۇما قۇشى،
يا ئۇدۇللا يۈرىكىمگە قون.
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى لۇشۇن ئىنستوتى شىنجاڭ سىنىپى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا guzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-9 00:17