- UID
- 11
- ھوقۇقى
- 255
- ھەقىقىي ئىسمى
- ئەيبۇ ياقۇپ
- يازما
- 657
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 3709
- تىزىملاتقان
- 2012-3-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-6
- توردا
- 1390 سائەت
|
|
|
|
|
لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 5- قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى تەربىيەلەش كۇرسى(2013-يىل.شىنجاڭ)نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن ئاۋال لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 5- قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى تەربىيەلەش كۇرسى(2013-يىل.شىنجاڭ)نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شۇيشىگو بازىرىغا قايلاشقان «دۆلەت سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ تەربىيەلەش بازىسى» دا ئۆتكۈزۈلدى. مۇرسىمغا لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى تەربىيەلەش كۇرسىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەي مىياۋ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم،دوڭ لىبو قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى. مۇراسىمغا لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى يىمىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا بەي مىياۋ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى: يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپلا، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە رەھبەرلىكىدە لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى كەلگۈسىدىكى بەش يىل ئىچىدە ئېلىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاپتونوم رايۇنلىرى ۋە باشقا رايۇنلاردا« ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى تەربىيەلەش كۇرسى»نى ئېچىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ قېتىمقى «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى تەربىيەلەش كۇرسى»نى ئېچىشىمىزمۇ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىلەشتۇرۇش،مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئېلىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنى ئىلگىرىش سۈرۈشنىڭ بىر تەدبىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ھازىرغىچە بىز گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايۇنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى، شىزاڭ ئاپتونۇم رايۇنى قاتارلىق ئۈچ ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايۇندا بۇ كۇرۇسنى تەشكىللىدۇق. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايۇنىدىكى تەربىيەلەش كۇرسىمىزمۇ پىلانىمىزدىكىدەك يۈرگۈزۈلمەكتە.
ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن ،ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان قاتارلىقلارمۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى كۆپلىگەن ئەمىلى ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى. شۇنداقلار كۇرسانتلاردىن تەستە قولغا كەلگەن پۇرسەتنى قەدىرلەپ، تىرشىپ ئۈگۈنىپ ئىجادىيەتتە تېخىمۇ ياخشى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
كۇرسانتلار ۋەكىللىرىدىن، يۈسۈپجان مۇھەممەت تۇغيان، ما يۈمېي (خۇيزۇ)، جا.چىڭباتېر(موڭغۇل) قاتارلىقلارمۇ سۆزگە چىقىپ بۇ قېتىمقى كۇرۇسنى تەشكىللىگەن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا رەھمىتىنى ئىزھار قىلدى.
بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ مۇددىتى 22 كۈن بولۇپ، ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىى قاتناشتى.
كۇرۇسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا يەنە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى «ئىجادىيەت مەركىزى»دە ئىجادىيەت سىمىنارىيەسى ئۆتكۈزىۋاتقان، قارقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن 18 نەپەر يازغۇچىمۇ سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى.
|
|
|
|
|
|
|