لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى كۇرسانتلار ئەسەرلىرىدىن :
نەسىرلەر
ئابدۇراخمان ئېلىنىياز
كۈتۈش تولغىقى
سېنىڭ يىراقتىكى شېرىن پىچىرلاشلىرىڭ مىسكىن چۈشلىرىمگە خاتىمە بېرىپ ، مېنى پايانسىز ئۇيقۇسىز كېچىلەر قوينىغا سۈرگۈن قىلدى . مەن ئەمدى تەشنالىق ۋادىسىدا تۇرۇپ ، سېنىڭ قەلبىمدىكى پىنھان ئوردىغا شەپىسىز ئاياقلىرىڭ بىلەن پەرىشتىدەك جىلمىيىپ كىرىپ كېلىشىڭنى كۈتمەكتىمەن !
مۇقەددەس ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ ، سېنىڭ خىيالىمدەك جىمجىت يېتىپ كېلىشىڭ ئۈچۈن ھەمدۇ - سانا ئوقۇماقتىمەن ! پەقەت سەن كەلسەڭلا ئېچىرقاق روھىمغا تەقىپلەنگەن ھالسىز كۈلكە مۇئەككىلى مەڭگۈلۈك پەرۋازلارغا مۇيەسسەر بولىدۇ ، قاقاسلىققا ئايلانغان ھاياتىم ئۈمىد چېچەكلىرى بىلەن رەڭدار زىننەتلىنىدۇ . مېنى ئىشغال قىلىۋالغان رەھىمسىز ھەسرەت لەشكەرلىرىمۇ شۈبھىسىز تارمار قىلىنىدۇ . ئاشۇ قۇتلۇق دەملەردە بەخت ئىلاھى يېقىملىق كۈلۈمسىرىگىنىچە مېنى باغاشلايدۇ . پەقەت سەن كەلسەڭلا ...
مەن سېنىڭ ئۆز قەلبىم ئىچىدە تېنىمسىز ياڭراۋاتقان سېھىرلىك كۈيلىرىڭنى ئاڭلاپ ، سېنى شۇ قەدەر قاتتىق سېغىنغانلىقىمنى ھېس قىلىمەن ، پەقەت سېنىڭ كېلىشىڭنىلا كۈتمەكتىمەن ! كەچكۈزدىكى بىچارە ياپراقتەك سارغايغان ناتونۇش خاتىرىلەر ئاللىقاچان كۆيۈپ تۈگىگەن ، ئازابلىق ئەسلىمىلەر كەشتىلەنگەن قەدىمىي ئۆتمۈش ئاللىقاچان توزغاققا ئۆزگۈرۈپ توزۇپ كەتكەن . ئەمدى سېنىڭ تەنھالىقىم باغرىدا ئېچىلغان ئاپئاق نىلۇپەر بولۇشىڭنى كۈتمەكتىمەن . مەن سېنىڭ ئۆزۈڭ ياشاۋاتقان دۇنيادىن چىقىپ ، مەن ياشاۋاتقان دۇنياغا كىرىشىڭنى زارىقىپ كۈتمەكتىمەن ! تاڭسىز كېچىلەردىكى ھىجران چەمبىرىكىدىن مېنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشىڭنى ئىزتىراپقا چۆمگەن ھالدا كۈتمەكتىمەن !
سېنىڭ يۈرىكىمدە قالدۇرغان مۇقەددەس ئىزلىرىڭ ئاللىقاچان مېنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك شېئىرلىرىمغا ئايلىنىپ كەتكەن ، ساڭا بېغىشلانغان ئۈزۈلمەس ناخشىلىرىم بۈيۈكلۈك ئەۋجىدە ۋايىغا يەتكەن ، سەن ئۈچۈن تەۋەللۇت قىلىنغان نۇرانە تىلەكلىرىم ياز پەسلىدىكى سېرىنگۈللەردەك پورەكلىگەن ، يۈرىكىمدەك يېقىن تۇرغان ۋىسال قەسىرى ساداقەت نۇرلىرى بىلەن يورۇتۇۋېتىلگەن . پەقەت ، سېنىڭ پەرىشتىلەردەك كۈلۈمسىرەپ يېتىپ كېلىشىڭنى كۈتمەكتىمەن .
سۆيگۈ ئېنىقلىمىسى
ئامرىقىم ! قەلبىڭدىكى تىمتاس قەسىرگە ئەڭ ئالىي ئېھتىرام بىلەن لەرزان ئۇچۇپ كىرىپ ، سۈكۈت بەرگىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ ، ئۇ يەردە قايغۇ ۋە خۇشاللىقنىڭ خىلمۇ - خىل ناۋالىرىنى تىنىمسىز ياڭرىتىۋاتقان شۇ كىشى كىمدۇ دەمسەن ؟ ئۇ – مەن بولىمەن !
جىمجىت كېچىلەردە ، ساڭىلا ئاتاپ ياسالغان خىلۋەتتىكى ئاشۇ چېركاۋىڭدا ئۆز روھى ئىچىگە سولىنىپ ئولتۇرۇپ ، ئاشۇ ئىلاھىي قۇڭغۇراقنى ئۈزۈلدۈرمەي چېلىۋاتقان ، سېنىڭ شېرىن چۈشلىرىڭنى پايانسىز يىراقلىققا سۈرگۈن قىلىپ ، سېنى چەكسىز خىياللار قوينىغا تەقىپلاۋاتقان شۇ كىشىنى كىمدۇ دەمسەن ؟ ئۇ – يەنە مەن بولىمەن ئامرىقىم !
روھ ئالىمىدە بارلىق خىيانەتكار تۇيغۇلارنى بىتچىت قىلىپ ، ساداقەت گۈللىرىنى باھار پەسلىدىكى نورۇز گۈللىرىدەك رەڭدار ئېچىلدۇرۇپ ، سېنىڭ كىرىستالدەك سۈزۈك ھەم بىغۇبار ھاياتىڭنى شۇ قەدەر تاتلىق ھاياجانغا سېلىۋاتقان شۇ كىشى كىمدۇ دەمسەن ؟ ئېھ ، ئامرىقىم ! ئۇ – يەنىلا مەن بولىمەن !
ياپيېشىل ئورمانلىقلاردا ، پىنھان چىغىر يوللاردا ، تەنھالىق بوش شىۋىرلاۋاتقان جەلىپكار خانەڭدە يۈرىكىڭنى توختاۋسىز تىترىتىۋاتقان شۇ كىشى كىمدۇ دەمسەن ؟ ئۇ – مەن بولىمەن !
بىلەمسەن ، تالاي زامانلاردىن بۇيان ساڭا مۇشۇنداق توختىماي يېقىنلىشىپ ، كۆل سۈيىدەك تېپتېنچ دەقىقىلىرىڭنى داۋالغۇتۇپ كېلىۋاتقان شۇ كىشى مەن بولىمەن ئامرىقىم !
ياشلىق شەرھى
سەن ھاياتىمدىكى بىر نۇرلۇق بېكەت ، نېسىپ بولدۇڭ ماڭا بىر نۆۋەت . ئېسىمدە ، سەندە قالغان ساددا كەچمىشلەر ، ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالغان ، سەن ياڭراتقان ئۇلۇغۋار كۈيلەر . تەقىپلەندىم ساڭا بىر مەھەل ، ئۆتكەن ئىدى تاڭسىز كېچىلەر ، رومانتىك تۇيغۇلارغا بېرىپ يېشىل ھەل . سەندىن چىقىپ ماڭا شۇڭغۇغان ، پەرۋىشىڭدە ئۆسكەن ئىستەكلەر . جۇلالايدۇ روھىمدا ھامان ، سەن قالدۇرغان گۈزەل سۈرەتلەر .
قەلبىمدە ، سەن ئۆگەتكەن سېھىرلىك ناخشا . سەن بولغاچقا ، مەندە چاقناپ ياشنىدى دۇنيا . سەن روھىمدا بەشىنچى پەسىل ، لوڭقامدىكى ئەتىرگۈللەر پورەكلىدى سېنىڭدە ئېسىل . سەن بەرگەچكە ئىللىق ھارارەت ، گۈللىرىمگە سىڭدى سەلتەنەت .
بىلىمەن ، ھاياتىمدا سەن نۇرلۇق چىراق ، شۇڭا ، ھاياتىمدىكى غۇۋا بوشلۇقلار يورۇپ كەلدى سەن بىلەن قوۋناق . ئېسىڭدىمۇ ؟ پەرۋاز قىلغان سەندە ئۈمىدىم ، سەن ئارقىلىق تۇلپاردەك چاپقان ، جاسارەتكە تويۇنغان روھىم . يادىمدا ، سەن رۇجىكىمگە نۇر بەرگەن ئىدىڭ ، ئاسمىنىمدا بولۇپ بىر چاقماق . بەزىدە ھەسرەت ئىلاھى ئەگەشتۈرۈپ ئۈمىدسىزلىكنى ، ئىشىكىمنى چېكەتتى ئۇزاق . شۇندىمۇ ، سەن روھىمنى باغاشلاپ كەلدىڭ ، بېرىپ ماڭا ئۈمىدۋار سىياق . ئېسىڭدىمۇ ؟ سەندىن چىقىپ سەندە ماڭغىنىم ، ماڭا تەۋە ھېلىقى كوچىدا ئىستىقبالنى سۆيۈپ قالغىنىم . قەلبىمدىكى ئارمانلىرىمغا سەندىن بۈيۈك ئورۇن بەرگىنىم ! كۈلكىلەرگە چۆمۈلگەن ئىدى ، سەن ئارقىلىق ئاقكۆڭۈل بەختىم ! ئۇلۇغۋار تىلەكلەر ساڭا مۈكۈنگەن ، سۇبات ناۋالىرى سەندىن سۆيۈنگەن ، ھاياتىمدىكى بىر ئۇزۇن ھەمدۇسانا ساڭا پۈتۈلگەن .
ئېسىمدە ، بەڭباشلىقنىڭ ساھىللىرىدا يۈرۈپ قالسام بەزىدە ، سەن پۇشايماننى سالغان ئىدىڭ يۈرەككە . نادانلىقىم ئۇچۇپ كەلسە بەزىدە ، سىگنال بەردىڭ ئازابلارنىڭ ئەۋجىدە !
بىلىمەن ، ئېتىقادىم سەندە كۆكلىگەن ، شادلىقىم ، ھەسرىتىم سەندە تۈنىگەن . ھاياتىم سەن ئارقىلىق قېنىق رەڭلەنگەن . سەن ئىدىڭغۇ ؟ ئېھ ، ئۇنتۇلماس سۆيۈملۈك ۋاقىت ! ئەمدى مەندىن ئۇزاپ كەتتىڭغۇ ؟ دەيمەن پەقەت ئىسىت ، مىڭ ئىسىت ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەرقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-2 21:51