ئىگىسى: eybuyaqup

لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى 5- قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەت ...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 653
تۆھپە : 7
توردا: 102
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 01:07:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلپىيە ھاجى كۆلتىكىن،ئامانگۈل ئەزىز،ئەكرەم ئابدۇمىجىت قاتارلىق ئەزىزەلەرگە سالام بولسۇن!

توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
شۇ ئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3105
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 116
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-14

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 10:21:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلپىيە ھاجى كۆلتىكىن،ئامانگۈل ئەزىز،  قاتارلىق دوستلارغا  ئوتلۇق ساسلسم، قەدىمىڭلاردىن گۈل ئۈنسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3105
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 116
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-14

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 10:22:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەۋاتقان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىگە ئاپىرىن!
ئازات سۇلتان مۇئەللىمگە قىزغىقن سالام!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3105
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 116
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-14

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 10:23:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدىكى بارلىق قېرىداشلىرىمغا  قۇتلۇق بولسۇن!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3190
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 60
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-6 18:25:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇستۇم يۇسۇپجان مەھمەت تۇغۇياننڭ ئۇگۇنىشىگە نەتىىنجە،تۇرمۇشىغا خۇشاللىق تىلايمەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 192
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 11:15:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گۈزىلىمگە ئۈچ تال گۈل



ئابدۇلىتىپ ئىمىن

ئىشق رىۋايىتى



تەڭرىم چاقچاق قىلغاندا قىزغىن،

دېدىم :«سىناق قويدۇڭمۇ ماڭا».
شۇنچە گۈللەر نازغىشىپ مەستخۇش،
بىر سەن ئۈچۈن تاشلاندىم ئوتقا.

ئىشق ئوتۇڭ يېتىلەپ ئۈنسىز،
ئىزلىرىڭغا تۇتىدۇ جىيەك.
تاتلىق تاما كۆڭلۈمدە لىق-لىق،
ئارزۇسىزمەن ۋەسلىڭدىن بىلەك.

سېنى كۆرسەم ئاغرىيدۇ يۈرەك،
پۇت-قولۇمدا قالمايدۇ ماغدۇر.
تۇرۇپ قالار گېلىمدا سۆزلەر،
نېرۋىلىرىم سەزمەيدۇ ئۇچۇر.

بولمىغاندا دىدارغا ئىمكان،
خىيال قۇشۇم ئۈركىگەن قىيان.
يۈرىكىمدىن ياغسا ئاق يامغۇر،
تۇتالمايمەن يېشىمنى پىنھان.

كۆزلىرىمدىن ئاققاندا سۆيگۈ،
نىگاھىڭغا ئاتىمەن چەنلەپ .
«شامال ئەمەس يۈزۈمنى سۆيگەن،
يار لېۋى»دەپ كۆڭلۈمنى بەزلەپ .

ئۆكسۈشۈمگە سالىمەن قۇلاق،
سۈكۈتتىكى نازىڭمىكىن دەپ .
پىنھانلاردىن سايەڭنى ئىزلەپ ،
تاشلىنىمەن باغرىڭنى قەستلەپ .

سايرىشىدۇ  بىر جۈپ قۇش ئۇندا،
ئاھ ... نازلىرى كۆتۈرۈپ غەۋغا.
بەخت ئىچىگە كېتىمەن سىڭىپ،
رىۋايەتلەر سۆزلەپ ئۇز يارغا.

2013. 7. 5-كۈنى جەنۇبى تاغ «لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى» تەربىلەش كۇرسى

گۈزىلىمگە


ئاي دىسەم يار ھۆسنىنى كونا شۇ گەپ،
كۈن دىسەم دەيسەن يەنە «بۇ قانداق گەپ؟».
گىرىمسىز گىردە سىياق گۈل يۈزلىرى،
تونۇردىن يېڭى سويغان (مېنىلا دەپ).

بۇرنىنى چىمدىپ قويغۇم كېلىدۇ بوش،
زىنىقى كۆرسىتىدۇ چېھرىنى خۇش.
لېۋىدىن رەڭ تالاشقان گىلاس ئەنسىز،
مارىغان سەدەپلىرى، نۇرلۇق بىر چۈش.

چىمدىلسا بارماق ئارا يۇمران قېشى،
كىرىدۇ چۈشۈمگىمۇ بۇ قاراقاش.
نە كېيىك، قوي كۆزلىرى كۆزگە ھەيران،
ئەرزىيدۇ قويسام تەلەپ تۆككەنچە ياش.

ھېسلىرىم تەلۋىلىشەر تىنىقىدا،
ئەركىلەر ئۆرۈم چېچى تېقىمىدا.
خۇيلىرى تولا ئوماق، نازى تاتلىق،
كۆيىمەن ئىسسىق مېھرى ئېقىنىدا.

ئەقلىنىڭ ئۇزۇنلىقى چاچتىن ئاشار،
ھەمراھى شەرمى-ھايا، كۆڭلى ئاق قار.
ئىشق ئوتۇم گۇۋاھ بولۇر تەرىپىگە،
بىتەھقىق ئاپتاپپەرەز كۈنگە باقار.

2013. 7. 4-كۈنى جەنۇبى تاغ «لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى» تەربىلەش كۇرسى


چۈشلىرىڭگە كىرگۈم يوق مېنىڭ


«كىم ئويلىسا شۇنى چۈشەيسەن؟»
راستمۇ تېگى، سىرى بۇ سۆزنىڭ؟
ئۆزۈڭنىلا كۆرگۈم بار دىلبەر،
چۈشلىرىڭگە كىرگۈم يوق مېنىڭ.

سەن قەلبىمگە دائىم ھۆكۈمران،
بەندىسىمەن شېرىن خىيالنىڭ.
خىيالىمنى ھېچكىم بۆلمىسۇن،
چۈشلىرىڭگە كىرگۈم يوق مېنىڭ.

ئوتلىرىڭدا قىلدەك تولغاندىم،
گاھ بۇلغاندىم تەندە شەيتاننىڭ.
پاكىز روھتا يېتەي ۋەسلىڭگە ،
چۈشلىرىڭگە كىرگۈم يوق مېنىڭ.

ھايات دىگەن ئۇلۇغ بىر ناخشا،
مەدھىيىسى بولاي مىسرانىڭ.
چۈش قوينىدا ياتار كۆپ چېكىت،
چۈشلىرىڭگە كىرگۈم يوق مېنىڭ.

ھەر بىر قەدەم ئىجادكار نوتا،
گۈللەر ئۈنسۇن ئىزلاردا بىزنىڭ.
شېرىن خىيال چۈشتە سۇلمىسۇن،
چۈشلىرىڭگە كىرگۈم يوق مېنىڭ.

كىم ئويلىسا شۇنى چۈشەيسەن؟
راست بولمىسۇن تېگى بۇ سۆزنىڭ.
قىزغىنىمەن سېنى ياتلاردىن،
چۈشلىرىڭگە كىرگۈم يوق مېنىڭ.

چۈشلىرىڭگە كىرگۈم يوق مېنىڭ،
گۈلى بولغىن سەنلا چۈشۈمنىڭ.
چۈشلىرىمنى ياساپ سەن ئۈچۈن،
ھوزۇرىنى سۈرەي بەختنىڭ.

2013. 7. 5-كۈنى جەنۇبى تاغ «لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى» تەربىلەش كۇرسى

















Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 192
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 12:07:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جەنۇبىي تاغ باغرىدا چاقنار ئەنجۈمەن


ئابدۇلىتىپ ئىمىن


قۇياش خۇشخۇي كۈلۈپ باقسا ھەر سەھەر،

جىمى ھايات، ھەتتا زېمىن نۇرلىنار.

كىم كۈتمىگەن بۇنداق قۇتلۇق پۇرسەتنى،

پەقەت تەڭرىم قىلغان تۇتاش ئىمكان يار .


ئەدەبىيات ئىنىستىتۇت گۈل تېرىپ،

غەرپ تامان كەلگەچ تۆكۈپ ئالتۇن نۇر.

مەقسەت بۈيۈك ، يولى ئىجاد تۇلپارلار،

ئىناقلىقتا قۇرۇپ بەزمە ئېيتتۇق خور.

غەربى جىلغا * يايغان يېشىل، كەڭ قانات،

ئېتىكىدە يايلار قوزا، تۆگە، ئات.

قانىتىدا نەقىش بولۇپ«تۆت يۇلتۇز»*،

مەرىپەتتىن تۆكەر بىزگە قەنت، ناۋات.


جەنۇبىي تاغ ئۈستى يېشىل قارىغاي،

ئېتىكىدە ئاتلىق چاپار قازاق قىز.

ئىجادكارغا ئىلھام چېچەك ، سەيياھ ئىز،

يېزىپ ھارساڭ ئۆلەن ئاڭلاپ ، ئىچ قېمىز.


شىرنە ھىدلاپ تاغلار ئاتلاپ كەلدۇق بىز،

رىمۇنت قىلىپ پۇختىلاشقا قەدەمنى.

نامدار شائىر، يازغۇچىلار جەمگاھى،

مۇشائىرە ئاۋات قىلدى بۇ دەمنى.


جۇڭخۇا روھى، لۇشۈن ئىزى كۆركىسى،

كۆكتىن ئۇچۇپ كېلەر دوكتۇر باشچىسى.

نىمە يېزىش ؟ قانداق يېزىش؟... باياندا،

زېھىن قويۇپ بولدۇق بىلىم ئاشنىسى.


مىللەت قايسى، قايەردىن؟ دەپ ئايرىش يوق،

ھال سورىشىپ، ياردەم بەردۇق بوپ ئىجىل.

تائام شىرە، كۈتۈش زالى-سۆھبەتگاھ،

قىزىپ كەتتى مۇلاھىزە بەك سىجىل.


ئەدەبىيات دېدۇق ، سۆيدۇق قەلەمنى،

چىن ئەقىدە، چىڭ ئىرادە، چىن دىلدىن.

نارات، كۆنەس، سايرام، مايتاغ... مۇقەددەم،

گۈللەر تىزدۇق يېڭى روھتا ئىجادتىن.



كىم كۈتمىگەن بۇنداق كاتتا پۇرسەتنى،

قەدىرلەيلى قەدرى ئالتۇن ئامەتنى.

قول تۇتۇشۇپ قەلبلەرنى چىگىشىپ،

«ئالغا!» دەيلى بەردەم تۇتۇپ قامەتنى.



2013. 7. 3-كۈنى جەنۇبى تاغ «لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى» تەربىلەش كۇرسى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىزىقۇتلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-7 12:09  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1714
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 461
تۆھپە : 0
توردا: 166
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 12:28:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ئابدۇلىتىپ بۇرادەر،لىرىك ئىلھاملار قايناپ تاشتىمۇ نىمە،گاھىدا نەسىر،گاھىدا شىئېر يوللاپ مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇرىۋەتتىڭىزغۇ.ئابدۇراخمان بۇرادەرچۇ،تۇنجىسىنى باشلاپ قۇيۇپ يوقاپ كەتتىغۇ؟.سىلەرگە تېنچ-ئامانلىق مەڭگۈ يار بولغاي!.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 192
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 12:57:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      قۇرۇلچى بۇرادەر، ياخشى تىلەكلىرىڭىزلارنىڭ بەرىكاتىدىن ئىلھاملار قۇرۇغۇسى كەلمەيۋاتىدۇ، رەخمەت بۇرادەر ئىلھام بەرگىنىڭىزگە!  ئابدۇراخمانمۇ توختىماي يېزىپ قەلىمىنى كۆتۈرگىلى چۇلىسى يوق، بىراقلا ۋالاققىدە تۆكەي دەيدىغۇ!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  171
يازما سانى: 1081
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3406
تۆھپە : 0
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 20:48:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەملىرى قۇت تاپقاي.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  171
يازما سانى: 1081
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3406
تۆھپە : 0
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 20:53:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇرسقا قاتناشقانلارنىڭ ئېزىز تېنىگە سالامەتلىك،ئېجادېيىتىگە ئۇتۇق،ئىشلىرىغا ئاسانلىق تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  558
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 256
تۆھپە : 2
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-9

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 20:58:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شېئىرلار

ئابدۇراخمان ئېلىنىياز

سەن بولمىساڭ يېنىمدا ئەگەر

1


كۆرۈنمەيدۇ ماڭا زەر قۇياش ،

يۈرىكىمنى باسىدۇ ھەم تاش .

بوپ قالىمەن دەردمەنگە ئوخشاش ،

سەن بولمىساڭ يېنىمدا ئەگەر .

2

                                                  

بىلىنىدۇ ھايات مەنىسىز ،

شادلىقىممۇ قالار پەرۋازسىز .

دىلخانەمگە مۇڭ سالىدۇ ئىز ،

سەن بولمىساڭ يېنىمدا ئەگەر .

3

                                                        

تەنھالىققا بولىمەن ئەسىر ،

كۆڭۈل ئۆيۈم قۇرۇق بىر قەسىر .

ئېيتالمايمەن ھېچكىمگىمۇ سىر ،

سەن بولمىساڭ يېنىمدا ئەگەر .

4

قىممىتى يوق بوپ قالار دۇنيا ،

چۈشلىرىمگە ئېتىلار ئوقيا ،

سېغىنىشىم ياسايدۇ دەريا ،

سەن بولمىساڭ يېنىمدا ئەگەر .

يىراقتىكى كىچىك ئائىلەم

1



مەن تۇرىمەن جەنۇبىي تاغدا ،

سېغىنىشنىڭ دېڭىزى قەلبىم .

يىراقتىكى كىچىك ئائىلەم ،

ئۇنتۇلماس بىر ئىللىق ۋەتىنىم .

2

جەنۇبىي تاغ شۇ قەدەر گۈزەل ،

يېشىل رەڭدە مەۋجۇت ھاياتلىق .

قارغايزارلىق ، يېشىل تۆپىلىك ،

تۇيغۇلارنى قىلار قاناتلىق .

3

پەرىشتىلەر قونغان بىر جىلغا ،

ناخشا ئېيتار سۈپسۈزۈك ئېقىن .

دەۋرەپ تۇرار دەرەخ ۋە گۈللەر ،

چوققىلارمۇ ئاسمانغا يېقىن .

4

ھاياجانلىق ھېسلارغا تولغان ،

تاغ باغرىدا كۆڭۈل يايلىقى .

چاقنىماقتا قىرىق تال يۇلتۇز ،

قەلبلەردە ھايات ئۇزلىقى .

5

مەن بۇ يەردە تۇرساممۇ كۆكلەپ ،

مېھىرلەردىن سۇ ئىچىپ ھەر دەم .

ئەسلىمەمگە تۇرار سوقۇلۇپ ،

يىراقتىكى كىچىك ئائىلەم .

جەنۇبىي تاغ سۆيۈملۈك ماكان

( لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىمغا )

1


بىر قەدەممۇ كەلمەس ئېھتىمال ،

قىرىق قەلب ، كۆڭۈل ئارلىقى .

كۆزدىن كۆزگە بىر دەقىقە يول ،

ئېقىپ تۇرار مېھىر بۇلىقى .

2

قالدۇرماقتا ۋاقىت تالاي ئىز ،

سىنىپ ، ياتاق ، ئاشخانا تامان .

كۈيۈمچانلىق ، ئاقكۆڭۈل تىلەك ،

قىرىق دىلغا يامغۇر بوپ تامغان .

3

                                                   

رەڭلەنمەكتە ھايات بۇ يەردە  ،  

قىرىق تال گۈل چېچىپ خۇشپۇراق .

ئارمان دېگەن بۈيۈك مۇزىكا  ،

چېلىنماقتا شۇ قەدەر ياڭراق .

4

                                                     

تاغ باغرىدا قايناپ ئەنجۈمەن ،

دەريا كەبى ئاقار ھاياجان .

ئۇنتۇلمايدۇ بۇ كۈنلەر پەقەت ،

جەنۇبىي تاغ سۆيۈملۈك ماكان .

2013- يىلى 7- ئىيۇل . لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى تەربىيلەش مەركىزىدە يېزىلدى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەرقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-7 21:10  


ھايات - مەڭگۈلۈك ناخشا ، ئەمما  ئۇنىڭ مۇقۇم نوتىسى ۋە ۋايىغا يەتكەن ئاھاڭى بولمايدۇ .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1097
تۆھپە : 7
توردا: 250
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 21:10:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۇرسقا قاتناشقان ھەممە دوست-يارەنلەرگە چەكسىز سالام بولسۇن! ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى ئانچە شەرەپ دەپ ھېس قىلمايدىغان ئۇچتېكىن، ئابدۇلھەمىد قاتارلىق كەمتەر دوستلىرىمىزغا نۇسرەت تىلەيمەن!

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1454
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 335
تۆھپە : 0
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 21:47:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبىي تاغدا كۆپلەپ مىۋىلەۋاتقان ‹‹ لۈشۈن ››شۇناس دوستلىرىمنىڭ ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ نۇسرەتلەر تىلەيمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  163
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1423
تۆھپە : 0
توردا: 196
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 23:27:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشلاغا يانداشقان ياخشى ئەسەرلەر ئادەمنى سۆيۈندۈردى .

قەلبىنۇر ئىلياس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش