مەن سەن ئۈچۈن ئۇنتىلغان ناخشا
گۈزەلنۇر مۇتەللىپ
(1)
يەنە كەلدىم دەريا بويىغا،
قۇلىقىمدا ھېلىقى ناخشا.
پادىچى ئۇ باقار قويىنى
توقۇمچى قىز زادى قاياقتا؟
(2)
ئۆزگەمەپتۇ ھېچقانداق نەرسە،
تاغۇ-دەريا ھەتتا يايلاقلار.
دەريادا سۇ شاۋقۇن ياساپتۇ
يۇلتۇزلارمۇ كۆكتە ۋىلىقلار.
(3)
ئۆزگەرمەپتۇ چىغىر يوللارمۇ.
ئۆزگەرمەپتۇ ھەتتا گىياھلار،
ئۆزگەرگىنى پەقەت شۇ كۆڭۈل،
سېنىڭدىكى نادان خىياللار.
(4)
مەن سەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغان ناخشا،
ئۇنىڭدا يوق قىلچە لېرىكا.
ساراڭ كۆڭۈل ئۇنتالماي سېنى،
مېنى قويدى چەكسىز ئازاپقا.
(5)
ھايات ئەسلى ئۆزى بىر ناخشا،
بۇ ناخشىدا ھەر ئىككىمىز بار.
مىسرالارغا سىڭدى پىراقلار،
تەڭكەش يەنە مىسكىن مۇزىكا.
(6)
قەلەم ئالدىم قايتا قولۇمغا،
يازماق بولۇپ يېڭى بىر ناخشا.
يازالمدىم ھەتتا بىر مىسرا،
قۇياش پاتتى تاغنىڭ قوينىغا.
(7)
مەن سەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغان ناخشا،
بۇ ناخشىنى ئېيىتمەن تەنھا،
پاتقان قۇياش چىقدۇ ھامان،
گىياھلارمۇ كۈلىدۇ شۇندا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا guzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-10 18:33