قالقانسىمان بەز فۇنكسىيىسى ئاجىزلاپ كىتىش كىسلىگە گىرىپتار بولغانلار نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك
كامىلجان ناسىر(دىلداش): قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە يېڭىشەھەر بازىرىدا يەككە تىۋىپ.
ئىبادەتگۇل ناسىر: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بۆلۈمىدە .
ھاياتلىقتا ياشىغان بىر جان ھامان ساغلام ياشاشنى ئارزۇ قىلسىمۇ ئوخشاش بولمىغان زامان ۋە ئوخشاش بولمىغان ماكاندا ئوخشاش بولمىغان كىسەلگە گىرىپتار بۇلۇدۇ.شۇڭا مەيلى قاچان قانداق كىسەلگە گىرىپتار بۇلۇشتىن قەتئنەزەر ھاياتقا نىسبەتەن ئۈمۈتۋار بۇلۇپ ياشاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك.شۇنداق قىلغاندىلا مەلۇم كىسەللىك ئۈستىدىن غالىپ كەلگىلى بۇلۇشى مۇمكىن.
ھەممىزگە مەلۇمكى قالقانسىمان بەز ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئىچكى ئاجراتما بەزلىرىنىڭ بىر بۇلۇپ، نۇرمال ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىش نېرۋا ۋە ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ كونتىرول قىلىش ۋە تەڭشىشى،تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلىشى جەھەتتە مۇھىم فىزىئولوگىيىلك جەريانلارنى نۇرمال تەڭشەشتە تۇلىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. قالقان بەز خىزمىتىنىڭ نۇرمال ھالەتتىن ئېشپ كېتىشى ياكى قالقان بەز خىزمىتىنىڭ كىمىيىپ ئاجىزلىشىپ كىتىشى ئوخشاش بولمىغان كىسەللىك پەيدا قىلىدۇ.بىز تۆۋەندە قالقان بەز فۇنكسىيىسى ئاجىزلاپ كىتىش كىسەللىكى توغروسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىمىز.
قالقان بەز فۇنكسىيىسى ئاجىزلاپ كىتىش كىسلى ھازىرقى زامان مىددىتسىناسىدا كۆپرەك ئۇچرايدىغان،ئەمما پەرىقلەندۈرۈش بىر قەدەر قىيىن كىسەللىكلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ،قالقان بەز فۇنكىسىسى ئاجىزلىشىش ئالامەتلىرى : روھسىزلىنىش ، چىرايى سوغۇقلىشىش ، ئاۋازى تۆۋەنلەش ، ئىنكاسى ئاستا بۇلۇش ۋە گەپ – سۆزلىرى سۇس بۇلۇش ، ئۇيقۇسىراش ، سۇغۇقتىن قورقۇش ، ئاز تەرلەش، ياكى تەرلىمەسلىك قاتارلىقلار بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ . تېرىلەر قۇرغاقلىشىپ تاتىرىپ سىلىقلىشىپ كېتىدۇ ياكى يىگىلەيدۇ ، بەزىدە ئويمانلاشمايدىغان يىنىك سۇلۇق ئىشىقلار كۆرلىدۇ ، لېكىن تىپىك شىلىمشىق سۇلۇق ئىشقلار ئاز كۆرلىدۇ ، ئىشتھاسى تۇتىلىدۇ ، دائىم قەۋزىيەت بۇلۇدۇ ، خامۇشلۇق ، ھەتتا روھىي نورمالسىزلىقلار كۆرلىدۇ ، يۈرەك سۇقۇشى ئاستىلىشىدۇ .يۇقارقىلاردىن باشقا ئېلېكتىرو كاردىئگراممىدا يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ زەخمىلىنىشى ۋە تۆۋەن ئېلېكتىرو بېسىملىق رەسىملەر كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش ۋە داۋالىنىش جەريانىدا بۇ خىل كىسەلنى يۈزەكى دېئاگۇنۇز قۇيۇشتىن ساقلىنىش،كىسەللىك دىئاگۇنۇزنى پەرىقلەندرۇپ مۇكەممەل ئىنقلاش،ئالدىراقسانلىق بىلەن دىئاگۇنۇز قۇيۇشتىن ساقلىنىش، چۇقۇم ئەتراپلىق تەكشۈرتۈپ ئىنقلىتىش بىكىتىش تۇلىمۇ زۈرۈر،كىسەللىك ئىنىقلانغاندىن كىيىن دېئاگۇنۇز ئاساسىنىڭ توغرا،ئىشەنچىلىك بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك.چۈنكى ھەر قانداق كىسەل دېئاگۇنۇزنىڭ توغرا بۇلۇشى ياخشى داۋالاش ۋە ياخشى داۋالىنىشنىڭ ئىلمى ئاساسى.شۇنداقلا ھەممە ئارزۇ قىلىدىغان مۇھىم ئۆتكەل.شۇڭا ھەمىمىز بۇ ئۆتكەلگە ئىزچىل ئەھمىيەت بىرىشىمىز ھەمدە مۇھىم تەشكۈرۈش،ۋە تەشكۈرتۈش ھالقىلىرىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كىرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا داۋالاش ۋە داۋالىنىش پىرىنسىپلىرىغا ئىزچىل رۇئايە قىلىپ ئەمىلى داۋالاشقا ئەملى ماسلىشىشىمىز ،كەيپىياتنى يەنىمۇ نۇرماللاشتۇرۇپ،توغرا ياشاش ئادىتى تىكلەش،نۇرمال ئىلمى تۇرمۇش ئادىتى يارتىش،ئىلمى ئۇزۇقلۇنۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەششەببۇسكار بولىشىمىز كىرەك.
داۋالىنىش جەھەتتە داۋالاش كۆرسەتمىسىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بىرىپ شىاگەرلەرنىڭ ئەمىلى داۋالىىشغا قەدەممۇ-قەدەم ماسلىشىشىمىز،قارىغۇلارچە دۇرا ئىچىش،دە دۇرا ئىچىشنى خالىغانچە توختاتماسلىقىمىز كىرەك.
داۋالىنىشتا مەيلى ئۇيغۇر تىبابىتى بۇيۇنچە مەيلى غەرىپ تىبابىتى (شېيى)داۋالاشنى تاللاشتىن قەئىنەزەر شۇ داۋالاشنىڭ خاس پىرىنسىپى ۋە كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ داۋالىنىش.ساقىيىشقا ئەمىلى ئۈمۈت باغلاپ كىسەللىك ئىچىدىكى ئۈمۈتسىزلىكتىن يىراق بۇلۇشىمىز،دۇرىغا نىسبەتەن گۇمانى تۇيغۇلاردىن يېراق بۇلۇشىمىز، نىرۋىمىزدىكى جىددىلىكنى دادىل تۈزتۈشىمىز، كەيپىياتىمىزدىكى ئالدىراقسانلىق،پەرۋاسىزلىقتىن ئەمىلى خالى بۇلۇشىمىز كىرەك.چۈنكى دۇرا داۋالاشتىكى بىر خىل مۇھىم ۋاستە ياكى ياردەمچى ئامىل بولسىمۇ بىماردا داۋالىنىشقا ماسلىشىش ئۈمۈتۋارلىق روھى كەم بولسا ئەمىلى ئۈنۈم ئاستا بۇلۇدۇ.شۇڭا يۇقارقى نۇقتىلارغا ئىزچىل ئەھمىيەت بەرگەندە تىز ھەم قانائەتلەنگىدەك ئەمىلى ئۈنۈمگە تىز ئىرىشكىلى بۇلۇدۇ..
داۋالىنىش جەھەتتە بىمار شىپاگەرلەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە دىققەت قىلىپ، دۇرىغا تاينىپ داۋالىنىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى ۋە ئەمىلى شارائىتىغا قاراپ ئىلمى ئۇزۇقلۇنۇش كىرەك. ھەممىزگە مۇلۇم ھاياتلىق ئۈچۈن مۇۋاپىق ئۇزۇقلىنىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.لىكىن كۆپ ئادەملەر ئۇزۇقلۇنۇشقا سەل قارمىسىمۇ كۆپ خىل ئۇزۇقلۇنۇشقا سەل قارايدىغان ئەھۋاللار يوق ئەمەس. شۇڭا ھەر قانداق كىشى ئۇزۇقلۇنۇش ۋە كۆپ خىل ئۇزۇقلۇنۇشقا ئەھمىيەت بەرگەندە مەلۇم كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بۇلۇشىدىن ساقلىنالىشى مۇمكىن.ھەر قانداق بىر جان مۇۋاپىق ئۇزۇقلانماسلىقتىن ھەر خىل كېسەللىكلەر كىلىپ چېقىدۇ . شۇنداقلا بەزى كېسەللىكلەرمۇ ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ بەدەن تەرپىدىن سۈمۈرلۈشىنى توسقۇنلىققا ئۇچىرتىدۇ، شۇڭا ھەر قانداق بىر جان ئۇزۇقلۇققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرشى، ئۇزۇقلىنىشنى تەرتىپكە سېلىشى لازىم مۇۋاپىق ئۇزۇقلىنىشىنىڭ كېسەلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىلا ئەمەس، بەلكى داۋالاشتىمۇ مۇھىم رۇلى بار . كېسەلنى داۋالاشتا پەرھىز بۇيرۇش، مۇۋاپىق ئۇزۇقلۇنۇشىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە شىپالىق تاماق بىلەن داۋالاشمۇ بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلى ياكى بىر خىل مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. مۇۋاپىق ئۇزۇقلىنىش – بەدەن سەرپىياتىنى تۇلۇقلاشتا ، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ۋە بەدەننىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدە ئېھتىياجىنى قانۇدرۇشتا مۇھىم ماددى ئاساس يارتىپ بېرىدۇ . شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن كۈندۈلىك تۇرمۇشتا تاماقنىڭ ۋاقتىدا بۇلۇشى، تاماق تۈرىنىڭ ھەر خىل بۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەكىتلەش ، ئاسان ھەزىم بولدىغان تاماقلارنى ئاز-ئازدىن پات-پات ئىتېمال قىلىش، ھەمدە يىڭى كۆكتات،يىڭى سۇيۇلغان قوي گۆشى،بېلىق گۆشى،كەپتەر گۆشى،توخۇ گۆشى، قاتارلىق گۆشلەرنى ئىكتىياج بۇيۇنچە ئىستېمال قىلىش ،دادۇر،پۇرچاق قاتارلىقلارنى ئىمكان بار كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، ئوخشاش تۈردىكى تاماقلارنى تەكرار ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش،ئۇزۇقلۇق تەركىۋى مول يىمەكلىكلەرنى ئىكتىياجىغا قاراپ ئىستىمال قىلىش،قۇشۇمچە يىمەكلىكتىن ھەر كۈنى بىر پىيالىدىن قوي سۈتى ئېچىش،،پىستە مېغىزى،بادام،ياڭاق مېغىزىلىرىدىن ھەر كۈنلىك ناشتىدا 5-7 تالغىچە،1-3 تالغىچە خورما ئستېمال قىلىش،كۈندىك تاماققا يوتلۇق تۇز ئىشلىتىش،سەي كۆكتاتلاردىن چەيزە ، جاڭدۇ،كاللەك بەسەي (كاپوستا)، بەسەي (يەسۋىلەك)،كەرەپشە (چىڭسەي)، پالەك ،سەۋزە قاتارلىقلارنى ئىمكان بار كۆپرەك ئىستېمال قىلىش،پىياز،مۇچ،سامساق، غول پىياز ، پەمىدۇر، ياڭيۇ ،كالا گۆشى، ئەچكۈ گۆشى، قاتارلىقلارنى قەتئى ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ساپ ھەسەل ئىستېمال قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش(قەنت سىيىش –دىئابىت كېسەللىكى،قىزىتما كىسەللىكلىرى بولمىسا): ھەسەل - بەدەننى پارقىرتىدۇ. ئىچىنى يۇمشۇتۇدۇ. شىلىملىق خىلىت ۋە قۇيۇق بەلغەملەرنى پۇشۇردۇ.ئاشقازان ۋە ئىچكى ئەزالارنى قۇۋەتلەيدۇ. سۇغۇقتىن بولغان پەي ۋە مېڭە كېسەللىرىنى يۇقتىدۇ.چوڭ بۇغۇملار ئاغرىقىنى ۋە زەھەرلىك دورىلارنىڭ زەھرىنى توسۇدۇ.تۇسالغۇلارنى ئاچىدۇ . قان تۇمۇرلاردىكى سۇغۇقلۇقنى تارتىدۇ مېڭىنىڭ ھۆللۈكىنى نۇرماللاشتۇرۇدۇ. پەي، مېڭە، ئۆپكە، يۈرەك، جىگەر،بۆرەك، تال، ئاشقازان، ئۈچەيلەرنى كۈچلەندۈرۈپ، بەدەننى قۇۋەتلەپ تېرىنى پاقرتىدۇ. ئىستمال قىلغۇچىنىڭ ئەقلى ۋە جىسمانى ئىقتىدارىنى قوۋەتلەپ ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە ئىسىل يىمەكلىكلىرىمىزنىڭ بىرى.شۇڭا بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغانلار مۇۋاپىق ھەسەل ئىستېمال قىلىشنى ئادەت قىلىش كىرەك.
ھەسەلنى قانداق ئىستېمال قىلىش ھەر كىمنىڭ ئۆز خاھىشىغا باغلىق. لىكىن بىر قۇشۇق ھەسەلنى ئون قۇشۇق قايناقسۇدا ئېرىتىپ ئىچىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بۇلۇپ،ئادەم ئورگانىزىمىغا بولغان تەسىرى ئەڭ ياخشى بۇلۇدۇ.لېكىن قايناقسۇنىڭ تېمپېراتۇرسى چۇقۇم 50 ئەتراپىدا بۇلۇشى كىرەك. قايناقسۇنىڭ تېمپېراتۇرسى يۇقرى بولسا ھەسەلنىڭ رەڭگى ئۆزگۈرۈپ كەتكەندىن باشقا بىر قىسىم ۋىتامىنلارمۇ پارچىلىنىپ بۇزۇلۇپ كىتىدۇ. شۇڭا بۇ نوقتىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
يۇقارقىلارنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر چاغدا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ساغلاملىق دۇرىلىرىدىن : گۈلقەنىت ،فىننە گۈلقەنىت، بىيە مۇرابباسى،ئەنجۈر مۇرابباسى ياڭاق مۇرابباسى، قاارلىقلارنى قۇشۇمچە ئستېمال قىلىش بىلەن بىر چاغدا بىمار ئۆز مىزاجىغا ئاساسەن خولىنجان،قەلەمپۇر ، دارچىن ،پىننە ياغچى ،قاقىلە ،سۇمبۇل ، قىزىلگۈل بەرگىسى، زەنجىۋىل، قاتارلىقلاردىن چايلىق تەييارلىتىپ ئۇسسۇزلۇق ۋە نان چېىغا ئستېمال قىلىش كىرەك.