زىيادە سېمىزلەر دىققىتىگە
كامىلجان ناسىردىلداش
1-تاماق يېيىش سۈرئىتى تىز بولماسلىقى كىرەك:ئۇزۇقلۇق شۇناسلار تەتقىقاتىدىن مەلۇم بۇلۇشچە تاماق يېيېش سۈئىتى تېز بۇلۇش سەۋەبىدىن سەمرىپ كەتكەنلەر ئۇمۇمى سېمىزلەرنىڭ %17 نى ئىگەللەيدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشچە، ئېغىر بولغاندا تاماق يېيېىش سۈرئىتى بەك تېز بولغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ يېمەكلىك مەركىزى نىرۋىسىنى تىزگىنلىشى تەس بۇلۇپ، كۆپ مىقتاردىكى يېمەكلىكنى يەپ بولغاندا توختاش سىگىنالى بېرىدىكەن. شۇڭا، تاماقنى ئالدىرماي چايناپ يېيېش كىرەك يېمەكلىكنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ھەزىم بۇلۇشغا پايدىسى بولغاندىن باشقا ئاشقازاننىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن.
2-تەرتىپلىك تاماق يېيىشكە ئادەتلىنىش كىرەك. ئۇزۇقلۇنۇشنىڭ ياخشى ياكى ناچار بۇلۇشى كىشىلەرنىڭ نۇرمال پائاليىتىگە، سالامەتلىكىگە، ئەقلى قابىليىتىگە، خىزمەت ئىقتىدارىغا ۋە جىسمانى قۇۋىتىگە شۇنداقلا كىيىنكى ئەۋلاتلىرىغا تەسىر كۆرسۈتىدۇ. شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەرتىپلىك تاماق يېيىشكە ئادەتلىنىش، ھەر ئادەم تەبىئى ئادەتنى ئاساس قىلىش، ئېھتىياج تەلەپنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلىش. ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ مىقتارىنىﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﻮﻧﺘﯘﺭﯗﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ئىستىمال قىلغان تاماق ۋە ئوﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻨﻰ ۋە ئۆز مىزاجىغا ماس كىلىدىغان، ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى بېلىشى لازىم. ھەمدە ﻧﺎﭼﺎﺭ ئوﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ئاﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ئوﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ، ﺋﯩﻠﻤﻰ، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ئوﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺶ، ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﻣﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ، ﻗﻪﻧﺘﻠﯩﻚ، ئاﻗﺴﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ مۇۋاپىق ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﯞﻩ ﻣﯧﯟﻩ-ﭼﯧﯟﻩﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﯪﺳﺘﺎ ﻣﯧﯖﯩﺶ، ئەﺗﯩﮕﻪﻥ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ئاﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ، ﺳﯘ ئوﺯﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ئۆزىنىڭ تەن ئالاھىدىلىكىگە ماس كىلىدىغان ﻳﯧﻨﯩﻚ تەنھەركەت تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ئاﺭﺗﯘﻕ ﻣﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﻪﺭﭘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ئاﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﻪﻣﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻦنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.
3-تاماق يەپلا يىتىشتىن ساقلىنىش، زىيادە كۆپ ئۇخلىماسلىق، ئىمكان بار ئاز ئوﺧﻼﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ ﻫﻮﺭ ﻣﯘﻧﭽﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺶ، ياز پەسلىدە ئىمكان بار ﻗﯘﻣﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﺵ، ياكى ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﻣﺎﻳﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶكە ئەھمىيەت بېرىش ﻛﯩﺮﻩﻙ.
4-نوقۇت، قوي مېيى، كۈنجۈت قاتارلىق مېغىز ماي تەركىپلىك يىمەكلىكلەرنى، شۇنداقلا ھەر خىل سۇغۇق ئىچىملىك ۋە سۈت مەسۇلاتلىرىنىڭ ئىستىمال مىقتارىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش لازىم.
5-ئىچىدىغان سۇنىڭ مىقتارىنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلىش كېرەك. نۇرمال ئادەم كۈنىگە ئىككى لىتىردىن ئۈچ لىتىرغىچە سۇغا ئېھتىياجلىق بولۇلۇپ، ھەركىتى كۈچەيگەنسىرى ئەمگەك پائالىيىتى، ھاۋا كىلىماتى ۋە ئېستىمال قىلغان تاماقلارغا قاراپ كۈپۈيىدۇ. شۇڭا سۇ ياكى قايناقسۇ ئىچكەندە ئىلمىيلىكنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق،
ئورگانىزىمنىڭ فىزولوگىيەلىك ئېھتىياجىغا بىقىپ ھەر كۈنى ئىچىدىغان سۇ ۋە قايناقسۇنىڭ مىقتارى، ۋاقتى، ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق تەڭشەش لازىم.گەرچە مۇۋاپىق سۇ ئېچىش سالامەتلىككە پايدىلىق بولسىمۇ لىكىن سۇنى زىيادە كۆپ ئىچىش سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەدەنگە پايدىسىز.
6- ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ھۆللۈكنى ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﭖ ئورﯗﻗﻠﯩﺘﯩﺶ ئوﭼﯜﻥ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ھﻪﻳﺪﯨﮕﯜﭼﻰ، ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ئاﻟﺪﯨﻨﻰ ئاﻟﻐﯘﭼﻰ، ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﺗﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﻳﯩﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ مۇۋاپىق ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ قەرەللىك ھالدا تېۋىپلەرگە كۆرۈنۈپ شۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيۇنچە مۇۋاپىق ئۇسۇللاردا كۈتۈنۈش، ساغلام تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئىلمى ئىستىمال قارىشىنى تىكلەش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا زىيادە سەمرىپ كېتىشتىنىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلۇدۇ.
|