يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: دىلداش

دىلداش: ساغلاملىق ساۋاتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-7-21 23:12:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانغا ئەسقاتىدىغان مۇشۇنىڭدەك تىببى ساۋاتلىرىنى ئەلدىن ئايىمىغانلىرىغا تەشەككۈر، ئەدەبىي ئېجاديەتلىرىگىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-11 00:17:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ  بىر قىسىم ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺭﯦﺴﺘﯩﭙﻼﺭ


ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯚﺗﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ،ﺋﺎﻣﯘﺕ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ،ﺗﯧﺰ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻗﺎﭘﺎﻕ(ﭼﯚﻣﯜﭺ)ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ ﻳﯧﺴﻪ،ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ ﺷﯩﭙﺎ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ.
ﻗﻮﻱ ﺳﯜﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﻟﻪﻣﭙﯘﺭﻧﻰ،ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ ﻳﯧﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ(ﺩﯛﻣﺒﻪ ﺟﯩﮕﻪﺭ)ﻳﯧﺴﻪ، ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﺎﯕﻐﯘﺭﺍﭖ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﯩﺴﺎ،ﺋﯚﭼﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻟﯘﻧﯩﻨﻰ ﭘﺎﺧﺘﯩﻐﺎ ﻣﯩﻠﻪﭖ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻳﺎﭘﺴﺎ، ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯚﭼﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺳﯜﺭﺳﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ.
ﭼﺎﭺ-ﺳﺎﻗﺎﻝ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﺎﭺ-ﺳﺎﻗﺎﻝ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻮﺭﺭﯗﻧﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﭘﺘﻪ ﺋﯘﺩﺍ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﻗﺎﻳﺘﺎ ﭼﺎﭺ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﺎﻕ ﭼﯜﺷﺴﻪ، ﻳﺎﯞﺍ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﺴﺎ، ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﯧﺮﯨﻖ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﺎﻟﭙﯘﺯﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﮔﯚﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﻩ ﭼﯚﭼﯜﺭﻩ ﺋﯩﺘﯩﭗ ﻳﯧﺴﻪ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭘﻤﯘ ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎ، ﺗﺎﻳﭽﺎﻗﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﭖ ﻳﯩﮕﯜﺯﺳﻪ، ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺧﺎﻧﯩﻢ-ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﺳﻪﭘﻜﯜﻥ،ﺩ ﺍﻍ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻳﺎﯞﺍ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯜﺭﻛﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ،ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﺧﺎﻧﯩﻢ-ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﻳﯘﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭗ،ﺗﯘﺧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯧﻘﯩﻨﻰ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ،ﻳﯜﺯﻯ ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻛﺎﻻﺳﯜﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﭼﻜﻪ ﺳﯜﺗﯩﺪﯨﻦ 10ﮔﯩﺮﺍﻣﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ،10ﮔﺮﺍﻡ ﺳﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﺘﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﺩﺍ ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﻧﺎﺷﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ-ﭼﯜﺷﺸﻪﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻼﺭ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﻳﺪﻩ ﻏﯩﮋﯨﻠﺪﯨﺴﺎ،ﻗﺎﺭﺍ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ ﻳﯧﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﻣﻐﯘﺭ،ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﭖ،ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ،ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻛﯚﺯ ﻏﯘﯞﺍﻻﺷﺴﺎ،ﺑﯧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﭻ ﻳﯧﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ،ﺭﻭﺷﻪﻧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﭼﺎﭺ-ﺳﺎﻗﺎﻝ ﯞﺍﻗﯩﺘﺴﯩﺰ ﺋﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﻗﺎﺭﺍ ﻗﺎﻏﺎ(ﺗﻮﯓ ﻗﺎﻏﺎ)ﻧﯩﯔ ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﭖ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﻣﺪﻩﭖ ﺋﺎﻗﺎﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎﭺ-ﺳﺎﻗﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺳﯜﺭﻛﻪﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻗﺎﺭﯨﻴﯩﺪﯗ.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-11 00:21:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 10تەدبىر


مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشچە، مەملىكتىمىزدە راك كېسىلىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ 4\1 قىسمى ئاشقازان راكى ئىكەن. ئالىملار ئاشقازان راكىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە جانغا زامىن بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى 10تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇلار :  
   1. يېڭى يىمەكلىكلەرنى يىيىش، چىلىغان يىمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يىيىش ياكى يىمەسلىك؛   
   2. تۈزنى ئاز ئىستىمال قىلىش، تۇزلۇق تاماق يىيىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش؛   
   3. ئاقسىللىق يىمەكلىكلەرنى، پۇرچاقتىن ياسالغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش؛   
   4. يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش؛  
   5. يىمەك - ئىچمەك قانۇنىيەتلىك بولۇش، ھەددىدىن زىيادە كۆپ غىزالانماسلىق؛   
   6. تاماكا چەكمەسلىك، كۈچلۈك ھاراقلارنى ئىچمەسلىك؛  
   7. تاماقنى بەك تېز يىمەسلىك، تاماق بەك قىزىق ۋە زىيادە قاتتىق بولماسلىق؛   
   8. ئۈمىدۋار كەيپىياتتا بولۇپ، غەم- قايغۇ، ھەسرەت- نادامەتتىن ساقلىنىش؛  
   9. ئىچىملىك سۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛  
  10. يىگىلەشچان ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەر، ئاشقازان تەكشۈرۈش ئەينىكىدە قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشتىن ئىبارەت.
  

جىگەر ياللۇغى رېتسىپى ....

  * ياپچان (قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن) دىن g 30 ، چىلاندىن بەش دانە ئېلىپ ھەركۈنى بىر قېتىم قاينىتىپ ئىچىپ بېرىلسە سېرىقلىقنى قايتۇرىدۇ. ھەم جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛   
* ياپچان، ئوسما يىلتىزىنىڭ ھەرقايسىدىن g  15 ئېلىپ، ھەركۈنى بىر قېتىمدىن ، ئۇدا 7-5 كۈن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛   
* مامكاپتىن g  15، چۈچۈك بۇيىدىن g 6 ئېلىپ ، ھەركۈنى بىر قېتىمدىن، ئۇدا 7-5 كۈنگىچە قاينتىپ ئىچىپ بەرسە جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم داۋالايدۇ؛   
  * ھۆل سېمىز ئوتتىن g 60 (پاكىز يۈيۈپ چانالغان)، چۈچۈك بۇيىدىن g 6 ئېلىپ، ھەركۈنى بىر قېتىمدىن قاينىتپ ئىچىپ بەرسە جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالىدۇ؛   
*  پاقا يوپۇرماق ئوتتىدىن g 30 ئېلىپ، ھەركۈنى بىر قېتىمدىن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە سېرىقلىقنى قايتۇرۇپ، ئۆتكۈز سېرىقلىق چۈشۈش تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالايدۇ؛   
* ھۆل - مەجنۇنتالنىڭ چىۋىقىدىن g  30 - g 15 ئېلىپ، ئۇدا 7-5 كۈنگىچە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم داۋالايدۇ.  


مىڭە چارچىغانلىقنىڭ ئىپادىسى ....


     * باش قىيىپ كۆز تورلىشىدۇ، قۇلاق قىزىيدۇ، ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ؛
* پۇت- قول تاللىدۇ، ئەسنەك تۇتىدۇ، مۇگدەيدۇ؛   
* دىققەت ئىتىبارى مەركەزلەشمەيدۇ، ئەستا تۇتۇش قابىلىيتى تۆۋەنلەيدۇ؛   
   * پىكىر قىلىشى گاللىشىدۇ، ئىنكاسى ئاستىلايدۇ؛   
  * ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ كۆڭۈل ئاينىدۇ، قۇسىدۇ؛   
  * ئىچى تىتلداپ بىئارام بولىدۇ، مەيۈسلىنىش قاتارلىق مىجەز ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-11 03:16:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yalguzak يوللىغان ۋاقتى  2013-7-21 23:12
جانغا ئەسقاتىدىغان مۇشۇنىڭدەك تىببى ساۋاتلىرىنى ئەلد ...

-رەھمەت.

ۋاقتى: 2013-8-11 10:11:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىمىزدىكى بارلىق تىۋىپلارنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلدىڭىز .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-14 00:46:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېز ئورۇقلاشنىڭ بىر نەچچە خىل ئۇسۇللىرى


ئىچىملىك ۋە مېۋىنى مۇۋاپىق تاللاش. ياز پەسلىدە نۇرغۇن كىشى مېۋە يېيىش ۋە ئىچىملىك ئىچىش ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. بۇ ئىلمىي ئەمەس، چۈنكى بەزى تاتلىق مېۋە ۋە قەنت مىقدارى بار ئىچىملىكلەرنىڭ  ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، بەدەنگە گۆشنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ياز پەسلىدە ئورۇقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى كۆپرەك قايناقسۇ ياكى سۇ ئىچىش كېرەك، سۇنى كۆپ ئىچكەندە، ماددا ئالمىشىشنى تېزلەتكىلى، قورساق توقتەك تەسىر بېرىپ ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئورۇقلاش پەيتىنى ياخشى تاللاش. ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ۋاقىتنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك، يەنى چېنىقىش ۋاقتىنى كۈندۈزگە ئورۇنلاشتۇرۇش، كەچلىك تاماقنى بالدۇر يېيىش، بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەر تۇرۇش قاتارلىقلار ئورۇقلاشقا ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق.
سەۋرچان بولۇش. تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاش كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى، لېكىن بۇ مەقسەتكە يېتىش ئىنتايىن تەس، چۈنكى ئورۇقلاشقا بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ، سەۋرچانلىق بىلەن ئورۇقلاشتا چىڭ تۇرغاندىلا، مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.
تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش. بەزى كىشىلەر چېنىقىشنى ياقتۇرمايدۇ، لېكىن ساغلام ئوزۇقلىنىش ھەمدە قەرەللىك چېنىقىش ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، شۇڭا  قەرەللىك چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئورۇقلاشنى تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ بىر تۈرى قىلىش. ئورۇقلاش نىيىتىگە كەلگەن ھامان ئورۇقلاشنى تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ بىر تۈرى قىلىپ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
ئورۇقلاش خاتىرىسى يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇش. كۈندىلىك يېگەن تامىقى، چېنىقىش ۋاقتى ھەمدە چېنىقىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا كۈندىلىك خاتىرە قالدۇرغاندا، ئىلمىي ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى ھەمدە ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تېز ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ھەممىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، بەزى كىشىلەر تېز ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، تاماق يېمەيدۇ، ھەرىكەتنى كۆپ قىلىدۇ، لېكىن بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق، شۇڭا ھەممىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
يېڭى مېۋە يېيىش. يېڭى مېۋە يېيىش ئارقىلىقمۇ ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، چۈنكى يېڭى مېۋە تەركىبىدە نۇرغۇن پايدىلىق ماددىلار بولۇپ، ئورۇقلاشقا پايدىلىق.
كەچتە كۆكتات يېيىش.كەچلىك تاماقنى كۆپ يېيىش ئىسسىقلىقنىڭ بەدەندە كۆپ مىقداردا يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كەچتە كۆكتات يېگەندە، بەدەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنى تەڭشەپ، سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-14 00:52:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇقلاش نىيىتىدە ئىزدىنىۋاتقانلار يەنىمۇ كۆپ ساۋاتقا ئىرىشمەكچى بولساڭلار مۇنبەر قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق مەندىن مەسلىھەت سورساڭلار بىلگىنىمنى يۇشۇرمايمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-14 00:55:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمچەك بېزى ئۆسۇپ قېلىشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى


بەزى ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ، تالغاندەك ئاغرىغانلىقىنى سەزسىمۇ، باشقىچە ئەھۋاللار كۆرۇلمىگەچكە، ئادەتتە دوختۇرغا بېرىپ كۆرۇنمەيدۇ، ئۇلار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ۋە تالغاندەك ئاغرىغانلىقىنىڭ ئەمچەك بېزى ئۆسۇپ قالغانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمەيدۇ. بەزى ئەمچەك بېزى ئۆسۇپ قېلىش كېسەللىكلىرىنى ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا ھەتتا كېسەللىكتە ئۆزگىرىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
ئەمچەك بېزى ئۆسۇپ قېلىش كېسەللىكى ئەمچەك بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ %75 كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ كېسەللىك ئەمچەك بېزى كېسەللىكلىرى ئىچىدە كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ بولغان ھەر قانداق ياشتىكى ئاياللاردا كۆرىلىدۇ.
ئەمچەك بېزىدە مۇنەك ھاسىل بولۇش، ئەمچەك بېزى ئاغرىش- بۇ كېسەلللىكنىڭ كېلىنكىدىكى ئاساسلىق ئىپادىسى بولۇپ، بۇنداق كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ تەخمىنەن %80 نىڭ ئەمچىكى ئاغرىيدۇ، كۆپىنچىسىنىڭ ئىككىلا ئەمچىكى، يەنە بەزىلىرىنىڭ بىر ئەمچىكى ئاغرىيدۇ، خاراكتېرى جەھەتتىن چىڭقىلىپ ئاغرىش، سانچىلىپ ئاغرىش، بىلىنەر-بىلىنمەس ئاغرىش ياكى بىرەر نەرسىگە تېگىپ كەتسە ئاغرىش قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ. ئەمچەك ئاغرىشنىڭ ئىپادىلىرى مۇقىم بولمايدۇ. ھەيىز كېلىشتىن ئىلگىرى ئەمچەكنىڭ ئاغرىش كۇچىيدۇ. شۇنداقلا كەيپىياتتا ئۆزگىرىش بولغاندا ھېرىپ چارچىغاندا، يەنە ھاۋادا ئۆزگىرىش بولغاندىمۇ، ئەمچەكنىڭ ئاغرىشى كۇچىيدۇ. ئەمچەكتىكى مۇنەك ئەمچەك بېزى كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇشتىكى مۇھىم ئاساس ھىسابلىنىدۇ. مۇنەكنىڭ كۆپىنچىسى كۆپ ئۇرۇندا پەيدا بولىدىغان مۇنەك بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. مۇنەك چىڭ بولۇپ  تېرىگە يېپىشمايدۇ. مۇنەكنىڭ يۇزى يېرىك بولۇپ تەگسە دانىچە ئۇرۇنىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن سىرىت، قىسمەن بىمارلاردا يەنە ئەمچەك تۇگمىسى قىچىشش، سۇيۇقلۇق ئېقىش ھەمدە ئېغىزى قۇرۇش، دىمى سىقىلىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ھەيىز قالايمىقانلىشش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.

ئەگەر سىزدە بۇ خىل كىسەللىك ياكى كىسەللىك ئالامەتلىرى بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سورسىڭىز ھەقسىز مەسلىھەت بىرىمەن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-15 00:25  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-15 00:31:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۆزنەككە ھەر بىر تىمالارنى  يوللىغاندىن كىيىن خىلى كۆپ مۇنبەرداشلىرىمنىڭ تۈرلىك  ئىنكاسلىرىنى ئاڭلىدىم. ھەر ھالدا ئەجرىمدىن سۈيۈندۈم. كۆڭلىمدە مۇنبەرداشلار ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپرەك ياردەمدە بولسام دەپ ئويلۇدۇم. ئەگەر كىم بىرەر كىسەللىك ياكى ساغلاملىق جەھەتتە ياردىمىمگە ھاجەت بولسا مۇشۇ تىما ئىنكاسىدا ھاجەت بولغان دائىرسى ئىچىدە ئۆز كۆڭلىدە ئويلىغىنىنى قالدۇرسا چامىمنىڭ يىتىشچە ياردەم قىلىشقا تەييارمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-15 01:46  


ۋاقتى: 2013-8-15 01:12:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاناي ياللۇقىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملىك ۋە ئاددىي ئۇسۇلى قايسى؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-15 01:47:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنگۈل ساۋۇت يوللىغان ۋاقتى  2013-8-15 01:12
كاناي ياللۇقىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملىك ۋە ئاددىي ئۇس ...


مەن بۇ ھەقتە تەپسىلى يېزىپ يوللاپ بىرەي رەنجمەي كۈتكەيسىز، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-15 01:47  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-18 14:32:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاناي ياللۇغى ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ بىر نەچچە خىل ئۇسۇللىرى


كاناي ياللۇغى (چىگويەن)ئاساسەن ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغان كىسەللىكلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ : ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كانەي ۋە كانەيچە شىللىق پەردىلىرى يۇقۇملىنىپ كىلىنكىدا كالتە يۈتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش (مىقدارى ئاز ، ئاسان ئاجىرىلىپ چىقمايدۇ.ئاق كۆپۈكسىمان )قىزىش، ئالامەتلىرى بىلەن  ئىپادىلىنىدىغان  مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىك .
كاناي ياللۇغى : ئۆتكۈر كاناي ياللۇغى ۋە سۇزۇلما كاناي ياللۇغى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ .
ئۆتكۈر كاناي ياللۇغى بۇ كسەل ئادەم بەدىنىنىڭ قارشىلىقى تۆۋەنلىگەن شارائىتتا ھەرخىل جاراسىملار تەسىرىدىن يۇقۇملىنىش ياكى فېزىكا،خېمىيلىك ئامىللارنىڭ غىدىقلىشىدىن كېلىپ چىققان كاناي،كانايچە ياللۇغى كېسەللىكىدىن ئىبارەت.
سەۋەبى :بۇخىل كېسدەل قىش پەسلىدە ۋە ھاۋارايى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان پەسىللەردە كۆپ پەيدا بولىدۇ، پەقەت ئازراق بىر قىسمىدىلا بىرلەمچى،كۆپ قىسىمى ئىككىلەمچى بولىدۇ،كېسەللىك سەۋەبى بىر قەدەر مۇرەككەپ كېسەل قوزغاشتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان قوشۇمچە ئامىللارنىڭ بىرى سوغۇق تەككۇزىۋىلىشتىن ئىبارەت.چۇنكى سوغۇق تېرە رىفلىكىسى ئارقىلىق كانايچىلار شىللىق پەردىلەرنىڭ قان ئايلىنىشىدا توسقۇنلۇقنى پەيدا قىلىپ يەرلىك ئورۇننىڭ قارشىلىق كۇچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
ئالامىتى:ئۇمۇمى بەدەنلىك ئىپادىسى:يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان كانايچە ياللۇغىدا كېسەللىكنىڭ دەسلىۋىدە كۆپىنچە يۇقارقى نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىشنىڭ بەلگىلىرى ئوتتۇرا دەرىجىدە قىزىتىش،توڭلاش،ماغدۇرسىزلىنىش،پۇتۇن بەدەندىكى گۆشلەرنڭ تېلىپ ئاغرىشى،باش ئاغرىش،تۇمۇرى ۋە نەپەس قېتىملىرىنىڭ كۆپىيشى قاتارلىقلار بولۇپ بۇ كېسەللىك بەلگىلىرى 3-4كۇندە بولىدۇ . يۆتەل بۇ كېسەلنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسىدۇ. يۆتەل باشلىنىشتا يېنىك،كېيىن تەدرىجى ئېغىرلىشىدۇ. تۇتقاقلىقمۇ بولىدۇ. ئەمگەك،سوغۇق ھاۋا ياكى ئىس قاتارلىقلار يۆتەلنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. يۆتەل ئغىرلاشقاندا قۇشۇمچە ئالدىنقى كۆكرەك ئاستىنقى قىسمى ۋە قورساق ئۇستۇنكى قىسىملىرىدا ئاغرىش بولىدۇ. يۇتەل بىلەن بىرلا بەلغەم كىلىشى مۇمكىن. بەلغەم مىقدارى ئاز ئوڭاي ئاجىرىلىپ چىقمايدۇ  . يۇقۇملىنىش ئېغىر بولسا يىرىڭلىق خاراكتىرگە ئايلىنىپ كىتىدۇ .
داۋالاش پىرىنسىپى :
ياللۇغ قايتۇرۇپ، يۈتەل توختاتقۇچى، نەپەس يوللىرىنى تازىلىغۇچى، بەلغەمنى بوشاتقۇچى، نەپەسنى راۋانلاشتۇرغىچى چارىلەر قىلىنىدۇ . ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى رىتسىپنى تەييارلاپ ئىشلتىش: شاتۇت مىۋىسى(قۇرتۇلغان بولسىمۇ بۇلۇدۇ) 100 گىرام . تەييارلاپ كۈندە 3 ۋاخ دۈملەپ ياكى قاينىتىپ ئىچىش، ئۇنۇڭدىن كىيىن تۆۋەندىكى رىتسىپلاردىن تاللاپ، تەييارلاپ ئىچىش كىرەك:
كۇنجۇت 100گىرام،خام زەنجىۋىل 50گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى ئىزىپ سۇدا قاينىتىپ سۇيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:بەلغەم بوشىتىش،نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى؛كۇندە 2قېتىم 30گىرامدىن ئىچكۇزىلىدۇ.
تاتلىق بادام مېغىزى 50گىرام،تەرخەمەك ئۇرىغى 10گىرام، رەۋەن 10گىرام. پىرسىياۋىشان 8گىرام، زۇفا 20گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى سوقۇپ كاشكاپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:يۆتەل پەسەيتىش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 105 گىرامنى بىر چىنە سۇغا سېلىپ پىر پىيالە قالغىچە قايىنىتىپ،  3 كە بۈلۈپ بىر كۈن ئىچىدە ئىلمان ھالەتتە  ئىچىدۇ.
يۇقارقى ئۇسۇللاردىن تالاپ ئىشلىتىپ بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىرشەلمىگەندە ئىشەنچىلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىلىرىدىن لوئوقى سەرپىستان ، زىماتى شەۋسە، سۇفۇپى سۇئال، لوئوقى خەشخاش، لوئوقى ئەنجۈر قاتارلىقلار تاللاپ سىتۋىلىپ تىۋىپلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيۇنچە تاللاپ ئىشلەتسە بۇلۇدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-18 14:34:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنگۈل ساۋۇت يوللىغان ۋاقتى  2013-8-15 01:12
كاناي ياللۇقىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملىك ۋە ئاددىي ئۇس ...

ئەسسالاممۇئەلەيكۇم
-تەلۋىڭىزگە ئاساسەن يوللاپ قويدۇم سىناپ باقارسىز. ئەگەر ئەمىلى ئۈنۈمگە ئىرشەلمىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-18 14:42:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمسنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكلەرگە دىققەت قىلىش  زۆرۇر

1. روھى جەھەتتكى غەم - ئەندشنىڭ ئالدىنى ئېلىش :بىمارلارنى تەشۋىشلنىش، جىددىيلشىش ، نەپەس سىقىلىش ، ئۇيقسىزلىق قاتارلىق ناچار پىسخك ھالەتلەرنى تۇگۇتىشكە يېتەكلەپ، زىيادە چارچاشتىن ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا روھى بېسىم پەيدا قىلدىغان ئشلاردىن ساقىلىنىپ كەيپىياتنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم .
2. قالايمقان دورا ئستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش: دورىلارنى قالايمقان ئشىلىتش ۋە ئستېمال قىلىشتىن ساقلىنىپ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمسى بويىچە تاللاپ ئستېمال قىلىش ، ئەگەر دورا ئستېمال قىلىپ غەيرى ئالامەتلەر كۆرۇلسە دوختۇرخانا شارائتىدا ۋاقتىدا تەكشۇرۇشتۈپ تۇرۇش لازىم .
3. يېمەك-ئچىمەك، ئۇزۇقلىقنى تەرتىپكە سېلىش: بىمارلار تەستە ھەزىم بولدىغان ، غىدىقلغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى يىمەكلىكلەرنى ئستېمال قىلىشتىن پەرھىز قىلىپ، ئاسان سىڭدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئستېمال قىلىش ، تاماق مىقدارىنى ئاز ، قېتىم ساننى كۆپەيتىپ ، تويۇنۇپ غىزالنىشتىن ، قېنىق دەملىگەن چاي،  قىنىق دەملەنگەن قەھۋە ئىچىشتىن ساقلىنىش لازىم .
يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمسى خەتەرلىك ئۆزگىرشچان كسەلىك بولۇپ بىمارنىڭ ھاياتلىق بەدەن بەلگىلىرنى ۋاختدا ئۆلچەپ تۇرۇش بىلەن بىرگە يۇقىردىكى ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرىغا دىققەت قىلىش  شۇ ئارقىلىق بۇ كېسەللىكىنىڭ ئۇنۇملۇك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-18 14:44  


ۋاقتى: 2013-8-18 14:47:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىي ئىجادىيەتنىمۇ تەن ساق بولسا ئېلىپ بارغىلى بۇلىدۇ، ئەلۋەتتە؛ دىلداش ئەپەندىنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك ئەمگىكىدىن تۇلىمۇ سۆيۈندۈم. ئۆمرىڭىز ئۇزۇن، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن، رەھمەت سىزگە!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش