قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار داۋالىنىش ۋە پەرۋىشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك
كامىلجان ناسىر دىلداش،ئىبادەتگۈل ناسىر
قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىش كېسىلى(甲状腺功能亢进) قالقانسىمان بەز ھورمۇنى(Thyroxin)نىڭ زىيادە كۆپ ئاجرىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان،تېبابەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىنىڭ بىر تۈرى بۇلۇپ بۇخىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بۇلۇشىنى، مەيلى ئۇيغۇر تېبابىتى مەيلى غەرب تېبابىتىدە بولسۇن ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆپ خىل سەۋەبلەر ۋە كۆپ خىل ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ كېسەللىك ھەر قانداق ياشتىكىلەردە، بولۇپمۇ ئاياللاردا كۆپرەك يۈز بېرىدىغان بولۇپ ئەر-ئاياللارنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى1:4 بولىدۇ.كۆپ ھاللاردا20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان كىشىلەردە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ.كۆپ ساندىكى بىمارلاردا كېسەللىكنىڭ پەيدا بۇلۇش سۈرئىتى نىسبەتەن ئاستا ،ئېنىق كېسەللىك ۋاقتىنى بېكىتىش بىر قەدەر قىيىنراق،ئاز ساندىكىلەرنىڭ كېسەل باشلىنىشى بىر قەدەر تېز بولۇپ،ئېغىر روھىي زەربە ياكى يۇقۇملۇنۇشتىن كېيىن بۇ خىل كېسەللىك ئەھۋالى پەيدا بولىدۇ.
ئادەتتە بۇ كېسەلنىڭ كىلىنكىلىق ئالامەتلىرىدىن− ئىشتىھاسى كۈچىيىش،داۋاملىق قورساق ئېچىپ تۇرۇش،يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە ئىسسىق مۇھىتتىن قورقۇش،كۆپ تەرلەش،يېنىك دەرىجىدە قىزىتىش،ئورۇقلاپ ماغدۇرسىزلىنىش،يۈرەك تېز سوقۇش، تولا بىئارام بولۇش،چۈشكۈنلىشىش، مىجەزى ئىتتىكلىشىپ تېرىككەك بولۇپ كېتىش،كۆز ئالمىسى چوڭۇيۇپ سەل-پەل تېشىغا پولتىيىپ چىقىش،چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش،ھارغىنلىق ھېس قىلىش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئالدى بىلەن مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك تېببىي تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىغا ئەتراپلىق ماسلىشىپ دىياگنوز ئاساسىنىڭ توغرا ۋە ئىشەنچىلىك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.بۇ مەيلى داۋالاش ياكى داۋالىنىش جەريانىدا بولسۇن تولىمۇ زۈرۈر ئاساس.
بىز تۆۋەندە داۋالاش ئەمەلىيىتىمىز ۋە تەجىرىبىمىزگە ئاساسەن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئىزچىل دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نەچچە مەسىلىنى سەمىڭلارغا سۇنىمىز.
بۇ كېسەلنى داۋالاشتا چۇقۇم دورىنى ئاساس قىلىش،دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن دورا ئىچىش،قارىغۇلارچە دورا ئىشلەتمەسلىك،داۋالانغۇچى مەيلى ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە داۋالىنىشنى تاللىسۇن ياكى غەرب تېبابىتى بويىچە داۋالىنىشنى تاللىسۇن دورا ئىچىشكە ئېتىبارسىز قارىماسلىق، دورىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ئىچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇزۇقلىنىش ۋە پەرھىزگە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئۇزۇقلىنىشنىڭ ياخشى ياكى ناچار بولۇشى كىشىلەرنىڭ ھايات پائالىيىتىگە،سالامەتلىكىگە،ئەقلىي قابىلىيىتىگە،خىزمەت ئىقتىدارىغا ۋە جىسمانىي قۇۋۋىتىگە ھەتتا كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ قانداق بولۇشىغىچە بېرىپ تاقىلىدىغان مۇھىم ئىش. شۇڭا مەيلى ساغلام ئادەملەر بولسۇن مەيلى ساقسىز ئادەملەر بولسۇن ئۇزۇقلۇنۇش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش زۆرۈر.جۈملىدىن بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار داۋالىنىشتا دورىغا تايىنىش بىلەن بىللە يەنە ئىلمىي ئۇزۇقلۇنۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. يەنى، بەدەنگە قۇۋۋەت بولىدىغان، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن يېڭى گۆش بىلەن تەييارلانغان نۇقۇتلۇق شورپا،نارىن چۆپ،پۇرچاقلىق ئۈگرە،زىغىر مېيى بىلەن قورۇلغان قورۇما،قوي يۈرىكى ۋە قوي جىگىرىدە قىلىنغان كاۋاپ، زىرە سېلىنغان توخۇ شورپىسى،توشقان گۆشى،كەپتەر گۆشى( بىمار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش،بىر قېتىمدىلا كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك)، سەۋزە،چامغۇر،پالەك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىش مېۋىلەردىن ئۈزۈم،ئەنجۈر،كۆكئامۇت،ئانار،بىيە قاتارلىق مېۋىلەرنى ئىمكان بار كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.كۈچلۈك غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە ۋە تەركىبىدە يود مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەردىن بېلىق،دېڭىز يۇسۇنى،لامنارىيە(خەيدەي) قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش بولۇپمۇ كۈدە،خام پىياز،خام سامساق،مۇچ، ئاچچىقسۇ،ھاراق،تۇزلۇق تاماق قاتارلىق غىدىقلاش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. يۇقىرىقىلاردىن سىرت يەنە تۇرمۇش ئادىتى ۋە كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كۆڭۈل ئازادىلىكىنى ساقلاش لازىم.بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلاردا ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، ئۇرۇنسىز گۇمانخورلۇق قىلىدىغان،تولا خىيال قىلىدىغان،دائىم ئۆزىنى ھېرىپ چارچاشنىڭ ئىچىدە تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان ئالامەتلەر كۆپرەك يۈز بېرىدىغانلىقتىن تۇرمۇش ئادىتى ۋە كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمىنى قىلىپلاشتۇرۇش زۆرۈر.ئەگەر بۇ نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىلمىسە ھەر قانچە ياخشى داۋالاش ۋە داۋالىنىش شارائىتىغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى تەسكە توختايدۇ.شۇڭا ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش،خىزمەت،تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشنى مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇش،ئاياللارنىڭ ياشلىق باھار مەزگىلى،ھامىلىدارلىق مەزگىلى ۋە كىلىماكتېرىيە مەزگىللىرىدىكى ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش،مۇۋاپىق ھالدا تېلېۋىزور ۋە كىنو كۆرۈش،كىتاپ ئوقۇش،تورغا چىقىش،كۆپ ئادەم توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىش ئارقىلىق كەيپىياتىنى تەڭشەش، سۇ ئۈزۈش،توپ ئويناش،ۋەلسىپىتكە مىنىش،تاغقا چىقىش،پىيادە يول يۈرۈپ بېرىش شۇنىڭدەك تاماكا چەكمەسلىك،سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك،ھېرىپ چارچاشتىن قەتئىي ساقلىنىش،بىر قېتىمدىلا كۆپ تاماق يېمەسلىك، قاتتىق ئاچچىقلانماسلىق،كۆپرەك ئارام ئېلىش چارچىغاندەك ھېس قىلغاندا يېنىك مۇزىكا ئاڭلاشقا ئادەتلىنىپ بېرىش كېرەك.ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن كېسەللىك ئەھۋالىنى دورىغا تاينىپلا ياخشىلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، مەيلى بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار بولسۇن مەيلى بولمىغانلار بولسۇن يۇقىرىقى نۇقتىلارغا ئىزچىل دىققەت قىلغاندىلا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
ئىمكانىيەت بولسا بىيە سۈيى،ئانار سۈيى،ھەسەل چاي(بىر پىيالە ئىلمان قايناقسۇغا ساپ ھەسەلدىن بىر قۇشۇق قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ)قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش،پىننە گۈلقەنتى،قىزىگۈل گۈلقەنتى قاتارلىقلارنى قۇشۇمچە ئىستېمال قىلىش،چايلىقى ئۈچۈن گاۋزىبانگۈلى،تۇربۇت،يۇمغاقسۇت(ئاشكۆكى)ئۇرۇقى،رەيھانگۈلنىڭ ھەر بىرىدىن 15گىرامدىن،كاسنە ئۇرۇقى،ئوسۇڭ ئۇرۇقى،سېمىز ئوت ئۇرۇقى،ئاق لەيلى ئۇرۇقى،سەندەل،قىزىلگۈل،نېلۇپەر قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10گىرامدىن ئېلىپ، چالا سوققاندىن كېيىن پاكىز، قۇرۇق ئەينەك بوتۇلكىغا قاچىلاپ سالقىن جايدا ساقلاپ ئۇنىڭدىن ھەر كۈنلىكى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قايناقسۇدا دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىش كېرەك.بۇ چايلىقنىڭ ھېچقانداق ئەكىس تەسىرى يوق بولۇپ بۇ كېسەللىكنىڭ ساقىيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردىمى زور بولىدۇ.
ئاپتور: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرىدا تېۋىپ.
قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە