يۈرەكنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بىرىشنى ئۇنۇتماڭ
يۈرەك-بەدەندىكى ھاياتلىق كۈچىنىڭ مەركىزى.يۈرەك روھنىڭ ساپ ھاۋا بىلەن راھەتلىنىشى، كېرەكسىز گازلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئېلىپ بېرىش، روھى ئامىللاردىن قورقۇش، جىمغۇرلۇق، ئاچچىقلىنىش، خۇشاللىنىش قاتارلىقلارنى ساقلاش رولىنى ئۆتەش بىلەن بىرگە باشقا ئەزالارغا قۇۋۋەت -ئېنىرگىيىگە ئىگە بولغان خىلىتلارنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ. يۈرەك بەدەندىكى پائالىيەتلەرنىڭ باشلىنىش مەنبەسى بولۇپ، باشقا ئەزالاردىكى قۇۋۋەتلەر يۈرەكتىكى ھاياتلىق كۈچىنىڭ (قۇۋۋىتىنىڭ)تەسىرى بىلەن ئۆز خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ.يۈرەكتىكى ھاياتلىق كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى باشقا ئەزالاردىكى كۈچلەرنىمۇ ئاجىزلىتىپ. ئاقىۋەتتە ئومۇمى بەدەنگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۈرەكنىڭ بەدەندىكى رولى مانا مۇشۇنداق مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم .
1-غەم-قايغۇدىن ئۇزۇن ۋاقىت خىيال سۈرۈشتىن، مىزاجنىڭ ئارتۇقچە بۇزۇلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئىجتىما تۇرمۇشتا ئىرىشكەن ھەر قانداق نەرسىدىن بەك خوش بۇلۇپ كەتمەسلىك ۋە يوقاتقان ھەرقانداق نەرسىگە زىيادە غەم يىمەسلىك كېرەك، مۇشۇنداق قىلىنسا يۈرككە زىيان يەتمەيدۇ.
3-قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش، بىخۇتلۇقتىن ساقلىنىش كىرەك.
ھازىرقى زامان كىلنىكىسىغا نەزەر سالدىغان بولساق يۈرەكتە بۇلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ. بۇ كېسەللىكلەرنىڭ بەزىللىرى تۇغما بۇلۇپ، بۇنداق تۇغما كېسەللىكلەرنىڭ بەزىسىدە كېسەل بالىلار سەل ھەرىكەت قىلسا، كالپۇك ۋە بارماقلىرى كۆكىرىپ كىتىدۇ، يەنە بەزى خىللىرى قاننىڭ ماددىلىق ۋە ماددىسىز ئۆزگىرىشلىرى، باشقا خىلىتلارنىڭ بۇزۇلۇشلىرى، مىڭە -ئەسەپ خىزمىتىنىڭ بۇزۇلۇشلىرى تۈپەيلىدىن تۇغۇلغاندىن كىيىن پەيدا بۇلىدۇ، بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەپچىسى بولغان قاندىكى ئۆزگىرىشلەرگە ھاراق، تاماكا، ھەرخىل يامان كەيىپ-ئادەتلەرگە، ئۇزۇقلىنىش ۋە تۇرمۇشتىكى ھەرخىل يامان ئادەتلەر، مۇھىتنىڭ يامان تەسىرى ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ.
يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا كۆرىلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىدە بىر خىل ئورتاقلىق بۇلىدۇ. ھەرقانداق يۈرەك كېسەللىكلىرىدە يۈرەك سېلىش، ھاسىراش، يۈرەك ئاغرىش، بەدەن ئىشىش، گايىدا كۆكىرىش ھادىسىللىرىنىڭ بىر قانچىسى بىرگە قۇشۇلۇپ يۈز بىرىدۇ. مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۈرۈلسە، يۈرىكىدە ئىللەت بارلىقىدىن گۇمانلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەكشۈرتۈپ داۋالىتىش لازىم.
4. روھى ئامىللارنىڭ يۈرەككە ئارتۇقچە تەسىر قىلىشىدىن ساقلىنىش
روھىي كەيپىياتنىڭ تۇراقلىق بولماسلىقى ۋە ئۇنىڭ ئارتۇقچە تەسىرى بەدەننى قۇرىتىدۇ ھەم سوۋۇتىدۇ.روھنىڭ تولۇقلىنىپ تۇرۇشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ.نەتىجىدە يۈرەك ئېغىش، يۈرەك تىترەش قاتارلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.
5. بىرلا ۋاقىتتا بەك كۈچەپ جىسمانىي ئەمگەك قىلماسلىق:
بىرلا ۋاقىتتا ئارتۇقچە جىسمانىي ھەرىكەت قىلىش قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى بۇزىدۇ ھەمدە نېرۋا ئۇچلىرىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ.بۇنىڭ نەتىجىسىدە يۈرەك رېتىمسىزلىنىش، يۈرەك ئېغىش، يۈرەك چالاڭغۇراش كېلىپ چىقىدۇ.
6. يېمەك - ئىچمەككە دىققەت قىلىش:
تۇز، ياغ قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. چۈنكى بۇ خىل ماددىلار بەدەندە خىلىتلار تەركىبىدە ماي ماددىسنى ئاشۇرۋېتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن خىلىتلار قويۇلۇپ، ئېقىمى ئاستىلايدۇ. قويۇقلاشقان بۇ خىلىتلار قان تومۇرلارغا ئاسانلا ئولتۇرۇشۇپ، قان تومۇر دىۋارىنى قېلىنلاشتۇرىدۇ ۋە ئېلاستىكىلىقنى بۇزىدۇ.نەتىجىدە قان بېسىم يۇقىرلاپ يۈرەكنىڭ زەئىپلىشىشى كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خىلىتلار تەركىبىدىكى ياغلار كۆپ بولسا، يۈرەك تاجىسىمان ئارتېرىيەسىگە ئولتۇرشۇۋېلىپ، قان تومۇرنى تارايتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە قارا ئاشلىق، يېڭى كۆكتات، ئورۇق گۆش ۋە مېۋە -چېۋىلەردىن ئالما، ئانار، گىلاس قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش لازىم.تۇزلۇق نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق لازىم.چۈنكى تۇزلۇق يېمەكلىكلەر سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىپ، ئەزالاردا قېتىشىش، يىگىلەش، يىرىكلەش ۋە ئېلاستكىلىقى تۆۋەنلەشنى پەيدا قىلىدۇ.بۇخىل ناچار تەسىرلەر نەتىجىسىدە توقۇلما ھۈجەيرىلەردە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، قان ئايلىنىش خىزمىتى توسالغۇغا ئۇچراپ يۈرەكنىڭ بېسىمى ئارتىپ كېتىدۇ.
7. ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنى تەرتىپكە سېلىش:
ئەقلى ئەمگەك ۋە جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆپ بولىشى نېرۋىنىڭ چارچىشى، نېرۋا خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.نەتىجىدە بەدەندىكى سەزگۈ -ھەرىكەت كۈچى ئاجىزلاپ، تەدىرىجىي ھالدا يۈرەكنىڭ ئاجىزلىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنى تەرتىپكە سېلىش ۋە مۇۋاپىق جىسمانىي ھەرىكەت ئارقىلىق چېنىقىپ تۇرۇش لازىم.
8. ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ يۈرەككە تەسىر قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم:
رېماتىزىم، سىل كېسەللىكلىرى، بۆرە چاقىسى، كېزىك، زۇكام قاتارلىق ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلۇشى نەتىجىسىدە يۈرەككە تەسىر يېتىپ، يۈرەكتە شۇ كېسەللىكلەرگە مۇناسىپ ھالدىكى كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇخىل كېسەللىكلەر بايقالغان ھامان ئاكتىپلىق بىلەن داۋالىنىش كېرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىلداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-16 19:36