يۈرەك سانجىقىنى ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە خىل ئالامەتلىرى
يۈرەك سانجىقى يۈرەك قان تۇمۇر سىستىما كىسەللىكلىرى ئىچىدە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، تەرەققى قىلغاندا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولىدۇ. بۇ كېسەللىك ماددىلىق ۋە ماددىسىز سەۋەپلەرنىڭ ھەر ئىككىسىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ماددىلىق سەۋەپتىن بولغان يۈرەك سانجىقى تۆت خىلىتنىڭ ھەر قايسىسىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، قاننىڭ تەركىبىگە غەيرىي تەبىئى سەۋدا ياكى غەيرىي تەبىئى بەلغەم ۋە ياكى غەيرى تەبىئى سەپرا ئارىلىشپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىدا قاننىڭ ئايلىنىشى ۋە يۈرەكنىڭ ساپ ھاۋا تەمىنلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچىرىغانلىقتىن يۈرەك بۇ توسقۇنلۇقنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلىنىپ يۈرەكتە تىترەش ھەم ئاغرىش كىلىپ چىقىدۇ.
غەيرىي تەبىئى سەۋدادىن بولغان يۈرەك سانجىقىنىڭ ئالامىتى: ئۇيقۇسى قاچىدۇ، بەزىدە بېشى ئاغرىيدۇ. تولا غەم ئەندىشە قىلىش، يىغلاپ بىئارام بولۇش ۋە قورقۇنچاقلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.يۈرەك ئۇدۇلـى تۇتقاقلىق ھالدا پىچاق سانجىغاندەك ئاغرىيىدۇ. ئېغىرلاشسا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولىدۇ.
غەيرى تەبىئى بەلغەمدىن بولغان يۈرەك سانجىقىنىڭ ئالامىتى: تومۇرى يۇمشاق سۇقۇدۇ، تىلىنىڭ ئۈستى، چىرايى، سۈيدك رەڭگى ئاق بولۇپ ئۇيقۇسى كۆپ كىلىدۇ، ئۇخلىغاندا ئېغىزىدىن شۆلگەي ئاقىدۇ، بېشى ئېغىر بولىدۇ. ئويغانغاندىن كېيىن باش ئاغرىيدۇ. تۇتقاقلىق يۈرەك سانجىقى پەيدا بولىدۇ.
غەيرى تەبىئى سەپرا ماددىسى سەۋەپلىك يۈرەك سانجىقىنىڭ ئالامىتى:تىلنىڭ ئۈستى سېرىق، ئېغىز تەمى ئاچچىق، يۈرەك ھەرىكىتى تېز، سۈيدۈك رەڭگى سېرىق، ئۇسسۇزلۇقى كۆپ بولىدۇ. ئۇيقۇسى قاچىدۇ تومۇرى ئىنچىكە تېز سالىدۇ.
ئەگەر يۈرەك سانجىقى قاندا ئۆزگىرىش بولۇپ قاننىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن بولسا، بىمارنىڭ كۆزلىرى، چىرايى، تىل ئاستى، سۈيدۈك رەڭگى قىزىل، ئېغىز تەمى تاتلىق، ئۈزى كۈلگۈنچەك بولۇپ ئۇيقۇسى كۆپ بولىدۇ. تۇمۇرلىرى توم سالىدۇ. يۈرەكتە تۇتقاقلىق ئاغرىش بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىلداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-21 01:11