تورداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرىب قىلىپ يازمىشلىرىمغا دىققەت نەزىرىنى بەرگىنىگە كۆپ رەخمەت. مېنىڭ يازمىللىرىمغا چىكىت چاغلىق ئىنكاس بولسىمۇ قالدۇرغان تورداشلارغا دوستلۇق قولۇمنى سۇنىمەن .ئۇلارنىڭ ماڭا نىسبەتەن قىزىقىشى بولمىغان بولسا ئىدى، بۇ يەرگە ئىنكاس يېزىپ، ۋاقتىنى ئارتۇقچە زايە قىلمىغان بولار ئىدى .
مەن بۇ يەرگە شېئىر يېزىشنى ئەمەس، تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلڭلارنى ئۈگەنگىلى كەلگەن ئىدىم. ئامەتلىك ئىكەنمەن، سىلەر ماڭا نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەرنى بەردىڭلار................
ۋاقىت قىسلىقى تۈپەيلى يازمامنى ۋاقتىنچە ئاخىرلاشتۇرۇش ئويىدىمەن.
باغنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭدا تۇرلۇك دەل- دەرەخنىڭ، تۈرلۇك رەڭدىكى گۈل- گىياھلارنىڭ بولغانلىقىدا. باغدىكى گۈلنىڭ ھەممىسى قىزىل ياكى سېرىق بولۇپ قالسا بۇ باغ ئۆزىنىڭ سېھىرى كۈچىنى يوقىتىدۇ ئەلۋەتتە. ئوخشىمىغان پىكىر، ئوخشىمىغان قاراش،ئوخشىمىغان ئەدەبىي ئېقىملارنىڭ، بىر مىللەت ئەدەبىياتىدا، بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، شۇ مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىۋاتقانلىقىنى ئالامىتى.
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئاجايىپ تالانت ئىگىللىرى بار، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان ئەدەبىي ئېقىملارغا تەۋە شېئىرىيەت قاراشلىرى، كىشىنى رەڭگا – رەڭ تۈس ئالغان گۈزەللىك سېھىرىگە مەپتۇن قىلىدۇ..
مەرھۇم تىيىپجان ئېلىيۇف ، ئابدۇكېرىم خوجايوف ، ئىمىن تۇرسۇن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۇر، روزى سايىت...قاتارلىق پېشقەدەم قەلەم ئىگىللىرى، ئۆز خەلقىنىڭ ئارزۇ ئىستەكلىرى، قايغۇ ھەسىرەتلىرى ۋە تۇرلۇك كەچۈرمىشلىرىنى قەلەمگە ئېلىپ، ئۇلار ئۈچۈن يىغلاپ، ئۇلار ئۈچۈن كۈلۇپ، قىممەتلىك ھاياتىنى ئۆز خەلقىنىڭ ھايات كارتىنىسى بىلەن بىرگە يۇغۇردى. تەۋەررۈك مويسىپۇتلىرىمىزدىن، قۇربان بارات، ئوسمانجان ساۋۇت، مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىق ئۇستازلىرىمىز ھېلى ھەممۇ قەلەمنى تاشلىماي، ئۆز خەلقىنىڭ ئوتىدا كۆيۇپ سۈيىدە ئاقماقتا....
يېڭى شېئىرىيەت ھەركىتى ئۆز ئىزىدا توختاپ قالمايدۇ. ئۇ بىر ئەۋلاد، جەڭگىۋار، ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ قولىدىن مەشئەلنى ئوڭۇشلۇق تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇندىن كىيىنكى مۇساپە خېلىلا ئۇزۇن...جاپا - مۇششەققەت ئۇلار ئۈچۈن پەلەمپەي بولىدۇ دەپ قارايمەن.
يازمىللىرىمدا نائېنىق بولۇپ قالغان، چۈشىنىكسىز نەرسىلەر بولسا، تورداشلارنىڭ كەڭ كۇشادە سۆھبەت قۇرۇپ،ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ بېقىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن: زاھىر بۇرھان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zahir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-23 14:56