ximal
ئىگىسى: zahir

(زاھىر بۇرھان) پاسئان شېئىرلىرى ھەققىدە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1562
تۆھپە : 0
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 14:31:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhammadbarhan يوللىغان ۋاقتى  2012-8-21 01:51
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ماھىرە خانىم

    مەن تەۋسىيە قىلغان  ...

چۈشەندىم .مېنىڭ قولۇمدىكى «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»1997-يىلى 8- ئاي 1- نەشىرىگە ئاساسەن 1998- يىلى 8- ئايدىكى 2- بېسىلىشى ئىدى . سىز دېگەن «كۇسەننىڭ ئاتاقلىق بۇددا مۇتەپەككۇرى كومراجىۋا» دېگەن بۇ تېما قولۇمدىكى كىتاپتا 83- بەتتىن 96- بەتلەرگىچە بېرىلگەن ئىكەن ، ئۇقۇشماسلىق بولۇپتۇ .

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  883
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 84
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 16:15:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئادەملىرىمىزدە باشقىلارنىڭ ئەقىدىسى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئاڭ-ئىدىيە قاچانمۇ يېتىلەر؟ ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا زاھىر بورھان ئاكىنىڭ بۇ يازمىسى ئىلمىي باھا ۋە سوغۇققان پوزىتسىيەگە ئېرىشكەن بولاتتى...بىزدىكى بىلەرمەنلىك، مەنمەنچىلىك ۋە ئاتكاچىلىق بىزنىڭ تورلىرىمىزنى پىتنە-پاسات ۋە بىر-بىرىمىزنى غاجاپ ئوينايدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ...بىز قاچانمۇ ئۆزىمىزگە ياقمايدىغان ھەم ئۆزىمىز ياقىلىمايدىغان ئىدىيەلەرنى ئىلمىيلىك بىلەن رەت قىلىشنى ئۈگۈنەرمىز؟ شۇنداقلا بىر-بىرىمىزگە مۇئامىلە قىلىشتا سىيلىق، مېھرىبان ۋە شېرىن بولارمىز؟.................................

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1772
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 88
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 16:53:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى

شېئىر ئەقىلنى رەت قىلىدۇ چۈنكى، ئەقىل تار دائىردىكى بىلىشنىڭ، يۈزەكى يەكۇنى . شېئىر بولسا، ئىنساننى چەكسىز بىلىشكە روخسەت قىلغان، رۇخسەت قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرى .
شېئىرىيەت ھەركىتىنىڭ باشلامچىلىرى بولىۋالغان بەزى كىشىلەر، ئۆز يەكۈنلىرىنى مۇنداق خۇلاسىلاپتىمىش :
ئەن ئەنىنى داۋام ئەتكۈچىلەر :  "شىئېرنىڭ بىر قانىتى ۋەزىن قاپىيە يەنە بىر قانىتى پىكىر ھېسسىيات"
«  يېڭى » شېئىرىيەتچىلەرنىڭ بەزىسى:  " شېئىرنىڭ بىر قانىتى دىنىي تۇيغۇ يەنە بىر قانىتى جىنسىي ئاڭ "
«  يېڭى » شېئىرىيەتچىلەرنىڭ  يەنە بەزىسى:  " شېئىرنىڭ بىر قانىتى تۇيغۇ يەنە بىر قانىتى بولسا تىل مۇناسىۋەتلىرى "
مېنىڭ  يازمىشلىرىم شېئىر يازغۇچىلارغا مۇنداق مۇراجەت قىلىدۇ :

سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىۋاسىتە ئۇچۇرنى سادىقلىق بىلەن قوبۇل قىلىڭلار ! ئۇ ئۇچۇر سىلەرنى، كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇدات بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان ئورتاق بىر تىلغا ئىگە قىلىدۇ
ئۇ ئۇچۇرنى ئېلىپ چوڭقۇرلۇغۇڭلارغا شۇڭغۇڭلار ! ئۇ يەردە، ھەقىقى مەنىدىكى شېئىر، سىلەرنى ساقلاپ تۇرىدۇ.
ئەتىراپىڭلارغا زەن سېلىپ قاراڭلار ! بىر بىرىڭلارغا قاراڭلار !! ئۆزۈڭلارغا قاراڭلار ! ئۆزۈڭلارنىڭ بەدىنىگە، ئەشۇ بەدىنىڭلاردىكى ئەڭ ئىنچىكە سىزىقچىلارغا، پۈتۈن زىھنىڭلار بىلەن قاراڭلار ! ئۇ يەردە، بارلىق ئەجدادلىرىڭلارنىڭ قىسمەتلىرى، ئوي پىكىرلىرى، تارىخى كەچۈرمىشلىرى خاتىرگە ئېلىنغان. ئەنە شۇ يەردە، مىللىي كىملىك بىلەن سۇغۇرلۇپ، سىلەرگىلا تەئەللۇق بولغان، شېئىرنىڭ يول خېتى بار.
مۇزىكا بارلىق سەنئەت تورلىرىنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپتى بىلەن، چەكسىزلىككە سوزۇلغان مەنا بوشلۇقى ئارقىلىق ئۆزىگە يېقىنلىشىۋاتقانلارنى كۈچلۇك ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلىمەكتە.
سەنئەت، يارىلىش قىسمەتلىرىنىڭ ئەسلى مەناسىنى تېپىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، مۇزىكىدىن ھالقىپ كېتەلىگىنى يوق. ئامما مۇزىكا ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ ئەگەشكۈچىلەرنى كۆپ ئارقىدا قويدى.
يەككە مېلودىيىلىك تار مەنىدىكى مۇزىكا قۇرۇلمىسى، كۆپ قاتلاملىق ئىپادىلەش باسقۇچىغا تەرەققى قىلدى. گارمونىيە، فورمۇنىيە، ئىنستۇرۇمېنتاللىق (Instrumental چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ) ئىپادىلەش شەكىللىرى، كومپپزىتورنىڭ ھېس تۇيغۇسىنى، تېخىمۇ يۈكسەك بىر نۇقتىدا تۇرۇپ ئىپادىلەش ئىمكانىيەتلىرىگە  ئىگە قىلدى. ھازىرقى زامان دۇنيا شېئېرىيەت ھەركىتىدە، شائىرلار، ئۆز شېئىرلىرىنىڭ ئىپادىلەش شەكىللىرىنى، مۇزىكا تەشكىلى قۇرۇلمىسىنىڭ ئىپادىلەش شەكىللىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشقا كۈچەپ كەلمەكتە.
بىر پۈتۈن مۇزىكا ئەسىرىدە ئوركېستېرنىڭ رولى، (Orchestra ) شائىر شېئىرىي ئۈچۈن ھازىرلىغان، شېئىرىي مۇھىت، شېئىرىي كەيپىيات، شېئىرىي قۇرۇلما شېئىرىي تۇيغۇ شېئىرىي تىلغا بەكمۇ ئوخشايدۇ. چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى شائىرنىڭ شئىرىي مۇھىتىدۇر. فورمۇنىيە بولسا ( ئورۇن باسار مېلودىيە ) شېئىرىي كەيپىياتنىڭ ئۆزى. ئوركېستىر شېئىرىي قۇرۇلما ، مېلودىيە بولسا شېئىرىي تىلدۇر. شائىر، ئوخشىمىغان مەنىدىكى، ماددىي ئۇقۇملارنى تېرىپ، بىر پۇتۇن ئۇقۇم شەكلىگە ئەكىلىش ئۈچۈن  قۇراشتۇرۇۋاتقان دېتاللار گارمۇنىيەدۇر .

داۋامى بار...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zahir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-21 16:55  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  185
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 322
تۆھپە : 20
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 18:48:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ئەقىلنى رەت قىلىدۇ چۈنكى، ئەقىل تار دائىردىكى بىلىشنىڭ، يۈزەكى يەكۇنى . شېئىر بولسا، ئىنساننى چەكسىز بىلىشكە روخسەت قىلغان، رۇخسەت قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرى .
================================
تار دائىرىدىكى بىلىش ئەقىلگە ياتامدۇ ياكى بىلىمگىمۇ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  185
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 322
تۆھپە : 20
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 18:49:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىۋاسىتە ئۇچۇرنى سادىقلىق بىلەن قوبۇل قىلىڭلار ! ئۇ ئۇچۇر سىلەرنى، كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇدات بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان ئورتاق بىر تىلغا ئىگە قىلىدۇ
===================================
زاھىر ئەپەندى، سىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇدات بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان ‹‹ئورتاق تىل›› قايسى تىلنى ياكى قانداق تىلنى ئىشارە قىلىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  286
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 715
تۆھپە : 0
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 19:41:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاھىر بۇرھان ئەپەندىنىڭ بۇ بايانلىرىدىنى گەرچە چوڭقۇر چۈشىنىپ كېتەلمىسەممۇ، ئەمما كۈچلۈك دەلىل، يۈكسەك دەرىجىدىكى بايان ماھارىتى تەسىرىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىمگە ئىگە بولدۇم.

قۇربان قىلىپ ئەزىز تېنىنى،
يۇرۇقىنى بەردى بىزگە شام.
چۆرۈۋەتتۇق پەگاغا ئەپسۇس،
ئېلىكتىرگە ئېرىشكەن ئاخشام.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  202
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 249
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 20:27:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مەن زاھىر بورھاننىڭ تىرەن پىكىرلىرىدىن سۆيۈندۈم. بىلەرمەنلىك قىلماي، ئالدى بىلەن ئۇنى سۆزلىگىلى قويساق! ئۇنىڭ سۆزى تۈگىگەندە، يازمىنى باشتىن - ئاياغ ئوقۇپ، گۇمانى نۇقتىلار ھەققىدە ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىش يولىنى تۇتساق ئۈنۈمى بەلكىم تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن...

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە،
ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا كىرەر!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1772
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 88
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 23:00:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى

مەزكۇر يازمام پاسئان شېئىرلىرىنى مىسال ئۆز قاراشلىرىمنى ئاساس قىلىپ داۋام قىلىۋاتىدۇ.
يازمىللىرىمنىڭ داۋامى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى مەندىن سوئال سورىغان توغرا پىكىرلىك تورداشلارنى ئەلۋەتتە قانائەتلەندۈرۈشكە تىرىشىمەن.
مەن دېمەكچى بولغىنىمنى دەپ بولاي ئاندىن مىنى "سوراققا " تارتساڭلارمۇ ئۇلگۇرىسلەر. ئويلىغانلىرىمنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويغۇنۇم مېنىڭ جىنايىتىم ئەمەس. ئەكسىچە بۇ ھەر بىر ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەقىلىي ھوقۇق.
مەن بۇ يازمامنى تورغا يوللىغان چېغىمدا مۇنداق بىر ئەسكەرتىشنى بېرىپ ئۆتكەن ئىدىم: قاراشلىرىم مېنىڭ يۇكسەكلىكىم ئۇنى باشقىلارغا ئېتىراپ قىلغۇزۇش ئويۇم يوق.
بۇ يەردە ئوتتۇرغا قويىۋاتقان ئاساسى مەسىلە، شېئىرىيەت مەسىللىرى. شېئىر ئەدەبىياتنىڭ بىر تارمىقى دەپ ئۆگىتىلگەنلەر ، ئەلۋەتتە ئەدەبىياتنىڭ ئۇمۇمى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشقا ئادەتلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن دەۋاتقان « لوگىكىسىز » يېزىلمىغا ئاڭقىرالماسلىق پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ.
سىلەر دىققەت قىلدىڭلارمىكىن يازمىشلىرىمنىڭ ئالتىنچى داۋامىدا مەن مۇنداق بىر مېسالنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇم:
شېئىرىيەت ھەركىتىنىڭ باشلامچىلىرى بولىۋالغان بەزى كىشىلەر، ئۆز يەكۈنلىرىنى مۇنداق خۇلاسىلاپتىمىش :
ئەن ئەنىنى داۋام ئەتكۈچىلەر : شىئېرنىڭ بىر قانىتى ۋەزىن قاپىيە يەنە بىر قانىتى پىكىر ھېسسىيات
« يېڭى »  شېئىرىيەتچىلەرنىڭ بەزىسى : شېئىرنىڭ بىر قانىتى دىنىي تۇيغۇ يەنە بىر قانىتى جىنسىي ئاڭ
« يېڭى »  شېئىرىيەتچىلەرنىڭ  يەنە بەزىسى: شېئىرنىڭ بىر قانىتى تۇيغۇ يەنە بىر قانىتى بولسا تىل مۇناسىۋەتلىرى
بۇ گەپلەرنى ئۇلار دىدىمۇ ياكى ئۇلارغا ۋاكالىتەن باشقىلار ئويدۇرۇپ چىقاردىمۇ بۇنىسى نامەلۇم شۇنىڭ ئۈچۈن مەن «ئۇلار مۇنداق دەپتىمىش» دەپ يۇقىرىقى خۇلاسە ئۇزۇندىسىنى مىسال قىلىپ ئۆتتۇم.ئەگەر بۇ سۆزلەرنى راستىنلا ئۇلار دېگەن بولسا مېنىڭچە بۇ گەپ ئۇلار دېگەن نۇرغۇن گەپلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىر جۈملىدىن ئىبارەت. بېشى ۋە ئايىقى يوق بۇنداق جۈملىلەرنىڭ كىشىگە بېرىدىغان ئۇقۇمى ئەلۋەتتە نا ئېنىق بولىدۇ. ئۇنداقتا مەن بۇ جۈملىلەرنى نەدىن تېپىپ مىسال قىلىپ ئۆتتۇم ؟ بۇ مەسىلىگە يازمامنىڭ ئاخىرىسىدا ئىزھات بېرىمەن.
بۇ يەردە بۇ ئۈزۈندە ھەققىدە ئالاھىدە توختۇلۇشۇم تورداشلار بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىپ مېنىڭ ئىنكارچىلار قاتارىغا ئىتتىرىلىپ چىقىپ قېلىشىمدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.
قەدىرلىك تورداشلار يازمامنى تېخىمۇ ئېنىقلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاساسى تىمىدىن سەل چەتنىگەن ھالدا ، تۆۋەندىكى قۇرلارنى سىلەرنىڭ كۆرۈپ چىقىشىڭلارغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۇم. بەزى تورداشلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلۇمدا بىر بىرىگە زىتتەك تەسىر بېرىپ قويىدىغان بەزى قاراشلىرىمدىن ئارتۇقچە گۇمانلىنىپ يۈرمەسلىكىنى ئالدىن ئەسكەرتىمەن. سەۋەبى شۇكى مەن بەزىلەر ئارتۇقچە ئويلىۋالغىنىدەك ئىنكارچى ۋە ئۆزى ئىنكار قىلغان قاراشلارنى مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى ئەمەسمەن. قارىماققا بىر بىرىگە زىت كېلىدىغاندەك كۆرىنىدىغان بەزى قاراشلىرىم ماھىيەت جەھەتتە يىلتىزداشلىققا ئىگىدۇر.
ئاخىردا پاسئان شېئىرلىرى ھەققىدىكى مىسال ۋە شېئىرىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىم داۋام قىلىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 790
تۆھپە : 10
توردا: 215
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 23:05:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلام ؟
زاھىر بۇرھان ئەپەندىم .سزنىڭ "بۇلۇتلار ئاراسىدىن ،ئاي چىقىپلا كۈلگەندە" دىگەن ئجادىيىتىڭىزنى ياقتۇراتتىم.يۇقۇردىكى قاراشلىرىڭىزنىمۇ كۆڭۈل قۇيۇپ ئۇقۇدۇم.بەرگەن ۋاقتىڭىز ھەم كۆڭلىڭىزدە تىنىۋاتقان ,سەمىيمى تەخىرسىز  تۇيغۇلىرىڭىزنىڭ ئەزىز,تۇتقان قەلىمىزنىڭ بەركىتىنى تىلىدىم.

توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
سۇئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1772
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 88
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 23:14:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە سۆزلەش، نۇقۇل ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭلا ئىشى ئەمەس. ئۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ، كۆڭۈل بۆلۈش دائىرىسىدىكى مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى.
بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى، بىر نەچچە كىشىنىڭ تالاش تارتىش قىلىدىغان، سۆز ئويۇنى ئوينىتىدىغان، ئۆز -ئۆزىنى كۆز -كۆز قىلىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە قويۇۋېلىش ئۇچۇن جان -جەھلى بىلەن جاھىللىق كۆرسىتىدىغان ئىش بولسا، ئۇنداقتا بىز بۇ بۇخىلدىكى بىنورماللىقنى مىللەت تىراگىدىيىسى سۈپىتىدە "جاھالەتنىڭ يەنە بىر دەۋرى........ " دەپ تەرىپلەشكە مەجبۇرمىز.
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا چولپاندەك چاقنىغان بۇبۇك ئەدىبلەر ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تالانتى بىلەن، نەچچە ئەسىرلىك بۇرۇقتۇملۇقتا قالغان بۇ مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىغا ئومۇت نۇرلىرىنى ئاتا قىلدى. ئۇلارنىڭ دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى، مىللەت ئۆزلۇك قاتلىمىنىڭ ناھايىتى تېرەنلىكىدىن، مەدەنىيەت گارمۇنېيىسىنىڭ بەكمۇ كۆپ قاتلامغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن ئەڭ مۇھىمى بۇ مىللەتنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.
شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇ قادىر داموللام، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئەنۋەر ناسىرى، نىم شېھىت ئارمىيە ئېلى دىن باشلانغان بۇ ئىسلاھات، كېيىنكى دەۋرلەردە بارلىققا كەلگەن، قۇربان بارات، ئارسىلان، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، مەمتىمىن ھوشۇر،ئەختەم ئۆمەر، پەرھات تۇرسۇنلارغىچە داۋام قىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىگە ئاساس سالدى.
يېڭى شېئىرىيەت ھەركىتىنىڭ بىر قىسىم ئاۋانگارت ئىسلاھاتچىلىرى ئاچقان يېڭى تەپەككۇر يولى گەرچە باشقىلار تەرىپىدىن: " گۇڭگا"چىلار " مودېرنىزمچىلار" " كۆچۈرمەكەشلەر" " ساختا مودېرنىزمچىلار" دېگەندەك قالپاقلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تار قىسىلچاق يولىدىن ئورۇن ئېلىشقا تازا مۇۋاپىق بولالمىغان بولسىمۇ ئەمما رەھىمسىز رېئاللىق ۋە يىگىرمە نەچچە يىللىق ئىزچىللىق بۇ ئەدىبلەرنىڭ ناۋايى دەۋرىدىكى ئەجدادلىرىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. مېنىڭچە ئۇلارنى " گۇڭگا" چىلار " مودېرنىزمچىلار...." دېگەندىن كۆرە ھەقىقى ئۇيغۇر تەپەككۇرىنى قايتۇرۇپ كەلگۈچىلەر دېگەن تۈزۇك. ئۇيغۇر ئەن- ئەنىۋىي تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىدا سېموۋلىزىم يودورۇلۇق رول ئوينايدۇ. ئەمەلىيەتتە سېموۋلىزىم قانداقتۇر غەرب ئىدىئولوگىيىسىنىڭ مودېرنىزم كاتىگورىيىسى ئىچىدە ئەكىس ئېتىشى بولماستىن بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا قەۋۇملېرىنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرىدىن، يادرولۇق گېن قۇرۇلمىسىنى تەشكىللىگۈچى ناھايىتىمۇ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولغان مەركىزى ئاسىيا تەپەككۇر ئۇسۇلىدۇر.
ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى تارىخى داستانلار، چېچەكلەر، ئەپسانە – رىۋايەتلەر، ئىپوسلار تارىخى يازما خاتىرىلەردىكى تەسۋىرلەر تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكلەر، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سىمۋولىستىك خاراكتېرگە تويۇنغان، غايىۋىزىمچىلىق ئىدىيىسى بىلەن قوپۇرۇلغان، دىن ۋە سىياسى بوھرانلارنىڭ ئىسكەنجە تەسىرىدە تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە بولغان، خاس سېموۋلىزىم ئەدەبىياتى ئىكەنلىكىنى بىزگە سۆزلەپ تۇرۇپتۇ.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يازغۇچىلار بىلەن  ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، بىزنىڭ بۈگۈنكى تالاش تارتىشىمىزنىڭ تۇپ نېگىزى. نەچچە ئەسىرلىك نادان قالدۇرۇش ئويۇنىنىڭ نەتىجىسى. ئۆزلۇكنى ھەم ئۆزىنى تونۇيالماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ماڭقۇرۇتلارچە خاراكتېر، بىزنىڭ پىسخىكىمىزدا  " بىرىنچىلىكنى قوغلىشىش "تىن ئىبارەت ناھايىتىمۇ ئەخمىقانە قاراشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئەقىل كۆزىمىزنى گىرەسىمان غۇۋالىق توسۇۋېلىپ، رېئاللىققا كۆز يۇمۇشتىن نومۇس قىلمايدىغان بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىۋېلىشنى دانالىق دەپ قارايدىغان، بىراقلا ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنى مەركەز قىلىشنى "غەلىبە" دەپ چۇشۇنىۋالدىغان ھالەت بارلىققا كەلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراشلار نورمال بولغان ئىنسان خارەكتىرىدىن تولىمۇ يىراقلاشقان پىسخىكا كېسەللىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئېتىراپ قىلىشنى بىلىش ئېتىراپ قىلىنغاندىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر.
جانابىي فرېدرىخ  نېتز شې(Fredrich Neitzsche) ئۆزىنىڭ ھوقۇق ئىرادىسى نەزەرىيىسىدە گىگانىئېت ئادەملەرنى مۇتلەق ئۇستۇن ئورۇنغا قويۇپ ئۇنىڭ تارىختىكى ئورنىنى تۆۋەن دەرىجىلىك ئاۋامدىن  پەرىقلەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: " ئىنسانىيەتنى بەر بات بولۇش تەقدىرىدىن پەقەت خاسىيەتلىك ئادەملا قۇتقۇزالايدۇ. بىز چوقۇم شۇنى كۈتۈشكە مەجبۇر. خاسىيەتلىك ئادەم ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقى نىشانى، خاسىيەتلىك ئادەم زېمىننىڭ مەنىسى، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى. چىنلىق، ياخشىلىق ، ۋە گۈزەللىكنىڭ سىموۋلى. خاسىيەتلىك ئادەم ئادەتتىكى ئادەمدىن نەچچە ھەسسە ئۇستۇن تۇرىدىغان تالانت ئىگىسى. ئۇ ھوقۇق ئىرادىسى ۋە پاراسەت ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئادەم. ئىنسانىيەت ھازىرقى زامان دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئىنتايىن ئەرزىمەس، ئاجىز ۋە قورقۇنچاق ھالغا چۇشۇپ قالدى. پەقەت خاسىيەتلىك ئادەملا ئىنسانىيەتتىن ھالقىپ تۇرۇپ ئۇلارغا رەھبەرلىك قىلالايدۇ، بارلىق قىممەتلەرنى قايتىدىن باھالايدۇ ۋە يارىتىدۇ مەڭگۈلۈك سانسارانى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەتنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزىدۇ........."
ئۇنداقتا بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ خاسىيەتلىك ئادەملەر بارمۇ ؟ ئەلۋەتتە بار لېكىن بىزنىڭ جاھىل خاراكتېرىمىزگە، خۇددى ۋىرۇس كەبى روھىيىتىمىزنى كېسەللىككە ئېلىپ بېرىۋاتقان، "ئېتىراپ قىلماسلىق" تىن ئىبارەت بۇ خاراكتېر ئاجىزلىقى، ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان خاسىيەتلىك ئادەملەرنى بايقىشىمىزغا ھەم ئۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىزغا شۇنداقلا ئۆز ئۆزىمىزگە توغرا باھا بېرىپ خاسىيەتلىك ئادەملىرىمىزنىڭ يېتەكلىشىگە ئىشىنىپ ئۇ ئاچقان پارلاق يولدا مېڭىشىمىزغا توسالغۇ بولۇپ كەلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zahir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-23 15:07  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1839
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 62
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 00:07:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما تۈگدىمۇ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1082
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 290
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 00:16:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە سۆزلەش، نۇقۇل ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭلا ئىشى ئەمەس. ئۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ، كۆڭۈل بۆلۈش دائىرىسىدىكى مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى.
بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى، بىر نەچچە كىشىنىڭ تالاش تارتىش قىلىدىغان، سۆز ئويۇنى ئوينىتىدىغان، ئۆز -ئۆزىنى كۆز -كۆز قىلىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە قويۇۋېلىش ئۇچۇن جان -جەھلى بىلەن جاھىللىق كۆرسىتىدىغان ئىش بولسا، ئۇنداقتا بىز بۇ بۇخىلدىكى بىنورماللىقنى مىللەت تىراگىدىيىسى سۈپىتىدە "جاھالەتنىڭ يەنە بىر دەۋرى........ " دەپ تەرىپلەشكە مەجبۇرمى

    يۇقۇرقى گەپلەر  بەك چوڭ بولۇپ كەتتىمۇ قانداق.  ئەدەبىياتنى ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار  سۆزلىشى كىرەك، باشقىلارنىڭ سۆزلەش مەجبۇرىيتى يوق.  قەۋم يۈكسەكلىكىگە قويۇپ چاقىرىق قىلىش ياكى پىكىرنى تېڭىش تولىمۇ بىمەنىلىك. بۇ بىر ھىچنىمىزىمچىنىڭ ئاتالمىش يازمىلىرىغا بولغان بىزارلىقىمىز ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقان چاغدا،  سىزنىڭ بۇ ھەسسىلىكنى چەكسىزلىك لېمىتغا  كۆتۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشىڭىز  ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ.  بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى، بىر نەچچە كىشىنىڭ تالاش تارتىش قىلىدىغان، سۆز ئويۇنى ئوينىتىدىغان، ئۆز -ئۆزىنى كۆز -كۆز قىلىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە قويۇۋېلىش ئۇچۇن جان -جەھلى بىلەن جاھىللىق كۆرسىتىدىغان ئىش بولسا،  ئۇنداقتا بىز بۇ بۇخىلدىكى بىنورماللىقنى مىللەت تىراگىدىيىسى سۈپىتىدە "جاھالەتنىڭ يەنە بىر دەۋرى........
مۇنداق قالپاقنى ھەممەيلەنگە كەيدۇرۇۋاتقانىڭزدا يۈزىڭىز چىمىلدىمىدىمۇ؟ سىز ئۆزىڭىزدىن باشقا يا بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمىسىڭىز.  بۇ بىمەنىلىككە تولغان تىمىنى مەسخىرە قىلغانلىقىمىز ئادەملىرىمىزنىڭ ھۇش كاللىسىنىڭ قارغا چوقۇپ كەتمەي ساق پىكىر قىلالايدىغان ھالەتتە نۇرمال تۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دىمىسىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى  بۇ بىر تىما بىلەنلا جاھىلىيەت دەۋرىگە سۈرگۈن بولۇپ كەتمەيدۇ.  ھېلىمۇ شۇنداق ياخشى كىتىپ بارىدۇ.
    ھە دىسىلا مىللەتنىڭ تېرادىگىيەسى، مىللەت ئاقىلەي -كۆكىلەي نىمە دېگەن بىمەنىلىك-ھە؟   سىزنىڭچە باشقىلارنىڭ تالاش تارتىش قىلىشى، سۆز ئويۇنى ئوينىتىدىغان، ئۆز ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە قويۇۋېلىش ئۇچۇن جان -جەھلى بىلەن جاھىللىق كۆرسىتىشنى يازمىلىرىڭىزدىن ۋە ئىنكاسلىرىڭىزدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئۇنى سىزلا قىلىۋاتىسىز.  سىزگە قارشى توۋلىغانلار مىللەت تىراگىدىيىسى سۈپىتىدە "جاھالەتنىڭ يەنە بىر دەۋرى........ گە  تۇچار  كەتكۈدەكمىز-دە.   يازمىلىرىڭىزدىن  سۆز ئويۇنىنىڭ كۈچلۈك پۇرىقى كىلىۋاتىدۇ. بۇ تىما ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىڭىزنى كۆز كۆز قىلىۋاتىسىز، قەلەم قۇۋىتىڭىزنى سىناپ باقماقچى بولىۋاتىسىز، ئۆزىڭىزنى مۇتلەق ئۈستۈلىككە قويۇپ شۆھرەتپەرەسلىكتىن ھوزۇر ئېلىۋاتىسىز، سەھنىلەردىكى ناخشىلىرىڭىزغا ئالقىش ياڭراتقان بىلەن، بۇنۇ يازمىلىرىڭىزغا ئالقىش ياڭرىتالمايمىز.  سىز قاچاندىن بىرى بىنۇرمال سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدىڭىز.  ئەڭ ياخشىسى ئىسكىرۇپكىڭىزنىڭ كامانچىسىنى ئېلىپ مۇزىكا چېلىپ ئولتۇرۇڭ. سىز ئەدەبىيات نەزىرىيەسىنىڭ ئەھلى ئەمەس.  

ھېلىقى سىمھۇلىزىم دېگىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارالغان ئەمەس. بەلكى گىرتسىيە، فىرانسىيە قاتارلىق غەرپ ئەللىرىدىن  كەلگەن  مۇنۇ تۆۋەن دەرىجىلىك ساۋاتلارنىمۇ ئۈگنىپ قويۇڭ.


   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   süzüksu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-22 00:56  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  883
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 84
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 00:16:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باردەك قىلىدۇ.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1839
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 62
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 01:13:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
süzüksu  
ئەدەبىيات توغىرىسدا شۇ مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىغا قىززىقۇچىلارنىڭ،ھەۋەسكارلارنىڭ، قەلەمكەشلەرنىڭ،سەنئەتكارلارنىڭ( جۈملىدىن، مۇزىكانىت،رەسسام،فوتۇگىراف،ھەيكەلتاراش،ئۇسۇلچى،ناخشىچى...) لارنىڭمۇ سۆزلەش ھوقۇقى بار! شۇڭا ئەدەبىيات-سەنئەت دىگەن ئاتالغۇ چىققان.خۇلاسە بىز بىر يولدىكى كارۋانلارمىز.
زاھىر بۇرھان - بىر ناخشىچىلا ئەمەس،تونۇلغان شائىردۇر.ئۇ شېئىر يېزىپ باققان،شېئىرمۇ ئىلان قىلىپ باققان.ئۇنىڭ ئەدەبىيات ساھىسدىكلەر بىلەن ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق.( بۇ مەن ۋاسىتلىق ئىگەلىگەن ئۇچۇر)شۇڭا بىز ئۇنىڭ سۆزلەش ئەركىنلكىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك.ئۇمۇ سۆزلەپ باقسۇن.گېپىنىڭ ئايىغى چىقىپ بولسۇن. تامام بولغاندا ئاندىن ئۇنىڭ بەزى قاراشلىرىغا ئوخشاش بولمىغان كۆز قارىشىمىز بولسا قويۇپ باقايلى.ئەمما پۈتكۈل تېمىنىڭ ئەۋالىدىن قارىغاندا بۇياقمۇ بۇ ماقالىنى تېڭىرقاپ ئولتۇرۇپ يازغان،خېلى ئىككللەنگەن ۋە ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمەي بەزى خاتالىققا يول قويغان.

-سەن ناخشىچى!
-ئارلاشما!
دىيىش مېنىڭچە دۇرۇس ئەمەس.
تەكلىپىم مۇۋاپىق بولسا ئويلۇنۇپ باقارسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   malik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-22 01:41  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  240
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 391
تۆھپە : 0
توردا: 85
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 01:46:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال زاھىر بۇرھان دەيدىغىنىنى دەۋالمىسۇنمۇ؟ ئۇنىڭ دىگەنلىرى ئوڭ بولسۇن تەتۈر بولسۇن، ئازار بەرمەي گېپىنىڭ تۈگىشىنى ساقلاپ باقساق دەيمەن.
  سوغۇققان بولايلى!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش