ximal
كۆرۈش: 6963|ئىنكاس: 120

(زاھىر بۇرھان) پاسئان شېئىرلىرى ھەققىدە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1772
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 88
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 19:52:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ھەققىدە سۆزلىشىم ئاخىرلاشمىدى..

ئەسكەرتىش ؛

مەزكۇر يازمام ئەقلى يەكۈنچىلەرنىڭ تەھلىلىنى رەت قىلىدۇ.
سەۋەبى ؛ مەن ئەقىلنىڭ دۇشمىنى بولغان شېئىر توغرىلىق سۆزلەۋاتىمەن.
قاراشلىرىم مېنىڭ يۇكسەكلىكىم ئۇنى باشقىلارغا ئېتىراپ قىلغۇزۇش ئويۇم يوق.

شېئىر ھەققىدە سۆزلىشىمگە رۇخسەت قىلىڭلار (2 )
                       
پاسئان  شېئىرلىرى ھەققىدە سۆزىمنى داۋام قىلىمەن.
ئۆتكەنكى تەھلىلىمدە ،شەكىل ئۇقۇملىرىنىڭ، مېنىڭ نەزىرىمدىكى چۈشەنچىلىرى ھەققىدە سۆزلىگەن ئىدىم . يازغۇچىلار مۇنبىرىدە، شائىر پاسئاننىڭ، شەكىل ئۇقۇمىدىكى ئۆزگىچە قاراشلىرىنى كۆردۇم. ئۇ شېئىرلىرىدا ، شەكىل ئۇقۇمىنى مانا بوشلۇقىدىن ئىزدىگەن ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ، قۇرۇلمىنى ئاساس ئەمەس ، ئاساسى ئۇقۇمنى قۇرۇلما ئىچىگە ئېلىپ كىرگەن ئىدى. ئۇ شېئىر يېزىشتىن بۇرۇن ھېچنىمە ئويلىمىغان، ھېچنىمە ئويلىمىغىنى ئۈچۈنلا ئۇ  ئۆز قەلبىگە سادىق بولالىغان.
قەلب ، ئۇچۇر قوبۇل قىلىدىغان بۈيۈك ئانتىنا. ئۇچۇر بىزگە بىۋاستە كەلگىنىدە، بىز ئۇنى، ۋاستىلىق رولىمىزغا سادىق بىر يوسۇندا قۇبۇل قىلىشىمىز لازىمدۇر.
شائىر ئۇچۇرنى ساپ ھالدا قوبۇل قىلغىنىدا، ئۇ ئۇچۇر، مۇستەقىل مەنادىكى يەككە جۈملە ھالىتىدە كەلگەن بولىدۇ.
、مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقى شېئىر ، ئەنە شۇ، لوگىكىلىق  باغلىنىش بولمىغان، ئىككى خىل ئۇقۇمدىكى جۈملىنى، بىرخىل ئىدىيە  سىيۇژىتىغا ماسلاشتۇرۇش جەريانىدۇر .
شائىر پاسئان بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان ئۇچۇرنى مۇنداق خاتىرگە ئالىدۇ :

ئېغىزىڭدىكى بالا قۇشنى يېسەم
باھار قانداق قىلىدۇ؟

( پاسئان غەزەللىرىدىن )

مەزكۇر شېئىرنىڭ بايان ھالىتى :

بالا قۇشنى يەۋاتقان  كىم ئۇ ؟ بالا قۇشنى بىللە يىيىشنى ئويلاپ، سوئال سوراۋاتقان يەنە كىم ؟ سوئال سورۇغۇچى، نېمە ئۈچۈن، ئىككىنچى شەخىستىن پەرىقلىق ھالدا ،باھارنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى ئەنسىزلىك ئىچىدە تىلغا ئالىدۇ ؟ بالا ھاياتلىقنىڭ داۋامى ئەگەر بۇ ھالقا ئۈزۈلسە ،باھارنىڭ باھارلىق ئەھمىيىتى قالامدۇ؟
مەزكۇر ئىككى مىسىرا، بىر ھالقىدىن ئۇلىنىپ يەنە بىر ھالقىغا، مۇنداق داۋام قىلىدۇ :

يەۋېتىش، + ئەگىشىش +  = ئېسەنكىرەش

بۇ ئىككى مىسىرا مۇنداق بىر بوشلۇقنى ئوقۇرمەنگە قالدۇرىدۇ :
  
نېمە بولدى؟  يوقالدى. نىمە قالدى ؟ ھېچنىمە. ھېچنىمە دىگەن نىمە ئۇ؟ مەڭگۈلۈك ئاخىرلىشىشمۇ.....؟
ئوقۇرمەننىڭ سىزىمى ئۇنىڭ بەدىنىنى قاپلاشقا باشلايدۇ... ئۇنىڭ روھى قاسىراق تاشلاپ ئۆزىنى يېڭىلاپ بارىدۇ...ئۇنىڭ نېرۋىلىرىدىكى ئۆلگەن ھۈجەيرىلەر تىرىلىشقا باشلايدۇ...
شېئىر قايتىپ كەلدى...!!
نەدىن ؟
پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئىزلەۋاتقان يەردىن.
شائىر پاسئان، ئۆزىنىڭ شېئىر يېزىۋاتقىنىنى ھېس قىلغىنىدىن كىيىن، كىيىنكى مىسرالىرىنى مۇنداق خاتىرلەيدۇ :

ئۇنىڭ چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتۇمىدىن كۆكسۈڭنى چىقارسام
چاچلىرىڭ قانداق قىلىدۇ ؟

( پاسئان غەزەللىرىدىن )

شېئىر سوراق قىلىۋاتقان كىم ئۇ  ؟ چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتۇمىنىڭ ئارىسىغا كۆكسىنى يوشۇرغان كىم؟ سۇغۇرۇپ ئالغۇچى ئەلۋەتتە شېئىر باشقا  نەرسە ئەمەس.ئۇنداقتا چاچ بىلەن « ئۇنىڭ» كۆكسىنىڭ نېمە مۇناسىۋېتى بار ؟
چاچ شېئىرنىڭ نەزىرىدە شېئىر سوراق قىلىۋاتقان « ئۇ » نىڭ كۆكسى. ئۇنداقتا چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتۇمىنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇلغان نەرسىچۇ ؟ شېئىر سوراق قىلىۋاتقان سوراق قىلىنغۇچىنىڭ كۆكسى.
شېئىر بىر تەندىكى  ئىككى ئەمچەكنى ئەممەكتە.
يازغۇچى ئۆزىنىڭ يېزىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىنىدا، رېئاللىقتىن ھالقىغان شائىر رېئاللىقى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان ھالەتتە، شېئىرنىڭ قېنىغا ئايلىنىدۇ. قان ئىچكۈچى (شېئىر ئوقۇغۇچى) شېئىر خاتىرلىگۈچى بىلەن بىرگە، ئەنە شۇ رېئاللىقتىكى شەيئىنىڭ يەنە بىر يۈزىنىمۇ ئەينە كۆرەلەيدۇ.
شائىر پاسئان غەزىلىنى يەنە مۇنداق داۋام ئېتىدۇ:

شۆلگەيلىرى قەلبلەرنى ئاجرىتىدىغان بۇ ئاخشام
دېرىزىنى ئۇپۇقتىن يىراق كۆتۈرمەكتە

( پاسئان غەزەللىرىدىن )

قەيەردىن تۆكۇلگەن شۆلگەي بۇ ؟  قانداق بىر مەنادىكى بىر كېچىدە،  قانداق بىر ھالەتتە، نۇرغۇن قەلىبنى ئاجىرتىپ تاشلىغان شۆلگەي ئۇ ؟ قايسى دېرىزە  ئۇپۇقتىنمۇ يىراق ۋە يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە بولدى ؟
شۆلگەي ئادەم تىنىنىڭ ئىچكى ئاجراتمىسى. ئۇ ھەزىم قىلىشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەت قىلىدىغانلىقىدىن سىرت، ئادەم فۇنكىسىيىسىنىڭ باشقا  تەرەپلىرىدىكى خىزمەتلىرىگىمۇ ياردەمدە بولىدۇ . ئەمدى، شائىر تىلغا ئېلىۋاتقان شۆلگەي قانداق شۆلگەي ؟ نېمە ئۈچۈن، شۆلگىيىدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم، كېچە ھالىتىدە، نامەلۇم ئېغىز تەرىپىدىن، پەقەت قەلبلەرنى ئاجرىتىش ئۈچۈن  تۆكۈلدى ؟  قەلىبلەر ئاجرالغاندا نېمە ئۈچۈن نامەلۇم بىر دېرىزە ئۇپۇقتىنمۇ يۈكسەكلىككە ئېرىشىدۇ ؟ بۇ يەردىكى دېرىزە قانداق مەنادىكى دېرىزە ؟
مەن بۇ سۇئالنى شائىردىن  سورىمايمەن چۈنكى، شائىر، ئۇنى ئۇچۇر شەكلىدە قوبۇل قىلغان ئەمما مەنىسىنى بىلمىگەن. ئۇنىڭ بىلىدىغىنى ھېس تۇيغۇ ئىدى.

داۋامى بار



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zahir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-19 20:06  


Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2653
تۆھپە : 8
توردا: 196
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 23:17:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ئوقۇشقا نېسىپ بولسۇن!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  838
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1419
تۆھپە : 0
توردا: 143
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 00:37:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۆرۈپ ئاندىن سىز بىلەن پىكىرلىشەي ئاكا !! ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !!

ھەممىنى يىڭىدىن باشلاشنى قارار قىلدىم . قىلۋاتقانلىرىمنىڭ  توغرا بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1772
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 88
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 01:38:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى :

شېئىر ئەدەبىيات ئەمەس ئۇ باشقا بىر پەن. بەزىلەر شېئىرنى بىشارەت دەپ تەرىپلىشىدۇ.  (بېشارەتنى ۋەھى دەپ چۇشۇنۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن) مېنىڭچە  شېئىر ياراتقۇچىنىڭ ھەر بىر بەندىسىگە بەرگەن ئەڭ يۈكسەك  دەرىجىدىكى كۆپ قاتلاملىق ئۈچۈرىدۇر.
ئۇچۇر خاتىرلىگۈچى ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى قاچانكى بۇ ئۈچۈرغا ئارلاشتۇرىۋالىدىكەن ئۇ  چاغدا شېئىر  رېلىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ.
نەتىجىدە تۆۋەندىكىدەك گەپ تىزمىسى  خاتىرگە ئېلىنىپ قېلىشى مۇمكىن

«ھە» دېمە ئالدىڭدا دولا قاققانغا،
ماختاشتىن دەسىستەر سېنى قاپقانغا.
كەلگەندۇر ئېھتىمال كېپەنلىك پىچىپ،
ئىشەنمە دالدىدا زەر تون ياپقانغا.

(يۇقىرىقى «شېئىرنى» مىسال ئۈچۈن تالاپ ئالغىنىم سۋەبىدىن ئاپتوردىن ئالاھىدە كەچۈرۈم سورايمەن )
شېئىر،ئىنسان تىلىنىڭ ئېچىلمىغان بوز يەرلىرىنى ئاچماقتا . شېئىر،ئىنسان مەنىۋىيىتىنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە تېخىمۇ يېقىنلاشماقتا.كائىناتنىڭ بىزگە سىر بولغان ئۇ يېرىدىن، شېئىر شەكىلدە كەلگەن تىل بالاغىتى،قەلىب چوڭقۇرلىقىمىزنى تېخىمۇ قېزىشىمىزغا ھەيدەكچىلىك قىلماقتا.
شېئىر يازغۇچى، سانسارادىن قول ئۇزۇپ نېرۋاناغا يەتمەكچى بولغان راھىب كەبى ئۆز چوڭقۇرلىقىغا شۇڭغۇغاندىلا يېتىپ كېلىۋاتقان سانسىز ئۇچۇر ئىچىدىن ئۆزىنىڭ تىلىنى تاپالايدۇ.
بىر دۆۋە تۇپراققا قاراپ بۇ يۈز قەۋەتلىك بىنا دىسە كىم ئىشىنىدۇ ؟ شائىر ئىشىنىدۇ. بىر دۆۋە تۆمۇر تەسەككە قاراپ بۇ بىر ماشىنا دىسە كىم ئىشىنىدۇ ؟  شائىر ئىشىنىدۇ.. سۇيۇقلانغان نېفىتنىڭ بىر دۆۋە تۆمۆرنى ماڭغۇزالايدىغانلىقىغا كىم ئىشەنگەن؟ مانا ئۇ ھالەت كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىپ تۇرۇپتىغۇ. بەزىلەر  يۇقىرىقى مىسالىغا قاراپ بۇ نەرسىلەرنى ئەشۇ ھالەتكە ئەكەلگەن ئىنساننىڭ ئەقىل پاراسىتى، ھۇنەر سەنئىتى، تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى... دىيىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ئەشۇ ئەقىل، ھۇنەر سەنئەت، تەرەققىيات دېگەن نەرسىلەر نەدىن كەلدى؟ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىلىرى، ئىزدىنىشلىرى، كۆپ قېتىملىق تەجرىبىلىرى.....ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا شۇ ئىنساننىڭ كاللىسىغا ئۇنى شۇنداق قىلدۇرالايدىغان ئۇچۇر نەدىن كەلدى ؟
شائىر بىر دۆۋە تۇپراقنى قۇچاغلاپ تۇرۇپ بۇ مېنىڭ ئۇيۇم دېگۈچى. كۆرگۈچى ئۇنى ساراڭ دىسە شائىر كۆرگۈچنى ساراڭ دېمەكتە.


ئاينىڭ قورسىقىدا دۇنيانىڭ ئۇرۇقى بولسا
سەندە مېنىڭ نىقابىم بار

( پاسئان غەزەللىرىدىن )

ئاينىڭ قورسىقى بارمۇ؟ قورسىقى يوق بولسا قورسىقىدا ئۇرۇق نىمە ئىش قىلىدۇ ؟
شېئىر ئوقۇغۇچى قايمۇقۇش ئىچىدە شائىرنىڭ جۆيلۈشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. چۈنكى  شائىر، ئاي، قورساق، دۇنيا، ئۇرۇقتىن ئىبارەت بىر بىرىگە مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ، ئۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىناسىنى  بىنا قىلىۋاتاتتى. خۇددى تۇپراق، سۇ، تۆمۇر، ئاليومىن...قاتارلىق بىر بىرىگە ماس كەلمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن  بوشلۇققا بىنا سېلىۋاتقاندەك.،
دېمەك  شائىر ئۆزى بىۋاسىتە  قوبۇل قىلغان ئەشۇ يەكمۇ يەك ئۇقۇمدىكى پارچە ئۇچۇرلاردىن ئۆزىنىڭ بىناسىنى قۇرۇشتىن سىرت شېئىر ئوقۇغۇچىنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بىناسىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئىشارەت قىلماقتا.

داۋامى بار...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2275
تۆھپە : 19
توردا: 467
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 01:54:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ئوقۇغۇم بار.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  487
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 349
تۆھپە : 0
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 02:30:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن زاھىر ئەپەندىمنى بىر سەنئەتكار سۈپىتىدە تۇنۇيتتىم،
ئۇنىڭ ناخشا  تىكىستلىرىنىڭ نىمىشقا ئۆزگىچە چىقىدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندىم،
ئۇ پىكىرنىمۇ ئۆزگىچە قىلىدىكەن ئەمەسمۇ؟
قېنى داۋامىنى ئۇقۇپ باقاي.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1763
تۆھپە : 20
توردا: 408
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 03:53:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىز تېخىمۇ ھوسۇللۇق بولغاي! داۋامىنى كۈتىمەن...

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  328
يازما سانى: 445
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2536
تۆھپە : 4
توردا: 472
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 10:13:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىريىل،   بىر ئاي ،    بىر كۈندە  تۇغۇلغان  قۇردىشىم زاھىر بورھاننىڭ ئەل سۆيگەن  سەننەتكار  كومپازېتور   بولۇپلا قالماي  شېئىردا بالاغەتكە يەتكەن پىشقان قەلەم ساھىبى ،ۋە ئوبزورچى ئىكەنلىىكىنى  بىلگىنىمدە  ئۇنڭغا  ئاپىرىن ئىيىتماي تۇرالمىدىم.
مانا  بۇنى توخۇ يىللىقلارنىڭ  ئالاھىدىلىكى  ۋە ، ئارتۇقچىلىقى بولسا كىرەك دىگەننى  تەھلىل قىلىپ قالدىم.
ئىزدىنىشىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي  ،داۋامىنى كۆرۈشكە تەشنامىز!!!





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنەۋۋەر ئابدۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-20 10:20  


سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلۇڭمەن خار ئېتەلمەيدۇ كىشى،
سەن ئەگەر خار ئەيلىسەڭ ھەر جايدا بولسام خار كىشى.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 639
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2258
تۆھپە : 18
توردا: 416
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 10:27:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام قۇرداشلىرىم!
ئەسسالام تورداشلىرىم!
مەرھابا قىرق ئىككى يىل،
ئەسسالام مۇڭداشلىرىم!

گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  303
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 466
تۆھپە : 0
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 11:56:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە » دەپتىكەن  كونىلار ، زاھىركا ،  بۇ ماقالىنى ئوقۇدۇم ، پاسىئان شېئىرلىرىنى ئۆزىڭىز بىلگەنچە ئوقۇپ باققان جۇرئىتىڭىزگە رەھمەت . بۇ ماقالىدىكى گەپلەرنى پاسىئان ئوقۇسا  ئۆزىنى تاپالمايدىكەن ، ئكزىدىن باشقا يەنە بىر پاسىئان بارمۇ دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن ،لىكىن قارىسا ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىنىڭ پارچىلىرى تۇرغۇدەك .

1 . ئوبىيكىتنى خاتا تاللاش .سىزنىڭ شېئىرىيەت قارىشىڭىز مۇنداق «مەن ئەقىلنىڭ دۇشمىنى بولغان شېئىر توغرىلىق سۆزلەۋاتىمەن» پاسئان شېئىرلرى پەلسەپىۋى شېئىرىيەت ئېقىمىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۈچلۈك ئويلىنىش ،ئەقىل ئۈستىەە قۇرۇلغان .

2. تەھلىلدىكى چەتنەپ كېتىش ، مۇنۇ گىپىڭىزنى ئوقۇدۇم « ئۇ شېئىر يېزىشتىن بۇرۇن ھېچنىمە ئويلىمىغان، ھېچنىمە ئويلىمىغىنى ئۈچۈنلا ئۇ  ئۆز قەلبىگە سادىق بولالىغان. » بۇ گەپكە چىن پۈتمەك ناھايتى قىيىن . پاسىئان ئۆز قەلبىگە ئەمەس ، كاللىسىغا سادىق بولغۇچى ،(دۇنيا قاراشقا ، ئەقلى تەپەككۇرغا ). پاسىئان ھېچنىمنى ئويلىماي يازىغان شائىر ئەمەس بەلكى باشتىن ئاخىر ھېچنىمنى ئويلاپ ،تەپەككۇر قىلىپ يازىدىغان شائىر .

3.تەھلىلىڭىزنىڭ پاكىتى يوق . مەسىلەن ،سىز دەپسىز «شېئىر ئەدەبىيات ئەمەس ئۇ باشقا بىر پەن.» شېئىر ئەدەبىيات ئەمەس ،بەلكى باشقا بىر پەن  ،ئۇنداقتا ئۇ  زادى قايسى پەن ، بۇنداق يوغان  گەپنى ئىسپاتلاش  كىرەك ھەر ھالدا .

4شېئىر تەھللىرىڭزنىڭ ھېچقايسىسى شېئىرنىڭ ئەسلى روھىغا كىرمىگە تەقدىردىمۇ ئازراق بولسىمۇ يېقىنلاشمىغان .

ئەسلىدە جىق گەپلەرنى قىلغۇم بار ئىدى ، لىكىن ماقالىدىن بۇرۇنلا «مەزكۇر يازمام ئەقلى يەكۈنچىلەرنىڭ تەھلىلىنى رەت قىلىدۇ »دېگەنلىكىڭىز ، ھەم مەن تەھلىل ،ئانالىزنى ئەقلى نۇقتىدىن چۇشىنىدىغان  ئادەم بولغاچقا  كۆپ سۆزلىمىدىم .

مىنىڭچە  شېئىر ھەققىدە گەپ قىلىشتىن بۇرۇن بىرىنجى قىلىدىنغان ئىش شۇ ئوبىيكىتنى چشىنىش ،ھېچ بولمىسا چوڭقۇرراق ئۇرۇنۇپ بېقىش ، ئاندىن ئىجادكارىنى چۇشىنىش ،
...
...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hazratali ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-20 12:01  


مەن مەڭگۈ  سېنى  كۈتكۈچى ،سېغىنغۇچى ،ئەسلىگۈچى .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1839
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 62
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 12:10:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاھىر بۆرھاننىڭ ماقالىسىنىڭ داۋامنى ساقلاۋاتىمەن، قېنى قانداق تۈگەللىندىكىن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1523
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 210
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 12:24:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاھىركامنىڭ يازمىسىنىڭ داۋامىنى كۈتىمەن....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  280
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 159
تۆھپە : 9
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 12:28:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر تۇيغۇلارنى قانداق گۈزەل تىل بىلەن ئىپادىلەشنى بىلمەيدىغان ساراڭلارنىڭ قەلىمىدە مۇشۇنداق ھالسىرىغىنى تۇرسا ئۇ چوقۇم ئەدەبىياتقا تەۋە بولماي قالىدۇ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  698
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1244
تۆھپە : 0
توردا: 361
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 12:32:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىمىز ھەزرەتئەلى ،باشقا قاراشلىرىڭىزغا پىكىرىم يوق .1-قاراشقا مەن قوشۇلالمايمەن .پاسىئان شېئىرلىرىدا پەلسەپە يوق .مەنە يۇكلەنمىسىمۇ يوق .دىن يۇكلەنمىسىمۇ يوق .ئۇلار مەۋجۇدىيەت قارشىلىغىدا تۇرۇپ ،ھەممىدىن قۇرۇغدىنىپ تۇرۇپ يوقلۇقتا ياشايدۇ .(مىنىڭ چۇشەنجەم ھازىرچە مۇشۇنداق )يەنىمۇ كەڭرى ئورتاقلىشىش ئۇچۇن چوڭ ھەجىمدىكى ھېچنىمىزىم شېئىريىتى توغۇرلۇق ئىلىپ بارغان 4يىلىدىن بىرى يىزىلىۋاتقان ماقالەم تاماملانغاندا پىكىرلىشەيلى .ھېچنىمىزىم شېئىريىتىنى باتۇر روزى 1991-يىلى «ئايسىز ئايدىڭ »قەسىدىسى بىلەن باشلىدى .پاسىئان داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-20 12:33  


كېچىلىرىمگە ئاشىقمەن ،ئاشىق

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1972
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 61
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-20 12:43:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاھىر، سىز ئوچۇقتىن- ئوچۇق جۆيلىگىلى تۇرۇپسىزغۇ ئەمدى!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش