muhammadbarhan يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 04:01
ئەركىن ئەپەندى !
زاھىر ئەپەندى «پاسئان غەزەللىرى ھ ...
قېرىندىشىم، يازما ماۋزۇسىنىڭ «پاسئان شېئىرلىرى ھەققىدە» ئىكەنلىكى دۇرۇس، شۇنداقلا مەزكۇر يازمىنىڭ پاسئان شېئىرلىرىغا يېزىلغان مەخسۇس «ئوبزور» ئەمەسلىكىمۇ دەر ھەقىقەت. بۇ يەردە ئالدىراقسانلىق باردەك تۇرىدۇ... پاسئان غەزەللىرى پاسئان شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەس، پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمى. شۇڭا زاھىر بورھاننىڭ شۇنداق دېيىشى لوگىكىلىق ھۆكۈم قائىدىسىگە تامامەن ئۇيغۇن.
ئەمەلىيەتتىمۇ زاھىر بورھاننىڭ مەزكۇر يازمىسى ئوبزور ئەمەس، بەلكى ھېسى خاتىرە. ئۇ شېئرىيەتتە، جۈملىدىن تەپەككۇردا قاسراق تاشلاشنى ئۈمىد قىلغان، شۇنداقلا پاسئان غەزەللىرىدە بۇ ئۈمىدنىڭ غۇۋا نۇرىنى كۆرگەن (مەن ئۇنىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ شۇنداق چۈشەندىم). شۇڭا ئۇنىڭ ھېسى ھاياجانلىرىغا قۇلاق سېلىشنىڭ زىيىنى يوق دەپ قارايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-21 20:22