زاھىر بۇرھان:
مەزكۇر يازمام ئەقلى يەكۈنچىلەرنىڭ تەھلىلىنى رەت قىلىدۇ.
سەۋەبى ؛ مەن ئەقىلنىڭ دۇشمىنى بولغان شېئىر توغرىلىق سۆزلەۋاتىمەن.
پاسئان ‹شېئىر يېزىشتىن بۇرۇن ھېچنىمە ئويلىمىغان، ھېچنىمە ئويلىمىغىنى ئۈچۈنلا ئۇ ئۆز قەلبىگە سادىق بولالىغان›.
مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقى شېئىر ، ئەنە شۇ، لوگىكىلىق باغلىنىش بولمىغان، ئىككى خىل ئۇقۇمدىكى جۈملىنى، بىرخىل ئىدىيە سىيۇژىتىغا ماسلاشتۇرۇش جەريانىدۇر
| شېئىر ئەدەبىيات ئەمەس ئۇ باشقا بىر پەن. |
شېئىر يازغۇچى، سانسارادىن قول ئۇزۇپ نېرۋاناغا يەتمەكچى بولغان راھىب كەبى ئۆز چوڭقۇرلىقىغا شۇڭغۇغاندىلا يېتىپ كېلىۋاتقان سانسىز ئۇچۇر ئىچىدىن ئۆزىنىڭ تىلىنى تاپالايدۇ.
(جاللات: پاسىئان شېئىرلىرىدا پەلسەپە يوق .مەنە يۇكلەنمىسىمۇ يوق .دىن يۇكلەنمىسىمۇ يوق .ئۇلار مەۋجۇدىيەت قارشىلىغىدا تۇرۇپ ،ھەممىدىن قۇرۇغدىنىپ تۇرۇپ يوقلۇقتا ياشايدۇ)
غەزەل دېگەن نېمە؟ بارماق ۋەزىن، ئارزۇ ۋەزىن، قاپىيە... پائىلاتۇن پائىلۇن...رېتىم تاكىتلىرىمۇ؟ كىم بىزگە شېئىرىيەتنىڭ بۇ قائىدىللىرىنى بېكىتىپ بەردى؟ ئۇنى مۇقەدەس مىزان ئورنىدا ئۈنسىز قوبۇل قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزمۇ؟ قائىدە - قانۇنىيەت چېقىلغىلى بولمايدىغان نەرسىمۇ؟
بىز روھىيەت ئىلمىگە ئائىت ھەرقانداق بىر پەنگە، يۈرەكلىك چىقىلىپ بېقىشىمىز كېرەك
...نېمە ئۈچۈن قائىدە قانۇنىيەت رامكىسى ئىچىدە قەلەندەرلەر كوچىسىنى كېزىپ يۈرىمىز ؟
...مېنىڭچە ئۇ بىر ئەۋلىيا نورمال كىشىلەر بىلىپ بولالمايدىغان سىرلىق غەزىنىنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا ئۇچىراپ قالدىمۇ كىم بىلىدۇ...
بەزىلەرنىڭ، دۇنيا قارىشىمدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلىمەن
چۈنكى «ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ كارۋان ئۆز يولىدا » دېگەن تەمسىل مېنىڭ ياشاش مىزانىم
ئۆزۈڭلارنى قېزىڭلار قېرىنداشلىرىم !
خۇددى پاسئاندەك ئۆزۈڭلارغا دىققەت قىلىڭلار. ئىچىڭلارنى قېدىرىپ تەكشۈرۈڭلار ! پۈتۈن بەدىنىڭلار، قولۇڭلاردىكى ئەڭ ئىنچىكە سىزىقچىلارغىچە، ئىنتايىن زەن سېلىپ، سىنچىلاپ قاراڭلار ! ئۇ يەردە، ئەنە شۇ ئىنچىكى سىزىقچىلاردا، سىلەر ئىزلەۋاتقان شېئىرنىڭ يول خەرىتىسى بار. ئۇ يەردە، ھاياتىڭلاردىكى جىمىي قىسمەتلەرنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرى بار
شېئىر ئەقىلنى رەت قىلىدۇ چۈنكى، ئەقىل تار دائىردىكى بىلىشنىڭ، يۈزەكى يەكۇنى . شېئىر بولسا، ئىنساننى چەكسىز بىلىشكە روخسەت قىلغان، رۇخسەت قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرى
زاھىر بۇرھاننىڭ << يازما>> سىدىكى يۇقارقى ئۈزۈندىلەرگە قاراپ، بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى ۋە زۆرۇرىيىتى يوقلىغىنى ھېس قىلدىم.چۈنكى مېنىڭ ياشاش مىزانىممۇ خۇددى زاھىر بۇرھاننىڭكى بىلەن ئوخشاش!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-23 01:13