ximal
ئىگىسى: qabiljan2004

ئەردەشىر ۋە گۈلنار ھەققىدە قىسسە (‹‹شاھنامە›› توققۇزىنچى بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 09:33:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى جەڭ ئۇلارنى بەكمۇ  قاتتىق چارچاتقان بولغاچقا چوپانلارغا يېقىن بىر يەردىن ئورۇن تاللاپ باشلىرىغا چەكمەنلىرىنى ئارتپ، تۈننى يوتقان،  تاج ۋە دوبۇلغىلىرىنى ياستۇق قىلىپ ئۇخلاشقا ياتتى...
تاڭ ئېتىپ ئۇپۇق يۈزى ئاقاردى.شەھرىيارنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇدىن ئېچىلدى.شۇ چاغدا چوپانلارنىڭ سەردارى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ خەيرىخاھلىق يۈزىسىدىن مېھمانغا چاقىردى.ئەردەشىر ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ نىمىشقا بۇ دەشتتە كېزىپ يۈرىدىغانلىقى،نىمىشقا بۇ تاغ قىرىنى ماكان تۇتقانلىقىنى سۈرۈشتۈردى.كېيىن يەنە باش چوپاندىن بۇ يەردىن كېتىش يولىنى سورىدى:
-بىز بۇ يەردىن قايسى يول بىلەن كېتەلەيمىز؟ بۇ يەردىن باشقا يەنە نەدە بىزگە ئارامگاھ بولغۇدەك جاي بار؟
-ئەي پادىشاھ،بۇ ئەتراپتىن رەھنەما بولغۇدەك  ئاۋات جاي تاپالماسسەن.ئەگەر بۇ يەردىن تۆت چاقىرىم يول يۈرسەڭ ئالدىڭغا جىلۋىگەر بىر دىيار ئۇچرايدۇ.ئۇ يەردە بىرنەچچە قىشلاقلار بار.ھەر بىر قىشلاقنىڭ ئۆز ھاكىم ۋە سەردارلىرى بار.شۇ يەرگە بارساڭلار بەلكىم مۈشكىلاتتىن قۇتۇلۇپ قېلىشىڭلار مۈمكىن.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 09:34:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھ چوپاننىڭ سۆزلىرىگە بىنائەن شۇ قىشلاقلارغا بارماقچى بولۇپ تاغدىن قىشلاققا راۋان بولدى.ئىلتىماسقا ئاساسەن بىرنەچچە چوپان ئۇلارغا يول باشلىغۇچى بولۇپ ئالدىدا  يول باشلاپ ماڭدى.قىشلاق بېگى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ياخشى چىقىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى.ئۇلار شۇ يەردىن شەھەرگە ئەلچى ئەۋەتتى.ئەلچى شەھەرگە پەرماننى يەتكۈزگەندىن كېيىن،پەرمانغا ئاساسەن  شەھەردىن ناھايىتى كۆپلەشكەرلەر سەپ تارتىپ تېزلىكتە بۇ يەرگە ئات سۈرۈپ يېتىپ كەلدى.كېيىن كۇردلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن ھەر بىرى  مەخپى سىرلارنى ئۇستىلىق بىلەن  بىلەلىگۈدەك  بىر نەچچە قابىل جاسۇس ئەۋەتىلدى.ئۇلار كېتىپ كۆپ ھايال بولمايلا ئىران شاھى ھوزۇرىغا قايتىپ كېلىشتى،دېيىشتىلەركى:
-كۇرتلار ‹‹بىز ئىرانلىقلارنى مەغلۇپ قىلدۇق›› دەپ خۇرسەنتلىك ئىچىدە مەغرۇرلۇنۇپ ،تۇنجى غەلىبىدىن خۇدىنى يوقۇتۇپ ھازىر ئىشرەت بىلەن بەند بولۇۋېتىپتۇ.ئۇلار :‹‹سىتەھىر ئىچىدە ئەردەشىرنىڭ بەختى زەبۇن بولدى.بۇ ئۇنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن  تەقدىرى ئىكەن.ئەمدى بىزگە ھىچكىم چېقىلالمايدۇ››دېيىشىۋېتىپتۇ.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 09:34:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەردەشىر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆپ خوشال بولدى.بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى تامامەن ئۇنتۇدى.نامدار لەشكەرلەردىن كۆپمۇ ئەمەس ،ئازمۇ ئەمەس پەقەت  ئۈچ تۈمەنلا ئاتلىق چەۋەندازنى تاللىدى.ئۇلاردىن باشقا مەرگەن ئوقياچىلاردىن مىڭنى تاللاپ ئۆزلىرىگە ھەمراھ قىلدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 18:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەردەشىر قۇياش پاتارغا يېقىن قوشۇن تارتتى.ئۇنىڭ لەشكەرلىرى پۈتكۈل دالا ۋە قىرلارنى قاپلاپ كەتتى.كەچكى تۈننىڭ قارا پەردىسى ئالەمنى قاپلىغاندا ئۇلار دۈشمەن ئورۇنلاشقان دەشتكە يېقىنلاپ كەلدى. قارىغۇدەك بولسا كۇرتلار ئەيش-ئىشرەتلىرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ شىرىن ئۇيقۇغا غەرق بولۇشقان ئېدى.ئەردەشىر ئالدىنقى قېتىملىق مەغلۇبىيەت تۈپەيلى پەرىشان ئېدى.ئۇ غەپلەتتە ياتقان دۈشمەننى باسقۇن قىلماق بولۇپ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى ئۇلار تەرەپكە قارىتىپ قويۇۋەتتى.شەمشىرىنى غىلاپتىن چاققانلىق بىلەن سۇغۇرۇپ ئالدىغا ئۇچرىغانلا دۈشمەننى قىرغىن قىلىپ گىياھلارنىمۇ تۆكۈلگەن قانلار رەڭگىدىن تاجدار ئەتتى.كۇرتلار ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ ئكزلىرىنى ئوڭشاپ قارشىلىق قىلىشقىمۇ ئۈلەۈرمەيلا قىرغىن بولۇپ كەتتى.شۇڭا كەڭ چۆل كۇرتلارنىڭ جەسەتلىرى بىلەن تولدى.ئېغىر يارىلانغان،مەجرۇھ بولغانلار ئۆلگەنلەردىن كۆپ بولۇپ ئۇلارنىڭ دات پەريادلىرىغا چىداپ بولمايتتى. ئۇلاردىن باشقا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭمۇ ھەددى-سانى يوق ئېدى.ئۇلاردىن مەنمەنلىك بەكلا ئۆتۈلۈپ كەتكەچكە بۈگۈن ئۇنىڭ بەدىلى تۈپەيلى تىزلىرى خارلىققا ئېگىلمەكتە ئېدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 18:04:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھ ئۇلارنىڭ بارلىق مۈلۈكلىرىنى تاراج قىلدۇردى.تارتىپ ئېلىنغان بارلىق مۈلۈكلەر قوشۇندىكىلەرگە تەقسىملەپ بېرىلدى.لەشكەرلەر شۇ قەدەر توق بېسىق بولۇپ كەتتىكى، بىر چال بىر لېگەنگە لىققىدە زەر ۋە دېنارلارنى تولدۇرۇپ ئەلگە خۇداگۇي نىسار  قىلىپ تارقىتىپ بەرمەكچى بولۇۋىدى ئۇنىڭغا نەزەر كۆزىنى سالغۇدەك كىشى تاپالمىدى.دېمەك شاھنىڭ ئىنايىتىدىن كۆڭۈللەر توق ئېدى.لېكىن شاھ بۇ جەڭنىڭ غەلىبىسىدىن رازى بولمىغان ئېدى.شۇڭا سىتەھىر شەھىرىگە قايتىپ كېلىپلا يېڭى پەرمان چۈشۈردى:
-ئاتلارغا تېزدىن ئوزۇق بېرىلسۇن،يېڭى جەڭ ئۈچۈن قۇرال- ياراقلار تەق قىلىنسۇن.لەشكەرلەر ھاردۇق چىقىرىپ ئىسىل تائاملار بىلەن  مەئىشەت سۈرۈپ بولغاندىن كېيىن يېڭى جەڭنىڭ تەدبىرىگە تۇتۇش قىلسۇن.
پارمانغا ئاساسەن باتۇرلار مول داستىخانغا يۈزلەندى .تويغۇدەك يەپ –ئىچىپ تەنگە مادار توپلاشتى.ۇلار راسا يەپ ئىچىۋاتقان شۇ پەيتتىمۇ ئەردەشىر يەنىلا جەڭنى ئەستىن چىقارماي ئۇنىڭ تەدبىرلىرى بىلەن بولماقتا ئېدى.ئەردەشىر زادى كىم بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن شۇنچە ئالدىرايدۇ؟ بۇ سىرنى بىلىش ئۈچۈن يەنە بىر قىزىقارلىق قىسسە سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 18:04:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن،ئەمدى رىۋايەتچى دېھقان سۆزلەپ بەرگەن ئاجايىپ قىزىقارلىق ۋەقەلىكلىرى بار  يېڭى داستان نەزىرىڭىزدە بولىدۇ.پارس مەملىكەتلىرىنىڭ ئارىسىدا  كۇجەران دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەھەر بار ئېدى. ئۇ يەردە بىر دەريا بار بولۇپ شۇ دەريا بويىدا كۇجەراننىڭ  بىر ئاۋات شەھىرى بار ئېدى.بۇ شەھەرنىڭ خەلقى شۇنچىلىك كۆپ ئېدىكى، كوچىلىرىغا پېتىشماي كېچە –كۈندۈز تىقىن-تىقىن يۈرۈشەتتى.ئادەم كۆپ بولغاچقا تۇرمۇشى قىيىن ئېدى.ھەر بىر پۇقرا كۈندىلىك رىزقىنى تەستە تېپىپ يەيتتى.بۇ شەھەرنىڭ چېتىدە بىر ئىگىز تاغ بار ئېدى.بۇ تاغ شەھەرگە يېقىن بولغاچقا ئۇنىڭغا قىزلار كۆپ باراتتى.ئۇلار ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا توپلىشىپ دەرۋازا ئېچىلغان ھامان تاغقا قاراپ راۋان بولۇشاتتى.ئۇلارنىڭ بىرلىرى پىلتە ئەشسە،بىرلىرى يىپ ئېگىرەتتى.كەچكىچە ئۆز كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەچتە ماكانىغا قايتىشاتتى.ئۇلار يەيدىغان نان ۋە سۇ ھەممىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇلۇپ يىمەكلىكتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشاتتى.ئىناق بولغاچقا‹‹بۇ ئارتۇق،ئۇ كەم››دېيىشمەيتتى. ھېرىپ چارچاشنى بىلىشمەي ئىشلەيتتى.پۈتۈن ئوي خىيالى بىلەن ئىشقا مەشغۇل بولۇشاتتى.ئۇرچۇق-ئۇرچۇق يىپلارنى ئوبدان ئىگىىرىپ كەچ بولغاندا ئۆيلىرىگە قايتىشاتتى.
بۇ شەھەردە ھەفتۋاد ئىسىملىك بىناۋا بىر زات ياشايتتى.ئۇنىڭ مۇنداق نام ئېلىشىغا سەۋەپ بولغان ۋەج شۇ ئىدىكى، ئۇنىڭ يەتتە ئوغلى ۋە بىر قىزى بار ئېدى. ئۇنىڭ قىزىنىڭ ئىززەت -ھۆرمىتى ھەممىدىن چوڭ ئېدى.شۇڭا باشقا قىزلارنى ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمەيتتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 18:05:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلۇم بىر كۈنى ئادەت بويىچە بارچە قىزلار يەنە تاغدا جەم بولغان بولۇپ ھەممىسى تاغدىكى سالقىن يايلاقتا ئىش بىلەن بەند ئېدى.تاماق ۋاقتى يىتىپ كەلگەندە داستىخان يېيىلدى. ھەممە قىزلار ئاش،سۇ،نان قاتارلىق ئىلكىدە بار ئوزۇقلىرىنى قالدۇرماي  ئۇنىڭغا تۆكتى.قىزلار تاماق يېيىشىۋاتقاندا ھەفتۋادنىڭ قىزى ئورنىدىن قوزغۇلۇپ يەردىن شامال چۈشۈرىۋەتكەن بىر ئالمىنى ئېلىپ يەنە ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردى.ئۇ گۈلرۇخ قىز ئالمىنى بوشقىنە  چىشلىۋىدى ئىچىدە  قۇرۇت بارلىقى مەلۇم بولدى.ئۇ ئالمىنى ئېغىزىدىن ياندۇرۇپ ئىچىدىكى قۇرۇتنى كۆردى.ئىككى بارمىقى بىلەن قۇرۇتنى ئاۋايلاپقىنا ئالدى ۋە ئالقىنىغا سالدى.ئاندىن باشقا قىزلارغا قاراپ مۇنداق دېدى:
-ئەي قىزلار،تەڭرى نامىدا قەسەم قىلىمەنكى،ئۇرچۇق ئىگىرىشتە سىلەردىن ئۆتۈپ كەتمىسەم بۇ قۇرت ماڭا مەدەتكار بولۇپ ئىمكانىيەت بەخىش ئەتكەي!مەن يىپ ئېگىرىشتە ھەممىڭلارنى ھەيران قالدۇرماي قويمايمەن.
ھەممە قىزلار بۇ سۆزدىن شادىمان بولدى.چېھىرلەر چىچەكتەك ئېچىلىپ ئېغىزلار بۇلبۇلدەك سايرىشىپ كېتىشتى. كەچتە قىز  يەر سىزىپ تۇرۇپ ھېساپ قىلىپ كۆرۈۋىدى، دېگەندەك شۇ كۈنى ئۇ يىپنى باشقا قىزلاردىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق ئىگىرگەنلىكى مەلۇم بولدى.كېيىن ئۇ شامالدەك تېزلىك بىلەن ئۆيىگە قايتىپ ئانىسىغا قىلغان ئەمگىگىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرسەتتى.ئانىسى ئانىلىق مېھرى بىلەن قىزىنى ئەركىلىتىپ ئاپىرىن ئېيتتى.زەپىرىنى قۇتلىدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 18:06:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىسى سەھەردە قىز تۈنۈگۈنكى نەتىجىسىدىن خۇشاللىق ھىس قىلىپ، بۈگۈن  ئىگىرمەك ئۈچۈن كۈندىكى نورمىسىدىن ئىككى ھەسسە پاختىنى ئارتۇق ئالدى.ئاندىن تېزلىكتە تاغقا قىزلار گورۇھى ئىچىگە كەلدى.بۈگۈن يىپ ئىگىرمەككە روھى ھالىتى بەكمۇ ئۈستۈن ئېدى.شۇڭا قىزلارغا دېدى:
-ئەي يىپ ئېگىرىشكە ماھىر، بەختىيار ،پەزىلەتلىك قىزلار،سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار،بۈگۈن مەن بۇ قۇرۇتنىڭ شاراپىتى بىلەن شۇنچە كۆپ يىپ ئېگىرەيكى تېخىمۇ لال بولۇپ قېلىڭلار.
كېيىن قىز يىپ ئىگرىشكە تۇتۇندى.يىپنى ھارماي تالماي ئىگىردى.ئىگىرىشكە تېگىشلىك پاختا قانچىلىك كۆپ بولۇشىنىمۇ نەزەرگە ئالمىدى.ئىگىرىلىپ پۈتكەن يىپلارنى ئۇدۇللۇق  ئۆيىگە ئەۋەتتى.ئانىسى بۇنچىۋالا كۆپ يىپلارنى كۆرۈپ شادلىقتىن ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي قالدى.شۇندىن كېيىنمۇ بۇ ئۈنۈملۈك ئەمگەك داۋاملىشىۋەردى.بۇپەرى رۇخسار قىز ھەر كۈنى سەھەر باغدىن يېڭى ئالما ئۈزۈپ ئۇنىڭدىن بىر چىشلەمنى قۇرۇتقا بېرەتتى.ئاندىن ئالدىدا قانچىلىك كۆپ پاختا بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ھەممىسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئىگىرىپ بولاتتى.
كۈنلەردىن بىر كۈنى قىزنىڭ ئاتىسى بىلەن ئانىسى بۇ ئىشنىڭ سىرىنى بىلمەكچى بولۇپ قىزى بىلەن بىللە تاغقا راۋان بولدى.ئۇلار ھەيرانلىق ئىچىدە ئويلايتتى: ‹‹قىزىمىزغا زادى نىمە ئىش بولدىكىن؟ ياكى بىرەر پەرى ئۇچرىدىمىكىن؟ ››

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 18:06:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىسى قىزىدىن سورىدى:
-ئەي قىزىم،سەن يىپنى ناھايىتى تېز ئىگىرىدىغان بولۇپ كەتتىڭ،بۇنىڭدا زادى نىمە سىر بار؟
قىز ئالما بىلەن قۇرۇتنىڭ سېھرى كۈچىنى سۆزلەپ بەردى.ئۇلارغا ھېلىقى قۇرۇتنىمۇ كۆرسەتتى.ئۇلار بۇ ئىشتىن ئەجەپلىنىش ئورنىغا ىاسىيەتلىك ئىش ساناپ  قاتتىق خۇشال بولۇشتى.باشقا ئىشلارنى دىلىدا ياد قىلمىدى.قۇرۇتنىمۇ شاراپەت بىلەن ئەزىزلەپ باقتى.كۈنلىرى خۇشاللىق بىلەن ئۆتتى.بۇ ئىش تۈپەيلى ئاتىسى ھەفتۋاد ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ قەددىنى تىك تۇتۇپ يۈردى.ئىش ئوقىتىمۇ كۈندىن –كۈنگە يۈرۈشۈپ كەتتى.ئۇ قۇرۇتنى پۈتۈن ئائىلە بويىچە ئەزىزلەپ پۈتتۈن مېھرى بىلەن پەرۋىشلەپ بېقىشتى.شۇ تۈپەيلى بۇ قۇرۇتمۇ قۇۋۋەتكە تولۇپ بەدىنى كۈندىن -كۈنگە زورايدى،بەستىدىن نۇرياغدۇرۇپ جۇلالاندى.رەڭگى قارا بولغاچقا قارا مۈشۈكتەك يالتىرايتتى.ئۇلار ئۇنىڭ رەڭگىنىڭ زەپىراندەك سارغىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئەسلىدىكى قۇتىدىن باشقا يەرگە ئالماق بولۇشتى.شۇڭا بۇ قۇرۇتقا ئاتاپ ناھايىتى ئىسىل بىر ساندۇق ياسىتىشتى.شۇنداق بولغاندا قۇرۇت قىسىلىپ قالماي ئازادە ياشىيالايتتى.بۇ قۇرت ھەفتۋادقا كارامەت كۆرسۈتۈپ ھەددى ھېساپسىز بايلىق ۋە دۆلەت بەخش  قىلدى.يەتتە ئوغلىغىمۇ ئامەت يېغىپ ئۇلار شەھەرنىڭ ئەڭ مەشھۇر بايلىرىغا،ئىمتىياز ئېگىلىرىگە ئايلاندى. شۇنداق بىر ھالەت شەكىللەندىكى، ھەفتۋاد ئېغىز ئاچماي تۇرۇپ ھىچكىم ھەقىقەت ۋە ئادالەتتىن سۆز ئاچالمايتتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 18:07:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شەھەردە ھەفتۋاددىن باشقا يەنە بىر ئابرۇيلۇق لەشكەرۋاز مەرد بار ئېدى. ئۇ بۇرۇن دائىم ھەفتۋادقا بېسىم ئىشلىتىپ دىنار ۋە ئىنئاملارنى ئۈندۈرۈۋالاتتى.بۇ كۈنگە كەلگەندە ھەفتۋادنىڭ ئوغۇللىرىغا ئۇ كىشىدىن قورقۇپ يېلىنىپ ياشاش ئېغىر كېلىدىغان ،ئار ئالىدىغان بولۇپ قالدى.ئۇلارغا خېلى كۆپ نامدارلار قوشۇلدى.كۇجەران شەھىرىدە لەرزە پەيدا بولۇپ ھەفتۋادنىڭ قوللىغۇچىلىرى قوللىرىغا قىلىچ نەيزىلەرنى ئېلىشىپ  ھېلىقى لەشكەر بېشى بىلەن جەڭ قىلماق ئۈچۈن يۈرۈش باشلىدى.ھەممىنىڭ ئالدىدا ھەفتۋاد ماڭغان ئېدى.ئۇلارنىڭ شۇئارى:‹‹دۈشمەن بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىپ يا ھايات قېلىش،ياكى مامات بولۇش››ئېدى.ئۇلار قان كېچىپ دەھشەتلىك  جەڭ قىلىپ دۈشمەنلىرىنى تامام ئۆلتۈرۈپ، ئاخىر شەھەرنى تىنجىتتى.ھۆكمىرانلار قولىدىكى بارلىق بايلىق ۋە گۆھەرلەرنى تارتىۋالدى.كېيىن شەھەردىكى بارلىق  ئەل- ئاۋام قايتا جەم بولۇپ كۇجەران شەھىرىدىن تاغقا قاراپ مېڭىشتى.تاغنىڭ چوققىسىدا بىر قەلئە ياسالدى.ئۇ يەردە ھېلىقى قۇرۇتنى قويۇپ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشتى.بۇ قەلئەگە تۆمۈردىن دەرۋازا بېكىتىلدى. قەلئەگە ‹‹ئارامگاھ-جەڭگاھ››دەپ نام بېرىشتى.بۇ قەلئەگە تاغنىڭ بېشىدىن بىر بۇلاق سۈيى ئېقىپ كېلىپ قەلئەنىڭ ئىچى -تېشىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى.ئۇ قەلئەنىڭ ئەتراپىغا تاشتىن ئىگىز تام سوقۇلدى.بۇ تام چىشلىق قىلىپ سوقۇلغان ئېدى.بۇ كۈنلەردە قۇرۇت تېخىمۇ چوڭىيىپ ھېلىقى ساندۇقمۇ ئۇنىڭغا تار كېلىپ قالغان ئېدى.تاغ –تاشلارنى كېسىپ تاشلارنى  يۇنۇپ چاسىلاپ بىر كۆل ياسالدى.نۇرغۇن بايلىق سەرىپ قىلىپ كۆلنىڭ تېگىنى سۇ سىڭمەس قىلىپ مۇستەھكەملەشتى.ئاندىن كۆلگە سۇ تولدۇرۇپ قۇرۇتنى سۇغا چۈشۈرۈشتى. ھەفتۋاد ئۇ قۇرۇتنى بېقىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر چاكارنى بەلگىلىدى.بۇ چاكار ھەر كۈنى سەھەردە ئۆيىدىن چىقىپ چوڭ داشقازاندا گۈرۈچ تامىقى ئېتىپ ھەممىسىنى كۆلگە تۆكۈپ قۇرۇتنى باقاتتى.شۇ تەرىزدە ئارىدىن بەش يىل ۋاقىت ئۆتتى.قۇرۇت بارغانسېرى سەمىرىپ پىلدەك چوڭىيىپ كەتتى. ھەفتۋادنىڭ قىزى بۇ قۇرۇتقا خۇمار بولۇپ قالغان بولۇپ كۈندە نەچچە كۆرمىسە تۇرالمايتتى. ھەفتۋاد ئۆزىمۇ ھەر كۈنى بۇ قۇرۇتنى يوقلاپ ئەزىز پەرزەنتىدەك بىلىپ غەمگۈزارلىق قىلاتتى.قۇرۇتقا ىۇددى ئادەمگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ چىن تاۋارلىرىدىن يېپىنچا قىلدۇردى.يېمەكلىكىگە سۈت،ھەسەل،مايلارنى ئوزۇق قىلىپ بېرىپ ئالى دەرىجىدە كۈتتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 18:07:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇشتىن كېيىن ھەفتۋاد بۇ شەھەرنىڭ ھۆكمىرانىغا ئايلانغان ئېدى.ھەركۈنى ئۇنىڭ ئىشىكىدە بىر پايلاقچى تۇرۇپ ئەرز -شىكايەت ئېيتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئەرزىنى سورايتتى.مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايتتى. ھەفتۋادنىڭ كۈچى زورايغانسېرى جاھانگىرلىك چۈشىنى چۈشەپ چىن دەرياسىدىن كىرمانغا قەدەر بولغان ئەللەرنىتەرەپ-تەرەپتىن  لەشكەر ئېلىپ لەشكەر بىلەن تولدۇرۇۋەتتى.يەتتە ئوغلى ھەربىرى ئونمىڭدىن قىلىچۋاز بىلەن سەپ تۈزۈپ  جەڭگە تەييار بولدى.ئەگەر بىرەر شاھ ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلماق بولۇپ قالسا جەڭدە تەڭ كېلەلمەي لەشكەرلىرى خاراپ بولۇپ كېتەتتى.شۇنىڭ بىلەن ھەفتۋادقا تەسلىم بولۇپ بېقىنىپ ياشاشقا مەجبۇر بولاتتى.ھەفتۋاد ۋە ئۇنىڭ كۆلدىكى قۇرۇتى ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئاڭلىغان ھەرقانداق پادىشاھ قورقۇپ تىترەپ ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىششقا جۈرئەت قىلالمايتتى.ھەتتا شامالمۇ قۇرۇت بار قەلئەگە كېلىشتىن  قورقۇپ باشقا ياقلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتەتتى.
ئەمما بۇ خەۋەر ئەردەشىرگە يەتكەندە قاتتىق غەزەپتىن كۆزلىرى ئوتتەك يېنىپ لاغىلداپ تىترەپ كەتتى.قاتتىق جەڭ قىلىپ بۇ قۇرۇتلۇق ئاپەتنى يوقاتماق بولۇپ زەبەردەست مەرت پالۋانلىرىدىن قوشۇن تۈزۈپ ھەفتۋاد تەرەپكە ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 18:08:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەفتۋاد بۇ گەپتىن خەۋەر تېپىپ بىرئازمۇ ۋەھىمە چەكمىدى.ئازار ھىس قىلمىدى.كېلىۋاتقان ياۋنى كۈتۈۋالماق بولۇپ تاغ باغرىغا مۆكتۈرمە قۇرۇپ قوشۇن ئورۇنلاشتۇردى.ئەردەشرنىڭ قوشۇنلىرى ئات سۈرۈپ يۈرۈپ ئاخىر ھەفتۋاد دىيارىدىكى دەريا بويىغا  يېتىپ كەلدى.قوشۇن ئەمدىلا يىتىپ كېلىپ تۇرۇشىغا بىردىنلا ئاسمان قارىيىپ يەر، ئېدىر،تاغ،دەريا... ھىچقانداق نەرسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى.دەل شۇ چاغدا ھەفتۋادنىڭ مۆكتۈرۈپ قويغان لەشكەرلىرى يوپۇرۇلۇپ چىقىپ قىرغىننى باشلىۋەتتى.جەڭ مانا شۇنداق ئەپسىز ئەھۋالدا باشلاندى.ئەردەشىرنىڭ لەشكەرلىرى بۇتۇيۇقسىز ئاپەتتىن ھودۇقۇپ تۈزۈك جەڭ قىلالمىدى.شۇڭا قاتتىق قىرغىنغا ئۇچراپ بىردەمدە جەڭ مەيدانى جەسەتلەر بىلەن تولۇپ، قانلار شارقىراپ ئېقىپ  دەريا سۈيىگە قوشۇلۇپ كەتتى.بۇ جەڭدە ھەفتۋاد غالىپ چىقىپ جەڭدىكى دەھشەتلىك مەنزىرىدىن يايراپ كەتتى.ئەردەشىرنىڭ تىرىك قالغان لەشكەرلىرى ئاران تەستە قېچىشقا ئۈلگۈردى.جەڭ تۈگىگەندىن كېيىن ئۇلار سارايغا قايتىپ كېتىشتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 18:09:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەردەشىر ئەۋەتكەن لەشكەرلىرىنىڭ پالاكەتكە يولۇقۇپ تالان-تاراج قىلىنغانلىقى،كۆپلىگەن لەشكىرىنىڭ مۆكتۈرمىگە ئۇچراپ ھالاك بولۇپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن قايغۇردى. بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت بىلەنلا قورقۇپ بەل قويۇۋەتسە بولمايتتى.شۇڭا قايتىدىن لەشكەرلىرىنى جەملىدى.يېتەرلىك قۇرال-ياراغ ۋە كېتەرلىك دىرھەملەرنى غەملىدى.بارلىق تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن ئۆزى باش بولۇپ يەنە دۈشمەن تامان ئات سالدى.
بۇ خەۋەر ھەفتۋادقا ئاڭلانغاندا ئۇ‹‹ھېساردىن يېڭى قۇراللار بىلەن بايلىقلار ماڭا سوۋغا بولغىلى كېلىۋېتىپتۇ››دەپ شادىمان بولدى.ئۇرۇشلاردا ئۈزلۈكسىز قازىنىۋاتقان غەلىبىسى ئۇنى مانا شۇنداق بىپەرۋا ،غەلىبىگە شەكسىز ئىشىنىدىغان قىلىۋەتكەن ئېدى.ننىمىشقا دېگەندە ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ يېڭىلگەن قوشۇن ئۇنى نۇرغۇن قۇرال -ياراق ۋە ھەددى ھېساپسىز بايلىقلارغا ئىگە قىلىۋېتەتتى.شۇڭا ئۇ ‹‹لەشكەر كېلىۋېتىپتۇ›› دېسە باشقىلاردەك قورقماستىن ئەكسىچە خۇشال بولاتتى.ئۆلۈمدىن ئەسلا غەم قىلمايتتى.قۇرۇتقا خۇددى نىجاتكار تەڭرىسىدەك ئىخلاس قىلىپ ئۇندىن ئۆزگە  ھىچكىم،ھىچنىمىنى نەزىرىگە ئىلمايتتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 18:09:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەردەشىرلار ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن كۈنى ھەفتۋادنىڭ چوڭ ئوغلى ئۇنىڭدىن ناھايىتى يىراق بىر جايدا ئېدى.ئۇ ئاتىسىنىڭ يەنە جەڭ قىلماق بولۇۋاتقانلىقنى ئاڭلاپ ئارام ۋە راھەتنىڭ مەھرىدىن كېچىپ دەريادا  كېمە بىلەن يۈرۈپ تېزلىكتە قايتىپ كەلدى.ئۇ ئوغۇلنىڭ نامىنى شەھرۇي دەپ ئاتىشار ئېدى.ئۇ ئۆتۈپ كەتكەن نومۇسسىز ئالدامچى بولۇپ دۇنيادا بار ئەسكىلىكنىڭ ھەممىنى قىلاتتى. ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ ھەفتۋاد :‹‹ئوغلۇم كەلدى،بەئەينى جىسمىمغا قانات ئۈندى››دەپ شادىمان بولدى.
جەڭ باشلانغاندا ھەفتۋادنىڭ لەشكەرلىرى قوش قانات بولۇپ ئوڭ ۋە سولدىن تەڭلا ھۇجۇم باشلىدى.ئىران لەشكەرلىرى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇلارغا تاقابىل تۇردى.لەشكەرلەرنىڭ كۆزلىرىدە غەزەپ ئۇچقۇنلىرى يانسا ،يۈرەكتە بولسا قىساس  ئوتلىرى لاۋۇلدايتتى. ئەردەشىر بۇ تەڭداشسىز قىرغىنچىلىقنى كۆرۈپ:
-بۇ قېتىممۇ تەقدىر بىزگە مەغلۇبىيەتنى يۈزلەندۈرگەن ئوخشايدۇ.-دېدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 18:10:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۈشمەن بۇرۇنقى ئىككى قوشۇنىغا قوشۇپ يەنە ئىككى قوشۇن  تۈزدى.ئۇلار ئىككى سەپ بولۇپ نەيزە قىلىچلىرىدىن ئۇچقۇنلار چاچرىتىپ ناغرا دۇمباقلىرىنى قۇلاقنى يارغۇدەك چېلىشىپ،كانايلىرىنىڭ ساداسىنى پەلەككە ئاڭلىتىپ توپ-توپ پىللارنى مىنگەنچە ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە ئېدى.ئۇلارنىڭ ياۋۇز ئەلپازىنى كىملا كۆرسە بىھۇش بولاتتى.دۈشمەن ئوقياچىلىرى شۇ قەدەر كككپ ئوق ياغدۇردىكى بۇ ئوقلار دەستىدىن ھەتتا يەرلەرمۇ ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى.ھاۋانىمۇ يانغىن ۋە تۈتەكلەر قاپلىغان ئېدى.چوقماقلار دوبۇلغىلارنى چېپىشاتتى.تۇلپارلار  تۇياقلىرى بىلەن زىمىن باغرىنى چەيلەپ ھەريان چېپىشاتتى.دەشت-چۆل ۋە دەريالار باشسىز تەنلەر ،مىجىلغان بەدەنلەر بىلەن تولغان ئېدى.
ھەفتۋادنىڭ قوشۇنى شۇ ھالدا ئوڭ ۋە سولدىن چۆلنى تولدۇرۇپ شىددەتلىك دولقۇن كەبى باستۇرۇپ كەلدى.ئۇلارنىڭ كۆپلۈكى ۋە تېزلىكىدىن ھەتتا دەريامۇ دولقۇنلۇنۇپ كەتتى.چۈمۈلىلەرمۇ يولىنى تاپالماي ئۇيان بۇيان پىتىراشتى.ئۇلار باستۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن قىرغىنچىلىق تېخىمۇ ئاۋۇدى.لەشكەرلەرگە گويا قىيامەت قايىم بولغاندەك تۇيۇلۇپ قاچارغا يولمۇ تاپالماي قالدى.ئاخىر قۇياش بۇ قىرغىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمىگەندەك زەپىراندەك سارغىيىپ ئۇپۇق كەينىدىن زىمىن ئارقىسىغا   پېتىپ كەتتى.ئەمدى تۈن كېچە باشلىنىپ تۈن زەڭگىلەرنىڭ يۈزىدەك قاپقارا ياغلىقنى بېشىغا ئارتتى.ئەردەشىر ھەر ياندىن لەشكەرلىرىنى يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلدى.سامانىڭ يۈزى ھەفتۋادنىڭ دىلىدەك قارايغان چاغدا بىر كۆلنىڭ بويىغا چېدىر قۇرغۇزدى.ئەتراپنى كۈزىتىشكە ساقچى قويۇلدى.پۈتۈن قوشۇن تۆت تەرەپتىن قورشاۋدا قالغان بولۇپ لەشكەرلەرنىڭ ھالى بارغانچە يامانلىشىپ كېتىپ باراتتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش