ximal
ئىگىسى: qabiljan2004

ئەردەشىر ۋە گۈلنار ھەققىدە قىسسە (‹‹شاھنامە›› توققۇزىنچى بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 18:10:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.ئەردەشىر ئۇنى قايتا كۆرگۈسى كېلىپ بىردەم تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرۇپ بېقتى. قىز قايتا كۆرۈنمىگەندىن كېيىن ئوتلۇق ئۇھ تارتقىنىچە سارىيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.گۈلنارنىڭ قەسىرى قەۋەتلىك ئىگىز قەسىر بولغاچقا ئۈستۈنكى قەۋەتنىڭ دەرىزىسىدىن ئەتراپنى كۈزەتكىلى بولاتتى.مەلىكە ئۆزىنى پىنھانغا(پەردە كەينىگە) يوشۇرغان بىلەن ئەردەشىرنىڭ ھەممە ھەركىتىنى يوشۇرۇن كۈزىتىپ تۇرۇۋاتاتتى.ئۇ كۆڭلىگە مەلۇم مەقسەدنى پۈكۈپ ئەردەشىرنىڭ نەگە ماڭغىنىنى،قايسى سارايغا كىرىپ كەتكىنىنى ئېنىق كۆرۈۋالدى.
نۇرلۇق قۇياش تاغ كەينىگە پىنھان بولۇپ، تۈن قاغىسى قاپقارا سېھىرلىك قاناتلىرى بىلەن ئالەمنى زۈلمەتكە چۆمدۈرگىنىدە مەلىكە گۈلنار ئەردەشىرنىڭ يېنىغا بارماق بولۇپ قەسىر تېمىغا ئارقان تاشلىدى.ئارقاننىڭ چىگىلمىلىرى تام ئۈستىدىكى كۈنگۈرىگە مەھكەم چىگىلگەندىن كېيىن مايمۇندەك چاققانلىق بىلەن قەسىر تېمىغا يامىشىپ چىقتى.ئەتراپنى بىردەم كۈزىتىپ بېقىپ ئادەم شەپىسى ئاڭلانمىغاندىن كېيىن يەنە ئارقان بىلەن قەسىرنىڭ سىرتىدىكى يولغا سېيرىلىپ چۈشتى.ئەتراپتا ئادەم كۆرۈنمەيتتى.مەلىكە خاتىرجەم بولۇپ  تېنىدىن ئەتراپقا خۇش بۇي ھىدلارنى تارقاتقىنىچە كۈندۈزى كۆرۈۋالغىنى بويىچە ئەردەشىرنىڭ سارىيى تەرەپكە قاراپ تېز يۈرۈپ كەتتى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 18:11:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساراي ئىشىكى بوشقىنا چېكىلدى.تېخى ئۇخلىمىغان ئەردەشىر كۆڭلى قانداقتۇ بىرەر نەرسىنى تۇيغاندەك بولۇپ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقتى.چىقتىيۇ كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى.ئاسماندىكى تولۇن ئاي ئۇنىڭ ئىشىك تۈۋىدە ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.ئەردەشىر قاتتىق ھاياجاندىن  يۈرۈكى دۈپۈلدەپ سوققان ھالدا مەلىكىنى تېزدىن  ئۆيگە باشلىدى.گەرچە كېچە بولسىمۇ بۇلارنىڭ بىرگە تۇرغىنى يامان كۆزلەرگە چېلىقىپ قالسا بولمايتتى.ئۇلار ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن خۇددى كونا تونۇش ئاشىق-مەشۇقلاردەك بىر بىرىگە يېقىن ئولتۇرۇشتى.بىر جۈپ نۇرلۇق چېھىر بار يەردە چىراقنىڭ نۇرىنىڭ ئاجىزلىقىمۇ چانمىدى.بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بىر بىرىگە شەيدالارچە نەزەر سېلىشىپ بىر بىرىنىڭ ھۆسنىنى قانغۇچە تاماششا قىلىشتى.بىرازدىن كېيىن ئەردەشىر بۇ نازىنىن قىزنى باغرىغا مەھكەم بېسىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئېھتىيات بىلەن سورىدى:
-ئەي ئاي جامال نازىنىن،كىم بولۇرسىز؟ نەدىن كەلدىڭىز؟ كېچىدە پەرىشتىدەك پەيدا بولۇپ غەم تولغان دىلىمنى رۇشەن قىلدىڭىز،- مەلىكە  قىز تۇنجى كۆرۈشۈشتىلا ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى،

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 18:11:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا باشقىچىرەك جاۋاپ بەردى:
-مەن نام -شەرىپىنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان ئاددىيغىنە بىر كېنىزەك قىزمەن.كۈندۈزدە سېنى كۆرۈپ كۆڭلۈم چۈشۈپ قالدى.شۇڭا سەن ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىلغىلى كەلدىم.ئەگەر خالىساڭ ھەر كېچىسى كېلىپ يېنىڭدا ھەمراھ بولاي،قاراڭغۇ تۈنۈڭنى يورۇتۇپ كۆڭلۈڭنى شاتلاندۇراي!
...
شۇنداق قىلىپ ئەردەشىر بىلەن گۈلنار شۇ تەرىزدە ھەر ئاخشىمى يوشۇرۇن كۆرۈشۈپ مۇھەببەتلىشىپ، ئىشىق پەيزىنى سۈرۈپ يۈردى.لېكىن ‹‹ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار›› دېگەندەك كۈنلەردىن بىر كۈنى ئەردەشىرنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈلپەت كەلدى.ئەردەشىرنىڭ جاھانكەش تايانچىسى،جان جىگەر بوۋىسى بابەك بۇ دۇنيادا يەيدىغان رىزقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ  بارسا كەلمەس دۇنياغا سەپەر قىلدى.بۇ خەۋەر ئەردەشىرغا يەتكەندە ئۇ قاتتىق قايغۇ- ھەسرەتكە چۆمۈپ يارىلانغان شىردەك ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى.ۋۇجۇدى قايغۇ ھەسرەتكە تولۇپ تۈنۇ-سەھەر غەمدىن نېرى بولالمىدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 18:12:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بابەك ئۆلۈشتىن بۇرۇن ۋەسىيەت قىلىپ  تاجۇ-تەختىنى نەۋرىسى ئەردەشىرغا مىراس قىلىپ قالدۇرغان ئېدى.لېكىن ئەردەشىر ئەردەۋان يېنىدا رىجىمدا بولغاچقا قايتىپ كېلىپ شاھلىقنى قولىغا ئالالمايتتى.شۇڭا ئوغلىغا ۋاكالىتەن ساسان تەختكە چىقىپ بابەكنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى.
ئەردەشىر بوۋىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن ناھايىتى بەك قايغۇردى،قانچە قىلىپ باقسىمۇ شاتلىنىپ كۈلەلمىدى. ئەردەۋاننىڭ قىلغان ناھەق مۇئامىلىلىرىمۇ ئۇنىڭ بۇ يەردە داۋاملىق تۇرۇش قىزغىنلىقىغا سوغاق سۇ سەپكەن بولغاچقا،كېچەيۇ -كۈندۈز بۇ يەردىن بىر ئاماللار بىلەن قېچىپ كېتىشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدى.ئەردەشىر شۇ پىلانى بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرۈپ تۇرسۇن،   ئەمدى بىز گەپنى ئەردەۋاندىن ئاڭلايلى:
ئەردەۋان ئەردەشىرنى زۇلۇم بىلەن ئۆز يېنىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن  ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ ئۆزىگە قارشى جەڭ قىلىشىدىن،تاجۇ-تەختىنى تارتىۋېلىپ قىساس ئېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.شۇڭا بىر كۈنى قەسىرىگە ئەڭ مەشھۇر ھۆكۈمالىرى ۋە يۇلتۇزشۇناس مەشھۇر ئالىملىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ بۇندىن كيىنكى بەخت تەلىيى توغرىسىدا پال سېلىپ بېقىشقا بۇيرۇدى:

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 18:12:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ھەرقانداق كىشىگە ئامەت مەڭگۈ باقىۋەندە بولۇپ تۇرىۋەرمەيدۇ،بۇ چەرخى پەلەك ئايلىنىپ تۇرغاچقا كىشى ئۆزى ئويلاپمۇ باقمىغان قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ.سىلەرنى چاقىرتىشىمدىن مەقسەد قۇدرەت –كارامەتلىرىڭلارنى ئىشقا سېلىپ مېنىڭ بەخت تەلىيىم ھەققىدە پال سېلىپ بېقىڭلار.بۇ پەلەك ئايلىنىپ يۈرۈپ مەندىن كېيىن كىمنى پادىشاھ قىلاركىن؟
شاھ پالچىلارنى گۈلنارنىڭ ھوزۇرىغا بېرىشقا،گۈلنارنى ئۇلارنىڭ ئاچقان پالىغا نازارەت قىلىپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى.پالچىلار يۇلتۇزلارنى كۈزۈتۈپ ئۈچ كېچە -كۈندۈز پال سېلىپ مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.گۈلنارمۇ ئۈچ كېچە-كۈندۈزلۈك ئۇيقۇنى تەرك ئېتىپ ئۇخلىماي  ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەركىتى ۋە گەپ سۆزلىرىگە دىققەت قىلدى.مۇنەججىملەرنىڭ سىرىدىن خەۋەردار بولدى.تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئۇلار بارلىق ھېساباتتىن خۇلاسە چىقاردى.  مۇنەججىملەر ئۇستازى پال نەتىجىسىنى شاھقا ئۇقتۇرماقچى بولدى.شۇنىڭ بىلەن گۈلنارنىڭ قەسىرىدىن چىقىپ شاھنىڭ قەسىرىگە قاراپ ماڭدى.شاھ ئەردەۋان تەققەززا بولۇپ كۈتكەن نەتىجە ئاخىرى چىقتى.شاھ ئۇلار ئاغزىدىن  مۇنداق بىشارەتلەرنى ئاڭلىدى:

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 18:13:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-بۇندىن مەلۇم  ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شاھقا ئېغىر بىر مۇسىبەت كېلىپ باغرىنى ئۆرتەيدىكەن.شاھ نەسەبىدىن بولغان،شاھ ئەڭ ئەتىۋار بىلىپ ‹‹شۇڭقارىم ›› دەپ بىلىدىغان بىر خىزمەتكارى شاھنى تەرىك ئېتىپ باشقا ياققا قېچىپ كېتىدىكەن.شۇندىن كېيىن باشقا نەسەپتىن بولغان بىر ئۇلۇغ كىشى شاھ بولۇپ دەۋران سۈرىدىكەن.ئۇ بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ ھەممە جاينى ،بۇ يورۇق دۇنيانى قولىغا ئالىدىكەن.ئۇنىڭغا ھېچكىم توسالغۇ بولالمايدىكەن.
‹‹ساق بېشىمغا ئاغرىق سېلىۋالدىم›› دېگەندەك غەمسىز يۈرگەن شاھ بۇ پال نەتىجىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەقدىرىدىن ئەنسىرەپ كېچە-كۈندۈز غەم قىلىدىغان،ئۇخلىيالمايدىغان،مەيلى پەرزەنىتلىرى،مەيلى يېقىن كىشىلىرى بولسۇن ھەممىلا كىشىدىن گۇمان قىلىدىغان،دائىم خاپىغان يۈرۈپ ئاھ ئۇرىدىغان بولۇپ قالدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qabiljan2004 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-4 18:14  


ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 19:48:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈن قارا نىقابىنى تاقاپ ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بىر كېچىسى گۈلنار يەنە ئەردەشىرنىڭ يېنىغا كەلدى.لېكىن بۇ كۈنى ئەردەشىر كۈندىكىدەك خۇشال ئەمەس ئېدى.مەلىكە ئۇنىڭدىن خاپىغانلىقنىڭ سەۋەبىنى سورىۋىدى.ئۇ مۇنداق جاۋپ بەردى:
-مەن بىر ئارزۇلۇق شاھزادە تۇرۇپ بۇ يەردە خورلۇق تارتپ ياشاۋاتقىلى خېلى ئۇزاق زامان بولدى.ئەمدى مېنىڭ چىداپ يۇرۇۋېرىشكە سەۋرى تاقىتىم قالمىدى.ئەتىگىچە بۇ يەردىن چوقۇم قېچىپ كېتىمەن.بۈگۈنكى كۆرۈشۈشىمىز بىزنىڭ ئاخىرقى كۆرۈشۈشىمىز بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.
بۇ سۆز گۈلنارنى بىئاراملىققا سېلىپ قويدى.شۇڭا ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئەردەشىرگە مۇنداق دېدى:
-ئەي سۆيۈملۈكۈم،ساڭا ھەقىقەتەن ئۇۋال بولدى.ساڭا قىلغان بۇ نامەرتلىكلىرى ئۈچۈن مەنمۇ دادامدىن نەپرەتلىنىمەن.ئالدىڭدا خىجىلمەن.سەن بۇ يەردىن  قېچىپ كەتسەڭ، مەن سەندىن ئايرىلىپ قانداق چىدايمەن؟ھاياتلا بولىىكەنمەن سەندىن بىر دەممۇ ئايرىلمايمەن. مۇنداق بولسۇن،قاچساق ئىككىمز بىرگە قاچايلى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 19:49:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-بۇغۇ بەك ياخشى پىكىر بولدى.لېكىن قاچقاندىن كېيىن سېزىلىپ قېلىپ داداڭنىڭ ئادەملىرىگە تۇتۇلۇپ قالساق،داداڭ غەزەپلىنىپ ھەر ئىككىلىمىزنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسە قانداق قىلىمىز؟!
-ئەنسىرىمە،ئۇنداق بولمايدۇ.بىز ئامان ئېسەن قېچىپ كېتەلەيمىز...
قىز ئەردەشىرگە پالچىلارنىڭ دادىسى ھەققىدە سالغان پالى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە ھەممىنى يوشۇرماي سۆزلەپ بېرىۋىدى، ئەردەشىر  شاتلاندى.كەلگۈسىدىن ئۈمىتۋار بولدى:
-ئۇنداق بولسا تېزراق قاچايلى،نەگە قاچساق بولار؟
-ئىرانغا قاچايلى،ئۇ يەر بىخەتەر،پادىشاھىمۇ رەيگە قارىمايدۇ.
-مەنمۇ شۇنداقراق ئويلىغان،شۇنداق بولسۇن،ئەمىسە ئىرانغا كېتەيلى.ھىندىستانغا قاچساق داداڭ ئارقىمىزدىن لەشكەر بىلەن قوغلاپ بېرىپ تۇتۇۋالسا چوڭ بالا تېرىلىدۇ.ئۇ چاغدا بىزگىلا ئەمەس جەمەتىمىزدىكىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىپ قويغان بولىمىز.
-بولىدۇ،شۇنداق قىلايلى،ئەمىسە ھازىردىن تارتىپ جىددىي يول تەييارلىقىغا كىرىشەيلى،سىز ئوردا ئاتخانىسىغا كىرىپ ئەڭ ياخشى،ئەڭ يۈگرۈك  ئاتتىن ئىككىنى توقۇپ چىقىڭ.مەنمۇ ئوردىغا كىرىپ غەزىنىدىن يول خىراجىتى قىلغۇدەك نەرسە ئېلىپ چىقاي.پۇختا تەييارلىنىپ قاچساق ھىچبىر قىينالمايلا قېچىپ كېتەلەيمىز.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 19:49:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئەمىسە تېز بولۇڭ،مەن سىزنى ئۇزاق ساقلاپ كەتمەي!
گۈلنار ۋەزىر بولۇپلا قالماي يەنە غەزىنە باشقۇرۇش ھوقۇقىغىىمۇ ئېگە ئىدى.شۇڭا ئۇنىڭدا غەزىنە ئاچقۇچى بار ئېدى.ئۇ تېزلىكتە ئوردىغا كىرىپ غەزىنىنى ئاچتى.ئۇ غەزىندىن كۆپلىگەن ئىسىل گۆھەر،ياقۇت،دۇر ۋە شەھۋارلارنى ئالدى. ئۇلارنى چوڭ بىر تۇلۇمغا قاچىلىدى. ئۇلاردىن باشقا دىنارلاردىنمۇ بىر خۇرجۇنغا لىق كەلگۈدەك ئېلىپ قاچىلىدى.ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ ھوجرىسىغا قايتىپ كىردى.بۇ چاغدا ئەردەۋاننىڭ سارىيىدىكىلەر تېخى ئۇخلىمىغان ئېدى.شۇڭا قىز سېزىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ھوجرىسىدا  ساقلاپ تۇردى.چىراقلار ئۆچۈرۈلۈپ ھەممە ياق تىمتاسلىققا چۆككەندىلا يىنىك تىنىپ ھوجرىسىدىن چىقتى .ھەر كۈندىكى ئۇسۇلى  بويىچە قەسىردىن چىقىپ ئەردەشىرنىڭ يېنىغا كەلدى.ئەردەشىر ئىككى ئۇچقۇر ئەرەپ ئارغىمىقىنى ئاللىقاچان تەييارلاپ گۈلنارنى ساقلاپ تۇرغان ئېدى.ئۇلار گۈلنار ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى ئاتلارغا ئەپلىك جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىككىسى بىردىن  ئاتقا ئىرغىپ مىنىشىپ تېزلىكتە  يولغا ئاتلاندى.‹‹دۈشمەنلەر قوغلاپ كېلىپ قالسا ئىشلىتەرمىز ›› دىيىشىپ ئېھتىياد تەدبىرى سۈپىتىدە ئوغا سۈركەلگەن ئۆتكۈر قىلىچلاردىن بىردىن ئېلىۋالدى. جىمجىت قاپقاراڭغۇ تۈن بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنى تېزلا ئۆز قوينىغا ئالدى.ئۇلارنىڭ قاچقانلىقىنى ئىنسى جىنمۇ تۇيمىدى.


ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 12:59:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاي يۈزلۈك قىزى ئىز -دېدرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكتىن ئەردەۋان يالغۇز قېلىپ غەم قايغۇ چەكتى.كېچەيۇ-كۈندۈز مۇشۇ ئىشنى ئويلاپ كۆڭلىگە ھىچنەرسە ياقماي ئاش تاماقتىنمۇ قالدى.ئۇ بېشىنى ياستۇقتىنمۇ ككتۈرمەي ھالسىز يېتىپ كەتتى.چۈنكى ئۇ گۈلنارغا شۇقەدەر ئامراق ئىدىكى، قىزى يوق يەردە ھەتتا خىيالمۇ قىلمايتتى.ھەركۈنى ئەردەۋان  ئۇيقىدىن ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇرۇدىغان چاغدا ھەمدە  ئوردىغا ئىش بىلەن بارىدىغان چاغدا گۈلنار  ئۇنىڭ يېنىدا بولاتتى.گۈلنار ئەردەشىر بىلەن قېچىپ كەتكەن كۈننىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ كۈندىكى ئادىتى بويىچە شاھ ئاتىسىنىڭ كۆرپىسى يېنىغا كېلىپ ئۇنى ئويغاتمىغاچقا شاھ غەمكىن بولۇپ قالدى.قىزىنىڭ كىرىش ۋاقتى كېچىككەنچە كۆڭلى بىر ئىشنى تۇيغاندەك بولۇپ غەزەپلەندى.ئوردىغا چىققىسىمۇ كەلمىدى.شاھ سارىيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇنىڭ ۋەزىر- ئۇمەرالىرى ۋە باشقا ئوردا ئەمەلدارلىرى تەق بولۇشۇپ شاھنىڭ ئوردىغا چىقىپ ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈپ توپلىشىپ  تۇرۇپ كېتىشكەن ئېدى.شاھ كۈندىكى قارادا ئوردىغا چىقمىدى.ئارىدىن نەچچە ئاش پىشىپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسىمۇ يەنىلا چىقمىدى.شۇڭا ئۇلار شاھتىن ئەنسىرەپ بىر سەردارنى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزدى.سەردار شىرىن تىللىق بولۇپ ساداقەت سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ بولۇپ  مۇنداق دېدى:

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 12:59:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئەي ئۇلۇغ شاھىم،بىز ھەممىمىز ساراي ئىشىكى ئالدىدا توپلىشىپ مۇبەرەك دېدارىڭىزغا ئىنتىزار بولۇپ
تۇرۇپتىمىز. ھەرقانداق خىزمەت بولسا ئورۇنداشقا جېنىمىز پىدا!
-گۈلنار قىزىم كۈندە ئەتىگەندە يېنىمغا سالامغا كېلەتتى.لېكىن بۈگۈن سەھەر  كەلمىدى.ئۇنىڭ كېلىش يولىنى قايسى پوس ياكى سىفاھ توسۇپ قويدى؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
سەردار بىلەن بىرگە كەلگەن باش ۋەزىر شۇئان شاھنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ باش ئۇردى:
-يا ئۇلۇغ پادىشاھى ئالەم،مەلىكىنىڭ كېلەلمەسلىك سەۋەبىنى بىلىمىز،لېكىن ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىمىز.بىر قوشۇق قېنىمدىن كېچىپ ئېيتىشقا ئىجازەت بەرسىلە!
-تولا تىلىڭنى چاينىماي چاپسان ئېيت! قىزىم گۈلنارغا زادى نىمە ئىش بولدى.
-كەچۈرسىلە ئۇلۇغ شاھىم،بۇ مەلۇماتنى سىلىگە يەتكۈزمەسلىككە  ئامالىمىز يوق.مەلىكە گۈلنار قىز كېچىدىن ئەردەشىر بىلەن بىرگە قېچىپ كېتىپتۇ.
-قېچىپ كېتىپتۇ؟ قانداق قېچىپتۇ؟!

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 13:00:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-ئوردا ئاتخانىسىغا كىرىپ قارىساق ئاق تۇلپار بىلەن چىپار تۇلپار يوق تۇرىدۇ.ئەردەشىرمۇ بىرگە يوقۇلۇپتۇ.شۇڭا شۇنداقمىكىن دەپ گۇمان قىلدۇق.
بۇ ئىككى ئات ئەردەۋاننىڭ ئەڭ ئالى،ئەڭ ئۇچقۇر ئاتلىرى ئېدى.ئىقلىمدا چاپقۇرلۇقتا  بۇ ئىككى ئاتنى بېسىپ چۈشكىدەك ئۈچىنچى ئات تېخى يوق ئېدى.بۇ ئاتلار ئەردەۋانغا قانات بولۇپلا قالماي شان-شۆھرەتمۇ بېغىشلىغان ئېدى.سىرداش قىزىنىڭ ئەردەشىر بىلەن بىللە يوق بولۇپ كېتىشى،ئاتخانىدىنمۇ ئامراق ئىككى تۇلپارنىڭ ئۇلار بىلەن تەڭلا يوق بولۇپ كېتىشىدىن قارىغاندا قاپ يۈرەك يىگىت بىلەن ۋاپاسىز قىز راستىنلا بىرگە قېچىپ كەتكەن ئېدى.شاھ دەرغەزەپ بولۇپ ئەشۇ  غەزەپ كۈچىدىن تىترەپ كەتتى.ئوردا قوبۇلىغىمۇ بارماي ئۇدۇل ئاتخانىغا بېرىپ يەنە بىر يۈگرۈك ئەرەپ ئارغىمىقىنى جىددى توقۇتقۇزدى.شاھنىڭ غەرىزنى چۈشەنگەن باشقا ئوردا ئەمەلدارلىرىمۇ ئاتلىرىنى توقۇپ مىنىشتى ۋە شاھقا ئەگەشتى.ئاچچىق قامچا دەستىدىن ئاتلارنىڭ تۇيىقى قىزىپ بوراندەك چېپىپ كېتىشتى.ئۇ نامدارلار قوغلاپ كېتىۋېتىپ يول بويىدا بىر ماكاندىن ئۆتتى.ئۇيەردىكى يايلاقتا نەچچە مىڭلىغان چارۋىلار پاراۋان ئوتلاپ يۈرىشەتتى.شاھ چوپانلاردىن سورىدى:
-ئەي چوپانلار،سۇبھى مەزگىلىدە بۇ يەردىن ئىككى ئاتلىق قاچاق ئۆتتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ بىرى ئاق ئات،يەنە بىرى بولسا چىپار ئات مىنگەن.ئۇلارنى كۆردىڭلارمۇ؟

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 13:00:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوپانلاردىن بىرسى شاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ تېزلىكتە جاۋاپ بەردى:
-كۆردۈم،ھەقىقەتەن  بۇ يەردىن ئىككى ئاتلىق ئالدىراپ ئۆتتى. كېيىن ئۇلارنىڭ ئىزىدىن بىر ئارقارمۇ چېپىپ ئۆتتى.بىز شۇ كەمگىچە بۇنداق ئۇچقۇر ئاتلارنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدۇق.
بۇ جاۋاپ شاھنى تەئەججۈپلەندۈردى.شۇڭا ئۇ ۋەزىرىدىن سورىدى:
-ئەي ۋەزىر،بۇ نىمە گەپ؟چوپان تىلغا ئالغان ئارقارنىڭ سىرىنى باياڭ قىلىڭ!
-ئەي شاھىم،بۇ ئارقار جاناپلىغا شانۇ-شەۋكەت بېرۇر،شاھلىق ئىقبالىرىغا پۇشتى پاناھ بولۇر.قارىغاندا ئۇلارنى قوغلىماقتىن مۇددىئايىمىز ھاسىل بولمايدىغان ئوخشايدۇ.ئەگەر قوغلاۋەرسەك بېشىمىزغا بالا-قازا ياغقۇدەك.
-قۇرۇق گەپ قىلما! سەن ئارقارنى باھانە قىلىپ قوغلىمايلى دېمەكىمۇ؟ قوغلاش تەس كەلگەن بولسا قايتىپ كەت؟يۈرۈڭلار داۋاملىق قوغلايمىز،نەدىن بولمىسۇن تۇتۇپ كەلمەي قويمايمىز!
شاھ ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئۇزاپ كەتكەنلىكىنى مۆلچەرلەپ بېقىپ يەنە داۋاملىق قوغلاش ئۈچۈن ئېتىغا قامچا سالدى.قالغانلارمۇ داۋاملىق ئەگەشتى. ئۇلار ئەردەشىرنى قوغلاپ داۋانمۇ داۋان ئات سالدى.شاھ بىلەن ۋەزىر ھەممىنىڭ ئالدىدا ئات چاپتۇرۇپ ماڭماقتا ئېدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 13:01:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەردەشىر بىلەن گۈلنارمۇ ئۇلارنىڭ قوغلاپ كېلىشىنى پەملەپ ئاتلىرىغا قامچا ئۇرۇپ شامالدەك تېز چاپماقتا ئېدى.ئەنسىرەش تۈپەيلى  دەم ئېلىشنىمۇ خىيالىغا كەلتۈرۈشمەيتتى.بۇ دۇنيادا بەخت كىمگە يار بولسا ئۇنىڭغا دۈشمىنىدىن قىلچىمۇ ئازار يەتمەيدۇ.ئۇلار خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئات چاپتۇرۇپ ماڭغاندىن كېېيىن ئەردەشىرغا  ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق دەستىدىن ھاردۇق يەتتى.ئۇلار بىر ئىگىز داۋاندىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ پەس تەرەپتىكى بىر بۇلاققا كۆزى چۈشۈپ قالدى.تەشنا ئادەم بۇلاق كۆرۈپ قالسا يانداپ ئۆتۈپ كەتكىسى كېلەتتىمۇ شۇڭا ئەردەشىر  گۈلنارغا قاراپ مۇنداق دېدى:
-سۆيۈملۈكۈم،يول ئازابىنى خېلى تارتتۇق.قارىسام پەستە بىر بۇلاق تۇرىدۇ.شۇ بۇلاق بويىغا بېرىپ بىراز دەم ئالغاچ سۇ ئىچىپ تاماق يەۋالايلى.قارىسام بىزلا ئەمەس ئاتلارمۇ ئۇسسىغان ھەم ھارغاندەك،ئۇلارمۇ سۇ ئىچكەچ دەم ئېلىۋالسۇن.ھارغان ئۇلاغنى چاپتۇرۇۋەرسەك يولمۇ ئاۋۇمايدۇ.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 931
تۆھپە : 0
توردا: 49
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 13:01:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلنار قوشۇلدى.شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى يولدىن چىقىپ  پەسلەپ يان تەرەپ چوڭقۇرلۇقتىكى بۇلاق بويىغا كەلدى. ئۇلار بۇلاق بويىغا كېلىپ ئەمدىلا ئاتتىن چۈشمەكچى بولىۋاتقاندا ئۇ يەردە ئىككى يىگىت پەيدا بولۇپ قالدى.ئۇلاردىن بىرى ئەردشىرگە قاراپ مەسلىھەت تەرىقىسىدە  مۇنداق دېدى:
-تۇرقۇڭلاردىن قارىغاندا بىرەر يەردىن قېچىپ كەلگەندەك تۇرۇسىلەر،ئەقدىھا ئاغزىدىن خالاس بولۇپسىلەر،بۇ يەر توختاپ ئارام ئالدىغان يەر ئەمەس.ئەگەر ئارقاڭلاردىن قوغلاپ كېلىۋاتقانلارغا تۇتۇلۇپ قالمايلى دېسەڭلار ئات چۇلۋۇرىنى يەنىلا يولغا تارتىڭلار،يولدىن قالماڭلار!
ئەردەشىر گۈلنارغا قاراپ دېدى:
-سۆيۈملۈكۈم،بۇ يىگىت توغرا ئېيتىدۇ،بىز ئۇزاق يول باسقان بولساقمۇ تېخى خەتەردىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىدۇق.بىز يەنىلا يولىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۇ ئىچىش ۋە ئارام ئېلىشتىن ۋازكېچىپ يەنە يولغا چۈشتى.ئاتلار ئۇلارنىڭ غەرىزىنى چۈشەنگەندەكيولغا چىقىپ يەنە چېپىپ كەتتى.ھەقىقەتەن ئەردەۋانلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن بوراندەك تېزلىك بىلەن تاپ بېسىپ قوغلاپ كەلمەكتە ئېدى.

ئالدىنىپ ياشىغۇۇم يوق پەقەت، ئادەممەن ،ئادەمدەك ياشايمەن ئەبەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش