يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 6307|ئىنكاس: 149

گەپ قىلىۋاتقان مېنىڭ ئېغىزىم...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گەپ قىلىۋاتقان مېنىڭ ئېغىزىم...





ئاشخانا دېگەن تاماق يەيدىغان جاي، تاھارەت ئالىدىغان جاي ئەمەس! بىراق، ئاشخانىدا تاھارەت ئالسا بولمايدۇ دەيدىغان ھېچقانداق قانۇن-نىزام يوق. كىشىلەر ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىرىدۇ، ھەرگىزمۇ پايپاق يۇيغىلى ئەمەس!


بەلكىم ئۇ مەن ئويلىغىنىمدىنمۇ گۈزەل بۇلۇشى مۇمكىن. مەن ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە ھەسەت ئۇنىڭغا قاتتىق ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغاچقا، ئۇ خۇددى ماڭا ئۈكلەپ قويغان كاللىدەكلا كۆرۈنگەنىدى.


ھېچكىم ساڭا ۋەدە بەرمىسۇن، سەنمۇ ھېچكىمگە ۋەدە بەرمە! ھېچكىم ھېچكىمنى سۆيمىسۇن، ھەم سۆيۈلمىسۇن!!


بىرسىنىڭ مۇھاببىتىگە ئېرىشەلمەسلىك بىر ئازاپ بولسا، ئۇنىڭ مۇھاببىتىگە ئېرىشىش تېخىمۇ ئازاپ بۇلىدۇ.



ئېگىز-ئېگىز قارنىڭ چوققىسى..
ئۇخلاپ قالدى بۈگۈن نېمىشقا؟
قارنىڭ چوققىسى.. پۇچۇق قاناي..يىرتىق مەش..
ھە،ئىسىمگە كەلدى.
قوزىلىغان كالا ئەمەس، موزاي!



سەن ھەر قېتىم روھىڭنىڭ پايانسىز قىرغاقلىرىدا تەمتىرەپ يۈرگىنىڭدە مەن قىزغىن مۇھاببەتكە تولغان ئوتلۇق يۈرىگىمنى باغاشلاپ تۇرۇپ ئىسىمىڭنى قاتتىق توۋلايمەن. بىراق، سەن پەرۋاسىز مېڭىۋېرىسەن. مەن يەنە ئىسمىڭنى توۋلايمەن، يامغۇر پەرۋاسىز يىغىۋېرىدۇ...
مانا بۇ مېنىڭ مۇھاببىتىم!


مەقسەتىسزلا كوچىلارنى ئايلىنىشقا باشلىدىم. بەلكىم مەقسەتسىزلا كوچا ئايلىنىش مەقسەتلىك كوچا ئايلىنىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئەركىن ۋە ھۇزۇرلۇق ئىش بولسا كېرەك. چۈنكى بىز مەقسەتلىك كوچا ئايلانغىنىمىزدا كاللىمىزدا ئىنىق بىر نىشان، مەقسەت-مۇددىئا بولىدۇ. بىرەر نېمە سېتىۋالىمىز، ياكى بىرەر ئىش قىلىمىز دېگەندەك. بىراق، مەقسەتسىزلا كوچا ئايلانغىنىمىزدا كاللىمىزدا ھېچقانداق مەقسەت-مۇددىئا بولمايدۇ-دە، بىز تېخىمۇ ئەركىن، بەخۇدۈك ھالدا كوچىلارنى ئايلىنالايمىز.


كۈيۈپ تۇرۇپ كۆيمىدىم دېيىش، سۆيۈپ تۇرۇپ سۆيمىدىم دېيىش ئوغۇل بالىنىڭ قېلىدىغان ئىشى ئەمەس!


-مۇشۇ بىر، ئىككى كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن ئەزىز بىر مېھمىنىمىز بۇ يەرگە كەلمەكچى. بىز چۇقۇم ئۇنى ياخشى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.
-ھە، بىلدىم. ئۇنى ئۆلتۈرۋېتىدېكەنمىز-دە!
-ياق، كالۋا! ئۇ دېگەن مېھمان، مېھمانغا بىي ھۆرمەتلىك قىلساق بولمايدۇ. ئۇقتىڭمۇ؟
-ئەمىسە، ئۇنىڭ پۇت-قولىنى سۇندۇرۋەتسەك قانداق؟
-سەن......


سەن تاشلىغان ئەزىز تېنىمنى،
پۇرىۋالاي ئاخىرقى قېتىم.
يىغلىساڭمۇ ئېچىلىپ يىغلا،
كۈلۈپ تۇرۇپ ياش تۆكمە جېنىم!










ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-30 12:25:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن يىغلاشنى كىمدىن ئۆگەنگەن. نېمىشقا بۇنچىلا ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايسەن؟ ھا...ھا...يىغلا، ئېچىلىپ يىغلا! سەن ئاڭا مۇھتاج!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-30 12:27:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەك-ئۇ ئوغۇرلانغان! ئوغۇرلانغان يۈرەك يەنە كىمنى سۆيەلەيتتى؟! ئۇ ئەمدى مېھىر-مۇھاببەتتىن
سۆيۈش-سۆيۈلۈشتىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم!! ئۇ ئەمدى مەڭگۈ كۈلەلمەيدۇ،مەڭگۈ شادلىققا ئېرىشەلمەيدۇ!!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-30 12:27:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىمجىتلىق....
گويا ئالۋاستىنىڭ چۈشىدەك قورقۇنچلۇق ھەم سۈرلۈك! گويا ئاشىقنىڭ تۈنىدەك ئۇزاق ھەم ئازاپلىق!
سانسىز يالغۇزلۇق...
گويا زەھەرلىك ۋىروستەك تومۇر-تومۇرلىرىمغا، ھەر بىر ھۈجەيرەمگە تارقاپ مېنىڭ تامامەن تۈگىشىپ بولغان قۇپقۇرۇق روھى دۇنيايىمغا تولىمۇ دەھشەتلىك تۈردە ۋەھشىلەرچە تاجاۋۇز قىلماقتا......

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-30 12:27:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىسىز ھايات.. تەنھالىققا لىق تولغان روبىنزون كروزىچە تۇرمۇش! ئاھ، بۇ نەقەدەر دەھشەتلىك تۇيغۇ-ھە!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-30 12:28:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇنىڭ كەينىگە چۈشتۈم. بۇنداق دېسەم مېنى ساقچىمىكىن دەپ قالماڭ،مەن ساقچى ئەمەس،دادام ساقچى! ئۇ پات-پاتلا قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە ئىلكىدە كەينىگە قارىغىنچە تىز-تىز ماڭاتتى، مەن بۇ ھالدىن بەكمۇ سۆيۈنۈپ كەتتىم. ئاھ،باشقىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىش نەقەدەر ياخشى-ھە!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-30 12:28:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆينى ئۆي قىلغان ئىشىك. ئىشىكسزمۇ ئۆي بولامدۇ؟ لېكىن، قەبرىنىڭ ئىشىكى يوق،چۈنكى ئۇ ئۆي ئەمەستە!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-30 12:28:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سېنىڭ بۇ قەدەر گۈزەل بۇلۇپ كېتىشىڭنى پەقەتلا خالىمايمەن. سەن كۆزۈمگە قانچە گۈزەل بۇلۇپ كۆرۈنگەنسېرى، ئەكىسچە مەن شۇنچە ئازاپلىنىپ كېتىدىكەنمەن. چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ ساڭا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدىغانلىقىمنى بىلىمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-30 12:29:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باشقىلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىپ باقىمغان ئادەم تاشلىۋېتىلىشنىڭ دەردىنى بىلمەيدۇ. مەن مىڭ كۆزۈم بىلەن-گويا ئىچىرقىغان بۆرىنىڭ بىچارە قوزىغا ئېتىلغىنىدەك بېسىپ بولماس تەشنالىق، ۋە تەقەززالىق ئىلكىدە سېنىمۇ باشقىلارنىڭ خۇددى سەن مېنى تاشلىۋەتكەندەك تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرىڭغا پەرۋامۇ قىلماستىن تولىمۇ رەھىمسىزلىك تاشلىۋېتىشىنى كۈتمەكتىمەن...
سەن تاشلىۋېتىلگەن كۈن- ھاياتىمدىكى مەن خۇشال بولغان كۈن.
سەن تاشلىۋېتىلگەن كۈن- كۆز-ياشلىرىم ئېقىشتىن توختاپ، مەن زەھەرخەنلىك بىلەن قاقاقلاپ كۈلىدىغان كۈن!
سەن تاشلىۋېتىلگەن كۈن- ۋاي،ئاناڭنى! راستىنلا شۇنداق بولغان بولسا بەكمۇ ياخشى ئىش بولغان بولاتتى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-30 12:30:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىچە ئۆلمەي، تىرىك ياشاۋاتقانلىقىڭنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى. نېمىشقا بالدۇرراق ئۆلۈپ كەتمەيدىغانسەن؟!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-30 12:30:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇ گۈزەل ھەم نازاكەتلىك ئايال ئىدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىدىن پىشقان، بىجىرىم ئاياللارغا خاس بىر خىل كىشى قەلبىنى مەھلىيا قىلغۇچى سېھرى لاتاپەت ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇ سۆزلەۋاتاتتى
... مەن بولسام گويا سەھەردىكى بىر تامچە سۈزۈك شەبنەمدەك ئۇنىڭ گىلاستەك قىپقىزىل، تاتلىق لەۋلىرىدە قېتىپلا قالغانىدىم!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-30 12:30:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇ،ئىتنىڭ بالىسى! (ئەمەلىيەتتە مەندە ئۇنىڭ راستىنلا ئىتنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىگە ئائىت بىرەر دەلىل- ئىسپات يوق. بىراق، خەقلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى شۇنداق تىللايدۇ. شۇڭا مەنمۇ خۇددى دۇنيادا ئۇنى تىللىغىۇدەك بۇنىڭدىن باشقا بىرەر گەپ يوقتەك ئۇنى ‹‹ئتنىڭ بالىسى›› دەپ تىللايتتىم. ئىپلاس، سېسىقچىلىققا تولغان تاشلاندۇق تېنىڭنى دۇنياغا يۈك قىلغۇچە، ئۆلۈپلا كەتسەڭچۇ!!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-30 12:31:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەينەت، سېسىقچىلىققا تولغان تۇرمۇش. قاشاڭغىراپ، قوداڭشىپ كەتكەن تۇرمۇش.پاكلىق، مېھىر-مۇھاببەت، ساداقەت ئۈستىگە قورۇلغان تۇرمۇش. ئەر. بېلى بوش، لاتا بەل ئەر! قۇۋۋەتلىك
ئەركەكتەك ئەر! ۋاپاسىز، ئىمانسىز ئەر! ۋىجدانلىق، ئىمانلىق ئەر! ئايال. شۆھرەتپەرەس، غەيۋەتخور ئايال! ئاددىي-ساددا، يېقىشلىق ئايال! ئاغزى نەس، كاس-كاس ئايال! كەمسۆز، مۇلايىم ئايال! ھاياسىز، ئىپپەتسىز ئايال! شەرمى-ھايالىق، ساداقەتمەن ئايال!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-30 12:31:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن ھەرگىزمۇ مېنىڭ سۆيۈشۈمگە ئەرزىمەيسەن!
خارلانغان يۈرىگىم ئەمدى ھېچكىمدىن ھېچنېمە كۈتمەيدۇ. قانچىلىغان گۈزەل نازىنىنلارنى قاقشاتقان بۇ مەغرۇر تېنىمنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا بۇنچە خارلىققا قېلىشىنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغاندىم.توۋا، ئادەم چۈشىدىمۇ ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان نۇرغۇنلىغان قورقۇنچلۇق ئىشلار رېئال تۇرمۇشىمىزدىمۇ يۈز بېرىدىكەنغۇ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-30 12:32:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈم سەندىن قالدى. مەن بارا-بارا سېنى تېخىمۇ ‹‹ياخشى›› چۈشىنىشكە باشلىدىم. مەن سۆيگەن، كېچە-كۈندۈز زارىقىپ تەلمۈرگەن، ھەتتا جېنىمدىنمۇ ئەزىز دەپ بىلگەن بۇ ‹‹گۈزەل›› قىزنىڭ ئەسلىدە قۇرتلاپ كەتكەن سېسىق سۇ ئازگىلىدەك يىرگىنىشلىك، قوي تېرىسىگە ئورنىۋالغان ھىلىگەر تۈلكىدەك قۇۋ، ھەييار ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەنمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش