قۇپقۇرۇق روھىي دۇنيايىم گويا قاغجىراپ كەتكەن پايانسىز چۆل دەھشىتىدەك مەڭگۈلۈك بىر يوقلۇققا قاراپ يۈزلەندى. مەن قان-يىرىڭلار ئارىسىدا ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويدۇم.
تەسىۋىر: بىر بارمىقى ئۈزۈلگەن بىر جۈپ ئالقاندىن تېمىۋاتقان قان، پۆرەك-پۆرەك ئېچىلغان ئۆلۈم ئەتىرگۈلى،
مەينەت، سېسىقچىققا تولغان تۇرمۇش،يەنە.. يەنە قەلبىمدىكى ئەڭ گۈزەل ئىپلاس ۋۇجۇد! ئاھ،خۇدا!