بەلىكم بۇ خەتلەرنى يېزىشىمنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوقتۇ.بەلكىم مەن دۇنيادا ياخشى كۆرگۈدەك سىزدىن باشقا بىرەر قىز يوقتەك سىزدەك مېھىر-مۇھاببەتنىڭ، ۋاپا-ساداقەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان يۈرىكى تاشتىنمۇ قاتتىق رەھىمسىز قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئۇچچىغا چىققان بىر ئەخمەقتۇرمەن. بەلكىم خېتىمنى ئوقۇپ بۇلۇپ يىرگىنىشلىك بىر نەرسىنى تاشلىغاندەك تاشلىۋەتەرسىز، بەلكىم كۆڭلىڭىزمۇ ئازراق يىرىم بولۇپ بىرەر-ئىككى كۈنگىچە ئازاپلىنىپ يۈرەرسىز. بىراق، خاتىرجەم بۇلۇڭ. ئىككى كۈندىن كېيىنلا چۇقۇم ياخشى بۇلۇپ كېتىسىز-دە، ھېچ ئىش بولمىغاندەك يەنە ياشاۋېرىسىز.. چۈنكى سىز تۇغۇلۇپ تا-ھازىرغىچە بىرەر كۈنمۇ ھەقىقىي ياشاپ باققان ئەمەسسىز!
|