يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: تام

گەپ قىلىۋاتقان مېنىڭ ئېغىزىم...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-2-7 17:07:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋدايىلىقنىڭ باشلانمىسىدەك ھېس قىلدىم ، ئەمما سۆيۈندۈم ، داۋامىنى ئۇقۇشقا تەشنامەن !!!

ۋاقتى: 2013-2-7 17:19:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي قاراقچى تەلۋە بۇلاڭچى ،
قايسى چۆلدە قالدى ۋىساللار.
تەپتى ئاتەش چوغسىمان لەۋنى ،
نىچۇن مۇزغا تاشلىدىڭ خۇمپەر.



ھىچ بىلمىدىم مەنزىلىم قايان ،
نەدە قالدى شىرىن بۇ چۈشلەر .
كەچۈرمەيمەن سېنى ئەي ئەبلەخ،
ئاھ يۈرىكىم ،يۈرىكىم يىغلار...


ۋاقتى: 2013-2-7 18:03:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندىن رەنجىشكە ھەققىڭ يوق سەن ئۆزەڭگە قاراپ باقتىڭمۇ ؟
سېنى كەچۈرمەيمەن، ئۈمىدسىز، ئۇنسىز كۈتۈشلەر قوينىدا تالجىققان قەلبىم سەنسىرىغان دەقىقىلەردە قايدا قالدىڭ ؟؟؟
كۈتۈش تولىمۇ ئۇزۇن، تولىمۇ سوغوق كۈتۈشلەر قوينىدا قانچە تاڭلار سەنسىز ياش تۆكتى ؟؟؟ كەچۈرمەيمەن سېنى... بىھۇدە بەرگەن ۋەدىللىرىڭ ئالدىدا سەن ئامالسىز قالدىڭ، تاتلىق ۋەدىلىرىڭ ئالدىدا سەن گۇناھكار ...
مېنى سېغىنغان قەلبىڭ مىنى سېغىنىدۇ يۇ، بىراق سەن مېنىڭ ئەمەس.
مىنى ئامرىقىم دەيسەنيۇ، بىراق بىرەر قىتىم يىنمدا زىدىلەنگەن يۈركۈمنى ئەركىلەتكىنىڭ يوق ....   
كەچۈرمەيمەن سېنى، مىسكىن قەلبىمنى لىققىدە يالغۇزلۇققا تولدۇرۇپ كەچۈر دەپ پەش قېقىپ كىتىشىڭ قەلبىمگە ئۆچمەس نەپرەت تامغىسىنى ئۇيۇپ كەتتى ....
كەچۈرمەيمەن سېنى، شۇنچە شىرىن، شۇنچە تاتلىق مۇھاببىتىمنى بىلىپ تۇرۇپ ...ۋاز كەچكەن سېنى كەچۈرمەيمەن ...
ئېيتقىنا، مېنى تاشلاپ كەتكۇدەك نىمە گۇناھ قىلغان بولغىتىم .....
كەچۈرمەيمەن سېنى ...   
سۆيۈپ تۇرۇپ   
كۈيۈپ تۇرۇپ
مەن سۆيۈملۈك بىلىنمىگەن...  
ئاھ باغرىڭدا قاقاھلاپ بىرەر قېتىم كۈلمىگەن ....



يالپۇز تىۋىشلىرى


ۋاقتى: 2013-2-7 21:22:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالپۇز خانىم يەنە بولسا تۆكىڭە ، تىڭشايلى!

ۋاقتى: 2013-2-7 21:44:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەمەت ئۆمەر، ئەسقەر، ياسىن... يەنە بىر كىملەر مەمەت ئۆمەرنىڭ ئۆزىدەكلا گەپ قىلىدۇ دېسە....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-7 23:28:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز بالا بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالسلا ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-7 23:29:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىيال قىلدىغان بىر نەرسە بار،ئۇ بولسىمۇ-خىيال!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-7 23:31:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېنى ئۈمۈدسىزلەندۈرگەن ئادەمگە ئۈمۈدسىزلىك بىلەن جاۋاپ قايتۇر! ئۇ ئۈمۈدسىزلىك دەستىدىن ئۆلگۈدەك بولسۇن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-7 23:36:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە سىز مېنىڭ يەنە قايتىدىن ھاياتىڭىزدا پەيدا بۇلۇشىمنى خالىمىسىڭىزمۇ، مەن ئەزەلدىن سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا مەۋجۇت!
گەرچە سىز مېنى ئۇنتۇپ كەتتىم دېگەن بولسىڭىزمۇ، سانسىزلىغان ئەسلىمىلەر سىزگە يەنە مېنى ئەسلەندۈرىدۇ... خۇددى مەن سىزگە مەڭگۈ ئېرىشەلمىگەندەك سىزمۇ مەندىن مەڭگۈ قېچىپ قۇتۇلالمايسىز، مەڭگۈ مېنىڭ ئەسلىمەم ئىچىدە ياشايسىز....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-7 23:39  


ۋاقتى: 2013-2-7 23:40:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق چەك باسماس پەلىپەتىش گەپلەرنى قىلىپ زېھنىڭنى خوراتقۇچە، بىردەم كىتاب ئوقۇپ ئۆزەىچە بىر پىكىر جۇغلانمىسىغا ئېرىشىپ، ياخشى ئىجادىيەت قىلساڭچۇ ئىنىم!

دوستانىلىق بىلەن قاتتىق كەتسىمۇ ئۆزۈڭنى تىپىشىڭ ئۈچۈن،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ مۇنۇ رۇبائىيسىنى ساڭا ھەدىيە قىلاي:


جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا،
مۇھەببەت نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا.
ئىشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق،
ئۇنڭ ئەل ھېچقاچان دېمەيدۇ ناخشا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-7 23:50:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ـ قانداق قىلغاندا بولمىغۇر خىيال،ۋە خامۇشلىقتىن تەلتۈكۈس قۇتۇلغىلى بۇلىدۇ؟
ـ سوغۇق سۇدا يۈزىنى پاك ـ پاكىزە يۇيۇۋەتكەندىلا.
ئاھ، ئەگەر پەلسەپە دېگەن مۇشۇنداق ئاددىي بولىدىغان بولسا،بۇ دۇنيادا  ھەرگىز ياشىمايمەن!
ـ سىز ماڭا ئۆچمۇ؟
ـ ياق.
ـ ئۇنداقتا، ماڭا ئامراقكەنسىزـ دە!
ـ ھەئە.
ـ نىمشقا؟
ـ چۈنكى مەن ھەممە ئادەمگە ئامراق!
ئاھ، ئەگەر قىز بالا دېگەن مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا،مەن  مەڭگۈ بويتاق يۈرۈشكە رازى!
ـ مۇئەللىم ، پىرئەۋىننىڭ جەسىتى ھازىر قەيەردە؟ ئالىملار جەسەت ئۈسىتىدىن بىرەر تەتقىقات ئېلىپ باردىمۇ ـ قانداق؟ مۇشۇ ھەقتە ئازراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
ـ ئۇكام، جەسەت كۆرگۈڭىز بولسا تاختا كۆۋرۈككە چىقىىڭ،بۇ مۇھاكىمە قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس.
ئاھ، ئەگەر ئوقۇتقۇچى دېگەن شۇنداق بولىدىغان بولسا ، مەن مەڭگۈ ئوقۇتقۇچى بۇلۇشقا رازى!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-7 23:52:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى ئادملەر ئىنتايىن بىچارە. ئۇلار ئوموملىشىپ كەتكەن دەقىيانۇس دەۋىردىكى چۈپرەندى  ئۈمۈمىي چۈشەنچىلەرنىڭ شېرىن قۇربانلىرىدۇر. ئۇلار دۇنيادىكى ھەممە مەشغۇلاتىلىرنى بىر خىل نورمال تەپەككۇر ئاستىدا ئېلىپ بارىدۇ.ئازاپلانسا ياش تۆكىدۇ، خۇشال بولسا قېنقىنىغا پاتمايدۇ. بىرسىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلمىسە ئۆزىنى ئۇلۇغۋار ئازاپلانغۇچى قىياپىتىگە كىرگۈزۇۋېلىپ، ساختا ۋە ياسالمىلىقلارغا تولغان ئوتلۇق مۇھاببەت لىرىكىلىرىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.ئۆز  بېشىغا كەلگەن بالايى-ئاپەتتىنىڭ يەنە بىر ئاسايىشلىق، خەيرىلىك  ئىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقمايدۇ.خۇددى دۇنيادىكى قاغىلارنىڭ ھەممىسى قارىدەك ئاق رەڭلىك قاغىنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمايدۇ.  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-7 23:53:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاللىماسلىق- تاللاشنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى. سېنىڭ بىرەر نەرسىدىن ۋاز كېچىپ ئۇنى تاللىمىغىنىڭ تاللىماسلىقتىن ئىبارەت تاللاش يولىنى تاللىغانلىقىڭدىن دېرەك بېرىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-7 23:54:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر كىشىدىكى ساقال-بۇرۇت،  ئىمان-ئىتىقاد، يۈكسەل مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن بىرلەشكەندىلا ئاندىن ئۇ ھەقىىقي بىر ئەرلىكنىڭ بەلگىسى بولالايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ پەقەت بەدەندىكى بىر ئەرزىمەس تۈكلا خالاس!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-7 23:54:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشى شېئىرلارنى تاللاپ ئوقۇش كېرەك، ئەڭ ئېسىل ئادەملەر بىلەن ئارلىشىش كېرەك. شۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، خار-زەبۇنلىقتا ئىڭراپ ياتقان مەغلۇبىيەتچىلەر ھەرگىزمۇ بىزنىڭ خىلىمىز ئەمەس!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش