يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: تام

گەپ قىلىۋاتقان مېنىڭ ئېغىزىم...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-2-8 00:03:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mamat omar يوللىغان ۋاقتى  2013-2-7 23:55
قەلبىمدە مۇھاببەت بولمىغاچقا شېئىر يازىمەن!

«مىنى شېئىر يازسۇن دىسەڭ ،ئەي گۈزەل قىز! ئون يىللارغىچە ئۈزۈڭنى كۆرسەتمە»« مېنى  جىقراق پىكىر يۈرگۈزسۇن دىسەڭ ،ئەي گۈزەل قىز!نە شامال،نە سەھەرنىڭ ھاۋاسى ،نە يۇلتۇز، نە تاساددىبى ئۇچراپ قالىدىغان يۇلۇچىلاردىن سالامىڭنى يەتكۈزمە»   .......................

  بۇ گەپەرنى دىگەن كىم بولغىيدى ئۇكام . .....   

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-11 17:48:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يات شەھەردە مۇزدەك قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتىمەن.. بىرمۇ تونۇش ئادىمىم يوق.. ئۆزۈممۈ چۈشىنەلمەي بىر خىل تۇيغۇدا ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلدۇم...قار لەپىدەپ يېغىۋاتاتتى..


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-11 17:52:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتىدىغان بىر يەر تېپىۋالسام بولاتتى ، بەكلا مۇزلاپ كېتىۋاتىمەن...مۇزدەك سۇ بولغان بولسا-ھە! تىترەپ تۇرۇپ بىر ئېچىۋالسام.....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-12 02:37:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈن يېرىم..بەلكىم يۇلتۇزلارمۇ ئۇيقۇغا كەتكەن..
بۇنداق كېچىدە ھېچكىم مەندەك كىملەرنىدۇر قاتتىق سېغىنى چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتمەيدۇ، ھېچكىم مەندەك كۆزلىرى ئۇيقۇدىن يۇمۇلۇپ تۇرسىمۇ يازغۇچىلار مۇنبىرىگە كىرىپ ئوغۇرلىقچە شېئىر ئوقۇمايدۇ.. ھېچكىم مەندەك قىزلارنى پەقەت كارۋاتنىڭ زىننىتى دەپ قارىمايدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-12 02:40:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بارا-بارا ھەققىي قىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ياخشى كۆرۈشنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-12 02:41:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   دۇنيادىكى ئەڭ ئاسان ئىش-پۇل بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىشتۇر!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-12 10:54:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەشەمەتچىلىكىنى ۋە رومانتىكىلىقنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. بىر، ئىككى بوتۇلكا پىۋا، بىر قانچە ئۇششاق نەرسىلەر ھەمدە بىر قانچە شېئىر يازىدىغان ئاغىينىلىرىم بولسىلا مەن ھەر قانداق ناچار مۇھىىتتىمۇ ھەشەم ۋە ئادەمنى ھاياجانغا سالغۇدەك رومانتىكىنى ھېس قىلالايمەن...!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-12 10:57:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى باشىقىلارنىڭ  قانداق دىيىشىدىن قەتئىينەزەر مەندە مۇشۇنداق بىر نەرسىلەرنى يېزىش ئىشتىھاسى تۇغۇلدى. ئۆزۈم خالاپ قىلغان ئىش-ئۆزۈمدە تۇرىدىغان ئىش. بۇنداق قىلىشنى ئۆزۈم خالىغان ئىكەنمەن،باشقىلار بىلەن نېمە كارىم!؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-12 11:02:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇ كىنونى كۆرۈۋېتىپ شۇنداق يىغلاپ كېتىپتىمەن. ۋاي،ئاناڭنى! ئوبراز يارات دېسە ئاشۇنداق ئىچىنشىلىق ۋە كۈلپەتلىك يەنە ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق قاملاشتۇرۇپ ياراتقان بارمۇ؟ مەنچە بۇ رېئالىزىمنىڭ پاتقىقىغا پاتقانلىق! رېئالىزىمنىڭ ماڭا قىلغان ئەشەددىي ھۇجۇمى!
مەن رېئالىزىمدىن نەپرەتلىنىمەن! چۈنكى ئۇ ماڭا ھەر دەقىق رېئاللىقىنىڭ قانچىلىق ئېچىنىشلىق، ياشاشنىڭ قانچىلىك جاپالىق ھەمدە ئۇزاق بىر جەريان ئىكەنلىكىنى، ياشاش ئۈچۈن كۆپلىغان بەدەللەرنى ، گۈزەل-گۈزەل ئىستەكلەردىن،ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەردىن ۋاز كېچىشقا مەجبۇر قلىدۇ..
مەن رېئالىزمدىن نەپرەتلىنىمەن! بىراق تۇغۇلۇپ تا-ھازىرغىچە مەن رېئالىزىمدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلىپ باقمىدىم. ئاھ،خۇدا! بۇ نېمىدىگەن پەسكەشلىك-ھە!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-12 11:07:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
80-يىللىقلار ئەدەبىياتىدا تۇيۇقسىز بىر نەرسىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. ئۇ بولسىمۇ ئەخمەتجان ئوسماندەك نەزىرىيىگە پىششىق بۇلۇش، پەرھات تۇرسۇندەك ساراڭلىق قىلالايدىغان، ئابدۇقادىر جالالىدىندەك رېئاللىقىنى يازالايدىغان بىر تۇركۈم ياشلارنىڭ كەمچىل بۇلۇشى. مەنچە بۇ ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئەھۋال!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-12 11:12:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سۆزگە يېقىنلىشىۋاتىمەن... سۆزگە قانچە يېقىنلاشقانسېرىم قولۇمغا قەلەم ئېلىشتىن قورقىدىغان،ھاياجان بىلەن بىر نەرسە يازالمايدىغان بۇلۇپ قالدىم. باشقىلار مېنى بەكلا ماختىۋەتتى، مەن سانسىزلىغان ئالقىش ۋە قۇرۇق ماختاشلار ئارىسىدا قولۇمغا قەلەم ئالغۇدەك ۋاقىت چىقىرالمىدىم. تۇغۇلۇپ تا-ھازىرغىچە ئۆزۈم رازى بولغۇدەك بىرەر نەرسە يېزىپ چىقالمىدىم.
يېزىش-مەسئۇلىيىتى تولىمۇ ئېغىر  ۋە جاپالىق بىر جەريانكەن! مېنىڭ ئارتۇقچە مەسئۇلىيەتنى ئارتۇقچە جاپالارنى تارتقۇم يوق.
يازماسلىق-تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشقا يېقىن كىلىدىغان تۇيغۇ! ئەمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟! دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىش ھاجەتسىزدەك بۇ سوئالنىڭمۇ جاۋابى بولمىسا كېرەك!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-12 11:13:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانچۇقۇڭدا پۇل بار بولسىلا ھەر قانداق يەرگە كۆنەلەيسەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-12 11:15:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيۇتىر ئادەمنى بەكلا بىزار قىلىۋېتىدۇ.. چۈنكى ئۇ ئادەمنى بەكلا چارچىتىۋېتىدۇ.. بىراق مەن  تورغا چىقىشقا ئامراق! چۈنكى مەن ئامالسىز... بۇ مېنڭ خاتالىقىم ئەمەس، ھەممىسىگە دوڭكۆرۈكتىكى ياسىنجان سەۋەپچى !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-12 11:54  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-12 11:18:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ چېچىنى يۇيۇپ بۇلۇپ رەتلىك تارىدى-دەم ماڭا قاراپ تاتلىق كۈلۈمسىرىدى:
- چېچېمنى مۇشۇنداق قويۇپ بەرسەم چىرايلىق بولامدىكەنمەن؟!
مەن سۇسقىنە كۈلۈمسىردىم:
-ياق، ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق يۈرمەڭ! چۈنكى ئۇنداق يۈرسىڭىز مەن چۇقۇم  بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشۇم مۇمكىن. چۈنكى گۈزەل نەرسىلەر سېنى ئاسانلا بەربات قېلىۋېتىدۇ...مەن گۈزەل نەرسىلەرگە تەلپۈنىمەن، بىراق مەڭگۈلۈك ئېرىشىش خىيالىدا بۇلۇپ باقىمدىم. چۈنكى مېنىڭ يەنە ئۇنداق تەسۋىرلىگۈسىز ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرەلىگۈچۈم يوق!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-13 22:39:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قورسىقىم تويدى،ئەمدى ئادەمدەك ئولتۇرۇپ بىر نەرسە يازاي.. بىراق نېمە يازسام قانداق يازسام بولار؟ ھە،راسىت سىرتتا قار يېغىۋېتىپتۇ...قاردىكى تۇيغۇلىرىمنى يازايمۇ-يە؟ ياق، قار توغرىسدا، قارغا ئاتاپ شېئىر يازمىغان ئۇيغۇر جەمىئىيتىدە پەقەت مەنلا قالدىم.. مەن بولساممۇ ئۆزۈمنى پاك تۇتاي..ئەمىسە ئۇمۇ بولمىسا بۇمۇ بولمىسا.. نېمە يازسام بولار؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-13 22:39  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش