ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇزىتىپ چىققىنىمدا نېمىشقىدۇر ئاۋازىم ئىچىمگە چۈشۈپ كۆزلىرىمگە يىغا ئولاشتى. ئاۋازىمنىڭ يىغلامسىراپ چىقىشدىن، كۆزلىرىمدا يالتىراپ تۇرغان ياش قەترىلىرنى ئۇنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىردىم بولغاي، ھەتتا ئۇنىڭ مەندىن ئەستايىدىللىق بىلەن سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرمەستىن ئۇنىڭ بىلەن يانمۇ-يان مېڭىۋەردىم. .. بىردىنلا ئۇنى مەھكەم قۇچاقلاپ پۈتكۈل مۇھەببىتىم بىلەن باغرىمغا باسقۇم كەلدى، بىردىنلا مەندە ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر خىل قىيالماسلىق، چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشكە ئوخشايدىغان بىر خىل تۇيغۇ دەقىقە ئىچىدە چاقناپ ئۆتتى.
ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان گەپلەرنى دېگۈم بار ئىدى خۇددى كىنولاردەكى ئەڭ ئۇلۇغ ساختا ئارتىسلارغا ئوخشاش ئۇنىڭغا ئېسىلىپ تۇرۇپ سىزدىن ئايرىلسام ئۆلىمەن دېمەكچىمۇ بولدۇم.. بىراق ئۇزۇن چاچىلىرىمدا كۆزۈمنى توسۇپ تۇرۇپ ياخشى ئارام ئېلىڭ، بۈگۈن بەكلا چارچىدىڭىز دېدىم-دە، ئاستا كەينىمگە ياندىم..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mamat omar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-14 02:22