يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 3676|ئىنكاس: 149

ئىمىر غىياس:«ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە ئىزدىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-12 12:36:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
«ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە ئىزدىنىش 

ئىمىر غىياس

     ئېتىمولوگىيە تارىخىي سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ لېكسىكولوگىيە تىپىدىكى پەن قاتارىغا كىرىدىغان بولۇپ، ئىلمىي يوسۇندىكى ئېتىمولوگىيە تەتقىقاتى تىلشۇناسلىقنىڭ ئىلمىي قانۇنىيەتلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن، مۇئەييەن بىر سۆزنىڭ مەزكۇر سۆزنى ئىشلەتكۈچى مىللەتنىڭ تىلىدا قاچان، قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكى، قانداق فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسىغانلىقى، قانداق مەنىنى ئىپادىلىگەنلىكى، قوللىنىلىش جەريانىدا «مەنە ئۆزگىرىش ھادىسىسى» يۈز بەرگەن- بەرمىگەنلىكى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىن باشقا يەنە ئۇنىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى بىر تىلدىكى شەكلى ۋە مەنىسىنىمۇ يىپ ئۇچى قىلغان ھالدا ئىزدىنىش قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا شۇ سۆزنىڭ ھەممە تىل ئەھلىنى قايىل قىلىدىغان ئىپتىدائىي ياكى ئەڭ دەسلەپكى مەنىسىنى تېپىپ چىقىدۇ. شۇنىڭغا، ھەر قانداق بىر سۆز- ئاتالغۇنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە ئىزدەنگەندە ماتېرىيالىزملىق تەتقىقات مېتودى بويىچە ئېتىمولوگىيە ئىلمىنىڭ ۋە تىلشۇناسلىقنىڭ نەزەرىيە، ئۇسلۇب جەھەتتىكى خاس قانۇنىيەتلىرىگە جەزمەن قاتتىق ئەمەل قىلىش، بۇ ئىشتا ئىلمىي ئاساسى يوق تەسەۋۋۇر ۋە توقۇلما گەپلەرگە قەتئىي ئورۇن بەرمەسلىك تەلەپ قىلىنىدۇ. «ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە ئىزدىنىشمۇ مۇشۇ تەلەپنىڭ ئىچىدە، ئەلۋەتتە. گەرچە، ھۇنلار ھەققىدە ئۇيغۇر تىلىدا توم- توم كىتابلار ۋە ھېسابسىز ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما «ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە، مەسىلەن، «ھۇن» سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قاچان ۋە قانداق كىرگەنلىكى، قايسى سۆزدىن كەلگەنلىكى، قانداق تارىخىي پاكىت ئاساسى بارلىقى ھەققىدە ئادەم قايىل بولغۇدەك ماقالە ئېلان قىلىنمىدى. شۇنچە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان قەدىمكى بىر قوۋم نامىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىگە دائىر تۈزۈك بىر ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنماسلىقى ئورۇنلۇق بولمىسا كېرەك. شۇنىڭغا، «ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، بۇ سوئاللارغا ئىلمىي رەۋىشتە جاۋاب بېرىش ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈردۇر.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 1986- يىل 8- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «قەدىمكى‹ھون› ئاتالغۇسى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىدە «ھۇن»سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى بايان قىلىنىپ: «‹ھون› سۆزى ‹كۈن› سۆزىدىن كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم.... قەدىمكى چاغلاردا ھونلار ئۆزلىرىنى ‹كۈنلەر› دەپ ئاتاشقان ئىكەن. ‹كۈن› سۆزى كېيىنكى كۈنلەرگە كېلىپ ‹ھون› سۆزىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىكەن. يەنە باشقا تارىخىي خاتىرىلەردىمۇ ‹ھون› سۆزىنىڭ ئورخۇن دەرياسىنىڭ نامىدىن كېلىپ چىققانلىقى يېزىلغان. قەدىمكى چاغدا ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزمۇ ئۆزىنى شۇ دەريانىڭ نامى بىلەن ‹خۇن› دەپ ئاتاشقان ئىكەن. مانا شۇ ‹خۇن› سۆزى ‹ھون› سۆزىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىكەن» (نەقىلنىڭ ئىملاسى ئەينەن ئېلىندى) دېگەن قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بەزىلەر «ھۇن» سۆزىنىڭ «كۈن» سۆزىدىن «ئۆزگىرىپ كەلگەن»لىكىنى ماقالىلىرىدە يېزىشقان. ئەمما، «كۈن» سۆزىنىڭ «ھۇن» سۆزىگە ئۆزگىرىپ قېلىشى زادى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، «كۈن» سۆزى مىلادىيەدىن بۇرۇنلا پايدا بولغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ «ھۇن»غا فونېتىك ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىرمۇ تىل پاكىتلىرى تېپىلمىدى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىدىن ئېيتقاندىمۇ، «ھۇن»نىڭ «كۈن»دىن ئۆزگىرىش ياسىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەلۋەتتە «ھۇن»نىڭ يەنە «ئورخۇن»دىكى «خۇن»دىن ئۆزگىرىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس («ئورخۇن» سۆزى «بايان چور مەڭگۈ تېشى»دا «ئورقون» ئىملاسىدا يېزىلغان. شۇنىڭغا، بۇ سۆزنى مۇشۇ قۇردىن باشلاپ مۇشۇ ئىملا بىلەن ئاتايمىز). چۈنكى، بۇ قاراشنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق تىل پاكىتلىرى يوق.
بىزگە مەلۇم، ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان «ھۇن» سۆزىنىڭ ئاساسى رۇس تىلىدىكى Гунны- Гунн (گۇن- گۇننېي) سۆزىدۇر، ئۇنىڭ ئاساسى ئىنگلىزچىدىكى Huns-  Hun(خان- خانس) سۆزىدۇر، ئۇنىڭ ئاساسى بولسا خەنزۇچىدىكى 匈奴 Xiongnu) ـــ شيۇڭنۇ)دۇر. «شيۇڭنۇ» سۆزى شۇ ناملىق قەدىمكى قەبىلىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قەدىمكى خەنزۇ تىلىدىكى نامىدۇر. بۇ تۆت سۆز نۆۋەتتە مەنە جەھەتتىن گەرچە ئوخشاش مەنەنى ئىپادىلىسىمۇ، ئەمما پەيدا بولغان ۋاقتى، كېلىپ چىقىش مەنبەسى، قوللىنىلىش جەريانى، ئىستېمال شارائىتى يېقىدىن بىر سۆز ئەمەس. مەسىلەن، بۇ تۆت سۆز ئىچىدە ئەڭ ئالدى بىلەن «شيۇڭنۇ» سۆزى، ئاندىن «خان- خانس» سۆزى، ئاندىن «گۇن- گۇننېي» سۆزى، ئاندىن «ھۇن» سۆزى مەيدانغا كەلگەن؛ بىرىنچىسى قەدىمكى خەنزۇچە ۋەسىقىلەردە قوللىنىلغان، ئىككىنچىسى 18- ئەسىرنىڭ بېشىدا فىرانسىيەدە، ئۈچىنچىسى 19- ئەسىرنىڭ 30 ـــ 40- يىللىرىدا رۇسىيەدە، تۆتىنچىسى 20- ئەسىرنىڭ 10 ـــ 40- يىللىرىدا تۈركىيەدە، ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇر تىلىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە قوللىنىلغان.  
«تارىخىي خاتىرىلەر»، «خەننامە»، «كېيىنكى خەننامە»، «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق تارىخ كىتابلىرىدا خاتىرىلىنىشىچە، تارىختا مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىن مىلادىيە 4- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا 匈奴 (شيۇڭنۇ) نامى بىلەن ئاتالغان، تازا كۈچەيگەن چاغدىكى تېررىتورىيەسى داگېبى (چوڭ چۆللۈك، يەنى بۈگۈنكى جۇڭگو ئىچكى موڭغۇل ۋە موڭغۇلىيەنى كۆرسىتىدۇ)نى مەركەز قىلىپ شەرقتە ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي تۆت ئايمىقىدىن غەربتە پامىر تېغىغىچە، شىمالدا بايقال كۆلىدىن جەنۇبتا سەددىچىن سېپىلىگىچە بولغان جايلاردا ياشىغان ۋە «شيۇڭنۇلار ئىتتىپاقى»نى قۇرغان بىر قەبىلىلەر بىرلەشمىسى ئۆتكەن. ئەپسۇسكى، ئۇلار قەدىمكى خەنزۇچە تارىخ كىتابلىرىدا 匈奴 (شيۇڭنۇ) دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىدا نېمە دېيىلگەنلىكى ھەققىدە «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى تېپىلىپ (بۇ كىتاب 1930- يىلنىڭ ئالدى- كەينىدە شىنجاڭدىن تېپىلغان) تاكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» تەتقىق قىلىنغۇچىلىك ئارىلىقتا ھېچكىم ھېچنېمە بىلمىگەن. چۈنكى، شيۇڭنۇلار تۇرماق «شيۇڭنۇ» سۆزى ھەققىدىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ھېچقانداق مەلۇمات قالدۇرۇلمىغان. شۇنىڭغا، 18- ئەسىردىكى ياۋروپا شەرقشۇناسلىرى «شيۇڭنۇ» سۆزىنى Huns-  Hunدەپ، رۇسىيە شەرقشۇناسلىرى بولسا 19- ئەسىرنىڭ 30 ـــ 40- يىللىرىدىن باشلاپ       Huns-  Hunنى  Гунны- Гунн دەپ تىرانسكرىپسىيە قىلغان، 20- ئەسىرنىڭ 10 ـــ 40- يىللىرى ئارىلىقىدا ئەھمەد زەكى ۋەلىدى (توغان) رۇس تىلىدىكى Гунн (گۇن ـــ بىرلىك) ۋە Гунны (گۇننېي ـــ كۆپلۈك) ئاساسىدا «ھون» ۋە «ھونلار» دەپ يازغان، ئۇيغۇرلار بولسا ئەنە شۇ ئەھمەد زەكىنىڭ تىرانسكرىپسىيەسىنى قوبۇل قىلغان. ئىنگلىزچىدىكى  Hun بىرلىك بولۇپ، 3- تون (﹀ تونى)دا «خان»غا مايىل تەلەپپۇز قىلىنىدۇ؛ Huns بولسا كۆپلۈك بولۇپ، «خانس»قا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئىنگلىزچىدىكى H ئۇيغۇر تىلىدىكى «خ» بىلەن «ھ»نىڭ ئارىلىقىدا «خ»غا يېقىنراق تەلەپپۇز قىلىنسا، u «ئا» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، s بولسا يېنىكرەك «س» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە كۆپلۈكنى بىلدۈرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك  Hun ئۇيغۇر تىلىدا «ھون» ياكى «ھۇن» دەپ، Huns بولسا «ھونلار» ياكى «ھۇنلار» دەپ ئىپادە قىلىنغان. ئەمما، Hun سۆزىنى بەزىلەر ئايرىم ئەھۋالدا «ھۇن»غا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ دەپمۇ قارايدىكەن، ئەگەر بۇ قاراش توغرا بولسا، ئۇنداقتا، Huns ئۇيغۇرچىدىمۇ «ھۇنلار» دېگەن تەلەپپۇزدا ئىپادىلىنىدۇ. Huns- Hun سۆزىنىڭ فىرانسۇز تىلىدىكى تەلەپپۇزىمۇ ئىنگلىز تىلى بىلەن ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، بىز  Huns- Hun سۆزىنىڭ لاتىن يېزىقىدىكى تەلەپپۇزى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزگەندە ئۇنىڭ 18- ئەسىردىكى تەلەپپۇزىنى ئاساس قىلىش كېرەك دەپ قارايمىز. چۈنكى، بۇ سۆز 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يەنى 1710- يىللىرىنىڭ ئالدى- كەينىدە تۇنجى بولۇپ فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى مەلۇم. ئەمدى رۇسچىدىكى «گۇن» بىرلىك بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرچىدا «ھۇن» ياكى «ھون» دەپ تەرجىمە قىلىنغان، «گۇننېي» بولسا كۆپلۈك بولۇپ، «ھۇنلار» ياكى «ھونلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. رۇس تىلىدا H نىڭ تەلەپپۇزىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرپ بولمىغانلىقتىن، ئۇنى «گ» بىلەن ئىپادىلىگەن. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، «شيۇڭنۇ» خەلقىنىڭ نامىنى بىلدۈرگەن بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىدا ھازىرغىچە «ھون- ھونلار» ۋە «ھۇن- ھۇنلار» دېگەن ئىككى خىل ئىملادا ئىپادىلەنگەن. ئەمما، ئۇيغۇر تىلىدا Hun بىلەن Гунн نى تامامەن ئەينەن ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى بار، مەسىلەن، ئۇلارنى «خان»، «گۇن» دەپ ئىپادىلىگىلى بولىدىغان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا «ھون» ياكى «ھۇن» دەپ ئىپادىلەنگەنلىكى بىزنى ئويغا سالىدۇ. بۇ ئېنىقكى، ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى ئەھمەد زەكىنىڭ تىرانسكرىپسىيەسىدە مەسىلە بارمۇ- يوق دېگەننى ئويلاشمايلا قوبۇل قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇنداقتىمۇ بىز بۇنىڭلىق بىلەن «ھۇن»نىڭ ئىنگلىزچە- رۇسچە تەلەپپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلمايمىز. چۈنكى، بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىغا مۇشۇنداق ئۆزلەشكەن، ئەمدى ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرسەك بىر مۇنچىلىغان ئاۋارىچىلىك كېلىپ چىقىدۇ. ئەمما، بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ «ھۇن» سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دېگەنلىك ئەمەس. «ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە جەزمەن توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش كېرەك. ناۋادا خەلقئارا يىغىنلاردا بىرەر چەت ئەللىك ئالىم بىزگە ھۇنلارنىڭ نامىنى نېمىشقا شۇنداق ئاتىدىڭلار دەپ سوئال قويۇپ قالسا (مۇنداق سوئالنىڭ سورالماسلىقى ناتايىن. چۈنكى، چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلار مۇنداق ئىشقا ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ)، ئەنە شۇنداق جاۋاب بېرىمىز. ئۇنداق بولمىغاندىمۇ قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن مەشھۇر بىر مىللەت نامىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارماسلىق ۋە توغرا تونۇشقا ئىگە بولماسلىق ئىلمىي تەتقىقاتتىكى مېتود ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. دېمەك، «ھون- ھونلار» بىلەن «ھۇن- ھۇنلار» ـــ بىر سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئىككى خىل ئىملادا ئىپادىلىنىشىدۇر، بۇ ئىككىسىدىن كېيىنكىسى توغرا، ئاۋۋالقىسىدا ئىملا خاتالىقى بار. تىلشۇناسلىقتا تارىختىكى مىللەتنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنى يۈز پىرسەنتلىك ئىملا بىلەن تىرانسكرىپسىيە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. تارىخىي مەنبەلەردىكى كىشى ئىسىملىرى، مىللەت- دۆلەت ۋە يەر ناملىرىنى يۈز پىرسەنتلىك ئىملا بىلەن تىرانسكرىپسىيە قىلمايدىغان تارىخچىلارنى تارىخشۇناسلىق ۋە تىلشۇناسلىق ئىلمى قوللىمايدۇ. شۇنىڭغا، ھۇنلارنىڭ نامىنى توغرا يېزىشقا ئادەتلىنىش، شيۇڭنۇ، Huns- Hun، Гунны- Гунн، ھۇن قاتارلىق تۆت سۆزنى بىر قوۋمنىڭ ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ئوخشاش بولمىغان تەلەپپۇزى ۋە بىر خىل مەنە ئىپادىلىگەن نامى دەپ چۈشىنىش كېرەك.
ئۇنداقتا، Huns- Hun، Гунны- Гунн سۆزلىرى قاچان ۋە قانداق مەيدانغا كەلگەن؟ «ھۇن» سۆزىچۇ؟ ئۇ ئۇيغۇر تىلىغا قاچان، كىمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كىرگەن؟ بايا ئېيتقىنىمىزدەك، شيۇڭنۇلار، يەنى ھۇنلارنىڭ قەدىمكى زاماندا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا تىللاردا نېمە دەپ ئاتالغانلىقى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. ئۇيغۇر تىلىدىمۇ 20- ئەسىردىن ئىلگىرى «شيۇڭنۇ» سۆزى تۇرماق «خان- خانس»، «گۇن- گۇننېي» ياكى «ھۇن» ئىبارىلىرىمۇ قوللىنىلمىغان. دېمەك، «شيۇڭنۇ» سۆزىنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى پەقەت «تابغاچ تىلى» (قەدىمكى خەنزۇ تىلى) دىنلا ئىبارەت. ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىش كېرەككى، «ھۇن» سۆزى رۇسچە «گۇننېي»نى، «گۇننېي» بولسا «خان- خانس»نى، «خان- خانس» بولسا «شيۇڭنۇ»نى رۇس، ئىنگلىز تىللىرىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە مۇناسىپ تىرانسكرىپسىيە قىلىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان. «خان- خانس» سۆزى ئەڭ دەسلەپ 18- ئەسىردە پارىژدا مەيدانغا كېلىپ 19- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا  پۈتكۈل ياۋروپاغا كېڭەيگەن؛ ئاندىن رۇسىيە شەرقشۇناسلىرىدىن ئى. بىچۇرىن (1777 ـــ 1853)، ئا. كازىمبېك (1802 ـــ 1870)، ۋ. ۋاسىليېۋ، ئا. ن. كوروپاتكىن، ۋ. ۋ. رادلوف، ك. ئىنوسترانسېۋ؛ سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركولوگلىرىدىن ۋاسىلىي ۋلادىمىروۋىچ بارتولد، س. ئى. مالوف، ن. ئا. باسكا كوۋ، ل. يۇ. تۇگۇشېۋا قاتارلىق كىشىلەر    Hun-Huns نى رۇس تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن ھالدا Гунны- Гунн شەكلىدە قوبۇل قىلغان؛ ئاندىن ئەھمەد زەكى (1890 ـــ 1970) قاتارلىق كىشىلەر «گۇن- گۇننېي»نى «ھون» تەلەپپۇزىدا تەرجىمە قىلىپ قوبۇل قىلغان؛ ئاندىن 1970- يىللىرىغا كەلگەندە ئەنە شۇ ئەھمەد زەكىنىڭ «ھون» (بۇ يەردە ئەھمەد زەكىنىڭ ئىملاسىغا ھۆرمەت قىلىندى. تۆۋەندىمۇ شۇنداق) دېگەن تىرانسكرىپسىيەسى ئاساسىدا ئۇيغۇر تىلىغا كىرىپ كەلگەن. ئەگەر، بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىغا ئۇنىڭدىن بۇرۇنلا كىرگەن دېيىلسە، ئۇنداقتا، ئەڭ بالدۇر دېگەندىمۇ 1940- يىللىرىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىلمىغان. شۇنىڭغا، بۇ ۋاقىت چېكىنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەمما، «ياۋروپا شەرقشۇناسلىرى» دېگەندە كونكرېت كىملەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، يەنى Hun- Huns سۆزىنى تۇنجى قېتىم تىرانسكرىپسىيە قىلىپ چىققان ياۋروپالىق شەرقشۇناسنىڭ زادى كىملىكىنى پېقىر يۈزدەيۈز ئېنىقلاپ چىقالمىدىم. شۇنداقتىمۇ، ئىزدىنىش جەريانىدا بۇ مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولالىدىم. ھالبۇكى، بۇ «يىپ ئۇچى» تامامەن ئىشەنچلىك بولۇشى ناتايىن. چۈنكى، Hun- Huns سۆزى مەيدانغا كەلگەن 300 يىلدەك ۋاقىتتىن بۇيان، فىرانسۇز، ئىنگلىز، شىۋېت، نېمىس، ۋېنگىر، رۇس، يەھۇدىي، تۈركىي تىللاردا توم- توم، دۆۋە- دۆۋە كىتابلار ۋە سان- ساناقسىز ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان (Hun- Huns قا دائىر ماقالە- ئەسەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ پورترېتىگە دائىر سۈرەتلەر، فىلىملەر توردا تېخىمۇ نۇرغۇندۇر) بولغانلىقتىن، مۇنداق غايەت چەكسىز ماتېرىيال دېڭىزىدىن  Hun- Huns سۆزىنى ئەڭ بۇرۇن كىملەرنىڭ ئەسىرىدە قوللىنىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. بەيدۇ  تورىدىكى بەزەن ماقالىلەردە 18- ئەسىردە فىرانسىيەلىك ئاكادېمىك جوسېپ دې گۇئىگنې (Joseph de Guignes) دېگەن ئادەم (بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى ھەر خىل كىشىلەر تەرىپىدىن ھەر خىل يېزىلغان) «شيۇڭنۇ» بىلەن Huns نى بىر- بىرگە «يەملەپ» تۇتاشتۇرغانلىقى، شۇنىڭدىن كېيىن Huns نىڭ «شيۇڭنۇ»نىڭ مەنەدىشى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنغانلىقى يېزىلغان. جوسېپ دې گۇئىگنې (م. دېگۇئىگنې) فىرانسىيەلىك شەرقشۇناسلار ۋە خەنزۇشۇناسلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىلى بولۇپ، Hun لارغا دائىر بىر قانچە كىتابى نەشر قىلىنغان.
لېكىن، ئەمەلىيەتتە Hun نىڭ مەيدانغا كېلىشى شەرقشۇناسلىقنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالغان. مەسىلەن، شەرقشۇناسلىق ئەڭ دەسلەپ 18- ئەسىردە غەربىي ياۋروپادا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بولغان خەنزۇشۇناسلىقمۇ دەل مۇشۇ مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن. بولۇپمۇ، بىر قىسىم مىسسىيونېرلەرنىڭ 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جۇڭگوغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى ۋە خەنزۇ مەدەنىيىتىنى غەربلىكلەرگە تونۇشتۇرۇشى نەتىجىسىدە خەنزۇشۇناسلىق تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ياراتقان. خەنزۇشۇناسلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ خەنزۇ تىلى ۋە خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلغان تارىخنامىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملارمۇ يېتىشىپ چىققان، ئۇلار ئۆزلىرى مۇھىم دەپ قارىغان خەنزۇچە تارىخنامىلەرنى تەرجىمە قىلىپ غەربلىكلەرگە تونۇشتۇرغان، بۇ جەرياندا مۇشۇنداق تارىخنامىلەردىكى كىشى ئىسىملىرى، مىللەت ۋە يەر ناملىرى ئۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. فېڭبىڭجېڭ (1669 ـــ 1748)، م. دېگۇئىگنې (1721 ـــ 1800)، ئا. رېمۇسات (1788 ـــ 1832)، يۇلىئوس كىلاپروت (1783 ـــ 1835) قاتارلىق كىشىلەرنى فىرانسىيەلىك خەنزۇشۇناسلارنىڭ ۋەكىلى دېيىش مۇمكىن. Hun («خان») سۆزى مانا مۇشۇ دەۋردىكى مۇشۇ ئالىملارنىڭ بىرەرسى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى مەلۇم. بۇنداق دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى، قەدىمكى خەنزۇچە تارىخنامىلەردىكى خاس ئىسىملارنىڭ ئەسلىي ئوقۇلۇشى (تىرانسكرىپسىيەسى) ۋە مەنىسىنى بىلمەي تۇرۇپ شيۇڭنۇلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە بولغىلى بولمايدۇ؛ شيۇڭنۇلار ھەققىدە بىر نېمە بىلمەي تۇرۇپ مەركىزىي ئاسىيا تارىخىنى، مەركىزىي ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈپ بېرىش، ئۆزگىرىش جەريانىنى ھېس قىلغىلى ۋە بىلگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن  Hun سۆزىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان كىشى دېگەندە مانا مۇشۇ دەۋردىكى غەربىي ياۋروپالىق شەرقشۇناسلاردىن مەلۇم بىرسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەلكىم بۇ جەھەتتىكى تۇنجى كىشى فىرانسىيە خىرىستىيان دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇرىتىلىق سالاھىيىتى بىلەن 1703- يىل 6- ئاينىڭ 16- كۈنى ئاۋمېنگە يېتىپ كېلىپ، كېيىن گۇاڭجۇدا ئولتۇراقلىشىپ، بۇ يەردە ئۇزۇن مەزگىل خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن، خەنزۇچە ئىسىم قوللانغان ۋە دىن تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان فىرانسىيەلىك فېڭبىڭجېڭ (冯秉正، Joseph de Moyria de Maillac) ئەپەندى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇ 18- ئەسىرنىڭ بېشىدا جۇ شى (朱熹، 1130 ـــ 1200) نىڭ «‹ئومۇمىي ئۆرنەكلەر›دىن مۇھىم بايانلار» (《通鉴纲目》) ناملىق كىتابىنى فىرانسۇز تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا كىتابتىكى «شيۇڭنۇ»نى ئەنە شۇ Hun  سۆزى بىلەن ئىپادىلىگەن؛ ئاندىن فېڭبىڭجېڭنىڭ بۇ تەرجىمە كىتابىدىكى Hun سۆزى ئەنگلىيەلىك تارىخشۇناس ئېدۋارد گىببون Edward Gibbon)، 1737 ـــ 1794) نىڭ 1776- يىلدىن 1787- يىلغىچە يېزىلغان ئالتە توملۇق «رومان ئىمپېرىيەسىنىڭ زاۋال تېپىش تارىخى» ناملىق كىتابىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن Hun سۆزى «شيۇڭنۇ» ئېتنونىمى بىلەن بىر مەنىدە پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئالىم ن. ئا. باسكا كوۋنىڭ «تۈركى تىللار» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ 161-، 163- بەتلىرىدىكى تىرانسكرىپسىيەلەرگە ئاساسلانغاندا، م. دېگۇئىگنې 1756- يىلى پارىژدا ئېلان قىلغان «ھۇنلار، تۈركلەر، موغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» ناملىق ئەسىرى (بۇ ئەسەر ئەسلىي ئۈچ توم بولۇپ، 1756- يىلدىن 1758- يىلغىچە پارىژدا نەشر قىلىنغان)دە Huns دېگەن سۆزنى، ياپونىيەلىك تىلشۇناس شىراتورى (K. Shiratori) 1900- يىلى Hiungnu، 1923- يىلى Hiong-nou دېگەن سۆزنى، گ. موراۋسىك (Moravcsic G.) 1901- يىلى Hunnische دېگەن سۆزنى، ف. خىرت (F. Hirth) Hunnen دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن. ئەلۋەتتە، باسكا كوۋنىڭ بۇ كىتابىدىكى Hiungnu، Hiong-nou، Hunnische، Hunnen قاتارلىق سۆزلەر «شيۇڭنۇ»نىڭ شۇ ئاپتورلارنىڭ تىلىغا ماسلاشقان تىرانسكرىپسىيەسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان. ئەمما، كىتابتا بۇ سۆزلەرنى يا ئىنگلىزچە، يا فىرانسۇزچە ئوقۇش كېرەكلىكى ئېيتىلمىغان. شۇنداقتىمۇ بارتولد شىراتورىنىڭ «شيۇڭنۇ»نى ھەقىقەتەن Hiungnu دەپ تىرانسكرىپسىيە قىلغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. مانا بۇ ئەمەلىي تىرانسكرىپسىيەلەر چەت ئەللىك تىلشۇناسلارنىڭ «شيۇڭنۇ» سۆزىنى ئۆزلىرىنىڭ تىل ئەھۋالىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ Hun- Huns  دەپ بىر خىللا تەلەپپۇز قىلمىغانلىقىنى، «شيۇڭنۇ»نىڭ مىلادىيە 5- ئەسىردىن ئىلگىرىلا ئاشۇ ئاپتورلارنىڭ تىلىدا تارىخىي رەۋىشتە قوللىنىلغان ئەينەن تىرانسكرىپسىيەلىك زاماندىشى ۋە مەنەدىشى راستلا يوقلۇقىنى، بۇ ئەھۋال Hun- Huns نىڭ ھەقىقەتەن «شيۇڭنۇ»نىڭ تىرانسكرىپسىيەسى سۈپىتىدە پەقەت 18- ئەسىردىلا مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمدى رۇسىيەنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، 19- ئەسىرنىڭ 30 ـــ 40- يىللىرىغا كەلگەندە يۇقىرىقى رۇسىيەلىك شەرقشۇناسلار Hun نى رۇس تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ «گۇن» ئاھاڭىدا قوبۇل قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن Hun ۋە «گۇن» تىرانسكرىپسىيەسى نۇرغۇن شەرقشۇناسلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان؛ خەنزۇ ئالىملىرىدىن خۇڭ جۈن، ۋاڭ شيەنچيەن، جاڭ تەييەن، لياڭ چىچاۋ قاتارلىق كىشىلەرمۇ بۇ تىرانسكرىپسىيەنى ئىلگىرى- كېيىن قۇۋۋەتلىگەن.
    ئەمدى «ھۇن» سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا كىرىش جەريانى مۇنداق بولغان: 1830 ـــ 1840- يىللىرى رۇسىيەدە مەيدانغا كەلگەن «گۇن- گۇننېي» ھەققىدىكى تەتقىقات ئارىدىن 80 يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بەكمۇ جانلىنىپ كەتكەن. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ۋ. ۋ. بارتولد «گۇن- گۇننېي» ھەققىدە ئەسەر يېزىپ 1926- يىلى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدە لېكسىيە سۆزلىگەندە بۇ سۆز ھەققىدىكى قاراشلىرىنى شەرھلىگەن. ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئەھمەد زەكى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ ئۇنىڭغا ۋكالىتەن لېكسىيە ئىشتىراكچىلىرىغا ئوقۇپ بەرگەن. ئەھمەد زەكى بارتولدنىڭ شۇ قېتىمقى لېكسىيەسىنىڭ ئارگىنالىنى ئېلىپ قېلىپ ساقلىغان، 1960- يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا «بارتولد ئەسەرلىرى»نىڭ 5- تومىنى نەشرگە تەييارلاش خىزمىتى باشلانغاندا ئەھمەد زەكى بۇ ئارگىناللارنى پىروفېسسور س. گ. كلياشتورنىيگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ ئارگىنال 1968- يىلى موسكۋادا «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا ئون ئىككى لېكسىيە» دېگەن نامدا رۇسچە نەشر قىلىنغان («بارتولد ئەسەرلىرى»نىڭ 5- تومىغا كىرگۈزۈلگەن). مانا مۇشۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە يېزىلىشىچە، بارتولد  «گۇن- گۇننېي» سۆزىنى شىراتورىنىڭ  «ھۇن (匈奴の) تىلىنىڭ ئەڭ يېڭى چۈشەندۈرۈلۈشى» ناملىق ئەسىرىدىن ئۈزۈپ ئالغانلىقىنى يازغان. ئەمما، ئۇ «شيۇڭنۇ» سۆزىنى «گۇن» سۆزى بىلەن ئىپادىلەشنىڭ ئېتىمولوگىيەلىك پاكىت ئاساسلىرى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن. شۇنداقتىمۇ ئەھمەد زەكى رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقشۇناسلىرىنىڭ «گۇن- گۇننېي» سۆزى ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ تەسىرىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلغان. ئەلۋەتتە ئەھمەد زەكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىلا رۇسچىدىكى «گۇن- گۇننېي»نىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ئەسەر ئېلان قىلغان. مەسىلەن، ئۇ «گۇن»نىڭ تەسىرى ئاساسىدا «تۈرك ۋە تاتار تارىخى» ناملىق كىتابىنى يېزىپ، ئۇنىڭدا «ھون» سۆزىنى تۇنجى قېتىم شەرھلىگەن. ئۇ بۇ كىتابىنىڭ 26- بېتىدە: «ھون سىبىريادەگى ئورخون يىلغەسىنىڭ بۇرۇنقى بىر ئىسمىدۇر. ھون مەملىكىتى شول يىلغە ئىسمى بىلەن ئاتالغان» (بۇ ئۈزۈندىدە ئاپتورنىڭ ئىملاسىغا ھۆرمەت قىلىندى) دېگەن جۈملىنى يازغان. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق جۈملىلەرنىڭ تەسىرىدە كېيىنكى ۋاقىتتا تۈركىيەدە ھۇنلار ھەققىدىكى تەتقىقات قىزغىنلىقى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. ئەلۋەتتە «ھون سىبىرىيەدىكى ئورخون دەرياسىنىڭ بۇرۇنقى بىر ئىسمىدۇر. ھون مەملىكىتى شۇ دەريانىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان» دېگەن بۇ كومېدىيەلىك قاراش رۇس شەرقشۇناسلىرى تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان- قويۇلمىغانلىقى، جۈملىدىن «گۇن- گۇننېي»نىڭمۇ قانداق ھۆججەت ئاساسى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان- قىلمىغانلىقى ماڭا نامەلۇم. لېكىن، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر «گۇن- گۇننېي»نىڭمۇ، «ھۇن»نىڭمۇ «شيۇڭنۇ» بىلەن زامانداش ۋە ئاھاڭداش ئەمەسلىكى بۇ بىر ئەمەلىيەت. بىزنىڭ يۇقىرىدا «ھۇن» سۆزىنى ئۇيغۇر تىلىغا 1970- يىللىرى كىرىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇپ يەنە «ئەڭ بالدۇر دېگەندىمۇ 1940- يىللىرىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىلمىغان» دېگەن جۈملىنى يېزىشىمىزدا مۇنداق ئېھتىماللىق نەزەردە تۇتۇلغان:
بىز «ھۇن» سۆزىنى 1978- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا بەزى كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئانچە- مۇنچە ئاڭلاپ تۇراتتۇق. 1981- يىلى ئۇستاز ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىزگە دەرسكە كىرگەن چاغدا «ھۇن» ھەققىدىكى ھېكايىنى ئۇستازنىڭ ئاغزىدىن بىۋاسىتە ئاڭلىدۇق. ئۇستازنىڭ بىزگە: «قەدىمكى خەنزۇچە مەنبەلەردە ئۇچرايدىغان تۈركىي قەبىلىلەر، يەر ناملىرى ۋە ئادەم ئىسىملىرىنىڭ ئەسلىنى تىكلەش ئىشى ئىلىم دۇنياسىدا پەقەت ئورقون- يەنسەي ئابىدە تاشلىرى ۋە ئۇيغۇر خاقانلىقىغا ئائىت تاش پۈتۈكلەر تېپىلغاندىن كېيىنلا بىر قەدەر ئىلمىي ئاساستا ھەل قىلىندى» دېگەنلىكى ئېنىق ئېسىمىزدە تۇرۇپتۇ. شۇ يىللاردا، يەنى 1978- يىللىرىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر تىلىدا ھۇنلار ۋە «ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئۇچراتماق قىيىن ئىدى. مەن 1988- يىلدىن بۇيان «ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم. لېكىن، «ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە 1978- يىللىرىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ماتېرىيالنى ئۇچراتمىدىم، بەلكىم شۇنداق ئەسەر شۇ يىللاردا ئېلان قىلىنغان بولسا، پېقىر كۆرەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ج ك پ 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى شېئىر، ھېكايە، تىياتىر، چۆچەك، مەسەل ژانىرىلىرىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئېتىمولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئانچە كۆپ بولمىغان. شۇ سەۋەبتىن ئېتىمولوگىيە تەتقىقاتىغا دائىر ماقالىنى تاپماق تەس بولۇپ قالغان. بۇ بىر خىل ئەھۋال. يەنە بىر خىل ئەھۋال شۇكى، باشقىرت مىللىتىدىن بولغان ئەھمەد زەكى 1925- يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئىشلەشكە باشلىغان، ئۇنىڭ قەدىمكى خاس ئىسىملارنىڭ تىرانسكرىپسىيەسى ۋە ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدىكى ھېسسىياتقا بېرىلىش خاھىشى بەزى تۈركىيەلىك تارىخچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1932- يىلى ئاتالمىش «ساختا تارىخچىلار»دىن زەربە يەپ ۋىيېناغا كەتكەن، 1935- يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن گېرمانىيەدە ئىشلىگەن. كېيىن تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن. 1948- يىلدىن باشلاپ يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئىشلىگەن ۋە تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ شۆھرەت قازانغان. بەزەن ماتېرىياللارغا قارىغاندا، شۇ چاغدا تۈركىيەدە ئەھمەد زەكىنىڭ قەلىمىدىن مەيدانغا كەلگەن «ھون» سۆزى قىزغىنلىقى تۈركىيەگە بېرىپ كەلگەن شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلغانلىقى مەلۇم. شۇنىڭغا، مۇشۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇرلاردىن بىرەرسى ئۇنىڭ ئەسىرىدىكى «ھون» سۆزىنى  قوبۇل قىلىپ 1940- يىللىرى شىنجاڭدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان مەتبۇئاتلاردا ماقالە ئېلان قىلغان بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، 1940- يىللاردىكى ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ بىر سانىدا ئەھمەد زەكىنىڭ ئېتىمولوگىيە ئىلمىنىڭ پىرىنسىپلىرىدىن چەتنەپ كەتكەن بىر پارچە ماقالىسى 【ئۇنىڭ 温宿 (ۋېنسۇ) سۆزىنىڭ تەلەپپۇزىغا ئوخشىتىپ «ئونسۇ» ئىبارىسىنى ياساپ، ئاندىن مۇشۇ «ئونسۇ» ئىبارىسىنى ئاقسۇنىڭ ئەسلىي نامى ئىدى دېگەن مەزمۇندىكى ماقالىسى بېسىلغان ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ شۇ كۈندىكى سانىنى ساقلاۋېتىپ يىتتۈرۈپ قويدۇم. ئەمما ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن «ئونسۇ» سۆزى قوللىنىلغان «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1946- يىل 13- ماي ـــ دۈشەنبە كۈنىدىكى سانى بىلەن «ئاقسو، اونسو ماشىنا يولىدا ئات، ھارۋالەرنىڭ ماڭماسلىقى ھەققىدە» ناملىق بىر پارچە ئىبرەت ماقالىسى بېسىلغان «ئاقسۇ شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1945- يىل 15- دېكابىر ـــ شەنبە كۈنىدىكى سانى قولۇمدا ساقلاقلىق تۇرۇپتۇ】 ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالە كېيىن شىنجاڭدا ھېسسىيات پاكىتنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىلگەن بىر مۇنچە ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قالغان. دېمەك، «ھۇن» سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا كىرىش جەريانى مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈكە ئىگە.
بۇ يەردە مۇنداق بىر ئاھۋالنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، دەسلەپكى دەۋردىكى ياۋروپالىق شەرقشۇناسلار بىلەن 1910 ـــ 1940- يىللىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى ئەھمەد زەكى قاتارلىق بىر قىسىم شەرقشۇناسلاردا ئېتىمولوگىيە تەتقىقاتىدا دەۋر ۋە ۋەزىيەتكە زىچ ماسلاشقان ھېسسىياتقا بېرىلىش، ئېتىمولوگىيە ئىلمىنىڭ تەلەپلىرىگە مۇخالىپ قەلەم تەۋرىتىش خاھىشى كۆرۈلگەن. ئىلمىي تەتقىقاتتا مۇنداق ھېسسىياتقا بېرىلىش خاھىشى جۇڭگودا ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ئەمدىلا باشلانغان 1980- يىللىرىدىكى قاينام- تاشقىنلىق مۇھىتتا بىزنىڭ قولىغا يېڭىدىن قەلەم ئېلىشقا ئۈلگۈرگەن قىسمەن «ھېسسىيات تىپى»دىكى قەلەمكەشلىرىمىزدىمۇ يۈز بەرگەن. بۇنىڭ روشەن بىر ئىپادىسى «ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە يۇقىرىقىدەك ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن ھالدا قەلەم تەۋرىتىش، يازما مەنبەلەردىكى نەق تىل پاكىتلىرىغا مۇراجىئەت قىلماسلىقتىن ئىبارەت بولغان. بەزىلەر ھەتتا «ھۇن» سۆزى «شيۇڭنۇ» سۆزى بىلەن بىر دەۋردە قوللىنىلغان دەپمۇ قارىغان. ئەمەلىيەتتە، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنبەلەردە «ھۇن» سۆزى قوللىنىلمىغان. يالغانچىلىقنىڭ ھامان سورىقى بولىدۇ دېگەندەك دەسلەپكى دەۋردىكى قىسمەن ياۋروپالىق شەرقشۇناسلارنىڭ ھېسسىياتقا بېرىلىش خاھىشى كېيىن رۇسىيەلىك شەرقشۇناسلار تەرىپىدىن تۈزىتىلگەن بولسا؛ 1980- يىللىرىدا بىزنىڭ بىر قىسىم قەلەمكەشلىرىمىزدە يۈز بەرگەن تەتقىقاتتا زىيادە ھاياجانلىنىپ كېتىش، تارىخىي پاكىتنى ئىلھامنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋېلىش، ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈۋېتىش خاھىشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوبزورچى يالقۇن روزى ئەپەندى تەرىپىدىن تۈزىتىلدى. ئەمما، پائۇل پېللىئوت (1878 ـــ 1945)، ئەھمەد زەكى  قاتارلىق شەرقشۇناسلارنىڭ شىنجاڭدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئەسەرلىرىدىكى خاتا نۇقتىئىنەزەرلەر تېخىچە تۈزىتىلمەيۋاتىدۇ؛ بىزنىڭ بەزەن تەتقىقاتچىلىرىمىز قەدىمكى خاس ئىسىملارنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە ئىزدەنگەندە مېتود مەسىلىسىگە ئاجىزلىق قىلىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن پائۇل پېللىئوت، ئەھمەد زەكىلەرگە ئوخشاش چەت ئەللىك شەرقشۇناسلارنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ۋە يەر ناملىرىغا دائىر ئەسەرلىرىدە روشەن مېتود خاتالىقى بار بولۇشىغا قارىماي بەزەن قەلەمكەشلىرىمىز ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى قارىسىغىلا قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ ئەھۋال «ھۇن» سۆزىنىڭ مەيدانغا كېلىش دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىشتە بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە.  
يەنە بەزى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى «خەنزۇچە 匈奴 دېيىلىدىغان بۇ مىللەت ياۋروپالىقلارغا مىلادى 4- ئەسىردىلا Huns دېگەن نام بىلەن تونۇلغان، ياۋروپالىقلار ۋە باشقا چەت ئەل ئالىملىرى بىردەك Huns نى ‹ھۇن› دەپ ئاتايدىغان بولغان» دەپ قارايدۇ. بۇنداق قاراش ئېتىمولوگىيە ئىلمىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى،  Hunsسۆزىنىڭ مىلادىيە 4- ئەسىردە شيۇڭنۇلارنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوق، «ھۇن» سۆزى تېخىمۇ شۇنداق. ئەمىسە ياۋروپادىكى قەدىمكى تىللاردا بىردەك «ھ» فونېمىسىمۇ يوق تۇرسا. «ھۇن» سۆزى ئورقون مەڭگۈ تاش يېزىقلىرىدىغۇ ئابايا، ئەدناسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىمۇ زىنھار قوللىنىلمىغان يەردە «ياۋروپالىقلار ۋە باشقا چەت ئەل ئالىملىرى» بىردەك «ھۇن» سۆزىنى ئىشلەتكەنلىكى، يەنى «Huns نى ‹ھۇن› دەپ ئاتايدىغان بولغان»لىقى بەكمۇ غەلىتە ئەھۋال. بۇنداق قاراش يەنە ئېتىمولوگىيە تەتقىقاتىدىكى لوگىكىلىق ئاجىزلىقنىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە. مۇشۇنداق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان تەتقىقاتچى ھەتتا «شيۇڭنۇ» سۆزىنى تېخىمۇ خاتا ھالدا «قۇن» دەپمۇ تىرانسكرىپسىيە قىلغان. روشەنكى، بۇ تېخىمۇ خاتا تىرانسكرىپسىيە. شۇنىڭغا، بۇنى ۋاقتىدا تۈزىتىۋېلىش كېرەك. دېمەك، Huns سۆزى خۇددى يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاۋۋال فىرانسىيەدە پەيدا بولغان. فىرانسىيەلىك شەرقشۇناسلار قەدىمكى خەنزۇچە ۋەسىقىلەردىكى خاس ئىسىملارنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىدا، جۈملىدىن فىرانسۇزچىدا قانداق تىرانسكرىپسىيە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەلمىگەن. ئۇلار «شيۇڭنۇ» ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان يىللاردا، بىرىنچىدىن، خەنزۇ يېزىقىنىڭ ئوقۇلۇشىنى لاتىنچە ھەرپ بىلەن ئىپادىلەش ۋە سۆزلەرنىڭ ئوقۇلۇشىنى تون بەلگىلىرى بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى تېخى مەيدانغا كەلمىگەنىدى؛ ئىككىنچىدىن، خۇددى ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى ئېيتقاندەك «قەدىمكى خەنزۇچە مەنبەلەردە ئۇچرايدىغان تۈركىي قەبىلىلەر، يەر ناملىرى ۋە ئادەم ئىسىملىرىنىڭ ئەسلىنى تىكلەش ئىشى»دا ھەر كىم ئۆزى بىلگەنچە ئىش كۆرۈش ۋەزىيىتىدە ئىدى. مۇنداق ۋەزىيەت «ئىلىم دۇنياسىدا پەقەت ئورقون- يەنسەي ئابىدە تاشلىرى ۋە ئۇيغۇر خاقانلىقىغا ئائىت تاش پۈتۈكلەر تېپىلغاندىن كېيىنلا بىر قەدەر ئىلمىي ئاساستا ھەل قىلىنغان». شۇنىڭغا، فىرانسىيەلىك شەرقشۇناسلار (مەسىلەن، فېڭبىڭجېڭ، م. دېگۇئىگنې قاتارلىق كىشىلەر) «شيۇڭنۇ» سۆزىنى ھە دېگەندىلا Huns- Hun سۆزى بىلەن ئىپادىلىگەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ سۆزنى 4- ئەسىردە پەيدا بولغان دېيىش مۇشۇ ئەھۋالغا ئۇيغۇن ئەمەس.  Hunsنىڭ ياۋروپالىقلارغا «مىلادىيە 4- ئەسىردىلا تونۇلغان» بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جەزمەن «ئورقون مەڭگۈ تاشلىرى» بىلەن «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»غا ئوخشاش نەق شۇ ئەسىردە خاتىرىلەنگەن يازما ھۆججەت ئىسپاتى بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى، بىز مۇنداق بىر ھۆججەتنىڭ بارلىقىنى ھازىرغىچە كۆرگىنىمىز يوق. يەنە بىر ئەھۋال شۇكى، ئەگەر بىز «匈奴 دېيىلىدىغان بۇ مىللەت ياۋروپالىقلارغا مىلادى 4- ئەسىردىلا Huns دېگەن نام بىلەن تونۇلغان» دېگەن قاراشنى توغرا دېسەك، ئۇنداقتا  شىراتورىنىڭ Hiungnu، Hiong-nou، گ. موراۋسىكنىڭ Hunnische ، ف. خىرتنىڭ Hunnen دېگەن سۆزلىرىنى نېمە دەپ چۈشىنىمىز؟ Hiungnu، Hiong-nou، Hunnische، Hunnen قاتارلىق سۆزلەر «شيۇڭنۇ» سۆزىنىڭ ئاشۇ ئاپتورلارنىڭ مىللىي تىلىغا ماسلاشقان تىرانسكرىپسىيەسى بولۇپ، بۇلار  Huns- Hun قا قارىغاندا خېلىلا مۇكەممەل تىرانسىكرىپسىيە ھېسابلىنىدۇ. «شيۇڭنۇ» سۆزى ياپون تىلىدا 匈奴の دەپ تىرانسكرىپسىيە قىلىنغان بولۇپ، بۇنى باسكا كوۋلار لاتىنچە Hiungnu دەپ تىرانسكرىپسىيە قىلغان. مانا مۇشۇنداق بىر قاتار نەقلەن ئەھۋاللار «匈奴 دېيىلىدىغان بۇ مىللەت ياۋروپالىقلارغا مىلادى 4- ئەسىردىلا Huns دېگەن نام بىلەن تونۇلغان» دېگەن قاراشنى ئىنكار قىلىشىمىزنى ۋە ۋاقتىدا تۈزىتىۋېلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.     
ئۇنداقتا، «شيۇڭنۇ» سۆزى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا قانداق ئىپادىلەنگەن؟ «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىللىق 1- سانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئالىم ل. يۇ. تۇگۇشېۋانىڭ «قەدىمكى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىكى turk yoqul bodun ھەققىدە» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى (بۇ ماقالە ئەسلىي تۇگۇشېۋا خانىمنىڭ 1991- يىلى يېزىپ، 1992 يىلى «تۈركچە ۋە موڭغۇلچە يازما يادىكارلىقلار» دېگەن نامدا موسكۋادا رۇسچە نەشر قىلغان كىتابىدىن قۇربان تۇران تەرجىمە قىلغان). بۇ ماقالىدە يېزىلىشىچە، قەدىمكى تۈركچە يازما يادىكارلىقلارنىڭ بىرى بولغان «مايترى سىمىت نوم بىتىگ»تە turk yoqul bodun (تۈرك يوچۇل بودۇن) دېگەن سۆز بىرىكمىسى پەقەت بىرلا قېتىم قەيت قىلىنغان. بۇددىزم مەزمۇنىدىكى «مايترى سىمىت نوم بىتىگ» ناملىق بۇ ئەسەر مىلادىيە 8- ئەسىردە تۇخار تىلىدىن تۈرك (ئۇيغۇر) تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئەسەردىكى turk yoqul bodun دېگەن سۆز بىرىكمىسىنىڭ قانداق مەنىنى بېرىدىغانلىقىغا قارىتا ماھىيەت جەھەتتىن تېخىمۇ ئىشەنچلىك پاكىتنىڭ بولۇشى لازىم بولۇۋاتقان بىر پەيتتە 10- ئەسىردە ياشىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بەشبالىقلىق شىڭقۇ شەلى تۇتۇڭ تەرىپىدىن «تابغاچ تىلى»دىن تۈرك- ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»نىڭ 6- بابىدا يۇقىرىقى سۆز بىرىكمىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش شەكىلدە ئىككى قېتىم ئۇچرىغان. دېمەك، «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدىكى turk yoqul bodun (تۈرك يوچۇل بودۇن) دېگەن سۆز بىرىكمىسى خەنزۇچىدىكى «شيۇڭنۇ» سۆزىنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. ئالىم تۇگۇشېۋا خانىم مۇنداق يازغان: «ئۇلار («ھۇنلار» ــ ئا) خەنزۇچە ئەسلىي تېكىستتە ‹شيۇڭنۇ- خۇننۇ› (匈奴) دەپ ئاتالغان؛ ئۇيغۇرچە ‹شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى›دا بولسا ئەمەلىي ھالدا، ‹خۇننۇ› ئاتالغۇسىنىڭ تەڭداش ئېتنونىمى سۈپىتىدە سۆز بىرىكمىسى turk yoqul bodun ئىشلىتىلگەن، بۇنىڭدىن بۇ خىل شەكىلنىڭ پەۋقۇلئاددە ھادىسە ئەمەس، بەلكى دائىملىق ھادىسە ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز». مانا بۇ جۈملىدە «شيۇڭنۇلار»نىڭ باشقا تىلدىكى بىردىنبىر تارىخىي پاكىتلىق تەڭدىشى «تۈرك يوچۇل بودۇن» ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلىش بىلەن بىللە «شيۇڭنۇ»نىڭ ئەڭ توغرا، ئەڭ ئىلمىي تىرانسكرىپسىيەسى «شيۇڭنۇ- خۇننۇ» ئىكەنلىكىمۇ كۆرسىتىپ بېرىلگەن. بىز تۇگۇشېۋا خانىمنىڭ مۇشۇ ماقالىسىدىن «ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرىلاپ چۈشىنىش شەرىپىگە ئېرىشتۇق.
تۇگۇشېۋا خانىمدىن كېيىن 2007- يىلى «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ 4- سانىدا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ياسىن ھوشۇر ئەپەندى «قەدىمكى خەنزۇچە ۋەسىقىلەردىكى 匈奴 قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا بەشبالىقلىق شىڭقۇ شەلى تۇتۇڭ تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسىدا 匈奴 سۆزىنىڭ  turk yoqul bodun (تۈرك يوچۇل بودۇن. مەنىسى «كۆچمەن چارۋىچى تۈركلەر، ئەركىن تۈركلەر» دېگەنلىك بولىدىكەن) دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەنلىكىنى يازىدۇ. ياسىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن «شيۇڭنۇ» سۆزىنىڭ باشقا مىللەت تىلىدىكى مەنەدىشى تارىختا بىرىنچى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلەنگەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ ماقالىدە «تابغاچ تىلى» (قەدىمكى خەنزۇ تىلى)دىكى «شيۇڭنۇ»نىڭ ئۇيغۇر تىلىغا «تۈرك يوچۇل بودۇن» دەپ تەرجىمە قىلىنغانلىقى نەق ماددىي پاكىتى بىلەن ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلىش بىلەن بىللە لوگىكىلىق پىكىر ۋە مېتودىكىلىق پىرىنسىپمۇ ئىنتايىن ياخشى ھەل قىلىنغان. ھالبۇكى، «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» 1930- يىلىنىڭ ئالدى- كەينىدە شىنجاڭدىن تېپىلغان ۋە شۇ يىللاردا بۇ ئەسەر ھەققىدە تېخى تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىغان بولغاچقا، يۇقىرىقى قىممەتلىك ئۇچۇردىن فىرانسىيەلىك شەرقشۇناسلار ۋاقىپ بولالمىغان. ئەگەر، ئۇلار «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى كۆرەلىگەن بولسا، ئۇ چاغدا، «شيۇڭنۇ»نى تېخىمۇ توغرا ئىپادىلىشى مۇمكىن ئىدى.
دېمەك، «ھۇن» سۆزى 匈奴 سۆزىنىڭ زاماندىشى بولمىسىمۇ، لېكىن مەنەدىشىدۇر. بۇ ئىككى سۆز نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مەنىداش قوللىنىلماقتا. بىز ئىزدىنىش جەريانىدا شۇنى روشەن ھېس قىلدۇقكى، «ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى ئېنىقلاشتا قەدىمكى خەنزۇچە ۋەسىقىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆگەنمەي ۋە 匈奴 سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى بىلمەي تۇرۇپ توغرا يەكۈن چىقارغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭغا، 匈奴 نىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى بىلىش كېرەك. 匈奴 لار قەدىمكى خەنزۇچە ۋەسىقىلەردە ھەر خىل ناملاردا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئۇلار جۇ دەۋرىدە 混夷 (خۇنيى)، 獯鬻 (شۈنيۈ)، 玁狁 (شيەنيۈن)،  猃狁 (شيەنيۈن) دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاتالسا، ئەمىنىيە دەۋرىدە 戎 (رۇڭ)، 狄(دى) دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاتالغان؛ يېغىلىق، چىن، خەن دەۋرلىرىدىن بۇيان ئومۇمەن 胡 (خۇ)، 匈奴 (شيۇڭنۇ) دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. مىلادىيە 4- ئەسىرگە كەلگەندە تارىخ سەھنىسىدىن «غايىب بولغان». ئەمما، «جۇنامە»، «يېڭى تاڭنامە»، «كىتابلار جەۋھىرى»، «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»، «‹ئومۇمىي ئۆرنەكلەر›دىن مۇھىم بايانلار» (《通鉴纲目》) قاتارلىق كىتابلاردا 匈奴 لارغا دائىر مەلۇماتلار ئۈزلۈكسىز بايان قىلىنىپ تۇرغان. مەسىلەن، «جۇنامە»نىڭ 50- جىلد «تۈركلەر تەزكىرىسى»دە: «突厥 (تۈرك) لەر 匈奴 (ھۇن) لارنىڭ ئايرىم بىر نەسلىدىن بولۇپ، فامىلىسى ئاشىنا ئىدى. ئۇلار ئۆز ئالدىغا ئايرىم قەبىلىدۇر» دەپ يېزىلغان بولسا، «يېڭى تاڭنامە»دە: «ئۇيغۇرلار 匈奴 لارنىڭ ئەۋلادىدۇر» دەپ، يەنە «يېڭى تاڭنامە»دە:    «突厥 لەرنىڭ فامىلىسى ئاشىنا بولۇپ، ئۇلار 匈奴 لارنىڭ شىمالىدا ياشىغان» دەپ يېزىلغان؛ «كىتابلار جەۋھىرى»دە: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى 匈奴 لارنىڭ ئەۋلادىدۇر» دەپ خاتىرىلەنگەن بولسا، «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»دا 匈奴 لارنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئەھۋالى بايان قىلىنىپ: «匈奴 لار بەك شۆرەت قازاندى» دەپ خاتىرىلەنگەن. مانا بۇ جۈملىلەردىن 匈奴 لارنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن ئاللىقاچان «چۈشۈپ كەتكەن» بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ نامى ماتېرىياللاردا ئۈزلۈكسىز قەيت قىلىنىپ تۇرغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىراق، شىڭقۇ شەلى تۇتۇڭ خەنزۇچە ماتېرىياللاردىكى 玁狁 سۆزى بىلەن 匈奴 سۆزىنى مەنە جەھەتتىن ئېنىق پەرقلەندۈرگەن. بۇمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.
   ئومۇمەن ئېيتقاندا، ماتېرىيال مەنبەسىنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە موللۇقى يېقىدىن قارىغاندا، قەدىمكى خەنزۇچە تارىخ ماتېرىياللىرى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما، خۇددى ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندى ئېيتقاندەك، خەنزۇچە تارىخ ماتېرىياللىرىدىكى باشقا مىللەتلەرگە دائىر كىشى ئىسىملىرى، مىللەت- دۆلەت، يەر ناملىرى ۋە ئەمەل- ئۇنۋان ئاتالغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان خاس ئىسىملارنىڭ ئەسلىي تىرانسكرىپسىيەسىنى ئاسانلىقچە توغرا ئېنىقلاپ چىققىلى بولمايدۇ. بۇنداق خاراكتېردىكى سۆزلەرنىڭ تىرانسكرىپسىيەسىنى ئېنىقلاشتا جەزمەن ئاشۇ دەۋردە خەنزۇ تىل- يېزىقى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان تىل- يېزىق ۋە ئۇنىڭ نەق يازما پۈتۈكلىرى بولمىسا بولمايدۇ. ھالبۇكى، قەدىمكى خەنزۇ تىلى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان تىل- يېزىق پەقەتلا قەدىمكى تۈرك يېزىقى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بولۇپ، بۇ يېزىقلاردا ئۆز دەۋرىدە قوللىنىلغان نۇرغۇن خاس ئىسىملار پۈتۈلگەن؛ ھەتتا بەزەن تاش پۈتۈكلەر، مەسىلەن، «كۈل تېگىن مەڭگۈ تېشى»، «قارى چور تېگىن قەبرە تېشى» قاتارلىقلار قەدىمكى تۈركچە (ئۇيغۇرچە)- قەدىمكى خەنزۇچە ئىككى خىل تىل- يېزىقتا پۈتۈلگەن، يەنە خەنزۇ تىلىدىكى نۇرغۇن ھۆججەتلەر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە ساقلىنىپ قالغان. شۇنىڭغا، قەدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقنىڭ ياردىمى بولمىسا، قەدىمكى خەنزۇ تىلىدىكى خاس ئىسىملارنىڭ، بولۇپمۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىغا دائىر خاس ئىسىملارنىڭ ئەسلىي ئوقۇلۇشىنىلا ئەمەس، بەلكى شۇ ئىسىملارنىڭ باشقا تىلدا قانداق زاماندىشى ۋە مەنەدىشى بارلىقىنىمۇ ئاسانلىقچە بىلگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، «يېڭى تاڭنامە»دىكى   阙特勒 (چۆتېلې) دېگەن سۆزنىڭ «كۈل تېگىن مەڭگۈ تېشى» تېپىلماستا باشقا مىللەتنىڭ تىلىدا قانداق ئوقۇلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمىگەن. تۆت چاسا شەكىللىك  «كۈل تېگىن مەڭگۈ تېشى» 1889- يىلى ئورقون دەرياسى ۋادىسىدىن تېپىلغان بولۇپ، 1893- يىلغا كەلگەندە بۇ تاشنىڭ تۆت يۈزىگە ئويۇلغان خەتلەرنىڭ سىرى دانىيەلىك تىلشۇناس ۋىليەم تومسېن تەرىپىدىن ئوقۇپ يېشىلگەن. مەزكۇر مەڭگۈ تاشنىڭ غەربىي يۈزىگە 故阙特勒之牌 دېگەن خەنزۇچە خەت ماۋزۇ سۈپىتىدە ئويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنەدىشى قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا «كۈل تېگىن مەڭگۈ تېشى» دەپ پۈتۈلگەن ھەمدە بۇ مەڭگۈ تاشتىكى 阙特勒 دېگەن سۆز بىلەن «كۈل تېگىن» دېگەن سۆزنىڭ زامانداش ۋە مەنىداش ئىكەنلىكى تىلشۇناسلارغا مەلۇم بولغان. شۇنىڭ بىلەن «يېڭى تاڭنامە»دىكى 阙特勒 دېگەن سۆزنىڭمۇ ئۇيغۇرچىدا «كۈل تېگىن» دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. ئەگەر، «كۈل تېگىن مەڭگۈ تېشى» تېپىلمىغان بولسا، 阙特勒 نى ھەر كىم ھەر خىل تىرانسكرىپسىيە قىلىۋالغان بولاتتى. بۇنى يەنە مۇنۇ مىسال ئارقىلىق تېخىمۇ ئېنىق شەرھلەش مۇمكىن: ئەينى چاغدا سىۋېن ھېدىنگە يول باشلىغۇچى بولغان ئۆردەك دېگەن كىشىنىڭ ئىسمى كېيىن خەنزۇچە تەتقىقات ماقالىلىرىدە     艾尔迪克، 爱尔迪克، 奥尔德克، 于得克، 渥得克 دېگەندەك ھەر خىل تەلەپپۇزدا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا «ئارتىق» دېگەندەك ھەر خىل تەرجىمىلىرى بارلىققا كەلگەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سىۋېن ھېدىننىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىدا ئۇنىڭ ئىسمى «ئۆردەك» دەپ خاتىرىلەنگەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى «ئۆردەك» ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان. ناۋادا، سىۋېن ھېدىن ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىغا قارىمىغان بولساق، ئۇنىڭ ئىسمىنى كىشىلەر ھېلىغىچە ھەر خىل تىرانسكرىپسىيە قىلىۋالغان بولاتتىكەن. دېمەك، قەدىمكى خەنزۇچە كىتابلاردىكى خاس ئىسىملار (كىشى ئىسىملىرى، مىللەت ۋە يەر ناملىرى) نىڭ خەنزۇ تىلىدىن باشقا تىلدا قانداق تىرانسكرىپسىيە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىقلاشتا قەدىمكى تۈرك يېزىقى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ماتېرىياللار دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر، دەسلەپكى دەۋردىكى ياۋروپالىق شەرقشۇناسلار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تاش پۈتۈكلەر ۋە قول يازمىلارنى كۆرەلىگەن بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا، ئۇلار «شيۇڭنۇ»نى تېخىمۇ توغرا تىرانسكرىپسىيە قىلىشى مۇمكىن ئىدى. ھالبۇكى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تاش پۈتۈكلەر ۋە «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»غا ئوخشاش قول يازمىلار ئۇ دەۋردە تېخى تېپىلمىغان ئىدى. ئەلۋەتتە، مۇنداق ئەھۋالدا دەسلەپكى دەۋردىكى ياۋروپالىق شەرقشۇناسلار قەدىمكى خەنزۇچە ماتېرىياللاردىكى خاس ئىسىملارنى پۈتۈنلەي توغرا تىرانسكرىپسىيە قىلالىشى ناتايىن ئىدى. شۇنىڭغا، ئارىدىن ئىككى يۈز يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن «گۇن- گۇننېي»نى ئەھمەد زەكىنىڭ «ھون» شەكلىدە تىرانسكرىپسىيە قىلىشىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىراق، ئېتىمولوگىيە ئىلمى ھەر قانداق سۆزنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى ئېنىقلاپ چىقىشتا پەقەت يازما پاكىتنىلا ئاساس قىلىدۇ، تەسەۋۋۇر ۋە پەرەزنى ئىناۋەتكە ئالمايدۇ. مەسىلەن، «شيۇڭنۇ» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى پەقەت قەدىمكى خەنزۇ تىلى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىنلا ئىزدەش مۇمكىن؛ ئۇنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى ئۈچىنچى بىر تىلدىن ئىزدەش بەزىبىر تارىخىي خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چۈنكى، «شيۇڭنۇ» سۆزىگە زامانداشلىق ۋە ئاھاڭداشلىق، مەنبەداشلىق ۋە مەنەداشلىق جەھەتتىن ماس كېلىدىغان سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا  تىلدا تا ھازىرغىچە تېپىلمىدى.
دېمەك، «ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى ئېنىقلاشتا جەزمەن ئەمەلىي تىل پاكىتلىرىنى ئاساس قىلىش كېرەك، بولمىسا لوگىكىلىق ۋە ئېتىمولوگىيەلىك خاتالىقتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئۇ بىر مىللەتنىڭ نامى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ ئېنىق ئارخىپى ـــ يازما ھۆججەت ئاساسى بولۇشى كېرەك. بولمىسا ئۇ ئېتىمولوگىيە ئىلمىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى بولالمايدۇ. ھالبۇكى، «ھۇن» سۆزى يۇقىرىقىدەك جەريانغا ئىگە بولغانلىقتىن، ئۇ ئېتىمولوگىيە ئىلمىنىڭ پىرىنسىپلىرى بويىچە تەتقىق قىلىنىشى كېرەك. قىسقىسى، «ھۇن» سۆزى «شيۇڭنۇ»، «خان- خانس»، «گۇن- گۇننېي» قاتارلىق سۆزلەر بىلەن مەنىداش بولسىمۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ زامانداش ۋە ئاھاڭداش سۆز ئەمەس. ئۇ ئۇيغۇر تىلىغا 1940 ـــ 1978- يىللىرىنىڭ ئارىلىقىدا كىرگەن ۋە ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەندىن كېيىن ئەمەلىي قوللىنىلىش جەريانىدا «شيۇڭنۇ» ئېتنونىمى بىلەن تامامەن بىر مەنىدىكى سۆزگە ئايلانغان. ئەگەر، ئۇ تارىختا تەبىئىي ھالدا مەۋجۇت سۆز بولغان بولسا، قەدىمكى تاش پۈتۈكلەر ۋە قول يازمىلاردا قوللىنىلغان بولاتتى. مەن 20 نەچچە يىلدىن بېرى «ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتىمەن، بۇ مەخسۇس «ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى توغرىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا بىر قەدەر كەڭ دائىرىلىك يېزىلغان تۇنجى ماقالە بولغانلىقتىن، بەلكىم مېنىڭ قاراشلىرىمدا مۇخالىپ تەرەپلەر بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر، شۇنداق مەسىلىلەر ساقلانغان بولسا، ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ۋە يېقىندىن قوللايمەن. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدىكى «ھۇن» سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى توغرا شەرھلەش ئېتىمولوگىيە ئىلمىنىڭ مۇقەررەر تەلىپىدۇر. ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتۇقكى، بۇ ماقالە ئەسلىي 32 بەت يېزىلغان، ئۇنىڭ بىر قىسىم چەت ئەللىك شەرقشۇناسلارنىڭ «شيۇڭنۇ» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدىكى مېتود مەسىلىسىگە تاقىلىدىغان قىسمىنى ـــ جەمئىي 20 بەتنى مەلۇم سەۋەبتىن قىسقارتىشقا توغرا كەلدى.   
ـــــــــــــــــ        
پايدىلانمىلار:
      [1] ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى: «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيەسى ۋە لېكسىكا تەتقىقاتى»[M]، بېيجىڭ: مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011. 219 ـــ 244.
      [2] بەن گۇ: «خەننامە»[M]، ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993. 4.
      [3] ن. ئا. باسكا كوۋ: «تۈركى تىللار»[M]، بېيجىڭ: مىللەتلەر نەشرىياتى، 1986. 161 ـــ 168.
      [4] ئەركىن ئارىز، ئەرخان ئايدىن: «قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى تاش پۈتۈكلەر»[M]، ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2014. 61، 266.  
      [5] ۋ. ۋ. بارتولد: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا ئون ئىككى لېكسىيە»، بېيجىڭ: مىللەتلەر نەشرىياتى، 2010. 1 ـــ 11، 29 ـــ 30.
      [6] تۇرسۇن ھوشۇر ئىدىقۇتى: «匈奴 ئاتالمىسىنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە»[J]،  «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 2005 ـــ 2.
      [7] غالىب بارات ئەرك: ««مەھمۇد كاشغەرىي ئىزىدىن»[M]، ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، قەشقەر: قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2014. 234.
                                                      
     بۇ ماقالە «شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2015- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-12 15:12  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-12 16:52:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستوتى ئىلىمىي يورلىنىدا ئېلان قىلىنغان پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماقالىلەرنى بۇ مۇنبەرگە يوللاپ تۇرارسىز

ۋاقتى: 2015-11-12 17:03:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« يورلىنىدا» ئەمەس، ژۇرنىلىدا، ياسىنجان دوستۇم!

ۋاقتى: 2015-11-12 17:05:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقۇل، ئىلىمي ژورنىلىدا.

باھا سۆز

«ژورنىلىدا» ئەمەس، «ژۇرنىلىدا» بولىشى كېرەك. كۈلگەن چىراي...  ۋاقتى: 2015-11-18 10:46 PM
ۋاقتى: 2015-11-13 09:29:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقۇل، ئىلىمي ژورنىلىدا.

«ئىلىمي» ئەمەس، «ئىلمىي».

ۋاقتى: 2015-11-13 15:55:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمىي قىممىتى ۋە قايىل قىلىش كۈچى زور ماقالىكەن، مۇئەللىپنىڭ ئەجرىگە ئاپىرىن.

ۋاقتى: 2015-11-13 17:13:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىر غىياس ئەپەندىم، ھۇن سۆزى ھەققىدە تۆۋەندىكى قۇرلارغىمۇ نەزەر سېلىپ قويۇڭ:

Hun (n.) ---person from a tribe from central Asia that overran Europe in the 4c. and 5c., Old English Hunas (plural), from Medieval Latin Hunni, apparently ultimately from Turkic Hun-yü, the name of a tribe (they were known in China as Han or Hiong-nu). Figurative sense of "reckless destroyer of beauty" is from 1806. Applied to the German in World War I by their enemies because of stories of atrocities, but the nickname originally was urged on German soldiers bound for China by Kaiser Wilhelm II in 1900, which caused a scandal.

Related: Hunnic; Hunnish.

بۇ دۇنياغا داڭلىق ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئىنگىلىز تىلىنىڭ ئېتمولوگىيە لۇغىتى تورىدىن ئېلىنغان نەقىل.

نەقىل ئادرىسى مانا: http://www.etymonline.com/index.php?term=Hun

سىز ماقالىڭىزدا قەدىمكى ئىنگىلىز تىلى، ئوتتۇرا قەدىمكى ئىنگىلىز تىلىدا ھۇن سۆزىنى قانداق ئاتايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماپسىز. ئۇنىڭدىن سىرت ۋىكىپىدىيەدە قەدىمكى لاتىن تىلىدىكى تارىخنامىلەردىمۇ ھۇنلار ھەققىدە نۇرغۇن خاتىرىلەرنىڭ قالدۇرۇلغانلىقى يېزىلىپتۇ. مەسىلەن  پتولمى ھۇنلارنى Chuni دەپ ئاتىغانىكەن. بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەپسىز. ياۋروپا تىللىرىدا بۇ ھەقتە يېزىلغان ماقالە، كىتابلار نۇرغۇن. مەن گوگۇللاپ دەسلەپ ئۇچرىغان تۆۋەندىكى ئىككى ئادرىسنىلا قالدۇرۇپ قويدۇم، باشقىلىرىنى ئۆزىڭىز تەپسىلىي گوگۇللاپ كۆرۈپ بېقىڭ.

https://en.wikipedia.org/wiki/Huns

http://www.historyfiles.co.uk/FeaturesEurope/BarbarianHuns.htm




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-18 22:21:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۆرمەتلىك ئابدۇمىجىت ئەپەندى! مەن «ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدىكى ماقالەمدە «ھۇن» سۆزى بىلەن Hun  سۆزىنى مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى، قايسى تىلدا قوللىنىلغان ۋاقتى جەھەتتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى يازغانمەن. ئىككىسى تامامەن ئىككى سۆز. سىز ماقالىڭىزدا بۇ ئىككى سۆزنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپسىز. يەنە بىرى Hun  سۆزىنىڭ 17- ئەسىردىن بۇرۇن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان قول يازمىنىڭ فوتو نۇسخىسى ئىسپاتتىن ئۆتۈشى كېرەك. ھالبۇكى مۇنداق بىر ھۆججەت ئىسپاتتىن ئۆتمىگەن. ئەگەر سىزنىڭ قولىڭىزدا 1710- يىلدىن بۇرۇن يېزىلغان،   Hun  ناملىق «مىللەت » تەسۋىرلەنگەن ھۆججەت بولسا مەن كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟ مەن ماقالەمنى ئەسلىي 37 بەت يازغان، مەن بۇ ماقالىنى قىسقارتىپ ئېلان قىلدىم. ياۋروپالىق تارىخچىلارنىڭ  Hun  سۆزى ھەققىدىكى «پاكىت»لىرىنى بىر- بىرلەپ كۆرسىتىپ ئۆتكەنمەن. بەزەن پاكىتلارنى دېيىش بىئەپ بولغانلىقتىن ھەممىسىنى بېرىش مۇمكىن بولمىدى. مەن سىزنىڭ مېنىڭ ماقالەمنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.  ئەگەر سىزگە نىسبەتەن مۇمكىن بولسا بىز يۈزتۇرا كۆرۈشۈپ  Hun  سۆزىنىڭ 1710- يىلدىن بۇرۇن قوللىنىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارنى بىۋاسىتە كۆرۈپ باققان بولساق، قانداق دەيسىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئىنكاسىڭىزدا «ۋىكىپىدىيەدە قەدىمكى لاتىن تىلىدىكى تارىخنامىلەردىمۇ ھۇنلار ھەققىدە نۇرغۇن خاتىرىلەرنىڭ قالدۇرۇلغانلىقى يېزىلىپتۇ. مەسىلەن پتولمى ھۇنلارنى Chuni دەپ ئاتىغانىكەن» دەپ يېزىپسىز. ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ «ھۇن» سۆزى 1945- يىلدىن بۇرۇن ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىلمىغان يەردە «لاتىن تىلىدىكى تارىخنامىلەر»دە قوللىنىلىشى مۇمكىنمۇ؟ سىز ماڭا كۆرسىتىپ قويالامسىز ئاشۇ «لاتىن تىلىدىكى تارىخنامىلەر»نى؟ ئىنكاسىڭىزدا لوگىكىلىق خاتالىق بار. مەسىلەن، سىز «پتولمى ھۇنلارنى Chuni دەپ ئاتىغانىكەن» دەپ يېزىپسىز. ئويلاپ بېقىڭا پتولمى «ھۇن» سۆزىنى قاچان، قەيەردە ئۇچرىتىپتىكەن؟ مەن ماقالەمنى ھېسسىياتقا بېرىلىپ يازمىدىم. تارىختا قوللىنىلمىغان، ھۆججەت ئاساسى بولمىغان سۆزنى پۇستانى تىلدا، پوكۇنى تارىخنامىلەردە قوللىنىلغان دېمىدىم. سىزگە نىسبەتەن  قولايلىق بولسا بىز كۆرۈشۈپ يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرايلى. مەنمۇ سىزگە پاكىتلىرىمنى كۆرسىتەي، سىزمۇ پاكىتلىرىڭىزنى كۆرسىتىڭ.   Hun  ۋە «ھۇن» سۆزىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇنداق ئاددىي جەريان ئەمەس.

باھا سۆز

ئەسلى ‹‹ ھۇن ›› مۇ ، ‹‹ ھون ›› ؟  ۋاقتى: 2015-11-19 03:06 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-18 22:41:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى،  دۇنيادا خەنزۇ تىلىدىكى ماتېرىياللار مەنبەسىنىڭ موللۇقى، مەزمۇنىنىڭ كەڭلىكى جەھەتتىن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.  خەنزۇچە ماتېرىياللاردىكى كىشى ئىسىملىرى، مىللەت ۋە يەر ناملىرىنىڭ باشقا مىللەت تىلىدا قانداق تىرانسكرىپسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلاشتا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتېرىياللار بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنى رۇس شەرقشۇناسلىرىمۇ ئېتىراپ قىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇرچە ماتېرىيالنىڭ ياردىمى بولماي تۇرۇپ خەنزۇچە يازمىلاردىكى خاس ئىسىملارنىڭ خەنزۇ تىلىدىن باشقا تىلدا قانداق تىرانسكرىپسىيە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بۇنى سىزمۇ بىلسىڭىز كېرەك؟ پىكىر قىلغاندا لوگىكىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ سۆزلىگەن بولساق. ئاڭلىۋالغان ياكى تېخى يېقىنقى زاماندا يېزىلغان ئەسەرلەرنىلا كۆرۈپ «ھۇن» سۆزى ھەققىدە ئالدىراپ بىر نېمە دېمەيلى، ماتېرىيالنى جىق كۆرەيلى، ھەقىقىيسىنى كۆرەيلى، ساختىسىنى پەرق ئېتەيلى...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-19 12:07:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت ئەپەندى مەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى قىزغىن قوللايمەن ۋە سىزگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە  سىزگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرگەچ سىزگە يەنە «خان- خانس» ۋە «ھۇن» ھەققىدىكى  مۇنداق مەزمۇننىمۇ بىلدۈرۈپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتىم.
تارىختا ئۆتكەن ھەر قانداق بىر ئۇرۇق، قەبىلە، قوۋم ياكى مىللەت مۇئەييەن بىر سۆز بىلەن ئاتالغان. نامى يوق ئۇرۇق، قەبىلە، قوۋم ياكى مىللەتنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. جۈملىدىن يەنە مۇنداق ئۇرۇق، قەبىلە، قوۋم ياكى مىللەتنىڭ قانداق سۆز بىلەن قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ شۇنداق ئاتالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نەق يازما پاكىتمۇ بولۇشى شەرت. مۇنداق شەرتنى ھازىرلىمىغان نامەلۇم سۆزنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۇنى پۇستانى مىللەتنىڭ نامى ئىدى دېيىش قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا تىلشۇناسلىق ۋە لوگىكا ئىلمىنىمۇ پۇختا بىلىش كېرەك. تىلشۇناسلىق جەھەتتىن ئېيتقاندا مۇئەييەن بىر سۆزنىڭ قايسى تىلدا، قايسى يېزىقتا قاچان قوللىنىلغانلىقى، قانداق ئوقۇلۇدىغانلىقى، قانداق تىرانسكرىپسىيە قىلىنىدىغانلىقى، قانداق مەمەنى بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە ئىسپات كۆرسىتىش، بايان قىلىش ۋە شەرھلەش تەلەپ قىلىنىدۇ ھەمدە شۇ سۆزلەرنى مۇتلەق توغرا ئىملا بىلەن يازالايدىغان بولۇش شەرت قىلىنىدۇ؛ لوگىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا جۈملىنى مەنتىقىللىق تۈزۈش، ئۇقۇملارنى لوگىكىلىق ئىپادىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ، لوگىكىسىز جۈملە، لوگىكىسىز ئۇقۇم، لوگىكىسىز ھۆكۈم بىزنى باشقىلار ئالدىدا مات قىلىپ قويىدۇ. ئېتىمولوگىيە ئىلمى مانا مۇشۇ ئەھۋال بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن پەندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن Huns-  Hun(خان- خانس)  سۆزى بىلەن «ھۇن» سۆزىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى ئېنىقلاش ئىشى پۈتۈنلەي ئېتىمولوگىيە ئىلمىنىڭ پىرىنسىپلىرى بويىچە  ئېلىپ بېرىلشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا «خان- خانس» سۆزىمۇ قاچان، قايسى تىلدىكى ھۆججەتتە خاتىرىلەنگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ قانداق مەنىدە قوللىنىلغانلىقى ئىسپاتتىن ئۆتۈشى كېرەك.  «خان- خانس» سۆزىنىڭ قانداق بولۇپ «ھۇن»غا ئۆزگىرىپ قالغانلىقىمۇ نەق يازما پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشى كېرەك. «خان- خانس» سۆزىنىڭ 1710- يىلدىن بۇرۇن شيۇڭنۇلارنىڭ فىرانسۇز تىلى ياكى ئىنگىلىز تىلىدىكى ئاتىلىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى مۇنداق پاكىت ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بىر قىسىم ياۋروپالىق تارىخچىلار، مەسىلەن، فېڭبىڭجېڭ (冯秉正، Joseph de Moyria de Maillac) ، ئېدۋارد گىببون، م. دېگۇئىگنې «خان- خانس» سۆزىنى خەنزۇچىدىكى «شيۇڭنۇ» سۆزى ئاساسىدا سۈنئىي رەۋىشتە ياساپ ئاندىن بۇنى تارىختىكى سۆز دەۋالدى. باشقىلارمۇ ئاق- قارىنى پەرق ئەتمەيلا بۇ سۆزنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن «خان- خانس» ئىبارىسىنىڭ «شيۇڭنۇ» سۆزى بىلەن بىر دەۋردە قوللىنىلغانلىقىنى، ھېچ بولمىغاندا 1710- يىلدىن بۇرۇن قوللىنىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نەق يازمىچە ھۆججەت بولۇشى شەرت.  ئەمدى «ھۇن» ئىبارىسىگە كەلسەك، بۇنى مەن ماقالەمدە تولۇق چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم، گەپنى تەكرارلىمايمەن. پەقەت ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ قانداق «تارىخچى» ئىكەنلىكىنى بۇ يەردە شەرھلەپ قويۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. ئەلۋەتتە مەن «ھۇن» سۆزى ھەققىدىكى ماقالەمدىمۇ ئەھمەد زەكى ھەققىدە قىسقىچىلا مەلۇمات بەرگەن ئىدىم. سىز مۇشۇ مەلۇمات ئارقىلىقمۇ ئەھمەد زەكىنىڭ قانداق «تارىخچى» ئىكەنلىكىنى بىلەلەيتتىڭىز. بىراق بىلەلمەپسىز. شۇڭا مەن سىزگە بۇ «تارىخچى»مىزنىڭ قانداق سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي.
بىز ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ باشقا ئەسەرلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ پەقەت ئاقسۇ ۋە كۇچا مەدەنىيىتىگىلا بېغىشلانغان «قەدىمكى كۇچالىقلارنىڭ مەدەنىيىتى» ناملىق ماقالىسىنى كۆرۈپ باقايلى. بۇ ماقالە ئۆمەرجان نۇرى ئەپەندىنىڭ تۈركچىدىن نەشرگە تەييارلىشى بىلەن «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2005- يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى خاتالىقنىڭ كۆپلۈكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەگەر بۇ خاتالىقنى باشتىن- ئاياق كۆرسەتكىلى تۇرساق ماقالىمىزنىڭ ھەجىمى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭغا، «قەدىمكى كۇچالىقلارنىڭ مەدەنىيىتى»دىن پەقەت بىرلا مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق بىز بايىقى قارىشىمىزنى ئىسپاتلاپ چىقايلى. «كۇچانىڭ 233 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدا بولغان يېڭى ئاقسۇ شەھىرى بىتنخيۇسىدا ‹ئاكساكان› يەنى ‹ئاقسۇغ›، يېڭى زامان جۇڭگو مەنبەلىرىدە ‹ئاقسۇ› دېيىلگەن. ئاقسۇنىڭ ئۆزى ياكى يېنىدىكى سېپىللىرىدىن بىرىنى ‹بارسىغان› دېگەن، جۇڭگو مەنبەلىرىدىمۇ ‹بارسىغان› دېيىلگەن. 14- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياكى ئالدى- كەينىدە جۇڭگو مەنبەلىرىدە ‹بارسىغان› دەپ ئاتالغان بۇ يەر ئەسلىدە ‹بارمان› دەپ ئاتالغان. ھازىر بىزنىڭ خەلقىمىز ‹ن› ھەرپىنى ‹ر›گە ئۆزگەرتىپ،‹كۈسەن› سۆزىنى ‹كۇچار›غا، ‹بارمان› سۆزىنى ‹بار- بار›غا ئۆزگەرتىپ ئىشلەتمەكتە». ئەھمەد زەكىنىڭ «قەدىمكى كۇچالىقلارنىڭ مەدەنىيىتى» ناملىق ماقالىسىدىن  ئەينەن ئۈزۈپ ئېلىنغان بۇ بىر ئابزاس جۈملىدىكى گىرامماتىكىلىق خاتالىقنى دېمەيلا تۇرىمىز. پەقەت تارىخ، ئېتىمولوگىيە ۋە لوگىكا جەھەتتىنلا قارايدىغان بولساق، بىرىنچىدىن، بۇ جۈملىدىكى «يېڭى ئاقسۇ شەھىرى بىتنخيۇسىدا ‹ئاكساكان› يەنى ‹ئاقسۇغ›» دېگەن ئىبارىدىن ھېچنېمىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. تارىختا «ئاقسۇ» سۆزى ۋە ئاقسۇ جۇغراپىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان «ئاكساكان»، «ئاقسۇغ» ئىبارىلىرى مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان، پەقەت «ئاسۇق» سۆزىلا مەۋجۇتتۇر، «ئاسۇق» سۆزىنىڭ پەيدا بولغىنىغا توپتوغرا 1300 يىلدەك بولدى (قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى تاش پۈتۈكلەردە كىشى ئىسمى سۈپىتىدە قوللىنىلغان). ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرى 1883- يىلى «ئاسۇق» ناملىق يۇرتنىڭ ئورنىغا دەسلەپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي گازارمىسى ۋە قەلئەسى سۈپىتىدە قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، بىز ئاقسۇلۇقلار شۇ سەۋەبلىك بۇ شەھەرنى «ئاسۇق» دەپمۇ ئاتىغانمىز، ھەتتا ھازىرمۇ شۇنداق ئاتاۋاتىمىز. ھېچقاچان «ئاكساكان» ياكى «ئاقسۇغ» دەپ ئاتاپ باقمىغانمىز. ئىككىنچىدىن، بۇ جۈملىدىكى «جۇڭگو مەنبەلىرى» دېگەن سۆزنى ئەگەر «خەنزۇچە مەنبەلەر» دەپ چۈشەنسەك، ئۇنداقتا، ئاقسۇ خەنزۇچە مەنبەلەردە ھېچقاچان «ئاقسۇ» دېيىلمىگەن، «ئاقسۇ» دېيىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، خەنزۇ تىلىدا باشقا مىللەت تىلىدىكى خاس ئىسىملار ئەزەلدىن ئەينەن تىرانسكرىپسىيە قىلىنمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئاقسۇ خەنزۇ تىلىدا «ئاكېسۇ» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ھەم شۇنداق ئاتىلىدۇ. ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خەنزۇچە «ئاكېسۇ» دەپ ئاتىلىشى بۇ شەھەرنىڭ مىنگونىڭ 2-يىلى (1913-يىل) ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغان ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق شەھەرگە ئايلانغاندىن كېيىنكى ئىش. ئاقسۇنىڭ خەنزۇ تىلىدا «بارسىغان» دەپ ئاتىلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، يەنە كېلىپ خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قانۇنىيىتى بويىچە ئېيتقاندىمۇ خەنزۇ تىلىدا «بارسىغان» تەلەپپۇزىدىكى سۆز مەۋجۇت ئەمەس، يەنى «بارسىغان» سۆزى خەنزۇ تىلىدا ئەينەن تەلەپپۇز قىلىنمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىمۇ ئاقسۇ ھېچقاچان تارىختا «بارسىغان» دەپ ئاتىلىپ باقمىغان. بۇ تامامەن ئويدۇرما سۆزدۇر. ئۈچىنچىدىن، «14- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياكى ئالدى- كەينىدە جۇڭگو مەنبەلىرىدە ‹بارسىغان› دەپ ئاتالغان» دېگەن ئىبارىنىڭمۇ ھېچقانداق پاكىت ئاساسى يوق. 14- ئەسىردە ئەمەس، بەلكى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 7- ئەسىرلەردە ئاقسۇ كوناشەھەر «بارمان» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ شەھەر ئاپراسىياپ (ئەفراسىياپ)نىڭ ئوغلى بارمان تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن «بارمان» دەپ ئاتالغان. تۆتىنچىدىن، ئۇيغۇر تىلى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، «كۇچا» سۆزىنىڭ «ر» بىلەن قىلچىمۇ مۇناسىۋىتى يوق، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئەسەرلىرىدە «كۇچا» سۆزىگە «ر» ھەرپى قوشۇلۇپ «كۇچار» يېزىلىپ قېلىشى ئاپتورلارنىڭ بىپەرۋالىقىدىن بولغان. چۈنكى، «كۇچا» سۆزىنىڭ «ر» بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تىل پاكىتلىرى يوق. پەقەت «شايار» (شەھىرىيار)نىڭلا «ر» بىلەن مۇناسىۋىتى بار. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلار «بارمان»نىمۇ «بار-بار»غا ئۆزگەرتىپ باقمىغان. بۇمۇ ئوخشاشلا تارىخ ئاساسى يوق سېپى ئۆزىدىن قىپقىزىل ساختا ئىبارىدۇر. دېمەك، كىچىككىنە بىر ئابزاستىن مۇشۇنچىۋالا خاتالىق يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالدا بىز ئەھمەد زەكىنى پىشقان شەرقشۇناس دەپ قارىيالمايمىز. ئاپتور ئاقسۇنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە قىچا چاغلىق بىر نېمە بىلمەي تۇرۇپ خىيالىغا نېمە كەلسە شۇنى بولۇشىغا دەۋەرگەن (ئۇنىڭ «ھۇن» ئىبارىسىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدىكى ھۆكۈملىرى تېخىمۇ كومېدڭيەلىققە ئىگە، بۇنى ماقالەمدىنمۇ ئېنىق كۆردىڭىزغۇ!).
مەن سىزنىڭ ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ ئاقسۇ كوناشەھەرنىڭ ھازىرقى نامى بولغان «ئونسۇ» سۆزىنى ئەسلىي خەنزۇچە «ۋېنسۇ» (温宿) دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇزىغا ئوخشىتىپ سۈنئىي رەۋىشتە ياساپ ۋە كىلونلاپ چىققانلىقىنىمۇ، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي 1990- يىللىرىغا كەلگەندە ئېتىمولوگىيە ئىلمىنىڭ شەرتلىرىنى چۈشىنىشكە قادىر بولالمىغان ئون نەچچە ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئىلگىرى- كېيىن بۇ ئىبارىنى «ئاقسۇ كوناشەھەرنىڭ ئەسلىي ئاتىلىشى» ئىدى دېگەننى تەرغىب قىلىشى بىلەن 1998- يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئاقسۇ كوناشەھەرنىڭ نامىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىمۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاقسۇ كوناشەھەرنىڭ نامىدا مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ قوياي. مەن ئەھمەد زەكىنىڭ مۇنداق قاراشلىرىنىڭ ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ماقالىلىرىدە قانداق سەرىپ كەتكەنلىكىنى «ئاقسۇدىن چىققان گۈدۈك» ناملىق ماقالەمدە تەپسىلىي توختالغان. بۇنى تەكرارلىمايمەن. مانا سىز ۋە بىز ئىشەنگەن چەت ئەللىك «تارىخچى»لارنىڭ ھالى شۇنچىلىك. ئەھۋال مانا شۇنداق تۇرسىمۇ بىز«ھۇن» ئىبارىسىنىڭ ياۋروپا تىللىرىدىن كەلگەنلىكىنى يەنە قانداق چۈشەندۈرىمىز. ئاخىرىدا مۇنداق بىر مۇھىم ئەۋالنىمۇ سىز بىلىپ قېلىڭ. «ھۇن» سۆزى ھەققىدە ئاز بولغاندىمۇ 15 يىل ئىزدىنىش ۋە مۇتالىئە قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاز بولغاندىمۇ 45 يىللىق ھايات مۇساپىسىنى باسقان بولۇش شەرت. چۈنكى، «خان- خانس»، «ھۇن» ئىبارىلىرىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانلارمۇ تېخى 30 ياشتىن ئاشمىغان ئىدى. ئادەم 30 ياش مەزگىلىدە قانداق ھاياجانلانمايدۇ دەيسىز! دېمەكچىمەنكى، بىر- ئىككى كىتاب ياكى بەش- ئالتە پارچە ماقالە كۆرۈش بىلەنلا «خان- خانس»، «ھۇن» ئىبارىلىرى ھەققىدە يېتەرلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولغىلى بولمايدۇ. بۇ ئىبارىلەر ھەققىدە ئۇزۇن يىل ئىزدىنىش كېرەك. ئەگەر مەن بىلەن يۈزتۇرا مۇنازىرىلىشىشنى خالىسىڭىز مەن ھەر قاچان ئۈستەلنىڭ ئالدىدا.

ۋاقتى: 2015-11-20 09:49:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىر يوللىغان ۋاقتى  2015-11-19 12:07
ئابدۇمىجىت ئەپەندى مەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى قىزغىن قول ...
... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.abdulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-24 11:08  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-20 10:37:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق بولسا   Huns-  Hun (خان- خانس)  سۆزى بىلەن «ھۇن» سۆزىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدىكى نەق ماددىي پاكىتلىرىڭىزنى مۇستەقىل ئوتتۇرىغا قويۇپ شەرھلەڭ. مەن پۈتۈن گەپلەرنى ماقالەمدە ئاساسەن دەپ بولدۇم. مەن بۇ ئىككى ئىبارىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدە توپتوغرا 25 يىل ئىزدىنىپ نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلاردىن قايىل بولغۇدەك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ئاندىن ئوتتۇرىغا قويغانمەن.  مېنىڭ  سىزنىڭ بۇ ئىككى سۆز ھەققىدىكى پاكىتلىرىڭىز، بايانلىرىڭىز ۋە ھۆكۈملىرىڭىزنى كۆرۈپ باققۇم بار.  ئەمما ئەمدى سىز بىلەن بۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشىپ ئولتۇرمايمەن.  چۈنكى بۇ ئىككى سۆز ھەققىدىكى مۇلاھىزە پاكىت كۆرسىتىش، دەلىللەش، تـىلشۇناسلىق جەھەتتىن قايسىسى قايسىسىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىش، جۈملىنى لوگىكىلىق تۈزۈش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن سىز دۆلىتىمىزنىڭ ئىچىدە ئەمەسكەنسىز.  ئىككىمىزنىڭ يۈزتۇرا مۇنازىرىلىشىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن.  ماڭا نىسبەتەن سىزنىڭ بۇ ئىككى ئىبارە ھەققىدىكى نەق ماددىي پاكىتلىرىڭىزنى يۈزتۇرا كۆرمەكتىن باشقا چارە يوق ئىكەن. چۈنكى، سىز «ھۇن» ئىبارىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان كىشىنىڭ نەقەدەر بىچارە «تارىخچى» ئىكەنلىكىنى نەق ماددىي پاكىتى بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويساممۇ قايىل بولمىسىڭىز  نېمە ئامال! خەير خوش ئامان بولۇڭ.

ۋاقتى: 2015-11-29 12:46:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم «ئىمىر غىياس» ئەپەندى

    « ‹ھۇن› سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىش»ىڭىز  ئاجايىپ كاتتا ئەمگەك بوپتۇ ... بۇ كاتتا ئەمگەكنىڭ قىسمەن نەتىجىسى ئارقىلىق سىزنى قېرىنداشلىق مېھرى- مۇھەببەت قۇچاقلىشىدا قۇتلۇقلايمەن...

      ئەسىرىڭىزنى ئەستايىدىل بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. بۇنچىلىك زور ھەجىملىك يازمىغا لايىقىدا باھا بېرىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزدىنىشىڭىزگە ئىلھام ۋە  تۈرۈتكە بولۇش ئۈچۈن، يەنىمۇ يورۇق نوقتىلار ئارقىلىق سىز بىلەن  سۆھبەتلەشكىم كەلدى...

ئا. مۇھەممەتئىمىننىڭ «ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى» دېگەن ئەسىرىدە تۆۋەندىكىدەك قاراشلار ئوتتۇرغا قويۇلغان:

مېنىڭچە، ئەمدىلىكتە تارىخنى يېزىق بىلەن تەسۋىرلەپ بايان قىلىش ئۇسۇلىدىن باشقا يېڭى شەكىلدىكى تەتقىقات مېتودى ــ «ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقات ئۇسۇلى»نى ئوتتۇرغا قويۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئەمەلىي پايدىلىنىش دەۋرى يېتىپ كەلدى! بۇ ئۇشبۇ ساھەدە دەۋر بۆلگۈچ يېڭى تەشەببۇس بولۇپ سەۋەپ تەپسىلاتى تۆۋەندىىچە:
بىرىنچىدىن، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ تۈزۈلمىسى، ھەركىتى ۋە جەريانى مەۋجۇتلۇق قىممىتىگە، جۈملىدىن ئۇچۇر قىممىتىگە ئىگە. ئۇچۇرسىزلىق مەۋجۇتسىزلىقتۇر.
ئىككىنچىدىن، ئىنسانىيەت پائالىيىتى ئۇچۇرلۇق پائالىيەت بولۇپ، ئىنساننىڭ ماددى ئىشلەپچىقىرىش، مەنىۋى مەدەنىيىتى ئۇچۇر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقى ياكى مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، تىل ـ يېزىق بىر خىل ئۇچۇر بولۇپ، پۈتكۈل ئۇچۇر تىل- يېزىق بىلەن چەكلەنمەيدۇ. تىل- يېزىق ئارقىلىق قىلىنغان ئۇچۇر بىۋاستىلىك، روشەنلىك سالاھىيىتىدىن باشقا، ۋاستىلىك (ھەتتا كۆپ تەكرارلانغان ۋاستىلىك)، قىياسى ياكى تەخمىنلىك ئالامەتلىرىگە ئېگە بولىدۇ.
تۆتىنچىدىن، مەلۇم ئىنسان تۈركۈمى، مەلۇم ئېتنىك مەدەنىيەتنىڭ ھەربىر قىسمەنلىكى، شاخچىسى، تەركىبىي قىسمىدا، شۇ ئىنسان تۈكۈمى، شۇ ئېتنىك مەدەنىيەتنىڭ مۇجەسسەملىكىنى كۆرسەتكۈچى ئۇچۇر قىممىتى بولىدۇ. بۇ قىسمەنلىك قىسمەنلىكنى ئەمەس، بەلكى ئومۇمىيلىقنى قىسمەن ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇچۇر قىلىدۇ، دېگەن سۆز.
بەشىنچىدىن، يېزىق بىلەن بايان قىلىنىدىغان تارىخ تارىخنى ئۆتمۈشكە ئايلانغان، مۇتلەق ئۆتكەن زامان قاينىمىغا چۆككەن، «ئۆلۈك تارىخ» دەپ قارايدۇ، ئۇ ئەڭ تەشەببۇسكار ھالەتتىمۇ ئۆتمۇشنى ئىبرەت ئەينىكى دەپ قارايدۇ. ۋەھالەنكى، «ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى» تارىخنى قىسمەن «ئۆلگەن» قىسمەن ھازىرقى رېئاللىق ئىچىدە يۇقىرىراق سېنتىز بىلەن داۋام قىلىۋاتقان «ئۆلمەس مەدەنىيەت فوندى» دەپ قارايدۇ. ئۇ قەدىمكى بويۇملار بىلەن ھازىرقى بويۇملار، قەدىمكى موزىكىلار بىلەن ھازىرقى موزىكىلار، قەدىمكى مەدەنىيەت بىلەن ھازىرقى مەدەنىيەت ئارىسىدا «ئۆتۈشمە» مەۋجۇتلۇقنى جاكارلايدۇ، چۈشەندۈرىدۇ، تەن ئالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۇچۇر قانىلىدا تىرىك تارىخ ھەركىتى ھەركەتتە بولۇپ، كىشىنى مەيلى ماكان ۋە زاماننىڭ پۈتۈنلىكى، بىللىلىكى بىلەن يېڭىچە تارىخىي قاراشقا، خۇددى ئېينىشتىيىننىڭ «نىسبىلىك نەزىريىسى» ماكان قارىشىغا يېڭى مۇمكىنلىك بېغىشلىغىنىدەك زامان قارىشىغىمۇ «نىسبىي ئۆتمۈش» قارىشى پەللىسىنى بېغىشلايدۇ.

  بۇ زور ھەجىملىك ئەسىرىڭىزگە يۇقىرىقى ئۆلچەم بىلەن قارىغىنىمىزدا، «ھون» نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى تارىختىكى يازما ماتىريال مەنبەسى ئارقىلىقلا يورۇتۇپسىز (بۇ جەھەتتىكى ئەمگىكىڭىزنىڭ  قۇسۇرسىز ۋە مۇكەممەللىكىدە گەپ يوق). ئەمما، «ھون» نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك   جۇغراپىيىلىك (توپىنومىيىلىك)، ئېتنولوگىيىلىك، تارىخىي، ئارخېئولوگىيىلىك، مەدەنىيەتشۇناسلىق،  ئابىدەشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەرگە پۈتۈنلەي سەل قارالغاندەك قىلىدۇ. بۇلارسىز «ھون» نامىنىڭ تارىخى ھەقىقىتىنى يورۇتۇش ناھايىتى قىيىن...

   ئاخىرقى تەۋسىيەم شۇكى، مۇشۇنداق قىممەتلىك ۋە سەمەرىلىك ئەمگەكلىرىڭىزدە  يۇقىرىقى «ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى» قىسمەن نەزەرگە ئېلىنسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن...

   

  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-29 14:33:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ئەسسالامۇئەلەيكۇم م.قادىر ئەپەندى ياخشىمۇ سىز؟ ئالدى بىلەن سىزگە مېنى قوللىغىنىڭىزغا بولغان رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە سىزنىڭ مۇنۇ جۈملىڭىز ئۈچۈن سىزدىن جاۋاب تەلەپ قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ. سىزنىڭ جۈملىڭىز مانا مۇنداق: « ئەمما، «ھون» نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك   جۇغراپىيىلىك (توپىنومىيىلىك)، ئېتنولوگىيىلىك، تارىخىي، ئارخېئولوگىيىلىك، مەدەنىيەتشۇناسلىق،  ئابىدەشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەرگە پۈتۈنلەي سەل قارالغاندەك قىلىدۇ. بۇلارسىز «ھون» نامىنىڭ تارىخى ھەقىقىتىنى يورۇتۇش ناھايىتى قىيىن...
   ئاخىرقى تەۋسىيەم شۇكى، مۇشۇنداق قىممەتلىك ۋە سەمەرىلىك ئەمگەكلىرىڭىزدە  يۇقىرىقى «ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى» قىسمەن نەزەرگە ئېلىنسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن...
». «ھۇن» سۆزىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قاچان، كىمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قاچان كىرگەنلىكى ھەققىدە ماقالەمدە توختالدىم. بۇ سۆز بىلەن قاچاندىن بۇيان ھەپىلەشكەنلىكىم ھەققىدە ئابدۇمىجىت ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىغا بەرگەن جاۋابىمدىمۇ ئېنىق دېدىم. بۇنىسى سىزگىمۇ ئايان بولسا كېرەك. سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدا مەن سىزدىن جاۋاب تەلەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىككى مۇھىم مەسىلە بار ئىكەن.  بىرى، سىز  « ‹ھون› نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك   جۇغراپىيىلىك (توپىنومىيىلىك)، ئېتنولوگىيىلىك، تارىخىي، ئارخېئولوگىيىلىك، مەدەنىيەتشۇناسلىق،  ئابىدەشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەرگە پۈتۈنلەي سەل قارالغاندەك قىلىدۇ» دەپ يېزىپسىز. ئۇنداقتا سىز جاۋاب بېرىپ بېقىڭا «ھۇن» سۆزىنى  جۇغراپىيەلىك (توپىنومىيەلىك)، ئېتنولوگىيەلىك، تارىخىي، ئارخېئولوگىيەلىك، مەدەنىيەتشۇناسلىق،  ئابىدەشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەتقىق قىلىشتا قانداق مېتود قوللىنىلىدۇ؟ مەن «ھۇن» سۆزىنىڭ پايدا بولۇش، قوللىنىلىش، ئۇيغۇر تىلىغا كىرىش جەريانىنى ئېتىمولوگىيە ئىلمىنىڭ شەرتلىرى بويىچە شەرھلىدىم. مېنىڭ بايانلىرىم ئەمەلىيەتتە سىز دېگەن ئاشۇ ساھەلەر بىلەن ئاللىقاچان چېتىلىپ كەتكەن. ھەممىدىن مۇھىمى «ھۇن» سۆزىنىڭ پايدا بولغان ۋاقتى، تىل مەنسۇپىيىتى، قوللىنىلىش جەريانى، ھۆججەت ئاساسى نەق ماددىي پاكىتقا چېتىلىدۇ، يەنى پاكىت كۆرسىتىش، دەلىللەش، تـىلشۇناسلىق جەھەتتىن قانداق فونېتىكىلىق ئاساسى بارلىقىنى شەرھلەش، كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى پەرق ئېتىش، جۈملىنى لوگىكىلىق تۈزۈش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. قېنى سىز «ھۇن» سۆزىنى مۇشۇ جەھەتتىن ئىسپاتلاپ بېقىڭ. لېكىن ئالدىنقى شەرت شۇكى جەزمەن پاكىت كۆرسىتىڭ. پاكىت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. مەن سىز دېگەن ئۇ مەسىلىلەرنى توپ توغرا 25 يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، تالاي ئادەملەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب تاپالمىغان (پاكىتقا ئېرىشەلمىگەن) ئەھۋالدا ئاخىر ئۆزۈمگە مۇراجىئەت قىلىپ مۇستەقىل ئوتتۇرىغا قويدۇم.  ئەمدى سىزمۇ «ھۇن» سۆزىنىڭ قاچان، قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكى، ئۇيغۇر تىلىغا قاچان كىرگەنلىكى ھەققىدە مۇستەقىل قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مېنىڭ ماقالەمدىكى «سەل قارالغان» مەسىلىلەرنى مەنتىقىلىق يوسۇندا بايان قىلىڭ. شۇ چاغدا  سىزگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. يەنە بىرى، سىز ئىنكاسىڭىزدا «‹ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى› قىسمەن نەزەرگە ئېلىنسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن» دەپ يېزىپسىز. سىز دېگەندەك مېنىڭ ماقالەمدە «ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى» نەزەرگە ئېلىنمىغان بولسا، ئۇنداقتا سىز دەپ بېقىڭا، زادى قايسى تەرەپتىن «نەزەرگە ئېلىنمىغان؟». سىزنىڭ بۇ جۈملىڭىزگە مەن قانداق قايىل بولىمەن؟ ئەمەلىيەتتە مەن كۆرسەتكەن ئاشۇ پولاتتەك پاكىتلار  «ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى»غا ياتىدىغان مەسىلە ئىدى. گەپنىڭ پوسكاللىسى شۇكى، سىز ئىنكاسىڭىزدا قىلچىمۇ پاكىت كۆرسەتمەپسىز، پاكىت كۆرسىتىپ بىزنى قايىل قىلىڭ. پەقەت ھەقىقىي پاكىتلا ھەممىنى قايىل قىلىدۇ. ئەمما سىز «ھۇن» سۆزى بىلەن 匈奴 سۆزىنىڭ پايدا بولغان ۋقتى، قوللىنىلىش جەريانى، تىل تەۋەلىكى جەھەتتىن بىر سۆز دەپ چۈشىنىۋالسىڭىز بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىن ئىككىسى تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى سۆز. مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم 匈奴 سۆزىنى «ھۇن» سۆزى بىلەن ئىپادىلەشنىڭ قانداق پاكىت ئاساسى بارلىقىنى ئېتىمولوگىيە، تارىخشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيەلىك، مەدەنىيەتشۇناسلىق،  ئابىدەشۇناسلىق جەھەتتىن ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت. ئەمما «ھۇن» سۆزى تاكى ھازىرغىچە مۇشۇ جەھەتتىن ئىسپاتلانمىغان. ئۇنداق ئەمەس دېسىڭىز ئەمىسە بۇنىڭغا پاكىت كۆرسىتىش كېرەك، ماڭا نىسبەتەن پاكىتىڭىزنى كۆرمەكتىن باشقا سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى قوللاشقا  ئامالىم يوق. ئاخىرىدا سىزگە دەيدىغان بىر گېپىم: سىز مېنىڭ ئىسمىمنى قوش تىرناق ئىچىگە ئاپسىز. بۇ ئورۇنلۇق ئەمەس. چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدا ھازىر 14 خىل تىنىش بەلگىسى بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە رولى بار. مېنىڭ ئىسمىمنى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىشىڭىز بۇ تىنىش بەلگىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئۇيغۇن ئەمەس. شۇڭا بۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما مەيلى نېمىلا بولمىسۇن سىزنى قىزغىن قوللايمەن، ئىنكاسىڭىزغا ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتۇمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-29 14:46:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م. قادىر ئەپەندى سىز يەنە «ھۇن» سۆزى ھەققىدىكى ماقالىگە ئىنكاسچىلارنىڭ سوئالىغا  بەرگەن 12- قەۋەت جاۋابنىمۇ بىر قېتىم ئوقۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش