يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ئىمىر

ئىمىر غىياس:«ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە ئىزدىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-2 15:27:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس
بۇ مەنتىقىڭىزگە قاراڭ:
يۇن»نى  «يۇنئارىق»قا چېتىۋالدۇق، يەنە «ھۇن» سۆزىنى نەدىكى بىر «ئۇما» («ھىما»)  سۆزىگە چېتىۋالدۇق، يەنە «ھۇمايۇن» پادىشاھنىڭ نامىدىن تۈرلەنگەن  دەۋالدۇق، ئۇنى يەنە ئاتۇشتىكى «تەختىيۇن» (ھونلار تەختى)غا چېتىۋالدۇق، يەنە «كەلىلە ۋە دېمنە» ۋە ئوبۇل قاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە»سىدىكى «ھۇن»(يۇن)غا چېتىۋالدۇق...

   ئىمىرغىياس ئەپەندى! ئاتالمىش بۇ فورمىلاسىڭىز بويىچە بولغاندا،  قەشقەر نامىنى مەھمۇد قەشقەرىگە چېتىۋالساق بولمايدىكەندە؟ «ساغۇن» ئاتالغۇسىنى  «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئاتىسى بولغان ئالەمشۇمۇل ئىپتىخارىمىزدىكى نام «ئاتاساغۇن»غا چېتىۋالساق بولمايدىكەندە؟ تارىختىكى «بالاساغۇن» نامىنى شەيخ ئىمام مۇھەممەد فىقىھ ئەلئۆمەرۇل بالاساغۇنىغا چېتىۋالمىساق بولىدىكەندە؟ ئۇيغۇر نامىنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا چېتىۋالمىساق بولىدىكەندە؟

  بۇ ئاتالمىش سىز تەكىتلەۋاتقان «ئۇيغۇرچە ئېتىمولوگىيە»سىمىزمۇ؟

مەن، ئىنكاسىمنى ئاخىرلاشتۇرغىچە سەبىر قىلسىڭىز قانداق؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.قادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-2 18:05  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-2 18:31:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز يەنە گەپنى شاخلىتىۋاتىسىز.  مەن سىز دېگەندەك ئۇنداق گەپلەرنى دېمىدىم . مەن ئۇنداق دەيدىغان ئادەم ئەمەس. گەپكە دىققەت قىلىڭ. پەقەت «ھۇن» سۆزى ھەققىدىلا  سۆزلەيلى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-2 18:35:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     م. قادىر ئەپەندى سىزنىڭ «‹ھ› ۋە ‹ي› تىل تاۋۇشلىرىدىكى ئازغىنە پەرق ئارقىلىق ‹ھۇن›  بىلەن ‹يۈن›نىڭ بۇنداق ماس كېلىش ئەھۋالى ئاددى ۋە تاسادىبىي ھالدىكى ماس كېلىپ قېلىش بولماستىن، بەجايىكى ئۇ، پاراللېىل ئىككى فېگوردىكى ئىككى نۇر سىزىقىنىڭ بىر نوقتىدا ئۇچرىشىپ بىر تارىخى ھەقىقىقەتنىڭ قوياشتەك نۇر جۇلاسىنى جاھانغا نامايىش قىلىشىدەك تارىخىي رىياللىقنىڭ كاتتا بەدىئىي قىياپىتىدۇر... مانا! ئالدىمىزدا ‹ھۇن›  نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىلىك ئاساسى ‹يۈن› تۇرۇپتۇ» دېگەن جۈملىڭىزدە ھەر نېمە بولسا «ئازغىنە پەرق»نىمۇ ئېتىراپ قىپسىز. لېكىن بۇ يەردە شۇنداق بىر ھەقىقەتمۇ باركى، سىز دېگەندەك «ھۇن» بىلەن «يۈن» ماس كېلىپ قالغان ۋە «پاراللېل ئىككى فېگوردىكى ئىككى نۇر سىزىقىنىڭ بىر نوقتىدا ئۇچرىشىپ بىر تارىخى ھەقىقىقەتنىڭ قوياشتەك نۇر جۇلاسىنى جاھانغا نامايىش قىلغان» ئىكەن، ئۇنداقتا «ھۇن» بىلەن «يۈن» نېمىشقا ئوخشاش بىر زاماندا، ئوخشاش بىر فىگۇرىدا، ئوخشاش بىر مەنىدە ماس كېلىپ قالمايدۇ؟ «ھۇن»نىڭ قوللىنىلغانلىق ئىسپاتىنى نېمىشقا ئوتتۇرىغا چىقىرالمايمىز؟ «شيۇڭنۇ»لاردەك ئۇزۇن دەۋران سۈرگەن بىر خەلق نېمە ئۈچۈن «ھۇن» سۆزى بىلەن ئىزچىل ئاتالمايدۇ؟  «ھۇن» سۆزى سىز دېگەندەك تارىختا نام سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغان بولسا ئەمىسە نېمىشقا بۇ سۆز ھېچقانداق تارىخ كىتابىدا ئىز قالدۇرالمايدۇ؟  بىز نېمىشقا بۇ سۆزنى يازما مەنبەلەردە ھازىرغىچە ئۇچرىتالمايمىز؟ مەيلى قانداقلىكى بىر قەدىمكى خەلقنىڭ نامى ئاسان ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغان بولۇش، شۇ خەلق تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بولۇش، كەڭ دائىرىدە قوللىنىلغان بولۇش، دەۋر ۋە مىللەت ھالقىغان بولۇش، ئۈزۈكسىز جەريان ياراتقان بولۇش، يەنە نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرنى ياراتقان بولۇش مەزمۇنىغا ئىگە. مانا تاتار، تۈرك، ئوغۇز، ئۇيغۇر، موغۇل، قىرغىز ... ناملىرى مانا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، شۇنچە ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان، ئۆزگىرىپ كەتمەي، ئۈزۈلۈپ قالماي، كەڭ دائىرىدە ئىزچىل قوللىنىلىۋاتىدۇ. ئەجەبا «ھۇن» سۆزى، يەنە كېلىپ پەقەت ۋە پەقەتلا «ھۇن» سۆزى مۇنداق ئالاھىدىلىكنىڭ بىرىنىمۇ ياراتمىغان. ئەجەبا فىگۇرىدا مۇشۇنداق ھېچ نېمە يارىتىلمىغان بىر سۆزنى ئەمدى نەدىكىبىر كىلون تاۋۇشلارغا چېتىپ راستقا ئايلاندۇرۇش قاراپ تۇرۇپ لاپ ئۇرغانلىق بولمامدۇ!
     ناۋادا ئەينى چاغدا سىۋېن ھېدىنگە يول باشلىغۇچى بولغان ئۆردەك دېگەن كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى خەنزۇچە تەتقىقات ماقالىلىرىدە  艾尔迪克، 爱尔迪克، 奥尔德克، 于得克، 渥得克 دېگەن شەكىلدە تەرجىمە قىلىنغانلىقىغا قاراپ، بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا «ئارتىق» دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان بولساق، بۇ سۆز  ھازىرغىچە شۇنداق خاتا بېكىتىلىپ قالغان بولمامتى!  ھالبۇكى كېيىنكى ۋاقىتلاردا سىۋېن ھېدىننىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىدا ئۇنىڭ ئىسمى «ئۆردەك» دەپ خاتىرىلەنگەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى «ئۆردەك» ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. «ئۆردەك» بىلەن «ئارتىق» مەنە جەھەتتىن تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مەنىدىكى سۆز. دىققەت قىلمىغان بولساق «ئۆردەك» دېگەن ئىسىم قاراپ تۇرۇپ كىلون سۆز ياسىغۇچىلار تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتەتتى. بۇنى نېمە دەيمىز؟ يەنە تېخى «كۈل تېگىن مەڭگۈ تېشى» تېپىلمىغان ۋە ئۇنىڭغا 阙特勒 (چۆتېلې) دېگەن خەت ئويۇلمىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە  «يېڭى تاڭنامە»دىكى   阙特勒 (چۆتېلې) دېگەن سۆزنى «كۈل تېگىن» دەپ تەرجىمە قىلىش كىمنىڭ خىيالىغا كېلەتتى؟ ئەمدى بۇنى نېمە دەيمىز. ئۇيغۇر تىلىدىكى شۇنچە جىق كىلون سۆزلەرنى نېمە دەيمىز؟ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىدە مۇنداق ئەھۋال ئازمۇ! ئەجەبا مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىمۇ ھېسابقا ئالماي «مانا! ئالدىمىزدا ‹ھۇن›  نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىلىك ئاساسى ‹يۈن› تۇرۇپتۇ» دېسەك قاملىشارمۇ؟ بىز شۇنداق دەپ تۇرۇۋالغان ھالەتتىمۇ ئېتىمولوگىيە ئىلمى جىم تۇرارمۇ؟ قىسقىسى، بىز كۈچىمىزنى نەدىكىبىر كىلون سۆزلەرنى ياساشقا سەرپ قىلماي مېتود ئۆگىنەيلى. بىزنىڭ بەزەن ئادەملىرىمىز مېتود مەسىلىسىگە، مەسىلەن، پاكىت ئىزدەش، پەرق ئېتىش، ئايرىش، ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە خېلىلا ئاجىز ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئاشۇنداق كىلون ئىبارىلەرنى ئىسپاتلاشقا جۈرئەت قىلمايۋاتىدۇ.
       ئەمەلىيەتتە مەن «ھۇن» سۆزى ھەققىدە ئىزدەنگىلى باشلىغاندىلا م.  قادىر ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللارنى تالاي كىشىلەردىن ئاڭلىغانمەن. شۇڭا مېنىڭ مۇنداق سوئاللارغا بولغان تەييارلىقىممۇ خېلى پۇختا. شۇڭا مەن «شيۇڭنۇ» سۆزى بىلەن «ھۇن» سۆزىنى قىلچىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ قويماي تەھلىل قىلىۋاتىمەن. ئەمما . قادىر ئەپەندى ئۇنداق قىلالمايۋاتىدۇ. ئۇ بۇ ئىككى سۆزنى مەزمۇن جەھەتتىنمۇ، شەكىل جەھەتتىنمۇ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن شىڭقۇ شەلى تۇتۇڭغا دىققەت قىلمايۋاتىدۇ. ھالبۇكى شىڭقۇ شەلى تۇتۇڭ «شيۇڭنۇ» سۆزىنى باشقا تىلدا قانداق ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى بىلگەن بىردىنبىر ئادەم ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي م. ئەپەندى شىڭقۇ شەلى تۇتۇڭدىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرىدۇ. بوپتۇ بۇغۇ ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتكەن ئىش. ئامما نېمىشقا مېنىڭ سوئاللىرىمدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرۈۋاتقانلىقىغا ھەيرانمەن. مەيلى بۇمۇ بىر ھېسابتا م. قادىر ئۈچۈن ئورۇنلۇقتۇ. مەن سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن. ئامان بولۇڭ.  

ۋاقتى: 2015-12-2 18:37:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس
سىزنىڭ ئىشلەتكەن سۆزىڭىزدىن نەقىل:
«يۇن»نى ... يەنە «ھۇمايۇن» پادىشاھنىڭ نامىدىن تۈرلەنگەن  دەۋالدۇق،


مېنىڭ ئىشلەتكەن سۆزۈمدىن نەقىل:
«ھون»(يۇن) نامى بىلەن تۈرلەنگەن «ھۇمايۇن» پادىشاھ نامى.


ئىمىر غىياس ئەپەندى! ئىككى سۆزنىڭ پەرقىگە قاراڭ، قايسى سۆز قايسى سۆزدىن تۈرلەنگەن بولىدۇ؟ قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىمەڭ!

ئىككىمىزنىڭ ئىلمىي مۇنازىرىسى  تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ تارىخىيدىكى غايەت زور تارىخىي ئاتالغۇلارنىڭ ئىلمىي ھەقىقىتىنى قوغداشمۇ ياكى  ئەسىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشمۇ؟  
يۇقىرىقى يالغان سۆزنى قىلىشىڭىزغا قارىغاندا، سىز ئۈچۈن ئەسىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ھەممىدىن موھىمدەك قىلىدۇ...

  مۇنازىرىدە يەنىلا سەۋرىچان ۋە تەقۋىدار بولغىىنىمىز ياخشىراقمىكىن...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-2 18:40:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەير خوش ئامان بولۇڭ. خالىسىڭىز تېلېفون نومۇرىڭىزنى ماڭا قالدۇرۇڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-2 18:44:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-12-2 19:09:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىر غىياس ئەپەندى

ئەگەرسىز، «ھۇن»(يۇن) نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىلىك ھەقىقىتىنى قېزىپ چىقماقچى بولسىڭىز «بالاساغۇن» بىلەن «بالغاسۇن»نىڭ ئىنچىكە پەرقىنى تېپىپ چىقالىسىڭىزلا كۇپايە ئىدى... ئامما، سىز «ھۇن» (يۇن) نامىنىڭ ھەغدالىق ھوقۇقىدا تا ھازىرغىچە بىر يۇقۇرى ئەكس سادانىڭ ياڭرىماسلىقىغا قاراپ، ئۇنى ئىختىيارىمچە ئەبەدىيلىك مۇئەمماغا ئايلاندۇرىۋېتىمەن دەپ قالماڭ...

   مەيلى قانداق  بولىشىدىن قاتئىي نەزەر، مەن ئىنكاسىمنى يەنىلا داۋاملاشتۇرىمەن...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-2 19:29:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدى م. ئەپەندى مەن بەك ئۈمىدسىزلەندىم . مېنىڭ «بالاساغۇن» بىلەن «بالغاسۇن» ھەققىدىمۇ ئىزدىنىشىم بار. بۇ ھەقتىمۇ  ۋاقتى كەلگەندە ئايرىم توختىلىمەن.  «ھۇن» سۆزىنىڭ بۇ ئىككى سۆز بىلەن ئېتىمولوگىيەلىك مۇناسىۋىتى بولمىغىنى ئۈچۈن بۇ ئىككى سۆز ھەققىدە ئايرىم توختالغىنىم تۈزۈك، شۇنداق ئەمەسمۇ ئەپەندى. سىز مۇنداق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقان ئەھۋالدا ئەمدى سىز بىلەن پىكىرلىشىشنى توختىتىشقا مەجبۇرمەن. سەمىمىيلىك ۋە ئادىللىق بىرىنچى.  نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سىزدىن قىلچىمۇ رەنجشىم يوق.  سىزنى يەنىلا ئىزدەنگۈچى دەپ قارايمەن.  خەير ئامان بولۇڭ ! ئىزدىنىشىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-12-2 19:46:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئۇنداقتا ھون دىگەن سۆزنى چەتئەللىك تەرجىمانلارنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى شىيۇڭنۇ سۆزىنى ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلىشى  ئاندىن روسچىغا، ئاندىن تۈركچىگە ئاندىن ئۇيغۇرچىغا كىرگەنلىكنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشقا بولىدىكەندە.
      غەربى ھونلار ياۋرۇپاغا بىسىپ كىرگەندىن كىيىن ياۋرۇپا تارىخچىلىرى، رىم  تارىخچىلىرى بۇ يات ،تاجاۋۇزچى مىللەتنى نىمە دەپ ئاتىغان بولغىيدى؟
      ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا تەۋە بولمىغان ھون سۆزىنى (تىل تارىخىمزدا يوقلىقىنى ماقالىڭىزدىن بىلدىم) ئويغۇر تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرى بىلەن تەتقىق قىلىپ شىيۇڭنۇ قاتارلىق بىر قاتار ناملار بىلەن ئاتالغان بىر مىللەتنىڭ نامى قىلىپ تۇرۋىلىشىمىز ئازراق ھاماقەتلىكتەك بىلىندى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-3 10:02:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرۇسۇل ئەپەندى : ئۇنداقتا ھون دىگەن سۆزنى چەتئەللىك تەرجىمانلارنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى شىيۇڭنۇ سۆزىنى ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلىشى  ئاندىن روسچىغا، ئاندىن تۈركچىگە ئاندىن ئۇيغۇرچىغا كىرگەنلىكنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشقا بولىدىكەندە.

دەل شۇنداق. ئەمدى

غەربى ھونلار ياۋرۇپاغا بىسىپ كىرگەندىن كىيىن ياۋرۇپا تارىخچىلىرى، رىم  تارىخچىلىرى بۇ يات ،تاجاۋۇزچى مىللەتنى نىمە دەپ ئاتىغان بولغىيدى؟

دېگەن گەپكە كەلسەك بۇ بىر ئۇزۇن جەريان . بۇنىڭدا سىز دېگەن ياۋروپا تارىخچىلىرى، رىم تارىخچىلىرىنىڭ 10- ئەسىردىن بۇرۇن يېزىلغان ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن ئۇنىڭ نەشرگە تەاييارلانغان نۇسخسىنى ئىنتايىن ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇش كېرەك. مەن ھازىرچە سىزگە مۇشۇ  گەپنىلا دەيمەن.
ئەمدى سىزنىڭ   «ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا تەۋە بولمىغان ھون سۆزىنى (تىل تارىخىمزدا يوقلىقىنى ماقالىڭىزدىن بىلدىم) ئويغۇر تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرى بىلەن تەتقىق قىلىپ شىيۇڭنۇ قاتارلىق بىر قاتار ناملار بىلەن ئاتالغان بىر مىللەتنىڭ نامى قىلىپ تۇرۋىلىشىمىز ئازراق ھاماقەتلىكتەك بىلىندى »  دېگەن جۈملىڭىزگە كەلسەك مەن سىزنى م. قادىر ئەپەندى بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا بولۇنغان مۇنازىرىنى بىر قېتىم كۆرۈپ بېقىشقا، ئاندىن يەنە مېنىڭ «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2014- يىللىق  6- سانىدىكى يەر ناملىرى تەرجىمىسىگە دائىر ماقالامنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمەن. بۇ ماقالەىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى قىسقارتىۋېتىلگەن بولسىمۇ سىزنى مۇھىم ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز دەسلەپكى دەۋردىكى ياۋروپالىق تشەرقشۇناسلار بىلەن كېيىنكى دەۋردىكى ياۋروپالىق شەرقشۇناسلارنىڭ مېتودىغا قاتتىق دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.  مەن ھازىرچە سىزگە مۇشۇ ئۇچۇرنىلا يەتكۈزەلەيمەن. ئەمدى «ھاماقەتلىكتەك بىلىندى» دېگەن بۇ سۆزىڭىزگە كەلسەك ئەلۋەتتە سىزگە شۇنداق بىلىنىدۇ. بۇنى مەن چۈشىنىمەن. چۈنكى مەن بۇنداق گەپلەرنى 25 يىلدىن بۇيان ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن. چۈنكى بىزدە پەرق ئېتىش ئېڭى ئاجىز تۇرسا. مەن سىزنىمۇ باشقا گەپنى قويۇپ «ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى تەتقىق قىلىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمەن. ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!  ئامان بولۇڭ!

ۋاقتى: 2015-12-3 15:50:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئىمىر غىياس ئەپەندى، مەن ماقالىڭىزنى ئوقۇغان ھەم ئىنكاس قالدۇرغاندىن كېيىنمۇ بۇ ھەقتە كۆپ ئويلاندىم، مەن ئىيىتقان«ھاماقەتلىك» سۆزىنى مەن سىزگە قارىتىپ ياكى سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىڭىزگە قارىتىپ دىمىگەن، بەلكى ئويغۇر تىلىغا ئەزەلدىن تەۋە بولمىغان ، تىخى يىقىندىلا باشقا مىللەتلەردىن كىرگەن بىر سۆزنى ئۇنىڭغا فۇنتىكا جەھەتتىن ئازراق يىقىن سۆزلەر بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈش بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق ئۇرۇنۇش ھادىسىسىنى مەن «ھاماقەتلىك بولارمۇ» دەپ ئىيتقان، بەلكىم مەن مەقسەتنى توغرا ئىپادىلىيەلمىگەن بولۇشۇم مومكىن. بۇ سەۋەپلىك سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن.
  مەن سىز بىلەن م قادىر ئەپەندى ئوتتۇردىكى مۇنازىرىنى ئوقۇدۇم، ئەملىيەتتە ئىككىڭلار  ئوخشىمغان نۇقتىن چىقىپ پاراللىل يۆنىلىشتە ئۇدۇل ئۆزۈڭلارنىڭ يۆنىلىشى بويىچە مېڭىۋەردىڭلار.   بىر يەردە كىسىشمەيدىغاندەكلا تەسىر بەردىڭلار.
   ئەمما مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىز تەرەپدارى. ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-3 16:49:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە رھمەت .  مەنمۇ سەل ئاشۇرۇۋەتكەندەك قىلىمەن، جۈملەم خاتا كەتكەن بولسا سىزدىن ئەپۇ سورايمەن.
ھەقىقەتەن «ھۇن» سۆزى ھەققىدىكى ئىزدىنىش ئادەتتىكى ئىزدىنىش ئەمەس. يەنە نۇرغۇن پاكىتلار بار ئىدى.  مۇمكىن بولسا بۇمۇ ئېلان قىلىنىپ قالۇر. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-3 23:38:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    م. قادىر ئەپەندى ياخشىمۇ سىز! گەپنى ئۇدۇللا دەۋېرەي. سىز مېنى «ئەگەرسىز، ‹ھۇن› (يۇن) نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىلىك ھەقىقىتىنى قېزىپ چىقماقچى بولسىڭىز» دېدىڭىز. سىز بىلىپ قېلىڭكى، مەن قانداقتۇر «يۇن» سۆزىنى تونۇمايمەن، مېنىڭ تونۇيدىغىنىم «شيەنيۇن»، «شيۇڭنۇ» سۆزلىرىدۇر. سىز «شيەنيۇ» سۆزىنى ئېھتىياجىڭىزغا يارىشا قىسقارتىپ ئاندىن ماڭا ئۇنىڭدىكى «يۇن»نىڭ نەدىكىبىر «ئېتىمولوگىيەلىك ھەقىقىتى»نى قېزىپ چىق دېسىڭىز بۇ مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇمۇ ئوخشاشلا لاتىنچە Huns-  Hun(خان- خانس) فىگۇرىسى بىلەن بىر قېلىپتىكى سۈگەل. ئەجەبا «شيەنيۇن»دىكى «يۇن»نى قىسقارتىپ ئاندىن ئۇنى  Hun  نىڭ ئاساسى دېسە بۇ قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىگەنلىك بولمامدۇ! ئەمىسە بىزنىڭ ئىسپاتلىماقچى بولغىنىمىز «ھۇن» سۆزىنىڭ توغرىلىقى ۋە چىنلىقى تۇرسا، گەپنى فونېتىكىلىق شاخلىتىش نېمە ھاجەت؟
       سىز يەنە ماڭا «ئامما، سىز ‹ھۇن› (يۇن) نامىنىڭ ھەغدالىق ھوقۇقىدا تا ھازىرغىچە بىر يۇقۇرى ئەكس سادانىڭ ياڭرىماسلىقىغا قاراپ، ئۇنى ئىختىيارىمچە ئەبەدىيلىك مۇئەمماغا ئايلاندۇرىۋېتىمەن دەپ قالماڭ...» دېدىڭىز. مەن ئەزەلدىن «ھۇن» سۆزىنى «ئىختىيارىمچە ئەبەدىيلىك مۇئەمماغا ئايلاندۇرىۋېتىمەن» دېمىدىم. مەن بۇنى ماقالەمدىمۇ دېدىمغۇ! سىز ماقالەمنى ئوبدان ئوقۇماپسىز. «ھۇن» سۆزىنى «ئاغدۇرۇۋېتىش» مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ، سىزمۇ ئۇنداق قىلالىشىڭىز ناتايىن. مېنىڭ «ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغىنىم» پەقەت ۋە پەقەت «ھۇن» سۆزىنىڭ 1910- يىللىرىدىن بۇرۇن قوللىنىلمىغانلىقىنىلا بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت، تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتساق «شيۇڭنۇ» سۆزى مۇندىن مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇنلا خۇددى شىڭقۇ شەلى تۇتۇڭ ئېيتقاندەك باشقا سۆز بىلەن تەرجىمە قىلىنىپتىكەن. لېكىن ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھېچقانداق ئېتىمولوگىيەلىك ئاساسى يوق «ھۇن» سۆزى بىلەن تەرجىمە قىلىنىدىغان بولۇپ قالدى ... دېگەن مەسىلىنى سىزنىڭ سەمىڭىزگە سېلىشتىن ئىبارەت.
      سىز يەنە ماڭا  «‹بالاساغۇن› بىلەن ‹بالغاسۇن›نىڭ ئىنچىكە پەرقىنى تېپىپ چىقالىسىڭىزلا كۇپايە ئىدى» دېدىڭىز. سىزنىڭ ئەسلىي تېمىدىن چەتنەپ ماڭا مۇنداق تەلەپنى قويۇشىڭىز ئورۇنلۇق ئەمەستى. ئەمدى سىز تەلەپ قىلغان ئىكەنسىز مۇنۇ جۈملىلەرنى كۆرۈڭ (لېكىن كۆڭلىڭىز يېرىم بولمىسۇن) . قاراڭ: «ئارغۇلۇقلار بىلەن ئۇنىڭغا تۇتاش ئاھالە ياشايدىغان جايدا شۇنداق شەھەر بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بالاساغۇننى قۇز ئولۇسمۇ دەيدۇ». «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ 3- توم 172- بېتىدىن ئۈزۈۋېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بۇ نەقىل جۈملە 1990– يىللىرى ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان مەلۇم بىر ژۇرنالدا دېيىلگەن (مەن بۇ ژۇرنالنىڭ نامىنى ۋە ئاپتورنىڭ ئىسمىنى دېمەيمەن. چۈنكى بۇ مېنىڭ تەتقىقات دائىرەمدىكى ئىش ئەمەس).  ئەمەلىيەتتە «دىۋان»نىڭ شۇ بېتىدە مۇنداق جۈملە يوق. ئەمىسە بۇ جۈملە نەدىن كەلگەن؟ مەن بۇنىڭ جاۋابىنى سىزدىن سورايمەن م. قادىر ئەپەندى. ئەگەر سىزگە تەس كېلىپ ماڭا «سىزلا دەپ بەرسىڭىزكەن» دېسىڭىز سىزگە ئەشۇ «ھۇن» سۆزىنى ياساپ چىققۇچىلار بىلىدۇ دېيىشىم مۇمكىن. يەنە قاراڭ: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ  1986- يىللىق 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئاقسۇ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئىزاھات» ناملىق ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان: «ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›تىمۇ «ئەردەۋىل› دېگەن نام قەيت قىلىنغان». ئەپسۇس! تۈمەنمىڭ ئەپسۇس!!! «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە مۇنداق سۆز خاتىرىلەنمىگەن. بۇ يەردە ئاپتور «ئەردەۋىل» سۆزىنىڭ ئاقسۇنىڭ «نامى» ئىكەنلىكىنى «ئىسپاتلاش» ئۈچۈن يالغان ئېيتقان، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەن، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان.
     مانا قاراڭ! بىزنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم ئادەملىرىمىز مۇشۇنداق ھاماقەت تۇرسا. سىز مېنى «بالاساغۇن» بىلەن «بالغاسۇن»نىڭ ئىنچىكە پەرقىنى تېپىپ چىقىشنى ھاۋالە قىلدىڭىز. سىز بەلكىم «بالاساغۇن» بىلەن «بالغاسۇن»دىكى «غۇن»نى «ھۇن»نىڭ ئاساسى دېمەكچى بولغانسىز. سىز مەيلى نېمە دېسىڭىز دەۋېرىڭ مەن زادىلا ئۇنداق دېيەلمەيمەن. چۈنكى تەلەپپۇزى ئازراقلا ئوخشاپ كەتكەن ئۇ بۇ بوغۇملارنى ئۈزۈۋېلىپ «ھۇن»نىڭ ئاساسى دېيىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. مەن ھەقىقەتنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىمەن، كىلون ئىبارىلەردىن ئىنتايىن بىزارمەن. شۇڭا سىز يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىمۇ بىلىپ قېلىڭ. مەن «ھۇن» سۆزى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغاندىلا مۇنداق گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ كەتكەنمەن، شۇڭا «ھۇن» سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىكلا سوئالغا پۇختا تەييارلىقىم بار. بۇ مېنىڭ ھەرگىزمۇ كۆرەڭلىگىنىم ئەمەس، بەلكى ھەقىقەت ئالدىدا ئىشەنچ بىلەن سۆزلىگىنىم. ھالبۇكى «ھۇن» سۆزىنى ياساپ چىققانلاردا ئىشەنچ بولمىغاچقا بۈگۈنكىدەك سوئاللارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئەمدىغۇ بىلگەنسىز!
    مەن باشتا سىزنى بىلمەيلا مۇنازىرىلىشىپ قاپتىمەن. ئەمدى مەن سىزنىڭ كىملىگىڭىزنى بىلشنى تەلەپ قىلىمەن. سىز يەنىلا شاخلاپ كەتسىڭىز ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ پىكىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىڭ. لېكىن گەرچە پۈتۈن پىكىرلىرىڭىز ئورۇنلۇق بولمىسىمۇ، سىزنى قوللايمەن. گېپىم ئورۇنلۇق بولمىغان بولسا سىزدىن ۋە تورداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن. ئامان بولۇڭ.

ۋاقتى: 2015-12-4 11:19:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىر غىياس ئەپەندى، سىز بىرمۇنچە تۈركولوگ ۋە تارىخچىلارنى ھېچقانداق ئاساسى يوق ئەھۋالدا پەرەزگە تايىنىپ، يەنى تەرجىمىدە كەينىگە ياندۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە ھۇن سۆزىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان دەپسىز. ئۇنداقتا ھۇنگارىي (ئۇيغۇر تىلىغا ۋىنگىرىيە دەپ تەرجىمە قىلىنغان) دېگەن دۆلەتنىڭ ئىسمىمۇ شيۇڭيالى دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققانمۇ؟ پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى بېكىتىشتە خەنسۇچىغا تايىنىدىغان بولۇپ قالمىغاندۇ؟ يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيىتتى، خەنسۇچە ۋېيۋۇېرزۇ دېگەننى ئۇيغۇر دەپ تەرجىمە قىلىۋالغان دېمەيدىغانسىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-4 11:41:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات تۇرسۇن ئەپەندى ياخشىمۇ سىز . سىز ھەرگىز مەن دېمىگەن گەپلەر نى ئوتتۇرىغا قويماڭ. «خەنسۇچە ۋېيۋۇېرزۇ دېگەننى ئۇيغۇر دەپ تەرجىمە قىلىۋالغان دېمەيدىغانسىز». مەن مۇنداق دېمىدىم ھەم مۇنداق دېيىشىم مۇمكىن ئەمەس. مەن سىزنىمۇ «ھۇن» سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىش جەريانىنى تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ، ئاندىن مۇشۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىڭىزنى مۇستەقىل ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەكلىپ قىلىمەن. بولمىسا «ھۇن' سۆزى ھەققىدىكى گەپ پاكىتسىز شاخلاپ كېتىدىكەن.  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش