يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ئىمىر

ئىمىر غىياس:«ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە ئىزدىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-4 13:17:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات تۇرسۇن ئەپەندى سىز تۆۋەندىكى ئىشقا گۇۋاچى بولۇپ قويۇڭ!  «ئىمىرغىياس» ئەپەندى تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ھالدا تۆۋەندىكى سۆزنى ئوتتۇرغا قويغان كىشىنى يالغانچىغا چىقىرىۋاتىدۇ. ئەگەر تۋەندىكى سۆز«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا بولسا، «ئىمىر غىياس» مۇشۇ سۆزنى نەشىردە ئىشلەتكەن كىشىدىن چوقۇم  ئەپۇ سورىشى كېرەكقۇ دەيمەن؟

مەلۇم ئاپتۇر (ھازىرچە بۇ ئاپتۇرنىڭ ئىسمىنى دېمەي تۇرىلى) نەقىل ئورنىدا ئالغان تۆۋەندىكى سۆزنى «ئىمىر غىياس» ئەپەندى تۈركىي تىللار دىۋانىدا ئەسلا مەجۇت ئەمەس دەيدۇ:
«ئارغۇلۇقلار بىلەن ئۇنىڭغا تۇتاش ئاھالە ياشايدىغان جايدا شۇنداق شەھەر بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بالاساغۇننى قۇز ئولۇسمۇ دەيدۇ».

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.قادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-4 13:19  


ۋاقتى: 2015-12-4 13:34:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات تۇرسۇن ئەپەندى
تۆۋەندىكى بىرىنچى نەقىل بىلەن ئىككىنچى نەقىلنىڭ  پەرقى يوققۇ دەيمەن

بىرىنچى نەقىل:
«ئارغۇلۇقلار بىلەن ئۇنىڭغا تۇتاش ئاھالە ياشايدىغان جايدا شۇنداق شەھەر بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بالاساغۇننى قۇز ئولۇسمۇ دەيدۇ».

ئىككىنچى نەقىل:
«بالاساغۇن بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى ئارغۇ شەھەرلىرىدە ياشىغۇچى خەلقلەر تىلىدا ‹ئۇلۇس› شەھەر دېمەكتۇر. شۇڭا بالاساغۇن شەھىرى ‹قۇز ئۇلۇس›مۇ دىيىلىدۇ،»

مېنىڭچە ئىككى سۆزنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوققۇ دەيمەن... ئاۋال «ئىمىر غىياس» ئەپەندى بۇ ئىككى سۆزنىڭ ھەقىقەتەن پەرقى يوقلىقىنى ئىتىراپ قىلسۇن، ھەم سىزمۇ بۇ ئىككى سۆز (ئىككى نەقىل)نىڭ پەرقى يوقلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.قادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-4 14:21  


ۋاقتى: 2015-12-4 13:56:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە ئىمىر غىياسنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەۋاتقىنى:

«ئارغۇلۇقلارغا تۇتاش شەھەر بالاساغۇن»
ياكى
«بالاساغۇن يېنىدىكى ئارغۇ»
دېگەن سۆز «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس دەپ مەلۇم بىر ئاپتۇرنى يالغانچىغا چىقارماقچى... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.قادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-4 13:57  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-4 14:20:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپەندى مەن ئۇنداق دېمىدىم ، بەلكى ئىلمىي تەتقىقاتتا نەقىلنى ئويدۇرۇپ چىقارمايلى دېدىم. ئەجەبا سىز بۇ ئىلمىي داۋلىنىمۇ چۈشەنمىدىڭىزما.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-4 14:23:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«دىۋان»دا «بالاساغۇن»  قاتارلىق نۇرغۇن سۆزلەر ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ، يۈرەكلەرنى سەكرىتىپ نۇرلىنىپ تۇرماپتىمۇ. مەن بۇنى بىلمەمتىم!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-4 14:24:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپنى ئورۇنلۇق دەيلى ئەپەندى بولامدۇ!

ۋاقتى: 2015-12-4 14:28:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
58- قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزغا قاراڭ

«بالاساغۇن بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى ئارغۇ شەھەرلىرىدە ياشىغۇچى خەلقلەر تىلىدا ‹ئۇلۇس› شەھەر دېمەكتۇر. شۇڭا بالاساغۇن شەھىرى ‹قۇز ئۇلۇس›مۇ دىيىلىدۇ،»

سىزنىڭچە مۇشۇ سۆز «تۈركى تىللار دىۋانى»دا يوقمۇ؟

ۋاقتى: 2015-12-4 14:35:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپەندى !! سىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممتئىمىننى يالغانچىغا چىقىرىۋاتىسىز. ئۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى بۇ نەقىلنى ( «بالاساغۇن بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى ئارغۇ شەھەرلىرىدە ياشىغۇچى خەلقلەر تىلىدا ‹ئۇلۇس› شەھەر دېمەكتۇر. شۇڭا بالاساغۇن شەھىرى ‹قۇز ئۇلۇس›مۇ دىيىلىدۇ،») دېگەن نەقىلنى تۇنجى قېتىم نەقىل ئورنىدا ئورنىدا ئىشلەتكۈچى. ئۇ مۇشۇ نەقىلنى ئويدۇرۇپ چىقارغانمۇ؟  

   سىز بۇ نەقىلنى «دىۋان»دىن تاپالمىسىڭىزلا ئۇ نەقىلنى ئويدۇرۇپ چىقارغۇچى بولۇپ قالامدۇ؟!

ۋاقتى: 2015-12-4 14:54:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپەندى!
مۇنۇ نەقىل سۆزىڭىزگە قاراڭ:

[quote]ئەمدى سىز تەلەپ قىلغان ئىكەنسىز مۇنۇ جۈملىلەرنى كۆرۈڭ (لېكىن كۆڭلىڭىز يېرىم بولمىسۇن) . قاراڭ: «ئارغۇلۇقلار بىلەن ئۇنىڭغا تۇتاش ئاھالە ياشايدىغان جايدا شۇنداق شەھەر بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بالاساغۇننى قۇز ئولۇسمۇ دەيدۇ». «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ 3- توم 172- بېتىدىن ئۈزۈۋېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بۇ نەقىل جۈملە 1990– يىللىرى ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان مەلۇم بىر ژۇرنالدا دېيىلگەن (مەن بۇ ژۇرنالنىڭ نامىنى ۋە ئاپتورنىڭ ئىسمىنى دېمەيمەن. چۈنكى بۇ مېنىڭ تەتقىقات دائىرەمدىكى ئىش ئەمەس).  ئەمەلىيەتتە «دىۋان»نىڭ شۇ بېتىدە مۇنداق جۈملە يوق. ئەمىسە بۇ جۈملە نەدىن كەلگەن؟ مەن بۇنىڭ جاۋابىنى سىزدىن سورايمەن م. قادىر ئەپەندى. ئەگەر سىزگە تەس كېلىپ ماڭا «سىزلا دەپ بەرسىڭىزكەن» دېسىڭىز ...


ئەپەندى!
نەقىل دېگەن قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدىغۇ دەيمەن؟ سىز كۆزىڭىزنى تازا يوغان ئېچىۋتىپ قاراپ بېقىڭ سىز كۆرسەتكەن بەتنىڭ ئۈستىدە ئىككى نەقىل بار!  ئىككى نەقىل ئىككى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان...  ئەگەر سىزدەۋاتقان نەقىل دىۋاندا بولمىسا، ئۇنى ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن ھەقىقەتەن بۇ نەقىلنى  ئويدۇرۇپ چىقارغان بولىدۇ. ناۋادا بۇ نەقىل دىۋاندا بولسا ئۇ بۇ نەقىلنى ئويدۇرۇپ چىقارمىغان بولىدۇ. بەلكى سىز يالغانچى بولغان بولىسىز...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-4 16:03:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئەمدى ئەزىز تورداشلارغا ئەدەبىي تەنقىدچى يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ مۇنۇ سۆزىنى يەتكۈزۈپ قويۇش لازىم بولۇپ قالدى:  «مەلۇمكى، مىللىي كۆپتۈرمىچىلىك مىللىي ئىنكارچىلىققا ئوخشاشلا خەتەرلىك. مىللىي كۆپتۈرمىچىلەر يوقنى بار قىلىپ، تۈگمىنى تۆگە كۆرسىتىپ خامۇشلارچە لاپ ئۇرسا، مىللىي ئىنكارچىلار مىللىي مەدەنىيەتنىڭ قىممىتىنى چۆكۈرىدۇ، ئېسىل مىللىي ئەئەنىلەرنىمۇ تەرك ئېتىدۇ ھەم مىللىي ئەقىل- پاراسەتنى كەمسىتىدۇ. مىللىي كۆپتۈرمىچىلەرگە مەنسۇپ بولغان ئىدىيەسى نامرات، غايىسى ئاددىي، نەزەر دائىرىسى تار، ساپاسى تۆۋەن، نادان يۇرتۋازلارمۇ تار دائىرىدىكى تەۋەلىك تۇيغۇسىنىڭ ۋەسۋەسىگە سېلىشى بىلەن، يەرلىك ئۈستۈلۈك قوغلىشىپ ئىلمىي ئەخلاقنى ۋە ئىدراكىي پىرىنسىپنى بىر چەتكە چۆرۈۋېتىپ، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ تارىخ ياسايدۇ، پاكىت ئويدۇرىدۇ. ئۇلار مەيلى تارىخقا، مەيلى ھازىرغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ۋە شەخسلەرگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە تارىخىي پاكىتقا ياكى ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش- بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر مەھەللىۋى ئىپتىخار تۇيغۇسىغا غەرق بولغان ھالدا كەلسە- كەلمەس ئۇچۇرۇپ ماختاش يولىنى تۇتقان بولىدۇ. ئۇلار ‹يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن، قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن› دېگەن ماقالنى خاتا سۇيىئىستېمال قىلىپ، نادانلارچە يۇرت سۆيگۈسىنى بازارغا سېلىپ، بۇ ساغلام بولمىغان مۇھەببەتنى پىرىنسىپ بىلىپ ياشاۋېرىدۇ. ئۇلار بۇنداق بىنورمال مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى ئىلمىي ھەقىقەتنىڭ كۈچىدىنمۇ ئۈستۈن كۆرىدۇ. ئارزۇسىنى پاكىتتىن ئۈستۈن قويىدۇ. ماختاش ۋە ماختىنىشنى زىيادە چوڭ بىلىدۇ. ماختانچاقلىقنىڭ بىر خىل پىسخىكىلىق كېسەللىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قۇرۇق شۆھرەتپەرەسلىك ئىكەنلىكىنى، ماختىنىشقا ھېرىسمەن كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنىڭ زەئىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مەنىۋى دۇنياسى ئاددىي بۇنداق كىشىلەر ئوبيېكتىپ باھاغا، ئىلمىي تەلەپكە پەرۋا قىلمايدۇ. نەتىجىدە، يالغان، ئاساسسىز بولسىمۇ ماختاشلا بولسا خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىۋېرىدۇ. بۇ خىل ماختاشلارنىڭ پاكىت ئاساسى بارمۇ- يوق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلەمدۇ- يوق، دېگەننى تامامەن ئەستىن چىقىرىدۇ. ئىلمىي ھەقىقەتكە، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە پەرۋا قىلمايدىغان نادانلارچە يۇرت سۆيگۈسىگە غەرق بولغان بۇنداق ئەسەبىي كىشىلەردە ھەممىلا ئىشتا يەرلىك ئۈستۈنلۈك ئىستەيدىغان خاھىش زىيادە كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار ئۆز يۇرتىدىن چىققان شەرەپلىك كىشىلەر بىلەن شەرەپسىز كىشىلەرنى قاتتىق پىرىنسىپ بويىچە پەرقلەندۈرۈپ قارىماستىن، قارىقويۇق ئۇچۇرۇپ، ساختىپەزلەرچە بېزەپ كۆرسىتىۋېرىدۇ. بۇنداق نادان يۇرتپەرۋەرلەر ئاخىرقى ھېسابتا يۇرتىنىمۇ، يۇرتداشلىرىنىمۇ، ئۆزىنىمۇ مەسخىرە كۈلكىسىگە دۇچار قىلىدۇ. شۇڭا، ئاتالمىش يۇرتپەرۋەرلەرنىڭ قەلبىدىكى يۇرت مۇھەببىتى سۈپىتى تۆۋەن ئىدراكسىز مۇھەببەتمۇ ياكى سۈپىتى يۇقىرى ئىدراكىي مۇھەببەتمۇ، ئىلمىي ئەخلاققا ئۇيغۇنمۇ ياكى ئۇيغۇن ئەمەسمۇ، ھەقىقەتكە مۇخالىپمۇ ياكى مۇخالىپ ئەمەسمۇ؟ دېگەنلەرنى تەكشۈرۈش زۆرۈر. چۈنكى يۇرتپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇۋەرمەيدۇ. يۇرت مۇھەببىتىنىڭ ھەممىسى قەدىرلىك بولۇۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە خاتا، نورمالسىز ۋە سۈپەتسىزى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. بۇنداق ساغلام بولمىغان نادانلارچە يۇرت سۆيگۈسى ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ زەھەرلەيدۇ، خالاس» («لاي قەلئەنىڭ سىرى»، 194 ـــ 196- بەت).

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-4 16:08:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا جۈملىدىكى ئىلمىي ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ چۈشىنىش ۋە شەرھلەش ئەجەپ كومېدىيەلىك بولىدىكەن. ئىمىر غىياسنىڭ جۈملىلىرىنى قالايمىغان بۇرمىلىمايلى. ئۇيغۇر تىلى تىنىش بەلگىسىنى توغرا قوللىنايلى، بولمىسا ئۆزىمىز چېنىپ قالىمىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-4 16:21:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە يازغاندا نەقىلگە ئۇ بۇ سۆزنى قوشۇپ قويۇش ياكى چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە يەكى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ئۆزگەرتىش توغرا ئىستىل ئەمەس. بۇنداق قىلىش «ھېسسىيات تىپى»دىكى كىشىلەرنىڭ ئىشى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-4 16:57:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپەندى مەنمۇ دەل شۇنى دېمەكچى. قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان ئىكەن ئۇ نەقىلنى بىلدۈرىدۇ. نەقىلگە بايا ئېيتقاندەك ئۇ بۇ سۆزنى قوشۇپ قويۇش ياكى چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە يەكى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ئۆزگەرتىش توغرا ئىستىل ئەمەس. بەت نومۇرىنى توغرا ئەسكەرتمەسلىكمۇ  توغرا ئىستىل ئەمەس. نەقىلغا ئۇ بۇ سۆزنى قوشۇپ قويغاندا پاكىت بۇرمىلىنىپ ھەقىقەت خۇنۈكلىشىپ قالىدۇ ئەپەندى. سىز بۇنى بىلىشىڭىز كېرەك.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-4 17:03:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە يازغاندا لوگىكىنى ئوبدان ئۆگىنىپ، ئېتىمولوگىيەنىڭ شەرتلىرىنى ياخشى چۈشىنىپ، نەقىل ئېلىش ۋە تىنىش بەلگىسىنى توغرا ئىشلىتىشنى بەلەن ئۆگىنىپ، ئاندىن قولغا قەلەم ئېلىش كېرەك ئەمەسما!  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-4 17:09:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دېگەن ئۇ نەقىللەرنى مەن ئوبدان سېلىشتۇرۇپ ئۆگەنمىگەن بولسام ھەرگىزمۇ يەر نامى تەقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماس ئىدىم. يەر ناملىرى تەتقىقاتى پاكىت ئويدۇرۇشقا ئىنتايىن قارشى. سىز بۇنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك ئىدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش