يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ئىمىر

ئىمىر غىياس:«ھۇن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە ئىزدىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-4 17:13:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئىمىر غىياس ئەپەندى، ئالدى بىلەن سىزگە سالاملار بولسۇن. مەقسەتكە كەلسەك، تېما ۋە تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم. مەن بۇ ئىنكاس ئارقىلىق تېمىغا ياكى تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا بىرنېمە دېمەكچى ئەمەس. مېنىڭ قېرىنداشلارچە سەمىڭىزگە سېلىپ قويۇشنى مۇۋاپىق تاپقىنىم، بىرىنجى، كۆز قاراش، توغرا - خاتالىق ئايرىمىسىدا بەك كۈچەپ چىڭ تۇرىۋالماڭ. ئىلىم تارىخىدا بەك كۈچەپ توغرا دەپ چىڭ تۇرىۋىلىنغان ياكى خاتا دەپ بەك كەسكىن رەت قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئورنىدا ھامان ئۆزگۈرۈش بولۇپ كەلگەن. ئىككىنجى، ماقالىنى سىزنىڭ قايتا بىر ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئوقۇپ چىقىشتا سىز ماقالىنىڭ ئاپتورى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئەمەس، ئوقۇرمەن ياكى ئىككىنجى بىر ئادەم نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئوقۇپ چىقسىڭىز بەلكىم بەزى نەرسىلەرنى ھېس قىلىشىڭىزمۇ مۈمكىن. پەرھات تۇرسۇنمۇ ئىنكاسىدا بەك مۇھىم يىپ ئۇچىنىدىن بىشارەت بېرىپتۇ. پايدىلىنىش قىممىتى بار ماتىرىيال سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ بېقىڭ. بەلكىم يەنە باشقىچە بىر ئىلمىي قاراشلارنى ھېس قىلىپ قىلىشىڭىزمۇ مۈمكىن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-4 18:11:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنكاسىڭىز بولىدۇ ئەكبەر ئىمام ئەپەندى سىزنى قىزغىن قوللايمەن. لېكىن «ھۇن»  سۆزىنىڭ 1910- يىللىرڭدىن بۇرۇن قوللىنىلمىغانلىقىنى داۋاملىق ئەسكەرتىمەن. چۈنكى بۇ سۆزنىڭ تاىختا قوللىنىلغانلىق ئىسپاتى بولۇشى كېرەك.  ئۇنى جەزمەن ئېنىقلاش كېرەك.  

باھا سۆز

سىز ئېنىقلىغانمۇ؟  ۋاقتى: 2015-12-7 05:41 PM
ۋاقتى: 2015-12-4 18:41:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-4 18:46:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ سوئاللارغا ماقالەمدە ۋە ئىنكاسلىرىمدا دەپ بولدۇم. ئەمىسە ئۇنداقتا  ئەمدى بۇ سۆز ھەققىدىكى سىزنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىڭىزنى كۆرگۈم بار.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-4 18:52:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرگەردان ئەپەندى سىزمۇ ئوخشاشلا  «شيۇڭنۇ» سۆزى بىلەن «ھۇن» سۆزىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇۋاتىسىز. ئۇنداقتا سىز دەپ بېقىڭە «ھۇن» سۆزى قايسى  تىلغا ئېلىنغان؟  مۇشۇ بىرلا سوئالغا جاۋاب بېرىڭ،  ئاندىن سىزنىڭ بۇ سۆز ھەققىدە قانچىلىك ئىزدەنگىنىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ.  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-4 18:53:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرگەردان ئەپەندى سىزمۇ ئوخشاشلا  «شيۇڭنۇ» سۆزى بىلەن «ھۇن» سۆزىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇۋاتىسىز. ئۇنداقتا سىز دەپ بېقىڭە «ھۇن» سۆزى قايسى  مەنبەدە  تىلغا ئېلىنغان؟  مۇشۇ بىرلا سوئالغا جاۋاب بېرىڭ،  ئاندىن سىزنىڭ بۇ سۆز ھەققىدە قانچىلىك ئىزدەنگىنىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ.

ۋاقتى: 2015-12-4 18:55:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسنى چوقۇم داۋاملاشتۇرىمەن...

ئەمما، تۆۋەندىكى سۆزىڭىزگە چوقۇم جاۋاپ بېرىڭ

ئەمەلىيەتتە «دىۋان»نىڭ شۇ بېتىدە مۇنداق جۈملە يوق.

ۋاقتى: 2015-12-4 19:07:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن ئاتالمىش ئاشۇ «نەقىلنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپتىمىش»

مېنىڭچە ساناتورىيىدە سىز كۆرگىدەك «تۈركىي تىللار دىۋانى» يوققۇ دەيمەن...

شۇ تاپتا، ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن  ئاشۇ «نەقىلنى ئويدۇرۇپ چىقارغان» دېگەن سۆزىڭىزنى مەن تۇرغان مۇشۇ ئاتۇشتا دەپ قالغان بولسىڭىز ھازىرلا يېنىڭىزغا بېرىپ قانداق قىلىۋىتەتتىم... تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭە ئەپەندىم... خەير سالاۋات!... خەير سالاۋات!!

ۋاقتى: 2015-12-4 19:22:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-12-4 19:50:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئاتاپ يازغان مۇنۇ غەزىلىمنىڭ قاراتمىلىقىنى بىلگىڭىز بارمۇ؟

شەيتان بار

م.قادىر

زىمىن تەھتەس-سەرا ھەم يەتتە قات ئاسماندا شەيتان بار،
گادا كۈلبى ۋەيا شاھىي قەسىر-ئايۋاندا شەيتان بار.
تامامىي ھۆرى-غىلمانغا مۇدەررس ئەۋۋەلى ئىبلىس،
كېبىرلىك شەررى ئازغۇندىن گۇمان-ئىماندا شەيتان بار.
ئۆتەرچاغ جانى ھەلقىمدىن ساناسى «شۈكرى»گە رەشكى،
پىچىرلار سېھرىدىن مەلئۇن؛ غەلەت بۇرھاندا شەيتان بار.
ئىلاھىم بىرلا «ئەلھەم»گە سۇنار رىزۋاننى ئادەمگە،
لەزىز ھەۋۋاگە بىر تال دان بىھىش-رەيھاندا شەيتان بار.
تۆكۈلگەن رىسقىمىز يەرگە ئەمەل ئاسمان-زىمىن پەرقى،
ئارا روھ،تەن ھامان ۋەس-ۋەس تامامىي جاندا شەيتان بار.
نوپۇزنىڭ ھەيۋىتى شىركى ئاڭا «تاپ» ئەل توپى ئىچرە،
زەپەر مارشىدا يەلپۈنگەن تۇغى جەۋلاندا شەيتان بار.
جىمىي ئەل ئالدىدا ھۆشرە-زاكاتنى پەش قىلدى بىركىملەر،
ئەنىڭ ئەس-يادى مال-دۇنيا؛ دېمەك چەنداندا شەيتان بار.
مەگەركى ئەقلى ئۇچقۇندىن زەكىيلەر كېبرىگە پاتسا،
نەقىش ئەۋۋەل پۈتۈكلەردىن؛ قەلەم-رەڭداندا شەيتان بار.
ئەيىپ-نۇقسانى، ناكادا كۈلۈشنىڭ نىسبىتى ئارتۇق،
ۋەلىك ئاگاھى بىردەملىك قەسەم-پەيماندا شەيتان بار.
پەزىلەت جامىدا نە نۇر جۇلاسى ئۆزگىدىن مەمنۇن؟
خۇسۇمەت ئەھلى تارتقان زەي ئۇچى-پەيكاندا شەيتان بار.
ھايا، ۋىجدانى، ئارىنى ئۆزىدە يوق دېمەس ھېچكىم،
ھوزۇرى ئەيشى-ئىشرەتتىن دىلى پىنھاندا شەيتان بار.
ئېتىلغان يەرگە ئىنسان بىز يارالمىش ئىپتىداسىدىن،
قەدەركى ئىنتىھاسىغا يوقالماس ياندا شەيتان بار.

سىزگە تەئەللۇقى تۆۋەندىكى بېيت

مەگەركى ئەقلى ئۇچقۇندىن زەكىيلەر كېبرىگە پاتسا،
نەقىش ئەۋۋەل پۈتۈكلەردىن؛ قەلەم-رەڭداندا شەيتان بار.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-5 11:36:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م. قادىر ئەپەندى سىز مۇنازىرىنىڭ تەلىپىدىن بەكلام يىراقلاپ كەتتىڭىز. سىز نەقىلنىڭ مەنبەسىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە يوق بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كېتىپسىز. ئەسلىي سىز «ھۇن» سۆزى ھەققىدە ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن مۇنداق ئەسەبىي ھاياجانلىنىپ كەتسىڭىز سىزگە يارىشامدۇ! سىزچە نەقىلنى ھەر كىم ئۆز خاھىشى بويىچە ئىشلەتسە بولىدىكىن-دە. نەقىلنى خالىغانچە ئىشلىتىش تەرەپدارى بولغان سىزدەك ئادەملەر «شەيتان» بولمامدۇ! مەن مۇنداق گەپلەرنى دېمىسەم بولاتتى. لېكىن بۈگۈن دەپ سالدىم. م. قادىر ئەپەندى سىز يەنە تېخى پوپوزا ئارىلاش ماڭا « ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن  ئاشۇ ‹نەقىلنى ئويدۇرۇپ چىقارغان› دېگەن سۆزىڭىزنى مەن تۇرغان مۇشۇ ئاتۇشتا دەپ قالغان بولسىڭىز ھازىرلا يېنىڭىزغا بېرىپ قانداق قىلىۋىتەتتىم» دەپسىز، سىزگە مۇشۇنداق دېيىش مۇناسىپ زىيالىيما سىز؟ مۇنداق پوپوزىنى تەربىيە كۆرمىگەن، ئوقۇمىغان تەلۋە ئادەملەر قىلسا يارىشامدىكىن! سىز قاراپ تۇرۇپ مېنى «ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن  ئاشۇ نەقىلنى ئويدۇرۇپ چىقارغان» دېدى دەپسىز. قېنى سىزدىن سوراپ باياقاي. مەن مۇشۇ جۈملىڭىزنى ئىنكاسىمنىڭ قايسى قۇرىدا شۇنداق يېزىپتىمەن؟ مەن ئىلمىي تەتقىقاتتا پاكىت ئويدۇرۇپ چىقارمايلى، نەقىلنى خالىغانچە ئىشلەتمەيلى دېسەم سىز نەدىكى بىر گەپلەرنى دەپ يۈرۈپسىزغۇ؟ سىز قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىسىڭىز بولامدۇ؟ مەن بۇ يەردە ئاشۇ «نەزمىڭىز»نى ئۆزىڭىزگە قايتۇردۇم. بەئەينى ئۆزىڭىزنىلا يېزىپسىز.  ئامان بولۇڭ ! كۆڭلىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ بۇرادەر!

ۋاقتى: 2015-12-5 13:32:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىر يوللىغان ۋاقتى  2015-12-4 18:11
بۇ ئىنكاسىڭىز بولىدۇ ئەكبەر ئىمام ئەپەندى سىزنى قىزغى ...

ئىمىر ئەپەندى، سىز «ھون» (سىز «ھۇن» دەۋاپسىز) دېگەن ئاتالغۇنى 1910- يىلدىن بۇرۇن قوللىنىلمىغان دەپ چىڭ تۇرۇۋاپسىز. ئۇنداقتا ھونگار (بىزگە رۇسچىدىن «ۋېنگىر» دەپ كىرىپ ئۆزلەشكەن، چۈنكى رۇسچىدا «ھ» تاۋۇشى يوق، مېنىڭچە ھونگار دېگەن ئىسىم ھونغۇر __ ئونغۇر __ ئون غۇز __ ئون ئوغۇزدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ) دېگەن مىللەت نامى پەيدا بولغىلى ئەمدى يۈز يىل بولغان ئوخشىمامدۇ؟ بۇ زادىلا ئەقىلگە سىغمايدۇ.
ھونلارنىڭ تىلى ۋە يېزىقى توغرىسىدا تارىخى ۋەسىقىلەردە تۈزۈك مەلۇمات يوق. لېكىن بەزى تىلشۇناسلار ھونلارنىڭ تىلىنى تۈرك تىلى (قەدىمكى تۈرك تىلى) دەپ قارىماقتا. ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئالتاي تىللار سىستېمىسىدا. مېنىڭچىمۇ «ھون» سۆزىنىڭ «كۈن» دېگەن سۆزدىن كۆرە «ئون» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى تۈرك تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان بەزى سۆزلەرملەرنىڭ ئالدىغا بىر دانە «ھ» تاۋۇشى قوشۇلۇپ قالىدىغان ھادىسە بار.
غۇر - غۇز ئۆزگىرىشىمۇ تۈرك تىلىنىڭ فونىتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە ماس كېلىدۇ. مەسىلەن: كۆر - كۆز
بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىزدىنىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-5 14:27:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م. ئەپەندى مەن سىز يەنە ماڭا  «‹بالاساغۇن› بىلەن ‹بالغاسۇن›نىڭ ئىنچىكە پەرقىنى تېپىپ چىقالىسىڭىزلا كۇپايە ئىدى» دېدىڭىز. سىزنىڭ ئەسلىي تېمىدىن چەتنەپ ماڭا مۇنداق تەلەپنى قويۇشىڭىز ئورۇنلۇق ئەمەستى. ئەمدى سىز تەلەپ قىلغان ئىكەنسىز مۇنۇ جۈملىلەرنى كۆرۈڭ (لېكىن كۆڭلىڭىز يېرىم بولمىسۇن) . قاراڭ: «ئارغۇلۇقلار بىلەن ئۇنىڭغا تۇتاش ئاھالە ياشايدىغان جايدا شۇنداق شەھەر بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بالاساغۇننى قۇز ئولۇسمۇ دەيدۇ». «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ 3- توم 172- بېتىدىن ئۈزۈۋېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بۇ نەقىل جۈملە 1990– يىللىرى ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان مەلۇم بىر ژۇرنالدا دېيىلگەن (مەن بۇ ژۇرنالنىڭ نامىنى ۋە ئاپتورنىڭ ئىسمىنى دېمەيمەن. چۈنكى بۇ مېنىڭ تەتقىقات دائىرەمدىكى ئىش ئەمەس).  ئەمەلىيەتتە «دىۋان»نىڭ شۇ بېتىدە مۇنداق جۈملە يوق. ئەمىسە بۇ جۈملە نەدىن كەلگەن؟ مەن بۇنىڭ جاۋابىنى سىزدىن سورايمەن م. قادىر ئەپەندى. ئەگەر سىزگە تەس كېلىپ ماڭا سىزلا دەپ بەرسىڭىزكەن دېسىڭىز سىزگە ئەشۇ «ھۇن» سۆزىنى ياساپ چىققۇچىلار بىلىدۇ دېيىشىم مۇمكىن. يەنە قاراڭ: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ  1986- يىللىق 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئاقسۇ نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئىزاھات» ناملىق ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان: «ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›تىمۇ «ئەردەۋىل› دېگەن نام قەيت قىلىنغان». ئەپسۇس! تۈمەنمىڭ ئەپسۇس!!! «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە مۇنداق سۆز خاتىرىلەنمىگەن. بۇ يەردە ئاپتور «ئەردەۋىل» سۆزىنىڭ ئاقسۇنىڭ «نامى» ئىكەنلىكىنى «ئىسپاتلاش» ئۈچۈن يالغان ئېيتقان، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەن، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان دېگەن جۈملىنى يازسام سىز پۈتۈنلەي باشقا بىر گەپكە چۈشۈپ كەتتىڭىز. مەن بۇ جۈملە ئارقىلىق ئىلمىي تەتقىقاتتا راستچىل بولايلى، ئۇلۇغلىرىمىز دېمىگەن گەپنى توقۇپ چىقمايلى، نەقىلنى دۇرۇس يازايلى دېگەننى تەشەببۇس قىلسام سىز باشقىلا بىر قۇتۇپقا ئۆتۈپ كەتتىڭىزغۇ! قېنى سىز يۇقىرىقى جۈملىدىكى سۆزلەرنى ياق ئۇنداق ئەمەس دەپ ئىنكار قىلالامسىز؟ «ئەردەۋىل» سۆزىنىڭ «دىۋان»دا «قەيت قىلىنغان»لىقىنى ئىسپاتلىيالامسىز؟ مۇشۇنداق تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلەرنى نېمە دەيمىز؟ مۇشۇ نەقىللەرنىڭ چىنلىقىنى ئىلمىي رەۋىشتە ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىسپاتلاپ بېقىڭا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-5 15:05:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەينۇللا ئەپەندى ياخشىمۇ سىز. بىز ئىلمىي پاراڭلىشايلى. رۇسلار «شيۇڭنۇ»نى «گۇن- گۇننېي» دەيدىغان تۇرسا، يەنە كېلىپ قەدىمكى ياۋروپا تىللىرىدا «ھ» فونېمىسى يوق تۇرسا ئەمدى ماۋۇ «ھونگار» سۆزى نەدىن كەپ قالدى؟ بىز بۇ سۆزنىڭ ھۆججەت ئاساسىنى ئىسپاتلىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟ ئەمدى ماۋۇ «ھونغۇر __ ئونغۇر __ ئون غۇز» سۆزلەر نەدىن كەپ قالدى؟ بۇ كىلون سۆزمۇ- قانداق ؟ بىلىشىمىز كېرەككى «ھۇن» سۆزى بىلەن «ۋېنگىر» سۆزى زامانداشلىق ۋە مەنەداشلىق جەھەتتىن بىر سۆز ئەمەس. «ۋېنگىر» سۆزى سىز دېگەندەك رۇسچىدىن كىرگەن دېيىلىۋاتىدۇ. ئەمما بىز ھازىر ۋېنگىر دەۋاتقان خەلق ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا ئۆزلىرىنى «ماجار» دەپ ئاتايدىكەن.  «ھۇن» سۆزى مەيلى فىگۇرا، مەيلى زامان، مەيلى مەنە، مەيلى ھۆججەت ئاساسى جەھەتتىن ئۇنىڭ بىلەن بىر سۆز ئەمەس. ماقالەمدە دېيىلگەندەك «ھون» (ھۇن) سۆزى ئەھمەد زەكىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ. ئەمما «ۋېنگىر» سۆزى ئۇنداق ئەمەس. سىز «ھۇن» سۆزىنى «ھون» ئىدى دەپسىز، مەن بۇ ھەقتە ماقالەمدە ناھايىتى ئېنىق يازدىم، سىز شۇنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىڭ.  بىر سۆزنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى ئېنىقلاشتا يازما ھۆججەتلەرنى ئاساس قىلىش كېرەك. «ھونگار»، «ھونغۇر __ ئونغۇر __ ئون غۇز» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەلىك ھۆججەت ئاساسى زادى نەدە؟ بۇ كىلون سۆزمۇ- ئەمەسمۇ؟ سىز مۇشۇ ھەتە بىر ئويلىنىپ بېقىڭ، بولسا مۇستەقىل قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇلارنى ئىسپاتلاپ بېقىڭ. بىز كۆرۈپ باقايلى. بولامدۇ سىزچە؟ مەن ماقالەمدە ئىزچىل تۈردە «ھۇن» سۆزى ھەققىدە ئىزدىنىش لوگىكا بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك دەپ كېلىۋاتىمەن. چۈنكى «ھۇن» سۆزى ھەققىدىكى جۈملىلەر لوگىكىسىز پىكىر قىلىش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. سىز مۇشۇ جەھەتتىنمۇ ئويلىنىپ باققان بولسىڭىز. سىزگە قويۇدىغان يەنە بىر سوئال سىزدە ئەھمەد زەكىنىڭ «ھۇن» سۆزى ھەققىدىكى ئەسىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى بارمۇ؟ بار بولسا شۇنى بىر كۆرۈپ باققان بولسىڭىز. سىز ئوقۇپ چۈشىنەلەيسىز. ئىزدىنىشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن، ئامان بولۇڭ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-5 15:30:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەينۇللا ئەپەندى سىز يەنە «غۇر - غۇز ئۆزگىرىشىمۇ تۈرك تىلىنىڭ فونىتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە ماس كېلىدۇ» دەپ يېزىپسىز. مەن بۇ قارىشىڭىزنى تامامەن قوللايمەن ۋە سىزنىڭمۇ شۇنداق قاراشتا بولغىنىڭىز ئۈچۈن قولىڭىزنى دوستلارچە چىڭ سىقىمەن. ئەمما بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ «غۇر – غۇز» قوشۇمچىلىرى خاس ئىسىم سۈپىتىدە، مەسىلەن، مىللەت نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت بولۇشى كېرەك. سىز ھازىرغىچە مۇشۇنداق بىر پاكىتنى ئۇچرىتىپ باقتىڭىزمۇ ؟ بىز «-غۇر» قوشۇمچىسىنىڭ «ئۇي» پېئىلى بىلەن بىرىكىپ «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ ياسالغانلىقىنى بەكمۇ روشەن بىلىمىز. ئەمما  «–غۇز» بولسا ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. چۈنكى «ئوغۇز» ئەزەلدىن تۈپ سۆز. ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرى ھېچقاچان «-ئو» بىلەن «-غۇز» بىرىكىپ «ئوغۇز» سۆزى ياسالغان دەپ باقمىغان. بۇ نۇقتىنى ئويلىماي بولمايدۇ. قىسقىسى، بىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز  باشقا تىلدىكى بىرەر سۆزنى ئۇچراتسىلا شۇ سۆزنىڭ تەلەپپۇزىغا ئوخشىتىپ يېڭىدىن كىلون سۆزلەرنى ياساشقا ئامراق خۇددى ئەھمەد زەكىگە ئوخشاش.  سىز مۇشۇ ھەقتىمۇ بىر ئويلىنىپ باققان بولسىڭىزكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش