1
يازمىڭىز ۋە ئىنكاسىڭىزدىكى مۇنداق ئۈچ نوقتا بويىچە سىز بىلەن قېرىداشلارچە ھەمسوھبەتتە بولغۇم بار:
بىرىنچى، «تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن ‹كۈن› بىلەن ‹خۇن›نىڭ ‹ھون›غا ئۆزگىرىش جەريانىنى ئىسپاتلىغىى بولمايدۇ... »
ئىككىنچى، « ‹ھۇن› سۆزى ... بىرىنچىسى قەدىمكى خەنزۇچە ۋەسىقىلەردە قوللىنىلغان، ئىككىنچىسى 18- ئەسىرنىڭ بېشىدا فىرانسىيەدە، ئۈچىنچىسى 19- ئەسىرنىڭ 30 ـــ 40- يىللىرىدا رۇسىيەدە، تۆتىنچىسى 20- ئەسىرنىڭ 10 ـــ 40- يىللىرىدا تۈركىيەدە، ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇر تىلىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە قوللىنىلغان. »
ئۈچنچى، « ‹ھۇن› ئېتىمولوگىيىسىنىڭ ئارخېئولوگىيىىك ئاساسىنى كۆرسىتىش مۇمكىن ئەمەس...» (16-قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزدا، باشقا ئاساسلىرىنىمۇ كۆرسىتىش قىيىن دېگەن مەزمۇن ئەكس ئەتكەندەك قىلىدۇ)
بىز ئاۋال، بىرىنچى مەسىلىڭىز ئارقىلىق مەسلەكداشلىقنىڭ تەپەككۇر كوچىسىغا تۇنجى قەدىمىمىزنى بىرلىكتە ئېلىپ باقايلى!
«تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن ‹كۈن› بىلەن ‹خۇن›نىڭ ‹ھۇن›غا ئۆزگىرىش جەريانىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ... » دېگەن ھۆكۈمىڭىزنى شەخسەن مەن قوللايمەن. ئۇنداقتا، «ھۇن» ئېتىمولوگىيىسىنىڭ ئېنىق تىل تاۋۇشلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن تۇراقلىق ئىبارىسى (ئاتالغۇ) زادى نېمە؟ بۇ سۇئالغا ھەر ئىككىلىمىز تىل چاينايمىز... ئاۋال ئىككىمىز ئۆزئارا كۈچ ئۇلاپ، بارلىق تارىخى ماتىرياللاردىن «ھۇن» نامىنىڭ يىلتىز ئاساسىينىڭ ئەڭ ئاخىرقى تۇراقلىق ئىبارە مۇمكىنچىلىك ئىھتىمالىنى مۇقەررەرلىك مۇرادىغا يەتكۈزۈپ باقايلى!:
2
« ‹ھۇن› سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە» ئىزدىنىۋاتقان ھەر ئىككىلىمىزنىڭ تارىخى ماتىريال ھەققىدىكى ئىستىمال ئىھتىياجىمىز پەقەت ۋە پەقەت « 匈奴 (شيۇڭنۇ)»لا ئەمەس، بەلكى، «ھۇن» نامىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ناملار بولۇپ، بۇ ناملار ئاساسەن سىماچەننىڭ « تارىخىي خاتىرىلەر، 24 تارىختىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر ماتېرياللار توپلىمى» (1987-يىلى 9-ئاي، بىرىنچى نەشرى ‹ئۇيغۇرچە نەشرى› 24- بېتى)دە مۇنداق ئۇچرايدۇ: تاڭ، يۈ زامانلىرىدىن بۇرۇن (1) «山戎» (شىيەن روڭ)، (2) «薰粥» (شۈن يۈ)لەر؛ شىيا خانلىقى دەۋرىدە (3) «錞维» (چۈن ۋېي)لەر؛ يىن دەۋرىدە (4) «鬼方» (گۇي فاڭ)؛ جۇۋ دەۋرىدە (5) «猃狁» (6) ، «玁狁» (شىيەن يۇن)لەر؛ چىن، خەن دەۋرىدە (7) «匈奴» (شيۇڭنۇ)لار دەپ ئاتالغان.
خەنزۇلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تارىخىدا «ھۇن» لارنىڭ نامى يۇقىردىكى يەتتە خىلدىن ئارتۇق ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ، «ھۇن»لارنىڭ شۇ سولالە ۋە خانلىقتىكى تۇتقان ئورنىنىڭ يۇقۇرى- تۆۋەنلىكى، موھىملىقى ۋە ئورناتقان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە قاراپ ئوخشاش بولمىغان سۈپەتلەش ناملىرى بىلەن ئاتالغان. ھونلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى تارىخىي رولى خەن دەۋرىدىن باشلاپ تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، شۇ دەۋرىدىن باشلاپ ئۇلار نامىنىڭ سۈپەتلەش دەرىجىسىمۇ بارغانسېرى ئانچە نەزەرگە ئېلىنمىغان. شۇڭا، «ھۇن»لارنىڭ ھەقىقى سالاھىيەتلىك نامى خەن سولالىسىدىن ئىلگىرى دەپ قارىغىنىمىزدا جۇۋ دەۋرىدىكى (5)猃狁» (6) ، «玁狁 (شىيەن يۇن) ۋە قەدىمكى تاڭ، يۈ دەۋرىدىن ئىلگىرىكى (1) «山戎» (شىيەن روڭ)، (2) «薰粥» (شۈن يۈ) قاتارلىق ناملار ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر.
3
تېخىمۇ ئالاھىدە دىققىتىمىزنى قوزغايدىغىنى شۇكى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1100 يىللار ئىلگىرى جۇۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «猃狁» (شىيەن يۇن) بىلەن يۈ دەۋرىدىن ئىلگىرىكى « 山戎» (شىيەن روڭ) بولۇپ، بۇنىڭدىكى «شيەن يۇن» بىلەن «شىيەن روڭ» دا ئوخشاش ئىككى «شيەن» بولۇپ، ئۇ ئاساسەن ھونلارنىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىش تەرەپ مۇناسىۋىتىنى قىسمەن ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ؛ مەسىلەن، « 山戎» - تاغ رۇڭلىرى، «北戎» - شىمالى رۇڭلار ۋە «西戎» - غەربى رۇڭلار ۋە يايلاق رۇڭلىرى دېگەندەك... « 山戎» بىلەن «猃狁» دىكى «شيەن» (猃، 山)دىن ئىبارەت ئوخشاش ئىككى بوغۇمنى چىقىرىۋەتكەندە، قېلىپ قالىدىغىنى «يۈن»(狁) بىلەن «رۇڭ» (戎) . «رۇڭ» (戎) «ئوغۇزنامە»دىكى «ئۇرۇم» («ئوغۇزنامە» 1980-يىلى 11- ئاي، بىرىنچى نەشرى ‹ئۇيغۇرچە نەشرى› 47-بەت) ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «ئۇرۇم» («تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1-قىسىم، 186- بەتتىكى «ئۇرۇم زۇن»دىكى «ئۇرۇم»)نىڭ خەنزۇچە تىرانسپكسىيە قىلنىشى بولۇپ، ھېلىھەم خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغان خۇيزۇ ۋە خەنزۇ قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى ئىككى بوغۇملۇق «ئۇرۇم» دېگەن سۆزنى بىربوغۇم «روڭ» بىلەن تىرانسپكسىيە قىلىدۇ. «ئوغۇزنامە» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «ئۇرۇم»نىڭ ھەقىقى مەنىسى «يىپەك» دېگەنلىك. سىماچەننىڭ «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى «ھۇن»لارنى «رۇڭ» (戎) دېگەنلىك، ماھىيەتتە ئۇلارنى «يىپەكچىلەر» سودا ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاتاش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. دېمەك بىز تارىخىي «رۇڭ» (戎) ئاتالغۇسى بىلەنمۇ «ھۇن» نامىنىڭ ھەقىقى ئېتىمولوگىيىسىگە ئېرىشەلمەيمىز. «ھۈن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىگە مۇناسىپ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد «يۈن»(狁) دىن ئىبارەت.
4
بۇ مەنزىل (
http://baike.baidu.com/view/322827.htm )دە «猃狁» (شيەن يۇن)دىكى «猃» (شيەن) قوشۇلماي كەلگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ «يۈن»(狁) «ھۈن» نامىغا مۇستەقىل تارىخىي ئېنىقلىما بولۇپ كەلگەن بولۇپ: « yǔn 中国古代北方与西北民族。 » (yǔn ‹ يۈن › ــ جۇڭگۇنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدىكى شىمال تەرەپتىكى ۋە غەربى شىمال تەرەپتىكى مىللەتنى كۆرسىتىدۇ.)
ئوتتۇرا ئەسىر ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ھۇن»دىكى «ھ» تاۋۇشىنىڭ تىل ۋە يېزىق ئىستىمالىمىزدا قىسمەن جەھەتتىن ئىشلىتىلمەسلىك ئەھۋالى، جۈملىدىن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «ھ» تىل تاۋۇشىنىڭ ئۇچرىماسلىق ئەھۋالى، قەدىمكى «ھۇن» نامىنىڭ «ھۇن» بوغۇمىدىكى «ھ» تاۋۇشىنىڭ ئورنىدا قايسى تاۋۇشنىڭ قوللۇنۇش ئىھتىماللىقى بىزنى ئاجايىپ قىزىقتۇرىدۇ. ئەگەر بىز، ئەسلىدىكى ھۆكىمىڭىز بويىچە «كۈن» ۋە «خۇن» دىكى «ك» بىلەن «خ»نىڭ «ھ» تىل تاۋۇشىنىڭ ئورنىنى ھەرگىز باسالمايدىغانلىقىنى تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا، ئاخىرقى ئۈمىدلىك نەزىرىمىز يەڭگىل ئورۇن ئالمىشىش مۇناسىۋىتىدىكى ئىككى تىل تاۋۇشى «ھ» بىلەن «ي»گە چۈشىدۇ.
«ھ» ۋە «ي» تىل تاۋۇشلىرىدىكى ئازغىنە پەرق ئارقىلىق «ھۇن» بىلەن «يۈن»نىڭ بۇنداق ماس كېلىش ئەھۋالى ئاددى ۋە تاسادىبىي ھالدىكى ماس كېلىپ قېلىش بولماستىن، بەجايىكى ئۇ، پاراللېىل ئىككى فېگوردىكى ئىككى نۇر سىزىقىنىڭ بىر نوقتىدا ئۇچرىشىپ بىر تارىخى ھەقىقىقەتنىڭ قوياشتەك نۇر جۇلاسىنى جاھانغا نامايىش قىلىشىدەك تارىخىي رىياللىقنىڭ كاتتا بەدىئىي قىياپىتىدۇر...
مانا! ئالدىمىزدا «ھۇن» نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىلىك ئاساسى «يۈن» تۇرۇپتۇ...
بىز ئالدى بىلەن «ھۇن» نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىلىك ئاساسي بولغان «狁» (يۈن- يۇن)نى تارىختىكى يازما ماتىريال مەنبەسى ۋە تارىخى ھۆججەتلەر ئاساسىغا ئېگە قىلىپ باقايلى:
5- يېڭى ئىنكاس
بىز دەسلەپكى قەدەمدە، «ھۇن» نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىلىك ئاساسىنى «狁» (يۈن- يۇن) دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىكەنمىز، تۆۋەندىكى تەتقىقاتىمىزنىڭ بارلىق جەريانىغا «ھۇن» نامىنى ئىشلەتمەكچى بولساق، «ھۇن» بىلەن «يۇن»نى بىرلەشتۈرۈپ «ھۇن»(يۇن) شەكىلدە ئىشلىتىپ ماڭىمىز.
«ھۇن»(يۇن)نىڭ تارىخىي يازما ماتىريال ۋە ھۆججەتلەردىكى پولاتتەك پاكىتلىرى:
بىرىنچى ئاساس (تارىخى ماتىريال ۋە تارىخىي ھۆججەت ئاساسىي)، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى خاس ئاتالغۇ (خاس ئىسىم) «يۈن». «يۇن: yun kux- توز، توز قۇشى» («تۈركىي تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 197-بەت ‹1980-يىلى 8-ئاي بىرىنجى نەشرى ›).
ئىككىنچى ئاساس («ھۇن»(يۇن) نامىنىڭ تارىخى ماتىريال، تارىخىي ھۆججەت ۋە قەبىلە ۋە قەۋم ‹ئېتنىك› ئاساسى)، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «ھۇن»(يۇن) نامى بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىم بولۇپ كەلگەن ئوغۇزلارنىڭ 3-قەبىلىسى «بايۇندۇر» قەبىلە نامى.
ئۈچىنچى ئاساس («ھۇن»(يۇن) نامىنىڭ تارىخىي ماتىريال ۋە تۈركىي ئىسىم- فامىلە ئاساسى)، «ھۇن»(يۇن) نامى بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىم بولۇپ كەلگەن «كېيىنكى تۈرك خاقانلىرىنىڭ ئىككىنچى خاقانى ‹مويۇنچۇر› » خاقان نامى (نۇرۇللا مۆئمىن يۇلغۇننىڭ «غەربى يۇرت ــ تارىخىمىزدىكى خاقانلار»، 96-بەت).
تۆتىنچى ئاساس («ھۇن»(يۇن) نامىنىڭ تارىخىي ماتىريال ۋە تۈركىي ئىسىم- فامىلە ئاساسى)، «ھۇن»(يۇن) نامى بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىم بولۇپ كەلگەن «ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئون بىرىنچى خاقانى ‹مويۇنچۇر› خاقان نامى (نۇرۇللا مۆئمىن يۇلغۇننىڭ «غەربى يۇرت ــ تارىخىمىزدىكى خاقانلار»، 116-بەت).
بەشىنچى ئاساس(«ھۇن»(يۇن) نامىنىڭ رىۋايەت ۋە ئىسىم- فامىلە ئاساسى)، «...مەملىكىتىنىڭ بىر پادىشاھى بار ئىدى. ئۇنىڭ شانۇ-شەۋكىتى مەشرىقتىن مەغرپكىچە تارالغان بولۇپ، بارلىق داڭلىق پادىشاھلار ئىتائەت ھالقىسىنى جان قۇلىقىغا سېلىپ ئۇنىڭ پەرمانىغا بوي سۇناتتى... بۇ پادىشاھنىڭ ئىسمى ‹ھۇمايۇن›...ئىدى...» («كەلىلە ۋە دېمنە» 1-2-بەتلەر)دىكى «ھون»(يۇن) نامى بىلەن تۈرلەنگەن «ھۇمايۇن» پادىشاھ نامى. «سانسكرىتچە ‹پۇرانا› دېگەن قەدىمكى تارىخى ھېكايىلەر توپلىمىدا <ھىما> (قار پەرىسى) بىلەن كائىنات ئىلاھى <شىۋا>نىڭ ئاشىق-مەشۇق بولۇپ توي قىلىشقانلىقى توغرىسىدا بىر ھېكايە سۆزلىنىدۇ...كېيىنكى زامانلاردا ھېندىستانلىقلار مۇشۇ رىۋايەتكە ئاساسەن <ھىما> پەرىگە چوقۇنغان، ئۇنى غايىۋانە كۈچ ھاسىل قىلغۇچىلارنىڭ سىمۋولى قىلغان. ئۇلار بۇ پەرىنىڭ ئىسمىنى ‹ئۇما› («ھىما»)دەپ ئاتايتتى...» («بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى، 1986-يىلى بىرىنچى نەشرى، 47-48-بەتلەر).
ئالتىنچى ئاساس («ھۇن»(يۇن) نامىنىڭ تارىخى ماتىريال ۋە توپىنومىيىلىك ئاساسى)، (1) ئاتۇشتىكى «تەختىيۇن» (ھونلار تەختى)؛ (2) «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «يۇن ئارىق» ( 3-قىسىم، 197-بەت)؛ (3) خوتەن شەھرىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان تاغ ئارىسىدىكى «يۇن» نامى بىلەن تۈرلەنگەن بىر كەنت نامى...
يەتتىنچى ئاساس («ھۇن»(يۇن) نامىنىڭ تارىخى ماتىريال ۋە تارىخى ھۆججەت ئاساسى)، سىماچيەننىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر»دىكى «ھۇن» (يۇن) نامى بىلەن تۈرلەنگەن «شيەن يۇن» نامى («تارىخىي خاتىرىلەر، 24 تارىختىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر ماتېرياللار توپلىمى» 1987-يىلى 9-ئاي، بىرىنچى نەشرى ‹ئۇيغۇرچە نەشرى› 24- بەت)
بۇيەردە شۇنى تەكىتلىمەي بولمايدۇكى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا مۇبارەك «يۇن» نامىغا مەخسۇس ئورۇن بەرگىنىگە قارىغاندا، شۇنداقلا «كەلىلە ۋە دېمنە» ۋە ئوبۇل قاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە»سىدىكى «ھۇن»(يۇن)غا مۇناسىۋەتلىك بەزى زۆرۈر ئۇچۇر (بۇ ئۇچۇر نۆۋىتى كەلگەندە بايان قىلىنىدۇ)غا قارىغاندا «ھۇن»(يۇن) نامى قەدىمكى ئوغۇز ۋە تۈركىي تىلىدا مۇستەقىل مەنىگە ئېگە بولۇپ، سىماچيەننىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر»دىكى «يۈن» نامىدىن ئىلگىرى تۇرىدۇ. بۇ ھۆكۈمدىن بەزى ئوقۇرمەنلەر « ‹يۇن› جۇۋ سولالىسى دەۋرىدىكى نام تۇرسا ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دىكى ‹يۇن›نى كۆرۈپلا، تارىخنى زامان ۋە ۋاقىت جەھەتتىن كەينىگە ياندۇردۇقمۇ ئەمدى؟ » دەپ ئەندىكىشى مۇمكىن... ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. گەرچە، «ھۇن»(يۇن) نامىنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» جۇۋ سۇلالىسىدىن ئىككى مىڭ يىل كېچىكىپ ئەنگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما، بارلىق تۈركىي قەۋملىرىنىڭ ئەجدادى بولغان ئوغۇزلار بۇ نامنى ئۇلاردىن بۇرۇن قوللانغان بولىشى ئىھتىمال. بىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى ئوغۇز ۋە تۈركىي تىلىدىكى «يۇن»نى خەنزۇچە تىرانسىپكسىيە قىلىشىنىڭ پۈتۈنلەي پەرقسىز بولىشىدۇر.
ئىنكاسنىڭ داۋامى بار